«مەن ماۋزېدۇڭغا چوقۇنىمەن »
كامرانبەگ يوللانمىسى
ۋىنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋىس ھەققىدە چۈشەنچە
«بەزىلەر مېنى ئامرىكا ۋە دىمكۇراتىيە ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارايدۇ ،مەن ئۇلارغا بۇنىڭ راس ئەمەسلىكىنى يېنىش –يېنىشلاپ ئۇقتۇرۇردۇم...ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا ۋە بىزگە بۇھەقتە ئىزاھات بېرىشى لازىم.» ۋىنسۇئېلا زۇڭتۇڭى ھوگو چاۋىسنىڭ كولومبىيە رادىئۇ شىركىتى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاڭلاتقان سۆھبەت پىروگراممىسىدا ئېيتىپ بېرىشىچە ،ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۆزىدىن ئىبارەت خەلىق سايلىغان زۇڭتۇڭ بىر مەھەل تەخىتتىن چۈشۈرۋىتىلگەن ،ۋاھالەنكى ،ئامرىكا ھۆكۈمىتى بۇقېتىمقى سىياسى ئۆزگىرىشنى ئەيىپلىمىگەن ،ئامرىكا بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىشى لازىم ئىكەن . چاۋىستىن ئۇنىڭ ئامرىكىنى ۋىنسۇئىلادىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ قوللىغۇچى دەپ قارايدىغان –قارىمايدىغانلىقى سورالغان چاغدا،ئۇ: -بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنتايىن دەلىل ئىسپات بولۇشى كېرەك ،-دېدى.ئەمما چاۋىسنىڭ5-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى گېپىچە،ئامرىكا ئارمىيىسىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغۇغىچىلار بىلەن ئۇچراشقان چاۋىس سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن چاغدا ئۆزىنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ،ئامرىكا ئەينى ۋاقىتتا چاۋىسنىڭ ئۆزلىگىدىن ئىستىپا بەگەنلىكىنى ئېيىتقان ئىدى .
-بۇنداق ئىش مۇتلەق بولغان ئەمەس ،مەن ھېچ قاچان ئىستىپا بەگەن ئەمەسمەن . بۇ خەۋەر 4-ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە قەدەر ۋىنسۇئېلانىڭ سىياسىي سەھنىسىدە يۈز بەرگەن كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ھېلىقى كومېدىيەنى يەنە يادىمىزغا سالدى .چاۋىس ئۆكتىچىلەر ۋە بىر قىسىم ھەربىيلەر قوزغىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە تەخىتتىن 48سائەت چۈشكەندىن كېيىن،ئاممىنىڭ ۋە ھەربىيلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ،خۇددىي مۆجىزە يۈز بەرگەندەكلا، ھاكىمىيەتنى يېڭى باشتىن قولىغا كىرگۈزىۋالدى .سىياسي ۋەزىيەتتىكى بۇ قېتىمقى كەسكىن داۋالغۇچ ئىندىئان ياۋروپا قان سېستىمىسىنىڭ ئارلىشىشىدىن ئاپىرىدە بولغان بۇ يىرىك چاچلىق زۇڭتۇڭنى كىشىلەرگە بۇنى يېڭى باشتىن تونۇتتى .
پەرۋەردىگار –ئالىي قوماندان ،ئۇنىڭدىن قالسا بولىۋار ،ئاندىن كېيىن مەن
1992 –يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئەينى ۋاقىتتىكى پاراشوتچى قىسىمنىڭ پودپولكوۋنىكى بولغان چاۋىس ۋىنسۇئېلالىقلارنىڭ نەزەر دائىرسىغا تۇنجى قېتىم كىردى .بۇ پودپولكوۋنىڭ بۇنىڭدىن بىركۈن ئىلگىرىكى بىر كېچىدە قوراللىق سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ كارلوس ھۆكۈمىتىنىئاغدۇرۋىتىشكە ئۇرۇنغانىدى بۇسىياسىي ئۆزگىرىش ھۆكۈمەتكە سادىق ئارمىيە تەرىپىنىڭ پاستۇرۇلغاندىن كېيىن چاۋىس ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دىمۇكراتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان ،مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇدىغان خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلىپ ،ۋىنسۇئېلا ئاممىسىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى .شۇنىڭدىن كېيىن چاۋىس قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى ،كېيىن ئالاھىدە كەچۈرۈمگە .ئېرىشىپ ،سىياسىي سەھنىگە قەدەم قويۇشقا باشلىدى .چاۋىس ۋىنسۇئېلادا چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ ،تىنىچ ،دىمۇكراتىك ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىپ ،خەلىق ۋە ئارمىيىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي كۈچكە تايىنىپ ،نامۇۋاپىق ،ئىجتىمائى ئادالەتنىئىشقا ئاشۇرۇشقا بەل باغلىدى .شۇنىڭ بىلەن بىللە ،ئۇ يەنە لاتىن ئامرىكىسى مۇستەقىللىقىنىڭ پىشۋاسىي سىمون بولىۋار تەشەببۇس قىلغان «لاتىن ئامرىكىسى ئەللىرى ئىتپاقى »نى بەرپا قىلىشنى قۇۋەتلىدى ،ئۇ تەشكىللىگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولۇپ ئالتە يىلدىن كېيىن پاراشوتچى قىسىمنىڭ بۇ غايىلىك ،ياش ۋە غەيرەتلىك سابىق كوماندىرى ۋىسوئېلا ىەلىقنىڭ دېمكۇراتىك ئاساستا سايلىشى بىلەن زوڭتۇڭلۇق تەختىگە ئولتۇردى . شۇنىڭ بىلەن چاۋىس نەزىرىنى تۇنجى قېتىم ئۆزىگە تارىتتى . چاۋىسنىڭ زۇڭتۇڭلىققا كۆتۈرلىشى غەرىپ دۇنياسىنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى .غەرىپتىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ باھا بەردى:چاۋىس -كۈچلۈك مىللەتچى دېمكۇراتىزىمچىنىڭ،ئىنقىلاپچى بىلەن ئىسلاھاتچىنىڭ بىرىكمىسى،ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە لاتىن ئامرىكىسىچە خىيالى سوتسىيالىزىم،ئەركىن كاپىتالىزىم ،ئەمگەكچىلەرئىنسانپەرۋەرلىكى سىڭگەن .ئۇ ئىككى خىل ئېدىئۇلوگىيە ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ،ئىككى دۇنيادىن ھالقىپ ئۆتۈپ،لاتىن ئامرىكىسىدا يېڭى بىرخىل سىياسىي ھادىسىنى ھۇجۇتقا كەلتۈردى،مۇنداق ھادىسە كېيىن ئۇنىڭ نامىي بىلەن «چاۋىس ھادىسىسى» دەپ ئاتالدى .ۋېنسۇئېلادىكى بىر تەھلىلچى چاۋىسنىڭ بىر قەدەر ئازادە بولغان ئېدىئولوگىيىسىنى مۇنداق دەپ تەرىپلىدى،بۇنداق مىللەتچىلىك ،ئاۋامچىلىق ۋە لاتىن ئامرىكىسى شوۋىنىزمى يۇغۇرۇلغان،بۇ ئارمىيە دائىرلىرى ۋە ئىجتىمائىي گورۇھلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا، تېخىمۇ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە . چاۋىس زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغاندىن كېيىن ،ئۆزىنىڭ سىياسىي غايىسىنى يولغا قويۇشقا كىرىشتى.ئەمما كۇبا،لىۋىيە،ئىراق قاتارلىق مەسىللەردىكى مەيدانى ئوخشاش بولمىغاچقا ،ئامرىكا ھۆكۈمىتى چاۋىس ھۆكۈمىتىگە قارىتا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تېز ئارىدىلا ئاشكارلىدى .ھەتتا ۋېنسۇئېلادىكى ئۆكتىچىلەرگە يېرىم ئاشكارى ھالدا ياردەم ۋە مەدەت بەردى.ئەمەلىيەتتە،ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ،چاۋىس تەشەببۇس قىلغان بولىۋار ئىنقىلابى يەنىلا كاپىتالىزىم رامكىسى ئىچىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ياكى ئىسلاھات ئىدى.كاپىتالىستىك مەملىكەتتە خەلىق تەرەپىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭ بولغان چاۋىس سوتسىيالىزىم بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان.ئۇ ماركىس ،لېنىنلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ياد ئالغان ھەمدە بۇ ئەسەرلەردە شەرھلەنگەن ئىنقىلابى ئىدىيىلەر توغرىسىدا بىر قەدەر تونۇش ھاسىل قىلغان ،چاۋىس تىنچ ،دىمكۇراتىك ئىنقىلاپ ئارقىلىق جەمىيەتنى ئۆزگەرتىش ،جەمىيەتنى ئىلگىرى سۈرۈش،جەميەتتىكى نامراتلىشىپ كېتىش ۋە بېيىپ كېتىشتىن ئىبارەت چېكىدىن ئاشقان ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى ھەم خىلمۇخىل نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي رىئاللىقنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
«مەن پۈتۈن ھاياتىمدا ماۋزىدۇڭغا چوقۇنۇپ كەلدىم »
نۇرغۇن لاتىن ئامرىكىسى ئەللىرى «ئىقتىسادىي ئىنژىل» دەپ قارايدىغان ئامرىكىچە يېڭى لىبىراللىق ۋەھشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە يات، ناۋادا بۇنىڭدىن قۇتۇلمىغاندا ،ھالاكەت يولىغا مېڭىشقىلا توغرا كېلىدۇ،مەرەز بېسىپ ساق يېرى قالمىغان ،ھەممە ئىشنى باشتىن باشلاشقا توغرا كېلىۋاتقان ۋېنسوئېلا بازار ئىگىلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ تەڭشەش -تىزگىنلىشى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن يولغا مېڭىشى زۆرۈر.مۇشۇ جەھەتتىن ئېيىتقاندا چاۋىس جوڭگو ئىنقىلابىنى ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېېرىشتىكى مۇۋەپپىقىيەتلىك تەجىربىلەرنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ چاۋىس زۇڭتۇڭ جۇڭگو خەلقىگە سەمىيمىي دوسىتتانە مۇھەببەت باغلىغان .ئۇ ئىلگىرى ماۋزىدۇڭنىڭ بىر قاتار ئەسەرلىرىنى تەھلىل قىلغان ھەم كۆپ قېتىمقى ئاشكارە نۇتىقىدا رەئىس ماۋزىدۇڭنىڭ ئارمىيە بىلەن خەلىق ئوتتۇرسىدىكى بىلىق بىلەن سۇدەك مېھىر مۇھەببەت ھەم ئامىۋى ئاساسقا ئائىت بايانلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەن .
ئەمەلىيەتتە ،چاۋىسنىڭ جوڭگوغا مەپتۇن بولۇش نىسبىتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرىدىن كۆپ دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ.بىر مۇنچە جۇڭگولۇقلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ،ئىشىك سىرىتقا ئېچىپ بېرىلگەندىن كېيىنكى دۆلەت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جەريانىنى ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى ئېھتىمال،ئەمما چاۋىس بۇنىڭ ئۆيىدىكى ئالتۇن -تىللارىنىڭ سانىنى بىلگەندەك ئېنىق بىلىدۇ.چاۋىس جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي رايون تەسىس قىلىش ،نۇقتا ئارقىلىق ئومومىي دائىرىنى يىتەكلەشتىن ئىبارەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئىنتايىن زوقلىنىدۇ ئۇنىڭ پائال تەشەببۇس قىلىشىي بىلەن ۋىنسۇئېلادا ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلدى. ئۇ ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ ،ۋىنسۇئېلا زىمىنىدا جۇڭگوچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى يارىتىشنى ئۈمۈد قىلماقتا.
مەنبە : يەرشارى گېزىتى
داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىدۇ
|