قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3556|ئىنكاس: 31

يەرتەۋرەشنى كۈزتىش ئىدارىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

5460

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1153
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 734
تۆھپە : 1221
توردىكى ۋاقتى: 744
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 12:04:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-4 18:06  

  ۋەكىل جۇ لىېيۈ يەر تەۋرەشنى كۈزتۈش ئىدارىسنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى


     مەمىلكەت بۇيچە  شەھەر ،رايۇن ۋە ناھىيە قاتارلىق ئۈچ دەرجىلىك يەر تەۋرەش (نى كۈزتۇش) ئىدارىلىرى ئىككى مىڭدىن ئاشىدۇ ، خادىملىرنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقتىن ئېنىقلاشقىمۇ ئامال يوق . مۇشۇنداق شەھەر ،ناھىيە يەر تەۋرەش ئىدارلىرى يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۈزتۈشتەك خىزمەت فونكىسيىسىنى ئادا قىلىشقا ئامالسىزدۇر ، ھەر يىلى  نۇرغۇن مەبىلەغنى ئىسراپ قىلىپ شۇنچىۋالا كۆپ ئاقنانچىلارنى بېقىشنىڭ زۇرۇريىتى بارمۇ ؟
مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىلى : جۇ لىېيۈ

  مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىللىرى جۇلىېيۈ نىڭ تەكلىپىگە مۇنداق دەپ قاراشتى : يەر تەۋرەشنى ئالدىن مەلۇمات بەرگىلى بولمايدۇ ،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بولسا خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرنىڭ خىزمىتى ،شۇنداق بولغان ئىكەن يەر تەۋرەش ئىدارىسى نىمە ئىش قىلدۇ ؟

         1-  تۆت مىليارت يۇەنلىك خامچوت بولغان بىلەن يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۈزەتكىلى بۇلمايدۇ.
            مەمىلكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىيى يىغىن ۋەكىلى : جۇ لىېيۈ نىڭ 5000 خەتلىك بۇ تەكلىپىدە مەسىللەر دەلىلى بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ، سىچۇەن يائەن ، چىڭخەي يۈشۈ ، ۋېن چۇەن قاتارلىق چوڭ يەر تەۋرەشلەرنىڭ ھىچقايسىدا دۆلەت يەر تەۋرەش ئىدارىدسى ئالدىن مەلۇمات بەرمىگەن ھەم شۇنداقلا ئالدىن مەلۇمات بىرىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ دۆلەت يەر تەۋرەش ئىدارىدسىنىڭ 2010-يىلى ئىككى مىليارد 410مىليۇن يۇەنلىك ؛ 2011-يىلى ئىككى مىليارد 908مىليۇن يۇەنلىك؛ 2012-يىلى ئۈچ مىليارد 90مىليۇن يۇەنلىك؛2013-يىلى تۆت مىليارد 86مىليۇن يۇەنلىك خامچوت تۈزگەن ، خامچوت سوممىسىمۇ يىلدىن يىلغان كۇپەيگەن ، شۇنچە كۆپ چىقىم قىلىپ ئۇلار ئۆز خىزمەت مەسئۇليتىنى ئادا قىلالمىسا ئۇلار يەنە بۇ پۇللارنى نەگە ئىشلىتىدۇ  ؟
       2-ئامىركا ، ياپۇنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە يەر تەۋرەش ئىدارىسى يوق
      ئامىركا ، ياپۇنيە قاتارلىق يەر تەۋرەش كۆپ يۇز بىردىغان دۆلەتلەردىمۇ يەر تەۋرەش ئىدارىسى تەسىس قىلمىغان ، يەر تەۋرەشنى كۈزتۈش ۋە تەتقىق قىلدىغان  فونكىسيىسىنى ئۇتەيدىغان بىر تارماق تەسىس قىلغان بۇلۇپ ، بۇ تارماق ھاۋارايى ئىدارىسنىڭ قارمىقىدىكى بىر بۇلۇم قىلىپ تەسس قىلغان.         

     3-،ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ ئەمەس ،بەلكى خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرنىڭ خىزمىتى
     دولىتىمىزدە ھازىرغىچە يەر تەۋرەش ئاپىتىدە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئارمىيە ، ئوت ئۈچۈرۈش تارماقلىرى ئېلىپ بېرۋاتىدۇ ، ئاپەتكە ئۇچۇرغان ئاممىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا خەلىق ئىشلىرى تارماقلىرى ئاساسلىق مەسئۇل بۇلدۇ، قىزىل كىرىست قاتارلىق باشقا تارماقلار  خەلىق ئىشلىرىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىپ كىلۋاتىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن يەر تەۋرەش ئىدارىسنى نۇرغۇن چىقىم قىلىپ ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەھمىيتى يوق .

   مەنبە : http://news.sina.com.cn/c/2014-0 ... 6.shtml#albumpage=1
   
     نەۋقىران يوللىدى .


3

تېما

2

دوست

1628

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   62.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25146
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 64
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 12:36:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما گەپنىڭ جىنى باردەك قىلىدۇ ،توغرا دەپتۇ ،خەيرى خوش يەر تەۋرەش تارماقىلرى .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:08:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ۋەكىلنىڭ پىكىرىنىڭ تولۇق ئاساسى باركەن، تېرەن ئويلاپ باقساق يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش تارمىقىدىكىلەر پەقەت يەر تەۋرىگەندىن كېيىن «پالانى يەردە، پالانى ۋاقىتتا، مانچە بال يەرتەۋرىدى» دېگەننى ئۇقتۇرۇپ قويار، ياكى خاتىرىسىگە يېزىپ قويار، بۇنداق خەۋەرنى ھازىر 200 يۈەنلىك يانفونى بار دېھقانمۇ شۇ ھامان بىلەلەيدۇ. شۇڭا بىكارغا يېتىپ يەيدىغان، ھېچقانداق رولى يوق بۇ تارماقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش زۆرۈردەك قىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26641
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:23:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلاپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىكەن..........  قۇرۇلتاينىڭ قارارى قانداق بولىدىكىن؟؟؟

0

تېما

0

دوست

529

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15776
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 154
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:33:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭغا يەرتەۋرەش ئىدارىلىرى ھەرگىز ئۇنىمايدۇ جۇمۇ، ئاشۇ خامچوتنىڭ يېرىمىنى يۇقىرىدىكى بىرەرىگە بىرىپ بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشى مۇمكىن ئۇ ئاقماس ئىدارىسىنى، چۈنكى 50مىڭدىن كۆپرەك ئاقنانچى ئۇ يەردە ئىشلەيدىغان تۇرسا

8

تېما

2

دوست

2381

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23987
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 13:40:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياپونىيەدەك كۆپ يەرتەۋرەيدىغان تەخنىكىسى يۇقىرى دۆلەتمۇ يەر تەۋرەيدىغاننى ئالدىن بىلەلمىگەنلىكتىن بۇنداق ئىدارىنىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقنى ئالابۇرۇن چۈشۈنۈپ بولغاندە، بۇ ۋەكىل توغرا دەپتۇ ، جۇڭگۇمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۋەتسە بولغىدەك.

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 14:06:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا تەكلىپ بولۇپتۇ ، بەزى ئىدارىلەرنىڭ ھىچقانداق رولى يوق ،ساپلا  دۆلەتنىڭ تەمىناتىنى ئېلىپ بىخارامان كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئاق نانچىلار يېغىلغان .ھازىر چوڭ شەھەرلەردە ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدە بازار ئامىلىدىن باشقا يەنە يوقۇرقىدەك بىر قىسىم  ئىدارىلەرنىڭ ئالىدىغان رەسمىيەت ھەققىنىڭ يوقۇرى بولىشىمۇ بىر سەۋەپ بولىۋاتىدۇ .مەسىلەن ،بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنا سېلىنسا، مۇبادا ماشىنا توختىتىش ئورنى بولسا ئۇنى مۇداپىيە ئۆڭكۈرى دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىنىپ بىرمۇنچە پۇل ئارتۇق خەجلىنىدۇ ،ئەگەر يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش ئورنى بولمىسا ھەر بىر ئائىلە بەلگۈلۈك مۇداپىيەلىنىش ھەققىنى يوققۇرىغا تاپشۇرۇش كېرەك .بۇ چىقىملار ئۆي باھاسىغا قوشىۋىتىلىدۇ....

0

تېما

1

دوست

1439

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   43.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21659
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 154
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 14:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇلارنىڭ 2000 يىلنىڭ ئالدىدا غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بولسا كېرەك جاڭ خىڭ دېگەن بىر يەر تەۋرەشنى ئالدىن كۈزۈتىش مۇتەخەسسى بولىدىغان، ئۇ يەر تەۋرەشنى كۈزىتىدىغان بىر ئەسۋاپ كەشىپ قىلغانكەن. بەلكىم شۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ قۇرۇۋالغان ئىدارىلەدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )