ئالدىنقى ئايدىكى ئىلىم چېيىمىزدا "ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى" ناملىق كىتابنى قىسقىچە مۇھاكىمە قىلغان ئىدۇق. مەنچە مەزكۇر كىتابتىكى مەزمۇنلار بىر قەدەر ئېغىر ۋە ئابستراكىت تۇيۇلغىنى بىلەن ئادەمگە تولىمۇ كونكرېت مەنزىرىنى ئەسلىتىدىكەن. ماڭا خۇددى ھۆكۈمدارلار دەستۇرىنى ئوقۇغاندا ئېرىشكەن تۇيغۇمنى قايتۇرۇپ بەردى. شۇڭا، مەن مەزكۇر كىتابتىن ماڭا بىرقەدەر تەسىر قىلدى دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى باغداشتىكى پەزىلەتلىك تور ئاھالىسىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
"ئىنسانلار تەڭسىزلىكىنىڭ مەنبەسى" دىن ئۈزۈندىلەر
1
ناۋادا كىندىك قېنىم تۆكۈلىدىغان ماكاننى تاللاش ئىمكانىيىتى بېرىلگەن بولسا، شۇنداق بىر ئەلنى تاللىغان ئىدىم: تېررىتورىيەسى ئانچە كەڭرى بولمىغان ئۇ ماكاندا، كىشىلەرنىڭ قابىلىيىتى ئوبدان ئىدارە قىلغىلى بولىدىغان دائىردە چەكلىنىدۇ. جەمئىيەت ئەزالىرى ئىش – مېھنەتتە باراۋەر بولغاچقا، ھېچكىم ئۆزىگە تەئەللۇق مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ يۈرمەيدۇ. 2 شۇنداق بىر ئەلدە تۇغۇلۇشنى ئۈمىد قىلار ئىدىم: ئۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن ئاۋام – پۇقرا ئىنتىلىدىغان مەنپەئەت پەقەت بىرلا. چۈنكى،ئۇنداق سىياسىي ئاپاراتنىڭ ھەرقانداق ئەتمىشى ئاۋامنىڭ ئورتاق سائادىتى ئۈچۈن ئەبەدىي بېغىشلانغان. 3 بىرەر ئەلنى شۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھۆكۈمران بىلەن يات ئەلدىن كەلگەن ھۆكۈمران بىللە باشقۇرىمەن دېسە، ئۇلار ھوقۇقنى قانداق بۆلۈشمىسۇن،ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ ئاۋام – پۇقرانى گەپكە كىرگۈزۈپ، ئەلنى ئىدارە قىلمىقى مۇمكىن ئەمەس. 4 مۇنداق بىر ئەلنى ئۆزۈمگە ۋەتەن قىلىپ تاللىسام دەيمەن: ئۇ _قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇنغا ھاجىتى چۈشمەيدىغان بەختىيار ماكان. 5 قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى پۇقرالارغا تەئەللۇق بولغان ئەلنى ئۆزۈمگەۋەتەن قىلىپ تاللىسام دەيمەن. چۈنكى، جەمئىيەتكە قانداق قانۇننىڭ لازىملىقىنى ھېچكىم ئاشۇ جەمئىيەتتە ئورتاق ياشايدىغان پۇقرالاردە ئېنىق بىلمىسە كېرەك. 6 مۇنداق بىر ئەلنى ئۆزۈمگە ۋەتەن قىلىپ تاللىسام دەيمەن: ئۇ يەرنىڭ پۇقرالىرى قانۇن ئاتا قىلغان ئاۋاز بېرىش ئوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىدىن بەكمۇمىننەتدار؛ ھەر يىلى ئەڭ قابىلىيەتلىك، ئەڭ ھەققانىي كىشى شۇ ئەلدە قانۇن يۇرگۈزۈش، دۆلەت باشقۇرۇشقا سايلىنىدۇ. ئۇنداق جۇمھۇرىيەتتىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەخلاق – پەزىلىتى پۇقرالارنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى نامايەن قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئەلدىكى ئاۋام – پۇقرا بىلەن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىر– بىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. 7 ئايال زاتى ئەرلەر بەختىنىڭ كاپالىتىدۇر. ئۇلاردىكى لاتاپەت ۋەھۇشيارلىق جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەمىنلىكى ۋە ئەزگۈ ئەخلاققا مەھەمدۇر. سۈيۈملۈك ۋە پەزىلەتلىك جەنۋە ئاياللىرى ! سىلەر ئاياللارنىڭ تەقدىرى ھەمىشە دېگۈدەك بىز ئەرلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. 8 سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئوبيېكتىپ كۆزىتىپ باقىدىغان بولساق، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە نامايەن بولىۋاتقىنى كۈچلۈكلەرنىڭ زوراۋانلىقىبىلەن ئاجىزلارنىڭ ئېزىلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. كۈچلۈكلەرنىڭ شەپقەتسىزلىكىدىن ھەممىمىز نەپرەتلىنىش بىلەن بىرگە ئاجىزلارنىڭ نادانلىقىدىن ھەسرەتلىنىمىز. 9 مېنىڭچە ئىنسانلار ئارىسىدا مۇنداق ئىككى خىل تەڭسىزلىك مەۋجۇت:بىرىنچى خىلنى "تەبىئىي تەڭسىزلىك" ياكى " فىزىئولوگىيەلىك تەڭسىزلىك" دەپ ئاتايمىز. بۇ خىل تەڭسىزلىكنى تەبىئەت ئاپىرىدە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئادەملەرنىڭ ياش - قۇرامى ،سالامەتلىكى، تەن قۇۋۋىتى، ئەقلىيىتى ۋە زېھنى ... قاتارلىق جەھەتلەردىكى پەرقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى خىلنى "مەنىۋى ياكى سىياسىي جەھەتتىكى تەڭسىزلىك" دەپ ئاتايمىز. ئۇ ئادەت - يوسۇننى مەنبە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ بولمىغان ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى كىشىلەرگە ئايان. بۇ خىل تەڭسىزلىك باي – باياشاتلىق،شان – شەرەپ ۋە ھوقۇق – مەرتىۋە قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇش، ھەتتاباشقىلارنى بوسۇندۇرۇشتەك كىشىلەرگە ئازار بېرىدىغان ئىمتىيازنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. 10 خۇددى كىشىلەر ئېيتقاندەك، غايىبىي قۇدرەت تۇغما تالانتنى تەقسىمقىلغاندا ئالەمشۇمۇل تەڭسىزلىككە يول قويغان. 11 كىمدىكىم بىر پارچە يەرنىڭ چۆرىسىنىچىتلاپلا ئۇنى "بۇ يەر مېنىڭ !" دېيەلىسە ھەمدە ساددىلىقتا يېتىپئاشىدىغان بىر ئۇچۇم ياۋاشنى ئاشۇ گېپىگە ئىشەندۈرەلىسە، مەدەنىي جەمئىيەتنىڭھەقىقىي ئاساسچىسى شۇ، دېگەن گەپ. ناۋادا بىرسى چىقىپ قېقىلغان قوزۇقارنى يولۇپتاشلاپ، سوقۇلغان قىرلارنى تۈزلىۋېتىپ، باشقىلارغا : "ئۇنداق ئالدامچىلارنىڭگېپىگە قۇلاق سالماڭلار ! يەردىن چىققان ھوسۇل ھەممە ئادەمگە تەئەللۇق بولغىنىبىلەن، يەرنىڭ ھېچكىمگە تەۋە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار __پەرۋەردىگارنىڭ ئۇرغىنى!" دېيەلىگەن بولسا، ئىنسانىيەت قانچىلىغان جىنايەت،ئۇرۇش – تالاش، قاتىللىق، ئازاب – ئوقۇبەت ۋە ۋەھىمە – تەشۋىش ... دېگەنلەردىنئامان قالار بولغىيدى؟! 12 جەمئىيەت بىلەن قانۇن ئاجىزلارغا يېڭىبويۇنتۇرۇق، بايلارغا يېڭى كۈچ – قۇۋۋەت ئاتا قىلدى، خالاس. جۈملىدىن ئۇلار تۇغماھۆرلۈكنى ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلىپ، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىكنى قوغدايدىغانقانۇننى ئۆمۈرلۈك تۇرغۇزۇش بىلەن بىرگە ئۇستىلىق بىلەن قاقتى – سوقتى قىلىشنىمۇستەھكەن ھوقۇققا ئايلاندۇرىۋەتتى. ئىنسانلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاز ساندىكىقارانىيەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جەبىر – جاپا، قۇللۇق ۋە يوقسۇللۇققا بەنتقىلىۋېتىلدى. 13 ئىستېلا ھوقۇقىنىڭ ئۆزى چىن مەنىدىكى ھوقۇقتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىئۈچۈن، ئۇ باشقا ھوقۇقلارغا ئاسا بولالمايدۇ. چۈنكى ئىستېلا قىلىنغان مىللەتھۆرلۈكنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىستېلاچىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ئۆزلىرىگەسەردار قىلىپ تاللىمىغانلا بولسا، ئىستېلاچى بىلەن ئىستېلا قىلىنغۇچىئوتتۇرىسىدىكى جەڭگى – جېدەل ئەبەدىي تۈگىمەيدۇ. ئىستېلا قىلىنغۇچى مىللەت ئىستېلاقىلغۇچىنى رازىلىقى بىلەن ئۆزلىرىگە سەردار قىلىپ تاللاشتىن ئىلگىرى، مەيلى قانداقشەكىلدىكى تەسلىمنامە ئىمزالانمىسۇن، ئۇنداق "نامە" نىڭ بىردىنبىرئاساسى زوراۋانلىق بولغىنى ئۈچۈن، قىلچە رولى بولمايدۇ. 14 "كۈچلۈكلەر" بىلەن "ئاجىزلار" دىن ئىبارەت ئىككىسۆزنىڭ مەنا دائىرسىنى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولمايدۇ. مۈلۈك ھوقۇقى ياكى ئالدىن ئىگىلەش ھوقۇقىنىڭتۇرغۇزۇلىشى بىلەن سىياسىي ھۆكۈمەتنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا، يۇقىرىقىئىككى سۆزنىڭ مەناسىنى "يوقسۇللار" بىلەن "بايلار" دەپچۈشەنسەك ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ. قانۇن – تۈزۈم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى، بىراۋنىڭباشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشتە ئۇلارنىڭ مال – مۈلكىگە قارا ساناش ياكى ئۆزىگەتەئەللۇق مال – مۈلۈكنىڭ بىر قىسمىنى باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىشتىن باشقا ئامال يوقئىدى. 15 ھۆرلۈكتىن ئۆزگە مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسىرىگۈدە ھېچنىمىسى بولمىغانيوقسۇللارنى ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئاشۇ بىردىنبىر تەۋەرۈكىنىمۇ بىركاردىنبىكارغىلا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاش __ ئۇچىغا چىققانبىمەنىلىك. 16 كىشىلەر دەسلەپتىلا ئۆزلىرىنى مۇستەبىت سەردارلانىڭ قوينىغا قەتئىينىيەت بىلەن شەرتسىز ئاتىدۇ، بەڭباش تەلۋىلەر جامائەت ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن،تۇنجى بولۇپ قۇللۇق تۈزۈمنى ماقۇل كۆرىدۇ، دەپ قاراش دېگەندەك ئەقىلگە سىغمايدۇ.چۈنكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار زۇلۇم – سېتەمدىن ئامان قالارمەنمىكىن، مەۋجۇتلۇقۇمنىڭشەرتلىرىدىن بولمىش مال – مۈلكۈم، ھۆرلۈكۈم ۋە جېنىمنى ساقلاپ قالارمەنمىكىن،دېمىسە ئۆزلىرىگە ھۆكۈمران تاللاپ يۈرەمتى؟! كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزىنىڭباشقىلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتمەكتىن ئېغىر خورلۇق بولمىسا كېرەك. 17 سىياسىيونلارنىڭ ھۆرلۈك ئىشقى ھەققىدىكى كاززاپلىقلىرى بىلەنپەيلاسوپلارنىڭ ئەسلىيەت ھەققىدىكى كاززاپلىقلىرى ئەمەلىيەتتە بىر قېلىپتاقۇيغاندەك نەرسىلەر. ئۇلار كۆز ئالدىدىكى شەيئىلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپلا، ئەسلاكۆرۈپ باقمىغان ۋە پەرقلىق شەيئىلەرگە ھۆكۈم قىلىۋېرىدۇ. جۈملىدىن ئۇلار قۇللارنىڭئاسارەتنىڭ جەبرىلىرى ئالدىدىكى سەۋر – تاقىتىنى كۆرۈپلا "تۇغۇلۇشىدىنلاقۇللۇققا مايىلدۇر" دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ. 18 مەدەنىيلەر شىللىسىدىكى بويۇنتۇرۇققا قىلچە ۋايسىمايدۇ، ئەممابەدەۋىلەر ئۇنىڭغا ئەبەدى باش ئەگمەيدۇ. بۇ ھال گويا ياۋا ئاتنىڭ ئارغامچىنىكۆرگەن ھامان دەرغەزەپ بىلەن چاپچىپ سەكرىگىنىگە، كۆندۈرۈلگەن ئاتنىڭ ئەكسىچە،قامچا بىلەن ئۆتۈك زىقچىسىغا غىڭ قىلمىغىنىغا ئوخشايدۇ. بەدەۋىلەر بوران –چاپقۇنلۇق دالىلاردا ئەركىن يۈرۈشكە رازىكى، ئارامخۇدالىق ئىچىدە قۇل بولۇشنىخالىمايدۇ. شۇڭا، ئىنسانلارنىڭ قۇللۇققا ئەسلىدىنلا مايىل ياكى قارشى ئىكەنلىكىنىدەلىللەشتە قۇللارنىڭ سۇلغۇنلۇقلىرىنى دەلىل ئاساسى قىلىۋالماي، ئۇنى زۇلۇمغاقارشى تۇرۇپ ھۆرلۈككە ئېرىشكەن مىللەتلەرنىڭ ئالەمشۇمۇل نۇسرەتلىرى ئاساسىدادەلىللىشىمىز لازىم. ئايانكى، قۇل قىلىنغانلار شىللىسىدىكى بويۇنتۇرۇق بەخش ئەتكەنتىنچلىق ۋە ئەمىنلىكنى توختىماي ماختىشىدۇ. مۇھىمى ئۇلار قۇللۇقنىڭ پاجىئەلىرىنى"تىنچلىق" دەپ بىلىدۇ. ئەمما ھۆر مىللەتلەرنىڭ ئىلكىدىكى مال –دۇنياسىنىڭ ئامان – ئېسەنلىكى ئۈچۈن شاد – خوراملىقىدىن، خاتىرجەملىكىدىن، ھوقۇق –ئىمتىيازلىرىدىن، ھەتتا ئىسسىق جېنىدىن كېچىېۋاتقانلىقىنى ، ھۆت تۆرەلگەن بەزى جان– جانىۋارلارنىڭ ئىسكەنجىگە بولغان نەپرىتى سەۋەبلىك قەپەسكە باش – كۆزۈنى ئۇرۇپقانغا بوياۋاتقانلىقىنى، يالىڭاچ ياشاپ كېلىۋاتقان بەدەۋىلەرنىڭ ياۋروپالىقلارنىڭئەيش – ئىشرەتلىك ھاياتىغا كۆز قىرىنى سېلىپ قويماي، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاچ –زېرىنلىق، ئۇرۇش دېشۋارچىلىقلىرى، ھەتتا ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىۋاتقانلىقىنىكۆرگىنىمدە، "ھۆرلۈك" ھەققىدىكى مۇھاكىمىنىڭ "قۇل" لار بىلەنمۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. 19 ئادەملەر تۆۋەندىكىدەك كىشىلىك مۇناسىۋەتتىنزادى قانداق ئويغا كېلىدىغاندۇ؟ پۇلدارلارنىڭ نەپسانىيەتچى مىراسخورلىرى (كۆپىنچىھاللاردا ئۆزىنىڭ بالىلىرى) دىن ئاشۇ پۇلدارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىمەيدىغانلار بولمىساكېرەك؛ بىر قىسىم سودىگەرلەردىن بىرەر پاراخوتنىڭ دېڭىزغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى"خۇش خەۋەر" دەپ بىلمەيدىغانلار بولمىسا كېرەك؛ نىيىتى يامانقەرزدارلاردىن دۇكانغا ئوت كېتىپ، بارلىق ھېسابات ماتېرىياللىرىنىڭ كۆيۈپ كۈلبولۇپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار بولمىسا كېرەك؛ قوشنا مىللەتلەرنىڭ ھالاكىتىدىنشاتلانمايدىغان قۇۋم بولمىسا كېرەك. ھەرقاندىقىمىز نەسىلداشلىرىمىزنىڭ زىيان –زەخمىتىدىن نەپ ئالىمىز؛ بىرىمىزنىڭ تالاپىتى يەنە بىرىمىز ئۈچۈن ئامەت. يېمانيېرى، نۇرغۇن كىشى جامائەتنىڭ بالا – قازاغا ئۇچرىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان بولۇپقالدى. ئۇلاردىن بەزىلەر ئاغرىق – سىلاق، بەزىلەر ئۆلۈم – يېتىم، بەزىلەر جەڭگى –جېدەل، بەزىلەر ئاچ – زېرىنلىق تىلەيدۇ. مىسالەن، ئىلگىرى بىر قارا نىيەتنىڭ مولھوسۇللۇق مەنزىرىنى كۆرۈپ ھەسەتتىن يىغلاپ نكەتكەنلىكىنى كۆرگەنمەن. 20 بۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىگە كىشىلەر كۆزىنىئالا چەكمەن قىلىۋەتكەن ساختىپەزلىكنى قايرىپ قويۇپ قاراپ باقىدىغان بولساق،ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا مېھر – مۇھەببەت يەتكۈزۈشكىمۇ، زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈشكىمۇمەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. جۈملىدىن، كىشىلەر مەجبۇرىيەتنى دەپ قىساسخور،مەنپەئەتنى دەپ ئالدامچى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ناۋادا بىراۋ ماڭا: "جەمئىيەتكىشىلەرنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ھەقلىق مۇلازىمىتى مابەينىدە شەكىللەنگەن"دېگەن بولسا، ئۇنىڭ بۇ گىپىگە جاۋابەن مۇنداق دېگەن بولاتتىم: "ئاشۇ كىشىلەرباشقىلارغا زىيان سالماي تۇرۇپ تېخىمۇ نۇرغۇن پايدا تاپالىغان بولسا ئىدى، ئاندىنجەمئىيەت فورمىسىنى يۇقىرىقى گەپكە تۈگەللىيەلەيتتۇق. ئەمما، ھازىر قانۇنسىز پايداقانۇنلۇق پايدىدىن ئاسان قولغا كېلىدىغان بولۇپ كەتتى؛ باشقىلارغا زىيان سېلىشئۇنىڭغا ھىممەت قىلىشتىن پايدىلىق بولۇپ قالدى. قىسقىسى، ئادەملەر قانۇننىڭجازاسىدىن قېچىشنىڭ ئوبدان چارىسىنى تاپالماي ئاۋارە. شۇڭا، بۇ جەھەتتە كۈچلۈكلەرئۆز قۇدرىتىنى، ئاجىزلار مەككارلىقىنى تولۇق ئىشقا سالماقتا!" 21 كىشىلەر تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ نۇرغۇنئېشىنچى بايلىق جۇغلاشقا ئىنتىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەيش – ئىشرەت، ھەددى ھېسابسىزمال – دۇيا، رەئىيەت ۋە قۇللارچە ئىنتىلىش ... دېگەنلەر توختاۋسىز قۇترايدۇ.ئىشقىلىپ ھەرقانداق ئادەم ئارام – قارامسىز پالاقلايدۇ. قىززىق يېرى، كىشىلەرنىڭھاجىتى تەبىئەت ۋە زۆرۈرىيەتتىن قانچىكى يىراقلاشقانسېرى، ئۇنىڭغا بولغان نەسىشۇنچە تاقىلدايدۇ؛ يامان يېرى، ئاشۇ نەپسىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلغان نوپۇز شۇنچەكۈچىيىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلار تارىخى ئۇزاق مۇددەتلىك كامالەتتىن كېيىن،شۇنداقلا ھەددى ھېسابسىز دەپى – دۇيانى يالماپ يۇتۇپ، كۈرمىڭلىغان ئادەمنىھەسرەتكە قويغاندىن كېيىن، ئاخىر بىر قەھرىمان ئوتتۇرىغا چىقىپ تاكى دۇنيانىڭيېگانە ئىگىسىگە ئايانغۇچە ھەممىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدۇ. مانا بۇ ئىنسانلارئەخلاقىنىڭ كارتىنىسى. ئۇنى ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ يىغىنچاق ئىنكاسى دېگىلىبولمىسىمۇ، ئەڭ بولمىغاندا ھەر بىر مەدەنىي بەندىنىڭ يۈرىكىگە مۆكۈنگەنۋەھشىيلىكنىڭ بەلگىسى دېگىلى بولىدۇ. 22 سەمىمىزدە بولغايكى، مەدەنىيلەرنىڭ ھالىتى بىلەن بەدەۋىلەرنىڭھالىتىنى ھېچبىر ئاساسسىزلا سېلىشتۇرۇپ يۈرمىگۈلۈك. مۇمكىن بولسا، مەدەنىيلەرنىڭئۆزلىرىنىڭ رەزىللىكى، ھاجىتى ۋە بەختسىزلىكىدىن باشقا، يەنە ئازاب – ئوقۇبەتلىرىبىلەن ئۆلۈمگە قانداقلارچە يېڭى – يېڭى يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىپبېقىش كېرەك. 23 ناۋادا بىزنى قىيناۋاتقان روھىي ئازابلىرىمىزنى، ماجالىمىزنى قويمايۋاتقان ئەسەبىي شەھۋەتلىرىمىزنى، يوقسۇللارنى ھالسىزلاندۇرىۋاتقان ئېغىرمېھنەتنىڭ جەبرىلىرىنى، زەردارلارنىڭ گەرچە خەتەرلىك بولسىمۇ، خاھىشەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئىشرەتلىك ھاياتىنى، يوقسۇللارنىڭ ئاچلىقتىن، زەردارلارنىڭ توقلۇقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىيالىغان بولساڭ ئىدىڭ؛ زەردارلارنىڭ داستىخىنىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ سالاتلارنى، زىيانلىق خۇرۇچلارنى، ئېچىغان –چىرىگەن ئاش – تائاملارنى، ناچار تەركىبلەر ئارلاشتۇرۇلغان دورىلارنى ۋە ناچاردورىنى ساتقان سودىگەرلەرنىڭ ئالدامچىلىقلىرىنى، دوختۇرنىڭ رېتسىپىدىكى خاتالىق –سەېەنلىكلەرنى، شۇنداقلا دورا تەييارلاشقا ئىشلىتىدىغان قاچا – قۇچىلارغا يۇققانزەھەرلەرنى ئويلاپ يېتەلىگەن بولساڭ ئىدىڭ؛ ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدىكىزىيادە زىللىقلار، ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپېراتورىسىدىكى ئاسمان – زېمىن پەرقلەر،كىيىنىش ئادىتىدىكى يەڭگىلتەكلىكلەر ۋە شەھۋەتكە زىيادە بېرىلىپ كېتىش قاتارلىقلارسەۋەبلىك يامراۋاتقان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە نەزەرىڭنى ئاغدۇرالىغان بولساڭئىدىڭ؛ شەھەر – قىشلاقلاردىكى يانغىن (ئوت ئاپىتى) ياكى زىلزىلە (يەر تەۋرەش)مىڭلىغان – مىليونلىغان كىشىنىڭ جېنىدىن جۇدا بولۇۋاتقانلىقىغا نەزەر سالالىغانبولساڭ ئىدىڭ، قىسقىسى ئىنساننىڭ بېشىغا توختاۋسىز كېلىۋاتقان كەلگۈلۈكلەرنى بىر –بىرىگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلالىغان بولساڭ ئىدىڭ؛ ئۇ چاغدا تەبىئەتنىڭ ئۈگۈت –نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىمىز ۋەجىدىن، ناھايىتى ئېغىر بەدەل تۆلەپكېتىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشەنگەن بولاتتىڭ! 24 شۇ نۇقتا ئايانكى، سەردارلار ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بارىچە ئاۋامنىڭ ئۆملۈكىنى بۇزۇش يولى بىلەن ئۇلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتەلەيدۇ؛بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئۇرۇقىنى چېچىش بىلەن جەمئىيەتتە قارىماققا ئىناقلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرقانداق ساختا ھالەتنى پەيدا قىلالايدۇ؛ ھوقۇق بىلەن مەنپەئەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا گۇمان ۋەئۆچمەنلىكنى قوزغىتىدىغان جېدەل – ماجرانى تۇغدۇرالايدۇ؛ قىسقىسى ئۇلار يۇقىرقىدەكچارىلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىستېلا قۇدرىتىنى كۈھەيتەلەيدۇ. 25 ئىستىبدات دۆلەتتە "ھېچكىم ھۆرمەتكە لايىق سۆز – ھەرىكەتنىڭ خاسىيىتى بىلەن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ". مۇستەبىتلىك قۇترىغان يەردە ئاشۇ ئىستىبداتتىن ئۆزگە خوجايىن بولمايدۇ؛ ئاشۇ ئىستىبداتنىڭلاگېپى گەپ بولىدۇكى، ھەققانىيەت ۋە مەسئۇلىيەتتىن سۆز ئېچىشقا مۇمكىن بولمايدۇ.چۈنكى قۇللارغا كۆرە ئېيتقاندا، قارغۇلارچە رايىشلىق بەجا كەلتۈرۈشكە تېگىشلىكبىردىنبىر ئەزگۈ پەزىلدۇر. تەڭسىزلىكنىڭ يۈكسەك پەللىسى دەل مۇشۇ! بۇ يەردە ھەرقانداق شەخس مەۋجۇت ئەمەسلىكى بىلەن بابباراۋەردۇر؛ بۇ يەردە كىشىلەر بۇرۇنقىدەك قانۇنغا ئەمەس، پەقەت پادىشاھنىڭ ئىرادىسىگىلا بويسۇنىدۇ؛ بۇ يەردە پادىشاھنىڭ ئىستەك – ئۈمىدىدىن باشقا ھېچقانداق قائىدە – نىزام مەۋجۇت بولمايدۇ؛ بۇ يەردە ساۋابكارلىق ئۇقۇمى، ھەققانىيەت پىرىنسىپى ... دېگەنلەر بىر يولىلا غايىپ بولۇپ كەتكەن.
بىلىمگاھ ئۈندىدار سۇپىسىنى قوشۇۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن:
ئىزدەش نومۇرى: bilimgahBBS
|