قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1286|ئىنكاس: 4

ئوغلانى :ناپالىئوننىڭ «يۈز كۈنلۈك» پادىشاھلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

6

دوست

1426

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   42.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 548
توردىكى ۋاقتى: 31
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 19:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagdax-bahadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-3 19:54  

ناپالىئوننىڭ«يۈز كۈن» ھوقوق تۇتۇشى

ئوغلانى يوللانمىىسى

       1814-يىلى 5-مايدا ، ئون مىلىيونلىغان كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆز قولىدا تۇتقان پادىشاھ ناپالىئون ئېربا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىندى . ئارالدا ئۇنىڭ پادىشاھىلىق نامىنى ساقلاپ قېلىشقا ھەمدە ئۆتمۈشتىكى  شانۇ-شەۋكەتلىك دەۋىردىكىگە ئوخشاش ئوردىغائىگە بولۇشىغا رۇخسەت قىلىدى. ئەمما ئۇ قېچىپ كەتمەكچى بولدى .
      ناپالىئون ئۆزىنىڭ «ئۆزگىرىشچان » ناملىق يەلكەنلىك ، قوش ماچىتلىق كېمىسىنى ئەنگىلىيە ھەربىي پاراخوتىنىڭ رەڭگىدە سىرلىتىپ ھەمدە ئۆزىنىڭ ئادىمى ئاز بولغان قوشۇنىنى توپلاپ پارىژغا يۈرۈش قىلماقچى بولدى .مەلۇم بىر كۈنى كىچىدە، ناپالىئون ۋەئۇنىڭ1050نەپەرئوفىتسرئەسكىرى«ئۆزگىرىشچان »ناملىق كىمە ۋە ئالتە كىچىكرەك كىمە بىلەن كىچىك ئارالدىن ئايرىلدى.
       ناپالىئون كىمە ئەتىرتىگە تارقىلىپ يۈرۈشكەبۇيرۇق بېرىدۇ ھەمدە فىرانسىينىڭ نېستىن ئانچە يىراق بولمىغان ۋىئالادىكى خۇئان قولتۇقىدا يىغىلىشقا كىلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەپىرى ناھايتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ .
       ناپالىئون ئۆزىنىڭ ئاجىز قوشۇنىنى باشلاپ گىرىنبورغا يۈرۈش قىلىۋاتقاندا ، پادىشاھنى قوغداش پارتىيسىنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇچىرشىپ قالىدۇ . بىر ئوفىتسىر كەسكىنلىك بىلەن :«ئۇ ناپالىئون ، ئۇنى ئېتىڭلار »دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ . ئەمما ، ھېچكىمدىن سادا چىقمايدۇ. ناپالىئون ئالدىغا بىرقەدەم مېڭىپ : جەڭچىلەر ، ئەگەر ئاراڭلاردا بىرەرسى پادىشاھنى ئۆلتۈرمەكچى بولسا ،مانا مەن بۇيەردە ، مىنى ئۆلتۈرسەڭلار بولىدۇ ، دەيدۇ . بىردىنلا ، « پادىشاھ ياشىسۇن !» دىگەن ئالقىش سادالىرىغا ئەگىشىپ ، پادىشاھنى قوغداش پارتىيسى قوشۇنىنىڭ سېپى قالايمىقانلىشىپ ، جەڭچىلەر تەنتەنە قىلغان ھالدا ناپالىئون قوشۇنىغا قوشۇلۇپ كىتىدۇ . ئىككى ھەپتىدىن كىيىن ، ناپالىئون 14مىڭ كىشلىك قوشۇننى باشلاپ پارىژغا ھۇجۇم قىلىپ ، پادىشاھنى قوغداش پارتىيسى قوشۇنىنى تىرىپىرەن قىلىۋىتىدۇ ، لۇئى 18 – ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەممىسى بېلگىينىڭ گېنت دىگەن يېرىگە قېچىپ بېرىۋالىدۇ . بۇ خەۋەر باشقا دۆلەتلەرگە تارقالغاندىن كىيىن ،كىشىلەر قاتتىق ساراسىمىگە چۈشۈپ ، « كورىسكاللىق زالىم پادىشاھ » دەپ ئاتالغان ناپالىئوننىڭ ياۋرۇپاغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . ھەر قايسى دۆلەتلەر دەرھال تەدبىر قوللىنىشنى قارار قىلىپ ، ئاۋىستىرىيە ، ئەنگىلىيە ،پروسىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر نۇرغۇن ئەسكىرى كۈچىنى توپلاپ ،ئۆزلىرى «قارانىيەتچى » دەپ قارىغان ناپالىئونغا جازا يۈرۈش قىلماقچى بولىدۇ .بىرقانچەھەپتىدىلا ئۇلار ئىككى قوشۇن تەشكىللەيدۇ . بۇنىڭ بىرى مارشال گوبخات.ۋون بىرۇچ قوماندانلىقىدىكى 120مىڭ كىشىلىك پىروسىيە قوشۇنى ئىدى ، يەنەبىرى ئەنگىلىيلىكلەر،گوللاندىيلىكلەر ، بىلگىيلىكلەر ۋە گىرمانىيلىكلەردىن تەشكىللەنگەن ئارلاشماقوشۇن بولۇپ ، جەمئىي 93مىڭ ئادىمى بار ئىدى .
        بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر تېخى بىر –ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىلا ناپالىئوننىڭ قول ئاستىدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن ، بۇقوشۇنغا ئۇزۇن سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەنگىليىلىك پىشقەدەم گېنرال كىنەز ۋىللنىگىتون قوماندانلىق قىلغان ئىدى . ناپالىئون ئەينى ۋاقىتتا مول تەجىربىگە ئىگە 124مىڭ كىشلىك قوشۇنغا ئىگە بولۇپ ، ئۇرۇش ۋەزىيتى ناپالىئون ئۈچۈن پايدىلىقتەك قىلاتتى .
         ئۇ ئۆزى ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ھەرقانداق جايغا ئەپچىللىك بىلەن جانلىق ھۇجۇم قىلاتتى ،ھالبۇكى قارشى تەرەپ چوقۇم ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش سېپىدە مۇداپىئە كۆرۈشى كىرەك ئىدى . دەسلەپتەناپالىئون ئۇرۇشتا يەڭگەندەك قىلدى . ئۇ لىگېنى ئۇرۇشىدا پىروسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، كۇئاتبۇلاس ئەتراپىدا ۋىللىنگىتون قوشۇنى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ ، ۋىللىگتوننى ۋاتىرلۇ ئەتراپىدىكى مۇستەھكەم مۇداپىئە ئورنىغا چىكىنىشكە مەجبۇرقىلدى. 18-ئيۇن ، ۋىللىگتون قىسىملىرى فىرانسىيە قوشۇنىنىڭ كۆپ قېتىملىق زور كۆلەملىك ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى . گۇگۇم ۋاقتىدا ، پىروسىيە قوشۇنى ياردەمگە كىلىپ ، ناپالىئون قوشۇنىنى ئۈزۈل –كىسىل تارمار قىلدى . ناپالىئون ئۇرۇش مەيدانىدىن ئالاقىزادىلىك ئىچىدەقېچىپ كەتتى . مانا بۇ ناپالىئوننىڭ ئېربا ئارىلىدىن قېچىپ چققاندىن كىيىنكى ئاقىۋىتى.22-ئيۇن ، ناپالىئون پادىشاھلىق تەختىدىن يەنە چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى . ئۇنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق ھوقوق تۇتقان ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ  كىشىلەر بۇنى «يۈز كۈن» دەپ ئاتىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭغا قارشى تۇرغۇچىلار قايتا تەۋەككۈلچىلىك قىلمىدى . ناپالىئون جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى يالغۇز ئارال سانت ھېلنا ئارىلىدا ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈشكەئاپىرىۋېتىلدى ، ئۇجايدىن ھېچقانداق كىشى قېچىپ كىتەلمەيتتى .
    مەنبە : ئەدەبىي تەرجىمىلەر
  
باغداشقا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ


ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

7

تېما

5

دوست

2982

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5979
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 277
تۆھپە : 715
توردىكى ۋاقتى: 198
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 10:48:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناپالېئون ئۆلدى، بىراق ئۇنىڭ ماتېماتىكىغا قوشقان تۆھپىسى تا ھازىرغىچە ئۇنتۇلمىدى.
«ناپالىئۇن ئۇچبۇلىڭى» نۇرغۇن ماتېماتىكلارنىڭ ئىزچىل تەتقىقات تىمىسى بولۇپ كەلدى.

تېمىڭىزغا تەشەككۇر !

7

تېما

12

دوست

2122

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25599
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 634
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 11:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭى

3

تېما

8

دوست

7031

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12516
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 609
تۆھپە : 1709
توردىكى ۋاقتى: 315
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 23:43:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىتلىرچۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )