فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى ھەققىدە
(ئىلىم چېيى 8-سان)
ئىلاۋە: مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ئۇستاز مۇھەررىر قۇربان مامۇت، ئوبزورچى يالقۇن روزى، ئاتاقلىق ناخشىچى مۆمىنجان ئابلىكىم، «مۇنبەت تۇپراق» پىروگراممىسنىڭ رىياسەتچىسى سەدىردىن سەيپىدىن، فىزىكا تەتقىقاتچىسى قاسىم سىدىق، مائارىپشۇناس ئەخمەت كىبىر قاتارىلىق زىيالىلار جەم بولۇپ، ئالىم ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى» ناملىق ئەسىرىنى ئىلىم چېيىمىزنىڭ 8 - سانىدا مۇھاكىمە قىلغانىدۇق. مەزكۇر ئىلىم چېيى كۆرگۈچىلەرنىڭ تەپەككۇرىغا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغۇسى.
فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان بولۇپ، مىلادىيە 870-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فاراب-ئوترار-جەۋھەر شەھىرىنىڭ ۋاسىچ ھەربىي قەلئەسىدە، مانىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز-توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسىېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مىلادىيە 950-يىلى دېكابىردا سۇرىيەنىڭ دەمەشق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ جەسىتى دەمەشق شەھىرىنىڭ بەبەس سەغىر ناملىق سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنغان. پارابى پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتى يوق ئىدى.
ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسوفپ ئەبۇ نەسىر فارابى ئۆز ھاياتىدا كۆپلىگەن خاس ئەسەرلەرنى ۋە شەرھىي ئەسەرلەرنى يازغان. تۈركىيەلىك فارابىشۇناس ئەخمەد ئاتەشنىڭ كۆرسىتىشىچە، فارابى ئەسەرلىرى ئىچىدە تىزىمغا ئېلىنىپ مەلۇم بولغانلىرى 160 پارچىدىن ئاشىدىكەن.
فارابىنىڭ خاس ئەسەرلىرىگە <<ئىھسائۇل ئۇلۇم (پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى)>>، <<ئۇيۇنۇل ماسائىل (مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىرى)>>، <<پەزىلەتلىك شەھەر ئەھلىنىڭ قاراشلىرى توغرىسىدا>>، <<بەخت توغرىسىدا>>، <<ئەقىل ھەققىدە>>، <<كىتاب جەمئىيۇل مەنتەقە (لوگىكا توغرىسىدىكى 12 ئەسەر)>>، <<چوڭ لوگىكا كىتابى>>، <<خىمىيە ئىلمىنىڭ زۆرۈرلۈكى توغرىسىدا>>، <<ئادەم ئورگانىزىمى توغرىسىدا>> قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
فارابىنىڭ شەرھىي ئەسەرلىرىگە ئارىستوتىلنىڭ <<كاتېگورىيە>>، <<مېتافىزىكا>>، <<سوفىستىكا>>، <<ئىزاھنامە>>، <<بىرىنچى ئانالىتىكا>>، <<ئىككىنچى ئانالىتىكا>>، <<توپىكا>>، <<رىتورىكا>>، <<پوئىتىكا>> قاتارلىق ئەسەرلىرىگە يازغان شەرھنامىلىرىنى، پىتولمىنىڭ <<ئالماگېستا>> ناملىق زور ھەجىملىك كىتابىغا، ئېۋكىلىدنىڭ <<گېئومېتىرىيە>> ناملىق ئەسىرىگە، پارفىرنىڭ <<ئىزاگوك>> ناملىق ئەسىرىگە، ئالىكساندىر ئافرودىتىسنىڭ <<روھ ھەققىدە>> ناملىق ئەسىرىگە يازغان شەرھنامىلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن.
قەدرلىك تورداشلار، ئۇيغۇرلارنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئالىمىنى، پەيلاسوپىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىدىيەلىرىنى ئۆگىنىش بىزدىن قىممەتلىك ئەقىدىنى، ئىلىمگە بولغان چىن ئىخلاسنى تەلەپ قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش، ياش ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، مۇخبىر، رىياسەتچى توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي، ئىزدىنىشچان مۇخبىر ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر ۋەكىللىكىدىكى بىر تۈركۈم دادىل، جۈرئەتلىك ياشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى سورۇن مەدەنىيىتىنىڭ جانلىق ئىسلاھاتى سۈپىتىدە <<ئىلىم چېيى>>دىن ئىبارەت بىر تولىمۇ ئەھمىيەتلىك سورۇننى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. مەزكۇر <<ئىلىم چېيى>>نىڭ يېقىندا سۈرەتكە ئېلىغان سانىدا ئەبۇ ناسىر ئەل فارابى، جۈملىدىن مەشھۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ فارابى ھەققىدە يازغان كاتتا ئىلمىي ئەسىرى <<فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى>> ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى. تورداش دوستلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى، سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىممىننىڭ <<فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىستېمىسى>> ناملىق ئەسىرىنىڭ <<ئىلىم چېيى>>دىكى مۇلاھىزىلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولسۇن:
|