بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-2 12:54
مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل (سۆز ئويۇنى)
مۇئەللىم :ــ مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل. مەۋجۇداتلار ماكانىدىكى مەرتىۋىلىك مەدەتكار،مۇئەللەقتىكى مىھرىبان مالاھىكە، مەدەنىيەت مۇساپىسىدىكى موتۇرلۇق ماشىنا، مائارىپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزىدىكى مۇستەھكەم موما. مۇئەللىم مىڭلىغان مىليونلىغان مۇرەككەپ مەۋجۇداتلارنىڭ، مەسلەن:ــ مىدىرلىماس ماددىلارنىڭ ، مىدىرلايدىغان مەخلۇقلارنىڭ ماۋجۇتلۇق ماھىيتىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ، مەزمۇن مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغان ماھارەتلىك مارشال. مىھرى ـ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭزىگە مىخلانغان مىھىرلىك مارجان. مىڭىمىزگە مەرىپەت مىۋىسىنىڭ مىغىزىنى مەركەزلەشتۈرگۈچى مەرگەن.مەدەنىيتىمىزنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى مۇساپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ماشىنىلىشىش مۇسابىقىسىنى مەقسەتلىك مەنزىلگە ماڭدۇردىغان ماھىر مەدەتكار. مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ ماھىتىدىن مەلۇمكى : ماشىنا موتۇرسىز ، موتۇر مايسىز ماڭالمىغاندەك، مەيلى ماددى مەدەنىيتىمىز مەيلى مەنىۋى مەدەنىيتىمىز مائارىپقا، مائارىپ مۇئەللىمنىڭ مىڭىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ماشلاشمىسا، مارىسقا ماڭغان موتۇرلۇق ماشىنا ،مەقسەتلىك، مۇستەھكەم ماڭالمايدۇ. مائارىپ:ــ مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى مارىسقا ماڭىدىغان(مەنزىل) ماركىلىق ماشىنىدۇر. مۇئەللىم:ــ مەنزىل ماركىلىق ماشىنىنىڭ مەركىزىدىكى مۇكەممەل مۇقۇملاشتۇرۇلغان مەرۋايىت ماركىلىق موتۇردۇر، مۇئەللىمنىڭ مىڭىسىدىكى مەرىپەت مىۋىللىرىنىڭ مىغىزى ‹مەنزىل› ماركىلىق ماشىنىنىڭ مەڭگۈلۈك ماي مەنبەسىدۇر. مۇشۇ مۇنبەىرىدىكى مۆتىبەرلەر ، مۇھەررىرلەر، مۇخبىرلار ، مويسىپىتلار،مارشاللار مۇئەللىملەرنى مۇكاپاتلايدىغان مىغىزلىق ماقالىلەرنى مۇكەممەل ماڭدۇرۇپ، مائارىپنىڭ ، مۇئەللىمنىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرىنى مۇكەممەل مۇقۇملاشتۇرۇپ، مائارىپ مۇناسىۋەتلىرىنى مەنىلىك ماسلاشتۇرۇپ،مەملىكىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى ماشىنىلىشىش مۇھىتىغا ماڭدۇرايلى. مەنمۇ مۇشۇ مەقسەتتە مۇشۇ ماقالەمنى مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ماھىر ماشىنىسىدا مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماڭدۇردۇم. مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مەقسەتلىك مەسلەھەتلىشەيلى. مەنمۇ مۇئەللىم. مۇئەللىمنىڭ مىۋىسى. مەن مەيلى مۇشۇ ماقالامدە، مەيلى مۇنبەردىكى مۇساپەمدە مۇئەللىمنى مەڭگۈ مەدىھلەيمەن.
مەنبە:مەخەت مۇئەللىمنىڭ مەخسۇس ماقالىسى
|