- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7510
- نادىر
- 12
- يازما
- 376
ئۆسۈش
100%
|
تاشپولاتكا، ئەجرىڭىزگە رەھمەت. ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن مېنى تىلغا ئاپسىز، رەھمەت!
رىشاتكامنىڭ نەتىجىلىرى بىئو-مىدىتسىنا ساھەسىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ھاياتلىق پەنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان دورىشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇ ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ئەڭ نەتىجىلىك ئالىمىمىز، دېسەك خاتالاشمايمىز. مەن رىشاتكامنىڭ «كىلىنىكىلىق ئۆسمەشۇناسلىق ژورنىلى» (J Clin Oncol) (تەسىر كۆرسەتكۈچى 18.1) قاتارلىق راك كېسەللىكلىرى ساھەسىدىكى دۇنيادىكى يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە ژورناللاردا ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى كۆرۈپ ئالىمىمىزنىڭ ئۆز ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ئالىملاردىن ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئىدىم ۋە ئۇنىڭغا قەلبىمدە زور ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغالغان. ئۇنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرىنى بىر تونۇشتۇرۇش پىلانىم بار ئىدى، بۇمۇ بوپ قالار. رىشاتكامدەك ئالىملىرىمىزنى بىر ئەمەس بىر نەچچە قېتىم ھەر خىل نۇقتىدىن تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى.
ھازىرچە رىشاتكام توغۇرلۇق بىلىدىغان كىچىككىنە شەخسىي قارىشىمنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشاي. رىشاتكامنى مەن خىلى بۇرۇنلا بىلسەممۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولۇپ باقمىدى. ئۇ دەسلەپ ماڭا ئوقۇش پۈتتۈرگىنمنى مۇبارەكلەپ تېلېفۇن ئۇرۇپتىكەن. شۇ قېتىم رەسمىي تونۇشقان بولدۇق. ئۆتكەن يىل 6-ئاي مەزگىلى، نەق ھازىرقى خىزمەت ئورۇنۇمغا يۈز تۇرانە ئېمتىھان بىرىش ئۈچۈن سان ئانتونىيوغا كەلگەن ۋاقىتىم ئىدى. كەچتە مېھمانخانىدا ئولتۇرسام تېلېفۇنۇم جىرىڭشىدى، قارىسام رىشاتكامدىن كەپتۇ، شۇنداق خوش بوپ كەتتىم. شۇ تاپتا چوڭ بىر قارار چىقىرىش ئالدىدا ئىككىلىنىپ بىر تەجىرىبىلىك ئادەمنىڭ مەسلېھەتىگە مۇھتاج بولۇپ تۇرغان ۋقتىم ئىدى. ئالدىنقى كۈنى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ خىزمەت ئورنىنى تاللاشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئۇ شۇ ئىشتا ماڭا يول كۆرسىتىش ئۈچۈن تېلېفۇن ئۇرغان ئىكەن، شۇنداق ياخشى مەسلېھەتلەرنى بەردى. ئۇ ۋە يۇتاھ شىتاتلىق ئۇنىۋېرسىتىنىڭ پرافىسورى دوكتۇر رەيھان بەكتۇر ھەدەمنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ نۇرغۇن ئىشلارنى ماڭا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قويۇشى بىلەن خىلى ئاسان بىر قارارغا كىلەلىگەن ئىدىم. بۇ ئىككەيلەن ئامېرىكىدا تەبئىي پەندە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ ئۆز ساھەسىدە زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ تەجىرىبىلىرىنى ئۈلگە قىلسام بولاتتى. بۇ ئىشتا نۇرغۇن قەدەمنى مەندىن ئارتۇق باسقان ۋە ئۆز قەۋمىگە كۆيۈنىدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن شۇنداق سۆيۈنگەن، مىننەتدار بولغان ۋە پەخىرلەنگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئۇ پات-پات تېلېفۇن قىلىپ ئەھۋالىمنى ئۇقۇشىدۇ ۋە يېتىلىۋاتقان تەتقىقاتچىلارغا قولدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە ئۆز-ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىشىمىزنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ.
رىشاتكام كۆڭلۈمدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان، مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ۋە پەخىرلىنىدىغان، ئۆزۈمگە ئۈلگە دەپ قارايدىغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. رىشاتكامنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خۇشاللىق ۋە تەتقىقاتىغا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن! |
|