- تىزىملاتقان
- 2011-8-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5483
- نادىر
- 1
- يازما
- 442
ئۆسۈش
9.66%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-4 14:34
ماقالىنى تەپسلى ئوقۇپ چىقتىم.ئاپتورغا كۆپ رەھمەت،بىزنى كۆپ مەنبەلىك تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپسىز. ماقالىنى شۇنداق ئوقۇپ بىرلا كۆزقاراشقا كەلدىم. بۇلارنىڭ بارلىق سەۋەبچىسى قەغەزدە يەنە بىر نەرسىدە ئەمەس دەل ___ مۇسۇلمان ئەللەردىكى ھاكىمىيەت تۇتقۇچىلاردا. چۈنكى ئۇلار ئۆز ھوقۇق مەنپەتلىرى ئۈچۈن تولىمۇ تەتۇر ۋاستىلارنى تاللاشتىن يانمىغان ئىكەن. ئۇلار ئۈممەتكە،دۆلەتكە كۆڭۈل بۆلمىگەن. بۇلارنىڭ ئۈممەت قاراشلىرى ئىسلام دىنى ئوتتۇرغا قويغان قاراشلاردىن يىراقلاپ كەتكەن.بۇنداق دىموكراتىك سايلامسىز ئاتىدىن بالىغا مىراس قالدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمىدە خەلقتە ھېچقانداق ھوقوق بولمىغان،ھازىرقى ئەرەب باھارىمۇ ماھىيەتتە شۇخىل ئىزچىل داۋاملاشقان مۇستەبتلىككە قارشى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى ئويغۇنۇش بولسا كېرەك.
مېنڭچە يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار كۆپ خىل خىرسقا ۋە تاللاشقا دۇچ كەلدى. بىرسى زامانىۋىلىشىش بىلەن ئەنئەنىنى ساقلاش،بۇنىڭدا غەرب بىزگە ھەممە نەرسىسنى سېڭدۇرمەكچى بولدى.شۇڭا مۇسۇلمانلار ھەم غەربنىڭ ئىسلامغا ياد قىممەت قاراشلىرىغا قارىشى تۇرۇش ،يېقىن يولاتماسلىقتا چىڭ تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن پەن تېخنكىنى ئۆگنىش ئۈچۈن مەلۇم دەرىجىدە ئىشكنى سىرتقا ئاشمىسا بولمايتتى. تارىخىغا قارىساق دەۋرنىڭ ئالمشىشىغا ئەگىشىپ تەرەققىيات ئوق مەركىزنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. دىېمەك ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇرغۇن ھالىتى ماھىيەتتە كەلگۈسىدىكى گۈللىنشتىن دېرەك بېرشى مۇمكىن.
ماقالىدىكى غەربنىڭ قاراڭفۇ زۇلمەت دەۋرىدە ئەرەب دۇنياسى ياكى مۇسۇلمانلار دۇنياسىى خۇددى ھازىرقى ئامىرىكا ۋە غەرب ئەللەردىكىدەك ئۈستۈن ئورۇندا تۇراتتى. كېيىن غەرىپ ئىشىپ كەتتى. ئەپيۇن ئۇرۇشدىن بۇرۇنقى جۇڭگو ،ياپونىيە قاتارلىق شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئېنتايىن قالاق،مۇستەملىكە ھالەتتە ئىدى.
كېيىن بۇلارنىڭ ئازاد بولۇشى ۋە پەن تېخنكىدا شىددەت بىلەن ئىلىگىرىلىشى ئارقىىسدا ئالدىنقى قاتارغا چىقتى.
پوروخنىڭ كەشىپ قىلنىشى بىلەن پارتلاتقۇچ ۋە ھەرخىل ھەربى قورال ياراقلار مەيدانغا كەلدى.شۇنىڭ بىلەن غەرب ھەربى جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن مۇسۇلمان ئەللەرگە ۋە ئاسىيا ،ئافرىقا قتئەسدىكى تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغان دۆلەتلەرگە يۈرۈش قىلدى. ئەمدى گەپنىڭ مۇھىم يېرى شۇكى،غەرب تەرەققىيات بىلەن دۇنيانى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىدى. بۇ ئۇرۇش مەيلى 1-دۇنيا ئۇرۇشى بولسۇن 2-دۇنيا ئۇرۇشى بولسۇن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەمدە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەقىياتىنى بوغۇپ قويدى.
بۇ چاغدا غەرب خاتىرجەم تەرەققى قىلغان بولسا شەرق مۇستەملىكە دەۋرنى باشتىن كەچۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئازاتلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تولغان شەرىقتە تەرەققىيات ئەمەس ئۆزلىرنى قۇتقۇزۇش ئەڭ مۇھىم ئىدى.
جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3-دۇنيا ئەللىرى ئەمدلىكىتە مۇستەملىكتىن قۇتۇلۇش جەريانىدا بۇ خىل جاھانگىرلىككە ئورتاق قارشى تۇردى.
ئەمدى بىز ئوخشاش تەقدىرىگە ئىگە ھەرقايسى رايونلاردىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەقىياتىدا زور پەرقىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقنى كۆرۇپ يەتتۇق. مول نېفىت بايلىق زاپاسىغا ئىگە بىر قانچە مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن باشقا ئىسلام ئەللىرى مەيلى ئىقتىسادى جەھەتتىن بولسۇن ئىلم پەن جەھەتتىن بولسۇن ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە دۇنيا ئۇرۇشنىڭ مۇستەمچلىكنى باشتىن كەچۇرگەن دۆلەتلەردىن يەنىلا ئارقىدا قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى يەنە باشقا . بۇيەردە بىز تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى چېكىنىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىر -بىرىگەئوخشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. ئەگەر قەغەز ۋە مەتبە باسمىچلىقنىڭ چەكلىنشىنى خەلپىلىك دەۋردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەن مائارىپتا چېكنشتىكى سەۋەبى دەپ قارىساق،ئۇنىڭدىن كېيىن زامانلاردا يەنە باشقا سەۋەبلەر تەسىر كۆرسەتكەن.
مۇشۇ مۇنبەرگە قارايدىغان بولسا ۋىنسئۇلا زۇڭتۇڭى چاۋس ھەققىدە يېزىلغان ماقالىنى كۆردۇق. دېمەك تېنچ دەۋردە قايسى يولنى تاللاپ مېڭىش،دۆلەتنى قانداق باشقۇرۇش جەھەتتە ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى تېڭرىقاپ قالدى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەسلەن،ئىران<بىزگە شەرقمۇ كېرەك ئەمەس،غەربمۇ كېرەك ئەمەس،ئىسلام بولسىلا بولدى>دېگەن نەزەرىيە بويىچە ئىسلام شەرئىتى قانۇن قىلغان زوڭتوڭلۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت قۇرسا،سادام ھۈسەيىن <ئىسلام سوتسىيالىزىمى>نى بەرپا قىلماقچى بولدى.
ياپونىيەنى بولسا ئامىرىكا قايتدىن يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى. بۇ يەردە مىللى روھ،مىللى پىسخىكا قاتارلىق بىرقانچە سەۋەبلەرمۇ سەل قاراشقا بولمايدىغان سەۋەبلەرئەلۋەتتە.
ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار تەرەققىياتقا ئارقسىنى قىلىۋالغانمۇ ئەمەس،مۇسۇلمانلار ئىلىم پەننى سۆيمىگەن ،تىرشمىغان ئەمەس.بەلكى ئىزدىنىش يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئاللاھ خالىسا تۈزۈلۈپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامىرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئۇنچە ياخشىى ئەمەس.ئامىرىكا ھازىر جۇڭگوغا قەرىز بولۇپ كەتتى،پارلامنت بىناسى بىر قېتىم تاقىلىپ قالدى،
دۇنيانى ئۇرۇش بىلەنلا سورايدىغان جاھانمۇ ئۆتۈپ كەتتى بولغاي،ئامىرىكنىڭ ئىراقتىكى،ئاففانستاندىكى ئىشلىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى،ئىرانغا تەھدىت سېلىش ئاقمىدى.توغرسى پېتىنالمدى.چاۋشىيەن چېغىدا ئامىرىكىغا كۈچ كۆرستىپ يۈرۈيدۇ.
ئىنسانلارغا ماددى تەرەققىياتلا كۇپايە قىلمايدۇ. تەرەققى قىلىۋاتقان نۇرغۇن مىللەتلەر _ ئۆزلىرىگە چۈشلۈق قىممەت قاراشلارنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانماقتا. بۇلارنى پەن تېخنكا ھەل قىلالمدى. تەرەققىياتتا ئىنسانلار مارىسقا چىقىپ ياشىشى مۇمكىن.لىكىن مارستا ماددى شارائىت %100 تولۇق بولغاندىمۇ كىمگە ئىبادەت قىلشنى بىلمەي ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. دېمەكچى بولغىنمىز مۇسۇلمانلار تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغانلىقىمىز سەۋەبىدىن تەجرىبە ساۋاق ئېلىپ تىرشىساقمۇ لىكىن چۈشكۈنلشىپ كېتىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.چۈنكى بۇ ئۆزگىرشچان دۇنيا. بىزگە كېرىكى ئىسلامنىڭ تەرەققىياتىدۇر. ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سۈزۈك روھىدۇر.
|
|