- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13676
- نادىر
- 2
- يازما
- 1357
ئۆسۈش
9.19%
|
مەن مەزكۇر ماقالىنى ھىندىستانلىقلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىيسى گەندى (1896 – 1948) نىڭ تۆۋەندىكى بىر قىسىم ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
--ھەر خىل دىنلار ئوخشاش بىر نۇقتىغا بېرىپ توختايدىغان تارماق يوللارغا ئوخشايدۇ. بىز پەقەت ئوخشاش مەنزىلگە يېتىپ بارالىساقلا، قايسى يولنى تاللاپ مېڭىشىمىز مۇھىم ئەمەس. مېنىڭ بۇددا دىنىم ماڭا ھەممە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.
--مەن بىز ھەممىمىز ھەر خىل دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئوقۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. دىن خۇددى بىر كۆپ شاخلىق دەرەخكە ئوخشايدۇ.
--ھەر بىرىمىز باشقىلارنىڭ دىنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزنى ھەتتا باشقىلارنىڭ دىنى توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشتىنمۇ تارتىشىمىز كېرەك.
--ئۆزىنىڭ دىنىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان كەمسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. باشقىلاردىن ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ. ھەممە ئادەملەر ئوخشاش خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ. بىر دىننىڭ يەنە بىر دىندىن ئۇلۇغراق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ئاللاھسى خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى ۋە بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ ئىشۋارا (Ishvara) سى بىلەن ئوخشاش. بىزنىڭ دىندىن پەقەت بىرسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجىمىز يوق، بەلكى، بارلىق دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار.
--مەن ئۆزەمنىڭ دىنى خوشنامنىڭكىدىن ئۈستۈنراق تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ، خوشنامدىن ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ دىنىمنى قوبۇل قىلىشنى ئىستىسەم قانداق بولىدۇ؟ مەن خوشنامنىڭ بىر ھەقىقى دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆز دىنىدا ياشاپ، مۇكەممەللىككە يېتەلىشىنىلا ئۈمىد قىلالايمەن ۋە شۇنىڭغا دۇئا قىلالايمەن.
--ئەگەر بىر خرىستىيان مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى بۇددا دىنىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن. ئۇنىڭغا بۇددا دىنى تەمىن ئېتىدىغان نەرسىلەرنى ئىنجىلمۇ تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى، شۇلارنى تېپىپ چىقىپ، بىر ياخشى خرىستىيان بولۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىمەن.
--بىز سەجدە ياكى تىلاۋەتنى كالپۇكىمىزدا قىلمايمىز، بەلكى يۈرىكىمىزدە قىلىمىز. كالپۇكنىڭ تىلىنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يۈرەكنىڭ تىلىنى كىم ئۆگىتەلىسۇن؟
نىمە دىيىشىمنى ھىچ بىلمىدىم ئەمما بىزنىڭ سىزدەك ئاكىمىزدىن 10 نى بولغان بولسا نىمە ئىشلار بولار ئىدى ؟
ئۇيغۇر جەمىيتى ئۈچۈن ئەڭ ئىھتىياجلىق ماقالىلەرنى يىزىۋاتىسىز بىلىمخۇمار ئاكا .
سىزگە ئاسانلىق ،ئامانلىق بەركەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن .
|
|