قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1660|ئىنكاس: 27

پۇل ئۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-26 18:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



                                                                     پۇل ئۇرۇشى
      
       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر . بىز ئالدىنقى قېتىم قېرىندىشىمىز كىتابخۇمارنىڭ بۇ "پۇل ئۇرشى " دىگەن كىتاپتىن ئالغان تەسىراتى ئاستىدىكى "دۇنيانىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قارا يۈزى " دىگەن تىمىسى ئارقىلىق پۇل توغرىسىدا ۋە پۇلنىڭ بىر دۆلەت شۇنداقلا دۇنيا سىياسىتىگە كۆرسىتىدىغان كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك كۇچى توغرىسىدا ئازراق چۇشەنچە ۋە بىلىمگە ئىگە بولدۇق ۋە ياخشى مۇنازىرلەرنى قىلدۇق. ئەمدى مىنىڭ بۇ تىمىنى يىزشىمدىكى مەقسەت بۇ "پۇل ئۇرىشى" توغرىسىدا تىخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بىلىمگە ۋە چۇشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۇچۇن بۇ توغرىسىدائىلگىرلىگەن  ھالدا مۇنازىرلىشىش . ھەممەيلەنگە مەلۇم دىيارىمىزدا يېقىنقى بولۇپمۇ 2005-يىلدىن كىيىن ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز دۆلىتىمىز ۋە چەتئەلنىڭ پاي چىكى ۋە پېرۋۇت ، ئالتۇن سودىسىغا كىرۋاتقانلار ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بىرىۋاتىدۇ جۈملىدىن مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مەبلىغى تىخچە قىزىل رەقەمدىن قۇتۇلالىغىنى يوق ھەتتا ھازىرغىچە "ئوقۇش پۇلى " تۆلەپ كىلىۋاتىمىز ،دىمەك بىزمۇ توردا ئىلىپ بىرلىۋاتقان بۇ "پۇل ئۇرىشى "  دا كوپىنچىمىز ئۈزلۇكسىز "مەغلۇپ" بوپ كىلىۋاتىمىز بولۇپمۇ كاپالەتلىك تاشقى پىرۋۇت سودىسىدا . بۇنىڭ تۈپ سەۋەبلىرى بۇ سودىنى قىلۋاتقانلارنىڭ كوپىنچىسىدە نە مالىيە نە ئىقدىساد ۋە پۇل توغرىسىدا بىلىمىمىز ۋە چۇشەنچىمىز يوق دىيەرلىك قارىسىغىلا خۇددى قىمار ئوينىغان پەدىدە پىرۋۇت ، ئالتۇن سودىسى قىلىپ كىلىۋاتىمىز . مەنمۇ بىر ئادەتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدىنىيەت سەۋيەسىدىكى ئادەتتىكى بىر تىىجارەتچىمۇ جىنىدا بۇ مەرھۇم "پۇل ئۇرىشى " غا  بۇ ئۇرۇش توغرىسىدا ھىچقانداق چۇشەنچەم ۋە بىلىمىمنىڭ تايىنى يوق ھالدا بۇ ئۇرۇشقا قارىسغىلا قىتىلدىم .
     مىنىڭ ئىلگىرى ئاخرى بولۇپ پايچىكى ۋە پىرۋۇت سودىسى قىلغان قىسقىچە توت يىللىق تارىخىمدا ئومۇمى بىساتىمنىڭ 50% بۇ ئۇررۇشتا خوراپ تۇگىدى . "يىڭىلگەن چىلىشقا تويماپتۇ " دەپ مەنمۇ ھازىرغىچە بۇ يىڭىلىشلەرگە تويماي كەلدىم .
    بۇ "ئۇرۇش " تا مەغلۇپ بولغانلاغا ئورتاق بولغان بىر خىل قاراش - جەزمەن بۇ سودىنى ئارقا سۇپىدا كورگىلى بولمايدىغان بىر مەۋھۇم كۇچ كونتىرول قىلىپ تۇرىدۇ بولمىسا نىمە ئۇچۇن بىز ئۇسۇشكە ياكى چۇشۇشكە مال كىرگۇزسەك خۇددى شۇ سودا سۇپىسىنىڭ جاسۇسلىرىدىن بىرسى بىزنىڭ ئۇستىمىزدە كوزتۇپ تۇرۋاتقاندەك بازارنىڭ يولنىشى بىز مال كىرگۇزگەن شۇ دەقىقەدە دەرھاللام قارشى يولنىشكە قاراپ ماڭىدۇ دىگۇچىلەر كوپ ھەتتا مەنمۇ شۇ قاراشتا ئىدىم . لىكىن بۇ سودىغا بىزگە قارىغاندا بىلىم ۋە تەجىربىدە پىشقان پىرۋۇتچىلار بىزنىڭ بۇ ئويىمىزغا مەسخىرە ئارلاش كۇلۇپ قويۇپ مۇنداق جاۋاب بىرەتتى -  پاي چىكى بازىرىدا بىرەر شىركەتنىڭ پىيىنى بىرەر شەخس كونتىرول قىلىپ  پاي چىكى باھاسىنى  سىلىنمىچىلارنىڭ كوزى قىزارغىدەك ئوستۇرۇپ مەبلەغ سالدۇرۇپ ئاندىن پايچىكى باھاسىنى مەلۇم نوقتىلار ئارىسىدا يۇقىرى - توۋەن چايقاپ ئۇلارنىڭ كوزلىگىنىدەك پايدىغا باھانى ئوستۇرمەي ئەكسىچە زىينى تەرەپكە چۇڭقۇرراق چۇشۇرۇپ بۇ ھالەتنى مەلۇم ۋاقىت بىر - ئىككى ھەپتە ئىلىپ بىرىپ ئاخىرى "سۇنى لىيتىپ بىلىق تۇتىدۇ " يەنى سىلنمىچىلارنى زىرىكتۇرۇپ زىينىغا سىتىپ چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى شۇ خىل ئۇسۇلدا ئاز-ئازدىن يەپ بىييىيدۇ . چۇنكى ئۇلار پاي چىكى سودىسىدىكى كوپ سانلىقلارنىڭ يىڭى ، بىلىمى ۋە تەجىربىسى يوقلۇقىنى ۋە تىز بىيىش پىسخىكىسى بويىچە قىسقا مۇددەتلىك بىر كۇندىن بىر ھەپتىگىچىلىكلام سودىنى ئاساسى سودا قىلىش ئۇسۇلى قىلىدىغانلىقىنى  بەش قولدەك بىلىدۇ ئۇلار ئۇلارنىڭ يىڭى ۋە زىيادە تىز باي بولۇش پىسخكىسىدىن ئىبارەت ئاجىزلىقىدىن پايدىلنىپ ئۇلارنىڭ مەبلىغىنى شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئاز-ئازدىن شوراپ يەپ بولىدۇ سىلەر بولساڭلار مەبلىغىڭلارنى كوپ زىيانغا ئۇچىراپ كەتمەسلىكى ئۇچۇن ئازراق زىيان بىلەن سىتىپ چىقىرىپ زىياننىڭ چوڭىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇپ ئۇ كىچىككىنە زىيان كوزۇڭلىگە كورۇنمەي ئوزۇڭلارنىڭ زىياننى ۋاختىدا كونتىرول قىلالىغىنىڭلاردىن  پەخىرلىنىپ يۇرىيسىلەر ئاقىۋەتتە سىلەرنىڭ مەبلىغىڭلار زىياننى تىزگىنلەش ۋە نوقتا ھەققى بىلەن ئاز-ئازدىن خوراپ تۇگەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلمايسىلەر .
ئەمدى تاشقى پىرۋۇت ، ئالتۇن - كومۇش سودىسىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ قارىشى مۇنداق بولدى - خەلقىرادا ئالتۇن - كومۇش ۋە بىرەر دولەتنىڭ پۇلىنى بىرەر شەخىس ياكى بىرەر دولەت كونتىرول قىلىۋىلىشقا قادىر بولالمايدۇ شۇڭا ئۇنى ئارقا سۇپىدا بىر مەۋھۇم كۇچ كونتىرول قىلىپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئوينىتىۋاتىدۇ دىيىش بىر ئاخمىقانە قاراش . پاي چىكى بازىرىنى قولىدا بىر- ئىككى مىرلىيارىت پۇلى بار بايلار بىر شىركەتنىڭ پىيىنى كونتىرول قىلالىغان بىلەن  ئەمما ئالتۇن -كومۇش ۋە بىر دولەتنىڭ پۇلىنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن نەچچە ئون تىرلىيون دوللار خەجلەشكە توغرا كىلىدۇ بۇنداق ئوزىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەخمىقانىلىقنى ھىچقانداق دولەت قىلمايدۇ دىگەن ئىدى ئەلۋەتتە بۇ گەپ مۇشۇ "پۇل ئۇرۇشى " دىگەن كىتاپ نەشىردىن چىقىشتىن بۇرۇنقى گەپ .
ئەمدى ئەسلى گەپكە كەلسەك بىز بۇ "پۇل ئۇرىشى " دىگەن كىتاپنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن دۇنيادا مومكىن ئەمەس دىگەن قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن مومكىن بولۇپ بولغانلىقىنى بايقايمىز . جۇملىدىن خەلقىرا ئالتۇن - كومۇش ۋە دولەتلەرنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىرالىق پىرۋۇت نىسبىتنى ۋە باھاسىنى بىر قوللۇق كونتىرول قىلالايدىغان بىر قۇدىرەتلىك " قارا قوللارنىڭ " مەۋجۇدلىقىنى بايقىدۇق . بولۇپمۇ بۇ سودىلارنى يولغا قويغان ئاپىراتلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا بانكىرلىرىنىڭ بۆشىكى بولغان ئەنگىليە ۋە ئامرىكىدا ۋە شۇنداقلا دۇنيادا "پۇل ئۇرىشى " قوزغاۋاتقانلارمۇ مۇشۇلار . ئەمدى بىزمۇ بىلىپ بىلمەي ئۇلارنىڭ يەنە بىر مەۋھۇم "ئۇرۇش رايۇنى " ئالتۇن - كومۇش ۋە پىرۋۇت سودىسىغا كىرشىپ بۇ ئۇرىشقا "ئىشتىراك" قىلدۇق . بۇ "ئۇرۇش " دۇنيادىكى ھەربىر ئىقدىسادى گەۋدىلەرنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلىرىگە ئىنتايىن سەزگۇر بولۇپ دۇنيادا " پۇل ئۇرۇشى"نىڭ ھەقىقى بولۇۋاتقان - بولمايۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغان بىردىن - بىر قۇرال . ئالدىنقى 2013-يىلدىكى خەلقىرا ئالتۇن - كومۇش ۋە پىرۋۇت سودىلىرىنىڭ ھەركىتىگە ، شۇ ۋاقىتلاردا ئىلان قىلىنغان خەلقىرالىق ئىقدسادى گەۋدىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامرىكىدىن ئىبارەت بايلىق پىرىنىڭ  سىياسى ۋە ئىقدىساد توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ۋە قارالمىلىرى بىلەن سىلىشتۇرساق بۇنى ناھايىتى ئىنىق ئىسپاتلىيالايمىز .
ئەمدى بۇ "پۇل ئۇرىشى" نىڭ ھەقىقى مەۋجۇدلىقىنى مۇشۇ كىتابنى ئوقۇغاندىن كىيىن خەلقىرالىق سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ ۋە تەھلىل قىلپ بىلگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن .
"پۇل ئۇرىشى " تۇركىيەدە .
ھەممەيلەنگە مەلۇم تۇركىيە باش باقانى ئەردۇغان ئۇرۇمچىگە كەلگەندىن بۇيان ۋە ئۇ كىلىشنىڭ ئالدى كەينىدىكى تۇركىيە مەھسۇلاتلىرنىڭ كوپلەپ دىيارىمىزغا كىرىشى شۇنداقلا كىنو - فىلىملىرنىڭ بىزگە قالدۇرغان تەسىراتلىرى سەۋەبىدىن تۇركىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولدۇق .
    ۋە شۇنداقلا بۇ كىشىنىڭ تەرجىمىھالى تۇركىيەدە ھوقۇق يۇرگۇزگەندىن بۇيان تۇركىيەنىڭ قولغا  كەلتۇرگەن مۇۋاپىقيەتلىرىگە شاھىد بولدۇق .
    ئەمدى ئوز گىپىمىزگە كەلسەك غەرىبنىڭ تۇركىيەدە "پۇل ئۇرۇشى " قوزغىشىغا نىمە سەۋەب بولدى . ئۇيغۇرلار ئارىسىغا  تۇركىيەنىڭ شۇنداقلا دۇنيانىڭ سىياسى يوزلنىشىنى ئاشكارلاپ مىڭىۋاتقان داڭلىق فىلىمى "كۇرۇتلار ۋادىسى " فىلىمىدا تۇركىيەنىڭ سىياسى ۋە ئىقتىسادى غەرىبنىڭ گىلادىيو ۋە تاكاناتچىلار دەيدىغان سىياسى تەشكىلاتلىرنىڭ قولىدا ئۇزۇن يىل كونتىرول قىلنىپ كەلگەنلىكى ۋە ئاخىردا شۇ چاغدىكى شۇ تەشكىلاتلارنىڭ تۇركىيەدىكى باشلىقى ، تۇركىيەنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ۋە قارا جەمىيەتلىرنىڭمۇ تىزگىنىنى قولغا كىرگۇزۋالغان مەھمەت قاراخاندىن ئىبارەت يىللارچە تۇركىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ كەلگەن  غەرىبنىڭ تۇركىيەدىكى بۇ قارا قولىنى قانداق يوقاتقانلىقى ھىكايە قىلنىدۇ . ھەمدە ئەردۇغانمۇ بۇ غەلبىنى تەبرىكلەپ ئوزىنىڭ ھاكىمىيەت بىشىغا چىققان ۋاقتىدىكى نوتىقىدا ئىپتىخارلانغان ھالدا " ئەمدى تۈركىيەنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان قارا كۇچلەر يوق تۇركىيە ئەمدى ھەقىقى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولدى " دىدى . ئەمدى پۇل مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ كىنونى باشتىن ئاخىر كورۇپ كىلىۋاتقانلار مەلۇم بىر نوقتىغا دىققەت قىلماي قالمايدۇ بۇ كىنودا تا ھازىرغىچە چىققان قىسىملىرنىڭ ھەممىسىدە بايلىق ۋە پۇل دوللار ھىسابىدا ۋە ئاتالغۇسىدا ئىشلىتىلدۇ . بۇ نوقتىنى بايقىغانلار تۇركىيەنىڭ ئوزنىڭ پۇلى لىرا تۇرۇپ نىمىشقا بۇ كىنودا داۋاملىق دوللار تىلغا ئىلنىدۇ دىگەن قارشقا كىلىدۇ . دىمىسىمۇ بىز تۇركىيەنىڭ مۇشۇنداق نادىر كىنولىرى كىرىشتىن ئىلگىرى تۇركىيە توغرىسىدا بىزگە سەلبى تەسىر كورسەتكەن ۋە ئەخلاقى توغرىسىدا ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ تۇرۇكلەر شۇنداق بۇزۇق خەقلەركەن دىگەن قاراشقا ئەكىلىپ قويغان بۇرۇنقى "ئىمراخ " نىڭ بىر نەچچە كىنولىرى ۋە " زەينەپلەر ئولمىسۇن " دىگەن كىنولىردا بىر ئادەمنىڭ شۇ چاغدىكى بىر ئايلىق مۇئاشىنىڭ نەچچە مىليۇن لىرا بولىدىغانلىقىنى ۋە شۇنچىلا كوپ پۇلنىڭ تاساددىپى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا بىر قىتىملىق داۋالىنىش چىقىمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى دىئالوگلارنى ئاڭلاپ ، تۇركىيەنىڭ پۇلىنىڭ نە قەدەر قىممىتى يوق خەلقىرا بويىچە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان "پاخال " پۇل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتىمىز .
ئەمدى مېنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم مېنىڭ شۇ كىنولاردىكى تىلغا ئىلىنغان پاخال تۇركىيە لىراسىنىڭ ئورنىنى نىمە ئۈچۈن دوللارنىڭ ئالغانلىقى ئۈستىدىكى مۇلاھىزە مەن بۇنىڭغا بىرەر يازما ياكى خەۋەرنى ئسپات قىلمايمەن ھەم قىلالمايمەن چۈنكى مەن ۋە باشقىلار تۇركىيەنىڭ شۇ چاغدىكى تارىخى توغۇرلۇق كۆپ نەرسە بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن . مەن پەقەت بۇ يەردە ئەقلى يەكۈن چىقىرمەن . مېنىڭچە شۇ چاغدىكى تۈركىيە جەمىيتىكى بايلار ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەر قىممىتى قالمىغان لىرانىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ بايلىقى قىممىتى مۇقۇم بولغان ۋە خەلقىرادا كۇچى ئوزلۇكسىز ئوسىدىغان دوللارغا ئالماشتۇرۇپ ۋاقتىنچە ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئۆتۇۋىلىش ئۇچۇن ئامرىكا ۋە ياۋرۇپا مەركىزى بانكىلىردىن زور ئوسۇمىگە دوللار قەرىز ئالغان بولۇشى مومكىن ھەم بۇنى شۇ چاغدىكى تۇركىيەنىڭ سىياسى ئىقتىسادى تىزگىنىنى قولغا كىرگۇزۋالغان غەرىبنىڭ قولچۇماقلىرىنىڭ تەۋسىيەسىدىن بولغان بولۇشى مومكىن . چۇنكى بىر دولەتنىڭ ئوزىنىڭ پۇلى ئوز ھاكىمىيتىدە ئىشلىتىلمەي باشقا دولەتنىڭ پۇلى ئىشلىتىلگەنلىكى بۇ دولەتنىڭ پۇل "مۇستەملىكە "ىسىگە بەنىت بولغانلىقى چۇنكى پۇلنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان ئامرىكا دوللارنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىنى خالىغانچە قىسىپ قويۇپ بىرىپ  دوللارغا بىقىنغان دۆلەتلەردىكى پۇقرالارنىڭ تاپقان تەرگىنىنى ئاز - ئازدىن شۇلۇپ يەيدۇ ئۇنىڭ ئۇستىگە قەرىزدار دولەت يەنە زور نىسبەتتە ئوسۇم تولەيدۇ . بۇ ھالەت ئەينى زاماندىكى بىرىنجى دۇنيا ئۇرىشىدا مەغلۇپ بولغان گىرمانىيە بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ .
       ئەمدى ئەسلى مەقسەتكە قايىتساق ئەردۇغان ھوكۇمىتى بۇ ئامرىكا دوللىرنىڭ مۇستەملىكىسىدىنمۇ يىڭى تۇركىيە لىراسىنى چىقىرىپ قۇتۇلدى ۋە دۇنيا بانكىلىرنىڭ قەرزىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بۇ بويۇن تۇرۇقتىنمۇ قۇتۇلدى . ھەمدە ئامرىكا بۇرۇنقىدەك تۇركىيەنى ئوز بالىسىنى ئىشقا بۇيرىغاندەك ئىشقا بۇيرۇيالماس بوپ قالدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئەردۇغان ھوكۇمىتى ، تارىختىن بۇيان غەرىب بىلەن چىقىشالماي كىلىۋاتقان دولەتلەر روسىيە ، جۇڭگۇ ، ئىران قاتارلىق كۇچلۇك دولەتلەر بىلەن دوسىتلۇق ئورنىتۇپ سىياسى ، ئىقدىساد ۋە ھەربى جەھەتتە زىچ ھەمكارلاشتى ھەتتا ئۇ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن يۇز ئورۇپ  ئاشكارا قىلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش ئوينىڭ بارلىقىنى بۇ ئويىنى پۇتىنغا دەپ ئوتكەنلىكىنى ئىيىتىتى ئۇنىڭ بىر قاتار غەرىبتىن چەتنىگەن سىياسەت ۋە پىكىرلىرى تۇركىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان ئامرىكا ۋە ناتونى سارىسىمگە سىلىۋەتتە. بولۇپ  ئوتكەن بۇ بىرقاتار غەرىبنىڭ تۇركىيە ۋە ئوتتۇر شەرىقتىكى مەنپەتىگە پايدىسىز بۇ سىياسەتلەر ئامرىكىنىڭ ئەردۇغان ھوكۇمىتىنى سەگىتىپ قويۇش ۋە ئىنتىقام ئىلىش ئۇچۇن تۇركىيەگە "پۇل ئۇرىشى " قوزغىشىغا سەۋەب بولدى . پىرۋۇت ، ئالتۇن - كومۇش سودىسىنى قىلىۋاتقانلار دۇنيادا بولۇۋاتقان سىياسى ، ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ چۇنكى بۇ ئوزىنىڭ شۇ بازاردىكى پايدا - زىينى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس .
      يېقىنقى بىر نەچچە ئايلاردا تۇركىيەدە چىقىۋاتقان چىرىكلىك سەتچىلىكرى ۋە تۇركىيە لىراسىنىڭ بۇ سەتچىلىكلەر تۇپەيلى كۇرسى چۇشۇپ دوللارغا بولغان پىرۋۇت نىسبىتىنىڭ قىسقىغىنە ئالتە ئايدا 29% چۇشۇپ كىتىپ تۇركىيەنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسىغا ۋە ئىكىسپورىت سودىسىغا تەخمىنەن ئون مىرلىيارىت دوللار زىيان ئىلىپ كەلگەنلىكىگە دىققەت قىلسا كىرەك بۇنىڭ تاساددىپى بولىدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ .بۇ توغرىسىدا ئەردۇغانمۇ بۇ چىرىكلىك سەتچىلىكىنىڭ ئارقىسىدا ئامرىكىنىڭ تۇركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ قولى بارلىقىنى بۇنىڭ غەرىبنىڭ بىر سۇيقەستى ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بۇ سۇيقەسىتتىن قولىنى تارىتمىسا ئەلچىنى قوغلاپ چىقىردىغانلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش باياناتى ئىلان قىلدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ئامرىكىنىڭ ئۈچىنجى قېتىملىق ئامرىكا دوللىرىنى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇپ بىرىشى تۇركىيە ئىقتىسادىغا ئوت ئۇستىگە ياغ چاچقاندەك تىخىمۇ زەربە بولدى . ئامرىكىنىڭ بۇ "پۇل ئۇرىشى " يالغۇز تۇركىيەگىلا  ئەمەس باشقا دولەتلەرنىڭ تاشقى پىرۋۇت زاپىسىغا ۋە ئىكىسپورتىغا زور زىيان ئېلىپ كەلدى، ھەتتا بىزنىڭ دۆلىتىمىزمۇ "خەلىق پۇلى چوڭ بوران چاپقۇنغا دۇچ كەلمەكتە " دىگەن ئاگاھلاندۇرۇش خەۋرىنى چىقاردى ، ئارگىنتىنانىڭ پۇلى بولسا قىممىتى 50% ئەتراپىدا چۇشۇپ پىرۋۇت ساھاسىدىن چىكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى . دولىتىمىز ئامرىكىنىڭ مۇنداق "پۇل ئۇرۇشى " قوزغايدىغانلىقىنى ئالدىن پەمىلەپ " دۆلىتىمىز بولساخەلىق پۇلىنىڭ پىرۋۇت نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چۈشۈشى ئارقىلىق خەلىق پۇلىغا ۋە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىغا ئېلىپ كىلىدىغان تەسىرىگە ئالدى تەييارلىق قىلىپ قويدى " دىگەن خەۋەرنى چىقاردى . دولىتىمىزنىڭ بۇ ئالدىن تەدبىر كۆرۈشى بىلەن بۇ قىتىمقى ئامرىكىنىڭ دوللارنى مىقدارلاشتۇرۇپ قويۇپ بىرىشدىن ئىبارەت "پۇل ئۇرىشى "نىڭ ئىلىپ كىلىدىغان زىينىدىن باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ئۈنۈملۇك ئالدىنى ئالالىدى يەنى خەلىق پۇلىنىڭ قىممىتىگە كورنەرلىك تەسىر كورسىتەلمىدى .
گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك "پۇل ئۇرىشى " دىگەن كىتابنى بىر قېتىم ئوقۇپ تۇگەتكەنلەر ئەينى ۋاقىتتىمۇ گىرمانىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ يارۇپا ئىتتىپاقى قۇرۇپ يىڭى پۇل ياۋرۇنى بېسىپ ئامرىكا دوللىرنىڭ ۋە فونىدسىتىرلىڭنىڭ بويۇن تۇرقىدىن قۇتۇلماقچى بولغاندا روسچىلىد باشلىق ئەنگىليە ۋە ئامرىكا بانكىرلىرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراپ بىرىنجى قېتىم ئۇلارنىڭ سىياسى بىسىمى ۋە ئويۇنلىرى ئارقىلىق مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنجى قىتىم غەلبە قازانغانلىقىنى بىلىدۇ مانا بۇنىڭدىن نېمە ئۇچۇن ئامرىكا باشلىق غەرىب كاتتىۋاشلىرنىڭ يىڭى تۇركىيە لىراسىغا ۋە ئەردۇغان ھوكۇمىتىگە "پۇل ئۇرۇشى " قوزغىغانلىقىنىڭ سەۋەبى .
بىز ئۆلمىسەك تېخى دوللار بىلەن يۈەننىڭ "پۇل ئۇرىشى"غا شاھىد بولۇشىمىز مۇمكىن . مانا بۇ "پۇل ئۇرشى " دىگەن كىتابنى يازغان كىشىنىڭ دۆلىتىمىزنى ۋە پۇقرالىرنى ئامرىكىنىڭ جۇڭگۇغا پۇل ئۇرىشى قوزغايدىغانلىقىدىن ۋە قوزغاۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ بۇ كىتابنى يىزىپ چىقىشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن .
مەدەنىيەت سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى يىتەرلىك مالىيە ۋە ئىقتىسادى بىلىمىمنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن توردىكى سىياسى ۋە ئىقتىسادى خەۋەرلەرگە ۋە بۇ پۇل ئۇرىشى دىگەن كىتابدىن ئالغان تەسىرتىمغا ۋە ئۈچ-تۆت يىللىق پاي چىكى ، پىرۋورت سودىسى قىلىش جەريانىدىكى ئۈگەنگەنلىرىم ، تەجىربىلىرىم ۋە ئاڭلىغان - بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم خاتا كەتكەن ، بىر تەرەپلىمىلىك ۋە تولۇقسىز قالغان يەرلىرى بولسا تورداشلارنىڭ تەنقىدى - پىكىر بىرىشىنى سورايمەن .
مەنبە؛ ئۆزۇم
  
      
   

               

[/tr]
[tr]

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 18:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بۇ تىمامدا بايان قىلغان «پۇل ئۇرۇشى »تۇركىيەدە ، دىگەن مەزمۇننى كۇچلەندۇردىغان ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان تۇركىيە خەۋرى يەنە كەلدى .
http://www.nur.cn/news/2014/02/157452.shtml
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

109

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   36.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25793
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 18:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەھلىل قىپسىز،تۈركىيە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلۋاتىدۇ

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-27 19:16:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yoluqi108 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-27 18:27
ياخشى تەھلىل قىپسىز،تۈركىيە ئېغىر سىناقلارغا دۇچ كېلۋ ...

قولىغىنىڭىزغا رەھمەت مۇشۇنداق ئوزىمىزنىڭ ۋە دولىتىمىز شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھازىرقى ، كەلگۇسى  يۇزلىنىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۇستىدە ئوقۇپ كورۇپ بىلگەنلىرمىز ئۇستىدە پىكىر يۇرگۇزۇپ تۇرساق دىگەن ئۇمۇددىمەن شۇنداق بولغاندا ھەممەيلەننىڭ ئۇنىۋىرسال بىلىمى ئوسۇپ قالاتتى

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 11:47:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بۇرادەر ،سىزدەك قىرىنداشلىرىمنىڭ كۆپلەپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 11:47
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن بۇرادەر ،سىزدەك قىرىنداشلىر ...

رەھمەت قىرندىشىم بۇ پۇل ئۇرشى دىگەن كىتاپ بىزنىڭ دۇنيا توغرىسىدىكى تار ئۇقۇمىمىزنى كىڭەيتىۋەتتى ، بۇ كىتاب توغرىسىدىكى مۇنازىرلەرنى توختۇتۇپ قويمايلى بىزنىڭ دۇنيانى چۇشۇنۇشىمىزگە بەك پايدىسى بار

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 13:47:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
satuk يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 12:50
رەھمەت قىرندىشىم بۇ پۇل ئۇرشى دىگەن كىتاپ بىزنىڭ دۇني ...

ئىيتىقىنىڭىز دۇرۇس...

0

تېما

2

دوست

1119

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10327
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 138
تۆھپە : 262
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 15:22:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پۇل ئۇرۇشى دىگەن  كىتاب  مەنچە  ئۇنچە ۋاي دىگىدەك كىتاپ ئەمەس..................مەنمۇ ئۇقۇپ بولدۇم بۇ كىتاپنى...........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )