- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1987
- نادىر
- 2
- يازما
- 70
ئۆسۈش
98.7%
|
syawush يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 15:02
بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ‹مېغىز› ، ‹ماي› ، ‹مەن› لەرمۇ قېر ...
1. « مەن» سۆزىنىڭ ئېتمولوگىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. ئۇ ئەسلىدىنلا تىلىمىزدا بار سۆز. ئۇنى ئۇيغۇر تىلى باشقا قېرىنداش تىللاردىن قوبۇل قىلغان دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ.
مەن: تۈپ سۆز، بىرىنچى شەخس بىرلىكنى بىلدۈرىدىغان ئالماش. بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى «بەن» بولۇپ، ئوغۇز تىللىرىدىن باشقىلاردا« مەن» گە ئۆزگەرگەن. «بەن» ھازىر پەقەت ئوسمانلىي تۈركچىسىدە ساقلانغان بولۇپ، ئوغۇز تىللىرى ھېسابلانغان ئازەرىچە ۋە تۈركمەنچىدىمۇ مەن . بۇ ئۆزنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى چۇۋاشچىدا ساقلانغان بولۇپ،«ئەپ »ياكى «ئەپې». «مان» شەكلىمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. 8- ئەسىردىكى تۈرك تىلىدا «بەن، بەنى، بەنىڭ، باڭا » ئومۇمىيۈزلۈك ئىشلىتىلگەن ۋە بۇ تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ تىلىدىكى بىردىنبىر شەكىل. «مەن،مېنىڭ » شەكىللىرى كۆل تېگىن مەڭگۈ تېشى ۋە بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا ئۇچرايدۇ.«ئىرق بىتىگ» دىمۇ «مەن» شەكلى ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلغان. 7-ئەسىرگە تەۋە ئۇيغۇر قاغان مەڭگۈ تېشى شىنە ئۇسۇ مەڭگۈ تېشىدا «بەن» يەتتە قېتىم ،«مەن»بىر قېتىم كۆرۈلگەن. 9- ئەسىرگە تەئەللۇق سۇجى مەڭگۈ تېشىدا «مەن» ئۈچ قېتىم كۆرۈلگەن. ئۇيغۇرچە مانى،بۇددىزىم مەتىنلىرىدە «مېن، مېنى،مەنىڭ،ماڭا» شەكىللىرى ئىشىلىتىلگەن. قەدىمكى قىرغىزچىدا «مەن» شەكلى ئومۇمىيۈزلۈك. خاكاسچىدا «مەن». «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە «مەن،مېنى،مەندە،مەندەن ياكى مەندىن» ناھايىتى ئومۇمىيۈزلۈك. «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» تا «مەن» ۋە باشقا تۈزلەنگەن شەكىللىرىدىن» مەن،مېنى،مەندە، مەندىن» لەر كۆرۈلىدۇ. ئىبن مۇھامما: بىزنىڭ ئىلدە ( مەسىلەن ئەزەربەيجان) دا م- تاۋۇشى ب- غا ئۆزگىرىدۇ. مەن نى ئۇلار بەن دەيدۇ، دېگەن. چاغاتايچىدا «مەن». ئوغۇزلار «مەن باردىم »نى «بەن باردىم» دەيدۇ( دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك). 13-ئەسىر خارەزىم قىپچاقچىسىدا «مەن» شەكلى بىلەن «بەن» شەكلى تەڭلا ئۇچرايدۇ. «قۇتادغۇبىلىك» تە «مەن»، 13- ئەسىر قىپچاقچىسىدا «مەن». 14- ئەسىر قومۇقچىسىدا «مەن»، 15- ئەسىردە ب- بىلەن م- ئالماشتۇرۇلۇپ ئىشلىتىلگەن.
2. «ماي» نىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنى ھازىرقى زامان ئېلىپبەيىمىز بىلەن يازغىلى بولمايدۇ، دەپسىز. بۇ سۆزىڭىزنى چۈشىنەلمىدىم. ماي، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئېلىبەسىدىكى ئەرەپ ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەر بىلەن يېزىلىشىدۇر. تامامەن يازغىلى بولدى.
سۆزلەرنىڭ ھەرپلەرنى ئىشلىتىپ يېزىش- يازماسلىق بىلەن ئۇ سۆزنىڭ كىرمە سۆزمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يىلتىزلىق سۆزمۇ، بۇ ئىككى ئىشىنى بىر- بىرىگە قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.
3. «مەغز» نى مېغىزنىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى دەپسىز. تەلەپپۇز دېگەن نېمە؟ ئۇ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىدىن چىققان ئاۋازلار ئارقىلىق سۆز،جۈملىلەرنىڭ نۇتۇق ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى. تەلەپپۇزىنىڭ « مەغز» نىڭ بولۇشى بىلەن بۇ سۆزنىڭ كىرمە سۆز بولۇش- بولماسلىقىنى نىمە مۇناسىۋىتى بار؟
ئۇيغۇرچىدا مېغىزغا ئوخشايدىغان ئېغىز، مەڭىز، كۆكۈز (كۆكۈس)، بوغۇز، سېغىز... غا ئوخشاش سۆزلەر خېلى جىق. 13- ئەسىردىن ئىلگىرىكى تۈرك تىلىدا مېغىز مەنىسىدە ئۇرۇغ، ئەۋىن سۆزلىرى ئىشلىتىلگەن.
|
|