قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5543|ئىنكاس: 45

غېنى باتۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 19:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

غېنى باتۇر


غېنى باتۇر

      غېنى باتۇرنىڭ دادىسى مۇھەممەت باقىر ئاكىنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەسلىدە خوتەن قاراقاشلىق، ئۇنىڭ ئىككىنچى بوۋىسى ئىمىننىياز مىراب چىڭ سۇلالىسى 1760- يىلىدىن 1767- يىلىغىچە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئۇچتۇرپان، خوتەن، يەركەن قاتارلىق جايلىرىدىن ئىلىغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ئادەم كۆچۈرگەندە كۆچۈپ كەلگەنلەردىن بولۇپ، ھازىرقى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۈزى مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. غېنى ئاشۇ تۇردىيۈزى مەھەللىسىدە، كەمبەغەل دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ. غېنى مەكتەپ يېشىغا يەتكەندە دادىسى ئۇنى مەكتەپكە بېرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇيالماي مەكتەپتىن چىقىپ كېتىدۇ ۋە ئون ياشلارغا كىرگەندە، مەھەللىسىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ. 15ياشقا كىرگەندە دادىسى بىلەن دېھقانچىلىق قىلىدۇ. غېنى كىچىكىدىنلا ئىشچان ۋە كۈچلۈك، غەيرەتلىك بالا بولۇپ، بالا ۋاقتىدا چېلىشىشتا داڭ چىقىرىدۇ. غېنى ئېگىز بوي، گەۋدىلىك، يوغان باش، كەڭ ۋە سوزۇق يۈزى قىپقىزىل، قوي كۆز، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىدۇ.
غېنى باتۇر
        1918-يىلى كەچ كۈزدە مەھەممەت باقىر ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كېيىن خامانغا ماڭاي دەپ تۇرغاندا، ھويلىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولىدۇ. مەھەممەت ئاكا ھويلىغا چىقىش بىلەن <<غېنى قايسىڭ؟>> دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ. غېنى مەن دەپ ئالدىغا چىقىدۇ. غېنىنى چاقىرغان بىر چېرىك بولۇپ، چېرىك غېنىنى باغلىماقچى بولىدۇ. غېنى باغلاتماي <<ئېلىپ بارىدىغان يېرىڭگە ئېلىپ بار، ئەمما باغلىمايسەن>> دەيدۇ. غېنىنىڭ ئاتا-ئانىسى چېرىكلەرگە يالۋۇرىدۇ. غېنى <<مەن گۇناھسىز، بۇلارغا يالۋۇرماڭلار، مەن قايتىپ كېلىمەن>> دەيدۇ. غېنى ئون ئاي توققۇزتارا يامۇلىغا قامىلىدۇ. بۇ 10ئايلىق تۈرمىدە غېنى كۆرمىگەننى كۆرىدۇ، بىلمىگەننى بىلىپ، ياشاش يولىنى ئۆگىنىدۇ ھەم كۆپ كىشىلەر بىلەن تونۇشىدۇ.
     غېنى تۈرمىدىن چىقىپ كۆپ ئۆتمەي بىر كۈنى توققۇزتارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە <<مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۈرىگە كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ كەلسەم نېمە دەيسەن؟>> دەپ 150 مېتىر ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ. قازاق يىگىت <<ئەگەر دېگىنىڭدەك قىلساڭ، ئاتنى ساڭا بەردىم، قىلالمىساڭ تورۇق ئېتىڭنى ماڭا بېرىسەن>> دەپ غېنىغا قول ئۇزىتىدۇ. غېنى بارغان پېتى ئاتنى كۆتۈرۈپ قاراياغاچتىن 100مېتىر نېرى يەرگە ئېلىپ بېرىپ، قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خەلق ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن غېنىنىڭ گاڭگۇڭ (نوچى) دېگەن نامى ئىلى رايونىغا تارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن زۇلۇمغا، جازانىخورغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. ئۇلار زالىم بەگلەر، جازانىخور بايلار، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ، مەسخىرە قىلىدۇ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلاپ، يېتىم – يېسىرلارغا بېرىدۇ. شۇڭا غېنى 1944-يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۈرمىگە قامىلىدۇ. ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۈزۈپ تاشلاپ قاچىدۇ. ساقچى باشلىقى غېنىنى بىر قېتىم ئالتە ئادەمگە باستۇرۇپ ئۇرىدۇ. بىر قانچە قېتىم 100-200، ھەتتا 300 دىن تاياق ئۇرىدۇ.

      غېنى باتۇر
     غېنى 1941-يىلى توققۇزتارا يامۇلىدىن نۇراخۇن دېگەن دوستى بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار شۇ قاچقان پېتى شىخۇنىڭ جۇجيەنلۇ دېگەن يېرىگە بېرىپ، داۋۇر، ھاشىم توكۇر دېگەن كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ بىر ئۆيگە كىرىپ، تۆت يامبۇ، بەش سەر ئالتۇن ئوغرىلاپ بېرىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بۆلۈشىمىز، دەپ ماڭىدۇ. ئۇ ئىككىسى ئالتۇنلارنى ئېلىپ ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ نۇراخۇن بىلەن غېنىنى تۇتۇپ بېرىدۇ. ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇرلار كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى ئۈچۈن توققۇزتارادا لوزۇڭ مەنسىپىگە ئېرىشىدۇ. نۇراخۇن بىلەن غېنى 12 كۈندىن كېيىن تۈرمىدىن قېچىپ ئاتلىق يەنسىخەيگە كېلىپ، بىر قازاق ئۆيىدە تۇرغاندا، قوغلاپ كەلگەن چېرىكلەرگە ئۇچرايدۇ. غېنى ئۇلارنى ئۇرۇپ يىقىتىۋېتىپ قاچىدۇ. شۇ چاغدا چېرىكلەرنىڭ ئاتقان بىر ئوقى غېنىنىڭ يانپېشىغا تېگىپ، ماڭالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غېنى تۇتۇلۇپ، ساۋەنگە ئەۋەتىلىدۇ. ساۋەندە توققۇز كۈن قاماقتا ياتقاندىن كېيىن چېرىكلەرنىڭ ئىككى ئېتىنى ئېلىپ قېچىپ، نۇراخۇن بىلەن تېپىشىپ، بىر موڭغۇل تونۇشىنىڭ ئۆيىدە قونىدۇ. كېيىن، ئۇلار ھاشىم توكۇر بىلەن داۋۇردىن ئۆچ ئالماق ئۈچۈن توققۇزتاراغا بارىدۇ. غېنى توققۇز تارادا تۇتۇلۇپ، ناھىيە تۈرمىسىگە قامىلىدۇ. غېنىنى غۇلجا ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا دەرياغا ئۆزىنى تاشلاپ قاچىدۇ. ئەتىسى غۇلجىغا كېرىپ، سوت مەھكىمىسىگە ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ. غېنىنى غۇلجىدا 32 كۈن سوراقسىز قاماپ، <<سەن بەش يىلدىن بۇيان ئون سەر ئالتۇن، 20 يامبۇ ئوغرىلاپسەن>> دەپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ، ئۈرۈمچىدە شېڭ شىسەينىڭ ساقچى باشقارمىسىنىڭ 4- تۈرمىسىگە قاماپ قويىدۇ، كېيىن 2-تۈرمىگە يۆتكەيدۇ. غېنى 1944-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، يەنە دۈشەنبە كۈنى 2-تۈرمە (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ئىدى) دىن قېچىپ، غۇلجىغا بېرىپ ھاشىم توكۇر، داۋۇرلاردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار يوشۇرۇنۇپ قېچىپ يۈرىدۇ. غېنى ئىز بېسىپ ئۇلارنى قوغلايدۇ.

غېنى باتۇر
   شۇ كۈنلەردە، نىلقا ئولاستايدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، گومىنداڭ ئالتە ئوغرى دەپ ئاتىغان پاتىخ مۇسلۇمۇپ، ئەكبەر باتۇر، قۇربان بۇرھانىدوف، ئوسمان ئىبرايىموف، سېيت ئاۋان (ئەكبەرنىڭ ئىنىسى)، نۇر ئوبۇلۇپ، ھوشۇر مامىتوف، مۇساقان قۇربان، خەمىت مۇسلىمۇف، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۈرۈمچىدە تۈرمىدە قاچقانلىقتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ-دە، غېنى پارتىزانلارغا قوشۇلىدۇ. پارتىزانلىق شىتابى قۇرۇلغاندا، پارتىزانلارنى ئۈچكە بۆلۈپ، 1-بۆلۈمگە ئەكبەر، 2-بۆلۈمگە غېنى، 3-بۆلۈمگە تۈگمەنچى رۇس ئىۋان مەسئۇل بولىدۇ. ھەر بىرىنىڭ قىسمىدا 200 دىن پارتىزان بولۇپ، نىلقىغا يۈرۈش قىلىدۇ ۋە پارتىزانلار نىلقىغا باستۇرۇپ كېلىپ نىلقىنى ئازاد قىلىدۇ.

    غېنى باتۇر
     غېنى شۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى ئۇرۇشلاردا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ ئاتىلىدۇ. پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن ئون ماشىنىدا كەلگەن ئەسكەرلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ، مازار رايونىغا كىرگۈزمەي يوقىتىپ، ئۇلارنىڭ قورال-ياراغلىرىنى غەنىيمەت ئالىدۇ. سۇلتان ئۇۋەيىس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ. ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرىدۇ. قورال-ياراغ غەنىيمەت ئالىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ پاتىخ باتۇر بىلەن بىللە لەنجۇدا 1953-يىلىغىچە دەم ئالىدۇ. ئۇ 1981-يىللاردا ئالمۇتادا ۋاپات بولىدۇ.


0

تېما

0

دوست

1028

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23271
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 300
توردىكى ۋاقتى: 48
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 21:01:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تېما يوللاپسىز ، قېرىندىشىم ،رەخمەت سىزگە . ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئاتالمىش ئايرۇپىلان ۋەقەسىنى ئاڭلىغان مەرھۇم پالۋانىمىز غېنى باتۇرنىڭ ئاسمانغا ئوق ئاتقىنىچە كوچىنى توغۇرسىغا كېسىپ ئۆتكەندىن كېيىنكى خاتىرسىنى تاپالماي يۈرگەن ئىدىم ، نەگە بېرىپ ، نەدە ياشاپ ، نەدە ۋاپات بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالغان .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 21:06:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارماندا  كەتكەن  باتۇرۇم   ئۇلۇق  ئىگەم  ياتقان  جايىڭنى  جەننەتە  قىلسۇن  .

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8816

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2598
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 21:41:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئۇنىڭدا ئەخمەتجان قاسىمدا بار بىلىمنىڭ يېرىمى بولغان بولسا ئاشۇ جاسارىتى بىلەن...

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 22:04:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dolanogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 22:08  

غېنى باتۇر ئورۇشتا كورسەتكەن غايەت زور  جاسارىتى  ھەم خەلىق يۇكسەك ئىناۋىتى كىيىنكى كۇنلەردە ھاياتىغا زەرەر  يەتمەي تىنىچ ئامان ئالمۇتىغا چىقىپ شۇ يەردە ياشىغان  .ئەگەر دولەت ئىچىدە قالغان بولسا بەلكىم مەدىنيەت ئىنقلاۋنىڭ  قۇربانلىقىغا ئايلىنىشى مۇقەررەر ،چۇنكى گىنرال مايۇر ئۇنۋانى بىرلگەن مۇھەمەت ئىمىنۇف بىرئەمەلى ھۇقۇقى بار 5-كۇرپۇس13-دىۋىزىينىڭ قوماندانى ۋە پارتكۇم شۇجىسى  يەنە بىرمۇنچە قۇشۇمچە ھۇقۇقى بولغان بۇ رەھبەرمۇ  شۇ مەدىنيەت ئىنقلاپنىڭ قايناملىرىغا چۇكۇپ بىر مۇنچە دەرت ئەلەم تارتقۇزۇپ ئەلەم كىتىپتىغۇ.چۇشەنمىگىنىم‹‹ باشلىغىنى ئۇرۇپ سوقۇپ دومبالاپ  جازالاۋاتسا ئەسكەرلىرى نىمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ، ياكى ئۇلارمۇ تاماشا كۇرۇپ ،بۇرۇن بىزنى ئۇرۇشقا سېلىپ قىينىغانىڭ جازاسىنى كور دەپ يۇرگەنمىدۇ››

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 22:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   كونىلارنىڭ «قازى بىلەن كېتەمسەن، مۇپتى بىلەن قالامسەن» دېگەن ھېكمىتى ھەقىقەتەن توغرا. چەتكە چىقىپ كەتمەي «ۋەتەن، ۋەتەن» دەپ قالغان تالايلارنىڭ كۈنلىرى ئازاب، خورلۇق، ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتمىدىمۇ ۋە ئۆتىۋاتمامدۇ؟
   غېنى باتۇرنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!

0

تېما

0

دوست

965

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25830
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 280
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 22:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن بۇ باتۇرىمىزنىڭ.

0

تېما

0

دوست

39

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26530
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 23:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرسەت چىقىپ قالسا ئۇنىڭ تۇپراق بىشىغا چىقىپ‹‹ خەتمە قۇرئان ›› ئوقۇپ كىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )