قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 9932|ئىنكاس: 132

بىلىمخۇمار: ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4109
توردىكى ۋاقتى: 1544
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 12:54:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                       ھازىرقى زامان مۇسۇلمان ئەللىرى قانداق شەكىللەنگەن؟


                                        بىلىمخۇمار
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى



       مەندە 1550-يىللىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا نېمە ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ھەمدە ئۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى بىلىۋېلىش ئىستىكى تۇغۇلغىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.  مەن ئالدىنقى قېتىم يازغان، ياپونلار ھەققىدىكى 1-ماقالەمدە ئاشۇ تارىختىن خەۋىرى بار قېرىنداشلار بولسا، ئۇنى يېزىپ چىقىپ، بىلىمىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئىلتىماس قىلغان ئىدىم.  ئەمما، مەن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە يېزىلغان يازمىلاردىن بىرەرنى تېخى كۆرمىدىم.  شۇڭلاشقا بۇ ھەقتە ئۆزەم ئازراق ئىزدەنگەچ تۇردۇم.  ھەمدە يېقىندا ئىسلام دۇنياسىنىڭ گوللىنىش ۋە ئاجىزلىشىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە بىر قىسىم قىممەتلىك ماتېرىياللارغا ئىگە بولدۇم.  مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەت تېپىش ۋە ئاجىزلىشىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ گۇمران قىلىنىشى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئەڭ ئاخىرقى خەلىپىسىدىن ئايرىلىپ، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان بىر خەلىپىسى مەۋجۇت بولمىغان بىر يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.  شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسى نۇرغۇنلىغان كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالى بىر يېڭى شەكىلگە كىردى.  ئاشۇ شەكىل تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.  مەن كېيىن يازىدىغان بىر پارچە ماقالىدا مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سىياسىي ۋە ئىلىم-پەن جەھەتتىن دەسلىۋىدە گۈللىنىپ، 500 يىلدەك ۋاقىت «ئالتۇن دەۋر» دىن ھۇزۇرلىنىپ، كېيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ مېڭىش جەريانى بىلەن ئاساسىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمەن.  ئاشۇ مەزمۇنلارغا ئاساس سېلىش يۈزىسىدىن، مەزكۇر ماقالىدا 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ قانداق گۇمران قىلىنىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نېمە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ھازىرقى مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.  
       مەن مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاشتا پايدىلانغان ئاساسلىق ماتېرىيال دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ «1914-يىلى: ھازىرقى زامان  مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ شەكىللىنىشى» دېگەن ئىنگلىزچە لېكسىيىسى بولۇپ [1]، ماقالىغا ئاشۇ لېكسىيىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسىملىرىنى كىرگۈزدۈم.  بۇ لېكسىيە 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تېنىسى (Tennessee) شىتاتى مەمفىس شەھەرلىك ئىسلام مەركىزى (
http://www.memphisislamiccenter.org)  دە سۆزلەنگەن.  مەن دوكتۇر ياسىر قازى [2] ھەققىدە ئالدىنقى «ياپونلارنىڭ مىللىي روھى» [3] دېگەن ماقالەمدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن.  مەن بۇ قېتىم يۇقىرىدىكى لېكسىيىنى قايتا-قايتا ئاڭلاپ، بەزى ئۇقۇملارنى دېگەندەك ئوبدان چۈشىنەلمىگەندە، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىنگلىزچە تور ماقالىلىرىنى تېپىپ كۆرۈپ، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچىسىنى تولۇقلىدىم.  ھەمدە ئاشۇنداق چۈشەنچىلەرنىڭ بىر قىسمىنىمۇ مەزكۇر ماقالىغا كىرگۈزدۈم.

1-رەسىم (1-resim): دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ 2014-يىلى 15-يانۋاردا مەزكۇر لېكسىيىنى بېرىۋاتقان بىر كۆرۈنۈشى.  

        مەن ئۆتكەندە يەھۇدىيلار توغرىسىدا ئىككى پارچە ماقالە يېزىپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاشۇ ماقالىلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلاردىن، بىزنىڭ بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يەھۇدىيلارغا ناھايىتى ئۆچ ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.  ھەمدە بۇنداق ئۆچلۈكنىڭ بىزنىڭ ئاشۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پەلەستىنلىك مۇسۇلمانلارغا بولغان ھېسداشلىقىدىن كەلگەنلىكى ھېس قىلدىم.  شۇنىڭ بىلەن مەندە مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت بولغان تارىخىي توقۇنۇشلارنى بىلىۋېلىش ئىستىكىمۇ تۇغۇلغان ئىدى.  دوكتۇر ياسىر قازى يۇقىرىدىكى لېكسىيىسىدە 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، مەن مەزكۇر ماقالىدە ئۇنىمۇ قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن.  مەقسىتىم پاكىتلارنى ئېنىقلاپ چىقىش ئارقىلىق، قېرىنداشلارنى توغرا چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش.  ھازىر بىز دوستلارنى كۆپەيتىشكە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان بىر دەۋرنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرىۋاتىمىز.  شۇڭا ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، مۇھەببەت بىلەن نەپرىتىمىزنى توغرا ئاساسقا ئىگە قىلىش ھەممىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىن.  مۇھەببەت بىلەن نەپرىتىمىزنىڭ ئۆبيېكتىسىنى تاللىغاندا، سەۋەب ناھايىتى ئېنىق بولىشى كېرەك.  ئۇنداق بولمايدىكەن بىز باشقىلارغا بىر تايىنى يوق مىللەت بولۇپ تۇيۇلۇپ، يېڭى دوست تۇتالىشىمىز ئۇ ياقتا تۇرسۇن، بار دوستلىرىمىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىمىز.  شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىمىز ئاقماس بولۇپ قالىدۇ.  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە مۇشۇ جەھەتتىمۇ بىر ئاز ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
     سىز مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇش ئارقىلىق، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋروپا بىرلەشمە كۈچىنىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىدا، ئەنگلىيىنىڭ سۈيىقەستى ۋە شۇ سۈيىقەستكە ئالدانغان مىسىر بىلەن مەككىدىكى ئەرەبلەرنىڭ ياردىمى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى، ھەمدە زىئونىست (ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشنى ياقلايدىغان يەھۇدىي) لارنىڭ پەلەستىن تۇپرىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئىش باشلىشىغا ئەنگلىيە يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز.
     مەندە مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان تارىخقا ئائىت ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە ماتېرىيال يوق.  شۇڭلاشقا مەن بىر قىسىم ئادەم، جاي ۋە ۋەقەلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇيغۇرچىدە توغرا ئالالمىغان بولۇشۇم مۇمكىن.  مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەردىن ئالدىن كەچۈرۈم سورايمەن، ھەمدە تۈزىتىپ ئوقۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1 .        ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

   ئوسمان باي يېتەكچىلىكىدىكى ئوغۇز تۈركلىرى 1299-يىلى ئاناتولىيىدە ئوسمانلى دۆلىتىنى قۇردى [4].  1453-يىلى مەخمەت-2 كونستانتىنوپول (Constantinople، ھازىرقى ئىستانبۇل)  نى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئوسمانلى دۆلىتىنى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە ئۆزگەرتتى. 16- ۋە 17-ئەسىردە، بولۇپمۇ سۇلەيمان سەلتەنەت خاندانلىقى ئەڭ كۈچلەنگەن مەزگىلدە، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كۈچلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى.  ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، شەرقىي-جەنۇبىي ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا، كاۋكاز، شىمالىي ئافرىقا ۋە سومالى يېرىم ئاراللىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى.  17-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە قارايدىغان 32 ئۆلكە ۋە نۇرغۇنلىغان قۇللۇق سالاھىتىدىكى دۆلەتلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى كېيىنچە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە قېتىۋېتىلدى.  قالغان بىر قىسمىغا بولسا كېيىنكى بىر قانچە ئەسىرلەردە مەلۇم شەكىلدىكى ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلدى.  ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ھازىرقى ئىستانبۇلنى ئۆزىنىڭ پايتەختى قىلىپ، شەرقىي ۋە غەربىي دۇنيانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز ۋادىسىدىكى كەڭ زېمىنلارنى 6 ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت سورىدى.  ئەمما، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ھالاك قىلىندى.  شۇنىڭ بىلەن تۈركىيىدە بىر يېڭى تۈزۈم يولغا قويۇلۇپ، ھازىرقى زاماندىكى بالقان ۋە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرى ۋۇجۇتقا كەلدى.  

2-رەسىم (2-resim): قىزغۇچ رەڭ بىلەن كۆرسىتىلگىنى 16- ۋە 17-ئەسىرلەردە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە تەۋە بولغان زېمىنلار.  

2.        بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈش

1914-يىلى، يەنى بۇنىڭدىن دەل 100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇنياغا، بولۇپمۇ ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرققە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بىر قاتار چوڭ ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ چاغدا ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى سورايتتى.  ئامېرىكا تېخى  دۇنيانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچىگە ئايلانمىغان بولۇپ، دۇنيا سىياسىي سەھنىسىگە ئەمدىلا چىقىشقا باشلىغانىدى.  شۇڭا ئۇ چاغدا دۇنيانىڭ نەزىرىدە ئەڭ كۈچلۈك بولغىنى ياۋروپا بولۇپ، ئامېرىكا ئەمەس ئىدى.  مۇسۇلمانلار دۇنياسى بۇرۇنقى بىر زامانلاردىكىدەك سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك ۋە قۇدرەت تاپقان بولمىسىمۇ، بىر بىرلىككە كەلگەن خەلىپە (Caliphate) نىڭ لىدېرلىقى ئاستىدا تۇرىۋاتاتتى.  گەرچە ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيىلەر بىر قىسىم مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان بولسىمۇ، بىر ئىسلام دۇنياسى يەنىلا مەۋجۇت، ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قايتىدىن قەد كۆتۈرىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىدمۇ يەنىلا مەۋجۇت ئىدى.  ئەمما، بۇلارنىڭ ھەممىسى 1914-يىلىدىن باشلاپ، يەنى 100 يىلنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى كۈندىن باشلاپ، شىددەتلىك ھالدا ئۆزگەردى.
    بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن باشلانغانلىقىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئالدىدىكى سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئازراق قاراپ چىقىشتا توغرا كېلىدۇ.
1867-يىلىدىن كېيىن، ياۋروپا سىياسىي كۈچلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى.  ئۇ چاغدىكى دۇنياۋى زور كۈچلەر (Great Powers) دىن ئىتالىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ۋە روسىيىلەر بار بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە ياۋروپا ۋە مۇستەملىكىلىك مەسىلىلىرى توغرۇلۇق نۇرغۇن سۈركىلىشلەر يۈز بەردى.  ئۇرۇشنىڭ سەل ئالدىدىكى بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە، بالقاندىكى تېررىتورىيىلەر مەسىلىسى ئۈستىدىكى زىددىيەتلەر ناھايىتى كەسكىنلىشىپ كەتتى.  ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيىلەر سېربىيە ۋە روسىيە بىلەن ئاشۇ رايوندىكى تېررىتورىيىگە بولغان تەسىر كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن رىقابەتلەشتى.  ھەمدە ھەر خىل بىرلىكسەپ ۋە كېلىشىملەر ئارقىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قالغان كۈچلۈك ئەللەرنى بۇ توقۇنۇشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىردى.

3.   بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى
1914-يىلى 7-ئايدا، سېربىيە مىللىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە پادىشاھىنىڭ ئىزباسارى ئارچدۇك (Archduke Franz Ferdinant) نى قەستلەپ ئۆلتۈردى.  ئۇ چاغدا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى شۇ چاغدىكى 4 چوڭ ئىمپېرىيىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ كېيىن 8 دۆلەتلەرگە بۆلۈۋېتىلدى.  شۇڭا ئۇ ھازىر مەۋجۇت ئەمەس.  ئەمما ئۇ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمپېرىيىلەرنىڭ بىرى ئىدى.  ئارچدۇك بولسا ئاشۇ ئىمپېرىيىنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى.  بۇ ۋەقە شۇ چاغدىكى كۈچلۈك ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاخىرىدا 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولدى.  بۇ ئۇرۇشتىن بۇرۇن دۇنيادا ئۇنداق چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش بولۇپ باقمىغان بولغاچقا، بۇ ئۇرۇش ئەينى ۋاقىتتا «ئالەمشۇمۇل ئۇرۇش» (Great War) دەپ ئاتالغان ئىدى.  ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇ ئۇرۇشقا «1-دۇنيا ئۇرۇشى» دېگەن نام بېرىلدى.  1-دۇنيا ئۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا شۇ ۋاقىتقىچە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمى 70 مىليۇن ئەسكەر قاتناشتى.  بۇ سان ھەرگىزمۇ ئۇرۇشقا كىرگەن دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.  ئۇ پەقەت رەسمىي ئۇرۇش جەڭچىلىرىنىڭ سانىدۇر.  بۇ ئۇرۇشتا 10 مىليونغا يېقىن ئادەم ئۆلدى.  بۇ ئۇرۇشتا تۇنجى بولۇپ خېمىيىلىك قوراللار ئىجات قىلىندى.  ھەمدە ئايروپىلان ئاسماندىن بومبا تاشلاش ۋە يەر يۈزىنى ئايروپىلان بىلەن ئوققا تۇتۇشقا ئوخشاش ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلار ئىشلىتىلدى.  ئۇرۇش جەمى 4 يىل داۋام قىلدى.  بۇ ئۇرۇش تاماملانغاندا، شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان چوڭ ئىمپېرىيىلەردىن گېرمانىيە، ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە، روسىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىلىرى يەر يۈزىدىن غايىپ بولدى.  ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئىككى پارچىگە بۆلۈندى.  بۇ ئۇرۇش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ زور ۋەيرانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇش بولۇپ، بىزگە ھەممىدىن بەك مۇناسىۋەتلىك بولغىنى مۇشۇ ئۇرۇشتا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك قىلىنىشىدۇر.
مۇشۇ ئۇرۇش گېرمانىيىدىكى گىتلېرنىڭ ھوقۇققا كۆتۈرۈلۈشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولدى.  ياۋروپانىڭ بۆلۈنۈشى، ئوتتۇرا شەرقنىڭ پارچىلىنىشى، خەلىپە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ۋە ئامېرىكىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ 1914-يىلى باشلانغان ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى بىلەن بولغان بولۇپ، مۇشۇ ئۇرۇشتىن كېيىن بىز ئادەتتە «ھازىرقى زامان» ياكى «زامانىۋى» دەپ ئاتايدىغان دەۋر رەسمىي باشلاندى.  
مەزكۇر ماقالىدە توختالماقچى بولغان ئاساسىي نەرسە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بولۇپ، بۇ ئىمپېرىيىگە نېمە بولغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، يۇقىرىدىكى ئەھۋالنى بىلىش زۆرۈر بولغاچقا، مەن بۇ يەردە 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئۈستىدە ئازراق توختالدىم.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچ ئەنگلىيە بولۇپ، 2-ئورۇندىكىسى گېرمانىيە، 3-ئورۇندىكىسى روسىيە، ۋە 4-ئورۇندىكىسى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىدى.  ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە بىلەن گېرمانىيە دوست بولۇپ، روسىيە بىلەن سېربىيە دوست ئىدى.  ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا قاتناشمىدى.  ئەنگلىيە، فرانسىيە، ۋە ئىتالىيەلەرنىڭ ھەممىسى روسىيە بىلەن سېربىيە تەرەپتە بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى.

3-رەسىم (3-resim): 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەر خىل گۇرۇھلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى.  


4.        تۈركىيە 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا قانداق كىرىپ قالغان؟

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە سۇلتان مەخمەت-5 سۇلتانلىق قىلدى.  ئىسلام تارىخىدا ھەقىقىي ھوقۇقنى يۈرگۈزگۈچى ھاكىمىيەت بېشىدىكى سۇلتان ياكى خەلىپىلەر بولماي، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا ئادەملەر بولغان، شۇ سەۋەبتىن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا زور بالايى-ئاپەتلەر كەلگەن ئىشلار كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.  ئاشۇنداق  پاجىئە بۇ دورام يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى.  1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندا، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى «ياش تۈركلەر» (Young Turks) دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا ئادەملەر بار ئىدى.  ياۋروپا ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ پېيىغا چۈشكىلى خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇلار ئەنە شۇ «ياش تۈركلەر» دىن پايدىلىنىش سۈيىقەستىنى ئىشلەتتى.  

4-رەسىم (4-resim): 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ سۇلتانى سۇلتان مەخمەت-5.  

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دۇنيادىكى زېمىنلارنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمىنى ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇلار تېخنولوگىيە جەھەتتە ناھايىتى قالاق بولۇپ، تېخنولوگىيە جەھەتتە ئىزچىل تۈردە ياۋروپاغا تايىنىپ كەلدى.  يەنى،  1800-يىلى ئوسمانلى’غا تېخنولوگىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغان دۆلەت ئەنگلىيە ئىدى. 1880-يىللىرىغا كەلگەندە بولسا ئوسمانلىگە تېخنولوگىيە جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغان دۆلەت گېرمانىيىگە ئۆزگىرىپ، ئوسمانلى ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەلتۆكۈس ئۈزۈۋەتتى.  ئوسمانلى بىلەن گېرمانىيىنىڭ يېقىن مۇناسىۋىتى نەتىجىسىدە 1899-يىلى ئىستانبۇل بىلەن گېرمانىيىنى ئۆز-ئارا بىۋاستە تۇتاشتۇرىدىغان بىر «شەرقتىكى تېز سۈرئەتلىك يول» (Orient Express) دەپ ئاتالغان تۆمۈر يول ئىشقا چۈشتى.  يەنى، بۇ چاغدا ئوسمانلى بىلەن گېرمانىيە ئىنتايىن كۈچلۈك دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئىدى.  تۈركىيە بىلەن گېرمانىيىنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىر-بىرىنىڭ دۆلىتىگە بېرىپ، كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولدى.  مۇسۇلمان ئەمەسلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنى تەتقىق قىلىش ئىشلىرىمۇ گېرمانىيىدە باشلاندى، ھەمدە پۈتۈن غەرب ئەللىرىنىڭ ئىچىدە گېرمانىيىدە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلدى.  1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، گەرچە سۇلتان مەخمەت-5 دەسلىۋىدە ئۇرۇشقا كىرمەي، بىرتەرەپ تۇرغان بولسىمۇ، تۈركىيىدىكى «ياش تۈركلەر»نىڭ  سۇلتان مەخمەتكە بىلىندۈرمەي قاتتىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، باش ۋەزىر سېيىت پاشا بىلەن ئۇرۇش مىنىستىرى ئەنۋەر پاشا ئىككەيلەن 1914-يىلى 8-ئايدا گېرمانلار بىلەن گېرمانىيە-تۈركىيە ئىتتىپاقداشلىقىنى تۈزۈپ، ئۇرۇشقا كىرىش توغرۇلۇق مەخپىي كېلىشىم تۈزدى.  بۇ چاغدا ئۇرۇش باشلانغانلىقىغا 6 ئاي بولغانىدى.  شۇنىڭ بىلەن سۇلتان مەخمەت 1914-يىلى 11-ئايدا قول ئاستىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، روسىيە ۋە ئامېرىكىدىن تەركىپ تاپقان ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىگە قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرىدى.  ئىسلامنىڭ قائىدىسى بويىچە، بىر خەلىپە ئۆز قول ئاستىدىكىلەرنى ھۇجۇم خاراكتېرلىك جىھادقا چاقىرالايدۇ.  بۇ ۋەقە ئىسلام تارىخىدا ھازىرغىچە بولغان ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھۇجۇم خاراكتېرلىك جىھاد بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  

ئىلاۋە: يۇقىرىقىدەك تارىخىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، گېرمانلار خېلى كۆپ ساندىكى تۈركلەرنى كۆچمەن قىلىپ قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھازىرقى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا گېرمانىيىدىكى تۈركلەرنىڭ نوپۇس سانى 2.5 مىليوندىن 4 مىليونغىچە كېلىدىكەن.  بۇ گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ 4 – 5 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.


5. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىگە جەڭ ئېلان قىلغان بولغاچقا، ياۋروپالىقلارنىڭ ئوسمانلىغا قارشى ھۇجۇم باشلىشى پەقەتلا بىر ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى.  ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىدىن ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىستانبۇلنى تېز سۈرئەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن 1915-يىلى 4-ئايدا ھۇجۇم باشلىدى.  مانا بۇ تارىختا تۇنجى قېتىملىق ياۋروپانىڭ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىدىن باشقا، گوللاندىيە بىلەن ئاۋسترالىيىمۇ بۇ ھۇجۇمغا قاتناشتى.  بۇ ئۇرۇش «گالىپول جېڭى» (Battle of Gallipoli) دەپ ئاتىلىدۇ [5].  بۇ جەڭنى ئېلىپ بېرىشتىن مەقسەت ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان روسىيە ئىمپېرىيىسىگە بىر دېڭىز يولى ئېچىپ بېرىش ئىدى.  بىرلەشمە ئارمىيە ئالدى بىلەن دېڭىز ئۇرۇشى قوزغىدى.  كېيىن گالىپول يېرىم ئارىلى قۇرۇقلۇقىغىمۇ ھۇجۇم قىلدى.  ئەمما، بۇ ئۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيە ئۈچۈن بىر چوڭ بالايى-ئاپەت  بولدى.  بۇ ئۇرۇش 1915-يىلى 25-ئاپرېلدا باشلىنىپ، 1916-يىلى 9-يانۋاردا ئاخىرلىشىپ، بۇ ئۇرۇشتا بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئەسكەرلىرىدىن 150 مىڭ كىشى ئۆلدى.  ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىمۇ 150 مىڭگە يېقىن ئادەم چىقىم تارتىپ، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلدى.  بۇ ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بىردىن-بىر غەلىبىسى بولۇپ، ئۇ تۈركىيىنىڭ كېيىنكى تارىخىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ جەڭ بولۇپ قالدى.  تۈركىيىنىڭ كېيىنكى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنمۇ ھۇل سالدى.  بۇ ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان كىشى مۇستاپا كامال بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى بۇ كىشىنىڭ كىملىكىنى ئوبدان بىلىدۇ.  مۇشۇ قېتىملىق گاللىپولى ئۇرۇشىدا مۇستاپا كامال زور نام-شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، شۇ ئاساستا ئۇ كېيىن ئاتا تۈرك، دەپ ئاتىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە پرېزىدېنت بولدى.  قالغان ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە بىرلەشمە ئارمىيە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ كەتتى.  مۇستاپا كامال تۈركىيىنى چوڭ بالا-قازادىن ئىككى قېتىم قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ئۇنىڭ بىرىنچىسىدۇر.  مەن ئۇنىڭ ئىككىنچىسى ئۈستىدە سەل تۇرۇپ توختىلىمەن.

1915-يىلى بىرلەشمە ئارمىيە ئىراققا ھۇجۇم قىلدى.  1917-يىلى 3-ئايدا ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتقا پىيادە يۈرۈش قىلىپ كىرىپ، باغداتتىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ بايرىقىنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيە بايرىقىنى تىكلىدى.  

ئۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى «ئېدمۇند ئېللېنبى» (Edmund Ellenby) ئىسىملىك بىر گېنېرالنى يېنىغا چاقىرىپ كىرىپ، «ماڭا ئالدىمىزدىكى روژدېستۋا بايرىمىغىچە يېرۇسالېمنى ئېلىپ بېرىسەن»، دېدى.  ئېللېنبى بىر قاتار يېڭى تاكتىكىلارنى ئىشلەتتى.  ئۇنىڭ بىرى ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ روھىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇش بولدى.  شۇنداق قىلىپ ئۇ يېرۇسالېمنى قوغداپ تۇرغان گېرمانىيە ۋە ئوسماملى ئارمىيىسى بىلەن ئازراق سوقۇشۇپ، 1917-يىلى 9-دىكابىر كۈنى يېرۇسالېمنى قولغا چۈشۈرۈپ، بۇ غەلىبىنى ئەنگلىيە باش مىنىستىرىگە سوۋغا قىلدى.  1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنلا مىسىر ئەنگلىيەپەرەسلىككە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئۇ ئەنگلىيە تەرەپتە تۇردى.  شۇڭا ئەنگلىيە ھۇجۇمنى مىسىر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىپ، بۇ ئۇرۇشتا ئاسانلا غەلىبە قىلدى.  بۇ ئۇرۇش 40 كۈن داۋام قىلدى. ئەنگلىيە ئەسكەرلىرىدىن 18 مىڭ ئادەم ئۆلدى.  ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بولسا 25 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ يېرۇسالېمدە 4 ئەسىر داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.  بۇ مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پەيتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  بۇ يەردە ئەستە ساقلاشقا تېگىشلىك بىر ئىش، مىسىردىن ئىبارەت بىر ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ ئەنگلىيە تاجاۋازچىلىرىغا ياردەملىشىپ، يەنە بىر مۇسۇلمان خەلقىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشىدۇر.  

بىرلەشمە ئارمىيە 1918-يىلى 10-ئايدا دەمەشق (Damascus) نى قولغا ئالدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، 30-نويابىر ئىستانبۇلغا ھۇجۇم باشلىدى، ھەمدە ئۇنىمۇ قولغا چۈشۈردى.  شۇنداق قىلىپ، بىر قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە، باغدات، يېرۇسالېم، دەمەشق ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق مۇسۇلمانلار زېمىنلىرىنىڭ چوڭ پايتەختلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.  سىياسىي جەھەتتە يۈزى تۆكۈلۈش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پەيتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.  مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇنىڭدىن چوڭراق سىياسىي بالا-قازا ئېھتىمال 1255-يىلىدىكى موڭغۇللارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تاجاۋۇزى بولىشى مۇمكىن.  ئۇ چاغدا چىڭگىزخاننىڭ  ئىز باسارى ئوگەدېيى (Ogedei) پېرىسىيە، سۈرىيە، مىسىر ۋە ئابباسىد خەلىپىسىنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى [6].  ئوگەدېيى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى تەلتۆكۈس بەربات قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئۇ بۇ مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمىدى.  ئەمما، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بىر ئىنتايىن چوڭقۇر تارتۇق قالدۇردى.  

بىرلەشمە ئارمىيە مۇسۇلمانلار زېمىنىنىڭ بارلىق پايتەختلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تەسلىم بولۇشقا تەييار بولدى.  

1915-يىلى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق ئەرمىنىيىلىكلەر ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىدىن يۈز ئۆرۈپ، شەرقىي ئىستانبۇل رايونىدا ئۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان روسىيە ئارمىيىسىگە ياردەملەشتى.  شۇنىڭدىن كېيىن، ئوسمانلى ھۆكۈمىتى بىر قىسىم ئەرمىنىيىلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، يەنە بىر قىسمىنى ئۆز ماكانىدىن قوغلىۋەتتى.  بۇنى ئەرمىنىيىلىكلەر ئوسمانلىنىڭ ئەرمىنىيىلىكلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى ئەرمىنىيىلىكلەر بۇ ئىشنى خەلقئاراغا رەسمىي ئېتىراپ قىلغۇزۇش يولىدا ئۇزۇندىن بۇيان لوبىيلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە مەغلۇپ بولدى.

ئىلاۋە:  ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ئەرمىنىيىلىكلەر بىلەن رۇسلار ناھايىتى يېقىن ئۆتىدۇ.  بۇنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك تارىخىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.  ئەرمىنىيىلىكلەر خرىستىيانلار بولغاچقا، ئۇلار ئامېرىكىغا ناھايىتى كۆپ كۆچمەن بولۇپ كەلگەن.  ئەرمىنىيىلىكلەرنىڭ ئەرمىنىيىدىكى نوپۇس سانى 3.5 مىليون بولۇپ، بەزى مۆلچەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەرمىنىيىلىكلەر نوپۇس سانى 800 مىڭدىن 1.5 مىليونغىچە كېلىدىكەن.  بۇنىڭ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزەمنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھازىر ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 2000 غىمۇ بارمايدۇ.  


6. ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 3 چوڭ كېلىشىملىرى

مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئالدى كەينىدە، بىرلەشمە ئارمىيە ھۆكۈمەتلىرى ئىچىدە تۆۋەندىكىدەك 3 چوڭ كېلىشىملەر تۈزۈلۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ كېلىشىملەر ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ يىقىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى.

(1)مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 632-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام نۇقتىسىدىن، ئەرەبلەر مەككىنىڭ شارىفلىقى (ھاكىملىقى) نى ئىزچىل تۈردە مۇھەممەد پەيغەنبەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا تۇتقۇزۇپ كەلدى.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مەككىنىڭ شارىفلىقىنى قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ئىسمى ھۆسەيىن بىن ئالى (Husayn bin Ali) بولۇپ، ئۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 40-ئەۋلادى ئىدى.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بۇرۇنلا ھۆسەيىن ئەنگلىيە دۆلەت ئەمەلدارلىرىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئەرەب زېمىنىگە خەلىپە بولغۇسى بارلىقىنى، شۇڭا بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە ياردىمىنى ئىستەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  ئەمما ئۇ چاغلاردا ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ ھۆسەيىنگە ھېچ بىر ئېھتىياجى بولمىغاچقا، ھۆسەيىننىڭ بۇ تەلىپىگە پەرۋا قىلمىدى.  ئەمما، 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ھۆسەيىننىڭ پېيىغا چۈشتى.  ھۆسەيىننىڭ تارىخىي ئورنى، بىر ئەرەب بولۇشى، ھەمدە ئەرەبلەرگە خەلىپە  بولۇش ئىستىكى ئەنگلىيىلىكلەر ئۈچۈن غايىۋى نىشان بولۇپ بەردى.  ئۇلار «لورېنس» (T.E.Lawrence) ئىسىملىك بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىغا ھۆسەيىننى قولغا كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇشى بىلەن لورېنس ھۆسەيىن بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولىۋالدى.  ھەمدە ئارىلىققا كىرىپ يۈرۈپ، ئەنگلىيىنىڭ مىسىردا تۇرۇشلۇق ئالىي كومىسسارى مەكماخون (Sir Henry McMahon) دىن ھۆسەيىنگە 1915-يىلى بىر پارچە ۋەدىنامە ئېلىپ بەردى.  بۇ ۋەدىنامىدە ھۆسەيىن ئەرەبلەرنى باشلاپ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تۆلەنمىسى سۈپىتىدە، پۇل بىلەن پارا بېرىشتىن باشقا، ئەنگلىيە ھۆسەيىنگە پۈتۈن ئەرەب زېمىنىنى بېرىپ، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئەرەب زېمىنىگە خەلىپە قىلىدىغانلىقى يېزىلغان.  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئەرەبلەرنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىش ئۈچۈن، لورېنسنى ھەر ئايدا 200 مىڭ ئەڭلىيە فوند ستېرلىڭ (ئەنگلىيە پۇلى) بىلەن تەمىنلەپ تۇردى.  مەزكۇر ۋەدىنامىگە ئالدىنىپ، ھۆسەيىن ئەرەب ئەسكەرلىرىنى باشلاپ، تۈركلەرگە قارشى جەڭگە ئۆتتى.  شۇنداق قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكە مىسىردىن كېيىنكى يەنە بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمان خەلق تۈركلەردىن ئىبارەت يەنە بىر مۇسۇلمان خەلققە قارشى جەڭگە ئاتلاندى.  گەرچە بۇ ئەرەبلەر ھەربىي قورال ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ناھايىتى قالاق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن تۈركلەرنىڭ تۆمۈر يول لىنىيىلىرىنى پارتلىتىپ ۋەيران قىلىش ئوبدانلا كەلدى.  شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئەرەبلەر ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، ئوسمانلى ئارمىيىسىنى بىر قىسىم جەھەتلەردە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.  شۇنداق قىلىپ، ھوقۇق ۋە مال-دۇنيا ئۈچۈن بىر توپ ئەرەب مۇسۇلمانلار يەنە بىر توپ تۈرك مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلدى.  بۇ ئىشتا ئەرەبلەر ئۆتكۈزگەن گۇناھ ھەرگىزمۇ ئەنگلىيىنىڭ گۇناھىدىن يېنىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.

5-رەسىم (5-resim): شارىف ھۆسەيىن بىن ئالى.

(2) ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيە بىرلىشىپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، ئولجا ئالغان زېمىنلەرنى قانداق تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بىر ئىنتايىن مەخپىي كېلىشىم تۈزدى.  بۇ كېلىشىم توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار 1915-يىلى نويابىردىن 1916-يىلى مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن بولۇپ، رەسمىي كېلىشىمگە 1916-يىلى 16-ماي كۈنى ئىمزا قويۇلدى.  بۇ كېلىشىمنىڭ نىشانى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەرەب يېرىم ئاراللىرى سىرتىدىكى ئەرەب ئۆلكىلىرىنى قانداق تەقسىم قىلىش بولۇپ، ئەنگلىيە تەخمىنەن ئىئوردانىيە (Jordan)، ئىراق قاتارلىق بىر قاتار زېمىنلارنى، فرانسىيە بولسا جەنۇبىي تۈركىيە، شىمالىي ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋاننى، روسىيە بولسا ئىستانبۇل، تۈركىيە دېڭىز بوغۇزى، ۋە ئوسمانلىنىڭ ئەرمىنىيە ۋىلايەتلىرىنى ئالماقچى بولدى.  دېمەك، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1915-يىلى ھۆسەيىن شارىفقا بىر پارچە ۋەدىنامە يېزىپ بېرىش بىلەن تەڭ، يۇقىرىدىكى 2-كېلىشىم ئۈستىدىمۇ ئىش باشلىغان.  مەزكۇر كېلىشىمگە ئىزما قويغان فرانسىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى پىكوت (Francois Georges-Picot) بولۇپ، ئەنگلىيە ۋەكىلىنىڭ ئىسمى بولسا سايكس (Sir Mark Sykes) ئىدى.  شۇڭا بۇ كېلىشىم «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.  1917-يىلى روسىيە ئىنقىلابى چار پادىشاھىنى ئاغدۇرىۋەتكەندىن كېيىن، بولشېۋىكلار چار پادىشاھىنىڭ قانچىلىك چىرىكلىشىپ كەتكەنلىكىنى پاش قىلىش مەقسىتىدە بۇ كېلىشىمنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتتى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش پۈتۈن دۇنيادا خەۋەر قىلىنىپ، ئەنگلىيە ناھايىتى كەڭ ۋە كۈچلۈك ئەيىپلەشلەرگە دۇچ كەلدى.  ئاشۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئەنگلىيىنىڭ بۇ ۋەھشىي سۈيىقەستىدىن تولۇق خەۋەر تاپقان نادان ئەرەبلەر تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشىنى ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى.

لورېنس ئەرەبلەرگە «ماۋۇ يەرگە ھۇجۇم قىل، ئاۋۇ يەرنى پارتلات، ماۋۇ ئۇرۇشنى مۇنداق قىل» دەپ مەككىلىك ئەرەبلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركلەرگە قارشى جەڭ ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، مەزكۇر سكايس-پىكوت كېلىشىمىدىن خەۋەر تاپتى.  ئەمما، لورېنس ھېچ قانداق چاندۇرماي، ئەرەبلەرگە يالغان ۋەدىنى تەكرارلاپ تۇرۇپ، ئۇلاردىن تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشتا داۋاملىق پايدىلاندى.  بىر ئامېرىكىلىق مۇخبىر ئەينى ۋاقىتتا لورېنس بىلەن بىر مەزگىل تۈركلەر تۇپرىقىدا بىللە بولغان بولۇپ، كېيىن ئۇ لورېنسنى كۆككە كۆتۈرۈپ بىر ئەسەر يېزىپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇۋەتتى.  ئاشۇ مۇخبىر يازغان ئەسەرگە ئاساسەن ئامېرىكا ئىشلىگەن، ئىنگلىزچە «Lawrence of Arabia» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىنو بار.  ئىمكانىيىتى بار قېرىنداشلار بۇ كىنونىڭ بىر قىسىم كۆرۈنۈشلىرىنى يۇتيۇبتىن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.  ئەمما، ئەمەلىيەتتە لورېنس بىر ئەنگلىيە جاسۇسى بولۇپ، ئەرەبلەرنى ئالداپ، ئەنگلىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.  1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، لورېنس ئەرەبلەرنىڭ مۇستەقىللىقى توغرىسىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئازراق ئاغزاكى كۈرەش قىلدى.  لېكىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ قارشىلىقىنى ھېچ بىر ئېتىبارغا ئالماي، ئۇنى ھۆكۈمەت ئىشلىرىدىن پۈتۈنلەي بوشىتىۋەتتى.  لورېنس كېيىن لوندوندىكى بىر موتسىكلىت ۋەقەسىدە ئۆلدى.  

شۇنداق قىلىپ، سايكس بىلەن پىكوتتىن ئىبارەت ئەرەب مىللىتى ياكى ئەرەب زېمىنىدىن ھېچ قانداق خەۋىرى يوق ئىككى دىپلومات ئالدىغا بىر پارچە خەرىتىنى قويۇۋېلىپ، ئۆزلىرى ئالماقچى بولغان ئەرەب زېمىنلىرىنى بۆلۈشۈپ چىقتى.  ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھازىرقىدەك بولۇپ قېلىشى ئەنە شۇ داڭلىق «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» دىن كېلىپ چىققان.

(3) 1914-يىلى ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلىمىدا زىئونىست (يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇشنى قوللىغۇچى يەھۇدى) لارغا بىر پارچە يەر بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە باشلىدى.  ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيىدىكى زىئونىستلارنىڭ بىر ناھايىتى باي ۋە تەسىرى كۈچلۈك باياناتچىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى چېيىم ۋايىزمەن (Chaim Weizmann) ئىدى.  ۋايىزمەن بىر خېمىيە ئالىمى ۋە بىر چوڭ خۇسۇسىي شىركەتنىڭ ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ شىركىتى بومبا ياساشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئاتسېتون (acetone) ئىشلەپ چىقىراتتى.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئەنگلىيە ئاتسېتوننى گېرمانىيىدىن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئۆز-ئارا دۈشمەن بولغاچقا، ئەنگلىيە ئۆزىگە لازىم ئاتسېتوننى باشقا مەنبەلەردىن ھەل قىلىشقا مەجبۇرى بولدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ۋايىزمەننىڭ ئالدىغا كەلدى.  ۋايىزمەن ۋە ئەنگلىيىدىكى بارلىق زىئونىستلار بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئاتسېتوننى بېرىشنى قارار قىلدى.  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ زىئونىستلار بىلەن باھا كېلىشىدىغاندا، بۇ زىئونىستلار ئاتسېتوننىڭ ھەققى ئۈچۈن پۇل ئەمەس، بىر زېمىن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.  ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېتى دەسلىۋىدە بۇ زىئونىستلارغا ئۇگاندانى بېرىشنى قارار قىلدى.  ئۇ چاغدا ئەنگلىيە ئافرىقىنىڭ نۇرغۇن زېمىنلىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان بولغاچقا، ئاشۇ زېمىنلارنىڭ خالىغان بىرسىنى زىئونىستلارغا بېرەلەيتتى.  زىئونىستلار بۇنىڭغا يېقىنمۇ كەلمەي، ئۆزلىرىگە پەلەستىندىن باشقا جاينىڭ كېرەك ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرىۋالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېتى قايتا يىغىن ئېچىپ، زىئونىستلارغا پەلەستىننى بېرىشنى قارار قىلدى.  ھەمدە  ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تاشقىي ئىشلار كابىنېتىنىڭ باشلىقى بالفور (Arthur James Balfour) يەھۇدىيدىن بولغان كابىنېت ئەزاسى، زىئونىست، ھەمدە ئەنگلىيە بويىچە ئەڭ باي كىشى روسچايىلد (Rothchild) قا بىر پارچە تېلېگراف ئىۋەرتتى.  بۇ تېلېگراف «بالفور خىتابنامىسى» (The Balfour Declaration) دېگەن ئىسىم بىلەن دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، ئەگەر قىزىقسىڭىز  ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ رەسىمىنى توردىن ئاسانلا تاپالايسىز.  روسچايىلدنىڭ شۇ چاغدىكى بايلىقى نەچچە يۈز مىليارد دوللار بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى قۇرغان بانكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى ئىدى.  ئۇلارنىڭ ئائىلە بانكىسى تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قانچە تارمىقى ھازىر شۋېتسارىيىدە سودا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.  بالفور خىتابنامىسىنىڭ خەۋىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بولۇپ، ئۇنى تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەرەبلەرمۇ ئاڭلىدى.  ئەمما ئۇلار ئەنگلىيىنىڭ يالغان گېپىگە يەنە داۋاملىق ئىشىنىپ، تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇشىنى بۇرۇنقىدەكلا داۋاملاشتۇرۇۋەردى.  

بالفور خىتابنامىسىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىش سەۋەبى ھەققىدە دۇنيادا ئېقىپ يۈرگەن پەرەزلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ قارىشىچە ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن:

(1)بىر تۈركۈم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى قايتا سايلىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى قوللايدىغانلارغا ئېرىشىش.  ئەينى ۋاقىتتا ئەنگلىيىدىكى يەھۇدىيلار ئىنتايىن باي ۋە كۈچلۈك بولغاچقا، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئاشۇلارنىڭ ياردىمىنى  قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان.  بۇ ئەھۋال ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ.  يەنى، ھازىر ئامېرىكىدىكى سايلامغا قاتنىشىپ، ھوقۇققا ئېرىشمەكچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەھۇدىيلارغا خوشامەت قىلىدۇ.  

(2) يەھۇدىيدىن بولغان ۋايىزماننىڭ ئاتسېتوننى بولمىغاندا، ئەنگلىيە ئۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان بومبىلارنى ئىشلەپ چىقىشتا ئامالسىز قالاتتى.  

(3) ئەنگلىيىنىڭ باش مىنىستىرى جورج (David Loyd George) ۋە يۇقىرىدىكى بالفور قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك خرىستىيانلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى بىر توپ ئەمەلدارلار پەلەستىننى مۇسۇلمانلار ئىگىلەپ تۇرغانغا قارىغاندا، جۇدائىزمچى يەھۇدىيلار ئىگىلەپ تۇرغىنى ياخشىراق، دەپ ئويلىغان.  ئۇلار يەھۇدىيلارغا قارىغاندا مۇسۇلمانلار بىر قالاق خەلق، دەپ قارىغان.  ئەنگلىيىدىكى خرىستىيان دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىدە ئەگەر يەھۇدىيلار يېرۇسالېمنى «پاكلاشتۇرۇپ» بەرسە، مۇسا پەيغەمبەر يەنە بىر قېتىم قايتىپ كېلىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغانلىرىمۇ بار بولغان.  

(4) پەلەستىننى يەھۇدىيغا بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلارنىڭ قىستىشى بىلەن، ئامېرىكىنى 1-دۇنيا ئۇرۇشىغا ئېلىپ كىرمەكچى بولغان.  

ئۇ چاغدا پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇس سانى يەرلىك نوپۇسنىڭ ئاران 5 پىرسەنتىنى ئىگىلىگەن ئىدى.


7. يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەت

زىئونىستلار پەلەستىننى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بارغان دەسلەپكى 40 يىل ئىچىدە، ئامېرىكىدىكى يەھۇدىيلار ئىزچىل تۈردە زىئونىستلارغا قارشى تۇرۇپ كەلدى.  ئۇلار پەقەت گىتلېر ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا بىر يەھۇدى دۆلىتى بولىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى.  1917-يىلى ئۆكتەبىردە، بۇ ئىش ئەنگلىيە ئىچكى كابىنېتىدە بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا قويۇلدى.  بۇ يىغىندا پەقەت بىرلا يەھۇدىدىن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك پارلامېنت  (دۆلەت مەجلىسى) ئەزاسى بار بولۇپ، ئۇ پەلەستىننى يەھۇدىيغا بېرىشكە ئىنتايىن قاتتىق قارشى تۇردى.  سەۋەبى، ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار بۇرۇنقى بارلىق تارىخىي دەۋرلەردە ئۆز-ئارا ئىناق ئۆتكەن بولۇپ، بۇنداق قىلىش يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىدى.  

دوكتۇر ياسىر قازى مۇنداق دەيدۇ: «پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار تاكى زىئونىزم باشلانغىچە بىر-بىرى بىلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتكەن.  قەدىرلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار، بىز ھەرگىزمۇ زىئونىزمغا قارشى تۇرۇش بىلەن يەھۇدىيغا قارشى تۇرۇشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايلى.  بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە ھۇشيار بولايلى.  نۇرغۇن مۇسۇلمانلار بۇ ئىككى نەرسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ.  بىز زىئونىستلارغا قارشى تۇرىمىز.  بىز ھەرگىزمۇ يەھۇدىيلىققا قارشى تۇرمايمىز.  بىز زىئونىستقا قارشى تۇرىمىز، ھەمدە زىئونىزمنى تەنقىتلەيمىز.  تارىخ بويىچە قارىساق، يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار خرىستىيانلارغا قارشى كۈرەشتە بىر-بىرىگە چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان.  ھەر قېتىم خرىستىيانلار يەھۇدىيلارنى قىرغاندا، يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمانلار  زېمىنىدا بىخەتەر پانالىق جاي تاپقان.  بۇ ھەممىگە ئايان بولغان بىر تارىخىي پاكىت.  ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن خېلى كۆپ يەھۇدىي نوپۇسى ئەرەبلەر زېمىنىدا ياشىغان.  بۇنى سىلەر ئەرەبلەر بىلىسىلەر.  يەھۇدىيلار مۇسۇلمان زېمىنلىرىدا گۈللەنگەن.  تارىخ بويىچە قارىغاندا، مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدا ھازىرقىدەك ئۆچمەنلىك مەۋجۇت بولۇپ باققان ئەمەس.  ھازىر نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زىئونىستلارغا نىسبەتەن پەيدا بولغان غەزىپى بىلەن يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرىدىغان بولۇپ قالدى.  بۇ بىر مەسىلە.  مەن سىلەرگە ئۆزەمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى دەپ بېرەي: ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان زىئونىستلارغا ۋە زىئونىزمغا ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزى.  بىزنىڭ تەنقىت قىلىدىغىنىمىز زىئونىستلار بىلەن زىئونىزم.  زىئونىستلار مىللەتچىلەر.  بۇ قىلچىمۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ.  بىر قىسىم يەھۇدىيلار ئۆزلىرى 50 ئەسىر بېرىپ باقمىغان زېمىنغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئاھالىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالسا، بۇ بىر مىللەتچىلىك، بىر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولىدۇ.  شۇڭا بىز زىئونىزمغا قارشى تۇرىمىز.  ئەمما بىز يەھۇدىيلارنىڭ بىر يەھۇدى مىللىتى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا قارشى تۇرمايمىز.  بىزنىڭ دىنىمىز يەھۇدىيلارغا ئىزچىل تۈردە ئاشۇنداق بىر ھوقۇقنى بېرىپ كەلگەن، ھەمدە ھازىرمۇ بېرىۋاتىدۇ. »

ئىلاۋە: ھازىر بىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىنتايىن كۆپ.  ئۇلارنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە تىزىپ كەلسەك، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ۋە يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ، ياكى كىرگەن تەقدىردىمۇ خېلى ئارقىدىن ئورۇن ئالىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا مېنىڭمۇ بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن ۋاقىت سەرپ قىلغىم يوق ئىدى.  ئەمما، مەن ئارىمىزدىكى خاتا چۈشەنچىلەردىن كېلىپ چىققان بۆلۈنۈشلەرگە قاراپ تۇرالمىدىم.  ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇسىمىز ئىچىدە ئۆز ئۆمرىدە بىرەر يەھۇدىينى كۆرۈپ باققانلار ئاساسەن يوق.  تارىختىن بۇيان يەھۇدىيلار بىزگە بىرەر قېتىم زۇلۇم سېلىپ باققان ئىشمۇ يوق.  شۇنداق تۇرۇقلۇق نۇرغۇن كىشىلەر يەھۇدىيغا ئىنتايىن ئۆچ.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئەگەر سىز دۇنيادىكى ئىشلارنى تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىڭىز، مۇنداق بىر ئەمەلىيەتنى بايقايسىز:  بىزنىڭ دىنداش قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىزنىڭ قانداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھازىر بىزنى سېتىپ خەجلەۋاتىدۇ.  ئەمما ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشۇنداق ئىشلىرىغا ئاشۇ ئەللەردىكى بىزگە دىنداش ۋە بىزگە قانداش خەلق بىر ئاز تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دەرىجىدە قارشىلىق كۆرسىتىپ باققىنى يوق.  بۇنىڭغا قارىماي بىزنىڭ بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ئاشۇ دىنداشلىرىمىز بىلەن ئاشۇ قانداشلىرىمىزنى بېشىغا ئېلىپ كۆتەرگىدەك بولۇپ يۈرۈپ، تارىختىن بۇيان بىز بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇپ باقمىغان بەزى مىللەتلەرگە ئۆچمەنلىك كۆرسىتىۋاتىدۇ.  مەن ھەر قېتىم تورلاردا مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ نامايەندىسىنى كۆرگەندە، ناھايىتى راھەتسىزلىنىپ كېتىمەن.  يۇقىرىدا كۆرۈپ ئوتكىنىمىزدەك، يەھۇدىيلار كەم دېگەندە مۇنداق 3 چوڭ گۇرۇپپىغا بۆلىنىدۇ: (1) زىئونىستلار (Zionist)، (2) خرىستىيانلارغا قارشىلار (Anti-Christians)، ۋە (3) قالغان يەھۇدىيلار.  بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يەھۇدىيلار پەلەستىنلىكلەرگە ئىنتايىن ئېغىر كۈنلەرنى سېلىپ كەلدى.  پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋە ھازىرمۇ يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چىداپ تۇرالمايدۇ.  ئامېرىكىدا «Fox News» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەملىكەتلىك تېلېۋىزور شىركىتى بار.  ئۇنىڭدا داۋاملىق پەلەستىنلىكلەر ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى نەرسىلەرنى بېرىدۇ.  مەن ئۇنى بۇرۇن كۆپ كۆرەتتىم.  بەزىدە ئۇلارنىڭ پروگراممىسىدا بېرىلىۋاتقان ناھەقچىلىككە غەزىپىم كېلىپ، تىپىرلاپ كېتىپ، ئۆزەمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالاتتىم.   كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان ۋاقىتلىرىممۇ كۆپ بولاتتى.  لېكىن، كېيىنچە مەن ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور پروگراممىسىنى زادىلا كۆرمەيدىغان بولدۇم.  تېخى  يېقىندىلا يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشنىڭ قانداقلىقىنى تولۇق ۋە توغرا چۈشەندىم.  يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئەسلىدە پەلەستىنلىكلەرگە يامان كۈن سېلىۋاتقانلار زىئونىستلار ئىكەن.  زىئونىستلارنىڭ سانى يەھۇدىيلارنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئاز ساننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىنتايىن ۋەھشىي ۋاستىلار بىلەن پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېرىنى تارتىۋالغىلى تۇردى.  ئۇلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە سالغان ۋە سېلىۋاتقان كۈنىگە ھەر قانداق بىر ئادالەتپەرۋەر ئادەم چىداپ تۇرالمايدۇ.  ئەمما، مەن مۇشۇ يازما ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ زىئونىستلار بىلەن ئادەتتىكى يەھۇدىيلارنىڭ پەرقىنى بىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئادەتتىكى يەھۇدىيلار ئىچىدە زىئونىستلارغا قارشى تۇرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.  ئادالەتپەرۋەر يەھۇدىيلار، مۇسۇلمانلارنى دوست كۆرىدىغان يەھۇدىيلار يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.  ھازىر بىزگە ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە ھېسداشلىق ۋە ياردەم قىلىۋاتقانلار دىنداشلىرىمىز بىلەن قانداشلىرىمىز ئەمەس.  باشقىلار.  ئاشۇ باشقىلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدىيلارمۇ بار.  مەنمۇ ئۆزەمنىڭ چەت ئەلدىكى ھاياتى جەريانىدا يەھۇدىيلارنىڭ ياردىمىگە كۆپ ئېرىشتىم.  ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.  مەن ھازىر 10 دەك يەھۇدىيلار بىلەن بىللە ئىشلەيمەن.  ئۇلار ئۆزلىرىگە بەك چىڭ.  ئەمما مېنى ئازراقمۇ كەمسىتمەيدۇ. مېنى ئازراقمۇ چەتكە قاقمايدۇ.  ئۇنىڭ ئەكسىدە، مېنى ناھايىتى قوللايدۇ.  مېنى ناھايىتى قەدىرلەيدۇ ۋە ئەتىۋارلايدۇ.  مەن ھازىر قىلىۋاتقان ئاساسلىق تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلىقىمۇ يەھۇدىي.  ئۇ مېنىڭ ھەر يىلى بىر قانچە قېتىم دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىغا بېرىپ، ئىلمىي دوكلات بېرىشىمنى ئىزچىل تۈردە ماددىي ۋە روھىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتىدۇ.  

دۇنيادىكى بىر قىسىم كىشىلەر زىئونىستلارنىڭ پەلەستىننىڭ يېرىنى ئىگىلىۋېلىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنى ئىنسانىيەت ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن جىنايەت، دەپ قارايدۇ.  زىئونىستلار ئۆزلىرى بولسا قىلغان ئىشلىرىغا ئۆز مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش يولىدىكى ئەڭ ئاقىلانە ئىشلار، دەپ قارايدۇ.  ئىشلەتكەن تاكتىكىلىرىغا بولسا، ئەينى ۋاقىتتكى شارائىت ئاستىدا ئىشنى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن قىلىش، دەپ قارايدۇ.  ئاقىلانە ئىشلارنىلا قىلىش، ۋە ئىشنى ئەڭ ئاقىلانە ئۇسۇل ياكى تاكتىكا بىلەن قىلىش جەھەتتە دۇنيادا ئۆز-ئارا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان 3 مىللەت بار.  ئۇلار يەھۇدىيلار، ياپونلار، ۋە گېرمانلار.  مەن ئۆزەمنىڭ ئالدىنقى 4 پارچە ماقالىسىدا يەھۇدىيلار بىلەن ياپونلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.  شۇڭا سىز ھەر قېتىم زىئونىستلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرنى قانداق بوزەك ئەتكەنلىكىنى كۈزەتكەن ۋاقتىڭىزدا، يەھۇدىيلارنىڭ ئەقىلنى قانداق ئىشلىتىدىغانلىقىغا، ئىشنى قانداق قىلىدىغانلىقىغا، ھەمدە خەلقئارالىق ئۆلچەم (مەسىلەن، B.D.T. قائىدە-پەرمانلىرى) بويىچە قارىغاندا پۈتۈنلەي خاتا، ھەتتا ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ،  قانداق ئاقىلانە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىغىمۇ بىر ئاز دىققەت قىلىپ قويۇڭ.  نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە زىئونىستلار ئېغىر گۇناھكار ھەتتا ئەغىر جىنايەتكارلار بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ياخشىلاشتا ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىمگە ۋە ھېچنىمىگە تايانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەڭ بۇرۇن ۋە ئەڭ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن كىشىلەر ئىكەنلىك تەرىپىمۇ بارلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ.

مەن تورداشلاردىن بۇ جەھەتتىكى ھەقىقى ئەھۋالنى بىلىۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن توغرا چۈشەنچە ئاساسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشىنى، شۇ ئارقىلىق زېھنىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ قىممىتى بار بولغان ئىشلارغا ئورتاق ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا مەركەزلەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


8. مەككىنىڭ شارىفى ھۆسەيىننىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەقدىرى

شۇنداق قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىپ، گېرمانىيە 1918-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى.  بۇ ئۈچ دانە 11 مۇ دۇنيا تارىخىدا خېلى داڭلىق.  1919-يىلى 1-ئايدا فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە «پارىژ تىنچلىق يىغىنى» (Paris Peace Conference) دەپ ئاتالغان بىر يىغىن چاقىرىلدى.  ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيىلەر «4 چوڭ دۆلەت» سالاھىيىتى بىلەن بۇ يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلدى.  بۇ يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن ۋەكىللەر كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن زېمىن ئىگىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇشۇ يىغىندا ھەل قىلماقچى بولدى.  بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ كېلىپ، ئامېرىكىدىن مۇستەقىل بولۇپ ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش ئىلتىماسىنى سۇندى.  مۇشۇ يىغىندا پەلەستىننى زىئونىستلارغا بېرىش قارارى ئېلىندى.  ھەمدە گېرمانىيە ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە جازالانغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئارتىلغان ئۇرۇش چىقىمى تۆلىمىنىڭ مىقتارى بىر ترليون دوللاردىنمۇ ئېشىپ كەتتى.  گېرمانىيە مۇشۇ قېتىم ئۇچرىغان خارلىنىشتىن ۋە يۈزى تۆكۈلۈشتىن كېيىن، گېرمانلارنىڭ گىتلېرنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئۆزىنى قايتىدىن كۈچەيتىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلىشىغا سەۋەب بولدى.  2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياۋروپا ئاجىزلىشىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى يۇقاتتى.  ئۇنىڭ ئورنىدا ئامېرىكا كۈچىيىپ، تەدرىجى ھالدا ھازىرقىدەك دۇنيانى سورايدىغان ئورۇنغا ئېرىشتى.

6-رەسىم (6-resim): پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتلىرى.

ئۇ چاغدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋۇدروۋ ۋىلسون (Woodrow Wilson) نىڭ رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا زىئونىستلارغا ھېسداشلىق قىلماي، بىرتەرەپ تۇردى.  ئۇلار پەلەستىننى زىئونىستلارغا بېرىشكە ئاۋاز بەرمەي، ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ھەمدە ئەرەبچىنى بىلىدىغان ئىككى چوڭ زىيالىيلارنى ئەرەب زېمىنلىرىنى تەكشۈرۈپ كېلىشكە ماڭدۇردى.  بۇ ئىككى كىشى بىر قانچە ئاي ئەرەب زېمىنىدە تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى يوللاپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېدى: «ئۇ رايونلاردا بىرەر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇلىدىكەن، يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھوقۇقى ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە بولماي قالمايدۇ.»  لېكىن، ئامېرىكا بۇ دوكلاتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، بۇ ئىشنى ئىككىنچى ئېغىزغا ئالمىدى.  ئامېرىكىنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن «پارىژ تىنچلىق يىغىنى» دا «دۆلەتلەر بىرلىكى» (The League of Nations) دېگەن بىر خەلقئارالىق تەشكىلات قۇرۇلدى.  بۇ تەشكىلات 27 يىل ياشىغاندىن كېيىن، يەنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسمى «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» (B.D.T. ) غا ئۆزگەرتىلدى.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ 20 پىرسەنت ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.  شۇنىڭ بىلەن ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىپ، ئاياللار بۇرۇنقىدەك پەقەت ئۆيدىلا تۇرۇپ، ئائىلە ئىشلىرىنىلا بىر تەرەپ قىلىدىغان رولىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ ئەرلەر بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئەھۋال ۋۇجۇتقا كەلدى.  يەنى، 1-دۇنيا ئۇرۇشى ئاياللارنىڭ ئەنئەنىۋى رولىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، مۇسۇلمانلار تارىخىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانلار تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاياللارمۇ ئىشلەيدىغان بولدى.  ھازىرقىدەك ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ خىزمەت قىلىشى مانا شۇ چاغدىن باشلانغان.

1918-يىلى ئىسپانىيىدە بىر خىل يۇقۇملۇق زۇكام پەيدا بولۇپ، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كەتتى.  ئۇ كېسەل يېقىندىن بۇيان دۇنياغا تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان «H1N1 زۇكام» بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئاشۇ كېسەل سەۋەبىدىن 1918-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە پۈتۈن دۇنيا بويىچە 100 مىليوندەك ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.  ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن 5 پىرسەنتىگە توغرا كېلەتتى.

پارىژ تىنچلىق يىغىنى بىر يىل داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان كېلىشىملەر ئىمزالاندى.  ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى «سايكس-پىكوت كېلىشىمى» بولۇپ، ئۇ بۇ قېتىم «ۋېرسايىل شەرتنامىسى» (Treaty of Versailles) دېگەن ئىسىمدا تەستىقلاندى [7].  مەككىنىڭ شارىفى ھۆسەيىننىڭ ئوغلى فېيسال (Feisal Ibn Sherif Husayn) مۇ پارىژدىكى بۇ يىغىنغا كېلىپ، پۈتۈن ئەرەب زېمىنىنى مۇستەقىل قىلىپ، ئۇنى دادىسىغا بېرىشنى، ھەمدە دادىسىنى خەلىپە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.  ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە سايكس-پىكوت كېلىشىمىدە بېكىتىلگەن زېمىنلارغا ئىگە بولدى.  

7-رەسىم (7-resim): ئالدىنقى قۇر ئوتتۇرىدىكى فېيسال.  ئەڭ سول تەرەپتىكى قارا پەلتو كىيىۋالغىنى لورېنس.

فرانسىيە سۈرىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغان بىرىنچى ئىشى خرىستىيان ئەرەبلەرنى يىغىپ، ئۇلارغا بىر ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ بېرىش بولدى.  بۇ دۆلەت بىز ھەممىمىز بىلىدىغان، ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان «لىۋان» دىن ئىبارەت.  فرانسىيە بۇ زېمىندا «ئالاۋى دۆلىتى» (Alawite State) بىلەن «جابال ئال-درۇز دۆلىتى» (Jabal al-Druze State) قاتارلىقلارنىمۇ قۇرۇپ چىقتى.  يەنى، بۇ زېمىننى سۈننىيلەر زېمىنى، خرىستىيانلار زېمىنى، ئالاۋىلار زېمىنى ۋە درۇزلار زېمىنى دېگەن بىر قانچە پارچىلارغا بۆلۈۋەتتى.  فرانسىيە بۇ دۆلەتلەرنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغىچە سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سۈرىيىلىكلەر قوزغىلاڭ قىلىپ، فرانسىيىلىكلەرنى قوغلاپ چىقاردى.  

1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە سۈرىيەگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سۈننىي مۇسۇلمانلارغا قارشى ھالدا ئۆزلىرىگە ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىدىغان بىر خەلققە ئېھتىياجى چۈشتى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزى ئالاۋىلارغا چۈشتى.  ئالاۋىلار قەدىمدىن تارتىپ 1919-يىلىغىچە ھېچ قانداق مەدەنىيەتلىشمىگەن (barbarian) خەلق بولۇپ، سۈرىيىنى فرانسىيە بېسىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالاۋىلار  سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ مۈلۈكلىرىنى بۇلاپ، ئۇلارنىڭ قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلىپ، قاراقچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن ئىدى.  ئۇلار تاغدا تۇرىدىغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم زېمىنى بار ئىدى.  ئەمما ھېچ قانداق تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى سىرتقى دۇنيانىڭ ئىشلىرىدىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى.  شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىلىكلەر ئالاۋىلارنى ئوقۇتتى.  ئۇلارغا ھەربىي ماھارەتلەرنى ئۆگەتتى.  ھەمدە ھەربىي مەكتەپلەردە مەخسۇس تەربىيىلىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارغا ھەر خىل يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي گېنېراللىق ھوقۇقلىرىنى بەردى.  ھازىرقى سۈرىيە پرېزىدېنتى ئاساد ئەنە شۇ فرانسىيە تەرىپىدىن مەخسۇس تەربىيىلەنگەن ئالاۋىلارنىڭ 2-ئەۋلادىدۇر. يەنى، ئاساد فرانسىيە مەخسۇس سۈننىي مۇسۇلمانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئالاۋىلارنىڭ ئادىمىدۇر.

8-رەسىم (8-resim): 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن فارنسىيە سۈرىيىدە بەرپا قىلغان كىچىك دۆلەتلەر.  

ئەنگلىيە ئېرىشكەن زېمىن ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلار كېڭەيتىلگەن ئىئوردانىيە، ئىراق ۋە ئەرەبىستاننىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالدى.  شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىنلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا ساقلاپ، ئۇنى باشقۇرىدىغان ئىشنى مەككىنىڭ شارىفى ھۆيەسىننىڭ 3 ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.  يەنى، ھۆسەيىننىڭ 3 ئوغلى 3 پارچە زېمىنغا قورچاق باشلىق بولدى.  ھۆسەيىننىڭ چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ئالى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەرەبىستان بېرىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئالى دۇنياغا ئۆزىنى «ھىجاز پادىشاھى» (King of Hejaz) دەپ ئېلان قىلدى.  ھەمدە بىر مەزگىل ئۆزىنى «خەلىپە» دەپمۇ ئاتىۋالدى.  ئالى بۇ ھوقۇقنى ئاران 1924-يىلى 10-ئايدىن 1925-يىلى 12-ئايغىچىلا تۇتۇپ تۇرالىدى.  بۇنىڭ سەۋەبى، ئەنگلىيە ئالىنى بۇ تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش بىلەن تەڭ، يەنە بىر ئەرەبلەر گۇرۇھىنى قوللاپ، ئۇلارغىمۇ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىپ تۇردى.  بۇ گۇرۇھ ئەرەبلەردىن تەركىپ تاپقان، ئۇنىڭ باشلىقىنىڭ ئىسمى «بىن سەھۇد» (bin Saud) بولۇپ، بۇ گۇرۇھ يېتەرلىك دەرىجىدە كۈچەيگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىنىڭ قوللىشى بىلەن، ئالى ھۆسەيىننى ئەرەبىستاندىن قوغلاپ چىقاردى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ئالى ئىئوردانىيىدە ياشاپ، بىر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھالەتتە ئۆلدى.  شۇنداق قىلىپ ھۆسەيىن ئائىلىسىنىڭ مەككىدە 40 ئەۋلاد داۋام قىلغان ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى.  سەھۇد ئۆزىنى دۇنياغا «سەھۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى» دەپ جاكارلاپ، قول ئاستىدىكى زېمىنغا بولسا «سەھۇدى ئەرەبىستان» دېگەن نامنى بەردى.  مانا بۇ بىز ھازىر بىلىدىغان سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىدۇر.

شارىف ھۆسەيىننىڭ 2-ئوغلىنىڭ ئىسمى ئابدۇللاھ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىئوردانىيە بېرىلدى.  ھۆسەيىننىڭ 3 ئوغلىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى مۇشۇ ئابدۇللاھ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «ھېشىمىت ئىئوردانىيە پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى» (King of Hashemite Kingdom of Jordan) دەپ ئاتىدى.  ئابدۇللاھ 1950-يىلىغىچە پادىشاھ بولۇپ، ئۇنىڭ ئوغلى 1952-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە پادىشاھ بولدى.  ئۇ 1999-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ پادىشاھ بولغان بولۇپ، ئابدۇللاھ بۇ ئورۇندا ھازىرغىچە ئولتۇرۇۋاتىدۇ.  يەنى، ھازىرقى ئىئوردانىيىنىڭ پادىشاھى ئابدۇللاھ ئەنگلىيىگە باش ئۇرۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە تۆھپە قوشقان شارىف ھۆسەيىننىڭ چەۋرىسى بولىدۇ.  ئۇ ئەسلىدە مەككىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىئوردانىيەدە ھېچ قانداق يىلتىزى يوق.

ئىلاۋە: مېنىڭ ئۆزەمنىڭ ھېسابلىشى بويىچە، ئىئوردانىيىنىڭ ھازىرقى پادىشاھى ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 43-ئەۋلادى ئىكەن.

شارىف ھۆسەيىننىڭ 3-ئوغلىنىڭ ئىسمى فېيسال (فەئىسال) بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىراق بېرىلدى.  شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى «ئىراق پادىشاھى» دەپ جاكارلىدى.  ئىراقلىقلار فېيسالنى قەتئىي ئۆز ئىچىگە ئالماي، تەختكە ئولتۇرۇپ ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنى تەختتىن چۈشۈرىۋەتتى.  شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئىراقنى باشقۇرۇشقا فېيسالنىڭ بىر قانچە نەۋرە قېرىنداشلىرىنى نۆۋەت بويىچە تەيىنلەپ تۇردى.  1958-يىلى ئىراق ئارمىيىسى قوزغىلاڭ قىلدى. قوزغىلاڭچىلار شارىف ھۆيەسىننىڭ ئىراقتىكى بارلىق تۇققانلىرىنى، يەنى ئەر، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ھەممىسىنى، بىر ئۆيگە يىغىپ، ھەممىسىنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرىۋەتتى.  بۇ ئىشنىڭ بېشىدا تۇرغانلار باشقا ئىراقلىق گېنېراللار بولسىمۇ، شارىف ھۆسەيىن ئائىلىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مەيداندا ساددام ھۆسەيىنمۇ بار ئىدى.  ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ساددام ھۆسەيىن ئىراق ئارمىيىسى ئىچىدە تەدرىجى ھالدا ئۆسۈپ، 1968-يىلى ئىراققا پرېزىدېنت بولۇپ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامېرىكىنىڭ قولىدا ئۆلدى.


9. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە روسىيىنىڭ 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى زېمىن تەقسىماتىدا، يەنى 1920-يىلى، تۈركىيە ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.  بۇ ۋاقىتتا تۈركىيىگە كىرگۈزۈلگەن زېمىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ زېمىنىنىڭ 6 دەن بىر قىسمىغا توغرا كەلدى.  لېكىن، ئەينى ۋاقىتتا ئوسمانلى ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ئىچىدە ئوفىتسېرلىق قىلىۋاتقان مۇستاپا كامال ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىگە قارشى قوزغىلاڭ قىلدى.  بۇ قوزغىلاڭ كېيىن تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئۆزگىرىپ، بۇ ئۇرۇش 1919-يىلى 19-مايدىن 1923-يىلى 24-ئىيۇلغىچە داۋاملاشتى.  تۈركلەر بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، 1923-يىلى 29-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.  بۇ مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيىنى چوڭ بالا-قازادىن 2-قېتىم قۇتۇلدۇرۇشى بولۇپ، يۇقىرىدىكى 2 قېتىملىق توھپىسىنىڭ شان-شەرىپى سۈپىتىدە تۈركلەر مۇستاپا كامالنى «ئاتا تۈرك» دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.  

دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ دېيىشىچە، مۇستاپا كامال ئىسلامغا ناھايىتى ئۆچ بولۇپ، تۈركىيە جۇمھىريىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ دىنىي مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ھىجابنى چەكلىگەن، ۋە قۇرئاننى ئەرەب تىلىدا ئوقۇشنى مەنئىي قىلىپ، ئۇنى تۈرك تىلىدا ئوقۇشنى يولغا قويغان.  

ئىلاۋە: مېنىڭ چۈشىنىشىمچە ئوسمالى ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ھاكىمىيەت بېشىغا بىر توپ قالاق ئىدىيىدىكى ئىماملار چىقىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە چېكىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.  مۇستاپا كامال ئاشۇ سەۋەبلەردىن يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللانغان بولىشى مۇمكىن.  مەن تورداشلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالماي تۇرۇپلا بۇ ئىشنى تالاش-تارتىش قىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈشنى خالىمايمەن.  ئەگەر بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بار قېرىنداشلار بولسا، ئۇلارنى يېزىپ يوللىغان بولساڭلار.  مەن ئۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم.  پەقەت بولمىسا تورداشلار بۇ مەسىلىلەرنى مېنىڭ كېيىنكى ماقالەمنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن تالاش-تارتىش قىلىشقان بولساڭلار.  مېنىڭ كۈچلەرنىڭ بىھۇدە ئىسراپ قىلىنىشىنى كۆرگۈم يوق.

1924-يىلى ئاتا تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خەلىپى ئابدۇلمىجىت (Abdul Majid 2) نى تۈركىيىدىن قوغلاپ چىقاردى.  شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدا بىر خەلىپە تۇرىدىغان دەۋر ئاخىرلاشتى.  خەلىپە ئابدۇلمىجىت 1939-يىلى ئىئوردانىيىدە ۋاپات بولدى.  

دوكتۇر ياسىر قازىنىڭ يەنە بىر لېكسىيىسىدە دېيىشىچە [8]، ھازىردىن باشلاپ زامان ئاخىرى بولغىچە مۇسۇلمانلارغا يەنە بىر قۇتقۇزغۇچى كېلىدىكەن.  بۇ قۇتقازغۇچى مەككىدە تۇغۇلىدىغان بولۇپ، تۇغۇلغاندا قويۇلغان ئىسمى مۇھەممەد ئابدۇللاھ بولىدىكەن.  ھەدىستە بولسا ئۇ «مەخدى» (Mahdi) دەپ ئاتىلىدىكەن.  

ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقالايدىغان بىرەر زاتنىڭ يوقلىقى بىلىنىشكە باشلىدى.  خەلىپە ئابدۇلمىجىتنىڭ ئەڭ كىچىك قىزى شۇ چاغقىچە ئۆتكەن، ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ باي دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئوغلى بىلەن توي قىلدى.  بۇ باي كىشى ھازىرقى ھىندىستاندىكى ھىدەرابادنىڭ ھاكىمى (Nizam of Hyderabad, His Exalted Highness Nizam Sir Mir Osman Ali Khan Siddiqi Asaf Jah VII) بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى بايلىقى 200 مىليارد دوللاردىن كۆپ ئىدى [9].  بۇ ئىككى ئۇلۇغ زاتتىن بولغان بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ ئۆيلۈك بولىشىدىن مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخدىگە ئوخشاش بىر ئۇلۇغ قۇتقۇزغۇچىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى تاما قىلىشقان ئىدى.  ئەمما ئىش ئۇنداق بولماي قالدى.  بۇ بىر جۇپ ئەر-ئايالنىڭ بىر قانچە  پەرزەنتلىرى بار بولسىمۇ، ئۇلار ئۇلۇغ قۇتقۇزغۇچى بولۇپ چىقمىدى.  ئۇ بىر جۇپ ئەر-خوتۇنمۇ كېيىنچە ئاجرىشىپ كەتتى.  ئۇلارنىڭ بالىلىرى ھازىرمۇ ھايات.

سۈرىيە فرانسىيىنىڭ قولىدىن 1946-يىلى مۇستەقىل بولدى.  مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، ئۇنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى ئاساد ئەينى ۋاقىتتا فرانسىيە تەربىيىلىگەن ئالاۋى قاراقچىلىرىدىن بىرىنىڭ ئوغلى بولىدۇ.

سەھۇدى ئەرەبىستان ئەنگلىيىنىڭ قولىدىن 1927-يىلى 20-ماي كۈنى ئازات بولدى.  «سەھۇدى ئەرەبىستان» دېگەن ئىسىمنى ئابدۇلەزىز ئال سەھۇد (Abdulaziz Al Saud) 1933-يىلى قوللىنىشقا باشلىدى.  ئابدۇلازىز 1953-يىلى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 5 ئوغلى نۆۋەتلىشىپ ھوقۇق تۇتۇپ كەلدى.  1953-يىلى ئابدۇلازىزنىڭ ھوقۇقىغا سەھۇد (Saud)  ۋارىسلىق قىلدى.  لېكىن ئۇ قالغان قېرىنداشلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ، 1964-يىلى ئورنىنى فېيسال (Faisal) غا بوشىتىپ بەردى.  فېيسال 1975-يىلى بىرى تۇغقىنى تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىزىغا قالىد (Khalid) چىقتى.  قالىدنىڭ ئورنىغا 1982-يىلى فاھىد (Fahd) چىقىپ، ئاندىن 2005-يىلى ئۇنىڭ ئورنىغا ئابدۇللاھ چىقتى.  ئابدۇللاھ تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە پادىشاھلىق ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتىدۇ.  يەنى، 1953-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان 60 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە، سەھۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھلىقى 5 قېتىم ئالمىشىپ بولدى [10].

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىئوردانىيە ئىنگلىزچە «Hashemite Kingdom of Trasnjordan» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ 1946-يىلى ئەنگلىيىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل بولدى.  ھەمدە ئۇنىڭ ئىسمى 1948-يىلى ئىنگلىزچە «Hashemite Kingdom of Jordan» غا ئۆزگەرتىلدى.  1948-يىلىدىكى ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئابدۇللاھ-1 (Abdullah I) «ئىئوردانىيە ۋە پەلەستىن پادىشاھى» دېگەن تەختكە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھوقۇقى تاكى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئىلاۋە:  تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادى ھازىر يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بازار ئىقتىسادى (emerging market economy) غا كېرىدىغان بولۇپ، دۆلەت يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) جەھەتتە ھازىر دۇنيا بويىچە 17-ئورۇندا، ياۋروپادا بولسا 6-ئورۇندا تۇرىدۇ.  ئۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغان 20 ئەللەر (گ-20) نىڭ بىرى بولۇپ، ياۋروپادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە كىرىدۇ.  تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، توقۇمچىلىق، ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى، پاراخوت، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالىدۇ.  


10. ئاخىرقى سۆز

شۇنداق قىلىپ، بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈن، يەنى 1914-يىلى، ئىسلام خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مۇسۇلمانلار زېمىنىنى بىزگە ھازىر تونۇشلۇق بولغان ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىگە بۆلۈۋېتىشتەك بىر قاتار بالايى-ئاپەتلىك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ باشلىنىشى بولدى.  مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن دۇنيادا پەقەت بىر خىللا مۇسۇلمانلار بار ئىدى.  كېيىن مۇسۇلمان لىدېرلىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق، نام-شۆھرەت، ۋە مال-دۇنيا تالىشىش كۈرەشلىرى ۋە ئىچكىي ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىدە، بولۇپمۇ مىلادىيدىن كېيىنكى 680-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىسى ھۆسەيىن ھازىرقى ئىراقنىڭ  قاربالا (Karbala) شەھىرىدە شىئە سىياسىي گۇرۇھى تەرىپىدىن (ئۇ چاغدا شىئە تېئولوگىيىسى تېخى ۋۇجۇتقا كەلمىگەن بولۇپ، شىئەلەر تېخى بىر سىياسىي گۇرۇھ ھالىتىدە ئىدى) ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار سۈننىي بىلەن شىئەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپكە بۆلۈندى.  ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىككى چوڭ مەزھەپ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن كىچىك گۇرۇھلار ۋۇجۇتقا كەلدى.  مۇسۇلمانلار ھازىر تۆۋەندىكى 9-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك بىر ئىنتايىن چېچىلاڭغۇ ھالەتتە ياشىماقتا.

9-رەسىم (9-resim): مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى 2 چوڭ مەزھەپ ۋە نۇرغۇن كىچىك گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈش ئەھۋالى.  

2010-يىلىغىچە بولغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا [11-12]،  دۇنيادا 1.62 مىليارد مۇسۇلمانلار بار بولۇپ، بۇ دۇنيا نوپۇسىنىڭ 23.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.  بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ 62 پىرسەنتى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا، 20 پىرسەنتى ئوتتۇرا-شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا (يەنى ئەرەب ئەللىرىدە)، 15 پىرسەنتى ساخارا چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەللەردە (Sub-Saharan Africa)، 3 پىرسەنتى ياۋروپادا، ۋە 0.3 پىرسەنتى ئامېرىكا قىتئەلىرىدە ياشايدۇ.  

مەن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كۆرۈش، ۋە تونۇشلۇرۇم بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى غەلىتە ئىشلارنىڭ سادىر بولىۋاتقانلىقىنى بىلدىم.  مەسىلەن، ھازىر ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئارىسىدا «پەقەت قۇرئاننى ئۆگىنىشلا كۇپايە قىلىدۇ، پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق»، «قەغەز پۇللارنى ئىشلىتىش ھارام»،  «ھۆكۈمەتكە ئىشلەش ھارام» دېگەن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر قىسىم قاراشلار مەۋجۇت ئىكەن.  ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بۇنداق چۈشەنچىلەر نەدىن كەلگەن؟  مېنىڭ ئىسلام تارىخى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىمگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى ئەنە شۇنداق سوئاللارغا جاۋاب تېپىش بولدى.  بىر قىسىم ماتېرىياللارنى كۆرۈش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان دىن جەھەتتىكى يۇقىرىقىدەك خاتا چۈشەنچىلەر ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسى ئۈچۈن ئورتاق ئىكەنلىكىنى، ھەمدە سىرتقى مۇسۇلمان دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۇيغۇرلار ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن خېلىلا كۆپ ۋە خېلىلا ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.  بولۇپمۇ بىرلىكنى ساقلاش جەھەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار باشقا بىر قىسىم مۇسۇلمانلاردىن كۆپ ياخشى ئىكەن.  ھازىر ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان دىن جەھەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.  ئىسلام دۇنياسى گۈللىنىپ، ئەڭ يۇقىرى پەلەككە يەتكەندە، ياۋروپانىڭ ئەڭ قاراڭغۇ دەۋرلەر ئىچىدە تۇرغانلىقىنى، كېيىن ئىسلام دۇنياسى ئاجىزلىشىپ تۆۋەنلەپ ماڭغاندا، ياۋروپا گۈللىنىشكە باشلاپ، يۇقىرىلاپ ماڭغانلىقىنى، بىرى تۆۋەنلەپ، بىرى يۇقىرىلاپ، بۇ ئىككى دۇنيا تەخمىنەن 1550-يىللىرى تەرەققىيات سەۋىيىسىدە ئوخشاش بىر نۇقتىغا كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ياۋروپالىقلار داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەڭ ئاخىرى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھالەت شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم.  يەنى، 1550-يىللىرى يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا يۈز بېرىپ قالماستىن، ئۇ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىر قىسمىدىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بىلىۋالدىم.  مەن كېيىنكى بىر پارچە ماقالەمدە ئاشۇنداق مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرىمەن.  تارىخنى ئۇنتۇپ قالغان ۋە تارىختىكى تەجرىبە-ساۋاقلارنى ياخشى يەكۈنلىمىگەن ئادەم ياكى مىللەت تارىخىي خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلىدۇ.  بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان دۇنياسىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى تولۇق ۋە توغرا بىلىۋېلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقالماسلىقىمىز مۇمكىن.  ئەمما، ھېچ بولمىغاندا بىز ئۆزىمىز بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇنداق خاتالىقلارنى قايتا سادىر قىلىشنى ئازلىتالىشىمىز، ھەتتا ئۇلارنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى پۈتۈنلەي ئالالىشىمىز مۇمكىن.  مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ خەلقىمىزگە مۇشۇ جەھەتلەردە ئازراق پايدىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقىدەك پارچىلىنىپ كېتىش، ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تەرەققىياتقا سۇس قاراش، ۋە  تەرەققىياتتا بىر ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى مېنى ئىنتايىن قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ (مەن ئۆزەمنىڭ كېيىنكى ماقالىسىدا بۇ يەردىكى گەپلىرىمگە سانلىق ئىسپاتلارنى كۆرسىتىمەن).  مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۈزىتىش، ئۇلارنى ئانالىز قىلىش، ۋە ئۇلار ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ۋە ياپونلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسى تۆۋەنلىكىنى، ساپانىڭ تۆۋەن بولىشى ئۇلاردىكى دىنغا بولغان خاتا تونۇشلارنى ۋە ئىمان بىلەن ئېتىقادتىكى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئاشۇ خاتا تونۇشلار بولسا ھازىرقىدەك پارچىلىنىشنى، ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تەرەققىياتقا سۇس قاراش پوزىتسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئېتىقادىنىڭ سۇس بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىلانە ئىشلارنى تاللاپ قىلالماسلىقىنى، ئىش قىلغاندىمۇ ئۇلارنى ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن قىلالمايۋاتقانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.  بىر ئادەم «مۇسۇلمانلار نېمىنى تالىشىپ ھازىرقىدەك شۇنچە كۆپ مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى؟  ئۇلار ئۆز-ئارا نېمىنى تالىشىپ ئۇرۇشىدۇ؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ باقسىلا، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نۇقتىلارنى ئاسانلا چۈشىنىۋالالايدۇ.  قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئۈنۈملۈك ئويلىنىپ بېقىشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، مەن مەزكۇر ماقالىنى ھىندىستانلىقلارنىڭ دۇنياغا داڭلىق داھىيسى گەندى (1896 – 1948) نىڭ تۆۋەندىكى بىر قىسىم ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:

--ھەر خىل دىنلار ئوخشاش بىر نۇقتىغا بېرىپ توختايدىغان تارماق يوللارغا ئوخشايدۇ.  بىز پەقەت ئوخشاش مەنزىلگە يېتىپ بارالىساقلا، قايسى يولنى تاللاپ مېڭىشىمىز  مۇھىم ئەمەس.  مېنىڭ بۇددا دىنىم ماڭا ھەممە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.  

--مەن بىز ھەممىمىز ھەر خىل دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئوقۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.  دىن خۇددى بىر كۆپ شاخلىق دەرەخكە ئوخشايدۇ.

--ھەر بىرىمىز باشقىلارنىڭ دىنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزنى ھەتتا باشقىلارنىڭ دىنى توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشتىنمۇ تارتىشىمىز كېرەك.

--ئۆزىنىڭ دىنىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان كەمسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  باشقىلاردىن ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.  ھەممە ئادەملەر ئوخشاش خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ.  بىر دىننىڭ يەنە بىر دىندىن ئۇلۇغراق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ئاللاھسى خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى ۋە بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ ئىشۋارا (Ishvara) سى بىلەن ئوخشاش.  بىزنىڭ دىندىن پەقەت بىرسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجىمىز يوق، بەلكى، بارلىق دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار.

--مەن ئۆزەمنىڭ دىنى خوشنامنىڭكىدىن ئۈستۈنراق تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ، خوشنامدىن ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ دىنىمنى قوبۇل قىلىشنى ئىستىسەم قانداق بولىدۇ؟  مەن خوشنامنىڭ بىر ھەقىقى دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆز دىنىدا ياشاپ، مۇكەممەللىككە يېتەلىشىنىلا ئۈمىد قىلالايمەن ۋە شۇنىڭغا دۇئا قىلالايمەن.

--ئەگەر بىر خرىستىيان مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى بۇددا دىنىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن.  ئۇنىڭغا بۇددا دىنى تەمىن ئېتىدىغان نەرسىلەرنى ئىنجىلمۇ تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى، شۇلارنى تېپىپ چىقىپ، بىر ياخشى خرىستىيان بولۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىمەن.  

--بىز سەجدە ياكى تىلاۋەتنى كالپۇكىمىزدا قىلمايمىز، بەلكى يۈرىكىمىزدە قىلىمىز.  كالپۇكنىڭ تىلىنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يۈرەكنىڭ تىلىنى كىم ئۆگىتەلىسۇن؟  

مۇراجەتنامە:

مەن بۇ ماقالىنى پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ تەييارلىدىم. مەندە بۇ تارىخلارغا ئائىت ئۇيغۇرچە ماتەرىياللار بولمىغاچقا، ئىسىملارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا مەن ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە يۇلغۇن لۇغىتىگە تاياندىم.  بەزى سۆزلەرنى چەت ئەلدىكى دوستلۇرۇمدىن سورۇدۇم.  يۇلغۇن لۇغىتىدىن تېپىلغان سۆزلەرنى ئۆزەم ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان بويىچە ئالدىم. شۇڭلاشقا مەن تورداشلارنىڭ ياردىمىگە مۇختاج.  مېنى تەنقىت قىلسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  مەن ئۇنىڭغا خاپا بولمايمەن.  ئەمما، ئەڭ ياخشىسى ماڭا تەكلىب بېرىڭ.  ئەگەر مېنىڭ توردىكى ماقالىنى تەھرىرلەش ھوقۇقۇملا بولىدىكەن، مەن ماقالەمنى تەكلىبىڭىز بويىچە تۈزىتىپ قويۇشقا تىرىشىمەن.  رەھمەت!


بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ.  


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] 1914: The Shaping of the Modern Muslim World - Part 1 ~ Dr. Yasir Qadhi | 15th January 2014
<
http://www.youtube.com/watch?v=qh9awD5KwNY>

[2] Abu Ammaar Yasir Qadhi
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Abu_Ammaar_Yasir_Qadhi>

[3] بىلىمخۇمار، «ياپونلارنڭ مىللىي روھى»
http://bbs.izdinix.com/thread-57078-1-1.html

[1] 1914: The Shaping of the Modern Muslim World - Part 1 ~ Dr. Yasir Qadhi | 15th January 2014
<
http://www.youtube.com/watch?v=qh9awD5KwNY>

[2] Abu Ammaar Yasir Qadhi
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Abu_Ammaar_Yasir_Qadhi>

[3] Bilimxumar, «Yaponlarnng milliy rohi»
<
http://bbs.izdinix.com/thread-57078-1-1.html>

[4] Osmanli Empire
http://en.wikipedia.org/wiki/Osmanli_Empire

[5] Gallipoli Campaign
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Battle_of_Gallipoli>

[6] The Mongol Invasion and the Destruction of Baghdad
<
http://lostislamichistory.com/mongols/>

[7] Treaty of Versailles
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Treaty_of_Versailles>

[8] THE MAHDI BETWEEN FACT & FICTION - Yasir Qadhi
<
http://www.youtube.com/watch?v=5W_3Gg7rmjo>

[9] Osman Ali Khan, Asaf Jah VII
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Osman_Ali_Khan,_Asaf_Jah_VII>

[10] History of Saudi Arabia
<
http://en.wikipedia.org/wiki/History_of_Saudi_Arabia>

[11] Muslim world
<
http://en.wikipedia.org/wiki/Muslim_world>

[12] Islam by country
http://en.wikipedia.org/wiki/Islam_by_country


1-رەسىم

1-رەسىم

2-رەسىم

2-رەسىم

3-رەسىم

3-رەسىم

4-رەسىم

4-رەسىم

5-رەسىم

5-رەسىم

6-رەسىم

6-رەسىم

7-رەسىم

7-رەسىم

8-رەسىم

8-رەسىم

9-رەسىم

9-رەسىم

2

تېما

0

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:09:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىغا بەك كۈچەپسىز. ئوقۇپ بولۇپ باھا بىرەي، چۈنكى بۇنچە كۈچىشىڭىزدە بىر سەۋەب بار...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22933
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 1720
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:29:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئوقۇپمۇ بولدۇم.
خۇلاسىسى دەل مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئىكەن:

--ھەر خىل دىنلار ئوخشاش بىر نۇقتىغا بېرىپ توختايدىغان تارماق يوللارغا ئوخشايدۇ.  بىز پەقەت ئوخشاش مەنزىلگە يېتىپ بارالىساقلا، قايسى يولنى تاللاپ مېڭىشىمىز  مۇھىم ئەمەس.  مېنىڭ بۇددا دىنىم ماڭا ھەممە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.  

--مەن بىز ھەممىمىز ھەر خىل دىنلارنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىنى ئوقۇشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.  دىن خۇددى بىر كۆپ شاخلىق دەرەخكە ئوخشايدۇ.

--ھەر بىرىمىز باشقىلارنىڭ دىنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەمدە ئۆزىمىزنى ھەتتا باشقىلارنىڭ دىنى توغرىسىدا يامان خىياللاردا بولۇشتىنمۇ تارتىشىمىز كېرەك.

--ئۆزىنىڭ دىنىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ئەڭ ئۇچىغا چىققان كەمسىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  باشقىلاردىن ئېتىقادىنى ئۆزىنىڭكىگە ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىش ئادالەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.  ھەممە ئادەملەر ئوخشاش خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، پەقەت ئېتىقاد قىلىشنىڭ شەكلىلا بىر-بىرىنىڭكىگە ئوخشاش بولمايدۇ.  بىر دىننىڭ يەنە بىر دىندىن ئۇلۇغراق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.  ئىسلام دىنىدىكىلەرنىڭ ئاللاھسى خرىستىيانلارنىڭ خۇداسى ۋە بۇددا دىنىدىكىلەرنىڭ ئىشۋارا (Ishvara) سى بىلەن ئوخشاش.  بىزنىڭ دىندىن پەقەت بىرسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ئېھتىياجىمىز يوق، بەلكى، بارلىق دىنلارغا ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىشقا ئېھتىياجىمىز بار.

--مەن ئۆزەمنىڭ دىنى خوشنامنىڭكىدىن ئۈستۈنراق تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ، خوشنامدىن ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ دىنىمنى قوبۇل قىلىشنى ئىستىسەم قانداق بولىدۇ؟  مەن خوشنامنىڭ بىر ھەقىقى دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئۆز دىنىدا ياشاپ، مۇكەممەللىككە يېتەلىشىنىلا ئۈمىد قىلالايمەن ۋە شۇنىڭغا دۇئا قىلالايمەن.

--ئەگەر بىر خرىستىيان مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى بۇددا دىنىغا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتسا، مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق قىلماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلىمەن.  ئۇنىڭغا بۇددا دىنى تەمىن ئېتىدىغان نەرسىلەرنى ئىنجىلمۇ تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى، شۇلارنى تېپىپ چىقىپ، بىر ياخشى خرىستىيان بولۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىمەن.  

--بىز سەجدە ياكى تىلاۋەتنى كالپۇكىمىزدا قىلمايمىز، بەلكى يۈرىكىمىزدە قىلىمىز.  كالپۇكنىڭ تىلىنى ئۆگەتكىلى بولىدۇ، ئەمما يۈرەكنىڭ تىلىنى كىم ئۆگىتەلىسۇن؟  

سىزگە رەھمەت، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلا دۈشمىنى بار، ئۇ بولسىمۇ ئاشقۇنلۇق.

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   27.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4809
توردىكى ۋاقتى: 1400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 15:52:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ دېگەن يېرىگە بارغىدەك، ئىزدنىش خاراكتىدىكى يازمىدىن  يەنە بىرنى  سۇنۇپسىز.

2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 16:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraturk يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 15:29
ماقالىڭىزنى ئوقۇپمۇ بولدۇم.
خۇلاسىسى دەل مىنىڭ دىمەكچ ...

سىزدىن سوراپ باقسام، باشقىلار سىزنى ئۆز ئىتىقادىڭىزنىڭ تەلىۋىگە مۇۋاپىق ياشاش يولىنى تاللىشىڭىز سەۋەبلىك سىزنىڭ كىيىنىشىڭىز، تۇرمۇش شەكلىڭىز، ياشاش ئۆرپ ئادىتىڭىز قاتارلىقلاردىن چەكلىسە، يەنە يۇقارقى ئالىيىجاناپ قاراشلىرىڭىزدا چىڭ تۇرالارسىزمۇ؟ بىرمىدىكى بۇددىستلاردەك مۇسۇلمانلارنى ئوتلاردا كۆيدۈرۈپ، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرەۋەتسە يەنە يۇقارقى ئالىيجاناپ، يۈكسەك، پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلالارسىزمۇ ياكى ئۆزىڭىز تەنقىد قىلغان ئاشقۇنلۇق يولىنى تاللىۋالارسىزمۇ؟ دۇنيادا ئاشقۇنلۇق دەيدىغان نەرسە ئەزەلدىن  مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت دىيىلسە پەقەت ئۆز ئىتىقادىنىڭ تەلىۋىگە مۇۋاپىق ياشاشنى ئىستەش ئىستەكلىرىلا مەۋجۇت خالاس.

10

تېما

2

دوست

7660

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9848
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 675
تۆھپە : 1929
توردىكى ۋاقتى: 416
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 16:07:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز، قېرىندىشىم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن! بۇ ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، يېقىنقى زامان جاھان تارىخى ھەققىدىكى نەزەر دائىرەم يەنىمۇ كېڭەيدى. نادىر تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي. سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سالامەت، تىنىچ-ئامان ، بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن!...

13

تېما

0

دوست

4047

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   68.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11043
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 520
تۆھپە : 892
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 16:18:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقىدەك پارچىلىنىپ كېتىش، ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تەرەققىياتقا سۇس قاراش، ۋە  تەرەققىياتتا بىر ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى مېنى ئىنتايىن قاتتىق ئېچىندۇرىدۇ .  مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۈزىتىش، ئۇلارنى ئانالىز قىلىش، ۋە ئۇلار ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىش، شۇنداقلا مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ۋە ياپونلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسى تۆۋەنلىكىنى، ساپانىڭ تۆۋەن بولىشى ئۇلاردىكى دىنغا بولغان خاتا تونۇشلارنى ۋە ئىمان بىلەن ئېتىقادتىكى ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، ئاشۇ خاتا تونۇشلار بولسا ھازىرقىدەك پارچىلىنىشنى، ۋە ئىلىم-پەن بىلەن تەرەققىياتقا سۇس قاراش پوزىتسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  ياكى باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، مۇسۇلمانلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە ئېتىقادىنىڭ سۇس بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ ئاقىلانە ئىشلارنى تاللاپ قىلالماسلىقىنى، ئىش قىلغاندىمۇ ئۇلارنى ئاقىلانە ئۇسۇل بىلەن قىلالمايۋاتقانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.  بىر ئادەم «مۇسۇلمانلار نېمىنى تالىشىپ ھازىرقىدەك شۇنچە كۆپ مەزھەپ ۋە گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى؟  ئۇلار ئۆز-ئارا نېمىنى تالىشىپ ئۇرۇشىدۇ؟» دېگەن سوئال ئۈستىدە ئازراق ئويلىنىپ باقسىلا، مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان نۇقتىلارنى ئاسانلا چۈشىنىۋالالايدۇ.




ئوخشاش تۇيغۇ...ئوخشاش ھېسيات...ئوخشاش ئوي-پىكىر..........ئەجرىڭىزگە رەھمەت   قېرىندىشىم ،تېخىمۇ نادىر تىمىلىرىڭىزگە موھتاج بىز..!!

1

تېما

1

دوست

1501

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22356
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 472
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 16:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىلىمخۇمار ئۇستاز، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟
مەن بۇ ماقالىنى ناھايىتى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم. مېنىڭ قارىشىمچە ماقالە ناھايىتى ئەتراپلىق، ئىنچىكىلىك، يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا يېزىلىپ چىقىپتۇ، دەپ قارىدىم. يەنە كېلىپ سىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەشنى تەكرار ئەسكەرتكەنلكىڭىزدىن سىزنىڭ نەقەدەر ئىنسابلىق بىر بىلىمخۇمار كىشى ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرگەندەك بولدۇم. ھازىرچە مەن ئۆزەمگە ۋەكالىتەن سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدىكى بىر قانچە قۇرغا ئوخشىمىغان قارىشىم بار. لېكىن باشقا يەرلىرى ھەقىقەتەن ماڭا نۇرغۇن چۈشىنىشمەسلىكلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى. مەنمۇ بۇ ھەقتە خىلى كۆپ ماتېرىيال كۆرگەن. مەن كۆرگەن ماتېرىياللار ئىچىدە سىز يازغان بۇ تېمىغا ئەڭ مۇناسىۋەتلىك بىر كىتاب بار ئىدى. مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ياكى ئېلكىتاب نۇسخىسىنى سىزگە يەتكۈزۈپ بېرەي... مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرىدىن پايدىلىنارسىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )