مەسەل ۋە بىمەسەل
ئابدۇقەييۇم ئوبۇلقاسىم
مەيلى فولكلورخەزىنىلىرىمىزدە بولسۇن، ياكى كىلاسسىك مەنبەلەردە بولسۇن، بىرلا خىل ئىزچىللىق، يەنى: ئىجابىي ئوبراز ۋە سەلبىي ئوبرازغا سىموۋۇل قىلىنىدىغان ھايۋانات،ئۇچار-قاناتلارنىڭ چەك-چىگراسى ئاساسەن ئايرىلىپ، شۇ تۈردىكى ھايۋانلار تۈرلۈك خاراكتىرگە مىنگەشتۈرۈلۈپ بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئادەملەرگە پەندى-نەسىھەت،تەربىيە قىلىنغان. مىسالەن:
تۈلكە ـ «ھىيلىگەر»، «مەككار»، «قۇۋ» ئوبرازغا، قوي ـ«يوۋاش»، «ساددا»، «ئاقكۆڭۈل» ..... ئوبرازغا دىگەندەك. بۇ خىل ئىزچىللىق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا داۋاملىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئورناپ كەتكەن. بۇ ھەتتامەدەنىيەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ھەمدە نۇرغۇن ئادەت سۆزلىرىنىڭ لىكسىلوگىيىسىنىبېيىتىپ، ئەدەبىي ئىپادىلەشتىكى زۈرۈر ئېلمىنىتلارغا ئايلانغان. بۇ خىل قاراش كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئورناپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك، كىشىلەر رىئال تۇرمۇشتىكى ھايۋانات، ئۇچار-قۇشلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، بەزىبىر تىراگىدىيەلەرنىڭ يۈزبىرىشىگە سەۋەب بولغان. بىر ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر دۆلەتنىڭ ئورمانلىقىداتۈلكە ۋە بۆكەن بىرگە ياشايدىكەن، كىشىلەر كونا ئادەتنىڭ تەسىرى ئاستىدا، تۈلكىنى«ھىيلىگەر»، «قۇۋ»، «بەچچىغەر»، بۆكەننى «مۇلايىم»، «ئاقكۆڭۈل» دەپ قاراپ، «ئەسكى»تۈلكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، «ئاقكۈڭۈل» بۆكەنلەرگە ياشاش بوشلۇقى ھازىرلاپ بەرمەكچى بولغان. نەتىجىدە، بىر مەزگىلدىن كىيىن، مەزكۇر ئورمانلىقتىكى ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخ يۇپۇرماقلىرى تۈگەپ، پۈتكۈل ئورمانلىق ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ يەتكەن. بىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئەنە شۇنداق: ئات «ئەزىز»، «ئىشەك» خار؛ بۆرە «ئەزىز»، ئىت «خار»؛ قوي«ئەزىز»، ئۆچكە «خار». كەپتەر «ئەزىز»، قاغا «خار»....... ئىنسانلار پۈتكۈل تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق زەنجىرىنى، تەبىئەت بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىلىق ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتكە بېقىنغان ھالدىكى زەنجىرسىمان سەزگۈر باغلىنىشنى بايقاپ يەتتى ۋە يېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل باغلىنىشنىڭ ئاخىرقى مەنپەئەت بېكىتى ئادەمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىياتتىكى سىمۇۋۇللاشتۇرۇلغان ھايۋانات،ئۇچار-قۇشلارنىڭ ئوبرازىنى رىئال تۇرمۇشقا سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش تولىمۇ بىمەسەللىكتۇر. ئەدەبىيات ئېستىلىستىكىسىدا مەيلى سەلبىي ياكى ئىجابىي ئوبرازغا سىمۇۋۇل قىلىنغان ھايۋاناتلار بولسۇن ھەممىسى تەبىئەت دۇنياسىدا مۇۋازىنەت تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم بىر ھالقا بۇلۇپ، ھەممىسىنىڭ رولى «ئىجابىي»دۇر. مىسالەن، ئىشەك مەيلى قانداق سۈپەتلەنسۈن، قانداق ئوبرازلاشتۇرۇلسۇن ۋە ياكى قانداق مەسخىرىلەرگە ئۇچرىسۇن،ئۇ دېھقانلارنىڭ دىلكەش «دوستى». ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، ئىشەك دىھقانلارنىڭ پۇتىغا پۇت، قولىغا قول بولۇپ، ھاياتلىق پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرىشىغا ھەمدەمدەبولغان. نەسرىددىن ئەپەندى ، موللا زەيدىن ، شاھ مەشرەپ... قاتارلىق كاتتىلارنىڭ لەتىپە، قىسسە، نەزمىلىرى ئىشەك ئۈستىدە بارلىققا كەلگەن. گەرچەدىيارىمىزدىكى ئاسفالت يوللاردا غۇيۇلداپ مېڭىۋاتقان ماشىنىلار كۆزىمىزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋەتسىمۇ، بىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى بازار مەنزىرىسىنى، ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدىكى تېرىقچىلىق مەنزىرىلەرنى كۈزەتسىڭىز، ئىشەككە يانداشقان دىھقانلارتۇرمۇشىنىڭ يەنىلا ھاياتى كۈچىنى يوقاتمىغانلىقىنى بايقايسىز. ئوبزورچى يالقۇنرۇزى «بېكخام بىلەن ئىشەكتىن بىرنى تاللاش ئىختىيارىغا قويسا، شەرتسىز ئىشەكنى تاللاش جۈرئىتى ۋە پىكىرى ھاسىل بۇلۇش كىرەكلىكى»دىن ئىبارەت پىكىرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق ئۆزىدە تىرەن قىممەت قاراش يىتىلدۈرەلمىگەن ئادەمگە نىسبەتەن بۇ تولىمۇ ئېغىر ھاقارەت بولۇپ تۇيۇلىدۇ. دىمەككى، فولكلورخەزىنىسىدىكى مەسەللەر رىئال تۇرمۇشىمىزغا ئاغدۇرۇلغاندا بىمەسەللىككە ئايلىنىپقالمىسۇن!
|