قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5451|ئىنكاس: 40

تاشپولات: ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 16:33:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-2 18:12  

ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان

تاشپولات روزى


Rishat 1.jpg


تېببىي دورىشۇناسلىق پەنلىرى ئىلمى دوكتورى رىشات ئابباس بورھان – خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن  ئۇلۇغ ئالىمىمىز، ئابباس بورھان ئەپەندى ھەم مارىيە ئابلىز ھەدىنىڭ ئوغلى بولىدۇ. ئابباس بورھان ئاكا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەن-تېخنىكا، پەن-مەدەنىيەت ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈر ھاياتىنى بېغىشلىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى. رىشاتنىڭ ئاپىسى مارىيە ھەدە مەن ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىدى. ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمىزدا ئاغرىپ قالساقلا مارىيە ھەدىنى ئىزدەپ تاپاتتۇق. مارىيە ھەدە شۇنچىلىك كىچىك پېئىل كۆيۈمچان دوختۇر بولغاچقا مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بالىلىرى مارىيە ھەدىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. بەختكە قارىشى ئالىمىمىز ئابباس ئاكا ھەم مارىيە ھەدە بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى. ئۇلارنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

Abbas aka.jpg

ئابباس بۇرھان ئاكا شىنجاڭ مەدەنىيەت ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە

دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۆۋەتتە ئامېرىكانىڭ تېببىي دورا تەتقىقات ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە خەلقئارادا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان دورا تەتقىقات بىرلەشمە ئىدارىسى – Pfizer دە راك ۋە باشقا كېسەللىرى دورا تەتقىقات تارمىقىنىڭ باش يېتەكچى (Lead Clinical Pharmacologist/Principle Investigator) تەتقىقاتچىسى ۋە كلىنىكىلىق دورىشۇناسلىق تارمىقىنىڭ دىرېكتورى بولۇپ خىزمەت قىلماقتا (2004-يىلىدىن ھازىرغىچە). رىشات ئابباس بورھان 1989- يىلى ئۈرۈمچىدىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كېلىپ، 1994- يىلى ئوھىو شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا  (The Ohio State Unwersiti, Columbus, OH, USA) تېببىي دورىشۇناسلىق ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. بىلىشىمچە رىشات ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇغان ۋە تەبىئىي پەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ئۇيغۇر پەرزەنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1994- يىلىدىن 1996-يىلىغىچە، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەتقىقات تەجرىبىخانىسىدا (Wright-Patterson Air Force Base, Dayton, OH, USA) دوكتور ئاشتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكادىكى تېببىي دورا تەتقىقات خىزمەت ھاياتىدا، رىشات ئابباس بورھان ئامېرىكا دۆلەتلىك تەتقىقات تەجرىبىخانىلىرىدا، خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات ئىدارىلىرىدە يېڭى دورىلارنى تەتقىق ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ساھەسىدە زور ئۈنۈملۈك تەتقىقات خىزمەتلىرىدە بولغان ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئېرىشكەن.

Rishat Abbas - America Tibbi Dora Tetqiqat Alimilir Birleshmisining Conferenc da.JPG


رىشات ئابباس بورھان يېڭى دورىلارنى تەتقىق قىلىش، ئىستېمال قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى كلىنىكىلىق سىناقتىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلىرىدە، داۋاملىق مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئىلىپ، ئالاھىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە: راك كېسەللىكىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورا - Tarceva (Erlotinib) ۋە Bosulif (Bosutinib)، يۈرەك-قان تومۇر كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان يېڭى دورىلار- PLETAL، نېرۋا كېسەللىرىگە دەۋا - Abilify، ھەمدە دىابەتەس كېسەللىرىگە شىپا بولىدىغان دورا - ئېغىزدىن ئىستېمال قىلىدىغان Insulin (ھازىر تېخى تەتقىقات ۋە مۇقىملىشىش باسقۇچىدا) لارنىڭ تەتقىقاتىغا كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى. ھازىرغا قەدەر ئۇ، 135 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلەرنى خەلقئارا تېببىي دورا تەتقىقات ژۇرناللاردا ۋە خەلقئارالىق تېببىي دورا تەتقىقات يىغىنلاردا ئېلان قىلدى. شۇنداقلا يەنە دورا ئىلمىگە ئائىت كىتابلارنىڭ بابلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ تېببىي دورا تەتقىقات ساھەسىدە يەنە 2 پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

Rishat Abbas with his scientist colleagues at US Air Force-Navy-Army Tri-Service.jpeg

دوكتور رىشات ئابباس بورھان نۇرغۇن قېتىم دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق پەن-تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ تەقدىرلىشى ۋە مۇكاپاتلىرىغا سازاۋەر بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1996- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (the U.S. Department of Defense) تەرىپىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن "پەن ۋە تېخنىكا نەتىجە مۇكاپاتى" (Science and Technology Achievement Award)، 1996- يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە باش ئىشتابىدىن (the U.S. Department of Air Force) بېرىلگەن "پەن-تەتقىقات نەتىجە مۇكاپاتى" (Scientific Achievement Award) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىكتۇر. بىر پارچە ماقالىسى 1999-يىلى "زەھەرلىك ماددىلار ئىلمى جەمئىيىتى" (Society of Toxicology) تەرىپىدىن "مۇنەۋۋەر ئەسەر" بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى خەلقئارا دىئابىت كېسىلى تېخنىكىلىق يىغىنىدا يەنە بىر پارچە ماقالىسى "ئەڭ ياخشى مەزمۇنلۇق ماقالە" بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى ئۇنىڭ كۆكرەك راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى "پەۋقۇلئاددە ئىجادچانلىققا ئىگە نەتىجە" مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتقا قوشقان زور تۆھپىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئۇندىن باشقا يەنە 2009-يىلى، قان راك كېسەللىكلىرىگە قارشى دورا تەتقىقات نەتىجىسى بۇ ساھەگە قوشقان تەتقىقات تۆھپىسىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى سەۋىيىدە بولغانلىقى ئۈچۈن "يېڭى بىر پەللىگە يەتكەنلەرنى ئېتىراپ قىلىش" مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

Rishat Abbas at work.JPG


بىز ئۈچۈن يەنە بىر خوش خەۋەر يېقىندا دوكتور رىشات ئابباسنىڭ 2013-يىلدىكى بىر ماقالىسى “دۇنيا بىو-مەدىتسىنا ئالدىنقى سەپى” (World Biomedical Frontiers) ژۇرنىلىنىڭ ئالدى مۇقاۋا بېتىدە تونۇشتۇرۇلۇشقا تەكلىپ قىلىندى. ئۇ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە San Diego تا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئىلمى دوكلات يىغىنىدا (the 10th Annual Lysosomal Disease Network World Symposium, February 10-13, 2014, San Diego, California)  ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.  رىشات ئابباسنىڭ بۇ ياراتقان نەتىجىلىرى ئۇنۇڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكى ۋە كېچە كۈندۈز ھارماي تالماي تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. مەن رىشات ئابباسنىڭ بۇندىن كېيىن كەسپىدە تېخىمۇ زۆر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن!

Rishat hem men.jpg

بۇلتۇر يازدا ۋاشىنگتون DC غا بارغان ۋاقتىمدا تارتىلغان رەسىم.

دوكتور رىشات ئابباسنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدە بوستوندا ياشايدىغان ئىنىمىز – قەيسەر مىجىت نەچچە يىللار ئىلگىرى “تىلسىملار دۇنياسىدا نۇر قۇچقان ئالىم” ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات ئېلان قىلىپ ئىلىم-پەنگە ئىنتىلىدىغان ياشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ھاياجانلىق ئىلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ ئېلېكترونلۇق نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرەلەيسىز!

http://kitaphumar.com/?p=295

ئاخىرىدا بۇ تىمىنى تەھرىرلەپ بەرگەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز بىلگەجان ئۇكامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن!


2

تېما

0

دوست

7121

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3512
يازما سانى: 448
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 767
تۆھپە : 1668
توردىكى ۋاقتى: 961
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 16:46:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ئۆز ئالىمىرىمىز، ئىلىم ئەھلىلىرىمىز بىلەن تونۇشتۇرغان تاشپولات ئاكىمىزنىڭ ھەرپ باسقان قوللىرىغا دەرت يەتمىسۇن، اللە كۆپ ئەجىر ئەزىم ئاتا قىلسۇن. كۆپ تەشەككۈر.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 16:57:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىڭ تەشەككۇرلەر ئاشۇ ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزدىن ،ئاشۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن بىز ئىشەنچ،ئىرادە بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتىمىز ،تەرەققى قىلۋاتىمىز ،باشقا تەرەققى قىلغان مىللەتلەر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەۋاتىمىز .دۇنيادا تۇتقان ئورنىمىز شۇنچە ئاشماقتا ،ئاللاھ تىنىڭلارنى ساق سالامەت قىلسۇن ،ئۇزۇن ئۆمىر كۆرگەيسىلەر .امىن

0

تېما

0

دوست

1061

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8532
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 316
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 17:38:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر ئالىمىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرغانلىقىڭىزغا رەھمەت.

44

تېما

2

دوست

7722

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1989
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 17:56:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مۇشۇنداق ئالىملىرىمىز داۋاملىق تۇنۇشتۇرۇلۇپ تۇرسا ياخشى بولاتتى.

17

تېما

28

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1538
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 4344
توردىكى ۋاقتى: 1725
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 18:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئالىمنىڭ تۇنىلىشى ئون ، يۈز، مىڭلىغان ئالىمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ۋاختى-ۋاختىدا روھىمىزنى كۈتىرىپ تۇرغانلېرىغا رەھمەت!...

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 18:08:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات  ئاكا سىز بىزنىڭ ئۈمۈدۋارلىقىمىز ھەم ئىلىم-پەن نىشانىمىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش  ھەر ساھە بىلىمسۆيەرلەرگە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، چۈنكىسىلەر بىزنىڭ ھايات نىشانلىرىمىزدىكى زۇلۇمەتلىرىمىزنى يۇرۇتقۇچى نۇرلۇق مەشئەللەلىرىمىزدىنسىلەر!!!

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-2 18:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق  ھېرىپ چارچىدىم دېمەي ئۈزلۈكسىز قان - تەر تۆكۈپ، ياشىغاننىڭ، يارىتىلغاننىڭ ھەققىنى ھالال قىلىۋاتقان  كىشىلەرنىڭ ئىش- پائالىيەتلىرىدىن، يۈرىكىدە، ئېتىقادىدا ياشىتىۋاتقان روھىدىن كۆپ  كۈچ ئالىمەن.
  
ئالىمغا ھەم تېما ئىگىسىگە قۇتلار بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )