قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: xortikin

سۆيۈملۈك ماكان باغداشقا سەپەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1665
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 235
تۆھپە : 137
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 18:10:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرىلەر مېنىڭ تەسىرات يازمام ئۈستىدىلا ئەمەس بەلكى ئۆز ئارا تىل ئۇرۇشى قوزغاپ قويۇۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدىم،مەن ئەسەرلىرىم ئۈستىدە قىزغىن ئەمما نورمال مۇنازىرە بولۇشىغا قارشىمۇ ئەمەس،بىر چاغلاردا شائىر ھاجى مىرزاھىت كىرىمى مېنى تەنقىدلەپ قويۇڭلار دەپ بەزى ئوبزورچىلارنى ئۆزىگە قاراتقان ئىدى،شۇ ۋەجىدىن بىر نەچچە ئوبزورمۇ يېزىلغان، ئىلمى باھا ئادەمنى سۈيۈندۈرىدۇ،لېكىن ئۇ ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىپ كەتسە تەھقىقكى بۇنداق مۇنازىرىدىن ياخشى ھاسىلات چىقمايدۇ،مەن بۇ يازمىنى پەقەت رەڭ پەدازسىز ھالەتتە كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىمنى مۇنبەرداشلارغا بىر تال پىشمىغان مىۋە سۈپىتىدە سۇناي دېگەن نىيەتتە يېزىپ قالغانىدىم،بىراقزە....
      مېنىڭ ئەسەر يېزىش ئۇسلۇبۇم يىراقتىن ئەگىتىپ نىگىزىنى كولمىناتسىيىدە بىرىش،يىشىمىنى ئوقۇرمەنلەرگە قالدۇرۇش،يەنە بىر خىل يېزىشىم تۇنجى يازمىنى تىز يېزىپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنى بىرەر ھەپتە تاشلىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا-ئاستا پىششىقلاش،ئادەتتە پىشىشقلاش ۋاقتىم يېزىش ۋاقتىمدىن كۆپرەك بولىدۇ،شۇڭا بۇ ئەسىرىمدىكى بەزى مۇجىمەل جۈملىلەر بىلەن ئىملا خاتالىقلىرى ئەشۇ پىششىقلاش باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرمىگەچكە مۇنبەرداشلارنىڭ يا ئۇنداق،يا مۇنداق ئىنكاس يېزىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدى،لېكىن مېنىڭ بۇ يازمىنى   ئاخىرلاشتۇرمايلا چىكىنىشىم ھەرگىزمۇ تەنقىدكە بەرداشلىق بىرەلمەسلىك ياكى چىدىماسلىق قىلىۋاتقانلىقتىن ئەمەس،مەن ئادەتتە ناھايىتى كەمتەر ئادەممەن،ئاسان خاپىلايدىغانلاردىنمۇ ئەمەس،مېنىڭ رەھمەتلىك دادام ماڭا باھا بىرىپ مۇنداق دەيدىغان،بۇ ئوغلۇم كەمتەرلىكتە شۇ دەرىجىدىكى ئۇنى ئالغىلى كەلگەن قېيىق قىرغاققا كەلمەيلا تىز بولۇڭ قېيىققا چىقىڭ دېسەئۇ ئىككىلەنمەيلا  سۇ كىچىپ قىيىقنىڭ يېنىغا بېرىشتىن يانمايدۇ.

1

تېما

0

دوست

1980

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1758
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 295
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 18:25:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،ئوردا ئۈستىدىكى چىن مودەننىڭ توقسەن ياشقا كىرگەن ھېلىقى تۇغقىنىنى يوقلىماقچى ئەمەسمىدۇق

گالىئاخۇن بوۋامنى يوقلىماقچى بوپتىكەنسىزدە؟

يازمىڭىزنىڭ داۋامىغا تەشنامەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 20:51:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  مۇنازىرە  دىگەن   ،   ئەسەرنىڭ  داۋامىنى  يېزىڭ   ،  بىز   ئوقۇيمىز   ،    ئۆمرىدە  بىرەر  روماننىمۇ  تۈزۈك  ئوقۇمىغان   بەزى  بىرلەرنىڭ  ئىنكاسلىرىغا  ئاچىلىك  قىلىش  كەتمەيدۇ  .  ئۇلارچە  بولغاندا  سىز  دەبدەبىلىك  سۆزلەر  بىلەن  ئەسەر  يېزىشىڭىز  كېرەككەن  .  ئۆزلىرى  يېزىۋالسۇن  شۇنداق  ئەسەرلەرنى  .

4

تېما

0

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1665
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 235
تۆھپە : 137
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 21:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن تەۋسىيىسى،بولۇپمۇ باغداش قىزىنىڭ گالىئاخۇن بوۋامنى يۇقلىماقچى  ئىكەنسىزدە دېگەن سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى،مەن ئەسلى بۇ يازمىنىڭ داۋامىنى يازماسلىقنى قارار قىلىشىم چىدىماسلىقتىن ئەمەس بەلكى مۇنبەرداشلارنىڭ ئۆز ئارا زوكۇنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ ۋاقتىنىڭ بەك قىسلىقى سەۋەپ بولغانىدى،بوپتۇ،بەزى تەپسىلاتلارنى قىسقارتىپ ئاساسلىق جايلارنى يېزىش بىلەنلا بۇ يازمىنى ئاخىرلاشتۇرىۋېتەي.
      مەن ھەمراھلىرىم بىلەن بىرلىكتە چىن مودەن ئائىلىسىنىڭ   كىيىنكى ئەۋلاتلىرىدىن  بولغان گالى مىراقۇلنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق،بۇ ئۆيدە بىر مويسىپىت كىشى كىيىملىرى بىلەنلا  يېرىم مېتىردىن ئىگىزرەك قوپۇرۇلغان كاڭنىڭ ئۈستىدە ئاستىغا قېلىنراق كۆرپىدىن بىرنى سېلىپ ھېچنەرسە يېپىنمىغان ھالدا بېشىغا سامان تەكىينى قويۇپ ئۇخلاۋاتقانىكەن،ئىشىكنىڭ غىچىلداپ ئېچىلىشى، بىر نەچچىمىزنىڭ ئەسسىلامۇئەلەيكۇم دەپ يوقۇرى ئاۋازدا سالام بىرىشلىرىمىزدىن چۈچۈپ ئۇيغانغان بۇ  مويسىپىت بوۋىمىز بىزگە سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كىيىن يوقۇرى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى،بۇ بۇۋىمىزنىڭ قۇلىقى سەل ئېغىرلاپ قالغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا خاتىرىسى جايىدا ئىكەن،بۇ يىل تۇقسەن سەككىز ياشقا كىرگەنلىكىنى دەپ بەرگەندىن باشقا ئۆزىنىڭ جەمەتىنى تونۇشتۇردى،ئۇ ئۆزىنىڭ دادىسىنىڭ ياقۇپ مىراقۇل ئىكەنلىكىنى،بوۋىسىنىڭ بەدەل باقى ئىكەنلىكىنىلا دەپ بىرەلىدى،دېمەك ئۇلارنى چىن مۇدەننىڭ دادىسى تاشپۇلات مىراقۇلغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە بىر ئىككى ئەۋلاتنى قوشقاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئائىلە نەسەپنامىسى يەنى جۇرۇڭقاي پەيدا بولىدۇ دېگەن گەپ،دېمەك بۇلار تاشپۇلات مىراقۇلدىن تارتىپ تاكى مۇشۇ گالى مىراقۇل بۇۋىمىزغىچە ۋاڭنىڭ ئاتلىرىنى بېقىپ ئۆتكەن جەمەت دېگەن گەپ،قۇمۇلدا جۇرۇڭقاي يېزىپ قالدۇرۇش ئاساسەن ئۇمۇملاشقان ئىش،چۈنكى بىز ئادەتتە جەمەت سۈرۈشتۈ رىمىز،ئاشۇنداق سۈرۈشتۈرۈش ئاخىرقى ھىساپتا ئۆز يىلتىزىنى بىلىشتەك يۈكسەك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن،مەن قۇمۇلدا تۇختى مۇھەممەت كۆچەتنىڭ ئۆيىدە ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ ئۇ سىزىپ چىققان ئائىلە نەسەپنامىسىنى كۆردۈم،بىر تۈپ دەرەخنى شاخلىتىپ سىزغان بۇ جۇرۇڭقايدىن ئۇنىڭ يەتتە ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن، بۇنداق جۇرۇڭقايدىن مەندىمۇ بىرسى بار،بۇنى رەھمەتلىك دادام مۇشۇ شەكىلدە سىزىپ چىققان،ئەمدى ئۇنىڭ كەينىنى شاخلىتىش مېنىڭ زىممەمدىكى ئىش بولۇپ قالدى،مېنىڭچە بۇنداق جۇرۇڭقاي ھەممىلا ئائىلىدە بولۇشى مۇمكىن،ئەگەردە مۇشۇ گالى ئاخۇن بۇۋىمىز ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇنداق بىر ئىش قىلىپ قويغان بولسا بىز قىينالمايلا تاشپۇلات مىراقۇلغىچە بولغان يەتتە ئەۋلاتنى بىلىۋالغان بولاتتۇق،مېنىڭچە مۇشۇنى تېپىشتا ئۇنىڭ نەۋرىسى- باغداش قىزى ھەرىكەت قىلسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.  
       بىز گالى ئاخۇن بۇۋىمىزنىڭ بالىلار تاماق قىلسۇن،تاماق يەپ مېڭىڭلار دېگەن تەكلىۋىگە چىرايلىق ئۆزرە ئېيتىپ ئۇنىڭغا ئۇزۇن ئۆمۈر سالامەتلىك تىلەپ قايتىپ چىقتۇق.كۈن تىكلەشكەنىدى،ئەتىگەن كىيىۋالغان چاپانلىرىمىز ئېغىر كىلىپ سېلىۋەتتۇقتە ئاخىرقى بىكىتىمىز بوستانغا ماڭدۇق،يولدا كىتىۋىتىپ ھەمراھلىرىمدىن بىرى سەمەت ئەمەت سىكرىتانىڭ مۇنۇ قوشىقىنى يادلاپ بەردى،
                          بوستاندا بىر بۇلاق،
                         چۈرىسىدە مىڭ بۇلاق.
                        سەمەت ئەمەت كەپ قالدى،
                       بوپ قويۇڭلار كۆز قۇلاق.  
     مەن بوسانغا كىرىپلا ئەشۇ بۇلاقنى ئىزدىدىم،بۇلاق بويىدا قېنىپ قىنىپ سۇ ئىچكەندىن كىيىن ئاخشامقى مۇيسىپىتلاردىن بىرى يادلاپ بەرگەن بىيىتنى تەكرارلىدىم.
                                 قارلىق تاغدا قار ياغسا،
                               بوستاندا ئالاڭ يامغۇر.
                               بىزنىڭ يارلار ئاش ئىتىپتۇ،
                              گۈشى يوق يالاڭ چامغۇر.
        بوستاندا بىز كۆرۈشىدىغان ئىككىلا كىشى بىرى ساقىغا،بىرى قۇمۇلغا كىتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بىز ئامالسىز قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق.شۇ كۈنى چۈشلۈك تاماقنى ساقىدا يەپ چۈشتىن كىيىن ئۇلار مېنى قومۇلغا يەتكۈزۈپ قويدى،كەچتە قۇمۇل مەشرەپلىرىنى ئاساس قىلغان تويغا قاتنىشىپ ئەتىسى مېنى باغداشقا يولغا سالغان بۇرادەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈم،ئۇلار مېنىڭ زىيارەتنى بۇنچە تىز ئاخىرلاشتۇرغىنىمغا تازا رازى بولۇشمىدى،مەن دەم ئېلىش ۋاقتىمنىڭ توشۇپ قېلىۋاتقانلىقى،خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ بېرىپ بىر ئاي ئەتراپىدا ئۆز ئىشلىرىمنى تۈگۈتۈپ يەتتىنچى ئايدا تۇغقان يوقلاش رۇخسىتى بىلەن قايتا كىلىدىغانلىقىمنى بىلگەندىن كىيىن مۇنداق دېيىشتى.
      -بۇ قېتىم ياخشى تەييارلىق قىلىپ كەلسىلە،ئەمدى ماشىنىدا ماڭىدىغان ئىش يوق،ئارا تامدىن باغداشقا بۇرۇنقى يول بىلەن يەنى غول ياقىلاپ پىيادە چىقىمىز،ئۇندىن باشقا بەش شەھەر ئون ئىككى تاغنى قويماي ئايلىنىپ چىقشنىمۇ يادىلىرىدا تۇتسىلا.شۇندىلا يازماقچى بولغان ئەسەرگە ماتىرىيال توپلىيالايلا.
    مەن بۇ تەكلىپنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم،بۇ يازمام ئاخىرلىشىش ئالدىدا كومپىيوتىرىمدا چىقىۋاتقان قۇمۇل مۇقاملىرى ئاخىرلىشىپ قالدى،مەن سودىيەئاي مەخمۇتنىڭ  ئورۇنلىشىدىكى ئەر بارمۇ دېگەن ناخشىنى قويۇپ قويدۇم،ئۇنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى مېنى چەكسىز خىياللار قۇچىقىغا تاشلىدى،بولۇپمۇ بۇ ناخشىنىڭ قايتارمىسىدىكى:
                       ئاللىمۇ ئاللا يار بارمۇ،
                      كۆرۈنگەن تاغدا قار بارمۇ.
                     كۆرۈنگەن تاغدا قار بولسا،
                    ئېرىتكىلى ئەر بارمۇ.
     دېگەن تىكىستىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇمدە مۇنبەرداشلارغا مۇنداق خىتاپ قىلغۇم كەپ قالدى.
     -قېنى شورتىكىن يەتتىنچى ئايدا بەش شەھەر ئون ئىككى تاغنى ئايلانماقچى،ئاراتام ئېغىزىدىن پىيادە مېڭىپ تاكى قارلىق تاغقىچە بارماقچى،مەن بىلەن بىللە مۇشۇ ئىكىستىپىدىتسىيىگە قاتنىشالايدىغان ئەر بارمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 856
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3270
توردىكى ۋاقتى: 2435
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 21:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  خالىسا  مەن  قۇمۇلغا  بېرىپ  قالسام  چوقۇم   سىز  بىلەن  بىللە  پىيادە  ئايلىنىشقا  تەييارمەن   ،  يەتتىنجى  ئايدا  قۇمۇلغا  بېرىشقا  نىسىپ  قىلسۇن  .

29

تېما

8

دوست

8209

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   64.18%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  111
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1945
تۆھپە : 1184
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 22:07:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، ئاخىرى يازمىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپسىز، مەن سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا بەخت، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇغ، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

34

تېما

0

دوست

4293

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  214
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1037
تۆھپە : 606
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 09:50:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىڭىز ئاخىرى ئاخىرلىشىپتۇ. سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىگەندىكىن ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسىرىڭىزدىكى ئىملا خاتالىقى مۇشۇ  ھەر خىل ئىنكاسلارغا سەۋەپ بولدى . ئاللا بۇيرىسا ،ئىيوندا قومۇلغا كېلىپ ،ئارىتامدىن باغداش قارلىق تاغلىرىغىچە بولغان سەپىرىڭىزگە ئاللا سىزگە «ئارسلان»كەبى كۈچ -قۇۋۋەت ئاتا قىلسۇن! قەلىمىڭىز ھارمىسۇن!  ئاللاھ نېسىپ قىلسا پېقىرنىڭمۇ سىزگە ھەمرا بولغۇسى بار .چۈنكى باغداش پېقىرنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ماكان ،ئۇ يەرنىڭ ئۆي -دۆڭىنى ئوبدان بىلىمەن . ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن ،ئەزىز تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!دىدارلاشقىلى نېسىپ قىلسۇن.
كۆپ تىللىق بولۇش شەرەپ،ئانا تىلىنى بىلمەسلىك جىنايەت!

1

تېما

0

دوست

1980

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1758
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 295
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 110
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-16 12:13:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
،قۇمۇلدا جۇرۇڭقاي يېزىپ قالدۇرۇش ئاساسەن ئۇمۇملاشقان ئىش،چۈنكى بىز ئادەتتە جەمەت سۈرۈشتۈ رىمىز،ئاشۇنداق سۈرۈشتۈرۈش ئاخىرقى ھىساپتا ئۆز يىلتىزىنى بىلىشتەك يۈكسەك ئەنئەنىنى شەكىللەندۈرگەن،مەن قۇمۇلدا تۇختى مۇھەممەت كۆچەتنىڭ ئۆيىدە ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ ئۇ سىزىپ چىققان ئائىلە نەسەپنامىسىنى كۆردۈم،بىر تۈپ دەرەخنى شاخلىتىپ سىزغان بۇ جۇرۇڭقايدىن ئۇنىڭ يەتتە ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى بىلگىلى بولىدىكەن، بۇنداق جۇرۇڭقايدىن مەندىمۇ بىرسى بار،بۇنى رەھمەتلىك دادام مۇشۇ شەكىلدە سىزىپ چىققان،ئەمدى ئۇنىڭ كەينىنى شاخلىتىش مېنىڭ زىممەمدىكى ئىش بولۇپ قالدى،مېنىڭچە بۇنداق جۇرۇڭقاي ھەممىلا ئائىلىدە بولۇشى مۇمكىن،ئەگەردە مۇشۇ گالى ئاخۇن بۇۋىمىز ئائىلىسىدىكىلەر مۇشۇنداق بىر ئىش قىلىپ قويغان بولسا بىز قىينالمايلا تاشپۇلات مىراقۇلغىچە بولغان يەتتە ئەۋلاتنى بىلىۋالغان بولاتتۇق،مېنىڭچە مۇشۇنى تېپىشتا ئۇنىڭ نەۋرىسى- باغداش قىزى ھەرىكەت قىلسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى.



ئىلگىرى داداممۇ مۇشۇنداق نەسەپنامىدىن بىرنى يازغانىدى، يېزىپ خېلى بىريەرلەرگىچە يېزىپ بولغان، كىيىن يازغۇچىلىرىمىزدىن بىرسى بۇ نەسەپنامىنى چوڭ دادام ئارقىلىق دادامدىن ئېلىپ  ئۆزىنىڭ كىتابىنىڭ ئارقىغا چىقاردى، (كىم تۈزگەن نەسەپنامە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپمۇ قويمىدى.) كىيىن ئۇنى دادامغا قايتۇرۇپ بەردىمۇ يوق بىلمىدىم ، داداممۇ كىيىن داۋامىنى داۋاملاشتۇرۇپ يازمىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )