قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3178|ئىنكاس: 15

ئەلكۈن لوندون: يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى ئەسلەيمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4319

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1740
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 06:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى ئەسلەيمەن


ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


(ئوچېرىك)






“ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ئەر ئۆلمەس”  -  ئۇيغۇر خەلق ماقالىسى


ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن ئۆزىنىڭ يەنە بىر ئوت يۈرەك پەرزەنتىدىن ئايرىلدى. مىللىي ئارمىيىنىڭ سابىق كاپىتانى، ئاتاقلىق يازغۇچى، شائىر، دراماتورگ مەسۇمجان زۇلپىقار ئەپەندى مىلادى 2012- يىلى 12- ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى 87 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ئالامدىن ئۆتتى. زىنھار ئۆزىگە ئىتائەت قىلغان بەدەللىرىگە شەپقىتىنى ئايىماي بېرىدىغان جانابى ئاللا مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى جەننەتتىن ئاتا قىلغايسەن. ئامىن!

ئىنسان ھاياتىنىڭ كەچمىشى ھېسابلىنىدىغان تارىخ قامۇسىنىڭ بەتلىرى ھەر كۈنى ئۆزىگە يېڭى بىر بەتنى قوشۇپ كېيىنكىلەر ئۈچۈن يادنامە قالدۇرۇپ ماڭىدۇ. دۇنيانىڭ ئاڭلىق ئىگىلىرى بولغان ئىنسانلار ھاياتى ئەڭ ئاخىردا ماماتلىق زەنجىرى بىلەن بوغۇلۇپ بۇ پانىي ئالەمدىن ۋىدالىشىدۇ. ھېچ بىر بەندە بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتتىن مۇستەسنا ئەمەس ئەمما ئۆز ھاياتىدا ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى چۈشىنىپ يەتكەن، ئۆز قوۋمىنىڭ بەختى، ئاسايىشلىقى ئۈچۈن تەر ئاققۇزغان ئىنسانلار گەرچە ۋاقىتسىز بىز ھاياتلىقلار توپىدىن غايىب بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئېتىقادى، ھاياتى بەدىلىگە ياراتقان ئەمگەكلىرى مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدۇ بەلكى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ خاتىرىسىدە ھايات مىزانى سۈپىتىدە سېغىنىش بىلەن داۋاملىق ياد ئېتىلىپ تۇرىدۇ.

بۈگۈن ئۇيغۇرنىڭ ھاياتلىق ئالىمىدىن بىر يورۇق يۇلتۇز ئۆچتى. بىر ئەلنىڭ ئارمىنىنى ئۆزى بىلەن بىرگە 87 يىل ياندۇرۇپ كەلگەن بىر تارىخنىڭ مەشئىلى ئۆچتى. جاھانگىر چەتئەل تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۇمرانلىقىدىن خالى ئەركىن، ئىزىش ۋە ئىزىلىش بولمىغان، خەلقىنىڭ مىللىي ئىرادىسى ئەكىس ئەتكەن دىمۇكىراتىك بىر جەمىيەت بەرپا قىلىش، ئىنسانىي قەدىر قىممەت بىلەن ياشاش ئۈچۈن تالاي كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ مۇجادىلە ئۈچۈن سانسىز قۇربانلارنى بەرگەن باتۇر ئۇيغۇر خەلقى بۈگۈن يەنە شۇ سەلتەنەتلىك كۈرەشچان يىللارنىڭ شاھىتى بولغان 1944 يىلى قۇرۇلغان «ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۇمىتى» ىنىڭ جەسۇر جەڭچىسى، سۆيۈملۈك ئوغلى مەسۇمجان زۇلپىقار ئەپەندى بىلەن ۋىدالاشتى.

بۇ مۇسىبەت خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن كۆڭلۈم پەرىشانلىققا چۆمدى. مېنىڭ كۆز ئالدىمغا دەل بۇنىڭدىن بىر يىللار ئىلگىرى مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز بىلەن دىدار كۆرۈشكەن مىنۇتلار كەلدى. مەن خىياللار ئىچىدە ئىختىيارسىز كىتابخانا ئۆيۈمگە قاراپ قەدەم ئالدىم ۋە مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز ئۆز قولى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ تەقدىم قىلغان بىر كىتابىنى ئىككى قولۇم بىلەن ئېلىپ پېشانەمگە سۇرۇتتۇم، شىرەگە كېلىپ ئولتۇرۇپ كىتابنىڭ بەتلىرىنى زەن قويۇپ ۋاراقلاشقا باشلىدىم…

مەن 10 يىلنىڭ ئالدىدا تۇنجى زىيارەتتە بولغان، ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى بىلەن زىچ باغلانغان، تەڭرى تېغىنىڭ مۇنبەت غەربىي–شىمال بۇرجىكىگە جايلاشقان گۈزەل ئالما ئاتا شەھىرى بۇ قېتىم ماڭا يېڭىچە بىر قىياپەت بىلەن كۆرۈنۈۋاتاتتى. قايناق بازارلار، دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يېڭىدىن ئېچىلغان “ھالال”، “مۇسۇلمانچە” دېگەن خەتلەر بىلەن بېزەلگەن رېستورانلار، كۆكتە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن خانىقالارنىڭ مۇنارلىرى ئۈستىدە قۇياش نۇردا جۇلالىنىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاي يۇلتۇزلار بۇ ئەلنىڭ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۆز كىملىكىنى تونۇش ۋە ئۆز ئەسلىگە قايتىش يولىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرىنى مانا مەن دەپ نامايان قىلىپ تۇراتتى.

مەن بۇ قېتىم موڭغۇلىيەگە قىلغان سەپىرىمنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن لوندونغا قايتىشىمدا ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈش، ياشانغان مويسىپىتلىرىمىزنى، ئالىم-يازغۇچىللىرىمىزنى، سەنئەتكارلىرىمىزنى يوقلاش مەقسىتىدە بىر ھەپتىلىك زىيارەتتە بولۇشقا كەلگەن ئىدىم.

مەن ئالمۇتا شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن موڭغۇلىيە زىيارىتىدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بىرگە بولغان ۋەتەنپەرۋەر زىيالىي، كارخانىچى ۋاققاس مەمەدىنوۋ ئاكىمىزنىڭ ساھىپخانلىغىدائالمۇتا شەھرىدىكى ئۇيغۇر يۇرت چوڭلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم.

2011- يىلى 13- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مەن ۋاققاس ئاكىمىزنىڭ خاس ئىشخانىسىدا ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاچ ئەزىز بىر مېھماننى كۈتۈپ ئولتۇردۇق. پۈتۈشكەن ئۇچرىشىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا بىز كۈتكەن مېھمان ئىشخانا ئىچىگە قەدەملىرىنى يېنىك ئېلىپ كىرىپ كەلدى.

بېشىغا كىيگەن ئاق-قارا گۈللۈك قەشقەر دوپپىسى ياش قۇرامىغا ۋە بوي تۇرقىنىڭ ئېگىزلىرىگە گۈلدەك ياراشقان بولۇپ، ئۈستىگە كىيگەن ئاق رەڭلىك كاستۇمى بۇ ئەزىز مېھماننى ئاقارغان چاچ، قاش-كىرپىكلىرى بىلەن ئىسمى-جىمىغا لايىق مويسىپىت قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي كۆزلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان زېرەكلىك نۇرلىرى سىزگە بۇ ئاكىمىزنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا قەددى-قامەتلىك، چەبدەس، ئەلەم ۋە قەلەم كۈرەشلىرىدە تاۋلانغان بىر ئۇيغۇر يىگىتى ئىكەنلىكىنى خىيال تەسۋۇرىڭىزدا تىزلا نامايان قىلاتتى.



بىز قول ئېلىشىپ ئوز-ئارا قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ۋاققاس ئاكىمىزنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بىر-بىرلىرىمىز بىلەن تونۇشلۇق بولدۇق. ھەممىمىز دىۋاندا راھەتلىنىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز توغرىلىق كوپ ئاڭلىغانلىقىمنى، دىدار كۆرۈش ئىستەكلىرىدە بولغانلىقىمنى، مانا بۈگۈن بۇ ئىستەكلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ ئۇچۇرشىشتىن سۆيگەنلىكىمنى بىلدۈرۈپ، ئاكىمىزنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە تۇرمۇشى توغرىسىدا بىر قانچە سوئاللارنى سورۇدۇم. مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز سوئاللىرىمغا جاۋابەن سوز باشلىدى:

“-سالامەتلىكىم ياخشى ئاكام، ئۆيۈمگە تام قوشنا بىر ئوغلۇم بار، بىلىسىز ھەرقاچان، ئۆزى رەسسام، ئىسمى كۈرەش. ئۇ سىلەر بىلەن بۇ قېتىم موڭغۇلىيەگە باردى. مەن 6 پەرزەنت كۆرگەن، بەشى ھايات، ھەممىسى ماڭا ياخشى قارايدۇ. ئاللاغا مىڭ شۈكۈر، ياشاپ بۇ كۈنگە كەلدۇق مانا” دەپ ئوڭ قولى بىلەن كۆز ئەينىكىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ يانچۇقىدىن بىر قول ياغلىقنى چىقىرىپ كۆزىنىڭ چاناقلىرىدا بىلىنەر-بىلىنمەس تەپچىرىگەن ياش ئىزلىرىنى سورۇتتى دە ماڭا قاراپ يانپاشلاپ ئولتۇرۇپ سوزىنى داۋام قىلدى:

“- ھە ئۇكام ئەنگىلىچانلارنىڭ دۆلىتىدە ئىكەنسىز. ياخشى بوپتۇ. ئەنگىلىچانلار مەدەنىيەتلىك خەلق. قانچە ئۇزاق بولدى سىز ئۇ يەردە ياشاۋاتقىلى؟”

مەن جاۋابىمنى ئۇدۇللا بەردىم سۆزىنىڭ توختىشىغا ئۈلگۈرتۈپ: “14 يىل ئاكا”.

بىز شۇ تەرىقىدە ئەنگلىيەدىكى تۇرمۇش ۋە ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئاز-ئارا سوئال جاۋاب شەكلىدە 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا پارىڭىمىزنى داۋام قىلغاندىن كېيىن مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا مەندىن سورىدى:

“-ئەزىزجان ئۇكام، مەن ۋاققاسدىن سىزنىڭ كەلگىنىڭىزنى ئاڭلاپ كۆرۈشەي دەپ ئۇنىڭغا دېگەنتىم. مەن ياشايدىغاننى ياشاپ بولدۇم. سىزگە دەيدىغان بىر گەپ باردى. مۇشۇ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا بىر ئارزۇيۇم بار- مېنىڭ بىر رومانىمنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرسام دەيمەن. سىزچە بۇ ئىش مۇمكىن بولارمۇ؟ “

مەن ئاكىمىزدىن كىتابنىڭ ئىسمى، مەزمۇنى ۋە ھەجمىنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن بۇ 3 توملۇق “سەراپ” ناملىق رومانىنى ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ بولىدىغانلىقى قاتارلىق بىر تۈرلۈك تەرەپلىرىنى چۈشەندۈردۈم ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشقا ئۇرۇنۇپ باقىدىغانلىقىمنى، ئەنگلىيەگە قايتىپ بارغاندىن بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە ئىشى توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئىشلارنى ئاكىمىزنىڭ چوڭ ئوغلى رەسسام كۈرەش زۇلپىقار ئاكىمىز ئارقىلىق ئالاقىلىشىدىغانلىغىمنى ئېيتتىم.

بىز روماننى تەرجىمە قىلىش ئىشى توغرىسىدا يېرىم سائەتكە يېقىن پارىڭىمىزنى داۋام قىلغاندىن كېيىن مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا مېنى ئەتە چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغىنىمدا ئۆزىنى يوقلاپ كىرىشىمنى، شۇ چاغدا ئۆزىنىڭ بۇ تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولغان رومانىنى ماڭا تەقدىم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىز بىلەن خوشلاشتى. بىز ھەممىمىز مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىغا ھەمراھ بولۇپ 2-قەۋەتتىكى بۇ ئىشخانا پەلەمپەيلىرىدىن ئاۋايلاپ چۈشۈپ شىركەت ھويلىسىغا چىقتۇق. ۋاققاس ئاكا مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغان ماشىنا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا بىز بىلەن ئاخىرقى بىر مەرتەم خوشلىشىپ ماشىنا بىلەن يۈرۈپ كەتتى.


ئالمۇتا شەھىرى، دوستلۇق مەھەللىسى، 2011- يىلى 14- ئىيۇل سەھەر.





بۇ يېڭىدىن مۇستەقىللىقنىڭ لەززىتىنى سۈرۈۋاتقان قازاق ئېلىنىڭ تاغۇ-دەريالىرىلا ئەمەس، خەلقلىرىمۇ بىر- بىرلىرىدىن ئايرىلماس قېرىنداش مىللەت بولغانلىقى ئۇچنمىكىن، مەن ئىيۇل ئېيىنىڭ سەھەردىكى جاننى راھەتلەندۈرىدىغان ساپ ھاۋادىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغاچ قەدەملىرىمنى ئاستىلىتىپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئالمۇتا دوستلۇق مەھەللىسىنىڭ (دۇرۇژبا) دوقمۇشىدا تۇرۇپ قەددى-قامىتى ھەيۋەت بىلەن كۆرۈنۈۋاتقان تەڭرىتېغىنىڭ ئاق باش چوقىلىرىغا پەخىرلىنىش تۇيغۇلىرىم بىلەن نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم. بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولغاچقىمىكىن ئاق باش تاغ چوقىلىرىغا نەزەر تارتىپ مايسىغا ئوخشاش رەتلىك ئۆسكەن قارىغايلار سىزگە تەبىئەت ئاتا قىلغان گۈزەللىكنىڭ تەڭدىشى يوقلىغىنى بىلدۈرەتتى. غۇلجا تۇرپان يۈزىنىڭ ئاق ئۆرۈكلىرىگە ئوخشاش ئۆرۈكلەر ھويلا-ھويلىلاردا ئۈزۈم باراڭلىرى بىلەن رىقابەتكە چۈشكەندەك شاخلىرىنى ھويلا تاملىرىنىڭ ئۇستىدىن كوچىغا تاشلاپ تۇراتتى. پىزىرغىن ئىسسىقتا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئاق ئۆرۈكلەرنىڭ شىرنىلىك ھىدلىرى بۇرنىڭىزغا ئۇرۇلۇپ، ئىشتىھايىڭىزنى قوزغايتتى.

مەن ئاتاقلىق رەسسام كۈرەش زۇلپىقار ئەپەندى بىلەن موڭغۇلىيە شېئىرىيەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ساھىبخالىغىدا ئېچىلغان بىر يىغىنىغا قاتنىشىش داۋامىدا تونۇشقان ئىدىم. كۈرەش زۇلپىقار ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا مېنىڭ ئالمۇتاغا بېرىپ بىرقانچە كۈن تۇرۇپ ئاندىن لوندونغا قايتىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن مېنى ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولۇشقا، سۆھبەتلىشىشكە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

شۇ تەكلىپ بويىچە كوچىلارنى ئايلىنىپ ئاخىر كۈرەش ئاكىمىز ئېيتىپ بەرگەن قورۇ نومۇرىنى تاپتىم. ئىككى قەۋەتلىك ياۋروپانىڭ داچىلىرىغا ئوخشىتىپ سېلىنغان بۇ ھەشەمەتلىك قورۇنىڭ ئالدىنى تال باراڭلىرى يېپىپ تۇرغان بولۇپ قورۇنىڭ ئېگىز قوش قاناتلىق تومۇر دەرۋازىسىدىن ھويلا ئىچىنى كۆرگىلى بولمايتتى. مەن دەرۋازا قوڭغۇرىقىنى باسقاندىن كېيىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا دەرۋازىنى كۈرەش ئاكىمىز ئۆزى ئاچتى ۋە بىز تىنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن مېنى ئۆيگە باشلىدى.

بىز كەڭ كۇشادە سەرەمجانلاشتۇرۇلغان مېھمانخانا ئۆيدە چاي ئىچكەچ پارىڭمىزنى باشلىدۇق. ئاخىردا ئاكىمىز مېنى يۇقىرى قەۋەتتىكى خاس خىزمەت ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ بىر مۇنچە ئىجادىي رەسىملىرىنى، ئۇيغۇرنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نادىر ئەسەرلىرىنى كۆرسەتتى.





سۆھبىتىمىز داۋامىدا رەسسام كۈرەش ئاكا دادىسى يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:

“-بىر يىلنىڭ ئالدىدا دادامنىڭ 85 ياشقا كىرگەنلىك تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش تويى بولۇپ ئۆتتى. بىز جەمئىي 6 قېرىنداش، 2 قىز 4 ئوغۇل، مەن بىلەن 4 قېرىنداش ۋەتەندە تۇغۇلغان، ئاپام گۈلجاھان 72 يېشىدا 2002- يىلى تۈگەپ كەتكەن. دادام 1985- يىلى ئارام ئېلىشقا چىققاندىن بۇيان ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن سەھنە ئەسەرلىرى، شېئىرلار، داستانلار ۋە رومانلارنى يازدى. يېقىنقى بىر-ئىككى يىللاردىن بۇيان ‘سەراپ’ رومانىنىڭ 3- تومنى پۇتتۇرمەن دەپ بەك قاتتىق ئىشلەپ كېتىپ بارىدۇ…” دەپ سۆزىنى داۋام ئەتكەن رەسسام ئاكىمىز غېنى باتۇرنىڭ ھاياتىغا بېغىشلاپ ئۆزى توپلىغان 1944- يىلىدىكى «ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۇمىتى» نىڭ  تارىخىي سۈرەتلىرى ئالبومىنى كۆرۈشۈمگە سۇندى.

مەن بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ساھىپخان ئاكىمىزدىن بۇ سۈرەتلەرنى رەسىمگە ئېلىۋېلىشىمغا ئىجازەت سورىدىم ۋە رازىلىقىنى ئالغاندىن كېيىن پۈتۈن سۈرەتلەرنى رەسىمگە ئېلىۋالدىم.

شۇ سۈرەتتە مەن كۈرەش زۇلپىقار ۋە يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقار ئاتا-بالا ئىككىيلەننىڭ خەلقىمىز ئۈچۈن تەقدىم ئەتكەن بىر قىسىم تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم.

مەن شىرە ئۇستىدىكى كىتاب دوۋىللىرىدىن يېرىم ئېچىقلىق تۇرغان بىر قېلىن توملۇق كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ كىتاب 2007–يىلى مەرھۇم سېلىماخۇن زەينالوف ئەپەندىنىڭ توپلىشىدا، مەسۇمجان زۇلپىقار قاتارلىق پېشقەدەم يازغۇچى-شائىرلارنىڭ تەھرىرلىك قىلىشى بىلەن يېزىلىپ نەشردىن چىققان، داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان “شېئىرىيەت گۈلزارى”ناملىق كىتاب ئىكەن. ئۆزۈمنىڭ شېئىرىيەتكە كۆپرەك ھەۋەس قىلغىنىم ئۈچۈنمۇ ئاكىمىزدىن بۇ كىتابتىن بىرنى تېپىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى سورۇدۇم.

زۇلپىقار ئاكىمىز قولىدىكى چوڭ ھەجىملىك بىر سىزما رەسىمنى شىرە ئۈستىگە قويۇپ، قولۇمدىكى كىتابنى سوراپ قولىغا ئالدى دە ماڭا قاراپ سوز باشلىدى:

“- بۇ كىتاب نەشر قىلىنغاندىن كېيىن تىزلا سېتىلىپ تۈگىگەن. مەندە بىر قانچىسى بار. ئەگەر بىرنى ئۆزىڭىز بىلەن ئېلىپ كېتىشنى ئىستىسىڭىز مەن بۇنى سىزگە سوۋغا قىلاي”.

“- رەھمەت ئاكا، ئۇنداقتا سوۋغىتىڭىزنى قوبۇل قىلدىم…” دەپ مەمنۇنلۇق بىلەن كىتابنى قولۇمغا ئالدىم.

مەن قىزىقىش بىلەن كىتابقا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، كىتابتىن مەسۇمجان ئاكىنىڭ بىر شېئىرىسىنى ئوقۇۋېتىپ تۈنۈگۈن ئاكىمىز مەندىن سورىغان ئۆزىنىڭ بىر رومانىنى ئنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا مېنىڭ ياردەم قىلىشىمنى سورىغانلىقى ئېسىمگە كەچتى دە بۇ ئىش توغرىسىدا ئوغلى كۈرەش ئاكىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. بىز بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ئىش توغرىسىدا خېلى پاراڭلاشتۇق. كۈرەش ئاكا ماڭا كىتاب ئىشكاپىدىن دادىسى مەسۇمجان ئاكىمىز ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلغان شۇ كىتابنى ئىزدەپ تاپتى ۋە كىتابنى مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمغا سۇندى. بۇ كىتاب مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىپ تاماملىغان، 2005 – يىلى ئالمۇتا رۇئان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان “سەراپ” ناملىق چوڭ ھەجىملىك رومانىنى ئىكەن. ئاخىرىدا مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ ئىشقا قاراشلىرىم ۋە بىلىدىغانلىرىنى كۈرەش ئاكىغا ئېيتىپ مەسۇمجان ئاكىمىزنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي بۇ كىتابىنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرۇش ئارزۇسىدا بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەنلىكىمنى ئەمما بۇ تەرجىمە قىلىنىدىغان روماننىڭ ھەجمىنىڭ چوڭلۇقى سەۋەبىدىن ئەگەر ئەنگلىيەدە ياكى باشقا ئىنگلىز تىلى قوللىنىدىغان دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى تەرجىمە قىلسا بۇ تەرجىمە ئۈچۈن بىر ئادەمنىڭ ئەڭ ئاز بولغاندا بىر -ئىككى يىل مۇقىم ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ كىتابنى ھەق ئالماي خالىس تەرجىمە قىلىدىغان ئادەمنى تېپىشنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە تەسكە توختايدىغانلىقى چۈشەندۈرۈپ، ئەگەردە مۇمكىن بولسا قازاقىستاندىن ياكى قىرغىزىستانلاردىن بىر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمان تېپىپ تەرجىمە قىلدۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنىڭ بەك ئېغىر بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتىم. بۇ ئىشقا ئۆزۈمنىڭ ئەنگلىيەگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغان ئورۇنلاردىن ياردەم سوراپ كۆرىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.

بىر ئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن رەسسام كۈرەش ئاكا كىتاب ئىشكاپىنىڭ ئۇستىدىن بىر قانچە ئۇزۇن سىلىندىر شەكلىدە ئورالغان سىزما رەسىملەرنى ئېھتىيات بىلەن ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن، ماڭا مۇنداق دېدى:

“-قاراڭ ئۇكام، بۇ سىزما رەسىملەرگە. بۇ ھېلىقى ئۇلانباتوردىكى يىغىندا موڭغۇلىيەلىك بىزنى تەكلىپ قىلغان مېھمانلارغا تەقدىم قىلغان رەسىم. بۇ مويۇنچۇر قاغاننىڭ رەسىمى، بۇ بىلگە قاغاننىڭ رەسىمى، بۇ تويۇنقۇق قاغاننىڭ رەسىمى، سىزگە تەقدىم قىلىمەن. يەنە بۇ كىتابلار، ئېلىپ كېتەلىسىڭىز ئۆزىڭىز بىلەن ئېلىپ كېتىڭ” دەپ بىر قانچە سىزما رەسىملەر ۋە كىتابلارنى تەقدىم قىلدى. بۇ تەۋەررۈك سوۋغاتلارنىڭ ئىگىسى بولغىنىمدىن ئىختىيارسىز ئىپتىخارلاندىم ۋە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈردۈم.

شۇ تەرىقىدە قىزغىن پاراڭلار بىلەن ۋاقىت چۈش بولۇپ ئاشقان ئىدى. مەن كۈرەش ئاكىمىزنىڭ دادىسى مەسۇمجان ئاكىمىز بىلەن تۈنۈگۈن ۋاققاس ئاكىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۈگۈن ئۆيىگە يوقلاپ بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ سورۇدۇم:

“ -دادىڭىز قەيەردە تۇرىدۇ، ئويى بۇ يەردىن يىراقمۇ؟”

“-ياق، بۇ قورۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى دادامنىڭكى، مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ئوي ئايرىپ ئۆزۈمنىڭ ئويىنى سالدىم. دادام ئۆزى يالغۇز تۇرىدۇ. مۇشۇ قورۇنىڭ يېنىدىكى قورۇ شۇ. بولىدۇ، مەن سىزنى دادامنىڭ ئۆيىگە ئېلى چىقاي”.

مەن كۈرەش ئاكىمىزغا ۋە ئايالىغا رەھمەت ئېيتىپ، مۈرەمگە سوۋغا قىلىنغان كىتابلارنى ئارتىپ ئويدىن چىقتىم.

دەرۋەقە ئاتا-بالىنىڭ ئويلىرى پەقەت 50-60 مېتىر ئارىلىق ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدىكەن.

مەن رەسسام كۈرەش ئاكىمىزنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم. بىز بىر قەۋەتلىك مەزمۇت سېلىنغان، ئالدىنى قويۇق ئۈزۈم باراڭلىرى قاپلاپ تۇرغانلىقتىن دىمىق ئىسسىقتا كىشىگە سالقىنلىق ھېس قىلدۇرىدىغان، ئىشىكى نەقىشلىق قىلىپ چىرايلىق ياسالغان قورۇنىڭ دەرۋازا ئالدىدا توختۇدۇق. كۈرەش ئاكىمىز قوڭغۇرىقىنى تەكرار باسقاندىن كېيىن مەسۇمجان ئاكىمىز ئىشىكىنى ئېچىپ ئالدىمىزدا پەيدا بولدى. بىز قول ئېلىشىپ سالاملىشىپ تۇرۇشىمىزغا كۈرەش ئاكىمىز سوز باشلىدى:

“-بولىدۇ،  ئەزىز ئۇكام، سىلەر پاراڭلىشىۋېرىڭلار، مېنىڭ باشقا قىلىدىغان ئىشىم باردى، مەن سىز بىلەن خوشلىشاي” دەپ ماڭا قولىنى سۇندى. بىز قول ئېلىشىپ، چىرايلىرىمىزغا سەمىمىي تەبەسسۇملارنى ياغدۇرۇپ خوشلاشتۇق.

زۇلپىقار ئاكىمىز مېنى كارىدورلۇق ئۆينىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان دېرىزىلىرى كەڭرى ئاشخانا ئۆيگە باشلىدى ۋە راھەتلىنىپ ئولتۇرۇشۇمنى تاپىلاپ:

“-ئۇكام بۈگۈن يولىڭىزغا قارىدىم، مەن سىزنى كەلمەي قالارمىكىن دەپ ئەتىگەندىلا كۈرەشتىن سىزنى سورىغانتىم. كەلگىنىڭىز ياخشى بولدى مانا. ھە، كۈرەشنىڭ ئۆيىدە بولدىڭىزمۇ؟”

“-ھە ئە ئاكا، كۈرەش ئاكىمىزنىڭ ئۆيىدە ئىككى سائەتلەرچە بولدۇم. سىزنىڭ بىر قانچە كىتابلىرىڭىزنى كۆردۈم” دەپ جاۋاب بەردىم مەن دېرىزىدىن ئاق قۇشقاچلارنىڭ ئۈزۈلۈپ – ئۈزۈلۈپ ئاڭلىنىۋاتقان زىلۋا ۋىچىرلاشلىرىغا زەن سېلىپ.

ئىيۇل ئايلىرىنىڭ دىمىق ئىسسىقىدىن بولسا كېرەك مەسۇمجان ئاكىمىز بېشىغا ئاق دوپپا، ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلاپ تۇرىدىغان كەڭرى كەلگەن ئاق كۆينەك ۋە ئاق ئىشتان كىيىۋالغان بولۇپ ناھايىتى راھەتتە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇستى-بېشىغا كىيىۋالغان بۇ ئاق رەڭلىك كىيىملەر مويسىپىتنى باشقىچىلا نۇرلۇق قىلىپ كۆرسىتىۋەتكەن بولۇپ، كۆز ئالدىمدا خۇددى چۆچەكلەردىكى خىزىر سۈپەت بىر بوۋاي تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى، ياق كۆز ئالدىمدا تۇرغىنى قانداقتۇر بىر ئاددىي بوۋاي بولماستىن بەلكى 86 قىش ۋە يازنى ئارقىدا قالدۇرغان، ئۇيغۇرنىڭ يىغىسىنى، كۈلكىسىنى ۋە ھەسرىتىنى كۆرگەن، قىران ياش يىگىت چاغلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ دۈشمەنلىرىگە باتۇرانە ئوق ئېتىپ، قان كېچىپ جەڭلەرنى قىلغان بىر ئەلنىڭ تارىخنىڭ بۈگۈنكى تىرىك شاھىتى تۇراتتى.

شۇ دەقىقىلەردە مەسۇمجان ئاكىمىزنىڭ ماڭا قىلغان سۆزى كاللامدا چاقماقتەك تېزلىكتە يېنىۋاتقان ئۆزگە خىيال دۇنيايىمنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى ۋە دىققىتىمنى دەرھال ئۆزىگە تارتتى.

“- شۇ قېرىغاندا بالا-چاقىغا كۆپرەك كوزىمىز يېقىن بولۇپ قالىدىغان گەپكەن ئۇكام. مەزلۇمۇم مېنى تاشلاپ كەتكىلى خېلى يىللار بولدى. مەن سىزگە بىر پىيالە چاي قىلاي” دەپ گاز ئوچاق ئۇستىدىكى چەينەكنى ئېلىپ بىر–ئىككى مەرتەم چايقىۋەتكەندىن كېيىن سۇ قاچىلاپ يەنە ئوچاق ئۈستىگە قۇيۇپ قويدى.

چاي قاينىغاندىن كېيىن مەن مەسۇمجان ئاكىنى ئورنىدىن قايتا تۇرماسلىققا دەۋەت قىلدىم ۋە چاينى ئۆزۈم تەييارلاشقا باشلىدىم. مەن چاينى شىرەگە كەلتۈرگەندىن كېيىن بىز چېيىمىزنى ئىچكەچ پارىڭىمىزنى باشلىۋەتتۇق.

بىز شۇ ئولتۇرغىنىمىزچە ئۆز-ھال ئەھۋالىمىزنى سورۇشۇپ خېلى ئۇزاق ھال-مۇڭ بولۇشتۇق. كېيىن مەسۇمجان ئاكا مېنى مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كىتابلىرىنى كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى. مېھمانخانا ئوينىڭ ئىچى خېلى چوڭ بولۇپ تۆت ئەتراپتىكى تامغا بىلگە قاغاننىڭ رەسىمدىن تارتىپ ئاماننىسا خانغىچە، ئىپارخاندىن لۇتپۇللا مۇتەللىپكىچە ھەممە ئۇيغۇر كاتتىلىرىنىڭ سۈرەتلىرى چۆرىدەپ ئېسىلغان ئىدى. ئوينىڭ غەرب تەرەپتىكى تېمىغا يانداپ تورۇسقىچە ئېگىزلىكتىكى كىتاب ئىشكاپى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئوي بىر مېھمانخانا ئەمەس بەلكى بىر مۇزېيخانىغا ياكى كۇتۇپخانىغا ئوخشايتتى.

مەسۇمجان ئاكىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى كۆردۈم. بەزى كىتابلار ماڭا تونۇشلۇق بولسا بەزىلىرىنى تۇنجى كۆرۈشۈم ئىدى. مېھمانخانا ئوينىڭ شەرق تەرىپىدە ئاكىمىزنىڭ ياتاق ئويى بولۇپ، ئوي ئىچى كىتابلار، دۆۋە - دۆۋە قول يازمىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. ياتاق ئوينىڭ تاملىرىغا ئاكىمىزنىڭ ھەر- بىر دەۋرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سۈرەتلىرى ئېسىلغان بولۇپ، ھەر بىر سۈرەت ئاكىمىزنىڭ ھاياتىدىن ئۆز ھېكايىلىرىنى ئۈن-تىنسىز سۆزلەپ تۇراتتى.

بىز بىرلىكتە ئاشخانا ئۆيگە قايتىپ چىقتۇق. ئارىلىقتا ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تېزلىكتە ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ پەرەز قىلالماپتىمەن. كۈن پېشىمدىن ئاشقان ئىدى. مەن گەرچە يەنە بىر ئاز تۇرۇشنى، ئاكىمىز بىلەن كۆپرەك بىرگە بولۇشنى ئويلىغان بولساممۇ ئەمما ۋاقتىمنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم چۈنكى بۈگۈن كەچتە دوستلۇق مەھەللىسىدىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا يازغۇچى ئابلىز غوپۇر قاتارلىق بىر قانچە چوڭلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ قويغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە بۈگۈن كەچتە ئەتە لوندونغا قايتىشنىڭ سەپەر تەييارلىغىنى قىلىشىم زۆرۈر ئىدى.

“-مەسۇمجان ئاكا، ئەمدى مېنىڭ قايتىشىمغا ئىجازەت بىرىڭ، ئاللا سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر بېرىپتۇ. تېنىڭىزنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىنى، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشىڭىزنى ئاللادىن تىلەيمەن. خەلقىمىز سىزنى قىلغان خىزمەتلىرىڭىز بىلەن، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان قىممەتلىك نادىر ئەسەرلىرىڭىز بىلەن ھەر ۋاقىت ياد ئېتىپ تۇرىدۇ. ئاللا نېسىپ قىلسا مەن سىزنى يەنە يوقلاپ كېلىمەن”.

“مەيلى ئەمىسە ئۇكام. روماننى تەرجىمە قىلىدىغان ئىشنى كۈرەش بىلەن سۆزلەشتىڭىزمىكىن؟”

“-ھە ئە. بىز سۆزلەشتۇق. مەن قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر يولىنى ئىزدەپ باقاي، خەۋىرى بولسا كۈرەش ئاكىمىزغا بىلدۇرىمەن” دېدىم مەن بۇ ئىشنى ئاددىي ۋە چۈشىنىشلىك قىلىشقا تىرىشىپ.

“ماقۇل ئەمىسە، بولىدۇ ئۇكام، ئاللا بىزنى يەنە كۆرۈشۈشكە نېسىپ قىلسۇن. مەن سىزگە گېپىنى قىلغان ھېلىقى تەرجىمە قىلىدىغان روماننى بېرەي، كۈتۈپ تۇرۇڭ” دېدى دە ئارقىغا يېنىپ مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

ئارىدىن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككى قولىدا بىر قاتتىق مۇقاۋىلىق قېلىن كىتابنى كۆتۈرۈپ ئوي ئىچىدىن چىقىپ كەلگەن مەسۇمجان ئاكا شىرەگە كېلىپ يېنىمدا ئولتۇردى.

“ئۇھ، مەن قەلەمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. مەن بۇ كىتابنى سىزگە ئىمزايىم بىلەن بىلەن تەقدىم قىلاي” دېدى مەسۇمجان ئاكا ئاۋايلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ.

قولىدا بىر تال قەلەمنى تۇتقان ھالدا قايتىپ كەلگەن مەسۇمجان ئاكا ئوز ئورنىدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، كىتابنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ئۆزىنىڭ بېغىشلىمىسىنى يازدى.

“ئۇكام ئەزىزجان، ھايات شۇ، بىزلەرمۇ كېتىمىز ئەمما بۇ كىتاب قالىدۇ. كىتاب ئۆلمەيدۇ!” دېدى كىتابنى ئىككى قولى بىلەن ماڭا ئۇزارتىپ.

مەن بۇ دانا ئاكىمىزنىڭ دانا سۆزلىرىدىن تەسىرلەندىم. كىتابنى ئىككى قولۇم بىلەن ئالدىم.

“ –رەھمەت سىزگە ئاكا. بۇ سوۋغىتىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مۈلكى قاتارىدا قەدىرلەپ ساقلايمەن. بۇ سىزنىڭ خاتىرىڭىز بولىدۇ. توغرا دېدىڭىز ئاكا، بۇ دۇنيادا پەقەت كىتابلا ئۆلمەيدۇ چۈنكى ئۇ ئالدىنقىلار ئۆز بېشىدىن بېسىپ ئوتكەن ھايات يولىنى كېيىنكىلەرگە يېزىپ قالدۇرغان ھاياتلىق دەستۇرىدۇر” دېدىم مەن تەمكىنلىك بىلەن.

مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قەدەملىرىمنى ئېغىر يۆتكەپ ئۈن-تىنسىز ئويدىن چىقتىم. مەسۇمجان ئاكىمۇ مېنى ئۇزىتىپ بىللە چىقتى.

“ -خوش ئاكا، سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم. ئامان بولۇڭ!” دېدىم مەن ئاكىمىزنى چىڭ قۇچاقلاپ. بىلمەيمەن، يۈرىكىمدە يانغان بىر ھىجران ئوتى مېنى تۇيۇقسىزلا كۆيدۈرۈشكە باشلىدى… بۇ ئايرىلىشتىنمىكىن، قەيەرلەردىندۇر كەلگەن ھىجران ياشلىرى كۆزۈمدىن ئۆز ئىختىيارىمسىز تۆكۈلۈش ئۈچۈن پىتىرلاۋاتاتتى…





ئەنگىلىيە، تۇركىيە ۋە قازاقىستاندىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلار، زىيالىلار ۋە يازغۇچىلار قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھرى دوستلۇق مەھەللىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقيېىۋ نامىدىكى ئۇيغۇ رئوتتۇرا مەكتىۋىدە زىيارەتتە. 2011- يىلى 21-ئىيۇل.  سۇرەتتە ئالدىنقى رەت سولدىن بىرىنچى كىشى ئاتاغلىق رەسسام كۇرەش زۇلپىقار (مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقارنىڭ ئوغلى) ۋە توتىنچى كىشى مەزكۇر ماقالىنىڭ مۇئەللىپىدۇر.  



* * * * * *



مەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم رەھمەتلىك مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنى كۆرگەندىن كېيىن دەل بىر يىل ئۇچ ئاي ئۆتكەندە ئۇيغۇرنىڭ بۇ سۆيۈملۈك ئوغلانىنىڭ بىزنى ھەسرەت ئوتلىرىدا قالدۇرۇپ ئارىمىزدىن بىمەھەل كېتىپ قالغانلىق شۇم خەۋەرنى ئاڭلىدىم. جانابى ئاللادىن ئاكىمىزنىڭ ئۇ دۇنيالىقىغا جەننەت ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئالار قىلدىم.

شۇنداق، يېقىنقى 2 ئەسىردىن بۇيان ئۇيغۇرلار يات مىللەتلەر تەرىپىدىن سانسىز قېتملاپ تالان-تاراج قىلىندى ۋە بويسۇندۇرۇلدى. ئۇيغۇرنىڭ يېرى، بايلىقى تارتىۋېلىندى ۋە بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي ئۇيغۇرئەۋلادلىرى مائارىپ تەربىيەسىسىز ئاق قالدۇرۇلدى. ئاخىر قانداقلا بولمىسۇن 1944- يىلىدىكى «ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» نىڭ ئاز-تولا غەلبە مىۋىللىرى ھېسابىغا 1955- يىلى رەسمى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ھوقوقى غەيرى-رەسمى شەكىلدە  تۇنجى قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەركىۋىدە ئېتىراپ قىلىندى.

ئۆتكەن تارىخمىز ۋە بۇگۈنىمىز بىزگە شۇنداق دەرىس بېرىدىكى جاسارەتلىك باتۇر ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىنى جان ۋە ئىمانلىرى بىلەن قوغداپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. خەلقىمىز بۇ ۋەتەن ئۈچۈن داۋام ئەتكەن كۈرەشلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق قانلىرىنى جەڭ مەيدانلىرىدا تۆكتى ۋە تۆكۈۋاتىدۇ؛ تالايلىغان ناملىق ۋە نامسىز قەھرىمانلىرىمىزنى ياراتتى ۋە داۋاملىق يارتىۋاتىدۇ.  كۈرەشچان خەلقىمىز ئوتكەن ئەسىرىنىڭ 30 ۋە 40- يىللىرىدا ئىشغالىيەتچى كۈچلەرنىڭ مۇستەملىكىچىلىكىدىن ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش كۈرەشلىرى داۋامىدا سان ساناقسىز باتۇر كۈرەشچان قىز –يىگىتلىرىنى، سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنى، ئالىم-ئەدىبلىرىنى، يازغۇچى-شائىرلىرىنى ياراتتى. تەبىئىيكى بۇ سەپتىن گومىنداڭ ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىگە قارشى كۈرەش بىلەن 1944- يىلى قۇرۇلغان «ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۇمىتىنىڭ ئارمىيە جەڭچىسى، كاپىتانى، شائىر، يازغۇچى، دراماتورگ مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز شەرەپ بىلەن ئورۇن ئالىدۇ.

بىر مىللەتتىكى ئومۇملۇققا ئىگە بولمايدىغان ئىللەت دۇنيادا ئوخشاشلا باشقا بىر مىللەتتىمۇ بولىدۇ ئەمما ئاسارەتتىە ئۇزاق ياشىغان مىللەتلەردە  بۇ خىلدىكى ئىللەت روشەن بولىدۇ.  شۇ ۋەجىدىنمۇ كاشكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل بىلىشنىڭ پۇرسەتلىرىدىن مەھرۇم قىلىپ كەلگەنمىز. جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ تۆھپىكار پەخىرلىك پەرزەنتلىرىنى ئۇلار ھايات ۋاقىتلاردا بىلمەيمىز ياكى قەدرىنى قىلالمايمىز ئەمما بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز ئارىمىزدىن غايىب بولۇپ بىز بىلەن ۋىدالاشقان چاغلاردىلا ئاندىن ئېسىمىزگە قايتىدىن ئالىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھاياتىغا نەزەر تاشلاپ چوڭقۇر ھەسرەتلەر بىلەن بىز كۆنۈپ كەتكەن ئادەت بويىچە "ئۆلۈمدىن كېيىن دۇئا ئوقۇش" قا باشلايمىز...

ئۆز ئالىملىرىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەن ئەل زاۋاللىقنىڭ بوسۇغىسىغا تەۋەدۇر. بۇ خىل ئەھۋال بىز ئۇيغۇرلاردا ئومۇمىي يۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان مىللىي پسىخىكىمىزدىكى بىر ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر يەنى جەمئىيىتىمىزدىكى ئىلغارلىرىنى، تۆھپىكارلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقىيالماسلىق، ئۇلارنىڭ يېڭى پىكىر، يېڭى ئىجادىيەت ئەمگەكلىرىنى ئۆگەنمەسلىك ۋە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ، قەدىرنى قىلماسلىق.

مېنىڭچە بۇمۇ بەلكىم ئۆتكەنكى ۋە يېقىنقى 100 نەچچە يىللاردىن بۇيان مىللىتىمىزدە شەكىللەنگەن ئومۇمىي يۈزلۈك زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىن كېيىنكى قايتىدىن ئۆزلۈكىمىزنى بايقاش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان قىسمەن رېئاكسىيە خاراكتېرلىك كېسەللىك بولسا كېرەك...

بەرھەق، مانا مەنمۇ ئۆزۈمنى بۇ خىلدىكى رېئاكسىيىدىن زىنھار خالى قىلالمىغاندەك بۈگۈن مەن شۇ قەدىرلىك كىشىلىرىمىزدىن بىرى «ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۇمىتىنىڭ كاپىتانى، يازغۇچى، شائىر مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز بىز ھاياتلىقلار ئارىسىدىن غايىب بولغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدىن كېيىنلا بۇ مۆھتەرەم ئاكىمىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىم، سۆھبەتتە بولغانلىقىم توغرىسىدىكى ئەسلىمەمنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى كۆرگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…

ئاللا مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىغا ئۆزىنىڭ ئاخىرەتتىكى بارلىق ياخشىلىقلىرىنى ئايىماي ئاتا قىلسۇن!

تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرگە مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا ئۆزىنىڭ تەھرىرلىككە قاتنىشىشى بىلەن 2007- يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان داڭلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما “شېئىرىيەت گۈلزارى” ناملىق كىتابتا بايان قىلىنغان تەرجىمىھالىنى دىققىتىڭىزلەرگە سۇنىمەن:

“مەسۇمجان زۇلپىقار 1925- يىلى يەتتە سۇنىڭ چېلەك ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتا-ئانىسى بىلەن 1931- يىلى غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ بارغان ۋە 1944- يىلى غۇلجا گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرۈپ، 1944- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە مىللىي ئازادلىق ئارمىيە ۋە مەمۇرىي رايونلاردا مەسئۇل خىزمەتلەردە بولىدۇ. 1955- يىلى مەسۇمجان زۇلپىقار كېڭەشلەر ئېلىگە كۆچۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاباي نامىدىكى قازاق دۆلەت پېداگوكا ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ، تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى 1961- يىلى تۈگىتىدۇ.

ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1942- يىلى پوئېزىيەدىن باشلانغان بولۇپ، 1955- يىلىدىن ئېتىبارەن دراماتورگىيە ۋە پروزا ساھەلىرىدە قەلەم تەۋرىتىدۇ. ئۇنىڭ “شېئىرلار”، “بوز سىرلىرى”، “كوممۇنار”، “رىزۋانگۈل”، “كۈز نەقىشلىرى”، “چىغىر يوللار”، قاتارلىق شېئىرىي كىتابلىرى،”ھايات ئېقىمى”، “پەرۋاز”، “ھىممەت”، “جۇدالىق زارى”، “ساداقەت” ناملىق پوۋېست ۋە ھېكايە توپلاملىرى، شۇنداقلا دراماتورگ سۈپىتىدە “دوختۇر كېرەكمۇ؟”، “ئىپەك گىلەم”، “باغدىكى سەيلە” قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىنى ئۇيغۇر تىياتىرىدا قويىدۇ. “بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى”، “ناۋايى”، “مىللىي دەستۇرلىرىمىز” قاتارلىق ئىلمىي ئەسەر ۋە “مەشرەپ”، “ساداقەت” ناملىق بەدىئىي فىلىملارنىڭ مۇئەللىپى. بولۇپمۇ “لۇتپۇللا” رومانى، “يانار تاغ” ترىلوگىيىسى، “سەراپ” دىلىلوگىيەلىرى كىتاپخانىلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالىدۇ. مەسۇمجان زۇلپىقار قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى، “ئىلھام” مۇكاپاتىنىڭ لائۇرىياتى.“

«ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۇمىتىنىڭ كاپىتانى، يازغۇچى، شائىر مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ ئارىمىزدىن بىر ئەلنىڭ ئارمىنىنى، يار-دوست بۇرادەرلىرىنىڭ، 5 پەرزەنتىنىڭ ۋە نەۋرە- چەۋرىلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزى بىلەن بىرگە ئېلىپ كەتتى.

مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىمىز 87 يىللىق ھاياتىدا خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ–ئارمانلىرىغا ۋارىسلىق قىلدى ۋە بۇ ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا ئوز قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۆزىدىن بۇرۇن ياشىغان ئەجدادلىرىمىزغا ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەرھۇم ئاكىمىزنىڭمۇ ئۆمرى قىسقا كېلىپ ئۆمرىدە ئەمەلىيەتكە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلىرىنى بىز ھايات ياشىغۇچىلارنىڭ زىممىسىگە قالدۇرۇپ كەتتى. ھايات مۇشۇنداق داۋام ئېتىدۇ يەنى ئالدىنقىلارنىڭ مېڭىپ تۈگىتىپ بولالمىغان يولىنى كېيىنكىلەر مېڭىپ تۈگىتىدۇ تاكى ئىزباسارلار بۇ يولنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانىغا يەتكۈچە.

مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا ئۆمرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 2 يىلىدا كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ “سەراپ” ناملىق 2 توملۇق تارىخىي رومانىنىڭ 3- تومىنى پۈتتۈرىدۇ. مۇئەللىپ بۇ ترىلوگىيىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ھايات-كەچمىشنى تۆۋەندىكى شېئىر بىلەن يەكۈنلەپ بايان قىلىدۇ:



“تالاي دەشتى سەھرا كېزىپ، داۋانلار ئېشىپ ئۆتتۈم،
مەنزىلنى ئىرادە ئەيلەپ، ئۈمىدتە بېسىپ ئۆتتۈم.
ئىستىكىم ھەقۇ-ئادالەت، نىگار ۋەسلى، سائادەت،
ئەپسۇس، ئەلنى قاپلاپ زۇلمەت، نادامەت چېكىپ ئۆتتۈم.
سادىر تۇغى-سۇبھىگاھىم، ئەجدادلار مەدەتكارىم،
كۈن بىر بالقىدى- پاتتى، نادامەت چېكىپ ئۆتتۈم.
زۇلۇم ھەججاجىدىن ئاشتى، تەنگە تاشلار جانغا پاتتى،
رەقىب قەست ئوقىنى ئاتتى، خۇنابى يۈرۈپ ئۆتتۈم.
قەلەم بولدى شەمشەر قىلىچ، مەقسەت مۈلكىدە چېلىش،
مۇددىئا كانىدىن دۇرى- ئۈنچىلەر تېزىپ ئۆتتۈم.
زۇلپىقار قايتماس ئىزىدىن، بولسىمۇ يولى تۇيۇق،
ھەق ئىلتىپات ئەيلىسە گەر، مۇراتقا يېتىپ ئۆتتۈم.”



مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكا ماڭا دېگىنىدەك “كىتاب ئۆلمەيدۇ”. ئاكىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرى، ئۇيغۇر ئۈچۈن يازغان كىتابلىرى ئۆلمەيدۇ، بىز ۋە بىزدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادىنىڭ خاتىرىسىدە چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن مەڭگۈ ياد ئېتىلىپ تۇرىدۇ.

جانابى ئاللا مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىغا جەننەت ئاتا قىلغايسەن، ئامىن!

2012- يىلى 16- ئۆكتەبىر

لوندون.




قوشۇمچە سۈرەت:




ئەنگىلىيە، تۇركىيە ۋە قازاقىستاندىكى بىر قىسىم سەنئەتكارلار، زىيالىلار ۋە يازغۇچىلار قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىدە  زىيارەتتە. 2011- يىلى 21-ئىيۇل.  ئالمۇتا.










1

تېما

7

دوست

6182

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.64%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1608
توردىكى ۋاقتى: 712
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 13:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۆمۇر ئۇيغۇر ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزغان،بىر ئۇلۇغ زاتنىڭ ھايات پائالىيىتى بىلەن پۈتكۈل ئۇيغۇرنى خەۋەرلەندۇرگەن يازغۇچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈنگە،بۇ تېمىنى يوللۇغۇچىغا  چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.بولسا مەرھۇمىنىڭ ئەسەرلىرنى ئۇيغۇر رايۇنىدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا نەشىر قىلىش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇلسا، دىگەن ئۆمۈددە بىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

3578

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11648
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 418
تۆھپە : 842
توردىكى ۋاقتى: 260
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 13:51:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھدىن سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت مەرھۇمغا مەغپىرەت تىلەيمەن

4

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   8.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6865
يازما سانى: 745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2109
تۆھپە : 2742
توردىكى ۋاقتى: 645
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 14:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىلمىگەن ھەم ئاڭلىمىغان تارىخلار ھامان ئاشكارىلانغۇسى ...

3

تېما

1

دوست

1670

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 15:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ! ئۇستازلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن يۈز كۆرۇش مۇمكىن بولارمىكىن !

15

تېما

18

دوست

4319

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   77.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1740
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-24 19:36:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچى مەسۇمجان زۇلپىقاروۋ ۋاپات بولدى


13.10.2012 17:43   


Вчера, 12 октября 2012 года, на 88-м году жизни, скончался известный уйгурский писатель-драматург  Масимжан Шамиевич  Зулпикаров . Это тяжелая утрата для уйгурского народа , скорбим… От имени всех участников сообщества «Парваз» и гостей сайта выражаем искренние соболезнования родным и близким  Масимжана Шамиевича… Яткан ери жанняття болсун…









كۆپ مىللەتلىك قازاقستان ئەدەبىياتى ئېغىر جۇدالىققا ئۇچرىدى. موشۇ ژىلنىڭ 12-ئوكتيابر كۈنى پېشقەدەم يازغۇچى، شائىر، دراماتۇرگ مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ 87 يېشىدا يورۇق دۇنىيا بىلەن مەڭگۈگە خوشلاشتى.

م.زۇلپىقاروۋ 1925-ژىلى ئالمۇتا ۋىلايىتى چېلەك (ھازىرقى ئەمگەكچى قازاق) ناھىيەسىنىڭ چېلەك يېزىسىدا دېخان ئائىلىسىدە دۇنىياغا كەلگەن. ئائىلەۋىي شارائىتىى سەۋەپ 1931-ژىلى غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ بارىدۇ. 1944-ژىلى ئىلى گىمنازىياسىنى تاماملاپ، مەزكۈر بىلىم دەرگاھىدا مۇئەللىم بولۇپ ئىشلەيدۇ. شۇ ژىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى ئىنقىلاپنىڭ تەشۋىقاتچىسى، ئاندىن قولىغا قۇرال ئېلىپ مەيدانغا ئاتلانغان پائال ئىشتراكچىسى بولىدۇ. 1945-ژىلى ھەربىيلەرنى تەييارلايدىغان قىسقا مۇددەتلىك كۇرستا، 1946 — 1947-ژىللىرى بايانداي ئۆلكىسىدىكى ئاتلىق ئەسكەرلەر مەكتىۋىدە بىلىم تەھسىل كۆرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئاتالمىش بىلىم يۇرتىدا ئىنسترۇكتور، شتاب باشلىغى، شاتى گارنىزونىنىڭ باشلىغى، غۇلجا شەھەرلىك مىللىي ئارمىيا كوماندانلىق شتابىنىڭ ھەربىي تەييارلىق بۆلۈمىدە ئىنسترۇكتور، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خىتاي كومپارتىياسى يېتەكچىلىگىدىكى ھەربىي رايونىدا ھەربىي تەييارلىق باشقارمىسى باشلىغىنىڭ ئورۇنباسارى، ھەربىي سەياسىي ئالىي كۇرسى ئوتريادىنىڭ باشلىغى خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «سوۋېت-خىتاي» بىرلەشكەن مېتاللۇرگىيا باشقارمىسىدا بۆلۈم باشلىغى بولۇپ ئىشلەيدۇ.










مەسۈمجان شەمى ئوغلى 1955-ژىلى ئائىلىسى بىلەن قازاقستانغا كۆچۈپ چىقىدۇ. تەبىئىتىدىن ئىلىم-ئىرپانغا تەشنا بولغان ئۇ 1956-1961-ژىللىرى ئالمۇتىدىكى ئاباي نامىدىكى قازاق پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تارىخ ۋە تىل-ئەدەبىيات فاكۇلьتېتىدا تەھسىل كۆرىدۇ. 1961 — 1964-ژىللىرى مەزكۈر دەرگاھتا مۇئەللىم ۋە ئى.ئالتنسارىن نامىدىكى پېداگوگىكا پەنلىرى ئىلمىي-تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىلمىي خادىم، 1964 — 1976-ژىللىرى خەشكىلەڭ ناھىيەسى درۇژبا يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە (ھازىرقى ئالمۇتا شەھىرى ئا.روزىباقىئېۋ نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيا) مۇدىر، 1978 — 1980-ژىللىرى ئالمۇتىدا نەشىر قىلىنغان «بىزنىڭ ۋەتەن» گېزىتى رېداكцئىياسىدە تەھرىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. ھۆرمەتلىك دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ئۇ ئىجادىيەت مەيدانىدا تېخىمۇ پائال قەلەم تەۋرىتىشكە باشلايدۇ.

مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ ئۆزىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىجادىي پائالىيىتى تۈپەيلى كىتاپخانلارغا نۇرغۇنلىغان بېباھا ئەسەرلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. «يانار تاغ» ترىلوگىياسى (1985،1994، 1995) «سەراپ» دىلوگىياسى (2001، 2005) «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» رومانى (1969)، «تاڭ سىرلىرى» (1958)، «كوممۇنار» (1960) داستانلىرى ۋە چوڭلارغا ھەم بالىلارغا بېغىشلانغان پوئېما، پوۋېست-ھېكايىلىرى شۇلار جۈملىسىدىندۇر. ئەدىپنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ «دوختۇر كېرەكمۇ؟» درامىسىنى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تېئاترىنىڭ رېپېرتۇئارىنى بېيىتقان ئەسەرلەرنىڭ بىرى دېيىشكە تولۇق ئاساس بار. يازغۇچى سېنارىيلىرىنى يازغان «ساداقەت»، «مەشرەپ» ۋىدېئوفىلىملىرىمۇ تېلېتاماشىبىنلارنىڭ ئىللىق ئىنكاسىغا ئېگە بولغان. مەسۈمجان شەمى ئوغلى ئىجادىيەت مەيدانىدىكى كۆپ ژىللىق مېۋىلىك ئەمگىگى تۈپەيلى قازاقستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ پەخرىي يارلىغى ۋە بىر قاتار مۇكاپاتلار بىلەن تەغدىرلەنگەن. ئۇيغۇر مېцئېناتلىرى كلۇبى تەسىس قىلغان «ئىلھام» مۇكاپىتىنىڭ ساھىبى ئاتالغان.

پېشقەدەم يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ ئۆزىنىڭ تالانت-قابىلىيىتى، بىلىم-ئىختىدارى تۈپەيلى ئەدەبىيات مەيدانىدا شىجائەتلىك ئەمگەك قىلىپ، ئۆز خەلقىگە ئۆلمەس مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. مەرھۇم ئىنسان سۈپىتىدە ئالىي پەزىلەتلەرگە ئېگە، مەدەنىيەتلىك شەخس ئېدى. ئەينە شۇنداق ئېسىل قەلەم ساھىبىنىڭ خاتىرىسى قەلبىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.


قازاقستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى باشقارمىسى.


[url]http://uyguravazi.kz/?p=4360
[/url]

0

تېما

2

دوست

5245

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1584
توردىكى ۋاقتى: 232
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 00:11:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىزگە نېسىپ بولارمۇ ؟ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي .

1

تېما

1

دوست

1384

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   38.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11903
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 101
تۆھپە : 369
توردىكى ۋاقتى: 105
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-25 08:26:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنىڭ قارا بورانلىرى نېمە دېگەن رەھىمسىز. ئۇيغۇر ئۈچۈن يىتۈك سانىلدىغان ئەزىزلىرىمىزنى مانا بۇ يۇرۇق دۇنيادىكى ۋاقتىدا بىلەلمەپتۇق، ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىككى كەلىمە سۆز قىلالماپتۇق.ئەپسۇس، تولىمۇ ئەپسۇس. خىياللىرىم نەق بۇنىڭدىن 70 يىل بۇرۇنقى تارىخى قەرنەگە كۆچتى:
1944-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 6:25 مىنۇت ئۆتكەندە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )