- تىزىملاتقان
- 2014-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2701
- نادىر
- 0
- يازما
- 223
ئۆسۈش
23.37%
|
مەن دەل سىز دەۋاتقان ‹‹ۋالى سىنىپى›› ، ‹‹ھاكىم سىنىپى›› مەزگىللىرىدە ئوقۇغان. يەنى 90- يىللارنىڭ بېشىدا. ئۆزەممۇ سىنىپ باشلىقى ئىدىم. سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ھېچكىم ھەيدەپ ئەكەلمەيتتى، ھەممىسى تولۇق ئۆزلىرى كېلەتتى. ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ .......
-----------------------------
مۇلاھىزىمىز ئەمىلى بۇلاۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭدىن بەك خوش. مائارىپ پۈتكۈل خەلىقنىڭ مائارىپى. ھەرگەزمۇ ئۇقۇتقۇچىلارغا خاس ئەمەس؛ مائارىپ پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ مائارىپى. ھەرگىز مەكتەپلەرگىلا خاس ئەمەس. سىز بىلەن مىنىڭ ئەسلى مەخسىدىمىز بىر بولسىمۇ لېكىن مەسىلىنىڭ سەۋەبى ۋە مەسئۇلىيەتنى بىكىتىش جەھەتتە بىر ئاز پەرىق باركەن. (1) سىز ياشاۋاتقان يېزىدىكى دىخانلارنىڭ پەرزنتلىرىنى ئۇقۇتۇش ئىدىيىسى كۈچلۈككەن. شۇڭا ئۇقۇتقۇچىلار بالا يىغمايدىكەن، ۋالىلار ۋە ھاكىملارنىڭ مەخسۇس ئاتالغان سىنىپى يوقكەن. ئەمما بىزنىڭ يۇتتا شۇنداق ئىش بولغان.(2) قوش تىل ئۇقۇتۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە بىزنىڭ يۇرتتا ئۇمۇميۇزلۈك ئەمەس. ھەر يىلى قۇبۇل قىلىنغان ئۇقۇغۇچىنىڭ سانى 300ئەتىراپىدا بولسا قوش تىل سىنىپىغا قۇبۇل قىلىنىدىغان ئۇقۇغۇچى پەقەت 30 ئەتىراپىدا( يەنى ھەر بىر پاراللىلدىكى7-8سىنىپتىن پەقەت 1 سىنىپلا قوش تىل سىنىپى؛ قالغانلىرى ئادەتتىكى سىنىپلار) بۇلۇپ بۇ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىللىرىنىڭ تەلىۋى بەك كۈچلۈك. ئادەتتىكى سىنىپلارغا پۈتۈن دەرىس ئۇيغۇر تىلىدا ئۈتۈلىدۇ. ھە راس ھەپتىدە 5 سائەت خەنزۇ تىلى دەرىسىمۇ بار.(3) ئاتىزىم تەربىيىسى بىرىش مەكتەپ تەلىم تەربىيىسىنىڭ مۇھىم نوختىسى، بۇنى ھازىر سىز بىز بوي سۇنىۋاتقان قانۇن بەلگۇلىگەن. بۇ بەلگۇلىمە 50-60-يىللاردىمۇ بار ئىكەن. ھەرگىز يېقىنقى مەزگىلدىلا يولغا قۇيۇلغىنى يوق. (4) مەن ئىلىمى مۇدۇرمۇ ئەمەس، پارتىيىنىڭ سادىق كادىرىمۇ ئەمەس. ئەمما پارتىيىنىڭ سادىق ئۇقۇتقۇچىسى. بارلىغىمنى ئۇقۇتقۇچىلىققا ئاتىۋەتكەن. باشلىق بۇلۇش نىممىتىنى ئۇلۇق ئاللا ماڭا ئاتا قىلمىدى. ‹‹كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟›› دەيدىغان گەپ بارغۇ؟. بىزدە مۇنداق بىر ئادەت بار. يەنى باشلىق بۇلۇپ قالساق ئۈزىمىزنى تۇتۇۋالالماي قالىمىز خوش بۇلۇپ؛ ئەگەر باشلىق بولمىساق خاس باشلىقنى تىللايمىز. بۇ بىزدىكى بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن خارەكتىر خۇسۇسىيەت بۇلۇپ قالدى. (5) ھازىرقى مائارىپ بۇزۇلۇپ كەتكەن بولسا بۇزۇلمىغان تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق بۇلىۋىرىدۇ. بار ئىمكانىيەتىن پايدىلىنىش دىگەن ئەنە شۇ. ئەمما مائارىپ بۇزۇلدى دەپ باللىرىمىزنى مەكتەپتە ئۇقۇتمىساق ھەرگىز بولمايدۇ. ئۇقۇغان ئادەم ئاخىرقى ھىساپتا ئۈزىگە ئۇقۇيدۇ. قېرىندىشىم گىپىڭىزدىن قارىغاندا ئالى مەلۇماتلىغىڭىز چىقىپ تۇرۇدۇ. پىتنىڭ ئاچچىغىدا چاپاننى ئۇچاققا سالمايلى!(6) ئۇقۇتقۇچىلار توغىرىسىدا باشقا تورداشلار باھا بىرىۋاتىدۇ. مەن يەنا تەكرارلىماي. ئاخىردا سىزگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئىلمى مۇلاھىزە قىلساققكەن دىگەن ئۇمىتتىمەن. |
|