قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11529|ئىنكاس: 84

خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەرىزنامە

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

469

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   84.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24387
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 20:26:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەرىزنامە

مۇھەممەد قادىر

        بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكېلاتى يەر ناملىرى موتخەسسلەر گورۇپپىسى ئارقىلىق خەلقارا سوتقا سۇنۇلغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىش تارىخىي دىلوسى ھەققىدە ئىمزالىق ئەرزنامە

      «بالاساغۇن» قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ ئۈچ يېرىم ئەسىرلىك سەلتەنەتىنىڭ توپىنومېيىلىك ھەغداسى سۈپىتىدە «ئوردا كەنت»(قەشقەر) بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان قوش گېزەك ئاتالغۇ بولۇپ، بىرى قىشلىق ئوردا، يەنە بىرى يازلىق ئوردا تەزىردە «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. بۈگۈنكى كۈندە «بالاساغۇن» قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ يازلىق ئوردا مەسىلىسىدىن كۆرە، «بالاساغۇن»دا يارىتىلغان مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنىڭ تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ قايسى ئېتنىك تۈركىمىگە تەۋەلىك مەسىلىسى، سابىق سېۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن «ئىستان»لارنىڭ «ئولجا بۆلۈشۈش»كە ئاجايىپ ئەپلىك پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. تارىختىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خاندانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتنى قۇرغۇچى ۋە ئۇنىڭدىكى بىباھا مەدەنىيەت مۇۋەپپەقيەتلىرىنىڭ ھەغداسى بولغان ئۇيغۇرلار ئاتالمىش بۇ «ئىستان»لارنىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇراسىمىغا ئۆز ئەجدادىنى ۋە ئەجدادىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەلەملىك ئۇھسىنىشلىرى بىلەن مەجبۇرى سوۋغا قىلىپ، تارىخى قېرىنداشلىق ۋە يېقىن خوشنىدارچىلىقىنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنىڭ «قىيامەتلىك دوست»لۇق قىلمىشىدىنمۇ زىيادە ئېشىپ كېتىشىدىن لەۋ چىشلىمەكتە... بۇنىڭ تىپىك مىسالى، «بالاساغۇن»نىڭ تارىخى ئورنى ۋە «بالاساغۇن»غا مۇناسىۋەتلىك  مەھمۇد كاشغەرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن ئىبارەت ئىككى ئالىمنىڭ ئاۋال قايسى مىللەت ئىپتىخارىغا تەۋە مەسىلىسى بولۇپ ئىپادىلەندى. گەرچە، بۇ ئىككى ئالىمدىن پەخىرلىنىش پۈتكۈل تۈركىي مىللەتلىرىگە ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارغا تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ مۇئەييەن خاسلىق تامغىسىنى بېسىش، بۈگۈنكى ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشتا بىباھا قىممەتكە ئېگە. شۇڭا «خەلقارا سوت» تەرىپىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىش تارىخىي دىلوسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، «بالاساغۇن»نىڭ تارىخى ئورنىغا بولغان ھەغدالىق ھوقۇقىمىزنىڭ ئادىل، ھەققانى يوسۇندا قايتىدىن ئايرىۋاشلىنىشى، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى تەشكىل قىلغۇچى بارلىق ئەزالارنىڭ تەخىرسىز تەلىۋىدۇر.
     سابىق سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخ تەتقىقاتچىسى بارتولد «تۈرك تارىخىدىن 12 لېكسىيە» ۋە «يەتتەسۇ تارىخى ئوچېرىكلىرى»دىن ئىبارەت ئىككى كىتابىدا «بالاساغۇن»نىڭ تارىخى ئورنىنى ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماققا تەخمىنى ھالدا موقۇملاشتۇرۇپ، يولغا قويغىلى بولمايدىغان ئېغىر تارىخى مەنتىقىسىزلىكنى پەيدا قىلىپ، بۇ مەسىلىنىڭ نەچچە ئون يىل ھەل قىلىنماي تاكى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمىلىيەتتە، بارتولدنىڭ «بالاساغۇن»نىڭ تارىخى ئورنى ھەققىدىكى تەخمىنى ھۆكۈمى، «تۈركىي تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى»نىڭ ئورنىنى قەستەن ئالماشتۇرىۋېتىش ئارقىلىق چىقىرىلغان ساختا ھۆكۈم بولۇپ، بۇ ھۆكۈمنىڭ ساختىلىقىنى «خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەرزنامە»نىڭ تۆۋەندىكى كونكىرت تەپسىلاتى ئارقىلىق پەرىق ئېتىش ئانچە قىيىن ئەمەس.


  1. «تۈركىي تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشىنى بايقاش ۋە ئۇنى بۈگۈنكى ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق دەلىللەش يولى
Kashgari_map.jpg

     1- رەسىم، تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھرى خەلق كۈتپخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان ھازىرقى بىردىن بىر قول يازمىسى بولغان  مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»غا كىرگۈزۈلگەن قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ زىمىن تەۋەلىك ئەسلى خەرىتىسى ۋە ئەسلى خەرىتىنىڭ تور مەنزىلى
balasaghun-koqkarbaxi.jpg
2- رەسىم، «تۈركىي تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» ئورنىنىڭ چوڭايتىلغان كۆرۈنىشى  
katlinixizi.jpg
3- رەسىم، خەرىتىنىڭ قاتلىنىش سىزىقىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئەرەپچە يېزىلغان «بالاساغۇن» دېگەن خەتنىڭ يۇقۇرى تۆۋەندىكى خەتلەر بىلەن بولغان سېلىشتۇرما پەرقى

    بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رەسىمدىكى «بالاساغۇن» دېگەن خەتنى خەرىتىدىكى باشقا بارلىق خەتلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلغىنىمىزدا، ئۇنىڭ ئىنتايىن تۇتۇق (غۇۋا) ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئەسلى خەت ئورنىنىڭ قىرىپ ئۆچۈرۈلۈپ قايتا يېزىلغانلىقىنى بايقايمىز.
     ئۈچىنچى رەسىمدىكى «بالاساغۇن» دېگەن خەتنى باشقا خەتلەر بىلەن سېلىشتۇرما قىلغىنىمىزدا، بۇ ھەقتىكى گۇمانىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. خەرىتىگە قاراپ بەزىلەر: -«بالاساغۇن دېگەن خەت خەرىتىنىڭ قاتلىنىش سىزىقى يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن تەكرار قاتلىنىشتىن غۇۋالىشىپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن» -دەپ ئالدىراپ چۈشەنچە بېرىشى ئىھتىمال. ئەمەلىيەتتە، ئۈچىنچى رەسىمدىكى خەرىتىنىڭ قاتلىنىش سىزىقىغا تېخىمۇ يېقىن بولغان «بالاساغۇن»دىن باشقا خەتلەرنىڭ ناھايىتى ئېنىق، تېخىمۇ روشەن ھالەتتە ساقلىنىپ، تەكرار قاتلىنىشنىڭ تەسىرىگە پەقەتلا ئۇچرىمىغان.
«بالاساغۇن» بىلەن «قوچقار باشى»نىڭ ئىككىنچى رەسىمدىكى ئورنىغا تېخمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالساق ھەر ئىككى ئورۇندىكى خەتنىڭ قىرىپ ئۆچۈرۈلگەندىكى قېلىپ قالغان غۇۋا ئىزناسى، بولۇپمۇ «بالاساغۇن» دېگەن خەتنىڭ قىرىپ ئۆچۈرگەندىكى ئىزى خېلىلا ئېنىق ساقلىنىپ قالغان.
دېمەك، خەرىتىدىكى «بالاساغۇن» ۋە «قوچقار باشى»دىن ئىبارەت ئىككىلا خەتنىڭ قىرىپ ئۆچۈرۈلىش ئىزناسىغا قارىغاندا، قانداقتۇ بىراۋنىڭ بۇ ئىككى ئورۇننى ئالماستۇرىۋېتىش قەستىدە بولغانلىق ئىھتىمالى مەۋجۇت. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا، «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقار باشى»نىڭ ئورنى ئۆز ئارا ئالمىشتۇرىۋېتىلگەن بولۇپ، خەرىتىدىكى «بالاساغۇن»نىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا «قوچقار باشى» يېزىلىپ، «قوچقارباشى»نىڭ ئەسلىدىكى ئورنىغا «بالاساغۇن» يېزىلغان.
خەرىتىدىكى بۇ ئىككى ئورۇننىڭ ئۆز ئارا ئالمىشىپ قېلىشىنى بۈگۈنكى ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق دەلىللەشنىڭ چارىسى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، بىرىنچىدىن، «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» دېگەن خەتنى ئازغىنە قىرىپ، بۇ ئىككى ئورۇندىكى خەت رېڭىنىڭ خېمىيىلىك ئانالىزى بىلەن خەرىتە يۈزىدىكى ئەسلىدىكى خەت دەپ قارالغان خەت رېڭىنىڭ خېمىيىلىك ئانالىزىنى سېلىشتۇرما قىلسىلا مەسىىلىنىڭ ماھايىتى تولۇق ئاشكارىلىنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى»نىڭ خەرىتىدىكى ئورنىنى بىرنەچچە ھەسسە چوڭايتىپ قارايدىغان بولسا، بۇ ئىككى ئورۇندىكى ئەسلىدىكى خەتنىڭ قىرىلغاندىكى غۇۋا ئىزى ھازىرغىچە يوقالماي ساقلىنىپ قالغان بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، قىرىلغان ئورۇن بىلەن قىرىلمىغان ئورۇن قەغەز يۈزىنىڭ نېپىز، قېلىنلىقىدىمۇ ئىنچىكە پەرىق بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، خەرىتىدىكى ئەسلىدىكى خەت نۇسخىسى بىلەن «بالاساغۇن» ۋە «قوچقارباشى» خەت نۇسخسىنىڭ ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ بېقىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدىكى قەغەز بىلەن خەرىتە سىزىلغان قەغەزنىڭ ئوخشاش ياكى ئوخشاش ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك؛ ئالتىنچىدىن، خەتنى ئۆچۈرمەي ياكى قىرىپ چىقىرىۋەتمەي ئۇستىلىق بىلەن «بالاساغۇن»نى «قوچقار» دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىپ «باشى»نى ئىككىنچى قۇرغا يېزىش، ھەمدە «قوچقار»نى «بالاساغۇن» دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىپ، ئىككىنچى قۇرغا يېزىلغان «باشى»نى ئۆچۈرۈش ئىھتىماللىقى (مۇشۇ سەۋەپلىك ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى «بالاساغۇن»نىڭ ئاستىدىكى ئىككىنچى قۇرغا يېزىلغان «باشى» دېگەن خەتنى قىرىپ ئۆچۈرۈشنىڭ ئىزى بىر قەدەر ئېغىرراق ھالەتتە بولۇپ، بۇ سەۋەپلىك «قوچقارباشى» دېگەن خەتكە قارىغاندا «بالاساغۇن» دېگەن خەت ئىنتايىن تۇتۇق بولۇپ قالغان)؛ يەتتىنچىدىن، نامەلۇم ئاپتۇر تەرىپىدىن يېزىلغان «ھودۇدۇل ئالەم»گە كىرگۈزۈلگەن خەرىتىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى» خەرىتىسىدىكى ئۆزگەرتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى «بالاساغۇن» ئورنىنىڭ خاتالىق پەرقىنى تېپىپ چىقىش. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «ھودۇدۇل ئالەم»دىكى خەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن «بالاساغۇن»نىڭ ئورنىنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، «ھودۇدۇل ئالەم»دىكى خەرىتىمۇ 1968-يىللىرى سىرلىق ھالدا غايىپ بولغان. مەزكۇر خەرىتە قايتا بايقالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ قىسمىتى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى»نىڭ ئالمىشىپ قېلىش ھادىسىسىدىنمۇ ئېغىر بولىشى مۇمكىن. چۈنكى، چارروسىيە ۋە سېۋىتلەر ئىتتىپاقىنىڭ سىياسى مەقسىدى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان بارتولدنىڭ ئاتالمىش ئىلمى ھۆكۈملىرى ئىچىدە «بالاساغۇن»نىڭ ئورنى ھەققىدىكى قاراشلىرى «يەتتەسۇ تارىخى ئوچىرىكلىرى» ۋە «تۈرك تارىخىدىن ئون ئىككى لىكسىيە»دە بەرقارارلىشىپ، بارلىق تارىخچىلار جۈملىدىن ياۋرۇپا تارىخچىلىرىنىڭ كاللىسىدىمۇ ئاخىرقى ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتىرىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق، بۇ ساختا ھەقىقەتنىڭ دەل ئەكسىچە بولغان «ھودۇدۇل ئالەم»دىكى خەرىتىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۇنى سەكرات ئازابىدەك قىينىدى بولغاي، ئاقىۋەت، «بالاساغۇن»نىڭ ھەقىقى ئورنىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ بىباھا گۆھەر خەرىتىمۇ يوقۇلۇش ھالاكىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى.        

  2. خەرىتىدىكى «بالاساغۇن» بىلەن «قوچقارباشى» ئورنىنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى ھەققىدىكى گۇمانى قاراشنى ئوتتۇرغا قويغۇچىنىڭ بايانى ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ تېپىلىش جەريانىدىكى سىرلىق شەخىسلەر

«بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە»نىڭ ئاپتورى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «... بۇ يەر شەكلى («تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى خەرىتە) كىم تەرىپىدىن سىزىلغانلىقىنى ياكى بىزنىڭ قولىمىزغا كەلگىچە قانداق ئۆزگۈرىشلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ.» دېگەن بايانى بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «بالاساغۇن»نىڭ خەرىتىدىكى جايلاشقان ئورنىغا بولغان گۇمانى قارىشىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغان كىشى.
«تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ  ئوسمانلى ئىمپىراتورلىقىنىڭ سابىق مالىيە ۋەزىرى نازىف پاشانىڭ كۈتۈپخانىسىدا بايقىلىشى ئاجايىپ تاسادىپىلىق بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كىتاپنى مالىيە ۋەزىرلىك سالايىتى بىلەن  ئەنگىلىيە، گىرمانىيە ياكى روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەتكە چىققاندا سېتىۋالغانمۇ ياكى جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ بىرىنچى جاھان ئۇرىشى ھارپىسىدا شەرىق ئەللىرىنى مونىپولىيە قىلىشىغا تارىخى ئاساس سالغان ھالدىكى سىياسى ئويۇن بىلەن سوۋغا قىلىنغانمۇ بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردە ئەنگىلىيە قاتارلىق بىرقانچە دۆلەت كونسىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى روسىيەنىڭ شەرىقكە بولغان مۇتلەق ھوكۇمرانلىقىغا ئېغىر بىر تەھدىت بولۇپ، تارىخى ئورنى ئېنىقسىز بولىۋاتقان «بالاساغۇن»نىڭ ئەينى شارائىتتا روسىيە تېرىتورىيىسى دائىرسى ئىچىدە قىلىپ كۆرسىتىلىشى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تارىخى ئاساسى بولۇپ قالاتتى. بۇ خىل سىياسى غەرەزنى نەزەرگە ئالغاندا نازىف پاشانىڭ 1910-يىلدىن 1914-يىلىغىچە بولغان تۆت بەش يىل ئىچىدە روسىيىدە زىيارەتتە بولۇش خاتىرىسىگە نەزەر سېلىپ بېقىش كېرەك. يەنە كېلىپ، نازىف پاشانىڭ يۇقۇرى ئەمەل تاجى بىلەن «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن ئىبارەت تۈركى مىللەتلىرىنىڭ تىل ئامبىرى بولغان بۇ بۈيۈك شاھانە كىتاپنى ئەرەپچە يېزىق ھالىتىدە باشقىلارغا ئوقۇتۇپ بېقىش قۇلايلىقى ھازىرلانغان تۇرۇقلۇق، ئېرەنسىز ھالدا يوچۇن بىر ئايالغا سوۋغا قىلىۋېتىشى بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرىۋەتكەن. ھاتتا، مەزكۇر سوۋغىغا ئېرىشكەن بۇ ئايالنىڭ ئىستانبۇل كوچىلىرىدىكى كىتاپپۇرۇشلار ئالدىدا پەيدا بولىشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئەھۋال...

  3. «بالاساغۇن»نىڭ ئاتۇشتا ئىكەنلىكىنىڭ رەت قىلغۇسىر تارىخى پاكىتلىرى ھەققىدە

      ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  «بالاساغۇننىڭ ئورنى مەسىلىسى ھەققىدە» تەتقىقاتى ئارقىلىق «بالاساغۇن»نىڭ ئاتۇشتا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشنى تۈنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويغىچى ئەمەس. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقى ۋە سەلەيھاجى داموللام قاتارلىقلار «بالاساغۇن» ئاتۇشتا دېگەن قاراشنى ئىزچىل تەكىتلىگۈچىلەر بولۇپ، دىنىي ئالىم زەينۇلئابىددىن مەۋلەۋى داموللاھاجىم «بالاساغۇن» ئاتۇشتا دېگەن تامغىلىق ئىسپاتنامەنىمۇ يازغان. ھەتتا سەلەيھاجى داموللام، رەھىم مۇسالار باشقا سەۋەپلەردىن كۆرە «بالاساغۇن» ئاتۇشتا دېگەن قاراشلىرى بىلەن سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىشكەك تۈرمىسىدە ياتقان. ئەمدىلىكتە، بۇ پىشىۋالارنىڭ «بالاساغۇن» ھەققىدىكى قارىشىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن «خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەزىرنامە» دەرىجىسىگە كۆتىرىۋاتقان پېقىرمۇ بىر قىسىم رەت قىلغۇسىز پولاتتەك پاكىتلارنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق خەلقئارا سوتنىڭ ئادىل، ھەققانى ھۆكۈمىنى كۈتمەكتىن باشقا ئامالى يوق.

      بىرىنچى دەلىل
      «...بالاساغۇن شەھرىمۇ <قۇز ئوردا> دىيىلىدۇ.»، «ئوردا. بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر...»، «ئوردا، خان شەھرى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ، خانلار تۇرىدىغان قەشقەر شەھرى <ئوردا كەند> دىيىلىدۇ.» («دىۋان»، 1-توم، 168-بەت). مەھمۇد كاشغەرى بۇ ئىزاھاتىدا «بالاساغۇن»نى «قۇز ئوردا» تەرىزدە ئېلىپ، «ئورداكەند» (قەشقەر)نىڭ قىشلىق ئوردا، «بالاساغۇن»نىڭ يازلىق ئوردا بولغانلىقىدىن تارىخى ئۇچۇر بەرگەن. «بالاساغۇن»نىڭ يازلىق ئوردا ئىكەنلىكىدە پۈتكۈل تارىخ تەتقىقاتچىللىرىنىڭ قارىشى تامامەن بىردەك. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ بارتولد ئەخمىقانە ھالدا «بالاساغۇن»نىڭ تارىخى ئورنىنى ئىلىك خانلىق (بېقىندا خانلىق) دائىرىسىدە دەپ پەزەر قىلىدۇ. قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ مەركىزى خانلىقتىكى يازلىق ئوردىسى بولغان «بالاساغۇن»نى ئىلىك خانلىق (بېقىندا خانلىق) دائىرىسىدە دېگۈچىلەرنىڭ ھۆكۈمىگە كىچىك بالىلارمۇ ئىشەنمەيدۇ ئەلۋەتتە. گەرچە بىر مەرگىزى خانلىق ۋە ئىككى ئىلىك خانلىق ئەندىزىسى مىڭىنچى يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ تۇنجى قۇرغۇچىسى بىلگە كۆل قىدىرخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بازىر ئارىسلانخانغا «ئوردا كەند» ۋە «بالاساغۇن»نى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى؛ ئۇغۇلچاق تېكىنگە تالاس دائىرىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىپ، بىر پۈتۈن قاراخانىلار دۆلىتىنى بىر مەرگىزى خانلىق ۋە بىر ئىلىك خانلىق (بېقىندا خانلىق)-دەپ ئىككىگە ئايرىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۇرگەن ئىدى. بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئىلىك خانلىققا مەسئۇل ئوغۇلچاق تېكىن تەۋەلىكىدىكى تالاستا مەرگىزى ھاكىمىيەتنىڭ يازلىق پايتەختى «بالاساغۇن»نىڭ بولىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. قاراخانىلار خاندانلىقى ئۆزىنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق مەرگىزى ئوردىسى بولغان «ئوردا كەند» (قەشقەر) بىلەن «بالاساغۇن» ئورنىنىڭ كارۋانلار مۇساپىسىدىكى ئون كۈندىن ئارتۇق مېڭىشقا تېگىشلىك يول ئارلىقىدا بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تارىخى مەنتىقىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس. مىلادى 893-يىلى ئەھمەد سامانى باشچىلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى تالاس ۋە چۇ ۋادىسىنى پەتھى قىلغاندا ئوغۇلچاق تېكىن مەغلۇپ بولۇپ قېرىنداش ئاكىسى بازىر ئارىسلانخان تۇرىۋاتقان ئاتۇش («بالاساغۇن»)غا چۈشمەستىن بىۋاستە ئوردا كەند (قەشقەر)گە چېكىنىدۇ. ئوغۇلچاق تېكىننىڭ تالاستىن چېكىنگەندە ئاكىسىنىڭ يېنىغا چۈشمەسلىكىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ، بىز يۇقۇردا تىلغا ئالغان  «بالاساغۇن» تەۋەلىك ئىپتىخارىنىڭ ئاكىسىغا مەنسۇپلىقىدىن بولغان.   

ئىككىنچى دەلىل
   «ئارغۇ- ئىككى تاغ ئارىسى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ <ئارغۇ> دىيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ يەرلەر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا.» («دىۋان»، 1-توم، 172-بەت). بۇ يەردىكى «ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ» ھەقىقى ئۆلچىمى مۇئەييەن يۆنىلىشتىكى بىرلا تاغنىڭ چوڭ-كىچىك جىلغىلىرىدىكى يۇرتنى كۆرسەتمەيدۇ ئەلۋەتتە.  ئەگەر بىز يۇقارقى «ئىككى تاغ ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ ئارغۇ دىيىلىدۇ» دېگەن ھۆكۈم بويىچە غەرىپتىن شەرقكە تۈز سىزىق شەكلىدە سوزۇلغان تالاستىن توقماققىچە بولغان بىرلا تاغنىڭ شىمالى ئېتىكىدىكى يۇرتلارنى «دىۋان»دىكى «ئارغۇ» ئۆلچىمىگە توشۇدۇ دەپ قارىساق، مەزكۇر تاغنىڭ شىمالىدا يەنە بىر پاراللىل تاغ مەۋجۇت ئەمەس. ھەتتا بۇ دائىرىدە «دىۋان»دىكى «ئارغۇ شەھەرلىرى» دېگەن كۆپلۈك ئاتالغۇسىغا ئۇيغۇن كەلگىدەك بىر نەچچە ئارغۇ شەھەرلىرىنى ئۈچرىتىش تېخىمۇ قىيىن. ئۇنداقتا بۇ ئىككى تاغ ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئارغۇ شەھەرلىرىنى قايسى يۆنىلىشتىن ئۈچراتقىلى بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما ئۇ يۇرتلار ھەرگىزمۇ تالاس بىلەن توقماق ئارىسىدا ئەمەس، بەلكى تالاس بىلەن ئارتۇش ئارىسىدىكى ئارغۇغا مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە يۇرت نامىدىن ئىبارەت. ئۇ بولسىمۇ ئۆزبېكىستاندىكى «ئارغۇ»، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئارتۇش شەھرىگە قاراشلىق «ئارغۇ» يېزىسى، ئارتۇش شەھرىگە قاراشلىق «تۆگۈرمىتى» (تەگ ئار ئاتام-ئارغۇ شەھەرلىرىنى قۇرغۇچى ئاتا دېگەن مەنىدە) يېزىسى ۋە ئارتۇش (ئارتۇشمۇ قۇمال تاغ بىلەن بوز تاغنىڭ ئارىسىدا بولغاچقا «ئارتۇش»تىكى ئىككى بوغۇمنىڭ بىرىنچى بوغۇمى «ئار» بىلەن باشلانغان) شەھرىدىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى دەلىل
    بىز، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئارغۇ شەھەرلىرى»نىڭ ئۆلچىمىگە قارايدىغان بولساق، «بالاساغۇن»نىڭ ئورنى ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنداقتا، تالاستىن توقماققىچە بولغان ئارىلىقتا ھېچقانداق ئارغۇ شەھەرلىرى بولمىغان ئەھۋالدا، ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ چېتى بالاساغۇنغا توقماقنى (بارتولدنىڭ توقماق- بالاساغۇن قارىشىنى) ۋەكىل قىلىپ ئېلىشقا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. پەقەت ۋەپەقەت ئارتۇشنىڭ توپىنومېيىلىك جايلىشىش ئورنىلا «بالاساغۇن» ئارغۇ شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ چېتىگە جايلاشقان دېگەن ئۆلچەمگە تامامەن ئۇيغۇن. چۈنكى، ئارتۇشنىڭ شەرقى ۋە جەنۇبىدا ئىككى تاغ ئارىسىدىكى يەنە بىر ئارغۇ مەۋجۇت ئەمەس.

تۆتىنچى دەلىل
    بىز، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئارغۇ- ئىككى تاغ ئارىسى. بۇنىڭدىن ئېلىنىپ تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەرمۇ <ئارغۇ> دىيىلىدۇ، چۈنكى ئۇ يەرلەر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا.» دېگەن ئىزاھاتنى تەكشىلىكتىكى ماتېماتىكىلىق نوقتا بەلگىلەش قائىدىسىدىن بايدىلىنىپ «ئارغۇ شەھەرلىرى»نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تالاس بىلەن «بالاساغۇن»نى بىر تۈز سىزىق ئارقىلىق تۇتاشتۇرساق، بۇ تۈز سىزىقنىڭ شىمالى نوقتىسى تالاس، ئەڭ جەنۇبى نوقتىسى «بالاساغۇن» (ئارتۇش) بولۇپ چىقىدۇ. مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «...تىراز (تالاس) بىلەن بالاساغۇن ئارىسىدىكى شەھەرلەر...» ئىزاھاتى مەۋجۇتلا بولىدىكەن «بالاساغۇن»نىڭ ئارتۇشتا ئىكەنلىگىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى ھەقىقەتنى ئۆزگەرتىشكە قۇدرەت ئېگىسىدىن باشقا ھېچكىم قادىر ئەمەس.

بەشىنچى دەلىل
    «قىرغىز س س س ر تارىخى» («يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت»، 188-بەت) ناملىق كىتاپتا   10-ئەسىردىكى باغداد ئەلچىسى قۇدامى ئىبىن جەففارنىڭ تالاستىن چىنغىچە بولغان مۇساپە تەپسىلاتى ئىچىدە، بارىسقان بىلەن چىننىڭ ئارىلىقى 15 كۈنلۈك مۇساپە -دەپ ئېلىشتا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قاراخانىلار خانلىقى تەۋەلىكىنى غەبى ئاسىيالىقلارنىڭ «چىن» نامى بىلەن ئاتاش ئادىتىگە ئاساسلانغان. بولۇپمۇ، قەدىمكى خوتەن ۋە قەشقەرنىڭ «ماچىن» دەپ ئاتىلىشى تۈپەيلىدىن، بارىسقاندىن چىنغىچە بولغان مۇساپە، مەھىيەتتە بارىسقاندىن قەشقەرگىچە بولغان مۇساپىنى كۆرسەتكەن. ئەمەلىيەتتىمۇ، بارىسقاندىن بەدەلئارت، ئۈچتۇرپان ۋە توشقان دەرياسىنى بويلاپ تاغ ئارىلاپ قەشقەرگە كېلىشتىمۇ 15 كۈنلۈك يول بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنە شۇ «قىرغىز س س س ر تارىخى» دېگەن كىتاپنىڭ 144-بېتىدە قەشقەر بىلەن «بالاساغۇن» نامىنىڭ بىللە تىلغا ئېلىنغانلىقى، ئىختىيارسىز ھالدا «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئوردا (ئورداكەند) بالاساغۇنغا يېقىن بىر شەھەر. بالاساغۇن شەھرىمۇ قۇز ئوردا دىيىلىدۇ.» (1-توم، 168-بەت) دېگەن ئىزاھاتنى ئەسكە سېلىپ، قىشلىق ئوردا قەشقەر بىلەن يازلىق ئوردا بالاساغۇن ئارلىقىنىڭ ئىنتايىن يېقىنلىقىنى تەھقىقلەيدۇ.   

   ئالتىنچى دەلىل
   «بالاساغۇن»نىڭ ئارتۇشتا ئىكەنلىىكىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى ھەقىقەتنى، ھازىرقى ئارتۇش شەھرىگە قاراشلىق يېزا، كەنت ۋە مەھەللىلەرنىڭ تارىخى نامى تولۇق ئىسپاتلاش كۈچىگە ئېگە. 1) ھەسسۇلتۇنۇم مازىرى (ئەزىز سۇلتانەم مازىرى- سۇلتان ساتۇق مازىرى)؛ 2) مەھشەد (سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋە ئەبۇ ناسىر سامانى قەبرىسى بار يۇرت بولغاچقا، ماھى شەھىد-  ئايدەك شېھىدلىك دەپ ئاتالغان)؛ 3) شالا كوچىسى (شاھلار كوچىسى-شاھلار يولى-شاھلار مەھەللىسى)؛ 4) سۇنتاغ (سۇن تەخت -ئالتۇن تەخت «سۇن-نوكچا ئالتۇن» «دىۋان»، 3-توم، 189-بەت)؛  5) تەختىيۇن (ھونلار تەختى)؛ 6) ساغان مەھەللىسى (بالاساغۇندىكى ساغۇن)؛ 7) بەخشەندى خوجام مازىرى (ئىسلام دىنى تەشۋىقاتىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشى)؛ 8) ھونتىساغ (ھونلار، تۇرانلار، ساكلار)؛ 9) ئاچىغ (ئارغۇ تەۋەسىدە) «ئاچىغ- خان مۇكاپاتى» «دىۋان»، 1-توم، 85-بەت)؛ 10) توغراغ («تۇغراغ- خان مۆھىرى»، «دىۋان»، 1-توم، 603-بەت)؛ 11) قۇغساي (قۇزساي-شورۇققا تەۋە ئىچكىرى باچاڭ قىرغىز ئۆلدىنىڭ سول تەرىپىدىكى ساينىڭ نامى)؛ 12) قاراقىز (قاراقۇز-قۇرۇتقىنىڭ شىمالىدىكى ئايۋانتاغ ئېتىكىنىڭ شىمالى تەسكەي يايلىقى)؛ 13) جايپاچچىم-جاي ئاتام (سۇلتان ساتۇق بۇغرا قاراخان ئىمان قوبۇل قىلغان جاي)؛ 14) تۆگۈرمىتى (تەگ ئار ئاتام-ئارغۇ شەھەرلىرىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئەجدات ئاتىسى)؛ 15) كۆكتام (كۆك ئاتام)؛ 16) كۆمۈش ئاتام؛ 17) مومپاتلام (موم ئاتام- قارا ئاتام)؛ 18) مۇرتۇم (مۇر ئاتام- قاراخان ئاتام «مۇر-قارا» «دىۋان»، 1-توم، 447-بەت)؛ 19) كونا مۇرتۇم؛ 20) خانسۇپا؛ 21) قاراسۇ (قاراخانىلار قوشۇنى. «سۈ- قوشۇن، ئەسكەر...»، «دىۋان»، 3-توم، 288-بەت)؛ 22) باش سۇغۇن (ساغۇن)؛ 23) ئاياغ سۇغۇن(ساغۇن)؛ 24) سۇغۇن ئاغزى.
     بارتولد «بالاساغۇن»نىڭ توقماقتا ئىكەنلىكىدەك توپىنومېيىلىك پاكىتلارنى كۆرسەتكەندە توقماق، ئاق پىشىم، چۇئاب ۋە بۇرانا (مۇنارە) ئارقىلىقلا چەكلەنگەن.

     يەتتىنچى دەلىل
     «بالاساغۇن» قاراخانىلار خاندانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قىدىرخان، بازىر ئارىسلانخان ۋە ئوغۇلچاق سەلتەنەت دەۋرىدە دۆلەت ئىپتىخارى نامىدا ناايىتى كۆپ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇ ئۈچ پادىشاھنىڭ بۇددا دىنىغا ئىتىقات قىلىشى بۇنىڭدىكى تۈپكى ئاساسى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. ئەمما، قاراخانىلار خاندانلىقى تارىخىدىكى تۆتىنچى پادىشاھ  سۇلتان ساتۇق ئابدۇلكەرىم بۇغرا قاراخان سەلتەنەتىگە يەتكەندە، بۇددا دىنىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىپ، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىپ، بۇ ئىككى خىل ئىتىقاد شەكلىنىڭ كەسكىن پەرقى، ئەينى ۋاقىتتىكى گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىلار خانلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئۇيغۇر خانلىقىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى «تات ئۇيغۇر» ۋە ئىسلامى ئۇيغۇر (تۈرك) دەپ ئىككى قارمۇ-قارشى توپقا ئايرىۋېتىشتەك دەۋىر بۆلگۈچ تەسىرىنى كۆرسەتتى. ئوخشاش بىر پۈتۈن مىللەت ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان بارلىق ئۇيغۇر ئەزالىرىنىڭ ئىتىقاتتا ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتەك كەسكىن زىددىيىتى، تەبىئىي ھالدا قاراخانىلارنىڭ زىمىن تەۋەلىكىدىكى بۇددىزىم ئەقىدە ئەنئەنىسى بىلەن جابدۇنغان ۋە بېزەندۈرۈلگەن شەھەرلەر ئۇرۇپ چېقىش ۋە كۆيدۈرۈش تەقدىرىگە دۇچ كەلدى. گەرچە، «بالاساغۇن-قۇز ئوردا» (يازلىق ئوردا) سالاھىيىتىدە بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئېگە بولغان بۇددا ئىبادەتخانىسى، ئىتىكاپخانا، ھەرخىل قىياپەتتىكى ئىلاھلارنىڭ ھەيكەللىرى ۋە ئەم-ئىرەم جابدۇقلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى سەزگۈر جىددى مەسىلە ئىدى. بۇ مەسىلىنىڭ كەسكىن ۋە جىددىلىكى بۇددا ئىتىقادىنىڭ ئۇيغۇر روھىيىتىگە چوڭقۇر سىڭىشىپ كېتىش تارىخى مەسىلىسىدىن كۆرە، تېخىمۇ موھىمى، شەكىلدە ئىسلامنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىتىقادىغا يېنىۋېلىش خۇپىيانە ھەركەتلىرى، خاندانلىق ئەمەلدارلىرىنىڭ بولۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ نوپۇزلۇق تەشۋىقاتچىسى ئەبۇناسىر سامىنىنىڭ تەخىرسىز ۋە كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش ئوبىكتى ئاۋال «بالاساغۇن»غا مەرگەزلەشتى. نەتىجىدە، «بالاساغۇن»- بۇددىزىم بالاساغۇن ۋە ئىسلامى بالاساغۇن دەپ ئىككىگە ئايرىلىپ، ئەسلىدىكى «بالاساغۇن» ئوردىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئۇرۇپ-چېقىپ، كۆيدۈرۈلۈپ تۈزلىۋېتىلدى. پۈتۈنلەي خارابىلىققا ئايلانغان بۇ يۇرت تاكى ھازىرغىچە باچاڭ («باچاق»، «دىۋان» 1-توم، 536-بەت) نامى بىلەن، «باچاق» (بارچاق- شۇ جايغا بېرىپ بۇددا ھەيكەللىرىنى ئۇرۇپ- چېقىش، شۇ جايغا بېرىپ كۆيدۈرۈش)تەك  ئەينى ۋاقىتتىكى ئوردىنىڭ خىتابى شۇئارىنى ئەسلەتكەندىن تاشقىرى، ئۇرۇش، چېقىش ۋە كۆيدۈرۈش جەريانىدا بەزى جاھىل بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق قىلىشى، تاماق يېمەي ئاچلىق ئېلان قىلىشى تۈپەيلى «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «باچاق- خىرىستىيان روزىسى» دەپمۇ ئىزاھات بېرىلگەن. باچاڭ («باچاق») ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ؛ بىرى، باش باچاڭ (باش«باچاق»)، يەنە بىرى، باچاڭ ئاغزى («باچاق» ئاغزى- دۇلدۇل ئوقۇرى ۋە دۇلدۇل ئوقۇر ئۈستى قەلئەسى)، ئۈچىنجىسى، شورۇق كەنتىگە قاراشلىق ئىچكىرى باچاڭ (ئىچكىرى «باچاق»). بۇنىڭ ئىچىدە «بالاساغۇن-قۇزئوردا» شەرتىگە ئەڭ ئۇيغۇن كېلىدىغىنى ئىچكىرى باچاڭ ۋە باچاڭ ئاغزى بولۇپ، بۇ ئىككى جايدا بەش مىڭدىن ئارتۇق قەدىمى قەبرە ساقلانماقتا.
باچاڭ ئاغزى ۋە ئىچكىرى باچاڭدىن تېپىلغان بىر قىسىم مەدىنىي يادىكارلىقلار:
psbCA0CXW3S.jpg
4-رەسىم
psbCAEOX18I.jpg


psbCAFYB03T.jpg
   
5-رەسىم
psbCAEM25NP.jpg
6-رەسىم
psbCABL1OVG.jpg
7-رەسىم
psbCA8K5708.jpg


   psbCAU3ZB0X.jpg
8-رەسىم
psbCAMRGFW5.jpg
9-رەسىم
psbCAGOGNB0.jpg

10-رەسىم
psbCAG4OY9B.jpg

11-رەسىم
psbCAQM3A8J.jpg

12-رەسىم
psbCAP0AHNP.jpg

13-رەسىم
psbCAU5LFV6.jpg

14-رەسىم
psbCAQ64UTY.jpg

15-رەسىم   
     قاراخانىلارغا مۇناۋەتلىك تەزكىرىلەر ۋە تارىخى كىتاپلاردا «بالاساغۇن» نامىنىڭ بارغانسىرى چەكلىك دائىرىدە تىلغا ئېلىنىشى ۋە پۈتۈنلەي ئەستىن كۆتۈرىلىپ كېتىشىدىكى ئاچقۇچلۇق سەۋەپ شۇكى، ئەسلى ئورنىدىكى «بالاساغۇن»نىڭ ئىسلامى «بالاساغۇن» تەزىردە ئارتۇشقا يۆتكىلىشى، ئارتۇشنىڭ يىراق قەدىمدىن بۇيان ئاتىلىپ كېلىۋاتقان «ئارتۇچ» نامىنىڭ يەكلىشىدىن بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بۇددىزىم «بالاساغۇن»غا بولغان غەزەپ-نەپرىتىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

«خەلقئارا سوتقا سۇنۇلغان ئىمزالىق ئەرىزنامە»گە ئىمزا قويغۇچىلار
1- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  
2- ئابدۇقادىر داموللام
3- قۇتلۇق شەۋقى
4- سەلەيھاجى داموللام
5- رەھىم مۇسا
6- ئەھمەد زىيائى
7- زەينۇلئابىددىن مەۋلەۋى داموللاھاجىم
8-مۇھەممەد قادىر

2

تېما

1

دوست

472

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19107
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 20:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marhaba77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-23 20:59  

بۇخەرىتىنىمۇ ئۆزگەرتىپتۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

2

دوست

2255

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:36:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ئىمزا قويغۇچىلار ئۈلۈپ كەتكەن تۇرسا، بۇلارنىڭ خەلىق ئارا سوتقا ئەرىز قىلغان ۋاقىتى قاچان،كىم ئىكەن؟

0

تېما

1

دوست

1078

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6230
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 243
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي ئاساسلار تەپسىلى، ئېنىق...
ھەي ئەينى يىللىرى مۇشۇ سىتالىن باشچىلىقىدىكى سوۋت دىگەن زادى بىز ئۇيغۇرغا قىممىغان ناچارلىقى قالمىدىمىكى دەيمە...ئىسمى جىسمىغا لايىق باندىت

9

تېما

2

دوست

2255

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 172
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقانى بولۇپ راس سۆزلەيلى.

0

تېما

0

دوست

1269

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   26.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10097
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 361
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:44:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرزنامىنىڭ بۇ يەرگە ھازىر يوللىنىشى خەلىقئارالىق سوتقا مۇشۇ يېقىندا يوللانغىننى بىلدۈرمەيدىغاندۇ....
مۇنبەرچىلەر بولسا ئېسىدە بولىشى مۇمكىن...تور تاقىلىشتىن بۇرۇن بۇ تېما سەلكىن ۋە شەبنەملەرگىمۇ يوللانغان.ۋە شۇ ۋاقىتتىمۇ خەلىقئارالىق سوتقا قاچان يوللانغىنى توغۇرلۇق
مەلۇمات يوق ئىدى...

ئىسلامغا كىرىپلا باشقا دىننىي ئۆچ كۆرۈشتىن كېلىپ چىققان ئىش بۇ.ئۇيغۇرلار ئىسلامغا كىرىشتىن بۇرۇن بۇددا دىنى،شامان دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان.شۇنداق بولغان ئىكەن شۇ ۋاقىتتىكى ئىشلارنىمۇ بىر ياققا قايرىپ قويماي شۇ ۋاقىتتى كىشىلەرنىڭ دىننىي ئېتىقادى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق ئەربابلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى سۆزلەنسە بۇنداق
ئىشلار ئازىيدۇ..لېكىن بۇنداق قىلسا دىننىي ئاشقۇنلار شۇ كىشىگە تون پىچىپ دوزىخى قىلۋېتىشتىن يانمايدۇ...

3

تېما

2

دوست

1123

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   12.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26108
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:47:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
heyrani يوللىغان ۋاقتى  2014-2-23 21:08
توۋا خۇدايىم ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ ئىمزا قويۇپتۇ. دىمەك  ...
توۋا خۇدايىم ، ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ ئىمزا قويۇپتۇ. دىمەك بۇ تېما ئەمىلى ئەھمىيىتى كەم ، تالاش تارتىش پەيدا قىلىدىغان بىر تېما بولغۇسى.
باشقۇرغۇچىلار دىققەت قىلىڭلار.

ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەمنى بەك دۆت چاغلامسىز نېمە؟

6

تېما

3

دوست

3932

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3157
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 993
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-23 21:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى چۈشەنچە بېرىپ باقمىسۇنمۇ ؟ بۇ قاچان يوللانغان ئەرىزنامە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )