- تىزىملاتقان
- 2014-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 291
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
  97%
|

10 يىلغا سوزۇلغان ھۆكۈمرانلىق دەۋىر
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلىساق ، پىلاتىنى ، كىرويىف ،بىرازىلىيەلىك رونالدو ،ۋان باستىن ، زىدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن داڭدار توپچىلار كەسپىي ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم « ئالتۇن توپ » ئالغان .ئەڭ كۆپ ئالغىنى پەقەت ئۈچ قېتىم ،شۇ دەۋىردە مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ كۈچلۈك رەقىبى يوق ئەمەس ،ئەلۋەتتە بار .ئەمما ھازىرقىدەك ئالتە -يەتتە يىل بۇ مۇكاپاتنى مونپول قىلىۋالغانلار يوق .چۈنكى ھازىر سەۋىيەسى پەرقلەنمەيدىغان ئىككى قوچقار تۇتىشىۋاتىدۇ .ئىلگىرى ئىزچىل ئۇزۇن ۋاقىت يۇقىرى سەۋىيەسىنى ساقلاپ كەلگەنلەرمۇ ناھايىتى ئاز .مەسىلەن : 2001-يىلدىن باشلىساق ،شۇ چاغدا ئېنگىلاندىكى ئوۋېن « ئالتۇن توپ » ئالغان .بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي چېكىنىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى .ئۇنىڭدىن كېيىنكى « تاشقى پىلانت ئادىمى » رونالدو ،كاكا ،شېفۇچىنكو ، رونالدىنئو قاتارلىق چولپانلارمۇ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن يارىلىنىش ۋە ئىپادىسى چېكىنىش سەۋەبىدىن قايتا ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىدى .
دۇنيا لوڭقىسدا ياكى بىرلەشمىدە ئىپادىسى ئالاھىدە بولغان .كوماندىغا چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەن توپچىلارغا تەڭپۇڭ ھالەتتە بېرىلگەن .مەسىلەن : ئىتالىيەلىك مۇداپىئەچى كاناۋارو ،بۇ توپچى كۆپچىلىككە ئايان .يەنى 2006-يىلى ئىتالىيە چىمپىيۇن بولغاندا كۆپچىلىك تالاش -تارتىش قىلمايلا بۇ مۇكاپاتنى كاناۋاروگە بەرگەن .يېقىنقى زاماننى تىلغا ئالساق،رونالدودىن باشقا يەنە ، ئا س مىلاندا توپ تەپكەن لىبىيەلىك قارا قۇيۇن ۋىئا قاتارلىق قاتىل ھۇجۇمچىلارمۇ بۇ سەھنىگە چىققان .فىگو ،زىدانى ،نىدىۋىد قاتارلىق ئۇرغان توپى ئاز ، لېكىن باشقا تۆھپىسى زور توپچىلارمۇ بۇ شەرەپكە نائىل بولدى .يىغىنچاقلىغاندا ،ئىلگىرىكى10 نەچچە يىل دۇنيا پۇتبول سەھنىسى نورمال ھالەتتە بولدى دىيىشكە بولىدۇ .( شەخسى قاراش )
بىراق 2008-يىلدىن باشلاپ بۇ ھالەت ئۆزگەردى .2005-يىلدىن باشلاپ رەسمى قەد كۆتەرگەن پورتۇگالىيەلىك رونالدو مانچېستىردا ئۆزىنى ئىسپاتلاپ بىرىنچى قېتىم بۇ مۇكاپاتنى ئالدى .شۇ يىللاردا رونالدونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك توپ ئۇرۇشتىن باشقا ،قارشى تەرەپنى ئالداش ۋە بۈسۈپ ئۆتۈشتەك كىشىلەرنى مەھلىيا قىلىدىغان ھەرىكەتلىرى بار ئىدى .بۇ ھەرىكەتنى قاملاشتۇرۇپ ئىشلەيتتى .ئۆزىمۇ ئامراق ئىدى .( ھازىر ئۇنداق ئەمەس ) 2006-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسدا مېسسىنىڭ ئىسمى رەسمىي تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئوتتۇرغا چىقتى .( شۇ چاغدا تېلىۋۇزۇردا 17 ياشلىق بىر پاكار توپچىنىڭ يارىدار ئىكەنلىكى ،شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسدا بۇ ئارگېنتىنغا نىسبەتەن يامان خەۋەر ئىكەنلىكىنى توغىرسىدىكى خەۋەر بېرىلگەن . ئارگېنتىنادا شۇنداق داڭلىق توپچىلار بار تۇرسا ، مېسسى ئىسىملىك بۇ كىچىك توپچىنىڭ قانداق ئالاھىدە تەرىپى بار ؟ دەپ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەيران قالغان ) گەرچە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە مېسسى ئانچە چاقنىيالمىغان بولسىمۇ ،كېيىن ئىسپانىيە دىربىدە ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ قالپاق كەيگەندىن كېيىن دۇنياغا بىراقلا تۇنۇلۇپ كەتتى . بۇ مېسسىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق مۇسابىقە دەپ قارايمەن .مۇقىم ۋە تۇراقلىق ئىپادىسى مېسسىنى 2009-يىلدىن باشلاپ 2012-يىلغىچە ئۇدا تۆت يىل بۇ چوڭ سەھنىگە ئېلىپ چىقتى .
مۇشۇ جەرياندا شاۋى ،ئىنىستا ، سىنىيدىر ،لامپارت قاتارلىق بىر قانچىلىغان توپچىلار بۇ شەرەپتىن مەھرۇم بولدى .بۇلۇپمۇ شاۋى بىلەن ئىنىستا ئۇدا نەچچە يىل مېسسىگە ئەگىشىپ شىۋىتسارىيىگە بېرىپ مېسىنى تەبرىكلەپ ئولتۇردى .ئەلەم دېگەن مانا مۇشۇ ! رونالدو بۇ يىل « ئالتۇن توپ » ئالدى .بايرىندىكى رىبىرى دەردتە قالدى .شۇنداق ھېسابلىغاندا بۇ ئىككى توپچى ساق يەتتە يىل « ئالتۇن توپ » نىڭ دائىملىق مېھمىنى بولدى .رونالدو بۇ يىل 29 ياشقا ،مېسسى 26 ياشقا كىردى .بۇ يىل ھەر ئىككىلىسى قالتىس ئويناۋاتىدۇ .بۇ مۇكاپات يەنە ئىككىسىنىڭ بىرسىگە مەنسۇپ بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى .خۇلاسە قىلغاندا ، ئاز دىگەندىمۇ يەنە ئۈچ يىل مېسسى بىلەن رونالدو باشقا توپچىلارنى ھەسىرەتتە قۇيۇشى ، شۇنداقلا ئۈچ يىلدىن كېيىن نېيمار دەۋىرىگە كىرىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ...ئەمما كەلگۈسىدە دۇنيا سەھنىسنى 10 يىل ئەتىراپىدا كونتورول قىلىۋالغان مۇشۇنداق توپچىلار چىقارمۇ ؟

|
|