بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-27 15:31
چىلىيەنشەننى-تەڭرىداۋان دەيمىز!
- ئەركىم
بۈگۈن ئازراق بوش ۋاقتىم چىقىپ قاپتىكەن، شىنجاڭ مەدەنىيتىنىڭ 2014-يىللىق بىرىنچى سانىنى ۋاراقلاپ باقتىم. ئادىتىمدىكىدەك مۇندەرىجىدىكى كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان تېمىلارنى ئىزلىدىم، تۇيۇقسىز رەيھانگۈل قۇربان نامىدىكى << تۆمۈر ۋە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى >> دېگەن تېمىغا كۆزۈم چۈشتى. چۈنكى بۇ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ،مەسئولىيەتچان داڭلىق يازغۇچىسىى بىلەن تونۇشقىنىمغىمۇ ئوننەچچە يىل بولغان ۋە بىر قانچە قېتىم قومۇل ۋە سۇنەندە ئۇچىرىشىپ كۆپ سۆھبەتلەردە بولغان ئىدۇق. يازمىنىڭ بىرىنچى ئابزاسىنى ئوقۇپ، ئىككىنچى ئابزاسنىڭ تۆتىنچى قۇرىدىكى << چىلانتاغ>> دېگەن يېرىگە كەلگەندە نىمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم.
چىلىيەنشەن- بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇقەددەس تاغنىڭ ئەسلى ئاتىلىشى ھەققىدە ھېلىغىچە بىرلىككە كەلگەن بىر قاراش يوق. لېكىن، 2011-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى ئۈرۈمچى تارمىقىداخىزمەت قىلىدىغان ياش تارىخچى ئابلېز ئورخۇن ، قومۇل سەنئەت ئۆمىكىنى تالانىتلىق مۇزىكانىتى ۋە ناخشىچى غالىپ ئەرشىدىن ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇقام ۋارىسى ۋە داستانچى ئىبراھىمگاڭ ياقۇپ، شۇ يىللىرى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرىسىتىدا ئوقۇۋاتقان ئۈمىدلىك ياش ئابلاجان يۈسۈپ تەھۇرى(ھازىر مەركىزى مىللەتلەر نەشىرىياتىدا) ۋە مەن قاتارلىق بەش كىشى ئوت ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خاندانلىقىدىن قالغان ۋە مىڭ يىللارنىڭ ئالدى -كەينىدە گەنسۇنىڭ تاغلىق زىمىنلىرىغا كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلىرىمىز سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتى سۇنەنگە بېرىپ 4 كۈن زىيارەتتە بولغاندا تۆمۈر ئەپەندىمدىن ۋە باشقا سېرىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا چىلىيەنشەننى نىمە دەيدىغانلىقىنى سورىغانتۇق. تۆمۈر ئەپەندىم، ئارىسلان، ئەنيۈلىڭ قاتارلىق سېرىق ئۇيغۇرنىڭ ئوتيۈرەك زىيالىيلىرى بىزگە : چىلىيەنشەننى بىز ئۆزىمىزنى بىلگەندىن تارتىپ چوڭلارنىڭ ئاغزدىن -دېڭرىداۋان دەپ ئاڭلاپ كەلدۇق، مەنىسى شىنجاڭدىكى تەڭرىتاغ بىلەن ئوخشاش دېگەن ئىدى. بۇ ھەقتە مەن قايتىپ كېلىپ يازغان مەتبۇئات ۋە تورلاردا ئېلان قىلىنغان << سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر >> ناملىق ئەدەبىي خاتىرەمدىمۇ توختالغان ئىدىم. كېيىن ساقىدىكى تەرجىمان ئابدۇغوپۇر ئابدۇرېيىم تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ بىرقانچە ماقالىلىرىنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدىمۇ چىلىيەنشەننى نىمە دەپ ئېلىش ھەققىدە تۆمۈر ئەپەندىمگە تېلېفۇن ئۇرغاندىمۇ ئۇ كىشى بىزگە دېڭرىداۋان دەپ ئالساق تارىخقا ھۆرمەت قىلغان بولىمىز، دەپ قايتا-قايتا تاپىلىغان ئىدى. مېنىڭچە، چىلىيەنشەننى - مەجبۇرىي ھالدا ئاھاڭ بويىچە چىلانتاغ دەپ ئاتىۋېلىش زور خاتالىق. چۈنكى، چىلان دېگەن بۇ ئاتالغۇ مىڭ يىل بۇرۇنقى ھېچقانداق بىر يازما ماتېرىيالدا چىلان دەپ ئېلىنمىغان، چىلاننىڭ ئەسلى ئاتىلىشى چۇغان بولۇپ، قومۇللۇقلار تا ھازىرغىچە چىلاننىڭ ياۋىسىنى چۇغان دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر چىلىيەنشەن- دېگەن بۇ ئىسىم چىلان دېگەن ئىسىمدىن ئۆزگەرگەن دەپ پەرەز قىلساق، ھەرگىزمۇ چىلىيەن بولماستىن چىللاننىڭ ئەسلى قەدىم ئاتىلىشى چۇغان شەكلىدە ئىستىمال قىلىنىپ :- چىگەن، چۈگەن، چۇگاڭ...شەكلىدە كەلگەن بولاتتى. يەنە كېلىپ تۆمۈر ئەپەندىمنىڭ دېيىشىچە چىلىيەنشەندە ھازىرمۇ چىلان ئۆستۈرۈلمەيدىكەن.
بۇلتۇر يىل بېشىدا قومۇلدىكى پىشقەدەم رەھبەر، تەرجىمان ئابدۇراخمان مۇتىللا << سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى >> دېگەن كىتابنى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. ئارىمىزدىكى يېشى 70 داۋانلاردىن ئېشىپ كەتكەن نۇرغۇن كىشىلەر يېزىقچىلىقنى تاشلىۋەتكەن بولسىمۇ، ئابدۇراخمان مۇتىللا كېچە- كۈندۈز تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ كەلمەكتە، مەن ئۇ كىشىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تولىمۇ قايىل بولىمەن ۋە چوڭقۇر ھۆرمەتلەيمەن. ئەمما، ئۇ كىشىنىڭ كۆز قارىشىدىمۇ چىلىيەنشەننىڭ ئەسلى ئاتىلىشى چىلانتاغ ئىكەن. تەڭرىداۋاننىڭ(چىلىيەنشەن) ھەقدات ئىگىلىرى بولغان، خەلقئارادىن ئورخۇن ئۇيغۇر خاندانلىقى مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر -تۈرك قەدىمى تىلىنىڭ تىرىك تاش قاتمىلىرى، دەپ ئاتانغان سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئانا تىلىدا چىلىيەنشەننى دېڭرىداۋان دەپ ئاتاۋاتقان تۇرسا، بىز نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئاتىشىغا ھۆرمەت قىلماي ئۆز مەيلىمىزچە يېڭى ئىسىم ئىجاد قىلىمىز؟! بۇ يېزىقچىلىق، تەرجىمە ئەخلاقىغىلا ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ شانلىق تارىخىغىمۇ قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكتۇر! ئىشەنمىسەڭلار، تۆمۈر ئەپەندىمدىن ۋە ياكى باشقا بىرەر سېرىق ئۇيغۇر تونۇشىڭلار بولسا سوراپ بېقىڭلار، ئۇلار جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن :- بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ماكان ئەتكەن بۇ مۇقەددەس تاغنى تەڭرىداۋان دەيمىز، دەپ جاۋاپ بېرىدۇ...ھەرگىزمۇ چىلانتاغ دېمەيدۇ!!!
2014-يىلى2-ئاينىڭ27-كۈنى قومۇل |