قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1457|ئىنكاس: 13

دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى « قېرىلار ساناتورىيىسى »

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26369
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 16:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 18:47  


                           

                         دۇنيا پۇتبولچىلىرى « قېرىلار ساناتورىيىسى »
         
        
         10نەچچە يىللىق پۇتبولغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياق ۋە مەستانە بولۇش جەريانىدا بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى بىرئىشنى ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغانلىرىمغا بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن.بۇنىڭغا مەن « قېرىلار ساناتورىيىسى » دەپ ئىسىم قويدۇم.ئاۋۋال بۇ مەزمۇننى باشلاشتىن بۇرۇن يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دۆلىتىمىز بىرلەشمىسنىڭ « سەركىسى » دەپ ئاتىلىۋاتقان گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى توغۇرىسدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىپ ئۆتىمەن .كىشىلەرگە مەلۇم ،گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى ھازىر ئۇدا ئۈچ يىل بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولدى .2013-يىلى بولسا ئاسىيا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسنىڭ چىمپىيۇنى بولۇپ ،دۇنيا دۆلەت كۇلۇبلىرى رەت-تەرتىپىدە ئالدىنقى 40 نىڭ ئىچىگە كىردى .بۇ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ! ئاسىيادىكى رەت -تەرتىپتە بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىۋاتىدۇ .ئۇنداقتا خېڭدا راستىنلا شۇنداق تېز كۈچلەندىمۇ ؟ توغرا ،گۇاڭجۇ خېڭدا ھازىر ھەقىقەتەن كۈچلۈك ! خېڭدانىڭ بۇنداق بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپنى چەتئەللىك پۇتبولچىلارنىڭ رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .ئېركىسون ،كونكا ،مۇرىچ قاتارلىق چەتئەللىك ئۈچ شەمشەرنىڭ قالتىس ئىپادىسى بۇ كوماندىنى مانا ھازىرقىدەك ياخشى نەتىجىگە ئېلىپ كەلدى .ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان داڭلىق پۇتبولچىلار كەلدى .بۇلار دۆلىتىمىز بىرلەشمىسىنى تاللىدى .ئېنگىلاندنىڭ زەردارى چېلسى كوماندىسدا كۆپلىگەن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن داڭلىق ھۇجۇمچى دېرۇگبا ۋە ئانىلكا،ئىسپانىيەنىڭ سېۋېلىيە كوماندىسىدىكى كانوت ( 2007-يىلى ئافرىقا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان ) ئۇنىڭدىن باشقا بارسېلونا كوماندىسىدىكى كەيتا،دورتىموند مەرگىنى بالىئۇس،ئېنگىلاند بىلەكپول كوماندىسىنىڭ مەرگىنى ياكۇبۇ ،ئىتالىيەنى چىمپىيۇن قىلغان دۇنياۋى سەۋىيىلىك مەشقاۋۇل لىپى قاتارلىقلار بەس-بەس بىلەن جۇڭگۇغا قاراپ ئاتلاندى .2013-يىلى بىرازىلىيەلىك داڭلىق ھۇجۇمچى ئېركىسون يۇقىرى باھا بىلەن خېڭداغا قوشۇلدى .توغرا،ئەينى چاغدا دۇنيانى لەرزىگە سالغان بۇ چولپانلار جۇڭگۇغا كەلدى .يېقىنقى ئىككى يىل دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى خەلقئارا پۇتبول ساھەسى ئىچىدىكى ئەڭ چاقنىغان «قېرىلار ساناتورىيىسى» بولۇپ قالدى .ئەمدى يۇقۇردىكى مۇشۇ داڭلىقلارنىڭ نېمە سەۋەپتىن مۇشۇ « قېرىلار ساناتورىيىسى» نى تاللىغانلىقىنى ،شۇنداقلا نامى چىققان دۇنياۋى چولپانلار ئۈچۈن، يۇقىرى سوممىدىكى مەبلەغ چىقىرىۋاتقان بىرلەشمە ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن .

           خەلقئارالىق پۇتبولچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئادەتتە ياۋروپا بىرلەشمىلىرىدە توپ ئويناپ نامى چىقىدۇ .نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئېرىشىدۇ .ئاخىردا ياۋروپا سەھنىسىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا بۇ پۇتبولچىلار قايسى جاينى تاللايدۇ ؟ بىز ئاۋۋال ياۋرۇپادىن ئايرىلغان داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ باشقا بىرلەشمىگە بېرىش ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى . ھىندىستان بىرلەشمىسىنىڭ باشلىنىپ -ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئادەتتە ئىككى ئايغىمۇ يەتمەيدۇ .گەرچە بۇ يەردىمۇ داڭلىق توپچىلار كىلىپ توپ ئويناۋاتقان بولسىمۇ،بىراق بۇلار « يېرىم ئەمگەك » قىلىدىغانلارغا تەۋە، ھىندىستان بىرلەشمىسىنى جۇڭگو ۋە ئامېرىكا بىرلەشمىلىرىگە سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ،شۇڭۇلاشقا ھىندىستان دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى ھازىرچە مەن سۆزلىمەكچى بولغان بىرلەشمىلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى. ئۇنداق بولسا ھازىرقى « قېرىلار ساناتورىيىسى» قايسى بىرلەشمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ؟ - جۇڭگو بىرلەشمىسى ،ياپۇنىيە J بىرلەشمىسى ،ئامېرىكا كەسپى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى، قاتار بىرلەشمىسى ۋە رۇسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىلىرىدىن ئىبارەت .بۇ كۇلۇبلار ئاساسلىق مۇشۇنداق داڭلىق پۇتبولچىلارنى پۇل بىلەن قىزىقتۇرۇپ يۆتكەپ كىلىپ ،بىرسى كۇلۇبنىڭ ئورنىنى ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇردۇ .يەنە بىرسى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.





                                            ياپۇنىيە J بىرلەشمىسى

         ياپۇنىيە بىرلەشمىسى ئىلگىرى ئىقتىسادىنىڭ يۇقۇرىلىقى ۋە قېرىلار ساناتورىيىسىنى كۆپلەپ قۇرۇش بىلەن نامى چىققان .ئالدىنقى ئەسىر 90-يىلنىڭ باشلىرىدا،ياپۇنيەنىڭ ئىقتىسادى ناھايىتى تېز تەرەققى قىلغان .شۇنىڭغا ئەگىشىپ كۆپلىگەن چەتئەللىك پۇتبولچىلار ئارقا-ئارقىدن ياپۇنىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەن .بۇنىڭ ئىچىدە ئېنگىلاندىكى چولپان لىنىكېر، كىرامپۇس كوماندىسدا توپ ئوينىغان.گېرمانىيەلىك لىتبارسىكى توكيو بىرلەشمە كوماندىسدا توپ ئوينىغان.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە،بىرازىلىيەلىك زىكو،دىكاپىرو،ئىتالىيەلىك سىكىلاچى،بۇلغارىيەلىك سىتوچىكىف قاتارلىق داڭلىق پۇتبولچىلار مۇشۇ بىرلەشمىدە توپ ئويناپ ،ياپۇنىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.ياپۇنىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە جۇش ئۇرۇپ تەرەققى قىلىشىدىكى يەنە بىر ئامىل،ياپۇنيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى ياش ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەشنى كۈچەيتكەن .چىقارغان مەبلىغىمۇ كۆپ بولغان .چەتئەللىك پۇتبولچىلارنىڭ يۇقىرى سەۋىيىدىكى توپ ئويناش تېخنىكىسنى ئۆزلەشتۈرگەن.ياپۇنىيە بىرلەشمىسى ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كىلىۋاتىدۇ.ياپۇنىيە بىرلەشمىسى ھازىر پۇتبولچى يۆتكەپ كىلىشتە پىشىپ بولغان دەپ قارىلىدۇ.






                                  ئامېرىكا كەسپى بىرلەشمىسى

      
          ئەملىيەتتە ، ئامېرىكا كەسپى بىرلەشمىسى، تارىخى ئۇزۇن « ياشانغانلار ساناتورىيىسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بىرازىلىيىلىك پۇتبول شاھى پىلىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا قايسى بىرلەشمىدە توپ ئوينىغىنى بىلەمسىز ؟ پىلى دەل مۇشۇ بىرلەشمىدە توپ ئوينىغان.پىلىدىن باشقا يەنە بىر گىگانت چولپان كىرويىفمۇ ئامېرىكىغا كەلگەن.پۇتبول مۇسابىقىسى ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئانچە بەك قارشى ئېلىنمايدىغان تەنھەرىكەت تۈرى بولۇپ كەلگەن.زەيتۇن توپ ۋە ۋاسكىتبول بۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئەڭ ئامراق بولغان تەنھەرىكەت تۈرى ،بىراق ئامېرىكا كەسپى بىرلەشمىسىدە ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار كەم بولۇپ قالمىغان .بۇنىڭ سەۋەبى ،بىرسى پۇتبولچىلار ئىلگىرىكى كوماندىلاردا نامى چىقىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن شەرەپ قازانغان،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇزۇن مۇددەت توپ ئويناش ئارقىلىق جىسمانى قۇۋىتى خورايدۇ،بۇلارغا گۈزەل مۇھىت لازىم بۇلىدۇ،ئىكىنچىسى،ئامېركىدەك رەڭدارلىققا تولغان ئەركىن دۆلەتتە پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىنى ئەركىن -ئازادە ياشاش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ ،ئامېرىكىدا سىز نېمە قىلغىڭىز كەلسە شۇنى قىلالايسىز،پەقەت پۇلىڭىز بولسىلا،يۇقۇرقى ئىككى داڭلىق شەخىستىن باشقا يەنە ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا،گېرمانىيەلىك بومباردىمانچى گىرد موللېر ،ئەڭ دەسلەپكى مەڭگۇلۇق چولپان بىتىس،قارا قاپلان يۇسىبىئۇ قاتارلىقلارمۇ دەل مۇشۇ ئامېرىكا بىرلەشمىسىدە كۆڭۈللۈك ياشىغان.ئەلۋەتتە مۇشۇ داڭلىق چولپانلارنىڭ ھەمىسى ئەڭ يۇقىرى مائاش بىلەن تەكلىپ قىلىنغان.2010-يىلدىكى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدا، تىلىۋىزوردا تارقىتىش كىرىمىنى ئەڭ كۆپ قىلغان دۆلەت يەنىلا ئامېركا،چۈنكى ھازىر ئامېركىنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ.پۇتبولغا سالغان مەبلىغىمۇ كۆپ بولماقتا ،ھازىر ئامېرىكا كەسپى بىرلەشمىسى 16 كوماندىدىن 18 گە كۆپەيدى.ھازىرقى چولپانلاردىن ئەينى چاغدا ئارسىنال كوماندىسدا توپ ئوينىغان ھېنرى،مانچىستىر بىرلەشمىسىدىكى بېكخام،نېستا قاتارلىق بۇ ئۈچ چولپان ئامېرىكا بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ چاقنىغان پۇتبولچىلارغا تەۋە،( بېكخام ھازىر چېكىندى ) يەنە بىرسى مەيلى ئامېرىكا كەسپى بىرلەشمىسى بولسۇن،ياكى باشقا بىرلەشمە بولسۇن،مۇشۇنداق يېشى چوڭ پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئۆز كۇلۇبىنىڭ نامىنى چىقىرىش بىلەن بىرگە ھەر قايسى ئېلان جەھەتلەردە مەنپەتكە ئېرىشىشنى نىشان قىلىدۇ .




                                          قاتار بىرلەشمىسى

       يەر ئاستى بايلىقى مول بولغان قاتار بىرلەشمىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا،بۇ بىرلەشمىلەر ئاساسلىق قىلىپ ياۋروپا كۇلۇبلىرى لازىم قىلمىغان پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئۆز دۆلىتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ.قاتار بولسا بۇنىڭ تىپىك مىسالى،قاتارنىڭ چەتئەللىك پۇتبولچىلارنى يۆتكەش دولقۇنى 2003-يىلدىن باشلانغان.پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان چوڭ ياشتىكى دۇنياۋى توپچىلارنى ئاساسلىق نىشان قىلغان.بۇنىڭدىكى مەقسەتمۇ بىرلەشمىنىڭ سەۋىيىسىنى ۋە دۆلىتىنىڭ تەسىر دائىرسىنى يۇقىرى كۈتۈرۈش،ئىلگىرى گېرمانىيىنىڭ بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسدا توپ ئوينىغان داڭلىق ھۇجۇمچى ئېفىنبېرىگ،شۇ چاغدا قاتار بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىغان دۇنياۋى سەۋىيىلىك پۇتبولچىلارنىڭ بىرسى ،بۇ پۇتبولچىمۇ بايرىن مىيونخندا مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن قاتارغا ئالتۇن قازغىلى كەلگەن،ھەتتا بايرىن مىيۇنخىندىكى بىر نەچچە سەبداشلىرىنى ۋە تېرىنىرنى بۇ جەننەتكە  كىلىشكە دەۋەت قىلغان.قاتارنىڭ ياخشى مۇھىتى يەنە بىر سەۋەب بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئەينى چاغدا دۇنيانى زىلزىلگە سېلىۋەتكەن ئارگېنتىنالىق جەڭ ئىلاھى بادىستۇتا 34 ياشقا كىرگەندە تەكلىپكە بىنائەن قاتارىدىكى بىر كۇلۇپ ئىككى يىللىق توختام ئىمزالىدى.قاتارلىق بايلار ئىككىلەنمەي بادىستۇتانىڭ يىللىق مۇئاشىغا 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقاردى.قاتار كۇلۇپلىرنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى ئىش ھەققى بىلەن توپچى يۆتكەشتىن باشقا يەنە، ئەڭ قېرى پۇتبولچىلارنى ئۆز قوينىغا ئالدىغان خىسلىتى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر،ئېنگىلاندىڭ بولتۇن كوماندىسدا توپ ئويناپ قېرىپ دەرمانى قالمىغان،شۇنداقلا پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان ئوكوچانى يەنىلا مۇشۇ قاتار كۇلۇبلىرى باغىرىغا مەھكەم باستى.ئوكوچادەك بۇنداق پۇتبولچىلاردىن خېلى كۆپى قاتار بايلىرىنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتى .





                         رۇسىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى

         رۇسىيە بىرلەشمىسى بولسا باشقا بىرلەشمىدىكى ،يەنى ئامىركا،قاتار،ياپۇنىيە قاتارلىق بىرلەشمىدىكى «ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە» سېلىشتۇرغاندا مۇتلەق پەرىقلىنىدۇ،چۈنكى رۇسىيە بىرلەشمىسنىڭ تەلىپى خېلىلا يۇقۇرى،شۇڭۇلاشقا بۇ بىرلەشمە ئادەتتە سەۋىيىسى يۇقىرى ،شۇنداقلا ھازىرمۇ قالتىس ئوينايدىغان پۇتبولچىلارنى يۆتكەشنى ئاساس قىلىدۇ،بۇ بىرلەشمىدىكى كوماندىلار ياۋروپا ئۇرغانلىق ۋە ئىتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.رۇسىيە بىرلەشمىسىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى كوماندىنىڭ كۈچىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۈتۈرۈش،مالىيە كۈچى يۇقىرى بولغان ئەنجى ماخاچىكالا كۇلۇبى 21 مىليون ياۋرولۇق باھا بىلەن ئىتالىيەنىڭ ئىنتېر مىلان كوماندىسدا يۇقىرى پەللىگە يەتكەن داڭلىق ھۇجۇمچى ،قارا قاپلان ئېتونى يۆتكەپ كەلدى،ھەمدە ئېتونى 20 مىليون 500 مىڭ ياۋرولۇق يىللىق ئىش ھەققى بىلەن تەمىنلىدى،ئېتو ھازىر مۇشۇ ئىش ھەققى بىلەن دۇنيا پۇتبول ساھەسىدە بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۆتكەن . ( ھازىر چېلسى كوماندىسدا ) ،بارېسلوناندىكى مېسسى ۋە خانلىق مادرىد ھوجۇمچىسى كىرىستىيانو رونالدومۇ ئېتونىڭ كەينىدە ،ئەنجى كۇلۇبى ئېتونى ئەكىلىشتىن بۇرۇن خانلىق مادىرد كوماندىسدا توپ ئوينىغان بىرازىلىيەلىك داڭلىق پۇتبولچى كارلوسنى يۆتكەپ كەلگەن،بۇ قېرى پۇتبولچىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى بەش مىليون ياۋرو بولغان.ئۇنداقتا ئەنجى كۇلۇبى كارلوستىن قانداق پايدىلاندى،ئاساسلىق قىلىپ كارلوسنىڭ چوڭ مۇسابىقە تەجىربىسى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندى ،كارلوس بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھەم توپچى ھەم تېرىنىر بولدى، .ئۇنىڭدىن باشقا گۇلىت،قابىل تېرىنىرلادىن ھىدنىك قاتارلىقلارمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلدى .يېقىندا رۇسىيە 2018-يىلدىكى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، تېخىمۇ چوڭ ئىرادىگە كىلىپ رۇسىيە بىرلەشمىسىنى ياۋروپا تۆت چوڭ بىرلەشمىدىن كېيىنكى رىقابەتلىشىشى ئەڭ كۈچلۈك بىرلەشمە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تەييارلانغان .




                       دۆلىتىمىز «قېرىلار ساناتورىيىسى»

       يۇقۇردا ئېيتىپ ئۆتكەن پۇتبولچىلار ،يەنى دېرۇگبا،ئانىلكا،كەيتا،بالىئۇس،كانوت،ياكۇبۇ،لىپى،كونكا ،مۇرىچ ،ئېركىسون ،ئىلگىركى ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بادىستا،ئارقا-ئارقىدىن دۆلىتىمىزگە كەلگەندىن كېيىن دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى قىزىپ كەتتى،توپ مەستانىلىرىنىڭ سانىمۇ بىراقلا ئاشتى،شۇنداق دىيىشكە بۇلىدىكى ، دۇنيادىكى ئەڭ چاقنىغان « خەلقئارا پۇتبول قېرىلار ساناتورىيىسى» دەل دۆلىتىمىزدە قۇرۇلدى .كۆزنى ئىتىپ ئېچىشىغا كەيتا كەلدى،كانوت كەلدى،دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى يەنە بىر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى .ياۋرۇپادا چىقىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق ئىككى ئاخبارات ئورنى،« مىلان تەنتەربىيە گېزىتى» ۋە « كوماندا گېزىتى » پۇتبول سەھىپىسىدە مۇنداق دەپ خەۋەر بەردى « «cina» يەنىلا شۇ «cina» ....پۇتبولچى يۆتكەشتە نېمە دېگەن تېز ! » مۇشۇنىڭدىن دۆلىتىمىز بىرلەشمىسنىڭ پېشقەدەم پۇتبولچى يۆتكەش جەھەتتىكى ئەسەبىيلىكىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.كەيتا قانداق ئادەم ؟ كەيتا بولسا بارسېلونا كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ،شۇنداقلا بارېسلونانىڭ 6 قېتىم چىمپىيۇن بۇلۇشىغا زور تۆھپە كۆرسەتكەن مۇنەۋۋەر پۇتبولچى،كانوت قانداق ئادەم ؟ كانوت بولسا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى داڭلىق مەرگەن،بۇ ئىككى پۇتبولچى تەڭ دېگۈدەك جۇڭگۇغا كەلدى .بىر يىلنىڭ ئالدىدا كەلگەن ياكۇبۇ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدا توپ ئۇردى،ئەزەلدىن قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن چوڭ بىرلەشمىدە توپ ئوينىغان بۇ توپچىلار ئۈزىگە ماس كەلمەيدىغان بۇ بىرلەشمىدە توپ ئويناشقا رازى بولدى .مەستانىلەر ئىلگىرى توپ ئويناش ئۇسلۇبى قوپال،قالايمىقان،تېخنىسكى تۆۋەن ۋە قارا پۈشتەك داۋاملىق چېلىنىپ تۇرىدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىسنى كۆرۈپ كەلگەن،بىزارلىق ھېس قىلغان،بىراق ھازىرقى دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بىراقلا ئېچىلىپ كەتتى، ھازىر تەنتەربىيە مالىيە خەۋەرلىرى مەلۇماتىدا، دۆلىتىمىز پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ كەينى-كەينىدىن غايەت زور مەبلەغ چىقىرىپ داڭلىق پۇتبولچى يۆتكەپ كەلگەنلىك خەۋىرى باشقا خەۋەرگە قارىغاندا كۆپ ،«بىر مەيدان يەڭسەڭ بەش مىليون مۇكاپات» «تەڭلەشسەڭ ئۈچ مىليون» بۇ چاقىرىقنى ھازىر كۆپ كۇلۇبلار ئوتتۇرغا قويدى،مەلۇم بىر ئاخبارات ئورنى جۇڭگۇ بىرلەشمىسىنى « پۇلى كۆپ ، لېكىن ئادەملىرى ئاخماق» دېگەن دوپپىنى كەيدۈردى .دۆلىتىمىز دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى راستىنلا شۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە قىزىل دوپپا،قارا دوپپا،يېشىل دوپپا، لېكىن ھەمىدىن ياخشىسى، يەنىلا كۈچلۈك يامغۇردىن باشنى مۇداپىيە قىلالايدىغان دوپپا،دۆلىتىمىز بىرلەشمىسى ئىشنى ئەمدى باشلىدى .كەينىگە قايتالمايدۇ،پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي پېشقەدەم پۇتبولچىلارنى سېتىۋېلىش تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن .



       جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى ،ياۋروپادىكى بەزى دۆلەت ئىقتىسادىدا قىزىل رەقەم پەيدا بۇلۇشى،شۇنىڭ بىلەن بىرگە داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ كەينى-كەينىدىن دۆلىتىمىزگە كېلىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ياۋروپا بەش چوڭ بىرلەشمىسىنىڭ ئىچىدە ھازىر ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىن باشقا ،يەنى ئىسپانىيە،ئىتالىيە قاتارلىق بىرلەشمىلەر ئېغىر ئىقتىسادى كرىزىس ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ.ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە خانلىق مادرىد ۋە بارېسلونادىن باشقا كۇلۇپلارنىڭ ھەمىسى دېگۈدەك قىيىنچلىق ئىچىدە تۇرماقتا،ۋالۇنسىيە كۇلۇبىنىڭ قەرزى ئەڭ كۆپ بۇلۇپ،800 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ،ئىتالىيەدىمۇ دائىم پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشىنى تارقىتالمايدىغان ئىشلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ .بولونىيە كۇلۇبى بۇنىڭ تىپىك مىسالى،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ،ياۋروپادىكى كۆپلىگەن كۇلۇپلارنىڭ پۇتبولچى يۆتكەش مەبلىغى ئازلاپ كەتكەن .ۋە مەبلەغنى قىسقارتقان .مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاسىيا كۇلۇبلىرى ئۈزىنىڭ مالىيە كۈچىنى كۆرسۈتۈپ دەرھال ھەركەتكە كىلىپ تەرەپ-تەرەپتىن پۇتبولچى يۆتكەش دولقۇنىنى باشلىۋەتكەن.ياۋرۇپادىكى بەزى كۇلۇبلار ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.گۇاڭجۇ خېڭدا لىپىغا 10 مىليون ياۋرولۇق يىللىق مائاش تەكلىۋىنى ئەۋەتكەندە لىپى ھاڭ-تاڭ  قالغان .ئۈزىگە بۇنداق يۇقىرى مائاش تەكلىپى كىلىشنى ئويلاپ باقمىغان .ئاخىردا تېرىنىرلار ئەترىتىنى باشلاپ دەرھال دۆلىتىمىزگە قاراپ ئاتلانغان.


خۇلاسە : ئىقتىسادقا بولغان مايىللىق ۋە قوغلىشىش ،ياۋروپادىكى چېكىنىش ئالدىدا تۇرغان ۋە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بەزى داڭلىق پۇتبولچىلار ياۋرۇپادىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئىككىلەنمەي جۇڭگۇ،ياپۇنيە،ئامىركا ۋە قاتار بىرلەشمىسىنى تاللىدى.ئىلگىركى تەجرىبە شۇنى ئىسپاتلىدىكى،يۇقۇرى سەۋىيىدىكى پۇتبولچىلارنى يۆتكەپ كېلىش شۇ بىرلەشمىنىڭ سەۋىيىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈشكە ۋە جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ،ئاخىرقى نىشان بولسا، ئۆز دۆلىتىنىڭ داڭلىق پۇتبولچىلىرى بولۇش ئىشقا ئاشىدۇ،بىرلەشمە مۇسابىقە دۆلەت كوماندىسغىمۇ تەسىر كۆرستىدۇ،بىزنىڭ ئاخىردا ئارزۇ قىلىدىغىنىمىز، دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىدا شەرەپ قۇچۇشنى كۈرۈش !








3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 17:22:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول دۇنيا مەدىنىتىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىماقتا ،بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقىمىز چوقۇم پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ قۇرالدىن ئۆزىنى قۇرالاندۇرۇپ مۇشۇ ساھەگە يۈرۈش قىلىپ ،ئۆزىمىزنى تونىتىشىمىز ،كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىمىز لازىم .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

12

دوست

4274

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1296
توردىكى ۋاقتى: 326
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 18:40:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھنىڭ ئىشقى پۇتبۇلنىڭ سىھرى جەلىپ قىلىش كۈچىگە باشقانەرسە يەتمەيدۇ

0

تېما

0

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24514
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 18:41:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما كۆچۈرۈسىڭىزمۇ ؟ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويمامسىز ، موشۇ تېمىنى يازغان ئادەمنىڭ بۇ تېمىنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك  ئەجىر ،ۋاقىت سەرىپ قىلغانلىقىنى بىلەمسىز . ئەمدى بۇنداق تېما كۆچۈرمەڭ . ‹‹مەن كۆچۈرمىدىم ، ئۆزەم يازدىم ›› دېسىڭىز ھازىرلا بۇ تېمىنى پۇتبول مۇنبىردىكى كىمنىڭ ، قاچان يازغانلىقىنىمۇ تېىپىپ بېرەلەيمەن. تېما ئېگىسىنىمۇ سىز بىلەن كۆرۈشتۈرۈپ قويالەيمەن. بۇ تېمىنى پۇتبول كۇلۇبىدىكى ‹‹توپ تەپكۇچى ››يازغان  بىلىشىمچە ‹‹توپ تەپكۇچىكام ھەرگىزمۇ پۇتبول كۇلۇبىدىكى تېمىسىنى بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكەلمەيدۇ.باشقىلارنىڭ ئەمگىكىكە ھۆرمەت قىلىڭ . رەھمەت ، باشقۇرغۇچىلارمۇ مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلىپ قويساڭلار..
http://bbs.putbol.cn/forum.php?m ... 7781&highlight=

1

تېما

0

دوست

291

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26369
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 18:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kahar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 19:02  

توپ تەپكۈچى دىگەن مەن شۇقېرىندىشىم  .ئىلگىرى يازغان .بۇ قېتىم يېڭىلاپ بەزى يەرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تۇلۇقلاپ يازدىم ...شۇنىڭغىمۇ  خېلى ۋاقىت سەرپ قىلدىم .بۇ مۇنبەرنى بىر نەچچە كۈندىن زىيارەت قىلىپ تىزىملاتتىم ...بىر نەچچە تېما يوللىدىم ...شۇنىڭغا قاراپ بېقىڭ ئۇكام ....بۇ يەردە مىنى قارشى ئالمامسىلەر .....

10

تېما

1

دوست

2433

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14439
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 210
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 20:18:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئازراق ئۇقۇشماسلىق بولۇپتۇ،kahar1ئەپەندىم سىزنى ھەمىمىز قارشى ئالىمىز، تېمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن ....

1

تېما

0

دوست

325

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   12.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23142
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 104
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 20:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kahar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 18:52
توپ تەپكۈچى دىگەن مەن شۇقېرىندىشىم  .ئىلگىرى يازغان .بۇ ...

قاھاركا سىزمۇ ئەزا بۇلۇپسىزدە.كەلگەن قەدىىمىڭىزگە مەرھابا.مىنى ئىسمىمدىن تۇنۇدىڭىزغۇ دەيمەن ھە

0

تېما

2

دوست

4146

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1278
توردىكى ۋاقتى: 503
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 21:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kahar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 18:52
توپ تەپكۈچى دىگەن مەن شۇقېرىندىشىم  .ئىلگىرى يازغان .بۇ ...

ۋاي توپ تەپكۈچىكا كىرگەن قەدىمىڭىزگە مۇبارەك ، ، ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )