قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: mahatjan

مەخەت ئابدۇرېھىم؛مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل.(سۆز ئويۇنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 247
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 20:57:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
syawush يوللىغان ۋاقتى  2014-3-3 18:50
1. دېمەك سىزنىڭچە «مەن» ئۇيغۇرچە يازمىلاردا ئەڭ دەسلەپ ...

سىز  دېگەن مەسىللەرگە تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بېرەي:

«مەن» سۆزىنى چۈشەندۈررۈشتە، ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن قوليازما مەتىنلەر ئاساس قىلىنغان.
تۈرك ( تۈركىي تىللارنى كۆرسىتىدۇ) تىلىدىكى ئەڭ قەدىمكى  مەتىنلەر7-8-ئەسىرلەرگە ئائىتتۇر. ئەگەر سىز بۇنىڭدىن بۇرۇنقىسىنى تاپىمەن دېسىڭىز ۋە تاپسىڭىز،ئۇ تۈركولوگىيە ساھەسىدە چوڭ بايقاش بولاتتى.
ئىلمىي مەسىلىلەرنى پاكىتلىق سۆزلەش كېرەك. ئاندىن ئۇ ئىلمىي بولىدۇ.
ماي ۋە مېغىز سۆزىنى ئەڭ دەسلەپ قايسى مەتىندە قانداق شەكىلدە ئۇچرىغان، بۇلارغا پاكىت كېرەك.

سېغىز سۆزى ھازىر تۈركىيە تۈركچىسىدە ساكىز، ئازەرى تۈركچىسىدە ساگگىز، باشقۇرت تۈركچىسىدە ھاغىز،قازاق تۈركچىسىدە ساغىز، قىرغىز تۈركچىسىدە ساغىز، ئۆزبەك تۈركچىسىدە سەچىك، تاتار تۈركچىسىدە ساغىز،تۈركمەن تۈركچىسىدە ساكگىچ  شەكىللىرىدە  قوللىنىلماقتا.
ماي سۆزى تۈركىيە تۈركىسىدە مەرھەم،ئازەرىچىدە مەلھەم، باشقۇرت تۈركچىسىدە ماي،قازاق تۈركچىسىدە ماي، قىرغىز تۈركچىسىدە ماي، ئۆزبەك  تۈركچىسىدە مەلھەم، تاتار تۈركچىسىدە ماي، تۈركمەن تۈركچىسىدە مەلھەم شەكىللىرىدە قوللىنىلماقتا.
ئېغىز سۆزى ھازىر تۈركىيە تۈركچىسىدە ئاغىز، ئازەرى تۈركچىسىدە ئاغىز، باشقۇرت تۈركچىسىدە ئاۋىز،قازاق تۈركچىسىدە ئاۋىز، قىرغىز تۈركچىسىدە ئو:ز، ئۆزبەك تۈركچىسىدە ئاغىز، تاتار تۈركچىسىدە ئاۋىز،تۈركمەن تۈركچىسىدە ئاغىز  شەكىللىرىدە  قوللىنىلماقتا. بۇ سۆز قەدىمدە ئاغىز (ئاغاز ئەمەس) ئىدى. ئۇيغۇرچىدا ئا تاۋۇشى ئې غا ئۆزگەرگەن.
تۈركىي تىلى ھەزىرقىدەك تىللارغا بۆلۈپ كېتىشىدىن ئىلگىرى ، ئەدەبىي ۋە ئۆلچەملىك شەكلى بار تىل ئىدى ۋە ھازىرقى تۈركىي  تىللار شۇ ئۆلچەملىك ھالەتتىكى ئېلمېنىتلار ئاساسىدا،ئۆزىگە خاس ئالاھىدىكىلىكلەرنى  تەدرىجىي بارلىققا كەلتۈرگەن. شۇڭا ئەڭ قەدىمكى ھالەتتە بار سۆزلەرنى بىرسى يەنە بىرسىدىن ئارىيەت ئالدى دېگىلى بولمايدۇ.   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )