قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3196|ئىنكاس: 14

ئەلكۈن لوندون: بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

15

تېما

18

دوست

4494

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   83.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14288
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 15
مۇنبەر پۇلى: 150
تۆھپە : 1798
توردىكى ۋاقتى: 226
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 08:31:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق خاتىرەم ۋە لوندوندىكى ئايەم

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن


بالىلىقىم- ئۇ بىر سۇلتانلىقىم، غەمگۇزارسىز،
ئايەم ئىدى ھەر كۈنۈم، سەبىي قەلبىم كۈلگەن.
ئەل ۋەتەنسىز يات ئەلدە، سېغىنىشتا ياشىماق،
گويا بىر قامغاق ئىكەن، يىلتىزى ئۈزۈۋېتىلگەن!


كېتىپ قالدىم غەرب تامان، قۇم بارخىنى ئارقامدا قالدى!
مەن ماڭغان توپا يوللار، كارۋان ئىزلىرى ئۇزاقتا قالدى!
ئۇنتۇمىدىم ئەمما، سېغىنىش ئوتۇڭ تىنماي كۆيۈپ ياندى!
ئاھ ۋەتىنىم ۋىسال يولى،  يۈرەكتە مىڭبىر ئارمانلار قالدى!


        بالىلىق ئادەم ھاياتىنىڭ ئەڭ غەمگۇزارسىز بىر مەزگىلى بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۇچۇنمىكىن مەن بالىلىقىمنى ھەرگىز ئۇنىتالمايمەن.  مېنىڭ بالىلىقىمغا خاس ئېنىق ئېسىمدە قالغان خاتىرىلەردىن بىرى ئايەم تەنتەنىسىدۇر. ھەممە ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئوخشاشلا مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ تالاي ھېيت خۇشاللىقلىرىغا چۆمگەن ئۇنتۇلغۇسىز يىللار ئۆتكەن. مەھەللىمىزدىكى بالىلار بىلەن بىر توپ بولۇپ رامزان ئايلىرىدا مەھەللىمۇ مەھەللە ئارىلاپ رامزان توۋلىغانلىرىم، مەھەللىمىزدىكى ھەر بىر ئۆينىڭ ھويلىسى ئالدىدا رامزان توۋلىغاندا بېرىلگەن قوناق نېنى، ئۈزۈم، ئۆرۈك ۋە شاپتۇل قاقلىرى، ئۇششاق پارچە پۇللار قاتارلىق ئولجىلىرىمىزنى ئايدىڭ كېچىلەردە مەھەللىمىزنىڭ سىرتىدىكى قۇملۇق دوڭنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، باراۋەر تەقسىملەشكەنلىكىمىز، ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتكۈچە ئويۇن ئوينىغانلىرىمىز ھېلىھەم بۈگۈنمۇ خۇددى كېچە قاراڭغۇسى ئىچىدىكى يېغى تۈگەپ ئۆچۈش ئالدىدا پىلدىرلاپ يېنىۋاتقان جىن چىراغ نۇرىدەك ھەر يىلى رامزان ئېيى كەلگەندە غۇۋا ئېسىمگە كېچىدۇ... ۋە مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى رامزان ئېيى شۇنداق ئىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن.
         بالىلىقتىكى روزا ۋە قۇربان ھېيت ئايەملىرى يېقىنلىشىۋاتقان كۈنلەردىكى ئۇ خۇشاللىق تۇيغۇلارنى بىر دېمەڭ .... شۇنداق ئېسىمدە، ھېيت كۈنلىرى يېقىنلاشقانسېرى مەھەللىدىكى ھەممە ئادەملەر قوزغىلىپ ھېيت تەييارلىغىنى باشلىۋېتەتتى...مەھەللىمىزدىكى ماشىنچىدىن تارتىپ موزدوزغىچە، موللامدىن تارتىپ تالىپلارغىچە، دېھقاندىن تارتىپ پادىچىلارغىچە ھەممە ئادەم ھېيت تەييارلىقىغا كىرىشىپ كېتەتتى. ئاددىيسى مېنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىممۇ ئاۋۇپ كېتەتتى. ئاپامنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھېيت كۈنى گۆش پۇشۇرىدىغانغا دۆۋە-دۆۋە ئوتۇن كېسىپ ھازىرلايتتىم. 2-3 چاقىرىم كېلىدىغان كۆلدىن ياكى سۇ كەلگەن چاغلاردا ئۆستەڭدىن ئەپكەشتە سۇ ئەكېلىپ، كوزىلارنى تولدۇراتتىم. ئاتامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېغىلدىكى كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرگە ئىككى كۈن يەتكۈدەك ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكلەرنى ھازىرلايتتىم... ھېيىتتا كىيىدىغان يېڭى كىيىملەرنى، تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ھېيتلىق سوۋغاتلارنى بىر دېمەڭ... يەنە ئۆز-ئۆزۈمچە ئاتا-ئانامدىن، بوۋام ۋە موماملاردىن، تاغا ۋە ھامماچىللىرىمدىن ئالىدىغان ھېيتلىق سوۋغاتلارنىڭ سانىنىمۇ كاللامدا تەخمىن ھېسابلاشقا ئۈلگۈرەتتىم...
       مەن يېزا ھاياتىغا تويۇنۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بولغىنىمدىن ھەر ۋاقىت سۆيۈنىمەن، ئىپتىخارلىنىمەن چۈنكى بۈگۈن پەقەت خاتىرەمدىلا ئەسلىمە بولۇپ قېلىۋاتقان شۇ ساپ ئۇيغۇر يېزىسى ماڭا مەكتەپتىن كېيىنكى ئىككىنچى مەكتەپ بولۇپ، تاكى مەن ئۆمىلەشتىن توختاپ ئايغىم چىقىپ، مەھەللە كەپسىز بالىلىرى "ئىسمىڭ نېمە؟" دەپ سورىغان سوئالىغا يىغلىماي تۇرۇپ جاۋاب بېرەلىگەندىن تارتىپ 18 ياشقا كىرىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن ئايرىلغانغا قەدەر بولغان ئارىلىقتا ماڭا ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرىپىنى، ئۇيغۇر بولۇپ ياشاشنىڭ ھەممە بىلىملىرىنى پۇختا ئۆگەتكەن ئىدى.
        ھازىر بەزىدە شۇنداق ئويلاردىمۇ بولىمەن، بەلكىم شۇ ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بارمىغان بولسام، بۇ مېنى چوڭ قىلغان مەھەللەمدىن، مەھەللەمنى باغرىغا ياشناتقان ئەزىزانە ۋەتىنىمدىن ئايرىلماس ئىدىم... ئەمما بىز شۇنداق كۆنگەن، ھايات سەپىرىمىز ياكى ئۇنداق ۋەياكى مۇنداق بىر ھادىسىلەرگە ئۇچۇرسا، بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەن قىسمەتلەر ئىكەنلىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشتىن كۆرە ئاسانلا مۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى گۇناھى ئېغىر تەقدىرگە ئارتىپ ئۆزىمىزگە تەسەللى تېپىشقا ئۇرۇنىمىز. شۇڭا مەن ئۆز ھالىمنى قانداقتۇر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غايىب تەقدىرگە ئەمەس، بەلكى مەن چوڭ بولغان مۇھىتقا باغلاپ تەھلىل قىلىمەن. مەن ھاياتىمدا يوقاتقان نەرسىلىرىممۇ كوپ ئەمما ئېرىشكەن نەتىجىلىرىممۇ نۇرغۇن. بەزىدە مەن بۇلارنى تارازىغا سېلىش ئارقىلىق ئوز – ئۆزۈم ئۈستىدە ئويغا پاتىمەن، مۇھاجىرەتتە ئۆزۈم ئۈچۈن ياشىمىغانلىقىمنى تولۇق ھېس قىلغان ۋە بۇ ھېسلىرىمنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرالىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالغىنىمدا ئاز-تولا ئۆزۈمگە تەسەللى تاپىمەن.
     ئالاھازەل شۇ ھايات قىسمەتلىرى بىلەن ئەگەر مەن مەھەللەمدىن 18 ياش ۋاقتىمدا ئايرىلغان بولسام، يېشىم 30 غا بارماي سۆيۈملۈك ۋەتىنىمدىن ئايرىلمىغان بولاتتىم.
    بالىلىق ۋاقىتلىرىمدىكى ئەسلىمىلىرىم، تۇيغۇلىرىمۇ خۇددى چۆچەكلەردىكى ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلىكلەرنى ئۇنۇتمىغىنىمىزدەك پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
      مەن 10 ياشلار ئەتراپىدا بولسام كېرەك، بىر كۈنى قاتتىق يامغۇردىن كېيىن غەرب تەرەپتىن شۇنداق چىرايلىق ھەسەن- ھۈسەن چىقتى. بۇ ھەسەن – ھۈسەننى تولۇق كۆرۈش ئۈچۈن ئويىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى قۇرۇق دەريانىڭ قارشى تەرىپىدىكى بىر ئېگىز قۇم بارخىنىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ شۇ ھەسەن-ھۈسەن چىققان غەرب ئاسمىنىغا تىكىلگەچ چوڭقۇر ئويغا پېتىپ نەزىرىمنى يىراق- يىراقلارغا، كۆز نۇرۇم يەتكەن نىشانلارغا تاشلىدىم. ئۇ ھەسەن – ھۈسەن يېرىم چەمبەر شەكلىدە زېمىن ئۈستىگە خۇددى بىرى قاداپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ ئارقا تەرىپى ئاسمان بىلە زېمىن ئۇچراشقان ئۇپۇق چېكى ئىدى. شىمال تەرەپتە يامغۇردىن كېيىنكى سۈزۈك ھاۋادا كۆرۈنىدىغان تەڭرى تاغلىرىنىڭ ئاق باش چوققىلىرى ناھايىتى سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. مەن ئۆزۈمدىن سورايتتىم “ مەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، چوڭ بولغاندا شۇ تاغلارنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتەلەرمەنمۇ؟” قۇم بارخىنى ئۈستىدە زاڭىقىمنى تۇتۇپ يانپاشلاپ سوغۇق قۇم ئۈستىدە ياتقاچ كۆز ئالدىمدا ماڭا كۆرسىتىلىۋاتقان بۇ ئالەمنىڭ تىلسىملىرىنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن تىنىمسىز باش قاتۇراتتىم. چېكى يوق ئويلارغا چۆمەتتىم...  ئۆز ئۆزۈمگە سوئال قوياتتىم “بۇ دۇنيا قانچىلىك چوڭدۇ؟ ئاسماندا بەزىدە ئايروپىلانلار ئۇچىدىكەن، ئۇ قانداق ئۇچىدىغاندۇ؟ ئۇنىمۇ ئادەملەر ھەيدەمدىغاندۇ؟ ئۆيدىكى جىن چىراغنىڭ كىرسىنى تۈگەپ كېتىپ بىز قاراڭغۇدا ياشاۋاتقىلى 2 ھەپتە بولدى. ئاپام كۈندە قاقشايدۇ...ئاتام قاچانلىققا پۇل تېپىپ چىراغقا كىرسىن ئالار؟ ....”
       مەنمۇ ئاستا-ئاستا چوڭ بولدۇم، كوممۇنا تۈزۈمىمۇ تۈگىدى. ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى ئاز-تولا ياخشىلاندى. ئىشقىلىپ كىيىدىغانغا كىيىم، يەيدىغانغا نېنىمىز بار بولدى. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق ئىش شۇ بولدىكى مېنى ئۆز قوينىدا ئۆستۈرگەن يۇرتۇمدىن غايىب بولدۇم. مەن ھازىر شۇ بالىلىقىمدا نەزەر تاشلىغان، سىرلىرىنى بىلىشكە ئىنتىلگەن ئۇپۇق سۆيگەن غەربىنىڭ ئەڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر ئارال دۆلەتتە ياشاۋاتقىلى 14 يىل بولدى، بۇ يەردە يەنە قانچىلىك ياشايمەن، ئۇ تەرىپى ماڭا مەۋھۇم.
       مەن بۈگۈن لوندوننىڭ ھەشەمەتلىك ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن دۇنيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزىدە تۇرۇپ،  ئىش ئورنۇمدىكى بىنانىڭ 9- قەۋىتىدە ئەتىگەن سائەت 9:00 دا ئىش باشلىشىمىزدىن بۇرۇن ئۇلۇغ قۇربان ھەيئىتى نامىزىنى دۇنيانىڭ ھەر ئىقلىمىدىن كەلگەن 20 گە يېقىن مۇسۇلمان خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرگە ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرگىنىمدە، ۋۇجۇدۇمنى يەنە قانداقتۇر تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز غېرىبلىق چىرمىۋالدى.  تەبىئىيكى مېنىڭ ئەس-خىياللىرىم، ئارزۇ ئامانلىرىم شۇ توپىغا مىلىنىپ ئەل-جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇغان مەھەللىمىزدىكى ھېيت نامىزىغا ۋە ناماز ئوقولۇپ بولغاندىن كېيىن ياڭرىغان ناغرا-سۇناي ئاۋازلىرى بىلەن چەكسىز ھېيت شادلىقىغا چۆمگەن ئاشۇ ئۇيغۇرنىڭ مەھەللىلىرىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن بىللە ئوتكەن ھاياتىمنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى.
       لوندون ماڭا كوپ نەرسىلەرنى ئۆگەتتى. لوندون – بۇ ئاجايىپ رەڭدار شەھەر. بۇ شەھەر توغرىسىدا قىسقا ئەمما سىلەر ھەيران قالغۇدەك ئازراق سانلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتەي. بۇ شەھەردە 14 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ياشايدۇ (2012- يىلىدىكى ستاتىستىكا) ۋە بۇ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئىنگلىز تىلىدىن باشقا 300 دىن ئارتۇق تىلدا يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدۇ. لوندون ئاھالىسىنىڭ 59% نى ئاق تەنلىك ئىنگلىزلارنى ئاساس قىلغان ياۋروپالىقلار، 41% نى بولسا ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال ۋە ئافىرقىلىق قارا كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە باشقا دۇنيانىڭ ھەر قايسى دۆلەتلىرىدىن كەلگەن كۆچمەنلەر تەشكىل قىلىدۇ. بۇ دۆلەتنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچىغا ئىنگلىزچە “England” يەنى “ئىنگلىزلار يېرى” دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئەمما رەسمىي ئىسمى بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى، ۋە بۇ ئىسىم قىسقارتىلىپ بۈيۈك بىرىتانىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئىنگلىزچە يېزىلىشى:
United Kingdom of Great Britain and Northern Ireland، ئادەتتە قىسقارتىلىپ ئىنگلىزچە “Britan” ، “Great Britan”  ياكى  “UK” دەپ ئاتايدۇ. بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە شىمالىي ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقى ئەنگلىيە، ۋەلىس، شوتلاندىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈكسەك ئاپتونومىيىلىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپقان. بۈيۈك بىرىتانىيە 2 مىللىيۇندىن ئارتۇق مۇسۇلمانلار بار، بۇلارنىڭ 80% لوندوندا ياشايدۇ.  بىرتانىيەدە ياشايدىغان بىر قىسىم كۆچمەن مىللەتلەرنىڭ سانى تۆۋەندىكىچە: ھىندىستانلىقلار 1،451،862، پاكىستانلىقلار 1،173،892؛  تۈركلەر 300،00؛ جۇڭگولۇقلار 240،000؛ ئافغانىستانلىقلار 71،000، كۇردلەر 42،000، تىبەتلەر 650، ئۇيغۇرلار 300.  ئۇيغۇرلار 1999- يىلىدىن باشلاپ بۈيۈك بىرىتانىيەگە كۆچمەن بولۇپ كېلىشكە باشلىغان.  (2013- يىلىدىكى ستاتىستىكا)
      ئەمدى ئۆزۈم توغرىسىدا سوز باشلاي. مەن 1999 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قۇربان ھېيت نامىزىنى مەھەللىمىزدىكى مازار مەسچىتىدە ئوقۇپ 14 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن چەتئەلگە كەتكىنىم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە. مانا بۈگۈن ئارىدىن دەل 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇۋېتىپتىمەن. دېمەك مېنىڭ قەلبىمگە ئورناپ قالغان ئايەم شادلىقى دەل مۇندىن 14 يىل ئىلگىرىلا شۇ يۇرتۇمدا قىلىپ قالغان ئىكەن. مەن شۇندىن كېيىن ھېچ بىر قېتىم ھەقىقىي ئايەم شادلىقىنى ھېس قىلىپ باقمىدىم.
      ئۇنداقتا ئەلۋەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىگە شۇنداق بىر سوئال تەبىئىيلا كېلىدۇ “سىز 14 يىلدىن بۇيان ھېيت نامىزى ئوقۇمىدىڭىزمۇ؟” مەن ھەر يىللىق ھېيت نامىزىنى ئوقۇدۇم. مەن ھېيت نامىزىنى قايەردە ئوقۇسام، ئىشلىسەم ياكى ياشىسام شۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتلىرىدە ئوقۇدۇم. ئېسىمدە قېلىشىچە بىر يىلى تۈرك جامائىتىنىڭ مەسچىتىدە، بىر يىلى سومالىلىق مۇسۇلمانلار مەسچىتىدە، بىر يىلى پاكىستانلىقلارنىڭ مەسچىتىدە، يەنە بىر يىلى ئافىرقىلىق قارا مۇسۇلمانلار مەسچىتىدە يەنە بىر يىلى بېنگاللىق مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ مەسچىتىدە، يەنە بىر يىلى ئەرەب بايلىرىنىڭ مەسچىتىدە، يەنە بىر يىلى كارېىبىانلىق قارا مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ مەسچىتىدە يەنە...... يەنە.......يەنە..... ئەمما ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇپ باقمىدىم!

         مەن لوندوندا - دۇنياغا مەشھۇر ئىقتىساد مەركەزلەشكەن كاپىتال شەھەردە ياشىغان 15 يىلغا يېقىن ھاياتىمدا مېنىڭ كۆرگەن مۇساپىرلىق كەچمىشلىرىم كوپ. كۆرگەن قىسمەتلىرىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز... ئەگەر مەندەك بىر يېزا ھاياتىغا تويۇنۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتى 15 يىللىق ھاياتىنى ئاتام ۋە ئانام كۆرۈپ باقمىغان يات بىر ئەلدە ئۆتكۈزسە، سىزچە قانداق تۇيغۇلاردا بولۇپ ياشايدىغاندۇ؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سىز ئۆز تەسەۋۋۇر كۈچىڭىزگە تايىنىپ ئىزدەپ باقارسىز، ئىشىنىمەن، سىز چوقۇم توغرا جاۋاب تاپالايسىز. ئەگەر مەن بۇ ھەقتە يازسام بەلكىم نەچچە توملۇق كىتابلار پۈتۈپ چىقىشىمدا گەپ يوق ئەمما لوندوننىڭ ھاياتنى ئالدىغا سېلىۋالىدىغان ئالدىراش ھايات رىتىمى ماڭا بۇ ھەقتە مەخسۇس قېلىن – قېلىن كىتابلارنى يېزىش پۇرسەتلىرىنى بەرمەيدۇ. ئەمما مەن بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمەن ۋە مەيۈسلەنمەيمەن، ئەكسىچە ئىمكانىيىتىم يار بەرسىلا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى، كۆرگەنلىرىنى قەلەمگە ئېلىشقا تىرىشىمەن. مەن بۇ ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۈيۈك بىرىتانىيەنى ۋە بۇ دۆلەت جەمئىيىتىنى چۈشىنىشىگە ئاز-تولا ياردەمدە بولالىسام بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش بولىدۇ، ئەلۋەتتە! ئىنشاھ ئاللاھ بۇ تۇردىكى تېمىلار داۋاملىق سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ تۇرغۇسى. قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققىنىڭلارغا رەھمەت!


2013 - يىلى 15- ئۆكتەبىر، لوندون








0

تېما

0

دوست

318

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24485
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 100
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 11:26:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەتەندىكى بارلىق قېرىنداشلاردىن سىزگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن! ئالدىراش بولسىڭىزمۇ چوڭقۇر مەنالارغا تولغان ئېسىل ئەسەرنى بىزگە سوۋغا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ بالىلىقىمغا مەنمۇ يەنە بىر قېتىم قايىتقاندەك بولدۇم. چەت دۆلەتتىكى ھايات كەچمىشلىرىڭىزنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلىرى ۋە سىز تۇرىۋاتقان شۇ دۆلەتتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىڭىزدىن بىزمۇ تېزراق خەۋەردار بولۇشقا تەشنامىز. سىزنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىڭىز كەلگۈسى پەرزەنىتلىرىمىزگە ئاساس بولغۇسى!
ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تېنىڭىز سالامەتلىك تىلەيمەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

12

دوست

4268

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1294
توردىكى ۋاقتى: 325
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 11:47:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى يىزىپ چىقشىڭىزنى كۈتىمەن،شۇنچە ئالدىراش ياشاۋىتىپمۇ بىزنى لوندۇندىكى كۈنلىرىڭىزدىن ھىسياتلىرىڭىزدىن خەۋەردار قىلغنىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر قىرىندىشىم.

1

تېما

0

دوست

325

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23142
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:15:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم.پۈتۈنلەي يېڭىچە مۇھىت،يېڭىچە ھەۋەس قىزىقىش دەسلەپتە كىشنى بىر ئاز قىززقتۇرغاندەك قىلسىمۇئەمما ئۇنىڭدىن كىلىپ چىقدىغان ۋەتەن غېرىپچىقىغا بۇ جاھاندا ھىچنىمە تەڭ بۇلالالمايدۇ قېرىندىىشىم..بۇ ھىسياتىڭىز ماڭا چۈشىنىشلىك ئاللاھىتىن سالامەتلىكىڭىزنى تىلەيمەن.نەتىجىڭىز ئۇيغۇر ئۈچۈن گۈللەپ ياشنىسۇن

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26386
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 12:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت  

1

تېما

0

دوست

1759

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   75.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23265
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 538
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 14:45:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   لوندون ھەققىدە خېلى كوپ  چۇشەنچىلەرگە ئىگە  بوپ قالدۇق . كوپ رەھمەت .

1

تېما

7

دوست

6347

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8628
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 443
تۆھپە : 1662
توردىكى ۋاقتى: 725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 15:39:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە،تېمىڭىزنى ئوقۇپ مەنمۇ بالىلىقىمدىكى شۇ گۈزەل چاغلارغا قايتقاندەك بولدۇم. نېمىدىگەن  ئېسىل چاغلار ھە!

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 16:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوندوندىكى ئوتكەن مۇساپىرلىق ھاياتىڭىزنى ئوقۇپ تەسىرلەندىم ،300دەك ئۇيغۇر قىرىندىشمىزگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )