قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 809|ئىنكاس: 7

ئەركيار:نېمىس مۇتەپەككۇرى ئىممانۇئىل كانت ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 20:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىس مۇتەپەككۇرى ئىممانۇئىل كانت ھەققىدە
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


ئىممانۇئىل كانت1724-يىلىدىن1804-يىلىغىچە ياشىغان نېمىس پەيلاسوپى،گىرمانىيە كىلاسسىك پەلسەپىسىنىڭ يولباشچىسى.ئۇنىڭ تەلىماتلىرى كىيىنكى پەلسەپىگە چۇڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ گىرمان ئىدىئالىزمى ۋە كانتىزمىنىڭ نۇرغۇن ئېقىملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
كانت ھۈنەرۋەن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئائىلىدە توققۇز پەرزەنتنىڭ تۆتىنچىسى ئىدى.بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە كېسەلچان ئىدى.1745-يىلى كيۇنىگسبېرگ ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكولتىتىنى تاماملىغان.1775-يىلىدىن 1797-يىلىغىچە شۇ يەردە مېتافىزىكا،مەنتىق،ئەخلاق  پەلسەپىسى،فىزىكا،گېئومىتىرىيەدىن دەرس بەرگەن.ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بويتاق ياشىغان.
كانت ئاقارتىش ھەركىتى دەۋرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاساسلىق پەيلاسوپ،شۇنداقلا گىرمان ئىدىئولوگىيسىنىڭ ۋەكىلى. ئۇدىكارتنىڭ ئەقلىيەتچىلىكىنى ۋە فىرانىس بىكوننىڭ تەجرىبىچىلىكىنى ئۆزتەلىماتلىرى ئارقىلىق تەڭشىگەچكە،ياۋرۇپادا مۇھىم تەسىرگە ئىگە مۇتەپەككۇر دەپ قارىلىدۇ.
ئۇ«ئاسماننىڭ ئۇمۇمىي تەبئىي تارىخى ۋە نەزەرىيسى»(1755-يىلى)،«مەنتىق»(1800-يىلى)،«ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىدى»(1788-يىلى)،«ئانتروپولوگىيە»(1798-يىلى) قاتارلىق نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازغان. ھاياتىدا ئەڭ يادرولۇق بولغىنى ئۈچ تەنقىد(«ساپ ئەقلىي تەنقىد»،«ئەمەلىي ئەقلىي تەنقىد»ۋە«ھۆكۈم ئىقتىدارى تەنقىدى»-مەقسۇت ئەمىن ئەركيار يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان «كانتنىڭ ئۈچ چوڭ تەنقىدى»دېگەن تېمىغا قارالسۇن)تىن ئىبارەت.بۇ ئەسەرلىرىدە بىلىمشۇناسلىق،ئېتىكا،ئىستېتىكىغا دائىر ئىدىيىلىرى سېستىمىلىق ۋە باغلىنىشلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.بولۇپمۇ«ساپ ئەقلىي تەنقىد»ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېرىشكەن بولۇپ،بۇ ئەسەرنىڭ بارلىققا كېلىشى پەلسەپە تەتقىقاتىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشىنى ئانتولوگىيەدىن(مەۋجۇتلۇق ئىلمى) ئېپىستېمولوگىيەگە(بىلىش ئىلمى) ئۆزگەرتكەنلىكى ئۈچۈن پەلسەپە تارىخىدا دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارىلىپ،ھازىرقى زامان پەلسەپىسىنىڭ يول ئاچقۇچىسى بولۇپ قالدى.بۇنىڭدىن سىرت كانتنىڭ دىن پەلسەپىسى،قانۇن پەلسەپىسى ۋە تارىخ پەلسەپىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ مۇھىم ئەسەرلىرى بار.
ئالىم شەخسى ھاياتىدا پەلسەپىۋى مەسلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى ياقتۇرمىغان.بەلكىم،ئۇ ئۆزىنىڭ ئاڭلاشقا ئەمەس،پەقەت ئوقۇتۇشقا قابىليەتلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن بولسا كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا،ھاياتىنىڭ ھەربىر لەھزىسى مۇئەييەن تەرتىپكە سېلىنغان پەيلاسوپ ھەركەچقۇرۇنلۇقى سائەت دەل 10دا ئۇخلاشقا ياتقان،سەھەر سائەت دەل 5تە ئويغانغان.كەچكى سائەت دەل 7دە سەيلىگە چىققان.ئۇ 30يىل داۋامىدا بىر قېتىممۇ بۇ تەرتىپنى بۇزمىغان بولۇپ،ئەتراپىدا ياشىغۇچىلار كانتقا قاراپ سائەتلىرىنى تەكشۈرۈشىدىكەن. نېمىسلارنىڭ نەزىرىدە بۇ ئالىم ناھايىتى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ ئۇ ياشىغان شەھەرنىڭ شەھەرگىربىدە ۋە گىرمان پوچتىسىنىڭ پوچتا ماركىسىغا كانتنىڭ باش سۆرىتى چۈشۈرۈلگەن. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىشلىگەن ئۇنىۋېرسىتىت ۋە تۇرالغۇ ھېلىھەم مۇھىم خاتىرە جايدۇر.
كانت پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق چىقىش نۇقتىسى شۇكى،تەجرىبىنى بىلىشكە ئايلاندۇرىدىغان ئەقلىيلىك(كاتېگورىيە) ئادەم تۇغۇلىشىدىلا باربولىدۇ ، تۇغما كاتېگورىيە بولمىسا دۇنيانى چۈشىنىشكە ئىلاجسىز قالىمىز، دەپ قارايدۇ.
كانتنىڭ يەنە ئەخلاق پەلسەپىسىمۇ ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە.بۇنىڭدىن سىرت ئۇ قۇياش سېستىمىسىنى تۇنجى بولۇپ زامانىۋى نەزەرىيە بىلەن شەرھىيلەپ بەرگەن بولۇپ،كانت-لاپلاس قىياسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇناسىۋەتلىك فىلىم ئۇلانمىلىرى:
زىيارەت:پەيلاسوپ كانت
http://v.youku.com/v_show/id_XNDIxNzM4NDIw.html
لېكسىيە:كانت ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات(康德专题研究)
http://video.chaoxing.com/serie_400004570.shtml

پايدىلانمىلار:
1.ئىنتېرنىت
2.«پەيلاسوپلار ھېكمىتى»

2014-يىلى2-ئاينىڭ28-كۈنى

0

تېما

1

دوست

1838

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5956
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 52
تۆھپە : 561
توردىكى ۋاقتى: 234
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 15:09:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«نېمىس»دىمەي«گېرمان» دەپ ئاتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. «نېمىس» سۆزى بولسا رۇسلارنىڭ گېرمانلارنى تارىخى ئۆچمەنلىك بىلەن ھاقارەتلەپ ئاتىشى. گېرمانيەدە ئۇقۇشماستىن «نېمىس» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ گېرمانلاردىن تاياق يىگەن چەتەللىكلەر نۇرغۇن ئىمىش.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8829

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2602
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 19:57:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەيياھنىڭ پىكرىنى قوللايمەن. ئالىمىمىز ئەسەد سۇلايمانمۇ ئەسەرلىرىدە گېرمانلارنى ئىنسانىيەت پەلسەپە ئىلمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان مىللەت دەپ تەرىپلىگەن.

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 21:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
seyyah يوللىغان ۋاقتى  2014-3-2 15:09
«نېمىس»دىمەي«گېرمان» دەپ ئاتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ...

http://web.izda.com/?a=search&am ... D8%B3&field=web


شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائى پەنلەر توربېكىتى
http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... /content_189245.htm


ئا.جالالىدىن:«ئۇنۋان: قاچا بىلەن داش قازان مۇناسىۋىتى»ناملىق ماقالىسىدە
http://uyghur.people.com.cn/156014/15133330.html


جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى تور بېكىتىدە«نېمىس تىلى»دەپ ئېلىنىپتۇ
http://www.uycnr.com/zl/gjhdq/201102/t20110223_88870.html


ئەگەر گوگۇلدىن ئىزدىسەك،نەتىجە:
找到约 20,200 条结果
http://www.google.com.hk/search? ... 0%D9%85%D9%89%D8%B3


ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن نۇپۇزلۇق لۇغەتلىرىمىزدىچۇ؟ ئىزاھلىق لۇغەتتىن:

نېمىس- ئى ‹ئىرق› مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار گېرمانىيىنىڭ تۈپ ئاھالىسىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلق بولۇپ، يەنە بىر قىسمى ئامېرىكا، ياۋروپا، ئوكيانىيە، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەت ۋە رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان.
http://dict.izda.com/?a=search&a ... 8%B3&field=dict






45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 21:07:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«نېمىس» سۆزى بولسا رۇسلارنىڭ گېرمانلارنى تارىخى ئۆچمەنلىك بىلەن ھاقارەتلەپ ئاتىشى.
-----------------------
پاكىت؟

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 21:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 21:11  

«نېمىس» سۆزى بولسا رۇسلارنىڭ گېرمانلارنى تارىخى ئۆچمەنلىك بىلەن ھاقارەتلەپ ئاتىشى.
-----------------------
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە رۇس تىلى گىرمانىيەدە ئېغىزچە ئىشلىتىشتە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن
研究称俄语成为德国口语使用率第二高语言
http://world.huanqiu.com/exclusive/2014-02/4811825.html

45

تېما

6

دوست

5945

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8600
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 973
تۆھپە : 1202
توردىكى ۋاقتى: 446
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 21:16:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 21:19  

رۇسلارنىڭ چەتئەللىكلەرنى بىساپا ئاتىشى
俄罗斯人对外国人的不雅称号
http://www.russia-online.cn/ForeignCulture/detailShop_3_2_921.shtml

"ئىمىش"دەپ مىش-مىش گەپلەرئۈچۈنلا تىلىمىزغا ئورناپ بولغان سۆزنى ئاساسسىز ئىگىز-پەس قىلساق قاملاشماس. بۇزماق ئاسان،ئوڭشىماق تەس ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمايلى.
بۇ ئۇلانمىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىققاندا سەيياھ ئوتتۇرىغا قويغان مەسلىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن

0

تېما

0

دوست

2219

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17306
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 730
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 23:38:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم تۇغۇلىشىنلا باربۇلدۇ                  .                                          ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )