- تىزىملاتقان
- 2014-2-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2458
- نادىر
- 0
- يازما
- 139
ئۆسۈش
15.27%
|
ئالتۇنگۈلنىڭ ئاغرىق ئازاۋى
ئالتۇنگۇلنىڭ كىسىلىنى خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دوختۇرلىرى ئەستايدىل تەكشۈرۈپ، تاشقى گېمروي ئىكەنلىكىنى بىكىتىپ بىر كۇرس داۋالاپ،تاماق،تازىلىق،ھەركەت قاتارلىقلاردا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كىيىن ئائىلىسىگە قايتىپ كىرگەن ئىدى.
ئالتۇنگۇل،زوردۇن زەگەرنىڭ ئىككىنچى توقال ئايالى بولۇپ يېشى ئوتتۇزدىن ئاشقان بولسىمۇ پەقەت تۇغمىغان ئايال ئىدى.ئەمما زوردۇن زەگەرنىڭ ئالدىنقى ئايالىدىن ئىككى بالىسى،ئىككى بالىسىنىڭ ئىككىدىن تۆت بالىسى بولغاچقا،ئالتۇنگۇلنىڭ تۇغۇش-تۇغماسلىقى بەك باش قاتۇرىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى.بۇنى ئالتۇنگۇلمۇ خېلى بۇرۇنلا چۈشەنگەن ئىدى.شۇنداق بولغاچقا چوڭ يەپ چوڭ ئىچىپ،ئويان تاماششەنى قىلىپ،ئالى كىيىنىپ،ئائىلىنىڭ ئىشلىرىغا نىسبىتەن پەرۋايىم پەلەك دەپ يۈرەتتى.
ئالتۇنگۇلنىڭ قول،قۇلاق ۋە بويۇنلىرىدىكى رەڭگارەڭ پاقىراپ،ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ساڭگىلاپ تۇرغان ئالتۇن ئۈزۈك،زەنجىر ۋە بىلەيزۈكلەر،ئاغزىدىكى ئالتۇن چىشلار،بىلىكىدىكى ئالتۇن رەڭلىك سائەتلەر ئالتۇنگۇلگە ئاجايىپ ھوزور بېغىشلايتى ۋە مەڭگۈلۈك بەخىتتىن بىشارەت بىرەتتى.زوردۇن زەگەرمۇ ئۆزىنىڭ بايلىقىنى جەمىيەتكە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئالتۇنگۇلدەك پوخور،ئىلانچى ئايالىنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى.
ئالتۇنگۇل بۈگۈن ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈندىكى تورداشلار چېيىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئاپتۇۋۇز بىكەتنىڭ قېشىغا كىلىشىگىلا،تۇيۇقسىز قوسىقى ئاغرىپ چوڭ-كىچىك تەرىتى بىراقلا قىستاپ كىتىدۇ،ئالتۇنگۇل جىددىلىشىپ ئۇيان-بۇيان تىپىرلاپ ئامالسىزلىقتىن ئاخىرى ئاپتۇبۇس بىكەتنىڭ ئالدىدىكى ئاممىۋى ھاجەتخانىغا كىرمەكچى بولوپ جىددى مېڭىۋاتقاندا،ھاجەتخانىغا قارىغۇچى؛-ئۇكام قەغەز ئېلىۋالسىلا!قەغەز؛-دەپ بىر بولاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ئىككى قوللاپ ئالتۇنگۈلگە تەڭلىگەن ئىدى.
-ئۇنداق مەينەت قەغىزىڭنى ئۆزەڭ ئىشلەت،ئۆزەمنىڭ قەغىزى بار.
-قەغەز ئالمىسىللىرى،ئەمىسە
-ئەمىسە،نىمە ئەمىسە!؟ھە بىلدىم ،پۇل تۆلىۋەت دىمەكچىمۇ ئەمىسە.ئالە مانا قەغەز ئالمىساممۇ شۇ قەغەزنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتسەمغۇ بولا. ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى ساقلاشنى بىلمەيدىغان،ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلىرى پوقلا پۇرايدىغان خالاچى،ئالە! مانا ماۋۇ پۇلنى.
-ئۇنداق بولسا پوق يىگىنى كىرەمسە بۇ خالاغا؟-خالاغا قارىغۇچىمۇ تەنە ئارلاش شۇنداق دىدى.
ئالتۇنگۇل خالانىڭ رەسمىيتىنى ئۆتىۋەتكەندىن كىيىن دولىسىدىكى ئالى سومكىسىنى ۋە كەيمىسىمۇ قولتۇقىغا قىسىۋالىدىغان مايمۇن تىرىسىدە تىكىلگەن نوركا چاپىننى بىرەر ئورۇندا قويۇشقا ئۈلگۈرەلمەي، خالانىڭ ئوچىقىدا ئاران ئولتۇردى.
ئالتۇنگۇلنىڭ رىستىرۇندا يىگەنلىرىنىڭ كۆپلىكىدىنمۇ ياكى گىمروي كىسىلى قوزغۇلۇپ قالغانمۇ،چوڭ-كىچىك تەرىتى قان ئارلاش كىلىشكە باشلاپ يېرىم سائەتتەك داۋاملاشتى.بۇجەرياندا يانچۇقىدىكى تازلىق قەغىزى يىتىشمەي، خالاچىنى قەغەز ئەككىرىپ بىرىشكە چاقىرغان بولسىمۇ، پوق پۇرايدىغان خالاچى قەغەز ئەككىرىپ بەرمىدى.
ئالتۇنگۇل تەرەت قىلغان ئەزالىرىنى نوركا چاپاننىڭ پىشىدا ئېيتىشقا كۆڭلى ئۇنىماي،مەيدە يانچۇقىدىكى قىزىل رەڭلىك پۇلغا ئېيتاي دىسە يۈرىكى چىدىماي،ئاخىرى زوردۇن زەگەرگە تىلفۇن قىلىپ تازىلىق قەغىزى ئەككىلىپ بىرىشنى بۇيرىدى.زوردۇن زەگەر دۇككاندا جىددى سودا قىلىۋاتقاچقا تازىلىق قەغىزىنى ئاپپىرىپ بىرىشكە ئىتىۋار بەرمىگەن ئىدى.
ئالتۇنگۇل خالادا ئولتۇرۇپ جىق ئىنجىقلاپ كەتكەچكە، ئالتۇنگۇلنىڭ گىمروي كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھورمۇن بەزلىرى قاناپ قوساق ئاغرىقىنى كۈچەيتىۋەتكەتكە ئامال قىلالماي،خالادا تۇرۇپ دوختۇرغا تىلفۇن قىلاي دەۋاتقاندا خالانىڭ ئوچىقىغا دۈم يىقىلىپ كىتىپ،ۋايجان دەپ ۋاقىرىغان ئىدى.دەل شۇ چاغدا ھىلىقى پوق پۇرايدىغان خالاچى ئالتۇنگۇلنى خالانىڭ ئوچىقىدىن تارتىپ تالاغا ئېلىپ چىقىشقا ئاران ئۈلگۈردى. ئالتۇنگۇل يەنىلا ۋايجان،ۋايجان دەپ يىغلاۋاتىدۇ.ئالتۇنگۇل؛ - قېنى سەن زوردۇن زەگەر؟،قېنى ىسەن چايداشلار،قېنى سەن دوختۇر،قېنى سەن؟---،-دەپ توۋلاۋاتىدۇ.ئەمما،قېشىدا پوق پۇرايدىغان خالاچىدىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. .
ئاپتۇرى؛مەخەتجان ئابدۇرېھىم.
|
|