- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5945
- نادىر
- 0
- يازما
- 233
ئۆسۈش
18.9%
|
فارابى
ئۇيغۇر ئالىمى، ئارستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر نامايەندىسى، بىر پۈتۈن ناتۇرالىستىك پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق لوگىك، ماتېماتىك، مۇزىكىشۇناس - ئەبۇ نەسىر فارابى، (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان) كاشغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فاراب - ئوترار - جەۋھەر شەھىرىنىڭ «ۋاسىچ» ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز - توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسېر ئائىلىسىدە مىلادىيەنىڭ 870 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 259 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن. 893 - يىلى فارابى پۈتۈن ئائىلىسى مانى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 22 ياشلاردا بولسا كېرەك.
فارابى 30 يېشىدىن ھالقىغاندا، 10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت ئوچىقى ھېسابلانغان باغداتقا كەتكەن. ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە، باغدادتا ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۈگىنىۋالدى (ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ۋاقىتتا پارس تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن)، مەشھۇر خىرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، كېيىن ھەرران شەھرىگە بىرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خىرستىيان ئالىمى، ئارستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىدتىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيە تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى.
ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارستوتېلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى. فارابى مىلادىيەنىڭ 950 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 339 - يىلى) ماھى رەجەب (دېكابىر) ئېيىدا سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «بابەس - سەغىر» ناملىق كىچىك سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. فارابى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتسىز ئىدى.
تۆۋەندىكى 9 پارچە شېئىرى فارابىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەرەبچە ۋە قىسمەن روسچە نۇسقىلىرىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپتىكەن، مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم.
1
ئەي قېرىنداش، خالىي تۇر ھەمراھ ئەمەس ناھەق ساڭا.
ھەق - ئادالەتنىڭ قېشىدا سەن ماكان تۇت دائىما.
بۇ جاھان ساڭا تۇرار مەڭگۈ مەقام - جايمۇ ئەمەس،
زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېكىممۇ يانا.
قالغۇسى مۆجىزە بولۇپ ئىخچام تەۋەرۈك سۆزلىرىڭ،
بەخىش ئېتىپ تۇرغاچ تىرەن مەزمۇن پاراسەتلىك ئاڭا.
بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەرىكەت ئۈستىدە،
تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋە ياكى نۇقتىغا.
2
ھەم چېكىنگەن ھەمدە تەتۈر بۇ زامان دەۋرانىغا،
سەن قىلىپ سۆھبەت يېتەلمەيسەن كۆڭۈل ئارمانىغا.
بارچە ئەل باشلىقلىرىنىڭ باشلىرى قاتقان تۈگەل،
ھەممە باشقا دەرد يېتىپ ئايلاندىمۇ سەۋدايىغا.
ھاجىتىم بىلسەم ئۆزۈمنىڭ جانىغا راھەت كىرەك،
نۇر چۈشۈپ تۇرماق ئۈچۈن مەندەك پىقىر ئالقانىغا.
بىر نىدا كەلدى ماڭا ئىلكىمدىكى نۇر بەرقىدىن،
زوق-ھوزۇرى ئوخشىغان مىسلى ساما جەۋلانىغا.
يۇرتلىرى چۆللۇككە غەرق بولغان قەدىم ئەللەر ئارا،
مېۋە تەرگەندەك قەدەم قويدۇم جاۋاھىر كانىغا.
3
ئىككى شېشە جام بىلەن بولدى مېنىڭ ئۆمرۈم ئارا،
ھەممىلا مەشغۇللۇغۇمنى تولدۇرۇپ قويغان ئاڭا.
بىر قەدەھتە قاپقارا تۇرسا سىيايىم لىپمۇ لىق،
ئۆزگىدە پەيۋەندە بولۇپ تۇرغان شارابىمدۇر يانا.
بىرسىگە تولدۇرغىنىم گەر بولسا ھېكمەت گەۋھىرى،
بىرسىدىن غەم-قايغۇنى يۇدۇم پۈتۈن قەلبىم ئارا.
4
يەتتە يۇلتۇز كائىناتتا مەنبەئى نۇر رەببىنا،
مىسلى كۆكتە يەتتە دەريا تىزمىسىدەك دائىما.
ھەر بىرى سەييارىنىڭ سىمائى بىر ئامىل ئۇنىڭ،
ماددا- جەۋھەر خىسلىتى بىر ئەسلى ھەم جەمدۇر ئاڭا.
ئەي، زۇھەل ھەم ئاتارۇپ ھەم مۇشتەرى شەيئىلىرى،
مەن قىلۇرمەن ياخشىلىق ئىزلەپ ھامان سۆھبەت ساڭا.
5
شەيئىلەر مەۋجۇتلۇقىدىن ھەم سەۋەبلىك كائىنات،
ھەم سەۋەبلىكنىڭ تۈپەيلى ياخشىلىق ئۇندىن نىجات.
يەر بىلەن بەھرى-دېڭىزلار تۇرىدۇ ھەمراھ بولۇپ،
رەببىنا، ئاسمان-ساما مەركەزلىرىمۇ قاتمۇ -قات.
قايدا سەن بولدى ماڭا نۇخسان- گۇناھ ئۈلپەت بۈگۈن،
پەيزى- رەھمەت بەخىش ئېتىپ قىلغىن گۇناھىمدىن ئازات.
رەببى- شەيئىم پاكلىغىن بولسا مەگەر مومكىن مېنى،
ئاناسىر-ئۇنسۇرلىرىدىن قالمىسۇن جىسمىمدە دات.
6
بىر تۆۋەنلەشنىڭ بولۇر ئەۋجى ھامان،
يوقىتىش بولغاي سوقۇشتا دائىمان.
ئۆز خانەمنىڭ راھىتى ھاجەت ماڭا،
مەن غورۇر ئۆز ئىززىتىمدىن دائىمان.
ئىچكىنىم ئىلكىمدىكى شەربەت مېنىڭ،
راھىتىمنىڭ شولىدا بەرقى ئايان.
نۇر جۇلا شېشەمدە ئەكىس ئەتكەن نىدا،
خوپ ھوزۇرلۇق ساز- ساماغا ئوخشىغان.
7
چەكسىز زەخمەت-مۇلاقات سىز تەرەپتىن تەندە جان،
سىنە- قەلبىم سىز تەرەپكە تەلپۈنۈپ شەيدا ھامان.
ئولتۇرالماسمەن ئىزىمدا قوزغىتىپ تۇرغاچ مېنى،
زوق، ئۈمىد ئىككى سەۋەب دەل سىز تەرەپكە دائىمان.
قوزغىلىپ چىقسام ئىزىمدىن سىزدىن ئۆزگە يوق ۋەتەن،
يا ئىزىمغا قويغىلى يوق بىر بەدەل مەن ئوخشىغان.
سىزدىن ئەبزەلرەك دىيار-ئەل گەر تەئەززىز قىلسىمۇ،
ئىلكىگە قەلبىمنى ئالماق ئىشقا ئاشماس ھېچقاچان.
8
قەسەم بىللا ھاياتلىقتىن بىزارمەن كۆڭۈلسىز ئەمدى،
بەئەينى ئوق كەبى تەندىن چىقار جان ۋاقتى تېز ئەمدى.
بەخىت باشلانسا يەتكەيلەر زاۋاللىققا بەختسىزلىك،
تەبىئەت جىنسى بىز، ئۆز جىسمىمىزغا قايتقۇمىز ئەمدى.
9
پىشمايىن سىرى ۋۇجۇدى خام قالدى ئالەم ئۆز پىتى،
يا تېشىلمەي گۆھىرى ھەم قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
گەر ئەقىل يورۇق چېچىپ ھەر كىم ئاڭا مەنا ئېيتسىمۇ،
ئەسلى چىن تەسۋىرىدىن كام قالدى ئالەم ئۆز پېتى.
تەڭرىتاغ تورى"بوغداي"ئىسىملىك تورداشنىڭ يوللانمىسى.
مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى».
|
|