- تىزىملاتقان
- 2011-5-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 240
- نادىر
- 1
- يازما
- 35
ئۆسۈش
80%
|
بىز بەكرى ھاجىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا يىتىپ كەلگىنىمىزدە جامائەت ناماز شامدىن قايتىپ كىلىۋاتقانىكەن،بىز ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بۇ ناماز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈپ ئەھۋال سورىشىپ بولغاندىن كىيىن بەكرى ھاجى بىزنى ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى،جامائەت بىزنى ئاۋال كىرىشكە زورلايتتى،بىز مۇھتىرەملىرىمىزنى زورلايتتۇق،ئاخىرى بىزنىڭ چىڭ تۇرۇشىمىز بىلەن مۆھتىرەملىرىمىز ئۆيگە كىرىشكە باشلىدى،لېكىن ئۇلارنىڭ چىرايلىرىدا مىھماندىن بۇرۇن بوسۇغا ئاتلىغانلىقى ئۈچۈن بولىۋاتقان خىجىللىق تەپچىپ تۇراتتى، بىز ئاددى ئەمما ئىنتايىن ياخشى سەرەمجانلانغان بۇ دالان ئۆيگە قەدەم بېسىپ سۈلھى-سالا بىلەن بىر بىرىمىزنى تۆرىگە تەكلىپ قىلىىشىپ قايلاشقاندىن كىيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتۇق، دۇئادىن كىيىن يەنە بىر قېتىم ئامان-ئىسەنلىك سوراشقاندىن كىيىن مېنىڭ كىلىش مەخسىدىم جامائەتكە ئۇقتۇرۇلدى،مۇشۇ زىمىندا يەتمىش سەكسەن يىل تىرىكچىلىك قىلىپ ياشاپ كىلىۋاتقان مويسىپىتلىرىمىز بىرسى ئۇ ياقتىن بىرسى بۇياقتىن سۆز قىلىپ باغداشنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى تۇغرىسىدا بەس بەستە سۆزلىشىپ كەتتى،مېنىڭ بۇ قېتىمقى نىشانىم بۇ زىمىننىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى،ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادىتى،يوقۇلۇشقا يۈزلىنىۋاتقان مەدەنىيەت مىراسلار توغرىسىدا كۆپرەك بىر نەرسە بىلىشىم كىرەك ئىدى،يەنە بىرى بۇ يەردىكى يەرلىك شىۋىلەرنى ئۆگۈنۈشمۇ مېنىڭ ئەسەرلىرىمگە جان كىرگۈزىدىغان ئوبىكىت ئىدى ئەلۋەتتە.
مېنى بەكرەك قىزىقتۇرغىنى ئۇلارنىڭ توي-تۆكۈن ئادەتلىرى بولدى،مەسىلەن دۈشۈيدە بىرەرسى توي قىلىدىكەن دېگەننى ئاڭلىسا {تويغا باغداشتىكى ھەممىلا كىشى چاقىرىلىدۇ ئەلۋەتتە} ھەممىلا كىشى ئىشىكلىرىنى تاقاپ تاپالىغانلىرى بىرەر قوي ،قول ئىلكىدە يوقراقلىرى بىر نەچچە نان بولسىمۇ كۆتۈرۈپ توي قىلىدىغان ئائىلىگە يىغىلىدىكەن،ئەلۋەتتە توي قىلىدىغان ئادەمنىڭ قۇشنىلىرى ياتارغا جاي تەييارلاپ قويىدىكەن،شۇ كۈنى تۇي باشلاش مەشرىپىدىن تارتىپ تاكى چىللاشقىسى تۈگىگىچە ئۆيىگە قايتماي توي ئويناپ توينى راسا قىزىتىپ ئاندىن قايتىشىدىكەن،چاچ چۈشۈرگىسىمۇ قومۇل رايونىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل شەكىلدە بەكلا قىزىپ كىتىدىكەن،يىگىتنىڭ چېچىنى چۈشۈرگەن شەكىل چىقىرىپ قىزىقچىلىق قىلىشلىرى،قويۇلغان خىنىلەرنى ئاشۇرۇپ جاكالاپ توي ئەۋجىنى يوقۇرى كۈتۈرۈشلىرى ھەر قانداق كىشىنى قايىل قىلماي قالمايدىكەن،....
سۆھبىتىمىز يىرىم كىچىگىچە داۋاملاشتى،جامائەتكە رەھمەت ئېيتىپ بىزمۇ قوزغالماقچى بولىۋىدۇق بەكرى ھاجى بىزنى تۇتۇپ قالدى،بىز رەھمەت ھەشقاللا بىلەن مۇشۇ ئۆيدە قونۇپ قالدۇق.مەيدان رەھبەرلىرى تەييارلىغان ياتاقتا يېتىش بىزگە نىسىپ بولمىغان بىلەن بەكرى ھاجىنىڭ بىزگە راسلىغان ئورنى يولتۇزلۇق مىھمانخانلاردىنمۇ ئىسىل بولۇپ كەتتى.مەن باغداش غولدىكى سۇنىڭ شاقىراشلىرىنى ئاڭلاپ يېتىپ كۆزۈم ئۇيقۇغا ئېلىنىشىپتۇ،چۈشۈمدە مەردان بىلەن چىن مودەننى چۈشەپتىمەن،ئۇلار ۋاڭنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشىۋاتقىدەك، تۇيۇقسىز مەنمۇ ئەشۇ مەيدانغا كىرىپ قاپتىمەن،قولۇمدا قېلىچ،ئۈستۈمدە دۇبۇلغا،ساۋۇت لېكىن ئۈزۈم پىيادە،بىرەر ئات بولسا ھە،ئات چاپتۇرۇپ ئەشۇ مەيدانغا باستۇرۇپ كىرسەم،مەردان بىلەن چىن مودەننى قۇتۇلدۇرۇپ باغداشقا ئېلىپ چىقسام،ئۇلار توي قىلسا،مەنمۇ بىر نەچچە كۈن باغداشنىڭ تويىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرسەم........تۇيۇقسىز تاشقا پۇتلاشتىممۇ ياكى بىر زەربىدىن يىقىلدىممۇ ئەتىمالىم قۇلۇم تاش ئارىسىغا كىرىپ قاپتۇ،ئۇنى تارتىپ چىقىرالماي تۇرغىنىمدا ۋاڭنىڭ ئەسكەرلىرى باستۇرۇپ كىلىشكە باشلىدى،تېخىمۇ جىددىيلەشتىم،......بىرسىنىڭ قاتتىق تۈرتىشىدە ئۇيغۇنۇپ كەتتىم،مۇئەللىم تۇغقىنىم بېشىمدا قاراپ تۇرۇپتۇ،تۈڭلۈكتىن يورۇق چۈشكەنىدى،دېمەك تاڭ ئاتتى دېگەن گەپ.
-قارا باستىمۇ سىزنى،-دېدى ئۇ ماڭا قاراپ.
-شۇنداق،چۈش كۆرۈپتىمەن،مەردان بىلەن شەرۋانومنى كۆرۈپتىمەن.
-توخۇ داڭگال،ئۆچكە جاڭگال چۈشەپتۇ دېگەندەك سىزمۇ ئاخشام ئۇلارنىڭ ھىكايىسى ئاڭلاۋىرىپ شۇنى چۈشەپسىزدە،تاڭ يورۇپ كىتىپتۇ،بىزمۇ سېسىق ئۇسۇرۇپ ياتىۋېرىپتۇق،جۈرۈڭ باغداشنىڭ سەھىرىنى تاماشا قىلىپ كىلەيلى.
بىز ئۆي ئىگىسىنىڭ ناشتىلىق تەييار بولۇپ قالدى دىگەن سۆزىگە تاھارەت سىندۇرۇپ كىلىمىز دەپ چىقىپ باغداش غولغا چۈشۈپ كەتتۇق،تاغلارنىڭ كەينىدىن خۇددى ئۇياتچان قىزلاردەك قىزىرىپ چىققان قوياش پۈتۈن ئالەمنى نۇر زىياسىغا ئورىغانىدى،غول ئۆستەڭ سەھەردە تېخىمۇ بەكرەك شاقىراشقا باشلىغانىدى،بەستە بەستە سايرىشىۋاتقان قۇشلارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى باغداشنى ئاجايىپ سىھىرلىك بىر دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى،تاغ ئارىسى بولغاندىكىن دەپ ئېلىۋالغان چاپىنىم بۇ يەردە ئۆز رولىنى يوقاتقاندەك تۇراتتى،چۈنكى بۇ يەرنىڭ تىمپىراتورىسىمۇ تۈزلەڭلىكتىكى مەھەللىلەردىن قېلىشمايدىغاندەك تۇراتتى،بىز شاقىراپ ئېقىۋاتقان مۇزدەك تاغ سۈيىدە يۈزىمىزنى يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن مەن سەھەردە ئاچقېرىن ئىچىۋالىدىغان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئورنىغا مۇزدەك تاغ سۈيىدىن قانغىچە ئىچتىم،ۋاي ۋاي،بۇ سۇنىڭ شىرىنلىكى،بوتۇلكىلارغا قاچىلانغان مىنرال سۇلاردىمۇ بۇنچىلىك تەم بولماس،مانا مۇشۇ سۇ قومۇلنىڭ بىر قىسمىنى تۇيۇندۇرىدۇ،بارلىق تىرىكچىلىكىمىز مۇشۇ سۇغا قاراشلىق،ئەگەر ئەشۇ قارلىق تېغىمىز بولمىغاندا بىزگە مۇنداق سۈزۈك مۇنداق شىرىن سۇ نەدە تۇرۇپ،بىز ئاللانىڭ مۆجىزىسى بولغان بۇ مەڭگۈ قېرىماس تاغلىرىمىزغا بەرىكەت تىلەيلى،سۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايلى،چۈنكى ئانا يۇرتىمىز مانا مۇشۇنداق سۇغا تەشنا،ھېلىمۇ كارىزلىرىمىز قۇرىدى،بۇلاقلىرىمىزمۇ قۇرىدى،غەربىي ئۆستەڭ بىلەن شەرقىي ئۆستەڭ بويلىرىدا سانسىز بۇلاقلار بار ئىدى،ھازىر ئۇلارنىڭ ئىزناسىمۇ قالمىدى،چاقسا مەھەللىنى بويلاپ ئاقىدىغان ھېلىقى ئۆستەڭدە بىز كىچىك چاغلاردا دوختۇرخاننىڭ ئارقىدا سۇغا چۈشىۋالساق مەۋۇل سوپاخۇننىڭ تۈگمىنى يېنىغىچە ئېقىپ بارىدىغان،قېنى شۇ ئۆستەڭ،ھازىر ئەشۇ ئۆستەڭگە سېلىنغان كۆۋرۈككە يىتىپ چىقىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچەشكە توغرا كىلەتتى،ئىگىز كۆۋرۈك دەييتتۇق ئۇ كۆۋرۈكنى.........، |
|