- تىزىملاتقان
- 2011-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 240
- نادىر
- 1
- يازما
- 35
ئۆسۈش
80%
|
بەكرى ھاجىنىڭ ئۆيىدىكى مول ناشتىلىقتىن كىيىن بۇ مىھماندوست زات بىلەن ئىززەت-ئىكرام بىلەن خوشلىشىپ سىرتقا چىقتۇق،ھاۋا ئوچۇق بولغاچقا قوياش ئەتراپنى نۇر زىياسىغا ئورىغانىدى،سائەت بەش يېرىمدىن ئېشىپ كەتكەن بىلەن {كېچىرىڭلار،مەن ئۈرۈمچى ۋاقتىنى قوللۇنىمەن، قۇمۇلدا ئاساسەن دىگۈدەك بىيجىڭ ۋاقتىنى قوللۇنىدىكەن،بۇ توغرىسىدا ئايرىم بىر تىما يېزىپ قېلىشىم مۇمكىن}سېخى قوياش ئاللىقاچان تاغ كەينىدىن كۈتۈرۈلگەنىدى، باغداشتىكى مىھنەتكەش قېرىنداشلىرىمىز ئۆز تىرىكچىلىكىگە چۈشۈپ كەتكەندەك تۇراتتى،بىز دۈشۈيدىن يوقۇرى ئۆرلەپ مەيدان ئىشخانىسى ئالدىغا كەلدۇق،مەيدان رەھبەرلىرىمۇ ئاللىقاچان ئورنىدىن تۇرۇپ بولغانىكەن،ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كىيىن ئەمدى قىلىدىغان ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىشتۇق،ئۇلار يەنە بىر سائەتتىن كىيىن ئاچىدىغان يىغىنى بارلىقىنى،ئۇڭغىچە بىردەم ئەتراپنى چۆگىلەپ تۇرۇشىمىزنى ئۆتۈنگەندىن كىيىن بىز باغ ئىچىگە كىرىپ كەتتۇق،شۇ ئارىدا مەن قۇرام تاشلاردىن پۈتۈلگەن تاغقا قاراپ:
-ئەگەر ئەشۇ تاغنىڭ چوققىسىغا چىقالىغان بولساق باغداشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇر ئالغاچ بىر نەچچە پارچە رەسىم تارتىۋالاركەنمەن،-دېدىم.
-تاغقا چىقماق ئاسان گەپقۇ،-دېدى مۇئەللىم توغقىنىم شۇئانلا جاۋاپ قايتۇرۇپ،-ئەگەر راستىنلا تاغقا چىقماقچى بولسىڭىز يۈرۈڭ،ئۇلارنىڭ يىغىنى تۈگىگىچە تاغقا چىقايلى.
-قەيەردىن چىقىمىز،-دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ،-چىقىدىغان يەر يىراق بولسا بولدى قىلايلى.
-مۇشۇ يەردىنلا چىقىمىز،-دېدى ئۇ باغنىڭ يېنىدىلا قاتمۇ-قات قۇرام تاشلار ھازىرلا دۇمىلاپ چۈشىدىغاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،-بىز بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چاغلاردا كۈنىگە بىر قېتىم دېگۈدەك مۇشۇ تاغقا چىقىپ ئەشۇ تاغ چوققىسىدا يىراقلارغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىدىغان.
ئۇ باغدىن ئۇدۇللا تاغ تەرەپكە مېڭىشقا باشلىدى،كۆز ئالدىمدا قورام تاشلىق تاغ،قىياغا يامىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ بىلىگە ھەر خىل بىخەتەرلىك ئەسۋاپلىرىنى ئېسىۋىلىپ مۇشۇنداق قىيا تاشلىق تاغلارغا يامىشىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى پەيدا بولدى،دېمەك بىزمۇ ھازىر ئەنە شۇنداق قەھرىمانلىق قىلماقچى،ئاللا،بىزنى ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن دېدىم ئىچىمدە ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتىم،باغدىن چىقىپلا تاغقا يامىشىشقا باشلىدۇق،دەسلەپتە ئانچە قىيىن بىلىنمىدى،ماتىرىيال سومكامنى بىرەيلەن كۈتۈرىۋالغاچقا مەندە ئېغىر يۈك يوق ئىدى،قاپ بەلگە چىققاندا يولنىڭ تەسلىشىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم،چۈنكى قورام تاشلار ئەمدى يوغىناپ بورۇنقىدەك ئەركىن مېڭىشتىن قۇرام تاشلارغا يامىشىپ مېڭىشقا باشلىغانىدۇق،ئالدىمدىكى ئۈچۈيلەن مەندىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى،ئۇلارغا قاراپ بولغاندىن كىيىن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ پەسكە قارىدىن،ۋاي توۋا،مەن بايا چىققان يەر غىچچىدە قۇرام تاشلار بىلەن تولغانىكەن، ئەگەردە مۇشۇ يەردىن بىخەستىلىك قىلىپ تىيىلىپلا كەتسەم ئەشۇ قورام تاشلارغا سوقۇلۇپ نەچچە پارە بولۇپ كەتمەمدىمەن دېگەنلەرنى ئويلۇدۇم،پۇتۇمدا خىرۇم ئاياق،ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرى يوق ھالەتتە ماڭغىنىم نىمىسى ئەمدى،پىشانەمدىن بۇژژىدە تەر چىقتى،ئىسىت، نىمىشقىمۇ ساياھەت ئايىقى ئېلىۋالمىغاندىمەن،ئەشۇ ئايىقىمنى ئېلىۋالغان بولسام بۇ يەردە بۇنچە تېڭىرقاپ تۇرمىغان بولاتتىمغۇ ھە...
-نىمە بولدىڭىز،-دېدى مۇئەللىم تۇغقىنىم ۋاقىراپ،-توختاپ قالدىڭىزغۇ؟
-ئايىقىمنىڭ تاپىنى بەكلا سېلىقكەن،تىيىلىپ بولمايۋاتىدۇ،چۈشۈپ كىتەيمىكىن.
-مۇنداق چىدىماسلىق قىلماڭ،ئۇ يەردىن چۈشىمەن دېسىڭىز تېخىمۇ تەس بولۇپ قالىدۇ، تاغقا چىقماقتىن چۈشمەك تەس دېگەن گەپنى ئاڭلىغانسىز،سەل غەيرەت قىلسىڭىزلا چىقىپ كىتىسىز، قايتىشتا تاغنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى جىلغا بىلەن چۈشۈپ كىتىمىز.
ئۇ مەندىن ئون مېتىر ئىگىزلىكتە بىر پارچە قۇرام تاشقا مىنگىشىپ ئولتۇراتتى،قالغانلارمۇ ئۇنىڭ يېنىغا يىتىپ باراي دېگەنىدى،توغرا،تاغقا چىقىشنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان،ئەمدى ئارقامغا يانسام نامەرتلىك قىلغان بولىمەن،ئېھتىيات قىلىپ ماڭمايمەنمۇ،ئەجىبا ئۇلار بىخارامان چىقىۋاتقان تاغقا مەن چىقالمامدىمەن......
ئۆز ئۆزۈمگە شۇنداق بىر نىدا قىلىۋىدىم بىردىنلا غەيرەتلىنىپ قالدىم،بىسمىللاھىرراخمانىررەھىم،ئاللا ماڭا كۈچ قۇۋەت ئاتا قىلغايسەن دەپ ئىچىمدە دۇرۇت ئوقۇغاچ قۇرام تاشلارنى چىڭ قاماللاپ يوقۇرى ئۆرلەشكە باشلىدىم،نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن ئۇقمايلا قالدىم،ماڭغانچە ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان بىر خىل ئىستىخىيلىك كۈچ مېنى يوقۇرىغا تارتماقتا ئىدى،ئالاھىزەل ئون بەش مىنۇت ئەتراپىدا قالغان يولنى بېسىپ بولۇپ بىز يامىشىۋاتقان تاغقا يىتىپ چىقتىم،ئۇلار مەندىن بۇرۇن چىقىپ بولغاچقا تاغ تۈپىسىدىكى تاشلار ئۈستىدە بىخارامان پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى،مەن مىچچىدە تەرلىگەن ھالدا ئۇلارغا ياندىشىپ ئولتۇردۇم-دە پەسكە باغداش دالاسىغا كۆز تىكتىم . ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدىكى جىلغىغا جايلاشقان باغداش مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىر پارچە رەڭلىك سۈرەتتەك يېيىلىپ ياتاتتى، يوقۇرىدىن تۆۋەنگە سوزۇلغان مەھەللىلەر باغلارنىڭ قۇرشاۋىدا يوقاپ كەتكەندەك تۇراتتى،تىرىشچان،ئەمگەكچان،قەيسەر باغداشلىقلار مۇشۇ تاشلىق زىمىننى كۆكەرتىپ مىھرى جەننەتتەك بىر تىلسىم بىنا قىلغانلىقىغا ئاپىرىن دىدىم ئىچىمدە.
-بۇ يەردىمۇ پۈتۈن باغداشنى سۈرەتكە ئالغىلى بولمايدىكەنغۇ،-دېدىم مەن فۇتۇ ئاپپاراتنىڭ كۈزنىكىدىن ئەتراپقا قاراپ،-دۈشۈينى كۆرەلمىدىم ،يەنە يوقۇرىدىكى بوستانمۇ كۆرۈنمەيۋاتىدۇ.
-ئاۋۇ تاغنىڭ ئۈستىگە چىقساق ھەممە يەرنى تۇلۇق كۆرگىلى بولارمىكىن،-دېدى مۇئەللىم بىز تۇرغان تاغنىڭ جەنۇبىدىكى تاغنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
مەن ئۇ كۆرسەتكەن تاغقا قارىدىم،بىز تۇرغان تاغ بىلەن ئۇ تاغنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغان بىلەن ئۇ بىز تۇرغان تاغدىن خېلىلا ئىگىز ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ قۇشنىڭ قانىتىدەك سوزۇلغان قىسمى ناھايىتىمۇ يوغان بىر قورام تاشنى مۇشۇ تاغقا چاپلاپ قويغاندەك ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر كۆرۈنۈش ھاسىل قىلغانىدى،ئۇ تاغقا يامىشىپ چىقىش ئۈچۈنمۇ يەنە خېلىلا كۈچەشكە توغرا كىلەتتى.
-بولدى قىلايلى،دېدىممەن ئۇلارغا قاراپ،- مۇشۇ يەرگىمۇ يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت سەرىپ قىپتۇق،ئەمدى ئۇ تاغقا يامىشىپ چىقىمىز دېسەك ۋاقىتنى ئۇتتۇرۇپ قويىمىز،بىز تاغدىن چۈشۈپ بولغىچە ئۇلارنىڭ يىغىنىمۇ تۈگەيدۇ،بارىدىغان يەرلىرىمىز،كۆرىشىدىغان ئادەملىرىمىز خېلى بار،بىز تېخى بوستانغا بارماقچى،ئوردا ئۈستىدىكى چىن مودەننىڭ توقسەن ياشقا كىرگەن ھېلىقى تۇغقىنىنى يوقلىماقچى ئەمەسمىدۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن مېنىڭ قومۇلغا قايتىدىغانلىقىمنى ئونتۇپ قالمىغانسىز؟
بۇ گېپىم ئۈنۈم بەردى،بىز بىرلىكتە تاغ ئۈستىدە رەسىمگە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىر نەچچە پارچە مەنزىرە سۈرەت تارتىۋالدىمدە،بىز چىققان تاغنىڭ كەينى تەرىپىدىكى جىلغا بىلەن تاغدىن چۈشتۇق،كىم بىلسۇن،پەسكە تۇتۇشۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ بىرىدىغان بۇ جىلغا بىردەمدىلا ئاخىرلاشتى، پەسكە قارىسام ئەمدىلا تاغنىڭ يېرىمغا كەپتۇق،ئەمدى ئالدىمىزدا يەنىلا قۇرام تاشلىق تاغ چوخچىيىپ تۇراتتى،پىشانەمدىن يەنە بۇژژىدە تەر چىقتى،ھەمراھلىرىم تاشتىن تاشقا سەكرەپ پەسكە چۈشكىلى تۇردى،مەنمۇ ئۇلارنى دوراپ تاشتىن تاشقا سەكرەپ چۈشۈشكە باشلىدىم ،ئۇ ئاخىرى تاپىنىم باغنىڭ ئىچىگە تەگدى،يۇمران چۈپ خۇددى مامۇق گىلەمدەك تاپىنىمدا ئەركىلەيتتى،مەن ئۆزۈمنى ئەشۇ يومشاق چۈپلۈك ئۈستىگە تاشلاپ ئۇھ دېدىم...... |
|