قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5000|ئىنكاس: 67

مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10965
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 18:06:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


مەجبۇرى مائارىپتىكى مەجبۇرلاشلار  


    قېرىنداشلار ، مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك تىمىلار جىقلاۋاتىدۇ . شۇڭا مەنمۇ ئازراق سۆزلىگىم كەپ قالدى . لېكىن مەن گەپنى ئۇدۇللا قىلىمەن . كىتاۋى سۆزلەرنى قىلماي ئىپادىلەيمەن .
   ھازىر مەكتەپلەردە خوشاللىق مائارىپى يولغا قۇيۇلۇۋاتىدۇ ، خوشاللىق مائارىپى دىگىنىمىز ، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارغا خوشاللىق ھىس قىلدۇرۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە بېرىشقا ئىنتىلدۇرۇش ، سىرتتا قېلىۋاتقان ، مەكتەپكە قەستەن بارمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ قوينىغا ئەكىلىش ئۈچۈن قىلىنغان بىر چوڭ ھەرىكەت .
   مەكتەپلەردە 54321پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ .
5دىگىنىمىز ، مەيلى ئوقۇتقۇچى ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن ھەر مەۋسۈمدە 5 كىتاپ ئوقۇش  .
4 دىگىنىمىز ، تۆت خىل قىياپەت ، يەنى ئۆلچەملىك ئولتۇرۇش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك مېڭىش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك يېزىش قىياپىتى ، ئۆلچەملىك تۇرۇش قىياپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
3 دىگىنىمىز ، ئۈچ ئاۋاز ، يەنى كىتاپ ئوقۇش ئاۋازى ، مەكتەپ ئىچىدىكى يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ، تەنتەربىيە مەيدانىدىكى ئۈنلۈك توۋلىغان ئاۋاز (1،2،3دىگەندەك ئاۋازلار).
2 دىگىنىمىز ، 2 خىل گىمناستىكا ، كۆز گىمناستىكا ، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا .
1 دىگىنىمىز ، بىر پائالىيەت ، يەنى دەرستىن سىرتقى قىزىقارلىق پائالىيەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ، يەنى قۇياش نۇرى پائالىيىتى .
       قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ، سىلەرگە يۇقارقىلارنى دىيىشتىكى مەقسىتىم ، ھازىر نۇرغۇن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار مەكتەپكە بارمايۋاتىدۇ . ئۇلارنى ئىزدەپ ئوقۇتقۇچىلار ئاۋارە . بۇلۇپمۇ جەنۇپتىكى ئوقۇتقۇچىلار  بۇ جەھەتتە بەكرەك جاپا تارتىۋاتىدۇ . شۇلارنى مەكتەپ قوينىغا ئەكىلىش ئۈچۈن ، مائارىپ نۇرغۇن مەبلەغ سالدى . يۇقىرىدىن مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچىلار ئوينايدىغان ھەرخىل ئۇيۇنچۇق ، توپ ، تەپكۈش قاتارلىقلاردىن تارتىپ ، ياش ئۆسمۈرلەر سارىيىغىمۇ نۇرغۇن مەبلەغ سالدى . ياش ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۇچۇر تېخنىكا ، رەسساملىق ، خەتتاتلىق ، ناخشا ئۇسسۇل ، مۇزىكا ، ۋېلىسپىت مىنىش ، سىيرىلغۇچ ، قىزلار ئۈچۈن كەشتە تىكىش ، توقۇمىچىلىق ، مودىل ياساش دىگەندەك نۇرغۇن كەسىپلەر بار . ئوقۇغۇچىلار شەنبە يەكشەنبە ، تەتىللەردە ھەقسىز ئۆگىنىدۇ . مەكتەپ مەيدانلىرىدا نۇرغۇن تەنتەربىيە سايمانلىرى سەپلەندى . ھەركۈنى ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتتە ئوقۇغۇچىلار مەيداندا خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدۇ . قانغۇچە ئوينايدۇ . بۇرۇنقىدەك كۈندە 8 سائەت دەرس ئۈتىدىغان ئىشلار يوق  ، مەكتەپتىن بىزار بۇلىدىغان ئىشلار ئەمدى تۈگىشى مۇمكىن .     
     ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قاچماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنقىدلەشكە بولمايدۇ . ئۇلارغا ئوقۇتقۇچىلار يېلىنىپ تۇرۇپ تەربىيە قىلىدۇ . بولمىسا ئۇلار ئاتا ئانىلىرىغا تىللىغاننى ئۇردى دەپ ئاشۇرۇپ ئېيتىدۇ . ئىشقىلىپ ھازىر ئوقۇتۇشتىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىلىپ كىتىشى مۇھىم بۇلۇۋاتىدۇ  . ھازىر جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىۋاتقانلار مەكتەپ يېشىدىكى مەكتەپكە بارمايۋاتقانلار ، شۇڭلاشقا ھازىرقى ۋەزىيەتتە مائارىپ يۇقارقىدەك تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بۇلۇۋاتىدۇ ، دىيىشكە بولىدۇ .
   بۇنىڭدا ئەسلىدە ئوقۇتۇش سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىلسە بولاتتى، بۇ ئىشلارنى قانداق ھەل قىلساق مۇۋاپىق بولاركىن ؟

0

تېما

3

دوست

1363

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18241
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 19:23:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چەكتىڭىز.
ھازىرقى تولۇقسىز بىرىنجى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەيرانمەن،ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلىش دىگەننىغۇئۈمۈت قىلىش مومكىن ئەمەسكەن،،تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارغا قول ياندۇردىكەن،،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

36

دوست

2910

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 19:44:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردىكى خانىم - مۇئەللىملەرنىڭ شۇنداق ئاچچىغى يامانكى سىنىپقا كىچىكىپ كىرىپقالساق مۇئەللىم بولسا قوڭلىرمىزغا تىپىپ توپا چىقىرۋىتەتتى . خانىملار بولسا قۇلاقلىرمىزنى تارتىپ ئۇزۇپ ئىلىپ تاسقىلاتتى قولىمىزغا تۇتقۇزۇپ قويغىلى شۇڭا مەن تولا مەكتەپتىن قاچاتتىم ئۇلارنىڭ تايىقىدىن قورقۇپ . ئەمدى ئۇ دەۋىردىكى تەربىيلەرنىڭ ئەكسى بولىۋىتىپتۇ . ياقىلار ئىتەك بولدى ، ئىتەكلەر ياقا دىگەن شۇدە .

2

تېما

2

دوست

1209

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   20.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24891
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 57
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 22:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   saptilak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-28 22:20  

پارتىيىمىز ھازىر مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹قوش تىل› مائارىپىنى قايىسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى بىلەن مائارىپ بايلىقىنى ئىخچاملايمىز دەپ ئەمدى 10 ياشتىن ئاشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەنت قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ خىل مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت تىلىنىمۇ بىلىدىغان ھەممىدىن مۇھىمى ئانا تىلدا ئۆز تەپەككۇرى بويىچە ئويلىغانلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىل جەھەتتىن قىينالمايدىغان، ئائىلە تەربىيسىگە مۇختاج بولۋاتقان بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ھەم ئائىلە تەربىيسىدىن ھەم مەكتەپ تەربىيسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان مۇشۇنداق مائارىپ تۇزۇلمىسى قايتا ئورنىتىلغاندا ئوقۇتۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ ھەم يتىرقاۋاتقان ئويلىغانلىرىنى دىيەلمەيۋاتقان، دەرسخانىدا سۆزلىنىۋاتقان سۆزنىڭ ئۈچتىن بىرىنىمۇ چۈشىنەلمەي قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قاچماي ئەكسىچە مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ ھەممىدىن مۇھىمى تۈزۈكرەك مەكتەپ تەربىيسى كۆرمەي جەميەتكە چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ جەميىتىمىزنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان قىلمىشلار ئازىيىدۇ. ھۆكىمىتىمىز ئەكسىچە ئۇلارغا مەكتەپ قاتىق دىتال سىلىنمىسىنى كۆپەيتىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوينايدىغان ئىسىل تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەستەھىلىرىنى تۈركۈملەپ سەپلەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ   بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلەلمەيدۇ، خالاس.

2

تېما

0

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26293
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 394
توردىكى ۋاقتى: 201
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 22:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
saptilak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 22:15
پارتىيىمىز ھازىر مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹قوش  ...

پارتىيىمىز ھازىر مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹قوش تىل› مائارىپىنى قايىسى شەكىلدە ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى بىلەن مائارىپ بايلىقىنى ئىخچاملايمىز دەپ ئەمدى 10 ياشتىن ئاشقان بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ياتاقلىق مەكتەپكە بەنت قىلىشتىن ئىبارەت مۇشۇ خىل مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت تىلىنىمۇ بىلىدىغان ھەممىدىن مۇھىمى ئانا تىلدا ئۆز تەپەككۇرى بويىچە ئويلىغانلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان، تىل جەھەتتىن قىينالمايدىغان، ئائىلە تەربىيسىگە مۇختاج بولۋاتقان بالىلىق ۋاقىتلىرىدا ھەم ئائىلە تەربىيسىدىن ھەم مەكتەپ تەربىيسىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان مۇشۇنداق مائارىپ تۇزۇلمىسى قايتا ئورنىتىلغاندا ئوقۇتۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۇرۇلىدۇ ھەم يتىرقاۋاتقان ئويلىغانلىرىنى دىيەلمەيۋاتقان، دەرسخانىدا سۆزلىنىۋاتقان سۆزنىڭ ئۈچتىن بىرىنىمۇ چۈشىنەلمەي قىينىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن قاچماي ئەكسىچە مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىدۇ ھەممىدىن مۇھىمى تۈزۈكرەك مەكتەپ تەربىيسى كۆرمەي جەميەتكە چىقىپ كەتكەن بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ جەميىتىمىزنىڭ ئامانلىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان قىلمىشلار ئازىيىدۇ. ھۆكىمىتىمىز ئەكسىچە ئۇلارغا مەكتەپ قاتىق دىتال سىلىنمىسىنى كۆپەيتىپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوينايدىغان ئىسىل تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش ئەستەھىلىرىنى تۈركۈملەپ سەپلەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ   بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىزمۇ مەكتەپ قوينىغا قايتۇرۇپ كىلەلمەيدۇ، خالاس.                                                                                   ياخشى ئىنكاس

0

تېما

1

دوست

1740

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26396
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 182
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 23:06:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uqkunyalkuni يوللىغان ۋاقتى  2014-2-28 22:40
پارتىيىمىز ھازىر مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ‹قو ...

1.مۇئەللملەرگەھوقۇق.برش.كىرەك2.ئاناتىلغمۇئەھميەت.برلشى.كىرەك.جەنۇپتاباشلانغۇچتابەزى.ئۇقۇغۇچىلارئىسمىنى.يازالمايدۇ

1

تېما

14

دوست

4457

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24533
يازما سانى: 438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 00:05:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   m4a1-a تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-1 23:02  


ئۆزۈم تەھرىرلىۋەتتىم،لېكىن مەكتەپلەردە بار بولغان ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىشنى ئەينەن يازغانىدىم،كەچۈرۈڭلار

32

تېما

11

دوست

3490

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1084
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 00:39:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك تېما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )