قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 6943|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوغلانى :پەخىرلىك ساراڭ قىز (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

23

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17880
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 241
تۆھپە : 3228
توردىكى ۋاقتى: 723
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 18:29:24 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
پەخىرلىك «ساراڭ قىز »

(ھېكايە)

                   مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇرېھىم ئوغلانى               

تۆھمەتكە قالغان «ساراڭ قىز »
  
        ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ،ئانام كىچىكىمدىن تارتىپ شۇنداق ئوڭلۇق ئايال ئىدى ،مەھەللىمىزدە مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن ھەممەيلەن دىگۈدەك ھۆرمەت قىلاتتى ،سەھەر تۇرۇپ ھويلا ئارامنى سۈپۈرۈپ ،تاماق ئىتىپ بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ بولغۇچە ئۇ ئاللىبۇرۇن تاماقنى پۇشۇرۇپ بولاتتى،خوشنا -خۇلۇملارغىمۇ تاماق توشۇيتتى .كۈندۈزى بىچارە جاپاكەش ئانام دادامنىڭ خىزمەت بىلەن ئىدارىدە بولغانلىقى  ئۈچۈن بىزگە كەنىتتىن بۆلۈپ بەرگەن نەچچە مو يەرنىڭ ئەمگىكىنى قىلاتتى،مەھەللىمىزدە ئانامدىن بۆلەك ئايال كىشىلەر جاپالىق دەپ ئەمگەككە چىقمايتتى،لىكىن ئۇ دادامغا بېسىم بوپقالمىسۇن دەپ پەقەت ۋايسىمايتتى ،ئەقلىمگە كىلىپ قۇلۇم-قوشنىلىرىمىزنىڭ شۇنچە ئائىلە ماجىرالىرىنى  كۆرۈپتىمەن  لىكىن دادام بىلەن ئانام بىر ئېغىز تاكاللىشىپ باققىنىنى بىلمەيمەن .بىركۈن ئىشلەپ ھېرىپ ئاران كەلگەندە ،ئېغىلدىكى كالا ،قوي ئىشەكلەر خۇددى نەچچە كۈن ئېچىرقاپ كەتكەندەك پۈتۈن كۈچى بىلەن ۋارقىراپ ،ئېغىلىنى ئېچىۋەتكىلى تاس قالاتتى ،ئانام بىزنى چوڭ بولغاندا يارامسىز بوپ قالمىسۇن دەپ  كىچىك بىزنىڭ چامىمىز يىتىدىغان ئىشلارنى بىزگە بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزى يەنە شۇ كۈچەيدىغان ئىشلارغا كىرشىپ كىتەتتى .ئۇ ئىشلار تۈگىگندە ،تاماققا قوپاتتى ،تاماقنى پۇشۇرۇپ بولۇپ دادامنىڭ كۆپىللىرىنى سېلىپ تەييار قىلاتتى .دادام كىلىپ كۆپىدە ئولتۇرۇپ بىزنى ئەركىلىتەتتى،سىڭلىم بىلەن ئىككىمىز ئۇنىڭ ئىككى قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ «دادا سەن ماڭا ئامراققۇ ،ماڭا ئامراق »دىيىشەتتۇق ،مەن سىڭلىمنى تېرىكتۈرۈش ئۈچۈن :«ھەي ،بىلەمسەن ،سېنى باشقا شەھەردىن ئىككى چارەك كىپەككە ئالماشتۇرۇپ كەپتىكەن ،دىمەك دادام مىنىڭ»دىگىنىمدە سىڭلىم ئېغىزلىرىنى چىرايلىق ئۈمچەيتىپ ،ھەممەيلەنگە بىر قارايتتى-دە ،گەپ قىلماستىن ئېغزىنى يوغان ئېچىپ ،ئىككى ئوماق قوللىرىنى ئىككى كۆزىگە تەڭلەپ ،بار ئۈنىنى چىقىرىپ يىغلاشقا باشلايتتى .دادام ئىچى كۆيۈپ «نىمىدىگەن ئوماق قىزىم بۇ »دەپ سۆيۈپ كىتەتتى-دە ،دادامنىڭ ساقاللىرى سانجىلىپ ئۇ يەنە يىغلايتتى ،ئانام بۇ چاغدا سىلىققىنە كايىپ «قىز بالىنى جىق يىغلاتماڭلار ،بەخىتسىز بوپ قالىدۇ »دەپ قويۇپ ئۇنى باغرىغا باساتتى .سىڭلىم ئانامنىڭ مىھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ ئاستا پەسلەپ قالاتتى. تاماقنى تەييارلاپ بولغان ئانام ئوران -كۆپىلەرنى تەييارلايتتى .بىز يېتىپ تىلۋىزور كۆرسەك ،جىم ئولتۇرۇپ قاچىلارنى يۇياتتى ،بىز ئۇخلىغاندىن كىيىن ئەتىسى ئەتىگەننىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن يەنە خېمىر يۇغۇرۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولاتتى .شۇ چاغلاردا ئۇنى ھارمامدىغاندۇ دەپ قالاتتىم ،كىچىكلىكتە نەدىمۇ ئۇنىڭ دۈمبىللىرىنى ،يەلكىللىرىنى ئۇۋلاپ قويىدىغان ئىش ؟ئويۇن دىسە ئىككى كۈنلۈك يەرگە يۈگۈرەپ بارىدىغان ئويۇن  قېپىنىڭ ئۆزى ئىدىم .
       شۇنداق كۈنلەردە ئانام كۈن ئارىلاپ ئۇھسىنىپ قوياتتى ،لىكىن بۇنى ھېچكىشىگە بىلدۈرمەيتتى ،مەن ئانچۇمۇنچە كۆرۈپ قالاتتىم ،دادام ھەر كۈنى ئىشقا خاتىرجەم ،خۇشال ماڭاتتى .بىر كۈنى دادامنىڭ ئانامغا :«ھەي خوتون، سىنى بەرگەن ئاللاھقا مىڭ شۈكرى جۇمۇ ،ئەينى چاغدا سىنى ساراڭ دىگەندە ئىشەنگەن بولسام ،بۇ كەمدە كىملەرگە يولۇقاتتىم مەن ؟» ،دادام نىمىشقا بۇنداق دەيدىغاندۇ ؟   دەپ ھەيران قالاتتىم ،سورىسام، ئانام :«سەن ھازىر كىچىك بۇنى كىيىن بىلىپ قالىسەن »دەپ قويۇپ يۈرۈكۈمدە نۇرغۇن نىمە ئۈچۈنلارنى قويۇپ قويغان ئىدى .
        ئاخىرى بىر نەچچە يىلدىن كىيىنكى  بىر كۈنى بۇ نىمە ئۈچۈنلەرنى بىلىشكە پۇرسەت تۇغۇلدى ،ئانامنىڭ خۇشال بىر كۈنىنى تېپىپ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلىشىپ ،ئادەتتىن تاشقىرى ئىشچان بولۇپ كەتتىم ،مىنىڭ ئادەتتە بىر سۇئال كاللامغا كىرىۋالسا ئۇزۇنغىچە ئىزدىنەتتىم ،ئويلايتتىم .لىكىن چوڭلارنىڭ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىشى ،ئۆزۈمنىڭ كىچىكلىكىم سەۋەبى نۇرغۇن نىمە ئۈچۈنلەر سۇئال پېتى قالاتتى ،لىكىن ئۇ نىمە ئۈچۈنلەر خۇددى بايراملاردا كوچىلارغا تىزىپ قويغان نۇرلۇق چىراقلاردەك مىنىڭ قەلبىمدە يورۇپلا تۇراتتى .شۇڭا ھېلقى نەچچە يىل بۇرۇنقى دادامنىڭ گېپىدىن قالغان نىمە ئۈچۈنمۇ سەبى قەلبىمدە چىراق بولۇپ يېنىپ ئۆچمىگەن ئىدى.ئانام مىنىڭ تۇيۇقسىز مىنىڭ مۇنداق ئىشچان بوپكەتكىنىمدىن ھەيران قېلىپ ،
-يىگىت ،نىمە مۇنداق ئىشچان بوپ كەتتىڭ ؟- دەپ سوراپ قالدى.
-ئانا ،مىنىڭ بىر سۇئالىم بار ئىدى ،ماڭا تولۇق ،چوڭ ئادەمگە جاۋاب بەرگەندەك جاۋاب بەرگىن ،بولامدۇ ؟مەن ئەمدى كىچىك ئەمەس ،تولۇقسىزغا چىقتىم .خېلى ئىشنى بىلىمەن .
-بوپتۇ ،نىمە گەپ سورىغىن ئەمىسە ،-دېدى  ئانام مەندىكى بۇ ئەستايىدىل ھەم قەتئىي چىرايىمغا مىھرىبان كۆزلىرىنى تىكىپ .
        مەھەللىمىزدە بىر قارا كەلگەن ،ئوتتۇرا بوي پاتەمخان ئىسىملىك ھەممە ئادەمنى سۆزلەپ ئېغزىغا قارىتىپ قويىدىغان بىر گەپتان ئايال بولىدىغان ،توۋا دەيمەن ،ئۇ گەپ قىلىدىغان بولسا مەيلى  يامان ياكى ياخشى گەپ دىگەننى شۇنداق قىلاتتىكى بىز ئېغزىغا قاراپ قالاتتۇق .ئۇنىڭ شۇ ئېغزى بىلەن خېلى مانامەن دىگەن ئەر كىشىنىڭمۇ بىردەمدە بېشىنى ئەگدۈرۈپ تاشلايتتى .
       مەھەللىمىزدە يەنە  بىر يىگىت  بار بولۇپ ئۇ بەكمۇ ئىشچان ئىدى. شۇنداق ئىشچانلىقىدىن ،باشقا ياشتىكى بالىلار ئويناپ يۈرسە ئۇ بېلىق تۇتۇپ ئۆيگە سەرەمجان ،ئاتا-ئانىسىغا كىيىم ئېلىپ كىلەتتى .مەھەللىدىكى ھەممە باشقا ئاتا-ئانىلار ئۇنى داڭلايتتى .ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭدىن شۇنداق رازى ئىدى .ئۇ چوڭ بولدى ،يىگىت بولۇپ توي ئىشى توغۇرلۇق ئويلىشىدىغان ۋاقىت ئىدى ،يىگىت چوڭ بولغان ۋاقىتلاردا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدىغان ئىش يوقدىيەرلىك بولۇپ ،بىرەرىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن بويىغا يەتكەن بىر قىزنى بىر يىگىتكە تونۇشتۇرۇپ ،بىر -بىرگە يارىسىلا ئېلىپ بىرەتتى ،ماسلىشالىغانلىرى ئۆي تۇتاتتى ،ماسلىشالمىغانلىرى نىكاھ ماجراسى بىلەن ئۆمرىنى ئۆتكۈزەتتى ياكى ئاجىرشىپ كىتەتتى .لىكىن بۇنداق نىكاھلانغانلارنىڭ بىرىنجى قېتىم ئۆي تۇتۇشى بەسى مۈشكۈل ئىدى.بۇيىگىتمۇ   پاتەمخاننىڭ تونۇشتۇرشى بىلەن  بىر يەنە بىر قىزنىڭ ئۆيىگە باردى ،كىرىپلا بىر قىزنى كۆردى ،ئۇ تۇيۇقسىز قېتىپلا قالغان ئىدى ،يۈرەكلىرى رېتىمسىز سوقۇشقا باشلىدى ،ئۇقىز تۇيۇقسىز يىگىتكە قارىدى-دە يىگىتنىڭ كۆزى بىلەن ئۇچۇراشقان كۆزلىرىنى دەرھال تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ،بېشىنى يىنىك قىلىپ سالام بېرىپ قويدى ،يىگىت نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپلا قالغان ئىدى ،مۇشۇ تاپتا ئۇنىڭ قۇلىقىدا باشقىلارنىڭ دىگەن نۇرغۇن قۇرۇق گەپلىرىدىن «قىزنىڭ ئىسمى ھەلىمە »دىگەن بىر ئېغىزىلا قالغان ئىدى. يىگىت باشقىلاردىن خىجىل بولاتتى-يۇ يەنە بۇ قىزغا شۇنداق ھاياجان بىلەن يېنىشلاپ باشقا تەرەپكە قەرىغان بولۇپ بىرنى قارىۋالاتتى ،مۇشۇ قارىۋالغىنى ئۇنى بىر پەرىنى كۆرگەندەك خۇشال قىلاتتى  .ئەلچىلەر ئۆز پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ ،يىگىت ئىزچىل چىقىپ كىرىپ مىھمان كۈتۈش بىلەن بولۇۋاتقان قىزنىڭ ھەركەتلىرىنى يەرنىڭ ئاستىدىن قاراپ ئىنچىكلىك بىلەن  كۈزىتىپ قاراپ تۇردى .قىزنىڭ كۈلۈمسىرگەندىكى چىرايلىق ئاپئاق چىرايى ،ئەدەبلىك قىلىقلىرى ،يۈزىنىڭ تۆۋەنلىكى ،بىر قاراشتىنلا مىھمانلىق ئۆيدە تەربىيلىك بولۇپ چوڭ           بولغان قىزلىقى بىلىنىپلا تۇراتتى .ئەلچىلەر قىز تەرەپنىڭ «ئويلىنىپ باقايلى» دىگەن گېپىنى  ئېلىپ قايتىپ كەلدى.
      شۇ كۈنىدىن كىيىن يىگىت تۇرۇپ-تۇرۇپ خيالغا كىتىدىغان ،يالغۇز قالغاندا دادىسىنىڭ  مىۋىلىك بېغىغا كىرىۋېلىپ بىرنىملەرنى دەپ پىچىرلاپ ،باغدىكى شۇنداق مەي بولۇپ پىشقان مىۋلەردىن ئىككىنى تىزىپ قويۇپ بىرسىگە ھەلىمە دەپ ئىسىم قوياتتى ،بىرسىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قوياتتى -دە ئاۋاز بېرىپ مۇڭدىشىپ كىتەتتى ،باغدا ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا باشقىچە گۈزەل بىر تەسىر بېرىۋاتاتتى، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئۇنىڭغا يۇقرى ئاۋازلىق ناخشىچىلارنىڭ ئاۋازىدەك ،قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا ھەلىمە ناخشا ئېيتىپ بىرۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى-دە بىر خىل گۈزەل سىزىم ئۇنىڭ بەدىننى قورشىۋالاتتى ،ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ ،بەزىدە كۈلۈپ قوياتتى ،بەزىدە قاپاقلىرى تۈرۈلۈپ كىتەتتى ،ئۇ كۆزىنى ئاچقىنىدا ھەلىمەنىڭ ئۆزىگە قاراپ شۇنداق تاتلىق كۈلۈمسىرىشىنى بىر كۆرىۋالغان بولسىمۇ -ھە .توۋا ،ئۇ كىچىك ۋاقتىدىمۇ بالىلارنىڭ مۇنداق ئويۇنلىرىنى ئوينىغىنىدا ،ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كىتىدىغان .ئەمدى ئۆزىنىڭ نىمانچە مۇنداق كىچىك بالىدەك بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى .
         «ھەلىمە ساراڭ بوپقاپتۇ»دىگەن گەپنى پاتەمخاندىن ھەممە خەق ئاڭلاپ قايسى ھەلىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىپ بولدى .ھەلىمە توغۇرلىق گەپ بولۇنغانلىقنى بىلگەن يىگىت يۈگرەپ پاتەمخاندىن ھەلىمەنىڭ ھاراق ئىچىپ كوچىلاردا ياتقىنىنى ،تاماكا خۇمارىنىڭ بۇرۇنلا بارلىقىنى خۇددى پاتەمخان ئۆزى كۆرگەندەك سۆزلەپ بەردى .يىگىت ئۇگەپلەرنى ئاڭلاپ ئارقىغا  ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى .ئۆزىمۇ بىلمەي كۆزىدىن ياشلار ئەگىدى.لىكىن ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى .ئاتا-ئانىسى پۈتۈنلەي دىھقانچىلىق بىلەن بولغاچقا ئوغلىدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلىشقىمۇ چولىسى تەگمەيتتى .
يىگىت ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ كىچىچە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ كىلىش نىيتىگە كىلىپ ،بۇ «ساراڭ قىز » نى ئىزدەپ ماڭدى ،كىچىچە ھەرخىل ئىتلارنىڭ ھۇجۇمى ،يوللارنىڭ ئۇزاقلىقى سەۋەب يىگىت قوللىرى قان ئۇيۇپ قالغان ھالدا ،ئەتىسى سەھەردە قىزنىڭ دەرۋازىسى كەلدى-دە يىقىلىپ قالدى.
ئۇ كۆزىنى ئېچىپ شۇنداق ھەيران قالدى ،قىز كۆز ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇراتتى .باشقىلار يوق ئىدى .ئۇ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ شۇنداق ئۆزى خۇددى كۆرپىدە ئەمەس ،تاغلاردا ئۇچۇپ يۈرگەن بۇلۇتنىڭ ئۈستدە لەيلەپ تۇرغاندەك ،يېنىدا بىر يۈز يىل كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان ئادىمى ئۇنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ،ھويلىدىن كىلىۋاتقام قۇشلارنىڭ ئاۋازى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ ياش يىگىتنى چۈش دۇنياسىدا كىزۋاتقاندەك ھىسىياتقا ئەكىلىپپ قويغان ئىدى .يىگىتنىڭمۇ كۆزىدىن ياشلار ئەگىدى . قىز ئەسلىدە  ئۇنى دەرۋازا ئالدىنى سۈپۈرگەندە كۆرۈپ ۋارقىراپ يۈرۈپ ،دادىسى ،ئاكىسىنى چاقىرىپ ئۇنى ئايرىم ئۆيگە ئەكىرىپ كىيىملىرىنى يۇيۇپ ،ئاتا-ئانىسى باشقا ئىشقا چىقىپ كەتكەچكە ،بىر ئىنىسى بىلەن ئۆزى قاراۋاتقان ئىدى .ئىنىسى ئويۇن قېپى بولغاچقا ،چىقىپ كەتكەن ئىكەن .
      قىز يانچۇقىدىن بىر قولياغلىقنى ئېلىپ  يىگىتنىڭ پىشانىسىنى ئاستا سۈرۈتۈشكە باشلىدى ،يىگىت تۇيۇقسىز قىزنىڭ قولىغا دىققەت قىلىپ:
ــ بۇ مىنىڭ قولياغلىقىمغۇ ؟ـ دېدى ھەيران قېلىپ.   
ــ ئالدىنقى قېتىم كەلگەندە چۈشۈرۈپ قويۇپتىكەنسىز.... .ــ قىز ۋىللىدە قىزىرىپ كەتتى -دە گەپ قىلالماي قالدى.
دىمەك قىز شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان بۇ قولياغلىقنى پاكىز يۇيۇپ ،ساقلاپ مىنى ئەسلەپ يۈرۈپتىكەن-دە ،يىگىت  بۇلارنى ئويلىدى.
        تويمۇ تىزلا ئۆتكۈزۈلدى .پاتەمخاننىڭ نەۋرە ئاچىسىنىڭ قىزىنى يىگىتكە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئوينىغان «ساراڭ قىز »ئويۇنى بەربات بولغان ئىدى .
ئانام بىلەن دادامنىڭ  بۇنداق ھېكايسى بارلىقىنى پارچە-پۇرات قىلىپ ،ئانامدىن ،باشقىلاردىن سوراپ يۈرۈپ يېقىندا ئاران تولۇق  بىلدىم . كۆڭلۈم خۇشال ئىدى .نىمە ئۈچۈنلىرىم ئازىراقمۇ بولسا بېسىقىپ قالغانلىقىغا تەنتەنە قىلدىم ،يەڭگىلكلەپ قالغان ئىدىم.لىكىن بۇخۇشاللىق ئۇزاققا بارماي يەنە  بىر غەلىتە  نىمە ئۈچۈن مىنى قىينىاشقا باشلىدى .
   
كەلكۈن ئىچىدىكى «ساراڭ قىز »

         
  بىر كۈنى يىراقتىكى  بىر تۇغقىنىمزنىڭ ئۆيىگە مىھمان بولۇپ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ۋە بىرقانچە تۇغقىنىمىز بارغان ئىدى .سالام سائەتلەردىن كىيىن ئۆيگە كىردۇق .ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىغا قارايدىغان تېمىدا بىر نەپىس بىزەلگەن رامكىدە چىرايلىق قىزنىڭ رەسىمى ئېسىقلىق ئىدى ، ئۇ رەسىمدىكى قىزنىڭ كۆزلىرى خۇددى مارىيە كيۇرى خانىمنىڭ كۆزىدەك بىرخىل قەتئىيلىكى ،بىلىملىك ،ئەقىللىق ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى ،ئادەمنىڭ بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئاشۇراتتى ،مەن دەسلەپتە ئۇلارنىڭ قىزى ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن ،ئۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۆيدە مىھمان بولغان ئىدۇق ،ھەممەيلەننىڭ ئۆيىدە يەنىلا شۇ رەسىم ئېسىقلىق  ئىدى .ئۈستىگە «ساراڭ قىز »ــ بىزنىڭ پەرىشتىمىز .    دەپ يېزىلغان ئىدى .مەن سورىسام ئۇلار تۈزۈك بىرنىمە دىمىدى .ئالدىراشلىقتىنمۇ ،ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ مەنمۇ بىلمىدىم .قايتىپ كىلىۋېتىپ مەن يەنىلا شۇنى ئويلايتتىم ،بۇ زادى قانداق «ساراڭ قىز»دۇ ؟كاللامدا مىڭ پاتمان سۇئال ،خىيالىمدا شۇ رەسىم .بۇ زادى نىمە ئىشتۇ ؟
       كىيىن بىر پۇرسەت تېپىپ مۇشۇ ئىشنى سوراپ بىلىۋالمىسام مىنىڭ كونا خۇيۇم بېسقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى .بۇنچە سىرلىقمىدۇ؟ ئۇ زادى نىمە ئۈچۈن پەرىشتە بولىدۇ ؟ساراڭ قىز بىلەن پەرىشتىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى باردۇ؟ كەچلىرى بىكار بولسام ئويلايتتىم ،دەرىستىن قالسىلا خىيالىمدا شۇ نىمە ئۈچۈنلەر ئىدى .
        بىر كۈنى دادامنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۇ يەرگە بېرپ ئويناپ كەلمەكچى بولۇپ موتوسىكلىت بىلەن ماڭدىم ،لىكىن يولدا كۈتۈلمىگەندە موتوسىكلىتنىڭ يېلى چىقىپ كەتتى .مەن مەنزىلنىڭ ئەمدى يېرىمىنى باسقان ئىدىم .ئۆزۈمنىڭ ئالدىراپ تارتىنمايدىغان خۇيۇم بولغاچقا ،ئۇدۇل بېرىپ بىر كىشىنىڭ ئىشكىنى چەكتىم .بىر ياشانغان كىشى چىقىپ  مەن بىلەن ئەھۋاللاشتى ،مەن ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭغا دىگەندىن كىيىن ،ئۇ مىنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى،نازۇ-نىمەتلەرنى تىزىپ مىھمان قىلدى ،كۆڭلۈم شۈنداق يايرىدى ،بىز ئۇيغۇر خەق ئەجەپ مىھماندوست-ھە! مۇشۇنداق ئاقكۆڭۈل كىشىلىرىمىز كۆپرەك بولسا بىز خەقنىڭ ئارىسىدا مۇنچىلىك سوغۇقچىلىقلار ،ئەسكىلىكلەر،يىرىكلىكلەر بولمىغان بولاتتى ،دىللار بىر -بىرىدىن سۇ ئىچىپ،جاھان كۆزىمىزگە مىھىر-مۇھەببەتلىكتەك كۆرۈنۈپ ،تەبىئەت كىتابلاردىلا،بەزى تەسەۋۇرچىلىرمىزنىڭ نەزىردىلا  ئەمەس بەلكى ئەمەلي تۇرمۇشتىمۇ گۈزەللىكنى بىزگە چېچىپ كۆڭلىمىزنى ئىللىتىپ تۇرغاندەك ھىس قىلغان بولاتتۇق،ئەپسۇس.... .مىنىڭ تەكەللۇپلىرىمدىن مىنى خېلى ئىش كۆگەن بالا دەپ ئويلىدىمۇ ،مېنىڭ سورىغان سۇئاللىرىمغا ئۇ باشقىچە بىر ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب بېرىۋاتاتتى ،ئۇنى بۇنى دەپ يۈرۈپ بىزمۇ يۇمغاقسۈتنىڭ پۇرىقىدەك تۇغقان چىقىپ قالدۇق  .تۇيۇقسىز دېرىزە ئەينىكىدىن ئىچكىرى ئۆينىڭ تېمىغا دىققەت قىلىپ قالدىم يۈرۈكۈم «قارىس»قىپقالدى ،ئۇ تاغىمىز  مىنىڭ قاراپ قېتىپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ،
ــ بالام ،ئۇ قىزنىڭ نىمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن پەرىشتە دىيىلدىغانلىقىدىن ھەيران قېلىۋاتامسەن ؟ بولمىسا بۈگۈن بۇ يەردە قونۇپ قالغىن ،ساڭا سۆزلەپ بېرەي ــ دېدى ماڭا سەمىمىيلىك بىلەن قاراپ .
ــ مەن...،بۇ..،قانداق بولا ،سىزنى نۇرغۇن ئاۋارە قىلدىم،ماڭايمىكىن  .ــ كۆڭلۈمدە ماقۇل ،ماقۇل   دەپ سەكرىۋەتكىم بار ئىدى لىكىن بۇ تۇنجى قېتىم باشقىلارنىڭ ئۆيىدە دادامدىن رۇخسەتسىز قونۇشۇم بولغاچقا ،ئۆيدىكىلەرنىڭ مىنى سۈرۈشتۈرۈپ قېلىپ ، ھېلىقى تۇغقىنمىزنىڭ ئۆيىدىن تاپالماي يىغلاپ ئىزدەپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدىم .
ــ بالام ،  قارا ھامماڭ ساڭا بىر كىشلىك تاماقنى قوشۇپ ئەتتى ،مۇشۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقىنىڭ كۆپىيىپ قالدى .قونۇپ مۇڭدىشىۋالساق بۇندىن كىيىن داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشۇڭغا ئاسان بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟داداڭغا مەن تىلىفۇن قىلىپ دەپ قويىمەن .
ــ مەيلى ئەمىسە ،كونىلاردا ئادەم ئەتكەننى ئادەم ئەت دەپتىكەن ،نىيازكا ،سىز ئەمىسە دادامغا دەپ قويۇڭ .
ئۇ تىلفۇننى قولىغا ئېلىپ دادامغا تىلىفۇن  قىلدى.
      ئالمىرە بۈگۈن مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ دەريا بويىغا كەتتى.چۈنكى ئۇ بۈگۈن تولۇقسىز ئىككىنجى يىللىققا چىقىپ ئىككىنجى قېتىم مۇئەللىم تەرىپىدىن تەقدىرلىنىپ خۇشال بوپكەتكەن ئىدى.دەريا بويى بۈگۈنمۇ شۇنداق گۈزەل بولۇپ كەتكەن ئىدى.دريا بويىدىكى سۆگەتلەر خۇددى دەرياغا مەپتۇن  بولۇپ قاراپ تۇرغان قىزلاردەك قەددىنى ئىگىپ «چاچ»لىرىنى دەريا سۈيىدە يۇيىۋاتاتقاندەك شاخلىرىنى دەريا سۈيىگە چىلاشتۇرۇپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى قۇچقاچلارنىڭ ۋىچىلراشلىرى دەرياغا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇشۇ  يۇرت ئۈچۈن ھاياتى كۈچ بەخىش ئىتىۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقىۋاتقاندەك قىلاتتى .  دىھقانلار ئەمگەك قىلىپ ھارغاندا كىچىك بىر ئەديالنى ئەچىقىپ تاماكىللىرىنى چىكىشىپ تاغدىن-باغدىن ،ياشلىقىدىكى گۈزەل ۋاقىتلىرىدىن پاراڭ سوقۇپ كۆڭلىنى خۇشال قىلىپ ئانا دەريا قوينىدا ھوزۇر ئالاتتى  ،كىچىك بالىلار قېپ يالىڭاچ بولۇشۇپ بېلىقتەك سۇ ئۈزۈپ ئويناپ بولۇپ ،قىرغاقتا بەدىنىگە توپا بىلەن”كىيىم”كىيىپ،ئاسمانغا قاراپ ئاپتاپقا قاقلىنىپ ئۆزىنىڭ سىنىپلىرىدىكى كىچىك قىزبالىلارنىڭ گەپلىرىنى دىيىشىپ ،بىرەر ئېغىز قىزلارغا گەپ قىلىپ قالغان  بولسا خۇشاللىقىدا كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ماختىناتتى ، بۇيەردە يىغلىسىمۇ ،كۈلسىمۇ بولىدىغان ،دەرت تۆكسىمۇ جىمجىت تۇرۇپ ئانچۇمۇنچە سۇنىڭ شاۋقۇنى بىلەن كىشىلەرگە تەسەللى بىرىدىغان .ئىشقىلىپ دەريا بويى ھەقىقەتەنمۇ بولىدىغان جاي ئىدى .شىۇڭلاشقا ئالمىرە ئۆيىگىمۇ بارماي،ئالدى بىلەن خۇشاللىقىنى مۇشۇ دەرياغا بىر تۆكەي دەپ كەلگەن ئىدى،ئانا دەريا دىگەن ئانا دەريا ،ئادەم بەزىدە ھېچنىمىگە تەڭ قىلمايدۇ.ئۇ خۇشاللىقىدا بىر ۋارقىراپ ئۆزىنى چەكسىز بەخىتلىك بىر تۇيغۇغا كەلتۈرەي دەپ ئويلىغان ئىدى.شۇنداق بىر كۈچەي دىيىشىگە ،يېقىندىكى دەريا بويىدىكى دەرەخ يېنىدا خۇددى ھاڭۋاقتىدەك بىر نەرسىگە قاراپ تۇرغان خۇرشىدەگە كۆزى چۈشۈپ قالدى.خۇرشىدە ئالمىرەلەرنىڭ تەڭتۇشى بولۇپ  خوشنىسىنىڭ قىزى ئىدى .ئۇنىڭ ئوقۇشى گەرچە ئالمىرەدەك بەك ياخشى ئەمەس بولسىمۇ ئاساسەن سىنىپتا خېلى ئالدىدا ئىدى.مۇئەللىم ئۇنى ياكى ماختىمايىتتى ياكى تەنقىد قىلمايتتى.ئۇ ئادەتتە كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدى ،كىچىكىدىن تارتىپ كىتابلا كۆرسە شۇنى ئوقۇپ تۈگەتمىسەھېچ ئىش قىلمايتتى،نۇرغۇن قېتىم باشقىلار بىركۈنلەپ ئىشلەپ تاپقان پۇللىرىغا كىيىم،يان تىلىفۇن ئالسا ئۇ يۈگرەپ بېرىپ كىتاب ئالاتتى.ھەتتا بەزى دەرىسلىك كىتابلىرىنىڭ ھىكايە ۋە قىززىقارلىق يەرلىرىنىمۇ كىتاب تارقىتىپ بولا بولماي پۈتۈنلەي ئوقۇپ بولاتتى.شۇڭا باشقىلار ئۇنى كىتاب خالتىسى دىمەي بىۋاستىلا كىتاب ساندۇقى دەيتتى.ئالمىرە خۇرشىدەنى بىر قورقىتىۋىتەي دەپ ئويلاپ ئاستا كەلدى-يۇ،ئۇنىڭ بىرنىمىلەرنى سىزىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى،ئۇنىڭ قورقۇپ سۇغا چۈشۈپ كىتىشىدىن ئەنسىرىدى.شۇڭا ئاستا پۇتىدىن ئاۋاز چىقىرىپ،خۇرشىدەگە يېقىنلاشتى.
__نىمىشقىلىۋاتىدۇ ،ماۋۇ كىتاب خالتىسى؟ئوماق ئولتۇرۇپ.__ئالمىرە  كەينىدىن بىر چاقچاق قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرەي دەپ ئويلىغان ئىدى.
__قارا ئاداش،بۈگۈن كەچ كەلكۈننىڭ بىشارىتى بار ،__دېدى ئۇبىر نەچچە كىچىك تاياقنى كۆرسىتىپ.
ــ نىمە بولدۇڭ بۈگۈن؟جۆيلۈپ قالمىغانسە ؟ ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە جۇمۇ .ــ دېدى ئالمىرە بىر خىل ئىشەنمىگەندەك.
ــ قارا ئاداش ،بۇ ياغاچقا ،مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغاندا بىر ئىسمى يوق كىتاب تېپىۋالغان ئىدىم .ئۇنىڭدا دىگىنىگە ئوخشاش ،بۇ تاياقلارنىڭ تەۋرەنگەن قېتىم سانى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە  ھە دەپ كۆوىيۋاتىدۇ .بۇ دىگەنلىك سۇنىڭ ئېقىشى تىزلەۋاتىدۇ دىگەن گەپ .يەنە قارا ،مەن بىر قانچە تاياقنى تىكلەپ بەلگە قىلدىم ،سۇنىڭ ئىگىزلىشى بىر مىنۇت پەسلەپ باقمىدى .مىنىڭچە بۇ كەلكۈن ھەرگىزمۇ بىرلا يوپۇرلۇپ كەلمەيدۇ .ئاستا-ئاستا كىلىدۇ .شۇنداق قىلىپ كىشىلەرنى باسۇرىدۇ .ــ دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى چىڭ تۈرۈپ بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك .
ــ ما كىچىك بالىنى ،مۇشۇ نىمەڭگە قاراپ كەلكۈن كىلىدۇ دەۋاتامسە؟بەك كىچىك جۇمۇ سەن .ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇساڭ بولمامدۇ؟ نەتىجەڭ بىرىنجى بولسا ئاتا-ئاناڭ نىمە دىسەڭ شۇنى ئېپ بىرىدۇ ،ياخشى يەيسەن ،ئىچىسەن .ھەممە سېنى ياخشى كۆرىدۇ .ــ ئۇ  پەخىرلىنىپ سۆزلەشكە كىرىشىپ كەتكەن ئىدى .
ــ بولدى قىلە ،سەن بۇ نادان كاللاڭ بىلەن ھېچنىمىنى بىلمەيدىكەنسە ،بىلىپ قوي ،پۇل ھەممىنى قىلالمايدۇ ،ئەقىل بولمىسا پۇلنىڭ ،پۇل تاپقاننىڭ ئەھمىيتى پەقەت راھەت ۋە گۇناھ تېپىش ئۈچۈن بولىدۇ ،سىنىڭ نەتىجەڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ ،كەلگۈسىدە ئەسقاتىدىغىنى ئىقتىدار ۋە بىلىم ،مەن ساڭا ئوخشاش نەتىجىگە قۇل ئەمەس .
ــ ماڭا تولا پەلسەپە سۆزلىمە،سەن ھەمىشە مۇشۇنداق  ،خۇشال كەلگەن كەيپىياتىمنى ئۇچۇرۋەتتىڭ .بىلىپ قوي ،كەلكۈن كەلسە رادىيودا ئۇختۇرىدۇ،كەنىت كومتىتى ئۇختۇرىدۇ .سىنىڭ مۇشۇ تۆت تال تايقىڭ نىمىگە ھىساب؟سىنى ھەممىسى ساراڭ دەيدۇ ،قاراپ تۇر .ــدېدى ئۇ چىڭراق ئاۋازدا ئۇنىڭدىن ئاچچىقىنى چىقارماقچى بولغاندەك قوشۇمىسىنى تۈرۈپ .
ــ پەرۋايىم پەلەك ،مەن بىكىتتىم ،ئېنىقلاشتۇردۇم ،بۇ كەلكۈن چوقۇم بۈگۈن كەچ كىلىدۇ .مەن ھەممەيلەنگە دەيمەن ــ دەۋېتىپ خۇرشىدە قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئويلىنىشتىن توختىمىغان ئىدى .
ــ ساراڭ بولما ،بۇنداق دىسەڭ ھېچكىم ساڭا ئىشەنمەيدۇ .
ــ مەن ئىشەنمەيدۇ دەپ پۈتۈن كەنىت خەلقىنىڭ سۇ بېسىپ ئۆلۈپ كىتىشىگە قاراپ تۇرامدىم ؟ماڭا ياردەم قىل ئالمىرە ،بىز بىرلىكتە دىسەك كەنىتتىكى كىشىلەر بالدۇرراق كۆچسە ياخشى بولمىسا ....ــ خۇرشىدە قالغان گەپنى يۈتىۋەتتى .
ــ ماڭە ،سەن مىنىمۇ سەن بىلەن تەڭ ساراڭ ئاتالسۇن دەمسە ؟ دىسەڭ ئۆزەڭ دە ،كەتتىم مەن .ــ دېدى-دە بۇرۇلۇپلا ماڭدى .
مۇشۇ تاپتا خۇرشىدەنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتاتتى ،مۇشۇ كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا ئاسىيدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى،ئۇ ئالمىرەنىڭ كەينىدىن چاقىرىشنىمۇ خالىمىدى .بىردەملىك ھاڭۋىقىشتىن كىيىن ئۇ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشاپ كەنىت باشلىقىنىڭ ئىشخانىسغا يول ئالدى .كۆڭلىدە كەلكۈننى ئويلىسىلا كۆڭلى بىر خىل ساراسىمىگە چۈشەتتى -دە،قەدەملىرىنى ئىتتىكلىتەتتى .ئۇنىڭ قەدەملىرىگە ئىلھام بېرىۋاتامدۇ ،ياكى ئالمىرەدەك ئۇنى «ساراڭ»دەپ تىللاۋاتامدۇ ،ئىشقىلىپ نۇرغۇن قۇشلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىناتتى  ،شامال تەرىپىدىن ئۇرۇلۇپ دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى  شىلدىرلايتتى .ئۇنىڭ بۇنىڭغا سەپ سالىدىغان ۋاقتى يوق ئىدى ،كەنت خەلقىنىڭ كەلكۈن ئىچىدە قىيا-چىيا قىلغىنىنى ئويلىسا تىنى شۈركىنەتتى .
  ئۇ كەنىت باشلىقى ئىشخانىسىغا ئاخىرى كەلدى ،تەلىيىگە كەنىت باشلىقى بارئىدى .ئۇ ئىشىكنىمۇ قاقماستىنلا يۈگرەپ كىردى-دە ،
ــ قادىركا ،سىزگە دەيدىغان موھىم ئىش بار ئىدى ،ــدېدى .
      كەنىت باشلىقى بەكمۇ قوپال ،ئالدىراپ دىھقانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان ،يۇقىرغا قۇرۇق «ئۇ ئۆستى»، «بۇ ئۆستى»،« كىرىم ئۆستى»،دەپ رەھبەر كەلسە ھىجىيىپ ،«ئۆستى»دىگەن دەپتەر بىلەن يۇقىردىن مۇكاپات ئالىدىغان ،دىھقانلارغا قالايمىقان ھاشار ،ئەمگەك ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بەزى پۇلى بار لوبەنلەرگە دىھقانلارنى تۇتۇپ بېرىپ قېننى شۇرايدىغان يالماۋۇزدىنمۇ ئۆتە بەدبەخ ئىدى .دىھقانلار ئەرىز قىلىپمۇ باقتى ،لىكىن مۇشۇ ئارقا يول دىگەن قالتىس نىمىكەن ،ئاق بولسا ،ئارقا ئىشىكتىن بىر ئۆتۈپلا قارا بولىدىكەن ،ئۇ مۇشۇ يول بىلەن بىر باھانە ئارقىلىق يەنە مۇشۇ كەنىتكە باشلىق بولۇپ كىلەتتى .ئۇ مۇشۇ تاپتا يەنە دىھقانلارنىڭ ئەھۋالىنى نىمە دەپ يالغان دوكىلات قىلسام بولا ؟دەپ باش قاتۇرۇپ ئولتۇراتتى .خۇرشىدەنىڭ كىلىشى ئۇنىڭ دىققىتىنى بۆلدى .ئۇخۇرشىدەنى كۆرۈپ شۇنداق غەزەپ بىلەن قارىدىكى ،خۇرشىدە قورقۇپ كەينىگە داجىپ كەتتى .
ــ ماڭە ۋەي شۇم ،داداڭ كەلسىمۇ ۋاقتىم يوق مىنىڭ ھازىر ،بىلەمسە ،سىنىڭدەك پوق لاتىللىرنى ئېيتالماي يۈرگەن شۇملاردىن نەچچىسى بار بۇ كەنىتتە ؟
ھەممىسى موھىم ئىشىم بار دىسە ئومومنىڭ ئىشىنى كىم قىلىدۇ .يوقىلە ماڭ!
      بۇرۇنقى ۋاقىتلىرى بولغان بولسا  پاڭڭىدە يىغلىۋىتەتتى ،لىكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭغا نەدىن كەلگەن غەيرەتكىن ،دەرھال ئۆزىنى تۈزەشتۈردى -دە ،
ــ بۇ ھەممىمىزنىڭ ھاياتىغا بېرىپ تاقىشىدۇ ،بىزنىڭ كەنىت ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىدا ،ئەگەر كەلكۈن كېپ قالسا ياغاچ كۆرۈكلەر بۇزۇلۇپ ،بىز بىكىنىپ قېلىپ چوڭراق كەلكۈن پۈتۈن كەنىتنى يالماپ كىتىدۇ ،ئۇچاغدا سىزمۇ ساق قالمايسىز ،باللىرىڭىز ،ئۆيىڭىزمۇ شۇ .ــ ئۇ كەسكىن تەلەپپۇزدا دېدى.
كەنىت باشلىقى خاتىرسىگە بىر قارىۋىتىپ ،
ــ كىم ساڭا كەلكۈن كىلىدىكەن دېدى ؟ــ دەپ سورىدى ،
ــ مەن ئۆزەم ،تاياقلارنى .........
قوپۇپلا «پاڭ» قىلىپ تەگكەن تەستەك بىلەن خۇرشىدەنىڭ كۆزلىرىدە ئوت چاقناپ،يىقىلىپ چۈشتى ،كەنىت باشلىقى ئۇنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىشىك ئالدىغا ئەپ چىقىپ تاشلىۋىتىپ ،«ساراڭ شۇم» دىگىنىچە ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ كىرىپ كەتتى .
       ئەي بىچارە قىز ،نىمىمۇ قىلاتتىڭ ھە ! ئۇ شۇنداق خورلىق ھىس قىلدى ،يىغلىدى ،لىكىن ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزىدىغان بىرمۇ كىشى كۆرۈنمەيتتى .ئۇنىڭ شۇ پاك قەلبىگە مۇشۇ شاپىلاق قاتتق بىر ئىز قالدۇرۇپ قويغان ئىدى ،ئۇ ئۆزىنى دۇنيادا شۇنداق يالغۇز ھىس قىلىشقا باشلىدى ،ئۇنىڭ مۇشۇ شاپىلاق زەربىسىدىن بىرەر ھەپتە يېتىپ قېلىشى ئېنىق ئىدى .ئۇ ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كەلدى ،ئەسلىدە ئۇ بايا نىمە ئىش بولغىنىنى ئەمدى بىلگەن ئىدى ،بايقى يۇلتۇلار يوقاپ كۆزى ئەتىراپى يورۇپ قوياش كۆرۈندى .ئۇ ئۆزىنى تاشلاپ بىر يىغلىغۇسى كەلدى-يۇ،پۈتۈن كەنىتتىكىلەرنىڭ كەلكۈن سۇلىرى ئىچىدە ۋارقىراپ يىغلىغان ،چىرقىرغان ئاۋازلىرى قۇلاق تۈۋىدە جىرىڭلاشقا باشلىدى .«ياق» دېدى ئۇ كەسكىنلا ،دەس ئورنىدىن تۇردى-دە ،مەھەللىلەردە ئەڭ گېپى ئۆتىدىغان ئىمامنىڭ قېشىغا بېرىپ ھال قىلماقچى بولدى.
ــكىمۇ ؟!
ــ مەن ،سىيىت ئاخۇننىڭ قىزى خۇرشىدەم .
ــ نىمە گەپ بار ئىدى؟
ــموھىم گەپ بار ئىدى.
       ئىمام ئاخۇنۇم ئاستا ياغاچ دەرۋازىسنىڭ سىرتىدىكى زەنجىرىنى بىرنەچچە قېتىم غىچىڭلاتقاندىن كىيىن ،ئاران دىگۈدەك ئىشىكنى ئاچتى .
ــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئىمام ئاخۇن ئاكا ،سىزنى ئىزدەپ بىر ئىشىم بار ئىدى .ــ ئۇ شۇنداق ئەدەب بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ،يول مېڭىپ ھارغىنىنى يوشۇرۇپ ،بېشىنى ئىگىپ چىرايلىق سالام بەردى .
ــ ۋە ئەلەيكۇم ،نىمە ئىش ؟
ئۇ بارلىق ئىشلارنى بىر سۆزلەپ چىقتى .
        ئۇ يەنە يىغلاشقا تەمشەلدى ،ئىمامنىڭ «قىزىم، سىنى ئاتا-ئاناڭ قۇيۇندا قالدى دىمىگەن ،نىمە بولدۇڭ ،بۇ ئىشنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ ،قالايمىقان گەپ قىلماي ۋاقتىدا كىتىۋال» دىگەن گەپلىرى ،كەنىت باشلىقى دىگەن ئەبلەخنىڭ بۇ بىر قىز بالىكەن دىمەي قول تەككۈزۈشى ،ئالمىرەنىڭ تاشلاپ كىتىشى ،بۇلارنىڭ ھەرقانداق بىرى ئادەتتە بولسا خۇرشىدەنىڭ يىغلاپ بىرەر ھەپتە يېتىشىغا يىتىپ ئاشاتتى ،لىكىن ئۇ يەنە شۇنداق بىر كۈچ بىلەن مېڭۋاتاتتى .
ئۇنىڭ مەزىن ،تۇغقانلىرى ،ئىشقىلىپ ھەممىسىدىن ئالغان جاۋابى يەنە شۇ «ساراڭ قىز »بولدى .بىردەمدە كەچ بولدى ،ئۇنىڭ ھېسابلىشى بويىچە دەريابويىدىكى سۇ ئۆرلەۋاتاتتى ،ئۇ كۆز ياشلىرىنى سۈرۈتۈپ ،دەريا بويغا بېرىپ غۇۋا كىچىدە تۇتۇق كۆرۈنۈپ  تۇرغان رەتلىك  ياغاچلىرىغا قاراپ ھەيران قالدى ،ئۇنىڭ ھىسابلىغىنى توپتۇغرا ئىدى.ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى دە ئىشنى ئۆزىگە ئەڭ ئىشىنىدىغان ئاتا-ئانىسىدىن باشلاشنى قارار قىلدى .   
    ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ ،ئاكىسى بىر تەرەپتىن ئىشىكنى ياپتى ،دادىسى دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن قوپاللارچە تارتىپلا ،بىر ئۆيگە سۆرەپ ماڭدى ،ئۇ بۇندىن بۇرۇن ئەزەلدىن داداسىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق قوپاللىق قىلغىنىنى كۆرمىگەن ئىدى .ئۇ ئاڭقىرىپ بولغۇچە ئۇ بىر ئۆيگە سولىنىپ ،ئىشىك سىرتىدىن قۇلۇپلاندى .خۇرشىدە ۋارقىېرىدى ، قىلغان ھېچقانداق گېپى ئۇلارغا تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،ئاكىسى بىلەن دادىسى ،
ــ بۇنى ئەتە دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى ،بىچارە ،ــدەۋاتاتتى
ــئاكا،دادا،مەن ساق ،جېنىم ئانا ماڭا ئىشىنىڭلار ،مەن ساق ــ شۇنچە كۈچەپ ۋارقىراشلارمۇ ئۇلارنى تەسىرلەندۈرەلمىدى .
        ئۇنىڭ پەرىزىچە يېرىم كىچە سائەت تۆت بىلەن كەنىت سۇ ئاستىدا قالاتتى . ھازىر سائەت ئوندىن ئاشتى ،ئانىسى ئۈنسېلىپ يىغلاشتىن ئاران توختىدى .ئۇنىڭ كۆزى ئۇيقۇغا تەمشىلىۋىدى،ئۆزىنى بىر كاچات سېلىپ ئويغاتتى .ئۆي سوغۇق ئىدى ،ئۇ ئۆيدىكىلەر بەرگەن يوتقاننى يېپىنۋالسا ئۇخلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدى .يەنە كۆز ئالدىغا يەنە شۇ كەنىتتىكىلەرنىڭ كەلكۈن ئىچىدىكى بىچارە قىياپىتى كەلدى-دە ،ئورنىدىن دەس تۇردى.
ئۇيەر بۇ يەردىن سىيلاپ يۈرۈپ ،ئۇ ئاخىرى بىر كچىك سىم تاپتى ،شۇنىڭ بىلەن دېرىزە ئەينىكىنىڭ بىر قىرىغا سالدى دە ،بىر تارتىپلا ئەينەكنى چاقتى ،قولىنى دېرىزە سىرتىدىن ئىشىپ بېشىنىڭ پىرامۇكىغا ئاپىرىپ ئاچتى-دە،تەييارلاپ قويغان كىيىم تىكىش ماشىنىسى ،يوتقان دىگەنلەرنى ئېلىپ بىر يۇلقۇنۇپلا پۇرامۇكتىن چىقتى ،قولى قاناپ كەتكەن ئىدى ،ئاستا چۈشكەندىن كىيىن ،دەرۋازا تەرەپكە ماڭدى .ئۆيدىن تىلۋىزورنىڭ چوڭ ئاۋازى ياڭرايتتى .
ــ قاسىمكا!!! ئىشىكنى ئېچىڭ مەن خۇرشىدەم ،كەلكۈن كەلدى ،بۇ راست ،يالغان بولسا دەرياغا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار !!!
ــمامۇتكا!!.........
ــ ئەمەتكا!!!........
    ئوخشاش گەپلەرنى تەكرارلاۋەردى ،ھاردى ،چارچىدى ،لىكىن بىرەر كىشى بۇ سۆزنى ئاڭلىمىدى . ئۇ قاسىم ئىسىملىىك تاغىسىنىڭ دەرۋازىسىنى يەنە قايتا-قايتا قاقتى .قاسىمكا دىگەن ئادەم خۇرشىدەنىڭ دادىسىنىڭ ئاكىسى بولۇپ بىر ئىش خېلى ئاسان كاللىسىدىن ئۆتەتتى.ئاقىللىق ،زىرەك كىشى ئىدى .خۇرشىدەنىمۇ ياخشى كۆرەتتى .
ئىشىك «غىچ»قىلىپ قاسىمكام چىقىپ كەلدى ،خۇرشىدە ھالسىزلىنىپ  دەرۋازىنىڭ تېمىغا يۆلىنىپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ دەرھال ئۆيگە ئەكىرىپ ،سۇ بەردى .خۇرشدە نىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بۇ غەيرىتى ۋە ئەقىگە قايىل بولاي ،دېدى -يۇ ،ئۆزى كۆزى بىلەن بېرىپ كۆرمەكچى بولۇپ چىقىپ كەتتى.
ــچاتاق بولدى،خۇرشىدە ئاپئاق بالام .سەن نىمىدىگەن ئەقىللىق ،خوتۇن ،بالىلارنى چاقىر ،كەلكۈن كەپتۇ ،تېز تېز !!!ــ بۇ ئاۋاز بىلەن ئۆي پاتپاراق بولۇپ كەتتى .بىردەمدە بىرمۇنچە كىشى قاسىمكامنىڭ ۋارقىرشى بىلەن دەريا بويىغا بېرىپ ۋارقىراپ قايتىپ كىلىشتى .خۇرشىدەنىڭ دىگىنىدەك ،بۇ ئارالغا ئوخشايدىغان كەنىتنى ئىككى دەريا قوينىغا ئېلىپ تۇراتتى .كۆرۈكلەر ئاللىبۇرۇن سۇ تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كەتكەن ئىدى .پۈتۈن كەنىتتە يىغا زارا كۆتۈرۈلدى .كەنتنىڭ لاباسىدا پۈتۈن كەنىت كىشىلىرىگە ئۇختۇرۇش قىلىندى .ھەممەيلەن پەقەت ئۆزىنىڭ جېننى قانداق ساقلاش بىلەن يىغا زارىغا تولدى .
ــ بالام  خۇرشىدەم سىزنىڭ بىرەر ياخشى چارىڭىز بارمۇ ؟ــ قاسىمكام دەرھال سورىدى .
ــ بار بولشىغۇ بار ....
بىرمۇنچە خەق مەسچىت ئالدىدا ساراسىمىگە چۈشكەن ھالدا ،خۇددى قۇشخانىغا كىرىپ ،چىقىپ كىتىشكە كۆزى يەتمىگەن كالىدەك ،بىر -بىرىگە قارىشىپ تۇراتتى ،بايقى ھەممە مەھەللىگە «ساراڭ قىز »دەپ نامى كەتكەن قىز ئەمدى پەرىشتىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىغان ئىدى .دىمىسىمۇ سۇ بارغانسىرى ئۇلغىيۋاتاتتى .
ــ دە ڭە پەرىشتە ،ئەقىللىق قىزىم ،سىز نىمە دىسىڭىز بىز قىلىمىز .
ــ بىزنىڭ ئورمانلىق بار ،ئۆمۈچۈك تورىنى كۆرگەنمۇ سىلەر ؟شۇنىڭغا ئوخشاش ئارغامچىنى  باغلاپ ئۈستىگە شوتا ياغاچلارنى قويساق تېخىمۇ كۆپ ئادەم قۇتۇلۇپ قالىدۇ .ــدېدى ئۇ ئالدىن ئويلاپ قويغان بۇ ئامالىنى ۋارقىراپ توۋلاپ .
ھەممەيلەن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە ئىشقا ئاتلاندى ،ھە -ھۇ دىيىشىپ ،بىردەمدە بىر ئورمانلىققا ئارغامچىلاردا «تور»تارتىلدى .ئۈستىگە ياغاچلار قويۇلدى ،كەنىتتىكى كىشىلەر  ئاران سىغدى .ئۇلار شۇنداق قارىشىپ تۇراتتى .بەزىلەر يىغلايتتى ،بەزىلەر «ئاللاھقا شۈكرى »دىيشەتتى .بۇ مۇداپىئە تورى ھەرخىل ئاۋازلار بىلەن تولغان ئىدى ،ئاستا -ئاستا سۇ ئۇلغايدى ،بىرەيلەن تۇيۇقسىز
ــ قاراڭلار ،كەنت باشلىغى ،ئاۋۇ ئۆگزىدىكەن ،ئا ئوغرى نىمىش قىلىغاندۇ بىز شۇنداق تاراقشتىۋەتسەك ،خوتۇن باللىرىمۇ باركەن تېخى .ــدەپ ۋارقىرىدى.
ــ غاپلەت ئۇيقۇسى دىگەن شۇ ئۇكام ،ــ دەپ ئۇ ھسىندى قاسىمكام .
ئۇلار كەنت باشلىغى ۋە بىر قانچە غەپلەت ئۇيقۇسىدا قالغانلارنى كەلكۈن سۈيىنىڭ يالماپ كاتكانلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى .خۇرشىدە يەنىلا كۆزلىرىگە ياش ئالدى .ئۆزىنى ئۇرغان بولسىمۇ ،لكىن يېقىن بولسا يەنىلا كەنىت باشلىغى ۋە شۇ كىشىلەرنى قولىنى سوزۇپ  قۇتۇلدۇرۋالغۇسى بار ئىدى .
   بىر كىچە ئاي يوغان كۆزلىرىنى پارقىرتىپ ھەممىنى كۆرۈپ تۇردى ،لىكىن بىېرنىمە دىمىدى ،بەلكىم ئايمۇ بۇنداق كىچىدە تۈمەنمىڭ پاجىئەلەرنى كۆرۈپ يىغلاۋىرىپ يېشى قالمىغاندۇ ،ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلۇغ-دە ، ياخشى كۈن بىلەن ئاينى ئالمىسشىدىغان قىلىپ يارتىپتۇ ،ئەگەر ھەممە ئىشنى ئايلا كۆرگەن بولسا چوقۇم ئاي تەبئىي ئاپەت ئەمەس بەلكى  ئىنسانلار ئارسىدىكى مەنپەئەت ئۈچۈن قىلىنغان شۇ قىرغىنچىلىق ۋە پاجىئەلەر گە چىدىماي ،ئۆزىنى يەرگە ئاتقان بولسا راسا توياتتۇق-دە شۇ نەپسى يامانلىق قىلغانغا .
شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ كەنىت تۈزلىنىپ كىتىپۇ .ھۆكىمەتتىن ياردەم قىلىپ ،ھەممە كىشىنىڭ ئۆي تۇرالغۇلىرىنى مىنىڭ ھېلىقى تۇغقىنىم بار يەرگە يۆتكەپ ،تەمىنات بېرىپتۇ .ھەممە خەق ھېلقى قىزنىڭ رەسىمىنى ئېسىپتۇ ،ئۇ نۇرغۇن ئوردۇن ،مۇكاپاتلارنى ئاپتۇ ،ھەمدە ئۇنڭغا نۇرغۇن پۇل بېرىپتۇ،خۇرشىدەنىڭ تەلىپى بىلەن ئۇ پۇللارنى بىر قىسمىنى سەرىپ قىلىپ ھەر قايسى كەنىتلەردە كۈتۈپخانا ئېچىپ بېرىپتۇ  .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى خۇرشىدەنىڭ ئوقۇشىنى ئويلاپ تۈركىيەگە كۆچۈپ كىتىپتۇ .
يىنىكلەپ قەلدىم .بۇ نىمە ئۈچۈنلەرنى ئاخىرى يەشتىم .
ــ نىيازكا ،سىزدە بۇ قىزنىڭ ئارتۇق رەسىمى بارمۇ ؟ــدەپ سورىدىم ئىختىيارسىز .
ئۇ ئىچكىرى ئۆيگە كىرىپ كىتىپ ،ئالقاندەك بىر پارچە رەسىمنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ماڭا سۇندى .
ــ بۇنى ماڭا سوۋغا قىلامسىز ؟
ــ بولىدۇ بالام ،مۇشۇ قىز سىنىڭ ئۈلگەڭ بولسۇن ،ياخشى ئوقۇغىن.
ئاخىرقى سۆز
مەن خاتىرەمنىڭ ئەڭ بېشىدىكى بىر ۋاراققا ئۇ رەسىمنى چاپلاپ .ئاستىغا «ساراڭ قىز» دەپ يېزىپ قويدۇم .ئۇنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلىشقا نىيەت باغلىدىم.

2013.04.05   


باغداشتا تېما ئاز بولسا بولسۇن، ساز  بولسۇن ، خەلق رازى بولسۇن !
uyghuray

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

13

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 608
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2113
توردىكى ۋاقتى: 826
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-25
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 19:32:45 |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

0

دوست

452

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26276
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-15
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-28 20:27:45 |ئايرىم كۆرۈش
بارىكاللا ! ئوبدان يېزىپسىز قىرىندىشىم .
  
قەلىمىڭىزنىڭ رىڭې تۈگەپ قالمىسۇن.

2

تېما

15

دوست

5852

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   17.04%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1794
توردىكى ۋاقتى: 415
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-14
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 00:21:17 |ئايرىم كۆرۈش
ھىكايىڭىز بەكمۇ ياخشى يىزىلىپتۇ،قەلمىڭىز ھارمىغاي.
uyghuray

7

تېما

12

دوست

2131

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 638
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-6-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 10:08:14 |ئايرىم كۆرۈش
ھارمغايسىز

0

تېما

0

دوست

521

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   4.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24714
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 160
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-4
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 18:30:31 |ئايرىم كۆرۈش
ھارمىغايسىز

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

6

تېما

5

دوست

4345

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 1366
توردىكى ۋاقتى: 397
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 20:41:57 |ئايرىم كۆرۈش

0

تېما

3

دوست

1333

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 380
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-18
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 01:27:45 |ئايرىم كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )