- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 649
- نادىر
- 0
- يازما
- 31
ئۆسۈش
29.8%
|
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 19:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز قېرىنداشلار
مەن بۇ تىمىنى كۈرۈپ بەك ئاچچىغىم كىلىۋاتىدۇ، ‹ئۆلۈپ تىرىلىش› ئۆلۈش مۇقەررەرلېكىن شۇ كىشى يەنە تىرىلىشى ئەسلە مۇمكىن ئەمەسقۇ ....
بۇنى بىلىپ تۇرۇپ پالانى يەردە ئۇنداقق مۇنداق دىگەن خەۋەرگە ئاساسلىنىپلا خۇددى راس بولغاندەك يېزىپ كىتىسىلەر،
بۇ نداق ئىش دىندىمۇ پەندىمۇ تېخى بولۇپ باقمىغان .
مۆھتىرەم : مۇشۇنداق پىسپاس تىمىلارنى تەستىقلاشتىن بۇرۇن چىنلىغىنى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇنلىغىنى نەزەرگە ئېلىپ تەستىقلىغان بولساڭلار.. ئەتە قوپۇپ بىرسى تاشقى پىلانىتتىن كەلگەنلەر بىلەن چۈشكەن رىسىملىرىمنى يوللىشى مۇمكىن
ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام جاھېل بۇرادەر ! يۇقارقى تېمىدا نېمە دېيىلگەن بولسا بولسۇن سىزنىڭ يۇقارقى ئېنكاسىڭىزغا سۆز قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم !
ئېنكاسىڭىزدا بۇنداق ئىش دىندىمۇ پەندىمۇ بولۇپ باقمىغان دەپتىكەنسىز ! تۆۋەندىكى قۇرلارغا دېققەت قىغايسىز!
(سىلەرگە مۇسا ئارقىلىق) دېدۇقكى، كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۆلۈكنى ئۇرۇڭلار (ئۇ تىرىلىپ قاتىلنى ئېيتىپ بېرىدۇ)، اﷲ ئۆلۈكلەرنى شۇنداق (يەنى كۆز ئالدىڭلاردا بۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەندەك) تىرىلدۈرىدۇ، سىلەرنى چۈشەنسۇن دپ قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىنى سىلەرگە كۆرسىتىدۇ سۈتە بەقەرە 73 -ئايەت
ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «اﷲ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. اﷲ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. اﷲ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. اﷲ: «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار چاپسان كېلىدۇ». بىلگىنكى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر سۈرە بەقەرە259-260-ئايەت سىز ۋە مەن ئېمان كەلتۈرگەن ئاللاھنىڭ كالامى بولغان قۇرئاندا بۇنداق دەلىللەر نۇرغۇن مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ بارلىقىغا قۇدرەتلىك ئىكەلىكىگە ئىشەنگەن ئەمما قۇدرىتىنى بىلىشتە ئەقىلنى ئۆزىگە ھاكىم قىلىۋالغان ! ئاللاھ يۇقارقىدەك مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇلار جاھىللىق قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلغان يەنى بۇ سېھىر دەپ تۇرىۋالغان ئۇلارنىڭ جاھىللىقى سىزنىڭ جاھىللىقىڭىزغا ئوخشىمايدۇ ..................داۋامىنى كېيىن يازاي
|
|