قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3691|ئىنكاس: 18

ئىز رومانىدىكى نىياز دېھقاننىڭ ھايات-پائالىيەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

1186

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 486
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 14:45:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىياز دېھقاننىڭ ھاياتى-پائالىيەتلىرى توغۇرسىدا

ئابلىمىت ئابدۇللا
 ئاپتور: قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدا


            ئىز رومانىدا تىلغا ئېلىنغان نىياز دېھقان (نىياز پالۋان) 1912-يىلى ۋە 1931-يىلىدىكى ئىككى قېتىملىق قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.
  نىياز دېھقان 1882-يىلى قومۇل شەھرىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسى قالىغايتى كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات سېيىت ھاجى (1850-1904) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. نىياز دېھقان كېچىكىدىنلا زېرەك، زېھنى ئۆتكۈر بالا بولغاچقا ئاتا-ئانىسىنىڭ تەربىيەسىدە تېزلا ساۋادىنى چىقىرىۋالغان. ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق دىنىي بىلىملىرىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغان.
       نىياز دېھقاننىڭ دادىسى سېيىت ھاجى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق كەسپىدىن باشقا قوشۇمچە سودا ئىشلىرى بىلەنمۇ شوغۇللىناتتى. ئۇنىڭ قومۇلدىكى چوڭ خۇيزۇ سودىگەر ماشياڭزوڭ (马常林،1875-1945) ھاجى، سىدىق ھاجى (1866-1933) قاتارلىقلار بىلەن سودا-سېتىق ئىشلىرىدا ئالاقىسى بار بولۇپ، ھەر قېتىم سودا ئىشى بىلەن قومۇلغا بارغاندا ئوغلى نىياز دېھقاننىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىپ، ئوغلىغا سودا-سېتىق ئىشلىرىنى ئۆگەتكەن.
         نىياز دېھقان كىچىكىدىنلا زېھنى ئۆتكۈر، ھېسابات ئىشلىرىغا قىزىقىدىغان بالا بولغاچقا، ئۇ دادىسىغا ئەگىشىپ يۈرۈپ، سودا-سېتىق ئىشلىرىنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدۇ ۋە مۇستەقىل سودا قالايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ.
  كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇ ئائىلىسىنىڭ سودا ئىشلىرىنى مۇستەقىل باشقۇرۇپ، قومۇلدىكى چوڭ سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. ئۇ سودا قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تەڭسىزلىكىنى ئەمگەكچى خەلقنىڭ كۈن بويى ئىشلەپمۇ يەنىلا نامراتلىقتا تۇرمۇش كۆچۈرىۋاتقانلىقىنى، بەگ-غوجاملارنىڭ كۈن بويى بىكار يېتىپ ئەيش-ئىشرەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۇنىڭدا زۇلۇم ۋە ئېكىسپىلاتاتسىيىگە قارىتا نارازىلىق ئېڭى پەيدا بولىدۇ.
           1912-يىلى ئەتىيازدا قومۇلدا تۆمۈر خەلىپە (1871-1913) باشچىلىقىدا قومۇل ۋاڭى شامەخسۇت (1849-1930) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان نىياز دېھقان ناھايىتى خوشال بولىدۇ، بۇ كۈنلەردە ئۇ يۇرتى قالىغايتىدا بولۇپ، قوزغىلاڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن تاراتىدىكى خوجىنىياز پالۋان (خوجىنىياز ھاجى، 1889-1942) بىلەن ئالاقىلىشىدۇ. نىياز دېھقان بىلەن خوجىنىياز پالۋان ئەزەلدىنلا يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قويۇق باردى-كەلدىسى بار ئىدى. ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، بىر كۈنى سەھەردە ئاتلىرىغا مىنىپ، قىلىچ- مىلتىقلىرىنى ئېسىشىپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار ئاقچۇق سېيىغا بارغاندا قومۇلدىن تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا چىققان چېرىكلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەن قىلىچ ۋە مىلتىقلىرىنى قولىغا ئېلىپ، چېرىكلەرگە قاراپ ئېتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىر-چاپ باشلىنىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۇدۇل كەلگەن چېرىكنى قىلىچ بىلەن چېپىپ، يىراقتىكىنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ، نۇرغۇنلىغان چېرىكنى يۇقىتىدۇ. چېرىكلەر قوزغىلاڭچىلار باستۇرۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ تىرى-پىرەن بولۇشۇپ كېتىدۇ، چېرىكلەر ئېسىنى يىغىپ ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكىچە بۇ ئىككەيلەن ئاللىقاچان مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كۆزدىن غايىپ بولىدۇ. ئۇلار قوزغىلاڭچى قوشۇن تۇرۇشلۇق جاي قورايغا بارغاندا تۆمۈر خەلىپە ۋە باشقا قوزغىلاڭچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ.
            نىياز دېھقان قوزغىلاڭغا قاتناشقاندىن كېيىن ھەر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە ھېچنىمىدىن قورقمايدىغان قەيسەر ئىرادىسى بىلەن قوزغىلاڭچىلار ئارىسىدا يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق سەركەردىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ كېيىنچە توپ بېشى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئەل ئارىسىدا «نىياز پالۋان» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىشقا باشلايدۇ. نىياز پالۋان بىر قانچە قېتىملىق چوڭ جەڭلەرنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوزغىلاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورۇيىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.
           1913-يىلى ئەتىيازدا تۆمۈر خەلىپە ياڭ زېڭشىن (杨增新، 1864-1928) ئەۋەتكەن ھېلىگەر لى شۇفۇ (李寿福، ؟-1937) نىڭ يالغان-ياۋىداق قەسەملىرىگە ئىشىنىپ كېتىپ ئۈرۈمچىگە چىقماقچى بولغاندا، خوجىنىياز پالۋان بىلەن نىياز پالۋان تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىشىغا قوشۇلماي، ئىنقىلابنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. نىياز پالۋان تۆمۈر خەلىپىنى ئاگاھلاندۇرۇپ:«ياڭ زېڭشىننىڭ ۋەدىسى يالغان، بۇ بىزگە قويۇلغان بىر قىلتاق، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۈرۈمچىگە بارماي قوزغىلاڭچى قوشۇنغا ئاخىرغىچە رەھبەرلىك قىلىڭ، ئەگەر ئۈرۈمچىگە بارسىڭىز يامان ئاقىۋەتكە قالىسىز»-دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.بىراق تۆمۈر خەلىپە نىياز پالۋاننىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، ئۈرۈمچىگە ماڭىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز پالۋان بىلەن خوجىنىياز پالۋان:«ئەمدى بىز بۇندىن كېيىنكى ئىشلارغا ئارىلىشالمايمىز»-دەپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ تاغ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇلار تاغ ئىچىگە يوشۇرۇنغاندىن كېيىن، نىياز پالۋان خوجىنىياز پالۋانغا مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:«شامەخسۇت ۋاڭ بىزگە ھەر ۋاقىت بىزگە قانلىق چاڭگىلىنى ئۇزارتىشى مۇمكىن، سىز بۇ يەردىن دەرھال باشقا يۇرتقا كېتىڭ، مەن بولسام ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ قالدىم. بىر نەچچە بالام بار، مەن سىز بىلەن بىللە كەتسەم بولمايدۇ، ئەگەر يەيدىغان رىزقىم تۈگىمىگەن بولسا، تاغ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ قۇتۇلۇپ كېتەرمەن، بولمىسا بېشىمغا كەلگەننى كۆرەرمەن»-دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز پالۋان قومۇل ۋاڭىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيىتى يوقلىقىدىن، باشقا يۇرتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ نىياز دېھقان بىلەن خوشلىشىپ باشقا يۇرتلاغا كېتىدۇ. نىياز پالۋان تاغ ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇ ئامان قالىدۇ.
          نىياز پالۋان ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېھقانچىلىق ۋە سودىگەرچىلىك بىلەن شوغۇللىنىدۇ. كېيىنچە شامەخسۇت ۋاڭ نىياز پالۋاننىڭ يۇرتتىكى تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، نام-ئابرۇيىنىڭ يۇقىرىلىقى، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى قالىغايتىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى كەرۈ<1> قىر دېگەن جايدىكى ۋاڭ ئوردىسىغا قاراشلىق يەرلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل ئارىسىدا «نىياز دېھقان»<2>   دەپ ئاتىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ پۇقرالار ئۈستىگە چۈشۈۋاتقان ئالۋان-سېلىقلارنى ئازايتىش توغرىلىق ۋاڭ ئوردىسى بىلەن دورغىلارغا كۆپ قېتىم تەكلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز دېھقاننىڭ ئەل ئارىسىدىكى ئابرويى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
          نىياز دېھقان ئۇستا مەرگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يېتىشكەن ئەل نەغمىچى ئىدى. ئۇ قومۇل ئون ئىككى مۇقامىنى تولۇق بىلەتتى. قومۇل غىجىكىنىمۇ ناھايىتى مۇڭلۇق چالاتتى. ئۇ غىجەك تارتسا ئۈچۈنجى ئايالى ئوغۇلنىيازخان (؟-1935) داپ چېلىپ ناخشا ئېيتاتتى. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن (1903-1952) بىلەن ئىككىنچى ئوغلى توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن، 1906-1955) مۇ ئۇستا مەرگەن ۋە داڭلىق ئەلنەغمىچىلەردىن ئىدى. دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق سەنئەتخۇمار جاننارى ئاپپاق (ئاپتورنىڭ ئاتا تەرەپ مومىسى، 1950-يىلى 11-ئايدا 81 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان):«مەن نىياز دېھقاننىڭ غىجەك تارتىپ ئېيتقان ناخشىسىنى ئاڭلىمىسام ناخشا ئاڭلىغاندەك بولمايمەن» دېگەن ئىدى. مۇشۇنىڭدىنلا نىياز دېھقاننىڭ كامالەتكە يەتكەن داڭلىق ئەلنەغمىچى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. كېيىن نىياز دېھقاننىڭ كىچىك ئوغلى سەمەتخان (1932-2002) داڭلىق ئەلنەغمىچى بولۇپ يېتىشىپ چىقىپ خەلقنىڭ ھۆمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.
            1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل خەلقنىڭ زۇلۇمغا، ئېكىسپىلاتاتسىيىگە ۋە تەڭسىزلىككە قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. نىياز دېھقان بۇ كۈنلەردە ئۆز يۇرتى قالىغايتىدا بولۇپ قوزغىلاڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خوشال بولۇپ، ئادەم توپلاپ قوشۇن تەشكىللەيدۇ. 1931-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى نىياز دېھقان ئۇكىسى قاسىم پالۋان (1885-1931) قوماندانلىق قىلغان قارمۇقچا جېڭىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆز ئادەملىرىنى باشلاپ دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدىكى ئۆيىگە كېلىدۇ (نىياز دېھقاننىڭ ئۈچ ئايالى بار بولۇپ، چوڭ ئايالى توختىخان ‹1887-1960› بىلەن 2-ئايالى خوشنارىخان ‹1890-1962› لار دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى). بۇ ۋاقىتتا قاسىم پالۋان ھەرقايسى تاغلار ۋە تۆۋەن تۇردىن كەلگەن 400 نەپەردىن ئارتۇق قوزغىلاڭچىنى باشلاپ قارىمۇقچا تەرەپكە كېتىپ قالغان ئىدى. نىياز دېھقان ئالدى بىلەن غولئېرىق مەھەللىسىدىكى پۇقرالارنىڭ بىر قىسمىنى بىخەتەر جاي ئاراتامغا (غولئېرىقتىكى پۇقرالارنىڭ يەنە بىر قىسمى راھاتباغ تۆۋەنتۇر تەرەپكە كېتىپ قالغان ئىدى) يۆتكىۋېتىپ، ئاندىن قارمۇقچىغا بېرىش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ پۇقرالارنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرىۋاتقاندا، قومۇل بازىرىدىن نۇرغۇن چېرىكنىڭ شەرققە قاراپ يولغا چىققانلىق خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ.
      نىياز دېھقان دەرھال بىر قانچە ئادەمنى باشلاپ، پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ بۇلاقبېشى (سەيخۇمياۋ-柴胡庙، خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان مەھەللە) مەھەللىسىگە بېرىپ، تاشيۇل ياقىسىدىكى قوناقلىققا يوشۇرۇنۇپ، ھۆكۈمەت چېرىكلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ. قاراڭغۇ چۈشكەندە چېرىكلەر بۇ يەرگە يېتىپ كېلىدۇ. نىياز دېھقان ھەمراھلىرى بىلەن چېرىكلەرنى تۇيۇقسىز ئوققا تۇتۇپ زەربە بېرىدۇ، بىردەملىك ئېتىشىشتىن كېيىن، چېرىكلەر ئون نەچچە ئادىمىدىن ئايرىلىپ، قالغانلىرى شەھەرگە قېچىپ كېتىدۇ. نىياز دېھقان دەرھال ھەمراھلىرى بىلەن غولئېرىق مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىپ، پۇقرالارنى باشلاپ ئارتام تەرەپكە قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئۇلار تاشيول بۇيىدىكى قىزىل يولغۇن مەھىللىسى (پالۋانتۇر يېزىسىغا قاراشلىق خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان كەنت) گە يېقىنلاشقاندا، نىياز دېھقان ئالدى بىلەن بۇ مەھەللىدە چېرىك بار-يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن مەھەللىگە قارىتىپ بىر پاي ئوق ئاتىدۇ. مەھەللىدىن ئىنكاس بولمىغاندىن كېيىن، ئۇ پۇقرالار كۈتۈپ تۇرغان يەرگە كېلىپ، ئۇلارنى باشلاپ ئارتامغا چىقىپ كېتىدۇ. ئەتىسى (9-چىسلا) ئۇ يۈنۈس موللام<3>   قاتارلىق ھەمرالىرى بىلەن ئۇكىسى قاسىم پالۋان جەڭ قىلغان قارامۇقچىغا كېلىدۇ. ئۇ جەڭ بولغان جايدا نەچچە يۈزلىگەن چېرىكنىڭ ئۆلۈكىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، بىر خۇيزۇ بوۋاي نىياز دېھقانغا:«ئاخۇن ئۇكىڭىز قاسىم پالۋان تۆنۈگۈن بۇ يەردە جەڭدە شېھىت بولدى، قوزغىلاڭچى قوشۇن تاغ تەرەپكە چېكىنىپ كەتتى»-دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز دېھقان دەرھال ئۇكىسى شېھىت بولغان ھارۋىنىڭ يېنىغا بېرىپ قاسىم پالۋاننىڭ باشسىز جەسىدىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كېتىدۇ. ئاندىن يۈنۈس موللام ۋە قومۇلدىن كەلگەن مۇختەر ئاخۇنۇم<4>   قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە قاسىم پالۋان قاتارلىق تۆت شېھىتنىڭ جەسىدىنى چوڭ يولنىڭ شىمالىدىكى «نىياز قىز موماينىڭ ئوتلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىگىز قۇم دۆڭنىڭ كەينىگە دەپنە قىلىدۇ.
             نىياز دېھقان قارامۇقچىدا جەڭ بولغان كۈنى قوزغىلاڭچى قوشۇن تاققا چېكىنگەندە ئېلى پالۋان ئىسىملىك بىر قوزغىلاڭچىنىڭ قوشۇندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ئۇ ئۆزى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان قۇلان ئاتنى مىنگەن<5>   ھالدا چېكىنىپ يالغۇز كېتىۋاتقاندا قومۇلدىن ياردەمگە كەلگەن چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، چېرىكلەرنىڭ تۇەنجاڭى شيۇڭ فايۇ<6>  (قاسىم پالۋاننىڭ بېشىنى كېسىۋالغان جاللات) ئەلى پالۋاننىڭ قۇلىقىنى كېسىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ، ئۇنى ئاتقا مىندۈرۈپ قومۇل كونا شەھەر (لاۋچېڭ-老城) گە ئەكىلىپ دەرەخكە باغلاپ تېرىسىنى تەتۈر سويۇشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرۈپ ئۆلۈكىنى تامغا ئارتىپ قويغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئەكسىيەتچىلەرگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى قايناپ تاشىدۇ.
            نىياز دېھقان قارامۇقچىدىن يۇرتى قالىغايتىغا قايتىپ چىققاندىن كېيىن، ھەمرالىرى بىلەن بىرلىكتە قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى ئىشلەپ قالىغايتىنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدۇ. بىر قېتىم نىياز دېھقان بىر قىسىم قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ قالىغايتىنىڭ ئاستىدىكى قارا قىر دېگەن جايدا ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە توساپ زەربە بېرىدۇ. شۇ قېتىمقى جەڭدە نىياز دېھقان ئادەم ئاز بولغان شارائىتتا ھەرىكەتچان ئۇرۇش قىلىپ، بىر كېچىدە نۇرغۇن چېرىكنى يوقىتىپ نۇرغۇنلىغان قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى غەنىمەت ئالىدۇ.
           1932-يىلى 6-ئايدا ئېچىلغان تاراتى يىغىنىدا خوجىنىاز ھاجى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلىنىدۇ. نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوللاپ، ئۇنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. 1932-يىلى 8-ئايدا قومۇل شەرقىي يول كارنىزون قوماندانى لى خەيرۇ (黎海如) ھەرقايسى تاغلاردىكى قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم باشلايدۇ. شۇ ئايدا نىياز دېھقان ، يۈنۈس موللام ۋە ئەمەت مېھرى<7>  قاتارلىقلار بىلەن بىللە بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلارغا قوماندانلىق قىلىپ ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىپ، بىر قارا ياغاچنىڭ يېنىغا كەلگەندە نىياز دېھقان چېرىكلەرنىڭ ليۇ زىخۇي (ليۇ جېسەن-刘杰三) ئىسىملىك بىر كوماندىرىنىڭ ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۈنۈس موللامغا «ئۇكام ئاۋۇ كېلىۋاتقان چېرىكنى ئوبدان قارىغا ئېلىپ ئېتسىلا» دەپ بۇيرۇق بېرىدۇ. ليۇ زىخي (刘指挥) ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىغا كەلگەندە، يۈنۈس موللام چەنلەپ تۇرۇپ ئاتقانلىقتىن ليۇ زىخۇي ئاتتىن موللاق ئېتىپ چۈشىدۇ. نىياز دېھقان ئادەم ئەۋەتىپ ليۇ زىخۇينىڭ ئېتىنى تۇتقۇزۇپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېتىنىڭ ئۈستىدە بىر خۇرجۇن<8>   بار بولۇپ ئىچىگە خەلقنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ توپلىغان نۇرغۇن ئالتۇن-يامبۇ ۋە باشقا قىممەت باھالىق بويۇملار قاچىلانغان ئىكەن. نىياز دېھقان، يۈنۈس موللام، ئەمەت مېھرى قاتارلىق كىشىلەر مەسلىھەتلىشىپ، بۇ بويۇملاردىن ئىگىسى بارلىرىنى ئىگىلىرىگە قايتۇرىدۇ. ئىگىسى يوقلىرىنى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ راسخوتى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. 1932-يىلى 10-ئايدا شېڭ شىسەي قوشۇنى باغداشقا ھۇجۇم باشلىغاندا نىياز دېھقانلارمۇ خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىلەن بىرلىكتە شىمالغا چېكىنىدۇ.
             نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجى رەھبەرلىكىدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنى توغرا يولغا يېتەكلەش ۋە قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ كۈچىنى زورايتىش، شېڭ شىسەي قوشۇنىغا زەربە بېرىش ھەم مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق ئىشلاردا ئۆزىنىڭ زېرەكلىكى، باتۇرلۇقى بىلەن خوجىنىياز ھاجىغا توغرا ۋە مۇۋاپىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ چوڭ رول ئوينايدۇ، شۇڭا خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننى ھۆرمەتلەيتتى ۋە ئۇنىڭغا بەك قايىل بولاتتى. ئۇ دائىم نىياز دېھقاننى «دېھقان ئاكا» (نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىدىن چوڭ ئىدى) دەيتتى.
          1933-يىلى 3-ئايدا خوجىنىياز ھاجى تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتى (1885-1933) نىڭ تەكلىپى بىلەن خىللانغان قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ تۇرپانغا ماڭىدۇ. نىياز دېھقانمۇ خوجىنىياز ھاجىغا ھەمرا بولۇپ تۇرپانغا بارىدۇ<9>  . ھاجى باشلاپ ماڭغان قوشۇن پىچاننىڭ لۈكچۈن سېپىلى ئىچىگە كىرگەندە شېڭ شىسەي قوشۇنىنىڭ مۇھاسىرىسى ئىچىدە قالىدۇ. قوزغىلاڭچى قوشۇن 3-ئاينىڭ 9-كۈنى (پەيشەنبە) مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدۇ. نىياز دېھقان ئەڭ ئاچقۇچلۇق پەيتتە مۇھاسىنى بۆسۈپ يول ئېچىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇ خىللانغان 12 نەپەر مەرگەن بىلەن سېپىلنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىدىن چىقىش ئالدىدا مەرگەنلەرگە:«تەييار بولدۇڭلارمۇ؟»-دەپ سورايدۇ. مەرگەنلەر بىردەك «تەييار بولدۇق»-دەيدۇ.
           نىياز دېھقان:«دەرۋازىنى ئېچىڭلار» دەيدۇ. دەرۋازا ئېچىلىشى بىلەن ئۇ مەرگەنلەرگە بۇيرۇق بېرىپ «ئاتلىنىڭلار»-دەپ ئات چاپتۇرۇپ چىقىدۇ. دەرۋازىدىن ئەڭ ئالدىدا چىققان نىياز دېھقان ئىككى قولىدىكى «28 (二八)» تىپلىق تاپانچىدىن چېرىكلەرگە ئوت ئاچىدۇ. باشقا مەرگەنلەرمۇ نىياز دېھقان بىلەن تەڭلا ئاپتومات ۋە پىلىمۇتلىرىدىن ئوق ياغدۇرۇپ چېرىكلەرنى شىددەتلىك ئوققا تۇتىدۇ. ئۇ باشلاپ ماڭغان ئوغۇللىرى تۇرسۇن ئاخۇن، توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن) ۋە جەرۇللا بوسۇق<10>  ، تاھىر ئىسمائىل<11>  ...قاتارلىق 12 نەپەر مەرگەن قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىۋاتقاندا، تاھىر ئىسمائىلنىڭ ئېتىغا ئوق تېگىپ ئۆزى پىيادە قالىدۇ. ئۇلار قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىپ بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن نىياز دېھقان ھەمرالىرىغا:«توختاڭلار ئادەملەر تولۇقمۇ؟»-دەپ سۈرۈشتۈرسە تاھىر ئىسمائىل يوق. شۇنىڭ بىلەن نىياز دېھقان:«قايتىپ ئىزدەيلى»-دەپ كەينىگە قايتىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن يولدا يۈگرەپ كېلىۋاتقان تاھىر ئىسمائىلنى ئۇچۇرتىدۇ. نىياز دېھقان تاھىر ئىسمائىلدىن «بالام ئات قېنى؟»-دېگەندە، ئۇ:«ئاتقا ئوق تېگىپ كەتتى»-دەيدۇ. نىياز دېھقان تاھىر ئىسمائىلغا:«تېز بولسىلا بالام، ئاتنىڭ كەينىگە مىنسىلە!»-دەيدۇ. ئۇ بىر سەكرەپلا نىياز دېھقاننىڭ ئېتىنىڭ كەينىگە مىنىۋالىدۇ. نىياز دېھقان باشلىق 12 نەپەر مەرگەن ئاتلىرىنى چاپتۇرغىنىچە پىچاننىڭ دېغار يېزىسى<12>   غا كىرىپ كېتىدۇ. دەرۋازا ئېچىلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوماندانلىقىدا لۈكچۈن سېپىلى ئىچىدىن چىقىپ كارىز كۆلىگە بارىدۇ. دەرۋازىدىن ئاساسىي قوشۇن چىقىۋاتقاندا تۇرپان قوزغۇلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان پىدائىلارغا ئوق تېگىپ قۇربان بولىدۇ. نىياز دېھقانلار جەنۇبىي دەرۋازىدىن چىقىۋاتقاندا سىرتتا چېرىك ئاز ئىدى، چۈنكى شېڭ شىسەي قوزغىلاڭچى قوشۇننى شىمالى دەرۋازىدىن چىقىدۇ-دەپ پەرەز قىلغاچقا، قەنۇبىي دەرۋاازىغا ئازلاچېرىك قالدۇرغان ئىدى.
          جەنۇبىي دەرۋازىنىڭ سىرتىدىكى يول ئويمانلىق ھەم قويۇق توپا بولۇپ، چېرىكلەر يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىگىزلىكتە بولغاچقا، دەرۋازىدىن ئالدىن چىققان 12 نەپەر پىدائى سىرتقا چىقىشى بىلەن ئىككى ياندىكى چېرىكلەرنى ئوققا تۇتقان ھەمدە ئاتلارنىڭ ئايىغىدىن قويۇق چاڭ-توزاڭ كۆتۈرۈلگەچكە چېرىكلەر ئۆزلىرىگە ئەجەل ئوقىنىڭ تىگىپ كېتىشىدىن قورقۇپ بېشىنى كۆتۈرۈشكە جۇرئەت قىلالمىغان، بۇ كېچە قاراڭغۇسى بولغاچقا چېرىكلەر بېشنى كۆتەرگەندىمۇ بىر نەرسىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. نىياز دېھقاننىڭ «ھەممىڭلار ئاتنىڭ يان تەرىپىگە يېتىۋېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇقى بىلەن پىدائىلار ئاتنىڭ ئۈستىگە چاپلىشىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ كېتىدۇ. نىياز دېھقانلار دىغارغا بارغاندىن كېيىن، نىياز دېھقان يەرلىك ئوتتۇرا ياش بىر كىشىنى تېپىپ ئۇنىڭغا:«خوجىنىياز ھاجىلار قەيەرگە كەتتىكىن، ئۇچۇرىنى ئېلىپ كەلگەن بولسىلا»-دەيدۇ. خوجىنىياز ھاجىمۇ:«نىياز دېھقاننى ئۇچۇرىنى ئېلىپ كېلىڭلار»-دەپ ئىككى نەپەر قومۇللۇق پىدائىنى ئەۋەتىدۇ. نىياز دېھقان بىلەن خوجىنىياز ھاجى ئەۋەتكەن ئادەملەر يولدا ئۇچرىشىپ ئۆزئارا مۇددىئالىرىنى بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، دىغارلىق ئادەم ھاجى ئەۋەتكەن ئىككەيلەننى نىياز دېھقاننىڭ قېشىغا باشلاپ بارىدۇ. نىياز دېھقانلار كارىز كۆلىگە بارغاندا خوجىنىياز ھاجى يۈگرەپ كېلىپ نىياز دېھقاننى قوچاقلاپ:«دېھقان ئاكا ھايات ئىكەنلا! خوشاللىق! خوشاللىق!»-دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كېتىدۇ ۋە «مەن ئۆزلىرىنى ھايات قالدى دەپ ئويلىمىغان» دەيدۇ. نىياز دېھقانمۇ:«ئادەمگە ئەجەل كەلمىسە ئۆلمەيدىكەن، يەيدىغان رىزقىم تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ ھاجى»-دەيدۇ. ھاجى يەنە«مەخسۇت باي قۇربان بولۇپ كېتىپتۇ، ئۇ ئۆلگىچە مەن ئۆلسەمچۇ»-دەيدۇ.
         لۈكچۈن مۇھاسىرى توغرىلىق «شىنجاڭ تارىخ ماتېرېىياللىرى» نىڭ 38-قىسىمنىڭ 70-بېتىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:«...مەن پىيادە قېچىپ كېتىۋاتاتتىم. توپا-چاڭ ئىچىدە مەندىن باشقا پىيادە قېچىپ كېتىۋاتقانلارمۇ كۆپ ئىدى. مەن بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن، مەخسۇت مۇھىتىغا ئۇچرىدىم. ئۇمۇ ئېتىدىن ئايرىلىپ پىيادە قاپتۇ. ئۇ مېنى كۆرۈپ :‹سەن ماڭا قارىماي ماڭ› دېدى. مەن بەك ھېرىپ كەتكەنىدىم. ئېتىز قىرىدا ئازغىنا ئولتۇرۇپ دەم ئالدىم. ئاندىن ناتونوش بىر نەچچە كىشى بىلەن توپا-تۇمان ئىچىدە ئېتىز قىرلىرىنىڭ ئىچى بىلەن ئۆمىلەپ، ئورۇسلارنىڭ كۆزىدىن يىراقلىشىپ، ئاخىر لۈكچۈننىڭ شەرقىي جەنۇپ تەرىپىگە چىقىۋالدۇق. ئۇ يەرگە بارساق، خوجىنىياز ھاجى بىر توپ كىشىلەردىن :‹نىياز دېھقان قېنى؟ قانداق بولدى؟ شەھەردىن ھەممىسى قېچىپ چىقتىمۇ ياكى قامىلىپ قالدىمۇ؟› دەپ سۈرۈشتە قىلىۋېتىپتۇ. شەھەرنىڭ نىمە بولغىنىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. شەھەردىن قېچىپ چىققانلار بىر يەرگە توپلىشىپ تۇردۇق. قاراڭغۇ چۈشتى، شەھەردىن ئانچە-مۇنچە مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تاڭ ئاتارغا يېقىن خوجىنىياز ھاجىنىڭ يېقىن كىشىسى نىياز دېھقان يەتتە-سەككىز ئادىمى بىلەن پىيادە قېچىپ كەلدى.».
      يۇقىرىقى كىتابنىڭ 111- ۋە 112-بەتلىرىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن: «خوجىنىياز ھاجى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن، يېنىدىكى نىياز دېھقانغا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويدى-دە باشقا ھېچنەرسە دېمىدى (نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىنىڭ تايانچ ئادىمى ئىدى). ئۇنىڭ ئۈن چىقارماي نىياز دېھقانغا قاراپ قويۇشى شۇ كۈنلەردە نىياز دېھقاننىڭ ‹ئەگەر خوجىنىياز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسە مەن قومۇلغا كېتىمەن› دەپ يۈرگەنلىكىدىن ئىدى. چۈنكى ئۇ:‹شېڭ شىسەي بىزنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن ما جۇڭيىڭنى يېڭىپ، ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلپىنىڭ بېشىنى ئالغىنىدەك ئۇمۇ بىزنىڭ بېشىمىزنى ئالىدۇ› دەپ قارايتتى. دېگەندەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا، نىياز دېھقان بىر قانچە ئادىمى بىلەن قومۇلغا كىرىپ كەتتى.».
          قومۇلدىن چىققان قوزغىلاڭچىلار بىلەن قارا شەھەردىن مەھمۇت مۇھىتى (1887-1945) باشلاپ كەلگەن تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىرلىشىپ قوشۇننى تەرتىپكە سالىدۇ. بۇ قېتىمقى تەرتىپكە سېلىشتا نىياز دېھقان شىتاب باشلىقى بولۇپ تەيىنلىنىدۇ ۋە ھاجى، مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىللە جىمىساردىكى مالۈيجاڭ (马旅长) چېرىكلىرىگە زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىدۇ. جىمىساردىكى چېرىكلەر تەسلىم بولۇپ قورال-ياراقلارنى ئەتىسى تاپشۇرماقچى بولغاندا ھاجى بىلەن مەھمۇت مۇھىتىلار قوشۇلىدۇ، لېكىن نىياز دېھقان بىلەن سالى دورغا باشلىق بىر قىسىم كىشىلەر «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوق» دېگەن گەپ بار دەپ قورال-ياراقلارنى دەرھال يىغىۋېلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىراق ھاجىلار:«جەڭچىلىرىمىز كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ بەك چارچاپ كەتتى، قورال-ياراقلارنى ئەتە تاڭ يورۇغاندا يىغساقمۇ بولىدۇ» دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرىدۇ. نەتىجىدە جىمىساردىكى چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قوراللارنى گۇچىڭدىكى ما جۇڭيىڭ يىغىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نىياز دېھقان ۋە سالى دورغا باشلىق كىشىلەر«ھاجى ئەندى ئوبدان بولدى» دەپ تەنە قىلىدۇ. ھاجى ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئاچچىقىنى ما لۈيجاڭدىن ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولىدۇ.
             جىمىساردىكى ئۇرۇشتىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا بىتىم ئىمزالاش توغرىسىدا مۇزاكىرە بولغاندا، مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق قوزغىلاڭ رەھبەرلىرى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى بىلەن بىتىم ئىمزالاشقا قوشۇلمايدۇ. بۇ ئىش نىياز دېھقانىڭمۇ ئىدىيىسىدىن قەتئىي ئۆتمەيدۇ. شۇ قېتىمقى مۇزاكىرىدە نىياز دېھقان سۆز قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«بىز ما جۇڭيىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىشىمىز كېرەك. ما جۇڭيىڭنىڭ شېڭ شىسەيگە قارشى مەيدانى بىزگە پايدىلىق. جىمىساردا تەسلىم بولغان چېرىكلەرنىڭ قولىدىكى قوراللارنى ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىدىن تارتقۇزۇپ قويدۇق. ما جۇڭيىڭ بۇ قوراللارنىڭ ئۇچىنى بىزگە ئەمەس شېڭ شىسەيگە قارىتىدۇ. ھازىر ما جۇڭيىڭ بىلەن قورال-ياراق تالىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس. بىز قوشۇنلىرىمىزنى دەم ئالدۇرغاچ تەرتىپكە سېلىپ دەرھال ما جۇڭيىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ ئالدى بىلەن چوڭ دۈشمەن شېڭ شىسەينى يوقىتايلى»-دېگەن تەكلىپنى بېرىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«بىز تۆمۈر خەلىپە پاجىئەسىدىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، بىز ئىنقىلاب قىلغان ئىكەنمىز، ئىنقىلابنى چوقۇم ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، شېڭ شىسەي بىلەن ياڭ زېڭشىن ئوخشاشلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، شېڭ شىسەي بولسا بۆرە، بىز بولساق قوي، قوي بىلەن بۆرە قاچان بىر جاڭگالدا ياشىغان؟ قومۇل-تۇرپانلاردا دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزغان ئاشۇ جاللات شېڭ شىسەي ئەمەسمۇ؟ مەخسۇت باي (مەخسۇت مۇھىتى)، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901-1933)، تۆمۈر جىسا (؟-1933)...لارنى قەتلى قىلغان  ئاشۇ بىز بېتىم ئىمزالىماقچى بولغان جاللات شېڭ شىسەي ئەمەسمۇ؟
          بىز ئۇنىڭ قانخور جاللاتلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرلىشەمدۇق؟ ئېنىقكى بىز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك ھەرگۈز ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيمىز! بۇ ئۆزۈمىزنى ئۆزۈمىز ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەنلىك ئەمسمۇ؟ بىز شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشسەك سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى«بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كېپىل بولىدۇ» دېگەن بىكار گەپ، «بىزنىڭ ھاياتىمىزغا كېپىل بولىدىغان ۋە بىزنى نىجاتلىققا ئېرېىشتۈرىدىغان نەرسە مانا مۇشۇ»-دەپ قولىدىكى تاپانچىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ ۋە بىراق جىمىسار بىتىمى ئىمزالىنىدۇ. مەھمۇت مۇھىتىمۇ ئاخىر بىتىم ئىمزالاشقا مەجبۇرىي قوشۇلىدۇ. نىياز دېھقان خوجىنىياز ھاجىغا:«ئەمدى مەن سىزلەر بىلەن بىللە بولالمايمەن، ھاجى سىز ئىشپىيونلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كەتتىڭىز، بىزنىڭ ئىنقىلاب قىلىپ دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزۇپ ئاخىرىقى مەقسىتىمىز شېڭ شىسەي دېگەن بۆرە بىلەن بىرلىشىشمىدى؟ بۆرە بىلەن قوي قاچان بىر جاڭگالدا ياشىغان؟ بۇنداق بولۇشىنى بىلگەن بولسام  قومۇلدىلا قالغان بولار ئىدىم. ئىسىت! ئىسىت! دەريا-دەريا ئاقان قانلار»-دەپ ئۆزۈنىڭ قومۇلغا كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ھاجى نىياز دېھقاننىڭ قومۇلغا قايتماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ كۆڭلى ناھايىتى غەش بولىدۇ. ئۇ مۇھىم بىر نەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ. ئۇ نىياز دېھقانغا مۇنداق دەيدۇ:
      «دېھقان ئاكا، سىز ئەڭ ياخشىسى قومۇلغا قايتماڭ، ئىلگىرى بىز بىللە ئىنقىلاب قىلدۇق، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدۇق. بۇندىن كېيىنمۇ ئىككىمىز بىللە بولايلى، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرەيلى»-دېگەندە، نىياز دېھقان ھاجىغا:«ئەسلىدە مېنىڭمۇ سىزدىن ئايرىلغۇم يوق ئىدى. ھازىر مەن سىز ماڭغان يولغا ماڭالمايمەن، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا سىز چىل بۆرە بىلەن بىرلەشتىڭىز، بۆرىگە يەم بولماسلىق ئۈچۈن بۆرىنى ئۆلتۈرۈش كېرەك ئىدى، ئەكسىچە سىز قاراپ تۇرۇپ بۆرە بىلەن بىرلەشتىڭىز. بۆرە بىلەن قوي قاچان بىر جاڭگالدا ياشىغىنى بار؟ ھاجى مەن سىزنى ئاللاغا تاپشۇردۇم»-دەپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ يۇرتى قالىغايتىلىق 20-30 دەك ئادەمنى باشلاپ قومۇلغا قايتىدۇ. خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننى كۆز يېشى قىلىپ ئۇزىتىپ قويىدۇ. نىياز دېھقان قومۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكى ئايالى، بالىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن جەم بولىدۇ. كىشىلەرنى ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ئېھتىياتچان بولۇشنى، جاللات شېڭ شىسەينىڭ ھامان بىر كۈنى قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن ھوشيار بولۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىدۇ.
         1936-يىلى يازدا خوجىنىياز ھاجى تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانە يېزىسىدا ئوغلى سەيدۇللا (سەدەنشا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1910-1970) نىڭ توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەسىرى بار زاتلارنى تويغا تەكلىپ قىلىدۇ. نىياز دېھقانمۇ ھاجى بىلەن بولغان ئىلگىرىكى دوستلۇقىنى كۆزدە تۇتۇپ تۇرپانغا سەدەنشاھنىڭ تويىغا بارىدۇ. خوجىنىياز ھاجى نىياز دېھقاننى كۆرۈپ نەھايىتى خۇشال بولۇپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. شۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە ھاجى نىياز دېھقانغا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ئىلگىرى بىللە ئىنقىلاب قىلغانىدۇق، لېكىن كېيىنكى مەزگىللەردە بىللە بولالمىدۇق. ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز مېنىڭ يېنىمدا قېلىڭ بىللە ئىشلەيلى، ھازىر ماڭا سىزدەك ئادەم كېرەك»-دېگەندە، نىياز دېھقان ھاجىنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن رەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا قالالمايمەن، مەسلىھەتمۇ بېرەلمەيمەن، ماڭا ئەمەلنىڭمۇ لازىمى يوق، مەن قومۇلغا كەتمىسەم بولمايدۇ»-دەيدۇ. نىياز دېھقان يولغا چىقىش ئالدىدا خوجىنىياز ھاجى ئۇنىڭغا ئىككى قاراشەھەر ئېتى، ئۈچ توپ رەخت (بىر توپ سۆكنى، بىر توپ چىپەرقۇت، بىر توپ شەيتان تېرىسى)، بىر دانە ئالتۇن باغلىق سائەت، بىر مىس چەينەك<13>  سوۋغا قىلىدۇ ۋە نىياز دېھقاننى كۆزى قىيمىغان ھالدا ئۇزىتىپ قويىدۇ.
           1937-يىلى جاللات شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى خوجىنىياز ھاجى باشلىق كىشىلەرنى قولغا ئالىدۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي قومۇلدىمۇ دېھقانلار ئىنقىلابىغا قاتناشقان ۋە ھېسداشلىق قىلغان كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلايدۇ. بۇ چاغدا ھاشىم ھاجى<14>   نىياز دېھقانغا قانلىق چاڭگىلىنى سالىدۇ. بىراق نىياز دېھقان تۇيۇپ قېلىپ ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ. بۇ كۈنلەردە نىياز دېھقان دۆربەجىن چوڭ تۇردىكى 2-ئايالى خوشنارىخاننىڭ ئۇكىسى شاۋەنبەگ موللام (1894–1977) نىڭ ئۆيىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئىگىز بولۇق ئۆسكەن چېغىرتماقلىققا يوشۇرۇنىۋالغان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ دۆربەجىندىكى پايلاقچىسى XX⒂ نىياز دېھقاننىڭ دۆربەجىندە يوشۇرۇنغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە ئاخبارات بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ھاشىم ھاجى، ھوشۇر مۇسا<16>  ، شاۋاز<17>   قاتارلىق ئۈچ كاللا كېسەر جاللات بىر ماشىنا چېرىكنى باشلاپ نىياز دېھقاننى تۇتۇش ئۈچۈن دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىگە چىقىدۇ. بىراق نىياز دېھقان سەزگۈر ئادەم بولغاچقا بۇ ئىشتىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ چەبدەسلىك بىلەن خېچىرىغا مىنىپ راھاتباغ چوڭتۇرغا بېرىپ 2-ئايالىنىڭ تۇققانلىرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قوناقلىققا يوشۇرۇنىدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋازلار نىياز دېھقاننى ئىزدەپ غولئېرىق مەسچىتكە باستۇرپ كېرىپ جامائەتنىڭ خۇپتەن نامىزىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.
             نىياز دېھقان قوناقلىقتا ئۈچ كۈن يوشۇرۇنغاندىن كېيىن قومۇل شەھرىنىڭ غەربىدىكى ئاقار ئارقىلىق قالىغايتىغا چىقىپ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن<18>   نىڭ ھەمرالىقىدا ئىككى ئاتقا خېلى ۋاقىت يەتكىدەك يىمەك-ئىچمەكنى ئارتىپ قالىغايتى بىلەن قۇرۇلۇق ئوتتۇرىسىدىكى ئادەم ئاسانلىقچە بايقىيالمايدىغان تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنىدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز چېرىكلەرنى باشلاپ ئىز بېسىپ قوغلاپ قالىغايتىغا چىقىپ نياز دېھقاننى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن قومۇلغا قايتىپ كىلىپ ھاشىم ھاجىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار نىياز دېھقاننى:«تاشقى موڭغۇلىيىگە چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك» دېگەن خۇلاسىگە كىلىپ ئىزدەشنى توختىتىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە نىياز دېھقانلارنىڭ يىمەكلىكى تۈگەپ قېلىپ تۇرسۇن ئاخۇن كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىپ ئىككى ئاتقا يىمەكلىكنى ئارتىپ تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى مەھەللىدىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا شۇ مەھەللىدىكى يامان نىيەتلىك بىر ئايال تۇرسۇن ئاخۇننى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئەتىسى ئىشەكنى مىنىپ قۇرۇلۇقتىكى XX،19 غا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. XX دەرھال ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە قومۇلغا كېلىپ ھاشىم ھاجى ۋە ھوشۇر موسالارغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز ئىككىنچى قېتىم بىر ماشىنا چېرىكنى باشلاپ قالىغايتىغا چىقىپ نىياز دېھقاننىڭ ئۆيىنى ماكان تۇتۇپ ئۇنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. ئۇلار ھەرقانچە ئىزدەپمۇ نىياز دېھقاننىڭ يوشۇرۇنغان جايىنى تاپالمىغاندىن كېيىن نىياز دېھقاننىڭ 2-ئۇكىسى ئابدۇللا ئاخۇن<20>   بىلەن 3-ئۇكىسى ئابدۇگۈلى ئاخۇن (21) لارنى ۋە نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئاكىسى ئابدۇرېشىت ئاخۇن(22) نىڭ چوڭ ئوغلى مامۇت ئاخۇن(23)، 2-ئوغلى ئىمىن ئاخۇن(24)، 3-ئوغلى گاھىت ئاخۇن(25) بىلەن 2-ئاكىسى تاھىر ھاجى(26) نىڭ چوڭ ئوغلى ئىبراھىم ئاخۇن(27)، 2-ئوغلى ئىسمائىل ئىمام(28)، 3-ئوغلى ئىساق موللام(29) قاتارلىقلارنى: «نىياز دېھقاننى تېپىڭلار» دەپ ئۇرۇپ-ساۋاپ قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ. ئۇلار:«نىياز دېھاننىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز»-دەپ ھېچقانداق سىر بەرمەيدۇ(30). نىياز دېھقان ئۆڭكۈردە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان كۈنلەردە قومۇل شەھرى پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن غولئېرىق مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلۇق ئوغلى ھامۇت ئاخۇن(31) دادىسى نىياز دېھقاننى يوقلاپ قالىغايتىغا چىقىپ ئاكىسى تۇرسۇن ئاخۇننىڭ يول باشلىشى بىلەن ئۆڭكۈرگە بارىدۇ. سالامدىن كېيىن:«دادا:ئايالىم ھەجەرخان (ئاقايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1923-1985) ئوغۇل(32) تۇغدى، سارىخان(33) مۇ ئوغۇل(34) تۇغدى، ئايلىرىپام (ئاپتورنىڭ ئاپىسى، قاسىم پالۋاننىڭ قىزى) قىز(35) تۇغدى»-دېگەندە، نىياز دېھقان كۆزىگە ياش ئېلىپ:«خۇدا ئاشۇ بالىلارنى كۆرۈشنى نىسىپ قىلارمۇ؟
       قومۇلدىكى تۇققانلارغا سالام ئېيت! ئايلاغا (ئاپتورنىڭ ئاپىسى) مەندىن ئالاھىدە سالام ئېيت، چۈنكى ئايلانىڭ دادىسى يوق(36)...» دەيدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز نىياز دېھقاننى تاپالمىغاندىن كېيىن قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ھاشىم ھاجىغا ئەھۋالنى دوكلات قىلىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا KGB(37) نىڭ تەربىيەسىنى ئالغان ھىلىگەر، رەڭۋاز ھاشىم ھاجى باشقا ئامال تاپالمىغاندىن كېيىن، ئابدۇرېشىت ئاخۇننىڭ ئوغلى مامۇت ئاخۇن بىلەن تاھىر ھاجىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم (بازار) ئاخۇننى قومۇلغا ئەكىلىپ سولاپ قويىدۇ ۋە قالىغايتىدىكى نىياز دېھقاننىڭ تۇققانلىرىغا:«ئەگەر نىياز دېھقان كەلمەيدىغان بولسا، مۇشۇ ئىككى بالىنى ئۇنىڭ ئورنىغا تۇتۇپ قالىمىز» دەپ خەۋەر چىقىرىدۇ. بۇ خەۋەر نىياز دېھقاننىڭ قۇلىقىغا يەتكەندىن كېيىن تەڭلىكتە قالىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن:«مەن بىر ئادەمنى دەپ قېرىنداشلىرىم، بالىلىرىم ۋە تۇققانلار رىيازەت چېكىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالا مېنىڭ كاساپىتىمدىن سالاقتا يېتىۋاتىدۇ، مېنىڭ يېشىم 56 غا كەلدى، بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگەيدىغان بولسا ئۆزۈمنى مەلۇم قىلاي»-دېگەن قارارغا كېلىدۇ، لېكىن تۇرسۇن ئاخۇن دادىسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدۇ:«دادا بىز قاراپ تۇرۇپ سىزنى تۇتۇپ بېرەمدۇق؟ ئەگەر سىز قوشۇلسىڭىز بىز ئىشنى باشقىدىن باشلايلى، بىز ئوتتۇرىغا چىقساق بىزگە ئەگەشمەيدىغان كىم بار. بىز ئادەم باشلاپ بېرىپ قالىغايتىدىكى چېرىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇجۇقتۇرىۋېتەيلى، يېتىپ قالغىچە ئېتىپ قال، دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟»-دېگەندە نىياز دېھقان تۇرسۇن ئاخۇنغا:«بالام شۇنداق قىلساقمۇ بولاتتى، بىراق بەك كۆپ قان كۆكۈلۈپ كېتىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشلار مەن بىلەنلا تۈگۈسۇن»-دەپ تۇرسۇن ئاخۇننىڭ توسىغىنىغا ئۇنىماي 1938-يىلى 10-ئاينىڭ بىر كۈنى كېچىدە قالىغايتىدىكى ئۆيىگە كېلىدۇ. نىياز دېھقان ئۆيىگە كەلسە ئۆيدە چېرىكلەر ئۇخلاپ ياتقان ئىكەن، نىياز دېھقان كەينىگە بۇرۇلۇپ قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئاپىسى بۈنىيازخان ھاجى(38) نىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ، تاڭ يورۇغاندىن كېيىن يەنە ئۆيىگە قايتىپ كېلىدۇ. نىياز دېھقاننىڭ ئۆز ئايىغى بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز ۋە چېرىكلەر ھەيران بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالىدۇ. نىياز دېھقان ھوشۇر موسا بىلەن شاۋازغا:«مېنىڭ ئۈچ تۈرلۈك تەلىپىم بار:
      1. مەن يۇرتقا نەزىر بېرىمەن؛
     2.يۇرتتىكى بارلىق جامائەت، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم بىلەن خوشلىشىۋالىمەن؛
    3. قومۇلدا سولاقتا ياتقان ئىككى بالىنى دەرھال قويۇپ بېرىسىلەر، ئەگەردە مېنىڭ يۇقىرىقى ئۈچ تۈرلۈك شەرتىمگە قوشۇلمىساڭلار، مەن بۇ يەردىن قېچىپ كېتىمەن(39)»-دەيدۇ. ھوشۇر موسا بىلەن شاۋاز نىياز دېھقاننىڭ شەرتلىرىگە دەرھال قوشۇلىدۇ. نىياز دېھقان يۇقىرىقى ئىشلارنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن خوشلىشىپ ئۆزۈنىڭ قېچىرىغا مىنىپ چېرىكلەر بىلەن بىللە قومۇلغا كېلىدۇ.
  نىياز دېھقان قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىگە كەلگەندىن كېيىن، سولاپ قويغان مامۇت ئاخۇن بىلەن ئىبراھىم ئاخۇن دارھال قويۇپ بېرىلىدۇ. نىياز دېھقان قومۇل تۈرمىسىدە بىر نەچچە كۈن  قامالغاندىن كېيىن 10-ئايدا ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە يۆتكەپ كېتىلىدۇ.
  خەلقنىڭ باتۇر ئوغلانى نىياز دېھقان ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە جاللاتلارنىڭ ۋەھشىيانە قىيىن-قىستاقلىرىغا باش ئەگمەي، ئۆزۈنىڭ باتۇرانە ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدۇ. نىياز دېھقاننىڭ 1940-يىلنىڭ ئاخىرىدىن كېيىنكى ئەھۋالى نامەلۇم.

 ئىزاھاتلار:
<1> قومۇل شىۋىسى، كۆپ دېگەن مەنىدە.
<2> قومۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئەمەل نامى.
<3> يۈنۈس موللام كېيىنكى كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجىنىڭ فۇگۈەنى ھەم ئىمامى بولغان. ئۇ 1949-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى 59 يېشىدا تۇرپان شەھرىنىڭ ئاستانا يېزىسىدا ۋاپات بولغان.
<4> مۇختەر ئاخۇنۇم پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن يۇقىرى مەھەللە كەنتلىك، داڭلىق مۈقام ئۇستازى ئەسەت مۇختەر ئاكىنىڭ دادىسى. 1963-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى 73 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ پالۋانتۇر يېزىسى يۇقىرى مەھەللە كەنتىدە ۋاپات بولغان.
<5> مەرھۇم ئانامنىڭ بىزگە دەپ بېرىشىچە، ئېلى پالۋان (1887-1931) دائىم «مۇشۇ قۇلان ئاتنى مىنىۋالسام ئارمىنىم يوق» دەپ يۈرەر ئىكەن.
<6> شيۇڭ فايۇ 1933-يىلى 2-ئايدا 23 ئادىمى بىلەن پىچاندىن تۇرپانغا كېتىۋاتقاندا، ماشىنىسىنىڭ سۈيى تۈگەپ كېتىپ تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قولىغا تىرىك چۈشۈپ قالىدۇ. قوزغىلاڭچىلار ئۇنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ، ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىگە يىگۈزۈپ ئۆلتۈرۈپ، قاسىم پالۋان بىلەن ئېلى پالۋاننىڭ قىساسىنى ئالىدۇ.
<7> ئەمەت مېھرى قاسىم پالۋاننىڭ شاگىرتى، ئۇستا مەرگەن. 1985-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى 86 يېشىدا پالۋانتۇر يېزىسىنىڭ غولئېرىق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
<8> خۇرجۇننىڭ ئىچىدە بىردانە كىچىك تۆمۈر ساندۇق بار بولۇپ، ھازىر بۇ ساندۇق يۈنۈس موللامنىڭ  نەۋرىسى پاتەم ئاخموللا ‹يۈنۈس موللامنىڭ چوڭ قىزى راھىلە ئاپپاق‹1916-1987› نىڭ كىچىك قىزى› نىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
<9> نىياز دېھقاننىڭ ئوغۇللىرىدىن تۇرسۇن ئاخۇن (1903-1952) بىلەن توقسۇن ئاخۇن (كىچىك ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1906-1954) لارمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن بىللە تۇرپان-پىچانلارغا بارغان ئىدى.
<10> جەرۇللا بوسۇق 1994-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى 94 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇمتام كەنتىنىڭ دېھقانتۇر مەھەللىسىدە ۋاپات بولغان.
<11> تاھىر ئىسمائىل نىياز دېھقاننىڭ كۈيۆ ئوغلى ئەمەت ئاخۇن (1911-1949) نىڭ ئاكىسى. 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى 83 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ غەربىي تاغ يېزىسى قۇرۇلۇق كەنتىدە ۋاپات بولغان.
<12> دىغار ئىلگىرى دالاڭ كارىز يېزىسىغا قاراشلىق كەنت بولۇپ، 1980-يىلىدىن كېيىن يېزا بولۇپ قۇرۇلغان.
<13> بۇ مىس چەينەك ھازىر نىياز دېھقاننىڭ نەۋرىسى (نىياز دېھقاننىڭ 2-ئايالىدىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغۇلى ھامۇت ئاخۇن ‹1916-1990› نىڭ 3-ئوغلى لوقمان) نىڭ قولىدا ساقلانماقتا.
<14> XX نىياز دېھقاننىڭ پەقەت دۆربەجىنگە يوشۇرۇنغانلىقىنىلا بىلگەن، بىراق قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىقىنى بىلەلمىگەن.
<15> ھاشىم ھاجى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىنىڭ پولكوۋنىك دەرىجىلىك ئەمەلدارى، شۇ ۋاقىتتىكى قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1935-يىلى 5-ئايدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ستالىن (1879-1953) شېڭ شىسەيگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن قان ئىچەر ئۈچ ھاجى (ھاشىم ھاجى، سېيىت ھاجى ‹ئۈرۈمچى ج خ باشقارمىسىدا پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ئىشلىگەن›، قادىر ھاجى ‹قەشقەر ۋىلايەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى› لاردىن ئىبارەت) نىڭ بىرى. ئۇ قومۇلدا ئىككى يۇزدىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىنى تۇتقۇن قىلىپ ئۈرۈمچىگە ماڭدۇرۇپ بەرگەن، كېيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ قومۇللۇق تۇتقۇنلارنى سوراق قىلىپ، دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان قەبىھ، ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرگەن. كېيىن دۆلىتىگە قايتىپ كېتىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا كاللىسىدىن ئادىشىپ، ئۆزىنىڭ پوقىنى ئۆزى يەپ، 1972-يىلى ئالمۇتادا ئۆلگەن (شېرىپ نىياز خۇشتار يازغان:«شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر» ناملىق كېتابنىڭ 141-بېتىدە ھاشىم ھاجىنىڭ ئىسمى ھەسەن دىيىلگەن).
<16> ھوشۇر مۇسا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو ناھىيىسىدىن بولۇپ، 1937-يىلى شېڭ شىسەينىڭ تەكلىپى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتپاقىدىن تاشقى موغۇلىيە ئارقىلىق قومۇلغا كېلىپ، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى 2-بۆلۈم يەنى سىياسىي رازۋېت بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولغان. گومىنداڭ دەۋرىدە قومۇلدا يولۋاس (1888-1971) تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان. 1984-يىلى 69 يېشىدا ئۈرۈمچىدە ئۆلگەن.
<17> شاۋاز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدىن بولۇپ، شېڭ شىسەي دەۋرىدە قەشقەردىن قومۇلغا كېلىپ قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى 2-بۆلۈم يەنى سىياسىي رازۋېت بۆلۈمنىڭ رازۋېتچىكى بولغان، كېيىن شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە تاشلانغان، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن قەشقەرگە كەتكەن. 1951-يىلى 34 يېشىدا قەشقەردە قىساسچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
<18> نىياز دېھقاننىڭ قالىغايتىدىمۇ ئۆيلىرى بار بولۇپ چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىياز (1887-1960) دىن تۇغۇلغان چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇن قالىغايتىدا ئولتۇراتتىى، ئۇ 1952-يىلى 4-ئايدا 49 يېشىدا قۇرۇلۇقتا ۋاپات بولغان.
<19> XX شېڭ شىسەينىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان مىللىي مۇناپىق، قومۇل ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئىشپىيۇنى.
<20> ئابدۇللا ئاخۇن 1965-يىلى 5-ئايدا 76 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(21) ئابدۇگۈلى ئاخۇن كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشھۇر سۇنۇقچى، 1974-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 84 يېشىدا قومۇل شەھرىدە ۋاپات بولغان
(22) ئابدۇرېشىت ئاخۇن 1948-يىلى 7-ئايدا 78 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(23) مامۇت ئاخۇن 1994-يىلى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى 98 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(24) ئىمىن ئاخۇن 1989-يىلى12-ئاينىڭ 9-كۈنى 95 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(25) گايىت ئاخۇن 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 15 كۈنى 86 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(26) تاھىر ھاجى 1937-يىلى 5-ئايدا 59 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(27) ئىبراھىم ئاخۇن (بازار ئاخۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1946-يىلى 40 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(28) ئىسمائىل ئىمام 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى 83 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(29) ئىساق موللام 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى 76 يېشىدا قالىغايتىدا ۋاپات بولغان.
(30) نىياز دېھقان يوشۇرۇنغان ئۆڭكۈرنى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇرسۇن ئاخۇندىن باشقا كىشى بىلمەيتتى.
(31) ھامۇت ئاخۇن (ئاخۇن قارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى 76 يېشىدا دۆربەجىن غولئېرىقتا ۋاپات بولغان.
(32) بۇ ئوغۇل بوۋاق، قومۇل شەھرى پالۋانتۇر يېزا دۆربەجىن غولئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ھاجى ئەمەت ھامۇت بولۇپ، بۇ يىل 72 ياشتا.
(33) سارىخان (ئايتۈرۈك ئايلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ، 1916-1954)،  نىياز دېھقاننىڭ چوڭ ئايالى توختىخان مەمەتنىيازدىن تۇغۇلغان قىزى.
(34) بۇ ئوغۇل بوۋاق، ئاپتونوم رايونلۇق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مائارىپ پەن-تېخنىكا باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان نىياز ئەخمەت بولۇپ، بۇ يىل 72 ياشتا.
(35) بۇ قىز بوراق پالۋانتۇر يېزا غولئېرىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ھاجى چىنتاشخان ئابدۇللا بولۇپ، بۇ يىل 72 ياشتا، ئاپتورنىڭ ئاچىسى.
(36) قاسىم پالۋاننىڭ قۇربان بولۇپ كەتكەنلىكىنى دىمەكچى-ئا.
(37) KGB سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكى-ئا.
(38) نىياز دېھقاننىڭ دادىسى سېيىت ھاجى، ئاپىسى بۈنىيازخان ھاجى ۋە 2-ئاكىسى تاھىر ھاجىلار 1903-يىلى سەئۇدىي ئەرەنىستانىغا ھەج-تاۋاپ قىلغىلى بېرىپ، قايتىشىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەستۇرە دېگەن شەھرىگە كەلگەندە سېيىت ھاجى كېسەل سەۋەبىي بىلەن ۋاپات بولغان ئىكەن.
(39) بۇ تامامەن مۇمكىن بولۇپ، ئاشۇ ۋاقىتتىمۇ نىياز دېھقاننىڭ قولىدا خېلى كۆپ قۇراللىق ئادىمى بار ئىدى.

     مەزكور ئەسەر باغداش تورىغا خاس ، رۇخسەتسىز ھەرقانداق ئورۇنغا كۆچۈرمەڭ                 

2

تېما

12

دوست

4274

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1296
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 17:09:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قرىندىشىم،ئەل ئۈچۈن جىننىنى ئايىمىغان قەھرىمانىمىز نىياز پالۋانغا ئاللاھ جەننەت ئاتا قىلغاي ئامىن،ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

16

تېما

0

دوست

3095

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 588
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 208
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 18:35:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېرۇل پۇگەننىمۇ يېزىپ قويۇڭ،

0

تېما

0

دوست

341

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   20.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2150
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 86
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 19:36:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر ئەجدالىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!ھەي ئاشۇ يىللار.........

8

تېما

2

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12612
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 287
تۆھپە : 1287
توردىكى ۋاقتى: 245
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 20:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي !!! يەنىمۇ كۆپ باتۇرلىرىمىزنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن خەۋەردار قىلغايسىز !!!!

0

تېما

8

دوست

1007

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11493
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:05:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قان كەچكەن  ئەجدادلىرىمىزنىڭ  ئاخىرقى ئۆمرى نىمىدىگەن ئېچىنىشلىك  !~!~!~!~!~

18

تېما

6

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15433
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 91
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:44:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمانلىرىمىزنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ! كۆپ ئەجىر قىپسىز رەھمەت، ئەمما نېمىشقا كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم؟ بۇنداق ياخشى تېمىنى باشقىلارمۇ كۆرسە ياخشى ئەمەسمۇ...

0

تېما

3

دوست

1132

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25142
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 12:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھىرمانلىرىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )