قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: TashpolatRozi

تاشپولات: ئېينىشتېين نېمە ئۈچۈن تىنىچ ئالەمدىن كېڭىيىۋاتقان ئالە...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 17:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 13:45
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز فىزىكىنىڭ ھەر ساھەسىدى ...

رەھمەت. ۋاختىڭىز يەتكەندە تەرجىمە قىلىپ ،ئايرىم تىما قىلىپ يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز؟

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 17:45:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 17:46  

فىزىكا مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟
ئاپتۇرى: لىيۇشىيا

(«جۇڭگو پەن-تېخنىكا تورى» 2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنى)

ئەركيار تەرجىمىسى
2013-يىلى6-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى تەرجىمە



ئەنگىليە بولىستوردىن ئىختىيارى يازغۇچى ماسىيو.جامۇس2012-يىلى«ئىلمىي ئامېرىكىلىقلار»ژۇرنىلىدا«كېيىنكى ھېككىس زەررىچىسى دەۋرى»ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.ئۇمۇنداق بايان قىلىدۇ:"ھېككىس زەررىچىسى بايقالغاندىن كېيىن،بۇخىل زەررىچىگە تېخىمۇ ئىنچىكە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ،چوڭ تىپتىكى ھادرون سوقۇشتۇرغۇچ(LHC) بۇ ۋەزىپىنى ئۇرۇنداشقا ئامالسىز".ھازىر ئالىملار يېڭى ئەۋلاد سوقۇشتۇرغۇچ ياساپ تەتقىقات ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ،ئۆلچەملىك مودېلدىن باشقا فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى بايقاشتا تۆت خىل لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ھېككىس زەررىچىسى خالتا كوچىغا كىرىپ قالدى
ھېككىس بوزىيوننىڭ بايقىلىشى تارىختىكى ئەڭ توغرا ئىلمىي مودېل ــــ  زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنى مۇكەممەللىككە ئىگە قىلدى.ئەمما،«بىرھېكايىنىڭ ئاخىرلىشىشى يەنە بىر ھېكايىنىڭ باشلىنىشى»بولغاندەك،بۇ يەنە يېڭى مەسلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
1964-يىلى2-ئايدا،بىتلىس(ئەنگىليىدىكى داڭلىق روك مۇزىكا ئەترىتى) ئامېرىكىنى قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقاندا،بەزى كۈچلۈك ماددىلار نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى مورى. گىلماننىڭ كاللىسىدا پىرقىراپ يۈرەتتى. گىلمان ئىزدىنىۋاتقان مەسىلە شۇكى: ماددىنى تۈزگۈچى ئاتوم ۋە نېترونلارمۇ تېخىمۇ كىچىك تۈزگۈچىگە ئىگىمۇ؟ئۇ بۇ خىل كىچىك ماددىنى «كۋارك»دەپ ئاتىدى.«كۋارك»سۆزى ئېرلاندىيە يازغۇچىسى جامۇس.جويىسنىڭ«فېنگان كېچىسى»ناملىق ھېكايىسىدىكى شېئىرى جۈملە«مەيك خوجايىننى قايتا-قايتا كۋارك دەپ چاقىرىدۇ»دىن كەلگەن بولۇپ،گىلمان بۇ سۆزنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق دەپ ئاتىغان.
ئۇ چاغلاردا فىزىكىنىڭ يېڭى ئىدىيىگە بولغان تەقەززالىقى چۆل-جەزىرىگە پالىنىپ كەتكەن كىشىنىڭ بوستانلىققا بولغان تەقەززاسىغا ئوخشاش كۈچلۈك ئىدى.ئالىملار كائىنات نۇرلىرىدىن نەچچە ئون خىل غەلىتە يېڭى زەررىچىلەرنى بايقايدۇ.بۇ كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى ھەم سەۋەبى چۈشەندۈرۈكسىز ئىدى.گىلمان ئىجاد قىلغان كۋارك پروتون،نىترون ۋە باشقا مۇشۇنىڭدەك يېڭى زەررىچىلەرنى ئىككى ياكى ئۈچ تېخىمۇ ئاساسىي بولغان زەررىچىدىن تۈزۈلىدۇ،دەپ تەسۋىرلەيتتى.
كۆپ ساندىكى فىزىكلارغا نىسبەتەن بۇ قىياس بەكلا ئالدىغا كېتىپ قالغاندەك بىلىنەتتى.يېڭى زەررىچە بەلگىلىنىپ بولغان قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلىدى،سەۋەبى  2/3、-1/3 + زەرەتلەرگىمۇ ئىگە بولۇپ قالاتتى ھەمدە ئالىملار بۇنداق «ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەيدىغان»زەرىچىلەرنى ئەزەرلدىن ئۇچراتمىغان ئىدى.ئەھۋال نېمىشقا شۇنچە غەلىتە بولىدۇ؟نېمىشقا مۇشۇنداق بولمايدۇ؟ مېكسىكا شىتاتى سانتافىي تەتقىقات ئورنىدىن گىلمان رەددىيە بەردى:
«ھەممىلا ئادەم ئۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،بۇنىمۇ مۇمكىن ئەمەس،دەيدۇ.ئېھتىمال ھېچقانداق ئاساس يوقتۇ ياكى تەبئىي مۇشۇنداق غەلىتىدۇ»نەتىجىمۇ دەل مۇشۇنداق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.كۋارك ھەممە پەنلەرنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈشكە ئەڭ بەرداشلىق بەرگەن نەزەرىيۋى مودېل بولۇپ،زەررىچىلەر فىزىكىسى ئۆلچەملىك مودېلىنىڭ ئاساسى بولدى.40يىل ئىچىدە  ئۆلچەملىك مودېل ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.قايتا-قايتىلاپ نەزەرىيەشۇناسلارنىڭ خىياللىرىنى رەددىيە بەرگىلى بولغۇسىز پاكىتقا ئايلاندۇردى.2012-يىلى7-ئايدا،ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزى(CERN نىڭ چوڭ تىپتىكى ھادرون سۇقۇشتۇرۇش تەجرىبە گۇرۇپپىسى ھېككىسى بوزىيوننى بايقىغانلىقىنى خەۋەرقىلدى.بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئەڭ يېڭى،ئەڭ ھەيران قالارلىق،كىشىنىڭ دېققىتىنى ئەڭ تارتقان بىرقېتىملىق نامايەندىسى ئىدى.
گەرچە ئالىملار مۇشۇنداق زورنەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما «گۈللىنىشنىڭ چېكى ــ خارابلىشىش»،«فىزىكا تۈگەشتى»دېگەندەك پاراڭلار قۇلاق تۈۋىمىزدىن كەتمىدى.ھېككىس بوزىيونى بايقىلىپ ئېنىقلا مۇكەممەل بولمىغان ئۆلچەملىك مودېل مۇكەممەللىككە ئېرىشتى.ئەمما،بۇ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نۇقساندىن خالىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.تەجرىبىمۇ ئالىملارغا تېخىمۇ ياخشى مودېلنى تۇرغۇزۇپ تۇلۇقلاشقا قايتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەشكە ئىلاجسىز.تارىخ قايتا تەكرارلىنىپ زەررىچىلەر فىزىكىسى نەزەرىيسى پۈتۈنلەي يېڭى ئىنقىلابنى چاقىرىدۇ.
ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوۋستىن تارماق مەكتىپىدىن نەزەرىيەشۇناس سىتېفىن.ۋېنبىرگ 1974-يىلى«ئۆلچەملىك مودېل»نى ئوتتۇرىغا قويغان.ۋېنبىرگ ئېيتىدۇ: مەن بۇ ئاتالغۇنىڭ قېلىپلىشىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلمايمەن،ئۇنىڭ ئىدىيە ئالماشتۇرۇش ۋە تەجرىبىنىڭ ئاساسى بولۇشىنى،ئالىملارنىڭ دەلىل-ئىسپاتلارنى تېپىپ چىقىپ ئۆلچەملىك مودېلنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ئاساسى ئىدىيسىنى بىرپارچە ئاتكېرتكا يۈزىدىن پايدىلىنىپلا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ: 6تال كۋارك قوشماقلىشىپ جۈپ تۈزۈپ ماسسىدىن باشقا بارلىق ئوخشاش ئۈچ «ئەۋلات»نى تۈزىدۇ؛ئېلېكترون ۋە نېترون قاتارلىق 6«لېپتون»مۇ ئوخشاش ئۇسۇلدا تىزىلىدۇ؛ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرقىسىم بوزىيونلار كۋارك ۋە لېپتون ئارىسىدا تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ ئاساسى تەسىركۈچنى ئۇزىتىدۇ.

بۇ زەررىچىلەرگە نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىش ــ ئۇلار ماھىيەتتە ھەممىسىلا كۋانت زەررىچىلىرىدۇر.كۋانت نەزەرىيسى20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ھالقىلىق بايقاشلاردىن كەلگەن.بۇ بايقاشلاردىن ئايانكى،ئاتوم قويۇپ بەرگەن ۋە سۈمۈرگەن رادىئاتسىيە شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇنداق دۇلقۇن ئوزۇنلۇقىغا ئىگە ئىكەنكى،ئېنىرگىيەنىڭ ئۈزۈك پارچىلىنىشى ياكى«كۋانت»تىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.مۇشۇ پىكىريولى بويىچە بولغاندا بىزغەلىتە ئىككى ياقىلىمىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز،ئەڭ كىچىك ئۆلچەمدە،زەررىچىنىڭ ئۆزى دولقۇن،دۇلقۇننىڭ ئۆزى زەررىچە.بۇ «سالاھىيتى» ئېنىق بولمىغان دۇلقۇن-زەررىچىنىڭ ھەرىكىتى نىيۇتۇن كىلاسسىك دىنامىكىسىغا بويسۇنماستىن،ئابىستراكىت ماتېماتىكىنىڭ بوشلۇقىدىكى غەيرىيلىك قائىدىسىدىكى ئېھتىماللىق بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ.

داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ...


داۋامى:  (7-ئاينىڭ8-كۈنى)

20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە كۋانت مىخانىكىسى ئۇمۇمىيۈزلۈك شەكىللەندى ھەم تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈشنى كۈتىۋالدى.بىراق،20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە فىزىكا تالانت ئىگىسى،نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى ياش نەزەرىيە فىزىكىچىسى پاۋىل.دىراك ۋە باشقىلار كۋانت نەزەرىيسى بىلەن ئېينىشتىين كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسىنى باغلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتى.بۇ ئىزدىنىش نۇرتېزلىكىگە يېقىنلاشقان ھەرىكەتتىكى زەررىچىنى تەسۋىرلەشتە ھالقىلىق بىرقەدەمنى باستى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىدا يېڭى بىر زېمىن ھازىرلاندى.
1928-يىلى دىراك ئېلېكترون ھەرىكىتىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيسى ئاساسىدىكى كۋانت مىخانىكىسى تەڭلىمىسىنى يەنى،دىراك تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ تەڭلىمە بىرلا يېشىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي،شۇنداق بىر زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرەتتى،يەنى ئۇنىڭ خاسلىقى ئېلېكترونغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئەمما زەررىتى قارمۇ-قارشى.بەش يىلدىن كېيىن ئالمىلار ئالەم نۇرلىرىدىن بۇ خىل«مۇسبەت ئېلېكترون»نى بايقىدى.نەزەرىيشۇناسلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئانتى ماددا»ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كۋانت مەيدان نەزەرىيسى ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسى بولۇش سۈپىتىدە يۇقىرىقى مەنتىقىنىڭ توپلانمىسىدۇر.مەيداندىن پايدىلىنىپ كۈچ ئۇزىتىش قىياسىنى 19-ئەسىردىكى ئەنگىليە فىزىكى،خىمىيە ئالىمى مايكېل.فارادىيدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ.ئەمما،كۋانت مەيدانىنىڭ ماتېماتىكىلىق قۇرۇلمىسى كۋانت مەيدانىغا بىرخىل غەلىتە خاسلىقنى قوشتى.بۇلار ھېچنىمە يوق ۋاكئومدىن زەررىچە ھاسىل قىلىش،يەنە ئۇنىڭ شەكىلسىزلىكتە يىمىرىلىشى.شۇڭا،كۋانت ئېلېكتىرىك-دىنامىكىسى نەزەرىيسى نۇقتىئىنەزىرىگە ئاساسلانغاندا،ئىككى ئېلېكترون شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز-ئارا تېپىشىدۇ،سەۋەبى،بىرفوتۇن«جىن ئوينىتىۋاتىدۇ».فوتۇنلار بولسا ئېلېكتىر-ماگىنىت مەيدانىدىكى كۋانت زەررىچىسى،كېلىشىنى ۋە بىرئېلېكتروندىن يەنە بىر ئېلېكترونغا ئۇزىتىلىشىنى بىلمەيمىز.مۇشۇنداق سانسىز«مەۋھۇم»زەررىچىلەر ئۆزلۈكسىز كۆرۈلۈپ كىلاسسىك ئېلېكترون ياكى «يالىڭاچ»ئېلېكتروننىڭ خاسلىقىنى چاندۇرماي ئۆزگەرتىدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ40-يىللىرىدىن بۇيان،نۇرغۇن تەجرىبىخانىلار بۇخىل ئۆزگىرىشنى تەھقىقلىدى.ھەتتا،ئېنىقلىق دەرىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ.
كۋانت نەزەرىيسى باشقا كۈچلەرنى ئۆزىگە ئىخچاملاشتىمۇ بوش كەلمىدى ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلدى.رادىئاتسىيلىك يىمىرىلىش جەريانىدا بىرخىل زەررىچىنى يەنە بىرخىل زەررىچىگە ئايلاندۇرىدىغان ئاجىزيادرو كۈچى ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن بېرى تېزگىنلەش قىيىن بولغان چەكسىز چوڭلۇق تەرىپىدىن قىين ئەھۋالدا قالدى،ئەڭ ئاددىي بىرقىسىم ئېففىكىتلاردىن سىرت باشقا ھېسابلاشلارنى ئۈمىدسىزلىككە پاتقۇزدى.ۋاقىت داۋاملىشىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىغا كەلگەندە ۋېنبېرگ قاتارلىقلار ئاخىرى چىقىش يولى تاپتى.ئاجىزيادرو كۈچى بىلەن ئېلېكتىرماگىنت كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ ئاجىز ئېلېكتىركۈچى دېيىشتى.بۇخىل ئاجىزئېلېكتىركۈچى ئېنىرگىيە پەۋقۇلئاددە يۇقىرى(مەسىلەن: دەسلەپكى ئالەم)شارائىتتىلا ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
دىراك تەڭلىمىسىدە ئانتى ماددىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن مەلۇمات بېرىلگىنىدەك ، بۇ نەزەرىيەمۇ ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان زەررىچىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقىنى كۆرسەتتى.چوڭ ماسسىلىقW ھەم  Z بوزىيونىنىڭ ئاساسلىق رولى ئاجىز ئېلېكتىركۈچىدىن ئايرىلىپ چىققان قىسقا مۇساپىلىك ئاجىز يادرو كۈچىنى ھەم ھېككىس بوزىيونىنى ئۇزىتىش.ھېككىس بوزىيونى چۇقۇم مەۋجۇت بولغاندا ئاندىن W ھەم  Z بوزىيونى بىرلىككە كەلگەن ئاجىز ئېلېكتىرىك كۈچتىن ئېلېكتىرماگىنت كۈچى ۋە ئاجىز يادرو كۈچىگە پارچىلىنىپ ئاتالمىش «پاچاقلىنىش»جەريانىدا ماسسىغا ئېرىشىدۇ.شۇنداقلا ئاجىز يادروكۈچىنى ئاتوملارنىڭ ئارىلىقى دائىرىسىدە چەكلەيدۇ.ھالبۇكى،شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا،ئېلېكتىرماگىنىت كۈچىنى ئۇزاتقان فوتۇن ماسسىغا ئېرىشەلمەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كائىنات بوشلۇقىدا ئەركىن چېپىپ يۈرۈيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كۈچلۈك يادرو كۈچى(ئاتوم يادروسىنى مۇستەھكەم ساقلايدىغان تەسىركۈچ)ىنىڭ كۋانت مەيدان نەزەرىيسىمۇ  «ئۆلۈك بېلىقنىڭ ئۆرۈلۈپ ئوينىشى»دەك ئۇيۇنلارنى قويۇپ كەلدى.مۇشۇ نەزەرىينىڭ ھەمكارلىشپ ئوتتۇرىغا قويغۇچىسى ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى سان بارا-بارا تارماق مەكتىپىدىن دەيۋىي.گروسىنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،ھەقىقەتەنمۇ«قالايمىقانچىلىقتىن مۇۋەپپىقيەتكىچە»ئىدى.كۋانت كرومو دىنامىكىسىمۇ گەرمان ئىجاد قىلغان ئاتالغۇ بولۇپ كۋانت كرومو دىنامىكىسى كۋارىكلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا تەسىرلەرئارقىلىق ئۇلارنىڭ 8خىل ئۆزئارا«رەڭلىك زەرەت»گلونىنى توختىماي ئالماشتۇرىدىغىنىنى تەسۋىرلەيدۇ ھەم ئاخىرىدا كۋاركنى بازار تاپقۇزىدۇ.بۇ نەزەرىيدە يەنە كۋارىكنىڭ مۇنداق بىرئالاھىدىلىكىنى يەنى،ئىككى كۋارىك ئارىسىدىكى ئارىلىق قانچە يىراقلاشقانچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تەسىركۈچنىڭ كۈچىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.گروسسى مۇنداق دەيدۇ:«بۇ نەزەرىيە پروتوننىڭ نېمە ئۈچۈن قارىماققا كۋارىكتىن تۈزۈلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپلا قالماستىن يەنەبۇ كۋارىكلارنىڭ نېمىشقائەزەلدىن  پروتوننىڭ تەۋەلىكىگە تارتىپ چىقىرىلمىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەردى».
يۇقىرىقىلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۆلچەملىك مودېلنىڭ ھېكايىسى.1973-يىلىغا كەلگەندە بىتلىس مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تارقىلىپ كېتىشتى.كېيىنكى بىرمەزگىل ئىچىدە ئالىملاركىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كەشپىياتلارنى قىلىشتى ھەم ئۆلچەملىك مودېلنى پۈتكۈزدى.ئۆلچەملىك مودېلنىڭ  ئىچىدە بارلىق زەررىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى بوغىدىغان ئاجىزئېلېكتىربىرلىككە كەلگەن نەزەرىيسى ھەتتا كۋارك ۋە گلونغىلا ئىشلەيدىغان كۋانت كرومو دىنامىكىسىمۇ بارئىدى.ئۆلچەملىك مودېل ئەقىل پاراسەت ۋە گۈزەللىكنىڭ مۇجەسسىمى ئىدى.ئۆلچەملىك مودېلدىكى تەڭلىمىلەرمۇكەممەللىككە،سېممىترىكلىككە ئىگە بولۇپ،تەبىئەتتىكى ھەرخىل كۈچلەرنىڭ ماھىيتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەپلا قالماي،فىزىكلارغا يېڭى زەررىچىنى قەيەردىن ئىزدەشنىمۇ ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.
نەتىجە ئۇنداق بولماي قالدى،يېڭى زەررىچە زەررىچە سوقۇشتۇرغۇچ سانلىق مەلۇماتلىرى ئىچىدە«مۇۋەپپەقيەتلىك»باش كۆتۈردى.بۇ نەزەرىيەشۇناسلارنى قالتىس خوش قىلىۋەتتى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60-يىللىرىنىڭ ئاخىرى،ئالىملارئۈچ كۋاركنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىغان ئىدى.ئەمما، 70-يىللارنىڭ ئاخىرىغا بارغاندىلا ئامېرىكىلىق فىزىكلار تۆتىنچى ۋە بەشىنچى خىل كۋارىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى ھەم ئەڭ ئاخىرىدا1995-يىلى6-خىل چوققا كۋارىكنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2000-يىلىغا كەلگەندە،ئەڭ ئاخىرقى لېپتونτدىكى نىترونو ئالىملار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىندى.بۇ يېڭى زەررىچىنى بايقاش جېڭىنىڭ يەنە بىر ئۇچىدا گېرمانىيەنىڭ ھامبورگ شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى گېرمانىيە ئېلېكترون ماس قەدەملىك تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزى (DESY)دىكى ئالىملار1979-يىلى گلوئونغا ئېرىشكەن ئىدى.ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار1983-يىلى W ھەم  Z بوزىيونىنى "تۇتقان" ئىدى.ۋاقىت چاقى چۆرگىلەپ2012-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا يادرو تەتقىقات مەركىزىدىكى ئالىملار كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسىدىكى ئۆلچەملىك مودېلدا قىياس قىلىنغان داڭلىق ھەم ئەڭ ئاخىرقى زەررىچە ــــ ھېككىس زەررىچىسىنى بايقىدى!
ۋېنبىرگكە نىسبەتەن ئۆلچەملىك مودېلنىڭ مۇۋەپپىقيەت قەدىمى ناھايىتى ئۆزگىچە.ئۇ مۇنداق دەيدۇ:«خىزمەت ئۈستىلىدە بىرقىسىم ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەر ۋە ئۇقۇملار بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقتىڭىز ئۆتىدۇ،نەچچە مىليارت دوللارخەجلەپ تەجرىبىچى فىزىكلار بۇ قىياسلارنى ئىسپاتلايدۇ،ئەجىبا بۇنىڭدىنمۇ ئالاھىدە ئىش بولامدۇ؟»دەرۋەقە شۇنداق،ئەمما،ئۇ ۋە باشقا ئالىملار نېمە ئۈچۈن تەسەۋۋۇرىمىزدىكىدەك ئۇنچىۋالا خۇشال ئەمەس؟


داۋامى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ...

مەنبە:http://www.stdaily.com/stdaily/content/2013-06/11/content_612608.htm
http://bbs.uyghar.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1220#lastpost



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

802

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   60.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26143
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 256
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 19:13:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات روزى: ۇيغۇرشا سويلەمەگەنىم ۇشىن كەشرىڭىز. قاراغاندا،
You could be PhD in Physics. I am a chemist but I know these physical challenges. The people who solve these problems might win Nobel Prize. Nowadays, our Turkish professors like Kazakh, Uighur, Turik etc, becoming more popular and I am sure that our future generations of our Turkish will rule the world some day.
Have you heard that our Kazakh,  Mukhtarbay Otelbaev, a professor in the department of fundamental and applied mathematics of the L.N. Gumilyov Eurasian State University in Astana, Kazakhstan, solved one of the seven hardest Math problems in the world, Navier-Stokes equations? This is a potentially very important, because the question it addresses has been identified as a Millennium Prize Problem, one of the hardest and most valuable problems in the field of mathematics.
مۇمكۇن وسى پروبلەمالاردى بىزدىڭ تۇركى باۋىرلار شەشىپ قالار. بىز تۇركى ەلدەرى وزىمىزدى دۇنىيەگە تانىتۇىمىز كەرەك. ول ۇشىن تاشپولات روزى سىياقتى بىلىمدى ازاماتتار كوپ بولۇ كەرەك.
I love all of you, our Turkish brothers. I everyday prey for Allah asking safety of our, Turkish brothers and sisters. I wish the alliance of our Turkish countries, so that we can be strength and no other counters put us down like we are experiencing now.
سوندىقتان باسقا ۇلىتتاردىڭ ادەيى بىزدەردى وز-ارا سوغىستىرىپ قىزىق كورۇىنەن ساق بولايىق!!!
بارلىق تۇركى ۇلىتتارى جاساسىن!!!
بارلىق تۇركى ۇلىتتاردىڭ دوستىغى جاساسىن!!!

0

تېما

1

دوست

2228

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1069
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 120
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 20:21:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hayat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 20:22  

قاسىم سىدىقئەپەندى ،سىزنىڭ بۇ تېئورمىڭىز شۇنداق توغرىما؟. قارىغاندا بۇ تېئورما ھەرقانداق قۇلۇپقا چۈشىدىغان ئۇنۋىرسال ئاچقۇچ ئوخشىمامدۇ؟ كېسىپلا مۇشۇ تېئورما ھەل قىلىدۇ دەپسىزغۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا نېمىشقا تېخىچە تەجرىبە نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ باشقىلارنى قايىل قىلمايدۇ؟ ياكى ئېلان قىلىنىپ بولۇپ مەن بىلمەي قالدىممۇ؟

0

تېما

0

دوست

775

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18287
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 21:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 13:45
تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز فىزىكىنىڭ ھەر ساھەسىدى ...

يېشىلمىگەن قىيىن مەسىلەرنى ئەلۋەتتە  بىزمۇ  ئىنتايىن قىزقىمىز

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 21:34:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hayat يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 20:21
قاسىم سىدىقئەپەندى ،سىزنىڭ بۇ تېئورمىڭىز شۇنداق توغر ...

تەجىربە نەتىجىسىنى تەجىربە ئىشلىگۆچىلەر ئۇزلىرى مۇستەقىل ئېلان قىلىدۇ.مەن پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزدۆم.
مەن ئىدىيىرىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ۋە بۇ تىئورمىلارنى تەجىربىدە ئىسپاتلىنىدۇ،دەپ قارايمەن.مەن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇر بۇنداق قارىشىمنىڭ توغرىلىغىنى ئىسپاتلاۋاتىدۇ.
بالىلار ھازىرمۇ تەجىربە ئىشلەۋاتىدۇ.ھازىرغىچە ئىرىشىلگەن نەتىجىلەر 29-تىئورمىنى قوللىدى،دەپ ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم.
نەتىجە ئېلان قىلىنىدىغىنىغىمۇ ئۇزۇن قالمىدى.
تەجىربىدە ئىسپاتلىنىشىدىن ياكى ئىسپاتلانماسلىغىدىن قەتئى نەزەر29-41-تىئۇرمىلار ئارقىلىق بەزى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۆرۆپ بەرگىلى بولىدۇ.نەزەرىيە دىگەن شۇ!.

2

تېما

9

دوست

4759

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22100
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1442
توردىكى ۋاقتى: 200
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 08:46:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turik7 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 19:13
تاشپولات روزى: ۇيغۇرشا سويلەمەگەنىم ۇشىن كەشرىڭىز. قار ...

بۇ سۇز بەكلا ئېشىپ كېتىپتىمۇ نىمە ؟تۇركىيە ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان دولەت،لېكىن نيوتون قانۇنلىرىنى قۇبۇل قىلغاندا ئىسلام دىنىدىكى خۇدادىن ۋاز كېچىپ،خىرىستىئان دىنىدىكى خۇدانى ئىسلام دىنىدىكى خۇدانىڭ ۋەكىلى دەپ قارىغان،شۇنداقلا خۇدانى ھىچ نەرسە بىلمەيدۇ دەپمۇ قارىغان،ئاخىرىدا بولسا  نيوتوننىڭ خۇدا ئىكەنلىگىنى ئېتىراپ قىلغان،يەنى مەسچىتكە كىرسە خۇدانى ياد ئەتسە دەرىسخانىغا كىرسە نيوتوننى خۇدا دەپ دۇرۇت ئوقۇيدۇ،بۇنداق سەۋىيە بىلەن دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيەسىگە يەتكىلى بولامدۇ؟مەيلى تۇرۇك تىلىدا دەڭ ياكى ئېنگىلس تىلىدا ئىپادىلەڭ،مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئاللاھنى ئىنكار قىلىش،ئاندىن مېنىڭ ئىمانىم پاك دەپ مەيدىسىگە مۇشلاش  بۇنىڭدا  بەندىلەرنى قائىل قىلغىلى بولىدۇ،لېكىن ئاللاھنى قائىل قىلغىلى بولارمۇ؟                                                                {1928يىلى دىراك ئېلېكترون ھەرىكىتىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيسى ئاساسىدىكى كۋانت مىخانىكىسى تەڭلىمىسىنى يەنى،دىراك تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.بۇ تەڭلىمە بىرلا يېشىمگە ئىگە بولۇپلا قالماي،شۇنداق بىر زەررىچىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن دېرەك بېرەتتى،يەنى ئۇنىڭ خاسلىقى ئېلېكترونغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ،ئەمما زەررىتى قارمۇ-قارشى.بەش يىلدىن كېيىن ئالمىلار ئالەم نۇرلىرىدىن بۇ خىل«مۇسبەت ئېلېكترون»نى بايقىدى.نەزەرىيشۇناسلارمۇ بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ «ئانتى ماددا»ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى.كۋانت مەيدان نەزەرىيسى ئۆلچەملىك مودېلنىڭ نەزەرىيۋى ئاساسى بولۇش سۈپىتىدە يۇقىرىقى مەنتىقىنىڭ توپلانمىسىدۇر}،دىراك 1933يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن،يەنى ئۇ مۇسپەت ئېلىكتىروننى بايقىغان،كېيىن نيوتوننىڭ ئورنىغا لۇكاس ماتىماتىكا فېرورېسسورى بولغان ،ھازىر سىتىفون ئىاۋكىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۇتەۋاتىدۇ،لېكىن بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان {ئانتى ماددا}ئۇقۇمى ئوتتۇرغا قويۇلغان،يەنى ئانتى ئادەمنىمۇ تەسەۋۇر قىلىشقان،بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنى تامامەن ئىنكار قىلغان،بىزنىڭ {ھازىرقى زامان فىزىكىسىدىكى كىرىزىس}قارىشىمىز كوپەرەك ئىسلام دىنىنى ئىشلىتىپ پىكىر قىلىشنى تەكىتلەيدۇ،بۇنىڭ فىزىكىغا بولغان تەسىرى {ئانتى ماددا}ئەمەس ،{ئانتى زەرىچە}دەپ ئالسا توغرا بولىدۇ،ئانتى ماددا بار بولسا،ئانتى خۇدامۇ بار بولغان بولامدۇ؟ھىلىمۇ خىرىسترىئان دىنى،بوددا دىنى،كاتولىك دىنى،يەھۇدى دىنى،ھىندى دىنى .....لاردەك دىن كوپ بولۇپ،بۇلاردا بىردىن خۇدا بار،مېنىڭچە ئىسلامنى كەرە يادلىغاندەك يادلىغاندىن كۇرە،ئاز تۇلا چۇشەنسەك بۇنىڭ پايدىسى كوپمىكىن،ئەلۋەتتە،بۇ مېنىڭ ئىسلامنى تەشۋىق قىلغىنىم ئەمەس،چۇنكى ئىسلامنى مېنىڭ تەشۋىق قىلىشىمنىڭ زوروريىتى يوق،ياخشى نەرسە بولسا،كىشىلەر ئۈزلىرى ئىزلەپ تاپىدۇ.

2

تېما

0

دوست

4847

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   94.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7701
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 954
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 684
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 11:06:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە بىرەيلەن ئالەم كېڭىيىپ نەگە بارىدۇ يەنەبىر ئالەمگە تۇتىشامدۇ دەپ سوراپتىكەن ، جاۋابىنى ساقلىسام بىرەرسى جاۋاپ بەرمىدى. قاسىمكاممۇ ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىقى  ياقلايدىكەن. قاسىمكامدىن سوراپ باقسام ئالەم كېڭىيىۋاتىدۇ دىگەن قانداق گەپ ، ئالەم كېڭىيىپ باشقا بىر ئالەمگە تۇتىشىپ كېتەمدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )