قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2757|ئىنكاس: 19

شۇڭقار كەبى چاغلار -(6) - قەيسەر مىجىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

95

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   6.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 57
مۇنبەر پۇلى: 915
تۆھپە : 4453
توردىكى ۋاقتى: 261
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 13:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭقار كەبى چاغلار -(6)


قەيسەر مىجىت


(بۇ ئەسىرىمنى مىنىڭ ئاز-تولا يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا تۈرتكە بولغان كىشىلەرگە، ئۇستازلارغا ۋە دوستلارغا بىغىشلايمەن)


       گەرچە ئۈرۈمچىدىكى چېغىمدا ئاللا كىملەردۇر مىنى 1991-1995 يىلىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئەدەبى ژورنال "تارىم" ئىلان قىلغان 3 پارچە ئەدەبى ئاخباراتىم سەۋەبلىك "ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى" قىلىپ تىزىۋالغان ھەمدە ئاللا كىملەردۇر "كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئەدەبى ئاخباراتچىلىرىمىز قاتارىدا سانىۋالغان بولسىمۇ"، سەمىمىلىك بىلەن ئىيتقاندا مەن يازغۇچى ئەمەس. مەن بىر ھەۋەسكار پەقەت، يەنى كىتىپ-كىتىپ ئويلىغانلىرىمنى يىزىپ قويىدىغان، ئىلھامىم كەلسە ئاچچىق-چۈچۈك قاتتىق-قۇرۇق سۆزلەرنى تىزىۋىلىپ "شىئر" دەپ ئاتىۋىلىپ مۇساپىرچىلىق ھاياتتا ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش قىلىدىغان.
مىنىڭچە ھەقىقى مەنىدىكى يازغۇچى بولۇش ئۇچۇن، بىراۋدا ئىستىدات ۋە يېزىقچىلىققا بولغان چەكسىز ئىشتىياق ھەم سەمىمىيەت بولۇشى كىرەك. مەندە "يازغانلىرىم ئوقۇرمەنلەرگە نەپ بەرسىكەن" دەيدىغان سەمىمىيەت ۋە يېزىقچىلىققا بولغان بالىلىقتا باشلانغان ھازىرغىچە كىتىپ -كىتىپ يىنىپ قالىدىغان ئوتتەك ھەۋەس بولغىنى بىلەن ئالدىنقى ئىككىسى يوق.
         مەن - ئايال-قىزلىرىمىزنىڭ مۇئارىپ تەربىيىسى ئىلىشىنى، ئىلگىرلەپ ئوقۇشىنى قوللايدىغان بىرسى. چۈنكى ئاياللار - بالىلىرىمىزنىڭ ئانىسىلا ئەمەس، مۇھىمى مىللەتنىڭ ئانىسى. ئاياللارنىڭ مۇئارىپ بىلەن تەربىيلىنىشىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە، مىللەتكە ۋە جەمىيەتكە ئىلىپ كىلىدىغان پايدىسى كۆپ تەرەپلىمىلىككە ئىگە بولۇپ جەمىيەتشۇناسلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار بۇ ھەقتە سانلىق-مەلۇماتلىق ئاناليىزلارنى ئىلىپ بىرىپ بۇ نۇقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.
    مىنىڭ تەلىيىمگە ئانام ئەينى چاغدا قىزىلسۇ ئوبلاستلىق بىرىنجى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۇتتۇرگەن بولۇپ ئورمان مەيدان باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى. ئانام بىزگە ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى، رىۋايەتلەرنى ئىيتىپ بىرەتتى. داداممۇ گىزىت-ماتىرياللارنى كۆرۈشكە ئامراق كىشى ئىدى. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان ماڭا نىسبەتەن تەبىئى ھالدا كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىش پەيدا بولدى. ئۇ تاغدا نە كۇتۇپخانا، سىتىۋالاي دىسە نە كىتاپلار بولسۇن؟. بىرەرى "چاپايىۋ" نىڭ رەسىملىك كىتاۋىنى كۆرسۈتۈپ قويسىمۇ خوش بوپ كىتەتتىم، ئىككى قىتىم كۆرسۈتۈپ قويسا ئىككى قىتىم، ئۈچ قىتىم كۆرسىتىپ قويسا ئۈچ قىتىم خوش بوپ كىتەتتىم دىسە؟ ئېزىز سوپى ئىسىملىك ھەربىلىكتىن قايتقان مەيداندا ئىشچىلىققا خىزمەتكە چۇشكەن ئاكىمىزنىڭ قولىدا قەييۇم تۇردىنىڭ "زەرەپشان ياشلىرى" ناملىق رومانىنى كۆرۈپ، دادامغا دىگۇزۇپ ئۇ كىتاپنى ئارىيەت ئىلىپ شۇنداق ئىشتىياق بىلەن تىزلا ئوقۇۋەتكىنىم ئىسىمدە. ( (نەچچە يىللار ئىلگىرى ئامېرىكىدا تۇرۇپ ۋەتەندىكى خەۋەردىن  ئېزىزكامنىڭ قوغدىلىنىدىغان قۇشلارنى قانۇنسىز ھالدا ئىتىش بىلەن ئەيىپلىنىپ ئۇزۇن يىللىق كىسىلگەنلىگىنى ئاڭلاپ ئۇ كىشىگە ئىچ ئاغرىتقان ئىدىم، كىيىن سۈرۈشتۇرسەم، تۈرمىدە كىسەل بىلەن قازا قىلىپ كىتىپتۇ، ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن!). دىمەك "دەرىزىگە چاڭ توزاڭ ئاستا-ئاستا قونۇپ توپىغا ئايلانغاندەك"، ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسمۇ مىنىڭ كۆڭۈل گۇلزارلىغىمغا كىپىنەكتەك قونۇشقا باشلىدى. ئۇلۇغچات ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ئەدەبىيات دەرسىنى بەرگەن ھۆرمەتلىك ئەدەبىيات تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىم - ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ بىزنى يىزىقچىلىققا قىزىقتۇرۇشى ۋە ئوبۇلقاسىم ئۇلۇغ مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئۇ ھەۋەسلەر قەلبىمدە بىخ سۈرۈشكە باشلىدى. 6-سىنىپتا قاپىيە قوغلىشىپ:
مىنىڭ ھەربى بولغۇم بار،
ئۆزۈم كىچىك بالىمەن.
دۈشمەن كەلسە باستۇرۇپ،
زەربە بىرىمەن بال بىلەن.

دەپ شىئر يىزىپ سىلىپ كۈلكىگە قالغان بولسام، 8-سىنىپقا چىققاندا بولسا تالانتلىق شائىرىمىز ل. مۇتەللىپنى خاتىرىلەپ ئوبۇلقاسىم مۇئەللىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەكتەپ خاراكتىرلىك پائالىيەتتە مۇنداق شىئر يىزىپ دىكلاماتسىيە قىلغىنىم ئىسىمدە:

ئەي مىنىڭ خەلقىمنىڭ پەخىرلىك ئوغلى،
ئەل سۆيگەن تالانتلىق شائىر لۇتپۇللا.
ئەۋلاتلار باسىمىز ئىزىڭدىن چوقۇم،
روھىڭنى ئۈلگە قىپ، توۋلىشىپ "ھۇررا".

       شۇ چاغلاردا ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە مۇئەللىمنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان "شىئر"لىرىمنى 8 پۇڭلۇق ماركا چاپلاپ ئۈرۈمچىگە "ئۆسمۈرلەر گىزىتىگە" بىر نەچچە قىتىم ئەۋەتتىم. ھە "مانا چىقىپ قالا، ئەنە چىقىپ قالا" دەپ تەمە قىلىپ گىزىتلەرگە قاراپ كىتەتتىم. كۆرۈدۈغۈنۇم - ئادىلجان تۇنىياز بىلەن ئىبراھىمجان ئايۇپنىڭ يەنى ھازىرقى ئىبراھىمجان ئالپتېكىننىڭ بالىلار شىئرلىرى بولاتتى. ھەتتىگىنەي، شۇ چاغدا ئاۋۇ گىزىتنىڭ تەھرىرلىرى (مەتروزى دىگەن ئادەممۇ ۋە ياكى ئەبەيدۇللا ئىبراھىممۇ ئىشقىلىپ ئاشۇلار) "ماۋۇ جەنۇپنىڭ ئادەم باسمايدىغان چەت يىرىدە بىر كىچىك بوغۇن مىدىرلاپ بىقىۋاتىدۇ، ئىلھام بىرەيلى" دەپ ئىككى كۇپلىت شىئرىمنى ئىلان قىلىپ قويغان بولسا، بىشىم كۆككە يىتىپ، بويۇم ئىگىزلەپ، ھەۋەسلىرىم تىشىپ ئاللىكىملەر ئىلھامى كەلگەندە جۇۋىغا ئورىنىۋىلىپ دومىلاپ تۇرۇپ ئەسەر يازغاندەك مەنمۇ پۇتۇمغا قۇم خالتا باغلىۋىلىپ تاغلارنىڭ ئۈستىگە يۈگرەپ چىقىپ ئەسەر يازىدىغان، بەلكى بۇ كۈنلەردە خىلى قەلىمى پىشقان يازغۇچى بوپ قىلىشىم مۇمكىن ئىدى-دە!
بەزىدە ئادەم ھەقىقەتەن رىغبەتلەندۇرۇشكە مۇھتاج، بولۇپمۇ كىچىكلەر ۋە ياشلار تېخىمۇ شۇنداق!
       شۇنىڭ بىلەن گىزىتتە ئىلان قىلىنمىغان شىئرلىرىمنى قەغەزگە چىرايلىق كۆچۈرۈپ دەرستىن يانغاندىن كىيىن ياتاقنىڭ كەينىدىكى باغرىدىن گېل (كۆمۈر قۇيغاندا ئىشلىتىدىغان بىر خىل ئالاھىدە قىزىل رەڭلىك توپا) چىقىدىغان قىزىل رەڭلىك تاغلارغا چىقىپ شاماللارغا قويۇپ بىرەتتىم....
      كىتە قەغەز، يازغانلىرىمنى ئىلىپ كەت...شىئرلىرىم يىنىمدا بىكارغا تۇرۇپ بۇرۇقتۇم بولۇپ قالمىسۇن، شاماللار ئۇنى ساماغا ئۇچۇرۇپ كەتسۇن! يۇلتۇزلار ئۇنى پەرىلەرگە ئوقۇپ بەرسۇن!
بالىلىق خىياللىرى-دە، بالىلىق!
     مىنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە تولۇق ئوتتۇرىغا ئوقۇشقا كىرگىنىم ئىنتايىن ياخشى بوپتىكەن. قۇربان بارات، يالقۇن روزىغا ئوخشاش تونۇلغان، ئەل سۆيگەن شائىر، يازغۇچىلارنى تەربىيىلىگەن بۇ ئانا مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى كۆپ ياخشى ئىكەن. (ئەسكەرتىش: ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئەسەر يوللاش تەكلىۋىنى ماقۇل كۆرۈپ يىزىپ چىققان بۇ مەكتەپ ھەققىدىكى "ئالتۇن بۆشۈكتە ئەللەيلەنگەن چاغلار" ناملىق ماقالەم پات يىقىندا ئىزدىنىش مۇنبىرىدە جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ).
      مىنىڭ تۇنجى ئەسىرىم -"قالىغاچ" ناملىق شىئرىم 1986-يىلى يىڭى يىل كۈنى "قىزىلسۇ گىزىتى" نىڭ ئەدەبىيات بېتىدە ئىلان قىلىندى. ئۇ گىزىتنى كۆرگەن چىغىمدىكى  خوشاللىقنى تەسۋىرلىمەيلا قوياي. گويا ئەمدى مىنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ تونۇيدىغاندەك كۈندۈزدە ئاسمانغا قاراپ كەتكەنلىرىم...پاھ..
   تاغدىن شەھەرگە كىرىپلا ئالدى بىلەن ئەدەبىيات دەرسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدىم. ئۇلۇغچاتتىكى ئەبەيدۇللا مۇئەللىمنىڭ دەرسىدە مەخمۇت مۇھەممەتنىڭ:

خوشاللىققا بەلگە ئەمەس كۈلكىلا،
كىشى خوشال بولۇۋەرمەس كۈلسىلا.


دىگەن مىسرالىرىنى تولا دىكلاماتسىيە قىلىپ، بۇ جەھەتتە خىلى پىشىپ قاپتىكەنمەن، بىزگە ئەدەبىيات دەرسىنى بىرىدىغان خانىم بۇ ئالاھىدىلىگىمنى بايقاپ قىلىپ دەرس ئۆتكەندە شىئر ۋە ھىكايىلەرنى ماڭا ھۆددىگە بەرگەندەكلا ماڭىلا ئوقۇتىدىغان بولۇۋالدى. (ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا چىقمىغان بولسام ئاتۇشتا يىڭىدىن قۇرۇلغان تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئىمتىھان بىرىپ سىتىۋالدىجان مۇتەللىپكە ئوخشاش دىكتور بولاتتىمغۇ دەيمەن). ھىلىقى قىرغىز شائىرى ئامانتۇر بايزاكنىڭ:

ئاتام ئۆزۈڭ تەڭرىتاغ،
ئانام ئۆزۈڭ تەڭرىتاغ.
مىليون يىل تەڭ يېشىڭغا
قۇياش قونغان بېشىڭغا!


دەپ يازغان مىسرالىرى نەقىل ئىلىنىپ يىزىلغان تەيىپجان ئەلىيوف، نىمشەھىت ئەلى ئارمىيە سايرامىلارنىڭ ئارۇز ۋەزنىدە يىزىلغان شىئرلىرىنى تازا جاراڭلىق ئوقۇيتتىم دىسە...
     خانىم بىزگە يازغۇچى تېيىپجان ھادىنىڭ "پالۋان كەلدى" ناملىق ئەسىرىنى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا رول تەقسىملەش ئارقىلىق جانلىق ئۇسۇلدا ئۆتمەكچى بولۇپ ئاتۇشنىڭ ئاغۇ يىزىسىدىن ئوقۇشقا كىرگەن نىجات ۋاھىت بىلەن مىنى سۇنتاغقا يىقىن يەردىكى ئۇلاق بازىرىدىن ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئۇنئالغۇغا ئىلىپ كىلىشنى بۇيرىدى. بىز بىر سومكىغا خىلىلا چوڭ بولغان كۈمۈش رەڭلىك ئۇنئالغۇنى قاچىلاپ ئىشەكنىڭ تازا ياڭراق ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ئىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق، نىجات ئۆزى شوخ بالا ئىدى، يولدا كىلىۋىتىپ ئۇنئالغۇنى بىسىپ قويسا، ئىشەك يوق يەردە ئىشەكنىڭ ھاڭرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان كىشىلەر بىزگە تەئەججۇپلىنىپ قاراپ قىلىشقان ئىدى. 1-ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرىپ بىرىنجى مەۋسۇمىلا مەن "يانچۇقچى" ناملىق ئېپىزوتنى يېزىپ چىقىپ مەن ۋە سۇنتاغدىن ئوقۇشقا چىققان ئىممىگۇل، ئابلەي ھېپىز قاتارلىق ساۋاقداشلار بىلەن بىللە رول ئىلىپ ئويناپ چىقىپ مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت مۇسابىقىسىدە بىرىنجىلىككە ئىرىشتۇق.
       1985-1986 يىللىرىدا مەكتەپتە سەلەي قاسىم، ئەسقەر ئەيسا، تەلئەت قادىرى قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلار ئەدەبىيات دەرسىنى ئوتۇدىدىغان بولۇپ بۇلاردىن شائىر تەلئەت قادىرى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى ئەدەبى ئىجادىيەت كۇرجۇكىغا يىتەكچىلىك قىلاتتى. يۇقۇرى يىللىقتىكى سىنىپلاردىن ئىبراھىمجان ئايۇپ، ساۋۇتجان ھىدايەت ۋە خاتەمنىسا قۇربان(؟) قاتارلىق قەلىمى ياخشى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ تام گېزىتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبى ئەسەرلىرى بىلەن يىڭىلاپ تۇراتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر جامائەتچىلىككە تونۇلغان سەمەرىلىك ياش يازغۇچى ئىبراھىمجان ئايۇپ (ئىبراھىمجان ئالپتېكىن) پىكرىنىڭ ئۆتكۈرلىگى، قەلىمىنىڭ كۈچلۈكلىگى، خەلقىمىزگە بولغان سۆيگۈ مۇھەببىتىنىڭ يۈكسەكلىگى بىلەن مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.
    ئۇنىڭ تاغىسى - ئاتۇش ئۇستۇناتۇشنىڭ بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان مىللىتىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازاتلىغى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان تونۇلغان شائىر، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىنىڭ كۆزگە كۆرۇنگەن رەھبىرى، ئىنقىلاۋى ئۇستاز، كىيىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغان مەشھۇر جامائەت ئەربابى، خەلقىمىزنىڭ قەھرىمان ئوغلى، ۋىجدانلىق رەھبىرىمىز، مەرھۇم ئىبراھىم تۇردى ئەپەندى ئىدى (جانابى ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي، ئامىن)
     ئىبراھىمجان ئايۇپنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئەدەبى ئىجادىيەت ھەققىدە بىر قىتىم بىزگە يىتەكچىلىك قىلغان شائىر تەلئەت قادىرىنىڭ مۇنۇ سۆزى ئىسىمدىن ھازىرغىچە چىقمايدۇ.
    "-ئەدەبى ئىجادىيەتتە ئىلھام ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ تاسادىپى ئىشلاردىن، ۋەقەلەردىن تۇيۇقسىز پەيدا بوپ قالىدۇ، مەسىلەن "قوزۇق" ھەققىدە يازغان شىئرىم مىنىڭ بىر قىتىم تۈز يولدا كىتىۋىتىپ بىر قوزۇققا پۇتلىشىپ يىقىلغىنىمدىن ئىلھاملىنىپ يازغان شىئرىمدۇر. شۇ چاغدا مەن ئويلىدىم: توختا، مۇشۇ ھاياتتا، تۇرمۇشتا بەزى ئىشلار، بەزى ئادەملەر بولىدىكەن خۇددى قوزۇققا ئوخشاش، سەن يولدا تۈز كىتىۋاتساڭمۇ تۇيۇقسىز پۇتلاپ يىقىتىپ قويىدىغان...ئادەم شۇڭا ئەتراپقا قاراپ سەگەك ياشىمىغى لازىمكەن."
        شۇ چاغلاردا ئاتۇش رايونىدا ياشاۋاتقان تونۇلغان يازغۇچى، شائىر ۋە تارخچىلاردىن مۇتىللا ئىبراھىم، ئابلىكىم زوردۇن، غۇلام ئوسمان زۇلپىقار، مۇختەر خېلىل، نەسرۇللا ئابلەت، تەلئەت قادىرى، توختى يۇسۇپ، مىرەخمەت سېيت، ئەسقەر ئەيسا ۋە كىيىنچە كۈرەشچان ئۆمەر قاتارلىق ئوتتۇرا ياش ۋە ياش يازغۇچىلار قوشۇنى بار ئىدى.
   شائىر مۇتىللا ئىبراھىم ئەپەندى - دادام بىلەن بىر كەنتلىك ئىدى.
   شائىر ئابلىكىم زوردۇن ئەپەندىنىڭ ئاچىسى خەيرىنسسا خانىم بىزگە بىئولوگىيە دەرسى ئۆتكەن ئىدى.
    ئۆزىنىڭ "بۇلاق" ژورنىلىدا ئىلان قىلغان، خەلقىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى مەرھۇم مەمەتىلى تەۋفىق ئەپەندى ھەققىدە "يېرىم ئەسىر يوقالغان قەبرە" دىگەن ئوچىرىكنى يىزىپ شۇ چاغدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىستىداتلىق يازغۇچى زۇلپىقار ئەپەندىنى مەن بىر قىتىم مەكتىۋىمىزنىڭ ئۇدۇلىدىكى "رادىئو تېلىۋىزىيە مەكتىۋى قورۇسىدا دوستى - ئابلەت مۇھەممەد (ئابلەتكام 30 غا بارماي تۇرۇپل ياشلاا قازا قىلىپ كەتتى، ياتقان جايى جەننەتتىن بولسۇن، ئامىن) ئىسىملىك بىر يىقىنىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان چىغىدا كۆرگەن ئىدىم. ئۆزى ئىگىز بوي كىشى بولۇپ، ئاقۇش شىلەپە كىيىۋالغان ئىكەن.
     مۇختەر خېلىل يەنى ھازىرقى مۇختەر بۇغرا ئەپەندى- شۇ چاغدا كانسۇ كۆمۈر كاندىكى ياشلار خىزمىتىدىن يۆتكىلىپ ئاتۇشقا يىنىپ "چىگەن" چاغلىرى بولسا كىرەك، ئۇ كىشىنى بىزنىڭ مەكتەپ قورۇسىدا كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ئىككىمىزنىڭ بىر ئوخشاشلىغى بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇمۇ ئۇلۇغچات ۋە كانسۇنىڭ تاغلىرىنى تالاي قىتىم كۆرگەن. كىم بىلىدۇ مەن ئۇلۇغچاتتا ئوقۇغان چاغدا كانسۇدىن كۆمۈر ئىلىپ قايتقان ماشىنىنىڭ بىرەرىگە بىللە چىقىپ قالدۇقمۇ تېخى؟ ئوخشاش يەردىن باشلانغان سەپەر، مانا بۇگۇن ئۇ ۋەتەندە تونۇلغان شائىر، مەن يىراق ئەلدىكى تونۇلمىغان مۇساپىر!
     ھايات دىگەن ھەقىقەتەن قىزىق ھەم سىرلىق!
     تەلئەت قادىرى - ساۋۇتجان ھىدايەتنىڭ سىنىپ مۇدىرى ئىدىغۇ دەيمەن، ئەمما ماڭا دەرس بىرىپ باقمىغان ئىدى. ماڭا 10 ۋە 11-يىللىق ئەدەبىيات دەرسىنى ھازىر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىدىغان سانىيەنىڭ دادىسى ھۆرمەتلىك ئەسقەر ئەيسا مۇئەللىم بەرگەن ئىدى. بىر قىتىملىق ئەدەبىيات دەرسىدە ئەسقەر مۇئەللىم دەرستىن كىيىن ماڭا بىر خەتنى ئۇزۇتىۋاتىدۇ، "نىمىدۇر بۇ" دەپ قارىسام، "قىزىلسۇ گېزىتىدىن" كەلگەن قەلەم ھەققى ئۇقتۇرۇشى ئىكەن.
  
ماڭا بىر يىرىم كوي، مۇئەللىمگە ئىككى كوي.
-مە مانى بىرىپ ئەكىلىپ خەجلە.

     توختى يۇسۇپ ئەپەندى - ئاتۇشنىڭ شورۇقتىن بولۇپ، ئۆزى ئاددى-ساددا، مېھرىۋان كىشى ئىكەن. بىر قىتىم يىڭى يىل ھارپىسىدا مەكتىۋىمىزگە كىلىپ "قېرىلىق" دەپ بىر شىئرنى ئوقۇپ بەرگىنى ئىسىمدە. ئۇ كىشىنىڭ شىئرى شۇنداق باشلانغان ئىدى:
قوي قېرىلىق ئېسىلماي تۇر پەشلىرىمگە...
   توختى يۇسۇپ ئەپەندىمنىڭ شۇ شىئرى بىلەن مىنىڭ بىر شىئرىم "قىزىلسۇ گىزىتىدە" ئوخشاش كۈندە ئىلان قىلىنغان ئىدى. كىيىن شائىرنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇشقا ئۆتكەن ئوغلى تاھىر بىلەن يىقىن ئۆتتۇم.
      مىرەخمەت سېيت ئەپەندى - ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدە ئىشلەيتىغۇ دەيمەن، تاغدا "مەدەنىيەت ئىدارىسى"نى كۆرمىگەنلىكتىن ئاتۇشقا ئوقۇشقا كىرگەندە خۇددى خەنزۇلارنىڭ شۇ چاغلاردا ئىشلەنگەن "چېن خۇئەن شىئاڭنىڭ شەھەرگە كىرىشى" دىگەن كومىدىيەلىك كىنوسىدىكى ھىلىقى ئۆمرىدە تۇنجى قىتىم يۇمشاق كارۋاتنى كۆرۈپ خوش بولۇپ كىتىپ كارۋاتنىڭ ئۈستىگە چىقىۋىلىپ سەكسەننى سەكرىۋەتكەن چېن خۇئەن شىئاڭدەك مەنمۇ شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە بىرىپ گىزىت ماتىرياللارنىڭ كۆپلىگىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولۇپ سەككىزنى سەكرىۋەتكەن ئىدىم. مىرەخمەت ئەپەندىنىڭ ئوغلى نەبىجان بىز بىلەن پاراللىل سىنىپتا - رابىيە خانىمنىڭ سىنىپىدىغۇ دەيمەن ئوقۇيدىغان بولۇپ، دادىسىنىڭ مەمەتىلى تەۋفىق ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىگىدەك گەپلەرنى شۇ چاغلاردا ئاڭلاپ دادىسىغا ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى.
     ئۇنىۋىرسىتىت ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۇتتۇرگەن ياش شائىر كۈرەشچان ئۆمەر ئەپەندى ئۆزى پائالىيەتچان بولۇپ 1987-يىلى مەكىتىۋىمىزگە خىزمەتكە كەلگەنغۇ دەيمەن. بەكلا جۇشقۇن ۋە روھلۇق ئىدى. ئۇنىڭ تەشكىللىشىدە ئاتۇش رايونىدىكى قەلەمكەشلەر 1988-يىلى ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىسىدا "قەلەمكەشلەر يىغىلىشى قىلدى". بۇ يىغىلىشتا ئوقۇغۇچىلاردىن مەن ۋە شئىر يىزىشقا ئاشىق ئاتۇشنىڭ مەھشەتتىن چىقىپ مەن بىلەن پاراللىل ھالدا ئىجتىمائى پەن سىنىپىدا ئوقۇغان ئابلىمىت تۇردى ئىككىمىزلا قاتناشقان ئىدۇق. قالغانلىرى - قەلىمى پىشقان، ئەسەرلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىنغان يازغۇچى-شائىرلار ئىدى.
      مەن يازغۇچى پەرھات تۇرسۇننى شۇ يەردە كۆرگەن ئىدىم. شۇ كۈنىدىكى سورۇندا ھەممەيلەن دىگۇدەك بىردىن ئەسەر ئوقۇشتۇق. مەرگىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇش جەريانىدا پوۋىست، ھىكايىلىرى چوڭ جورناللاردا ئىلان قىلىنىپ تونۇلغان پەرھات تۇرسۇننىڭ ئوقۇغان شىئرى ۋە ئۇندىن كىيىن كافكا توغرىسىدا سۆزلىشى بولۇپمۇ ئۇنىڭ شىئرىدىكى بىرىنجى مىسرا ئىسىمدە قاپتۇ:
"پاھىشە ئايالنىڭ ناز كۈلكىسىدەك...."
     ۋاي ئاللا ماۋۇ گەپنى. شىئرنى پەرھات تۇرسۇن ئوقۇسا مىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىم...18 گە كىرمىگەن چىغىم دە ئۇ چاغ. ئۇنى ئاڭلاپ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم: "بۇ دادام دىمەتلىك ئادەملەرمۇ بار يەردە "پاھىشە" دىگەن گەپنى ئىشلىتىۋاتىدا ما ئاداشششش، بەك مودېرنىزىمچى بوپ كىتىپتىمۇ نىمە بىيجىڭدا ئوقۇپ؟
      شۇ مەزگىللەردە ئاتۇش ئۇستۇناتۇشتا مۇستاپا مۇھەممەد ئىسىملىك خېلىلا تونۇلغان يازغۇچى بار ئىدى (نەچچە يىل ئىلگىرى قازا قىلىپ كىتىپ قاپتۇ، ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلغاي)
       ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بولمىش سېتىۋالدى كېرىم ۋە مۇتىللا ئىبەتلەر بۈگۈن تونۇلغان شائىر ۋە يازغۇچى بولۇپ يىتىشىپ چىقىپتۇ. مۇتىللا ئىبەت مەھەللىمىزدىكى مويسىپىت ئىبەت قاسىم ئاكىنىڭ ئوغلى بولۇپ مەن پەقەت تەتىلدىلا يېزىدىكى ئۆيىمىزگە بارىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ شىئر يازىدىغانلىغىنى ئۇقماپتىكەنمەن. مىنىڭ گىزىتكە شىئر ۋە نەسرلىرىم چىققىنىنى كۆرۈپ، ئۇ ماڭا بىر قىسىم يازغانلىرىغا باھا بىرىپ بىقىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇستۇناتۇشتىن خەت ساپتۇ. كىيىن ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى "قىزىلسۇ ئەدەبىياتى" دا ئىلان قىلىندى. ئۈرۈمچىدە پىداگوگىكا ئۇنىۋىرسىتىتىدا ئوقۇغان مۇتىللا كىيىن تىرىشىپ يىزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بوپ قاپتۇ، يەنى ئۇ "قىرانى" دىگەن تەخەللۇسىگە لايىق ئىش قىپتۇ.
      ئۇنىڭ ساۋاقدىشى سېتىۋالدى كېرىم - ئۇنىۋىرسىتىتتا شائىر ئادىلجان تۇنىياز، ئەمەتجان مامۇت ۋە ھوشۇر تۇرسۇنلار بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان ئىدى، ھازىر ئۇمۇ تونۇلغان مۇئارىپچى ۋە يازغۇچى بولۇپ يىتىلىپتۇ. شۇ چاغدىكى تەڭتۇشلىرىم ئىچىدە ھەممىدىن مىنى سۆيۈندۈرگىنى ئابلىمىت تۇردىنىڭ مۇۋەپپىقىيتىدۇر.
      بىلىشىمچە دادىسى تۇداخۇن ئۇستام-ئاتۇشتا نامى بار ئۇستا ئاشپەز بولۇپ ئاشخانا مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئابلىمىت ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇشقا تازا كۆڭۈل بولۇپ كەتمەي ئاز-تولا جودا تىرىپ تۇراتتى. نىمە بولدى 10- سىنىپقا چىققاندا ئۇنىڭغا شىئر يىزىش ئىشتىياقى چۈشۈپ قاپتۇ، يەنى ئۇ شىئرىيەتكە بىر ياش يىگىت بىر ساھىپجامالغا كۆيگەندەك كۆيۈپ قاپتۇ. ئىككىمىز قوشنا سىنىپتىن ئىدۇق. ئۇ مىنى پات-پاتلا چاقىرىپ ئوبلاستلىق 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى كىسىپ ئاقىدىغان ئۆستەڭ بويىدا ئولتۇرۇۋىلىپ يازغانلىرىنى ماڭا ئوقۇپ بىرەتتى. دەسلەپتە مەن ئۇنىڭ يازغانلىرىغا تۈزۈتۈش بىرىپ تۇردۇم، كىيىن ئۇ تەرەققى قىلىپ مەسلىھەت ئۈچۈن سەلەي قاسىم ۋە ئابلىكىم زوردۇنلارنى ئىزدەيدىغان بولدى. ھالا بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە ئۇ بىر مۇۋەپپىقيەتلىك شائىر بوپ يىتىشىپتۇ. "جانانغا يىتىش ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈش" ۋە "تىرىشساڭ تاپىسەن" دىگەننى مەن ئابلىمىت تۇردىنىڭ ئەمىلىيىتىدىن كۆردۈم. مەن بىلەن پاراللىل ئوقۇيدىغان ئاتۇشنىڭ شورۇقتىن كەلگەن ھوشۇر تۇرسۇنمۇ شىئرنى خىلىلا ياخشى يىزىپ قوياتتى. ئۆزى ۋىجدانلىق، تېتىك يىگىت ئىدى. ھەق-ناھەق مەسىلىسىدە قايناپ قالاتتى، نامەرتلەرنى ككرسە بىرەر ئىككىنى گاچچىدە سىلىۋىتەتتى، ئۇرۇش بار يەردە ئۇرۇلۇشمۇ بار-دە. قاش-قاپاقلىرى كۆكۈرۈپ قالسا يىڭى سويۇلغان قوينىڭ گۆشىنى كۆزىگە چاپلىۋالاتتى! ئىسىت قوينىڭ گۆشى، ئوغۇل بالىچىلىقمۇ بەزىدە زىيىنىغا ماڭىدىكەن ئەينا بەزىدە! :
     مىنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتقا ئۆتۈشۈم بىلەنلا يۈرىكىمگە تېخىمۇ چوڭ ھەۋەس تۇتاشتى. (بۇ مەزگىللەردىكى ئەسلىمىلىرىم مۇشۇ ماۋزۇلۇق ئەسەرنىڭ 2-3 ئىسىدە يىزىلىپ بولغىنى ئۈچۈن تەكرارلىمايمەن)
     يەنى يازغانلىرىمنى گىزىت-جورناللاردا ئىلان قىلىش.
     بىر كۈنى ئاتۇشتىن كىلىپ ئۇنىۋىرسىتىت قانۇن فاكۇلتىتنىڭ يۇقۇرى يىللىغىدا ئوقۇۋاتقان شائىر غەيرەتجان غوپۇر ئۆزىنىڭ "ياشلار جورنىلى" ئىدارىسىگە بارىدىغانلىغىنى، "ئۆسمۇرلەر گىزىتى" بىلەن بىر يەردە ئىكەنلىگىنى ئىيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن 1-يولنىڭ ئاپتوبۇزىغا ئولتۇرۇپ ئۇ يەرگە باردۇق، كىلىشتە ئۇ يەر بۇ يەرنى ئايلىنىپ كەچ قالدۇق. ئۇ چاغلاردا جەمىيەتتە بەزى ياشلار قالايمىقان، نامەرت لۇكچەكلەر بار چاغلار ئىكەن. بىز قاراڭغۇ چۇشكەندە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. ئۇنىۋىرسىتىت دەرۋازىسىدىن كىرىپ سول تەرەپ ئالدىدا بىر ئورمانلىقلارنى كىسىپ ماڭىدىغان يول بار ئىدى، ئەمدى مىڭىشىمىزغا لۈكچەكلەرنىڭ شۇنداق سەت تىللاشقان ئاۋازى كەلدى، ئارقىدىنلا "ھۇشت" قىلىپ بىر ئىسقايتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. تۇيۇقسىزلا غەيرەتجان يانغا بۇرۇلۇپلا يۈگۈرۈپ قىچىپ كىتىۋاتىدۇ. نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي مەنمۇ كەينىدىن يۈگەردىم، بىر تەرەپتىن توۋلايمەن:
- ھوي غەيرىتىكا، ھوي غەيرىتىكا نىمە بولدى؟"
     ياپىر، ئادەم يۈگۈرسە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇنداق يۇگۇرمەس جۇما. ئۇ شۇ چاغدىكى قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەردىن خۇددى كىيىكتەك يۈگۈرۈپ تاكى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئاندىن توختىدى:
-چىككك، سەنمىدىڭ؟ دىدى ئۇ مىنىڭ ئەگىشىپلا كەلگىنىمنى كۆرۈپ، مەن تېخى مىنى بىر لۈكچەك قوغلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن! .
-ۋاي نىمە بولدى؟
-ئاۋۇ ئىسقايتقان ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟
-ھە. ئاۋۇ لۈكچەكلەرنىڭ بەلگىسى، ئۆتكەندە ئاشۇ يەردە بىزنىڭ بىر يىقىن بالىنى ھىچگەپتىن ھىچ گەپ يوق يۇز كوزلىرىگە ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەن . ئىھتىيات قىلمىساڭ بولمايدۇ بۇ يەر-دە.
-ۋاي غەيرەتكا، ياخشىمۇ چوڭ بوپ قالغىنىڭ، ئىگىز بوپ قالغىنىڭ، قانۇن ئوقۇپ قالغىنىڭ، شائىر بوپ قالغىنىڭ. مەن شۇنداق دەپ چاقچاق قىلغاچ ئۇنىڭ يىرىم يولدا چۈشۈپ قالغان بىر ئايىغىنى تىپىپ ئەكىلىپ بەردىم.
     چوڭنىڭ چوڭلىغى بار ئىكەن، چىچەن ئادەملەر "قورقۇنچاقراق" كىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىھتىيات قىلغىنى توغرا ئىكەن. كىيىن مەن نامەرتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەپسىزلا ئۇرۇدۇغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم.
    مەن ئالى مەكتەپ ھاياتىمدا ھەر خىل جورناللاردا شىئر-نەسىر، ئوبزورچى ماقالىسى، ئەدەبى ئاخبارات، ئەدەبى خاتىرە ۋە بەزى بىر ئىجتىمائى تىمىلارغا ئائىت ماقالىلەرنى يىزىپ تۇرۇشتىن سېرت كەسپىم ئىقتىساد بولغانلىغى ئۇچۇن بەزى ئىقتىسادى نەزەرىيەلەرگە ۋە ئۇيغۇر ئىگىلىگىگە ئائىت ماقالىلارنى يىزىپ ئىلان قىلىپ تۇردۇم.
     بۇلارنىڭ ئىچىدە "مەڭگۇلۇك ياشلىق-2" ناملىق ئەدەبى ئاخباراتىم "خانتەڭرى ئەدەبىيات" مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىناسىدىكى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا مەرھۇم سۆيۈملۇك يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئاكىنىڭ قولىدىن مۇكاپات بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.  (ئاللاھ ياتقان جايىنى جەننەتتىن قىلسۇن، ئامىن!)"ھايات ۋە بۇرچ" ناملىق ئەدەبى ئاخباراتىممۇ "مۇنەۋۋەر ئەسەر" مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ 1993-يىلىدىكى غۇلجىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىندىم. لىكىن مەن شۇ مەزگىلدە ياپونىيەدىكى بىر ئالى مەكتەپ بىلەن بىزنىڭ ئۇنىۋىرسىتىت بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن يازلىق لاگىرغا ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قاتناشقان 4 ئۇيغۇرنىڭ بىرسى (ئىككى قىز ۋە مەن ھەمدە پەرھات ئىسىملىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىدىكى ئۇيغۇر) بولۇپ تاللانغىنىم ئۇچۇن ھەم ئۆزۈم ياپونچىنى ئۈگۈنۈشكە قىزىقىدىغىنىم ئۇچۇن غۇلجىدىكى يىغىنغا بارماي، ياپۇنلۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن لاگىر پائالىيەتكە قاتناشتىم. شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ بىزنىڭمۇ ئانا تەرەپ تۇققانلىرىمىز ياشايدىغان  ئانا دىيارىمىز غۇلجىنى كۆرۈپ سەيلى ساياھەت قىلىش پۇرسىتىم بولماي قالدى، مەن شۇ چاغدىكى يىغىنغا بارمىغىنمغا چەتئەلگە چىقىپ بىر نەچچە يىل ياشىغاندىن كىيىن راسا ئۆكۈندۈم.
      مەن يەنە ئەدەبى نەرسىلەرىنى يازغاندىن سېرت، كەسپىم ئىقتىساد بولغىنى ئۈچۈن بۇ ھەقتىمۇ قەلەم تەۋرىتەتتىم.
     بازار ئىگىلىگىگە ئائىت يىزىلغان بىر پارچە ماقالە- رايونىمىز بويىچە ئوتكۇزۇلگەن ئىقتىسادى ماقالىلار مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشتى.
     ئەلۋەتتە مىنىڭ بۇ پارتىزانسكى يېزىقچىلىق قىلىشلىرىم ئىككى قىتىم ماڭا ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلدى شۇنداقلا مىنى سەگىتىپ قويدى.
      مەن ھەجمى بىر بەتلا كىلىدىغان "بىزدىكى كەم نەرسىلەر" ناملىق بىر پارچە ماقالىنى مەلۇم جورنالدا ئىلان قىلدىم. تەھرىرلەر باش مۇھەررىرنىڭ رۇخسىتىسىز ئۇنى ئىلان قىلىۋىتىپتىكەن، بىيجىڭدىكى يىغىندىن قايتىپ كەلگەن باش مۇھەررىر بۇ ئەسىرىمنى كۆرۈپ قايناپ كىتىپتۇ ۋە مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىپتۇ.
    مەن ئەزەلدىن باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تىپىپ بىرىشنى نامەرتلىك دەپ قارايدىغان ئادەم بولغىنىم ئۈچۈن، ياخشى كۆڭۈللۇك كىشىنىڭ مەن سەۋەپلىك خاپىچىلىققا دۇچار بولۇپ قالماسلىغى ئۈچۈن تەھرىر بۆلۈمگە باردىم:
- قەيسەر مىجىت دىگەن سەنما؟ يىشى 60 قا يىقىنلاشقان بۇ باش مۇھەررىر مىنى كۆرۈپلا قوپاللا سورىدى.
-ھە مەن شۇ، خوش نىمە گەپ.
- ما ماقالىنى 15 يىل بۇرۇن يازغان بولساڭ، مىڭەڭدىن مۇشەكنىڭ ئىسى چىقاتتى. سەن نىمە دىمەكچى؟
    مەن ئۇ كىشىنىڭ گەپ-سۆزىگە قاراپلا ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى ۋە قانداق خاراكتىردىكى كىشى ئىكەنلىگىنى پەمىلەپ بولدۇم. ئۇنىڭ سۆزلىرىدە تەھدىت!
-ئەگەر ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنسام ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە ھازىرلا تىقىدۇ.
- ھۇ مۇناپىق دەپ ئىچىمدە تىللىدىم-يۇ ئەمما مەنمۇ كەتكۇزۇپ قويسام بولمايدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتىم.
   ئۇ بىر قىسقا ماقالە بولۇپ، قىسقىچە ئىدىيىسى - نوۋەتتە بىزدە كاپىتال ۋە تېخنىكا زىچلاشقان مىللى سانائەت يوق، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر مىللى سانائىتى- ئىگىلىكنى ئومۇمى مۈلۈكچىلىككە ئايلاندۇرۇش دولقۇنىدا يېيىلىپ كەتتى، ھازىر بازار ئىگىلىگى تەكىتلىنىۋاتقان بۇ پۇرسەتتە پۇل تاپقان ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر كاپىتالنى، تېخنىكىنى ئىقتىساسلىق خادىملارنى مۇۋاپىق بىرلەشتۇرۇپ ئالاھىدىلىگىمىزنى گەۋدىلەندۇرىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇپ زامانىۋى مىللى سانائەتنى قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم دىگەندىن ئىبارەتلا مەزمۇن ئىدى.
    مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا ئاكتىپلىق بىلەن شۇئار توۋلاپ شۇنىڭ نىنىنى يەپ قالغان بۇ باش مۇھەررىر جاناپلىرى "يوقۇتۇش ۋە قۇرۇشقا" ئالاھىدە سەزگۇر بولۇپ ئۇ سوزلەردىن خۇددى ھامىلدار خوتۇن سىزىكلىكتە مەلۇم نەرسىلەردىن سەسكىنگەندەك سەسكىنىدكەن ئەمەسمۇ.
    ئەمدى بۇ كىشىگە نىمە دىگۇلۇك؟ قاتتىقراق تۇرسام، ئۇدۇللا بىرىپ چاقىدىغاندەك...
    شۇنىڭ بىلەن ئاز-تولا چۈشەندۈرۈش بىرىپ، سىلىق-سىپايە گەپ بىلەن ئۇ ئادەمنى يامان نىيىتىدىن ياندۇرۇپ ئاستا يىنىپ چىقتىم.
    ئاز كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 1997-يىلىنىڭ باھار ئايلىرىغۇ دەيمەن بىر مۇھەببەت لىرىكام مەلۇم گىزىتتە ئىلان قىلىندى. ئېسىمدە قىلىشىچە شىئر شۇنداق باشلىناتتى:
بىز كىتىپ بارىمىز ئۈنسىز -تىۋىشسىز،
قايغۇ بار يۇرەكتە- سوغۇق كۈنلەردە....

    گىزىتنىڭ نازارەتچىسى "مەيدانى مۇستەھكەم" 60 دىن ئاشقان بىر ئادەم ئىكەن. ئۇ مۇھەررىرلەرگە چالۋاقاپتۇ:
-ئۇنىڭ ئىككى بىشى بارمىكەن؟ نىمە دىمەكچىكەن ئۇ ئۇنسىز-تىۋىشسىز ماڭماي؟ باشقا مەقسەت بار بۇنىڭدا.
بالىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە مۇھەررىرلەرنىڭ چۈشەندۇرۇپ قاتتىق تۇرۇۋىلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ كىشى ماڭا قىلماقچى بولغان ئەسكىلىگىنى قىلالمىغان ئىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلاپ شۇنداق ئويلىدىم:
  مىنىڭ بىر بىشىم بار ئىدى، ئىككى بولغان بولسا بىرنى ئىلىۋەتسە مەيلىتى، بىر بولغاندىن كىيىن ئاياي جۇماااا بۇنى.
   شۇ ئىشلاردىن كىيىن بولغان باشقا ئىشلار ۋە ئاڭلىغانلىرىم مىنىڭ كەيپىياتىم ۋە تەپەككۈرۈمگە قاتتىق تەسىر قىلدى. بىزدە "چالا تەرجىمانلار" ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن. مانا مۇشۇنداق لاياقەتسىز ماڭقۇرتلارنىڭ مۇھىم يەرلەرگە چىقىۋىلىپ ھەقنى سۆزلىمەي ئاقنى قارا قىلىشى تۈپەيلىدىن ھەممە تەرەپ زىيان تارتىدىكەن. شۇ ئىشلار بولغاندىن كىيىن كۆڭلۇمنى بىر خىل خاترىجەمسىزلىك قاپلىدى. خوشال يۇرۇيدىغان پېقىر، ئادەملەرگە گۇمان بىلەن قارايدىغان بوپ قىلىشقا باشلىدىم. بۇ خىل بۇرۇختۇملۇق ھايات مەندەك تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈپ، ئوچۇق -يورۇق ياشايدىغان ئادەمگە چوڭ ئازاپلارنى ئىلىپ كىلىشكە باشلىدى، يەنى خاتىرجەمسىزلىك ۋە خۇدۇكسىرەش ماڭا ھەمرا بولۇشقا باشلىدى.
    ئادەم دىگەن دۇنياغا بىر قىتىملا كىلىدۇ، شۇنداققۇ؟ مەن ئۇنداق دەككە-دۇككىدە ياشاشنى خالىمايدىغان، ئەركىن ياشاشقا ئادەتلەنگەن ۋە تېخىمۇ ئەركىن  ھەمدە خوشال ياشاشقا ئىنتىلىدىغان ئادەم. شۇنىڭ بىلەن ئالدى-كەينىمگە قارىماي چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كىتىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلدىم.
دىمەك، يېزىقچىلىققا بولغان ھەۋەس مىنىڭ تۇرمۇشۇمنى مەلۇم مەزگىل رەڭگا-رەڭلىككە پۇركەش بىلەن بىرلىكتە يەنە مىنى كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارغىمۇ قويدى. مەن ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر  ئالۋاستىنىڭ سايىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. قانۇنى-پاكىتقا ئاساسلانماي، بىراۋنىڭ چىقىمچىلىغى ۋە ھىسسىياتىغا ئاساسلىنىپ ھۆكۇم چىقىرىلىدىغان جەمىيەتتە ھەر تىراگىدىيەلەرنىڭ يۈز-بىرىشى پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى.
   ئالۋاستىنىڭ كۆلەڭگۇسىنى كۆرگەندە قانداق قىلىش كىرەك؟
   قەتئىلىك بىلەن قارار چىقىرىش كىرەك.
مىنىڭ قانداق قارار چىقارغانلىغىم ھەققىدە داۋامىنى مۇشۇ ناملىق ئەسەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىسمى يەنى يەتتىنجى قىسمىدىن كۆرگەيسىز!

2

تېما

5

دوست

1694

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19974
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 528
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 15:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئىز قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇۋاتاتتىم، بىرىنچى بولۇپ ئوقۇپتىمەن، داۋامىغا تەشنامىز،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

462

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9261
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 16:27:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىر كۈنى ئاتۇشتىن كىلىپ ئۇنىۋىرسىتىت قانۇن فاكۇلتىتنىڭ يۇقۇرى يىللىغىدا ئوقۇۋاتقان شائىر غەيرەتجان غوپۇر ئۆزىنىڭ "ياشلار جورنىلى" ئىدارىسىگە بارىدىغانلىغىنى، "ئۆسمۇرلەر گىزىتى" بىلەن بىر يەردە ئىكەنلىگىنى ئىيتتى. مەن ئۇنىڭ بىلەن 1-يولنىڭ ئاپتوبۇزىغا ئولتۇرۇپ ئۇ يەرگە باردۇق، كىلىشتە ئۇ يەر بۇ يەرنى ئايلىنىپ كەچ قالدۇق. ئۇ چاغلاردا جەمىيەتتە بەزى ياشلار قالايمىقان، نامەرت لۇكچەكلەر بار چاغلار ئىكەن. بىز قاراڭغۇ چۇشكەندە مەكتەپكە قايتىپ كەلدۇق. ئۇنىۋىرسىتىت دەرۋازىسىدىن كىرىپ سول تەرەپ ئالدىدا بىر ئورمانلىقلارنى كىسىپ ماڭىدىغان يول بار ئىدى، ئەمدى مىڭىشىمىزغا لۈكچەكلەرنىڭ شۇنداق سەت تىللاشقان ئاۋازى كەلدى، ئارقىدىنلا "ھۇشت" قىلىپ بىر ئىسقايتقان ئاۋاز ئاڭلاندى. تۇيۇقسىزلا غەيرەتجان يانغا بۇرۇلۇپلا يۈگۈرۈپ قىچىپ كىتىۋاتىدۇ. نىمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي مەنمۇ كەينىدىن يۈگەردىم، بىر تەرەپتىن توۋلايمەن:
- ھوي غەيرىتىكا، ھوي غەيرىتىكا نىمە بولدى؟"
     ياپىر، ئادەم يۈگۈرسە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇنداق يۇگۇرمەس جۇما. ئۇ شۇ چاغدىكى قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى ئوڭغۇل-دوڭغۇل يەرلەردىن خۇددى كىيىكتەك يۈگۈرۈپ تاكى بىئولوگىيە فاكۇلتىتىنىڭ ئالدىغا بارغاندا ئاندىن توختىدى:
-چىككك، سەنمىدىڭ؟ دىدى ئۇ مىنىڭ ئەگىشىپلا كەلگىنىمنى كۆرۈپ، مەن تېخى مىنى بىر لۈكچەك قوغلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن! .
-ۋاي نىمە بولدى؟
-ئاۋۇ ئىسقايتقان ئاۋازنى ئاڭلىدىڭمۇ؟
-ھە. ئاۋۇ لۈكچەكلەرنىڭ بەلگىسى، ئۆتكەندە ئاشۇ يەردە بىزنىڭ بىر يىقىن بالىنى ھىچگەپتىن ھىچ گەپ يوق يۇز كوزلىرىگە ئۇرۇپ ياتقۇزۇۋەتكەن . ئىھتىيات قىلمىساڭ بولمايدۇ بۇ يەر-دە.
-ۋاي غەيرەتكا، ياخشىمۇ چوڭ بوپ قالغىنىڭ، ئىگىز بوپ قالغىنىڭ، قانۇن ئوقۇپ قالغىنىڭ، شائىر بوپ قالغىنىڭ. مەن شۇنداق دەپ چاقچاق قىلغاچ ئۇنىڭ يىرىم يولدا چۈشۈپ قالغان بىر ئايىغىنى تىپىپ ئەكىلىپ بەردىم.
     چوڭنىڭ چوڭلىغى بار ئىكەن، چىچەن ئادەملەر "قورقۇنچاقراق" كىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئىھتىيات قىلغىنى توغرا ئىكەن. كىيىن مەن نامەرتلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەپسىزلا ئۇرۇدۇغىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم ۋە ئاڭلىدىم.
مانا بۇ قۇرلارنى ئوقۇپ كۇلۇپ تىلىقىپ قاپتىمەن دىسە ئالى مەكتەپ ھاياتىمنى قايتا ئەسلەپ چقتىم . قولىڭىزغا دەرتلەر كەلمىسۇن ! ھارمىغايسىز.

0

تېما

4

دوست

462

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   81%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9261
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 16:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورۇنلۇق قىلماي ئاخىرىنى تىزرەك يىزىۋىتەسىز  .

0

تېما

0

دوست

728

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   45.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17539
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 236
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 16:56:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەيسەركا؟بىر ئىشنى سورىسام،سەن  چەتئەلگە چىقىشقا قانچە يېشىڭدا ئىرادە قىلدىڭ؟قانچە يېشىڭدا ئامىركىغا باردىڭ؟ئەگەردە ئەدەپسىزلىك دەپ قارىساڭ جاۋاپ بەرمىسەڭمۇ بۇلىدۇ.«قەيسەر مىجتنىڭ ئامىركا چۈشى»نى بىر چاغلاردا ئوقۇغان،ئەسەد مۇئەللىم يازغاندەك ئىسىمدە،شۇندىن باشلاپ ساڭا قىززىقاتتىم.

9

تېما

0

دوست

2305

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3368
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 254
تۆھپە : 594
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 19:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىزدىن سەمىمىيلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىكەن. بەك ياقتۇردۇم.  سەمىمىيلىكتىن تارىغان خۇشاللىق، ھاياجان،كۈچ ئادەمنىڭ ئەڭ پاكىز قەلبىگە بېرىپ  تېگىدىكەن.
قۇتلار بولسۇن!

0

تېما

8

دوست

1599

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23688
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 23:40:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىڭە قەيسەركا،يېزىڭە،تازا يېزىڭ.ئەمىليەتتە بۇ قەيسەركامنىڭ يازمىللىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇۋاتقانلارنىڭ قاتىرىدا مەنمۇ باردە،ئوقۇپ سالىمەن،نۇرغۇن يەرلىردە كۈلۈپ،نۇرغۇن يەرلىرىدە چۇڭقۇر ئويلارغا پېتىپ،ئەگەر قىزىلسۇ ئىستانسىغا سېتىۋالدى مۇتەللىپنىڭ ئورنىغا دىكتور بولغان بولسىڭىز بەلكىم بۇ ۋاقىتقىچە مۇختەر بۇغرا ئاكىمىز بىلەن ئاتۇشتا مەشرەپ بولسا قىززىق گەپلىرىڭىز بىلەن كۆرۈلۈش نىسبىتىنى ئۈرۈمچىنىڭ قانىلىدىنمۇ ئاشۇرۋىتدىكەنسىز -دە،شۇنچە يېراققا كەتكىنىڭىزگە بەزىدە ئېچىنىپ قالىمەن،شۇنداق ئىقدىدارلىق ئادەملەرنىڭ چەتئەلگە ئولتۇراقلىشىپ قېلىشى ياخشى ئىشمىدۇ دەپ قالىمەن بەزىدە،چۈنكى نۇرغۇن جەھەتلەردە بىز سىزدەك بىر يول باشلىغىچىغا مۇھتاج بولىمىز،بەلكىم كۆپ ئوقۇغان،كۆپنى كۆرگەن ئادەمنىڭ كۆز قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدىغاندۇ،ئۇ تەرەپلەردە يارىتىۋاتقان قىممىتىڭلار بەلكىم يۇقۇرىدۇ،مۇشۇزە بەزىدە شۇ مۇساپىرچىلىقتا تۇرىۋاتقانلارغا چىدىماي دەپ سالىمەن تاققا-تۇققا گەپلەرنى،توغرا چۈشۈنەرسىز-ھە.
8#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )