قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1321|ئىنكاس: 11

20-ئەسىرنىڭ قىممەتلىك مىراسى-« ئارىفنامە»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3490

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   49.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1084
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-1 21:09:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20-ئەسىرنىڭ قىممەتلىك مىراسى---« ئارىفنامە»

12.jpg


ئەلمىساقتىن قەدىرى يوقتۇر ياندا بارى، كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزارى.
                                       
                                                                        -----   ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلى

      تارىخ ئۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ھەقىقەت. ئۇتالاي "يىللار" بېتىدىن پۈتۈلگەن، چوڭ ھەجىملىك قامۇس. ئۇ ئۈزىنىڭ ھەر بىر بەت، ھەر بىر قۇرلىرىغا پۈتمەس تارىخى خاتېرىلەرنى ئويما ئارقىلىق ئۇيىۋەتكەن. ئۇنىڭ ئۈچۈرۈپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس. بىز پەقەت ئۇنى باھانىلار ئارقىلىق ئۈستىگە پەردە تارتىمىز، ئەمما ئۇنى مەڭگۈ ئۆزگەرتەلمەيمىز. چۈنكى ئۇ شۇنداق مۇقەددەس.
        مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، 21-ئەسىرگە كىرىپ، تەمتىرەپ يۈرۈپ چارەك يىلنى ئۆتكۈزۈپ بولدۇق. يىڭى دەۋىر بىزنى يىڭىچە ئۇسۇل بىلەن كۈتىۋالدى. ھەممىمىز ئالدىراشچىلىق ئىچىدە، بۇ دەۋىردىكى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بۇلۇپ كەتتۇق، 20-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى شۇ يىللاردا بۇلۇپ ئۆتكەن شۇ ئىشلار ئۆز پېتىچە قېلىۋەردى. ئەمما، 20 -ئەسىرنىڭ ئاخىرى بىز ئۈچۈن بۇرۇلۇش بولغان مۇھىم ۋاقىتلار ئىدى. بىز شۇ يىللاردىكى ئۇتۇقلارنى يەكۈنلەپ، خاتالىقلاردىن تەجىرىبە يەكۈنلەپ بۇ دەۋىرگە ئۈلگە قىلىشىمىز كېرەك ئىدى، بىز ئۈچۈن ئۇ دەۋىرلەردە چوقۇم بىلمىسەك، ئالەمشۇمۇل نەتىجىللىرىنى تەتقىق قىلمىساق، قالدۇرۇپ كەتكەن شۇ قىممەتلىك مىراسلىرىنى كاندىن قېزىپ چىقارمىساق بولمايدىغان بىر شەخىس بار ئىدى. ئۇ دەل بىزنىڭ پەخرىمىز، ئالىم پەيلاسوپ شائىر -- ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئىدى.
         بىزدە ئىلىم-ھېكمەتنى قەدىرلەيدىغان،ئىلىم-ھەقىقەتلەرنى تارقىتىشنى،قېزىشنى مۇقەددەس بىلدىغانلارنىڭ سانى ئۇمۇمىي خەلىقنىڭ ئاز نىسپىتىنى ئىگەللىسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى ئىلىمگە بېغىشلىغان ئالىم-تەتقىقاتچىلارنىڭ، مىللىتىمىزنى ئۆزىگە ۋە دۇنياغا تۇنۇشتۇردىغان ئەدىب-مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىجادى پائالىيىتى يەنىلا كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئەيىنى دەۋىرلەردە كوماراجىۋا،ئاتساڭ،فارابى،ئىبىن سىنا،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد قەشقىرى،لۇتفى،نەۋائى..كەبى بۈيۈك زاتلار مەيدانغا كېلىپ خەلقىمىزنىڭ ئىلىمگە چاڭقىغان قەلبگە مەلھەم بولغان بولسا،بۈگۈنكى كۈندە ئۇلار- نىڭ ئىزىنى باسقان ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئىجدىھات بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىز ياراتقان شۇ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت-سەنئەت تارىخى نى قەلەمگە ئېلىپ ئۆلمەسلىك ھالىتىگە كەلتۈردى. بۇ جەھەتتە ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن نىڭ ئىجادىي تۆھپىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولدى.
        بىراق كۆپىلىگەن كىشىللىرىمىز ئۇنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرىدىن تۇلۇق خەۋەردار بولمىغاچقا ئۇنىڭ ئىجادىي ئەجىر-تۆھپىسىگە بەرگەن باھاسى تازا يېتەرلىك بولمىدى.ئۇ بىر قىسىم ئىجادىيەتچىللىرىمىزدەك ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش،قىلغان ئازغىنە ئەمگىكىدىن ماختىنىپ كىرىلىپ يۈرۈش،ئۆزىگە تەمەننا قۇيۇشتەك خاھىشلار دىن مۇستەسنا بولۇپ،مىنۇت سېكىنوت ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلىك بىلىپ ئىجادىيەت ئۈستىلىدىن باش كۈتۈرمىگەن بولغاچقا چەكلىك ھاياتىدا ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاجايىپ مول تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت مىراسلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ بىزلەرگە «مىراس » سۈپتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن كۆپ خىل مەزمۇندىكى ئەسەرلىرىنى خەلقىمىزگە يۈزەكى بولسىمۇ تۇنۇشتۇرۇش،ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئىجادىي ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۇنى چۈشىنىش،ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇش كېرەك.ھەرقانداق بىر ئالىمنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىنى بىلمەي،ئۇنى تۇنۇماي ئۇنىڭغا ئادىل باھا قۇيۇلمايمىز.
       لېكىن،«ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى،كىشى شۇ ياندا يوقنىڭ ئىنتىزار رى دېگەندەك،ئالىم ھايات ۋاقتىدا خەلىق تەرىپىدىن ھۆرمەتلەشكە،ئۇلۇغلاشقا ئىرىشمىدى. ئەكىسچە،خەلق تەرىپىدىن ھاقارەتلەندى،كۆزگە ئېلىنمىدى. ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە بىزگە تۇنجى بۇلۇپ رۇبائىيلار توپلىمى تەقدىم قىلسا،بىز ھەسەت قىلىپ زەھەرلىك بىلەن «ياخشى رۇبائىيدىن ئادەم پەقەت ئۆمرىدە بىرنى يازالايدۇ» دەپ كەمسىتتۇق. قاتلام نەزىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويسا،ئىلمىي رەدىيە بەرمەستىن چەت ئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بولغان دەپ كەمسىتتۇق.تارىخ،پەلسەپە،ئېستىتىكا،تەتقىقاتى ۋە شېئىر نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇنلانسا،تومتوم كىتابلارنى يېزىپ بەرسە، خۇشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا:«بۇ ئادەم ھەممە ساھاگە چېتىۋالماي،بىرلا ئىشنى قىلسا بۇلاتتى» دەپ ئەخمەقلارچە ئەقىل كۆرسەتتۇق.............جەمىئەتتە بىرەر يامان گەپ تارقالسا،ئۇنى دەرھال شۇ ئىشنىڭ ئىگىسى قىلدۇق.ئۇ يازغان ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلىشىپ يازالمايدىغان تۇتۇپ ئۇنى يەنىلا سۆكتۇق....شۇنى بىلشىمىز كېرەككى،ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ ئاپتۇبۇسقا ئېلىپ چىقىپ كەتكەنگە قەدەر بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى ئاپتۇبوسقا ئىتتۈردۇق.دەسسىگەن يېرىنى چوغ قىلىپ،يېگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ كۆرگەن كۈزنىنى ھارام قىلىپ،تۇغۇلغىنىغا تويغۇزۇپ ئۇنى باقىي دۇنياغا يولغا سېلىپ قويدۇق..!!!!!!!!!!!!
        ئۇ كەتتى،مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى!! ئۇ 20-ئەسىرنىڭ يېرىمىدىكى يىتىشىپ چىققان ئالىملارنىڭ ئىچىدىكى ئالىملارنىڭ ئالىمى ئىدى. ئەگەر ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن روس،گېرمان،ئىنگىلىز، قازاق، خەنزۇ، قازاق. ..بۇلۇپ قالغان بولسا بىز كۆرسەتكەن كۈننىڭ ئەكسىنى كۆرگەن بولاتتى!! قالتىس قەدەرلەنگەن بولاتتى...ئۇنىڭ كاللىسى،ئىدىيىسى،ئېڭى ھازىرقى ئۇيغۇرلاردىن 50 يىل ئاتىپ ئالغا كەتكەن ئىدى.


        ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاتۇشنىڭ مەشھەت بازىرىغا تۇتاش باغئېرىق كەنتىدە مەرىپەتۋەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ داسىسى مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى سوۋىت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالى، ئانىسى ھەمراخان ئۇقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.ئۇ شۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆستى. ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ ئۇرۇمچىگە باردى.7 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇرۇمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقىدى.1944-يىلى تۈرمىدىن قاچقان ئاتىسى بىلەن قەشقەرگە قاراپ يول ئالدى.ئۇ بۇ چاغدا ئاران 12 ياش ئىدى. سەپەر جەريانىدا تارىم ساھىلىغا جايلاشقان بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان ئانا خەلقىنىڭ مىللىي ئىگىلىكى،تۇرمۇشى،مەدەنىيىتى ۋە روھىيىتى بىلەن ئۇچراشتى.سەپەر جەريانىدا نۇرغۇن خاتىرلەرنى قالدۇردى،
          ئالىم كىچىكىدىن تارتىپ ئۆگىنىشكە،بىلىم ئىگەللەشكە ماھىر ۋە ھېرىسمەن بولغاچقا مەيلى باشلانغۇچ،مەيلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ چاغلىرىدا بولسۇن،مەيلى ئالىي مەكتەپلەردىكى ياشلىق چاغلىرىدا بولسۇن،ئۈگىنىشتىكى تىرىشچانلىقى،زېھىن قابىليىتىنىڭ ئۆتكۈرلۈكى بىلەن ئىزچىل تۈردە ئەلا ئۇقۇپ ئالاھىدە ئىستىقباللىق ۋە تالانىتلىق ئوقۇغۇچى سۈپتىدە ئالقىشقا ئىرىشىتى. 1950 –يىلى 17 يېشىدا شىنجاڭ بۇيىچە ئەلا ئۇقۇغۇچى بولۇپ غەربىي شىمال ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە زىيارەتتە بولدى،شۇ يىلى سابىق شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىئو-خېمىيە فاكولتىتىغا ئۇقۇشقا قۇبۇل قىلدى. 1953-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز مەكتىپىگە ئېلىپ قېلىندى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ دەل 20 ياشتا ئىدى. 1953-يىلدىن 1955- يىلغىچە ئالىم شىئەندىكى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئاسپىرانىتلىق بۆلىمىگە ئۇقۇشقا ئەۋەتىلىپ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇردى.
ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئاسپىرانىتلىق ئۇقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ،ئۇنۋېرسىتىتىگە يېنىپ كىلىپ ئۇقۇتۇش،ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە ئېغىر مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ يۈكسەك ئىلمىي روھ،زور جاسارەت بىلەن ئىشلىدى.1955-يىلدىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان «شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئىلمىي ژورنىلى» نىڭ قۇشۇمچە مەسئۇلى بولدى.ئالىم ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە قەدەم قۇيۇپ تۇنجى قېتىم «ئۇيغۇرلارنىڭ 11- ئەسىردىكى ئىككى ئۇلۇغ ئالىمى» دېگەن ماقالىسىنى يازدى. ئەپسۇس شۇ ماقالىسى تۈپەيلىدىن 1959-يىلدىن 1979-يىلغىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن ساقمۇ ساق 20 يىل ئايرىلىپ قالدى.ھەرخىل ئاچچىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردى.ھايۋان كەبى مۇئامىلىگە تالاي قېتىم ئۇچرىدى. بۇ ئارلىقتا 1962-يىلدىن 1966-يىلغىچە بولغان 4 يىل جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئىشلىگەن چاغلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پۈرسەت بولدى.
      1979-يىلى ئالىم ئۈچۈن ئىكككىنچى تۇغۇلۇش بولدى.ئۇنىڭ سىياسىي ھوقۇقى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلىپ 20 يىللىق ئىسكەنجىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلدى. ۋە تىل ئەدەبىيات فاكولتوتىغا چىقىپ ئوقۇغۇچىلارغا «ئۇمۇمىي ئىستىتىكا»،« ئوتتۇرا ئاسىيا ئىدىئولوگىيە تارىخى» قاتارلىق دەرىسلەرنى ئۆتتى.ۋە دەرىسلىك كىتابىنى تۈزدى،
       ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۈزىنىڭ كۆپ خىل تىل بىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلنىپ كۆپ تەرەپلىمە بىلىم ئىگەللىگەن بولغاچقا ئۇنىڭ تەتىقىقات دائىرىسى پەلسەپە،لوگىكا،ئىستىتىكا، تىل.ئەدەبىيات،سەنئەت،تارىخ، مىللەتشۇناشلىق جەمىيەت شۇناشلىق،ئۇيغۇر مەدەنىيەتشۇناشلىقى،تۈركولوگىيە،ئارخىلوگىيە،ئېتنوگىرافىيە، دىنشۇناشلىق،تىبابەتشۇناشلىق………قاتارلىق دائىرىگە چېتىلىدۇ.
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى تۈرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۋاتقان مانا مۇشۇنداق پەيىتتە پەلەك بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى. 1995-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتتا ئالىم ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدە قولىدا قەلەم تۇتقان ھالدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى. بۇ چاغدا ئۇ 62 ياشتا ئىدى. رەھىمسىز تەقدىر ئاخىرى بىنى ئۇنىڭدىن ئايرىدى،ئۇ بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ،ئاخىرەتە سەپەر قىلدى.
      ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 20 پارچىگە يېقىن كىتاب،200 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە،500 پارچىدىن ئارتۇق لىرىك نەسىر،200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،بىر كىنو سىنارىيىسى ئىشلىدى.باشقا تىللاردىن بىرقانچە كىتاب ۋە كۆپلىگە شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى.20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىسى تۈرلۈك ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزدى.35 پارچە ئىلمىي ماقالىسى ۋە ئۈچ پارچە كىتابى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.ئىككى پارچە كىتابى ۋە ئىلمىي ماقالىسى مۇكاپاتلاندى.نۇرغۇن ئەسەرلىرى ياپونىيە،قىرغىزىستان،مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىندى.
ئالىمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1948-يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قېلىنغان «كېسىلگەن قۇلاق» ناملىق ھېكايىسى بىلەن باشلانغان بۇلۇپ،« شەيدائى». «قۇزۇن » «گۈلزار ئاشىقى»،«بۇلبۇل ئازادى» دېگەن تەخەللۇسلاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى ئېلان قىلدى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە شېئىرىيەتنى ئاساس قىلغاچقا 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدى. لېكىن نەشىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشەلمىدى. ئۇ ھېكايە ئىجادىيىتىدە ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ« كېسىلگەن قۇلاق»،« زۇلۇم ئوچىقى»،«ئاق خالات»،
     «كېچىككىنە ئاسىگۈل»،«نىلوپەر»،«تاش پەرى» قاتارلىق ھېكايىلەرنى ئېلان قىلدى.ئارسالدى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلنىپ ئون نەچچە ئوبزور يازدى. «روبائىيات»( ئىككى قىسىم)،« قارلىق تاغ شەجەرىسى»(تارىخى قىسسە)، «چوغلۇق» ( شېئىرلار توپلىمى)،«كوماراجىۋا»(كىنو سىنارىيىسى) «تاش  پەرى» (ھېكايە)،«سەۋدالىق تەئەججۇبنامىسى» (نەسىرلار توپلىمى) «سۇكۇنات»،
« تۇپراقنىڭ مونولوگى»،«تەبەسسۇم» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىندى.
       ئۇ يەنە «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىس)،«غەزەلىيات» (غەزەللەر توپلىمى)، «باھارىيات» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئاق تۇز» (شېئىرلار توپلىمى)،«ئىزگۈ مەلىكىسى»  (ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە)،«شېرىن ۋە سېرىن» (شېئىرلار توپلىمى) «مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» ( تەرجىمال)، «ئوردىدا باھار»،«پىلە مەلىكىسى»،«مەلىكە گۈليۈز»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»،«دات باسقان قىلىچ»،«مۇھەببەت يىغلايدۇ» قاتارلىق تارىخى تىپتىكى دىرامما،شېئىرلارنى يازغان بولسىمۇ،ئېلان قىلىشقا مۇۋەپپىق بولالمىدى، «فارابى» ناملىق ئەسىرىنى يېزىشقا ۋاقىت يار بەرمىدى.
يۇقىرىدا كۈرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئېلمىي تەتقىقات ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق كۆپ دائىرىگە چېتىلدىغان بولۇپ،ئۇمۇمەن بىرقانچە تۈرلەرگە بۈلىنىدۇ.

1.ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى
2.ئۇيغۇر مەدەنيەت تارىخى تەتقىقاتى
3.ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى تەتقىقاتى
4.ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تەتقىقاتى
5.غەربىي يۇرت تاشكېمىر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى
6. ئىستىكا(گۈزەللىك) ئىلمى تەتقىقاتى
7.ئۇيغۇرلار روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتى
8.يىپەك يولى تەتقىقاتى
9.ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك تارىخى تەتقىقاتى
10.قەدىمىي مەركىزى( تۇران تارىخى) ئاسىيا تەتقىقاتى

           ئالىم ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەينى كەينىدىن نەشىر قىلنىپ، كەڭ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن كۈرۈشۈپ. ئالىم ئابدۈشۈكۈرنىڭ ئىجادىيەت ئەمگىكى كەڭ خەلق ئاممىسنىىڭ بۇرۇنقى خاتا تۇنۇشلىرىنى ئۆزگەرىتتى. ئالىمنىڭ ئەسەرلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن قىزغىن  سۈيۈپ ئۇقۇلدى. تا 2002- يىلنىڭ ئاخىرى نەشىر قىلىنغا ئائىلە ناملىق كىتابىغا قەدەر 14 كىتابى نەشىر قىلنىپ خەلقىمىزنىڭ ھۇزۇرلىنىشىغا سۇنۇلدى، ئەپسۇس، ئالىم يېزىپ بۇلۇشقا ئۈلگىرەلمەي قالغان نۇرغۇن ئەسەرلەر يەنىلا نەشىر قىلنىماي ئورگىنال ھالەتتە قېلىۋەردى. ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن سىتاستىكا قىلغان، ئالىم يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەر ئورگىنالى تۈۋەندىكىچە:


نەشىر قىلىنمىغان كىتابلىرى
1. «ھەمراھى غەزەللەر»
2. «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ قىسقىچە تارىخى » (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
3. «ئانالىتىك پوئىتىكا» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ، تاماملانمغان ).
4. «يىپەك يولىدىكى سەنئەت جەۋھەرلىرى» (ئىلمىي ئەسەر ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
5. «غەزەليات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
6. «باھارىيات» ( غەزەللەر توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
7. «شېرىن ۋە سېرىن» ( شېئرلار توپلىمى،ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
8. «ئاق توز» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
9. «شەبنەم ۋە ئۇچقۇن» ( شېئرلار توپلىمى ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ).
10. «ئىزگۈلۈك مەلىكىسى» ( ئايالى رەنا مەخسۇتقا بىغىشلاپ يازغان ئۈچ قىسىملىق ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان ) .
11. «مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم» ( ئۆزى ھەققىدىكى ئەسلىمە ، ئورگىنال ھالەتتە ساقلانغان)
ئىلان قىلىنمىغان باشقا ئەسەرلىرى
1. «ھاياتىم ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» (ماقالە).
2. «سكتايلارنىڭ مىتال تاۋلاش ھۈنەر سەنئىتى» (ماقالە).
3. «ئوتتۇرا ئاسىيا ئەنئەنۋى ھايات قاراشلىرىغا باھا» (ماقالە).
4. «تۈرك مەدەنىيىتى ھىندىستاندا» (ماقالە ).
5. «كۈسەن مەلىكىسى» (كىنو سىنارىيىسى ).
6. «مۇھەببەت يىغلايدۇ» (پوۋېست ، تاماملانمىغان ).
7. «فارابى» (رومان ، تاماملانمىغان ).

       شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتىۋەردى. تا 2013- يىلغا كەلگەنگە قەدەر ئاپتۇرنىڭ ئەسەرلىردىن خەۋەرمۇ يوق ئىدى. 2013-يىلنىڭ ئاخىرىدا كىشىنى خۇشال قىلدىغان بىر خەۋەر تارقالدى. يەنە " ئارىفنامە" نامىدا ئاپتۇرنىڭ نۇرۇغۇن نادېر ئەسەرلىرى توپلىمى نەشىر قىلىندى. ئەمما كىتابخانىلارغا كىرگۈزۈلمىگەنىدى.
      بۈگۈن كىتابخانىغا كىرسەم ، بۇ كىتابلار چىرايلىق تىزىپ قۇيلۇپتۇ. ھەممە كىتابخانىلارغا كىرگۈزلۈپتۇ. كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال بولدى. خوشلىقىمدا سېتىۋالدىم. كىتاب كەينىدە يەنە بىر قانچە كىتابىنىڭ ئىسمى يېزىغلىق ئىكەن. دېمەك، بۇ كىتابلارمۇ نەشىر قىلنىدىغان ئوخشايدۇ.
ئالىمنىىڭ كىتابىغا قىزقىدىغان قېرىنداشلارنىڭ سېتىۋېلىپ ئۇقىشىنى، ساقلاپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

5.jpg
6.jpg
7.jpg
2.jpg
3.jpg
4.jpg
p.jpg
c.jpg
d.jpg
e.jpg
f.jpg
g.jpg
h.jpg
l.jpg
m.jpg
n.jpg
13.jpg
8.jpg
9.jpg
12.jpg

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2452

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 754
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 15:19:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئىلىم-پەننىڭ ھەرقايسى تۈرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئاجايىپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ئىجاتكار ئىدى. رەھىمسىز تەقدىر ئاخىرى بىزنى ئۇنىڭدىن  ئايرىدى.،ئۇ ئالىم  بىزدىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىپ،ئاخىرەتە سەپەر قىلدى.بىز مەڭگۈ ئەسلەيمىز.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 17:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۈشكۇر مۇھەممەتئىمن ئالىمىمىز بولسا كۆپ قىرلىق ،ھەر تەرەپلىمىك جەھەتتە يىتىلگەن مول-ھوسۇللۇق ئۇستازىمىز،ئۇ ھەر ساھەلەرگە تۇتىشىدىغان تەتقىقاتلارنى ئىلىپ بىرىپ ،ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مۇھىم ئۇرۇن تۇتقان سۆيۈملۈك ئالىمىمىزدۇر.ئۇ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

0

تېما

3

دوست

1363

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18241
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 410
توردىكى ۋاقتى: 74
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 22:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز قاچانغىچە ‹ياندا بارنىڭ قەدرى يوق›دەپ شۇئار توۋلاپ ياشامىز....ياندىكىنى قەدىرلەشنى قاچان ئۈگىنەرمىز

3

تېما

1

دوست

1749

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4406
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 97
تۆھپە : 491
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 10:41:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۈشكۇر مۇھەممەتئىمن ئەپەندىم شىنجاڭ ئونۋېرستتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئەمەس ،بەلكى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خاس كۈتۈپخانىسدا 10 يىلنى ئۆتكۈزگەن . ئەينى يىللاردا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۈتۈپخانىسى  شىنجاڭ بويىچە ئەمەس ،پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە  كىتاپ ماتىريال تولۇق بولغان مۇكەممەل كۈتۈپخانا ئىدى. مانا مۇشۇنداق شارائىت بۇ ئالىمىمىزنى مول بولغان ماتىريال مەنبەسى بىلەن تەمىن ئەتكەن ......

7

تېما

4

دوست

5496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1555
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 10:59:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى سېتىۋالساق بولغۇدەك،كىتابخانىلاردا كۆرۇپ باقمىغان ئىكەنمەن.تېما يوللىغۇچىغا رەھمەت!

2

تېما

24

دوست

3553

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3423
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 1019
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:27:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abux يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 10:41
ئابدۈشكۇر مۇھەممەتئىمن ئەپەندىم شىنجاڭ ئونۋېرستتىنى ...

سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كۇتۇپخانىسى ئەينى ۋاقىتتا نەدە ئىكەندۇق؟

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25399
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 54
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 09:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىدىن چىققان ئۈچ كىتابى بار ئوخشايدۇ، سېتىۋېلىشقا ئالدىراۋاتىمەن، مۇشۇنداق ئالىملىرى بىلەن ھەر قانداق مىللەت پەخىرلەنسە بولىدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )