سۈنزىنىڭ ھەربى تەدبىرلىرى بىلەن سودا جېڭىنىڭ تەدبىرلىرى
(كامرانبەگ يوللانمىسى)
ھەممە تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سالماسلىق كېرەكمۇ ؟
19-ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئامرىكىنىڭ تۆمۈر يوللىرى يەنىلا «تۆمۈر»لىك دەۋىردە تۇرغانىدى ،مەيلى كۆۋرۈك ياكى تۆمۈر يول بولسۇن ،ھەممىسىلا تۆمۈردىن ياسىلاتتى .تۆمۈر يول ۋە كۆۋرۈك ھادىسلىرى پات-پات يۈز بېرىپ تۇراتتى .تۆمۈر يول ئىدارىسىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كارنېگيې بۇنىڭ ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاللىقاچانلا سەزگەنىدى . بىر كۈنى كارنېگيې گېزىتتىن ياۋروپالىقلارنىڭ پولات تاۋلاش ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلاغانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ،شۇ ھامانلا بۇنىڭ تۆمۈر دەۋرىنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ، بۇ ئىشقا كىم بالدۇر تۇتۇش قىلسا ، شۇنىڭ ئىستىقبالى چەكسىز بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى .ئەمما ئۇ ئىقتىسادى كۈچنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، بۇ ئىشنى دەررۇ ئىنىسى بىلەن مەسلىھەتلەشتى ھەمدە ئۆزىنىڭ بارلىق مەبلىغىنى چىقىرىپ پولات زاۋۇتى قۇرۇشنى ،يەنى كېلىپ ناھايىتى جىق پۇل ئۆتنە ئېلىشنى ئېيىتتى. كارنېگېينىڭ ئىنىسى سەل ئىككىلىنىپ:«بۇنداق قىلىش بەك تەۋەككۈلچىلىك بولىدۇ ،ھەممە تۇخۇمنى بىرلام سىۋەتكە سېلىپ قويساق بولماس»دېدى .كارنېگېي :« كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ ،پولاتنىڭ تۆمۈرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقى مۇقەرەر ،بۇنىڭغا ئاۋال قول سالغانلار ئۈستۈنلۈكنى ئالىدۇ .ئۇبىزنىڭ زوردوغا چىقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ»دېدى. پۇرسەتنى دەل مۆلچەرلەش ،بارلىق دەسمايىنى سېلىپ تەرەققى قىلىش كارنېگيېنىڭ بىر ئەۋلاد «پولات تۆمۈر پادىشاھى»بولۇپ قېلىشىدىكى سىر .خۇددى سۈنزى ئېيىتقاندەك :«دۈشمەننى مۆلچەرلىۋېلىپ يېڭىش ،يىراق يېقىندىكى خەتەرنى ھېساپقا ئېلىش ئالىي سانغۇننىڭ يولىدۇر».بۇنىڭ مەنىسى:«رەھبەرلەر توغرا ھۆكۈم چىقىرىپ،چوڭ ئىشلارنى ۋە ھالقىلىق پەيىتنى ئىگىلىۋالسا ئاندىن غالىپ كېلۇر»
«6»نىڭ سىرى
چارلىس شىۋاپ ئامرىكىلىق داڭلىق كارخانىچى ئىكەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ ئىشچىلىرى ھەمىشە بەلگىلەنگەن خىزمەت نىشانىغا يىتەلمەيدىكەن .بۇنىڭ ئۈچۈن شىۋاپ زاۋۇت باشلىقىنى بىر نەچچە نۆۋەت يۆتكەپتۇ ،ئەمما بۇنىڭ ئۈنۈمى بولماپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇئىشنى شەخسى ئۆزى ھەل قىلماقچى بوپتۇ . ئۇ زاۋۇتقا كەلگەندە كۈندۈزلۈك ئىسمىنىدىكى ئىشچىلار ئىشتىن چۈشۈپ ،كىچىلىك ئىسمىانىڭ ئىشچىلىرى ئىسمىنا ئۆتكۈزۋالىدىغان ۋاقىتقا توغرا كەپتۇ . شىۋاپ بىر ئىشچىدىن : -سىلەر بۈگۈن زادى نەچچە ئوچاق پولات تاۋلىىدىڭلا ؟-دەپ سوراپتۇ. -6ئوچاق ،دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئىشچى . شىۋاپ ھېچنىمە دېمەي ،دوسكىغا «6» دېگەن خەتنى يېزىپ قويۇپ ،زاۋۇتنى بىرە قۇر كۆزدىن كەچۈرۋەتكەندىن كېيىن كېيىن قايتىپ كېتىپتۇ. كىچىلىك ئىسمىنىدىكى ئىشچىلار ئىشقا چىقىپ ،دوسكىدا «6» دىگەن خەتنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ-دە،ناھايىتى ئەجەپلىنىپ ئوپۇل- توپۇللا دەرۋازىۋەندىن بۇنىڭ نىمە ئىشلىقىنى سوراپتۇ .دەرۋازىۋەن ئەينەن ئەھۋالنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. كۈندۈزلۈك ئىسمىنىدىكى ئىشچىلار ئەتىسى ئىشقا چىققاندا دوسكىدىكى «6» دىگەن خەتنىڭ «7» گە ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇلار بۇنىڭغا چىدىماپتۇ،شۇ كۈنى ئىسمىنىغا ئاملاشقاندا دوسكىدا غايەت زور «10»دىگەن خەت پەيدا بوپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئىككى ئىسمىنىدىكى ئىشچىلار رىقابەتلىشىپ قاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ئۈنۈمى تۆۋەن بوغان بۇ زاۋۇت ناھايىتى تېزلا باشقا زاۋۇتلاردىن ئېشىپ كېتىپتۇ . سۈزى :«غەزەپلەنگەن كىشىنىڭ قىچىشقان يېرىنى تاتلاڭ » دىگەنىكەن ،مانا بۇ دەيدەيگە سېلىش ئۇسۇلى ،ئۇكىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى ئىززەت -ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەسلىكتەك رىقابەت ئېڭىنى قوزغىغان .
قىزغىنلىق بىلەن ئىشەنچنىڭ كۈچى
ئامرىكىدىكى بىر ماشىنا سودىگىرى سودا سېتىقچىلىق خادىمى تەكلىپ قىلماقچى بوپتۇ .ئىمتىھان بەرگىلى كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدە سالا سۈپەتلىك ،ئالىي ئەلۇماتلىق نۇرغۇن كىشى بار ئىكەن . ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇچىسىغا ماتا چاپان ،پۇتىغا كىناپ چوخەي بىر ئۇزۇنتۇرا بار ئىكەن ،جىم دىگەن بۇ كىشىنىڭ تەققى -تۇرقى ۋە كەچۈرمىشى سودا سېتىقچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدىغانلىقنى ئىسپاتلىيالمايدىكەن . ئەمما ،جىم قۇبۇل قىلىنىپتۇ . ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ كۆرگەزمىخانىدىكى ماشىنىلانى كۆرۈشى بىلەنلا : -راستىمنى ئېيىتسام ،بۇ چىرايلىق ماشىنىلارنى كۆرۈپ ،ئىچ ئىچىمدىن ئۇلارنى سېتىۋەتكىم كېلىۋاتىدۇ -دەپ توۋلاپ كېتىپتۇ . ئۇنىڭ قىزغىنلىقى دېققەتكە سازاۋەر بوپتۇ .يەنى كېلىپ ئۇ كۆپنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي ،ئامرىكىدىكى داڭلىق ماشىنا سېتىش پادىشاھى بولۇپ قاپتۇ . تەجىربىنى توپلىغىلى بولىدۇ ،ماھارەتنىمۇ ئىشلىگەچ ئۈگىنىۋالغىلى بولىدۇ، ئەمما كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە قەتتى ئىشەنچ سودا سېتىقچىىلىق خادىمىنىڭ ئەڭ قىممەتلەك ساپاسى ،سۈنزىنىڭ ئادەمنى تاللاپ ھوقوق بەر دىگەن سۆزىدە رەھبەرلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئەسكەر تاللىشى كۆزدە تۇتۇلغان .
ئىشچى خىزمەتچىلەرنى بالىسىدەك كۆرۈش
ياپونىيە سەندولى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى داۋجىن شىنجىلاڭنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر «ئاتا» دەپ ئاتىشىدىكەن .بۇ باش مۇدىر قول ئاستىدىكىلەرگە ناھايىتى قاتتىق تەلەپ قويىدىكەن ،قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭدىن تولىمۇ ئەيمىنىدىكەن ،ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە قول ئاستىدىكىلەرگە بەكلا كۆيۈنىدىكەن .
بىر قېتىم داۋجىن پىركازچىكلىرىنىڭ:«ئۆيدە چۇسا بار ئىكەن ،كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىدۇق »دىيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قاپتۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېرىم كېچىدە دۇكاندىكى پىكازچىكلار ئۇخلاپ بولغاندىن كېيىن شامنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە جىمجىتلا كىرىپتۇ -دە،تۈۋرۈكلەرنىڭ يېرىقلىرى ۋە ئىشكاپنىڭ بوش يەرلىرىدىن چۇسا تۇتقىلى تۇرۇپتۇ . يەنە بىر قېتىم شىركەتتىكى بىر خىزمەتچىنىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندا ،ئۇخىزمەتداشلىرىنى باشلاپ پەتىگە بېرىپتۇ، شەخسەن ئۆزى تىزىملاش ئورنىدا تۇرۇپ ،پەتىلەپ كەلگۈچىلەرگە بىر بىرلەپ باش ئۆرۈپ چىقىپتۇ .كېيىنچىرەك بۇ پىركازچىك مۇنداق دەپتۇ :«شۇ چاغدا مەن قاتتىق تەسىرلەندىم ،شۇندىن تارتىپ خوجايىن ئۈچۈن جېنىم كەتسىمۇ ئايانمايمەن،دېگەن ئىرادىگە كەلدىم .» بۇ دەل سۈنزىنىڭ «ئەسكەرلىرىڭنى ئارزۇلۇق ئوغلۇڭدەك كۆرسەڭ ،ئۇلارمۇ ساڭا جېنىنى پىدا قىلىدۇ»دېگەن سۆزىنىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇمامدۇ؟
مەنبە :ئەدەبىي تەرجىمىلەر
|