قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4470|ئىنكاس: 40

ئوكرائىنا مەسىلىسىدە روسسىيەنىڭ پوزىتسىيىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

زېرىككەچ جانلار

1

تېما

0

دوست

858

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   71.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11614
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 62
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 15:38:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

روسسىيە 2020 – يىلى

يېڭىدىن ماسلىشىش

           ئىلاۋە :قەدىرلىك باغداش ئەھلى بەلكىم بۇ مۇلاھىزە سىزگە بۈگۈنكى ئوكرائىنا مەسىلىسىنىڭ پەردە ئارقىسىنى كۆرۈپ يېتىشىڭىزگە ياردەم قىلىپ قالار.
       جۇغراپىيلىك چوڭ مەسلىلەر قايتىدىن تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: فرانسىيە ۋە گىرمانىيە، ياكى روسسىيە ۋە پولشا بىر قانچە قېتىم ئۆزئارا ئۇرۇشتى. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى بىر مەسىلە يالغۇز بىر قېتىملىق ئۇرۇش بىلەن ھەل قىلىنمىسا، ئۇرۇشلار تەكرارلىنىشى مۇمكىن.  يەنە بىر قېتىم  ئۇرۇش بولمىسا، ئوتتۇرىدىكى سۈركىلىش ۋە زىددىيەت داۋاملىشىدۇ. روشەن ھالدىكى چىقىشالماسلىق ئاستىدا بەزى ھەقىقەتلەر يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇلار ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدۇ. ئۆتكەن ئەسىردە بالقانلاردا ئوتتۇرىغا چىققان مەسلىلەر ۋە قايتىدىن تەكرارلانغان ئۇرۇشلارنى ئۇنۇتۇپ قالماسلىق كېرەك.
        روسسىيە ياۋروپانىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، باشقا ياۋروپا ئەللىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئۇرۇشتى. ئۆتمۈشتە ناپالىئون ئۇرۇشى، ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى، بىر ئاز روسسىيەنىڭ سىياسىي ئورنى ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى سەۋەبىدىن بولدى. لېكىن، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھېچبىرسى مەسلىنى يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىدى. چۈنكى، نەتىجە ئىتىبارى بىلەن روسسىيە مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپتىدە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالدى. ھازىر بىرلىككە كەلگەن بىر روسسىيىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن مەسىلە پەيدا قىلغۇچى ئاكتىپ بىر مەنبە بولىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
          روسسىيە زېمىنى كەڭ ۋە نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەت. ياۋروپا ئەللىرىگە قارىغاندا، نامرات بولسىمۇ، زېمىن كەڭ، تەبىئىي بايلىقى مول بىر دۆلەت. بۇ سەۋەپتىن ياۋروپالىق كۈچلەر شەرققە ئېچىلىش ۋە ئۇنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزدەۋاتىدۇ. لېكىن، تارىختا روس زېمىنغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياۋروپالىق كۈچلەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇپ بولغان. روسسىيىگە يېڭىلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇرۇش ئۇلارنى ھالىدىن كەتكۈزىۋەتكەن ۋە ئاجىزلاشتۇرغان بولۇپ، نەتىجىدە باشقىلارنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىپ قالغانىدى. روسسىيىمۇ پۇرسەت تاپسىلا غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ياۋروپالىقلارغا تەھدىد سالغانىدى.  روسلار كۆپىنچە باشقىلارنىڭ نوپۇزىغا كىرىپ قالدى، لېكىن باشقىلارمۇ روسسىيىنى كۆزگە ئىلماسلىقنىڭ زىينىنى تارتتى.
          سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەسلىنى ھەل قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەسىلىنى نىگىزىدىن ھەل قىلالمىدى. روسسىيە فدېراتسىيونى 1990 – يىللاردا پارچىلانغان ۋە رايوندا كىچىك دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولسا ئىدى، ئوتتۇرىدا روس كۈچى ۋە تەھدىدى قالمىغان بولاتتى. ئا ق ش، ياۋروپا ۋە جوڭگو روسسىيىگە قارشى ئىتتىپاقلاشقان بولسا، روسسىيە مەسىلىسى دېگەن بىر مەسىلە قالمىغان بولاتتى. 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئاجىز ئىدى، پارچىلانغانىدى؛ جوڭگو بېكىنمە ھالدا بولۇپ، ئىچكى مەسلىلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئامېرىكىلىقلارمۇ 11 – سېنتەبىر تېرور ۋەقەسىدىن كېيىن، مۇسۇلمان تېرورچىلار مەسلىسىنى ھەل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى. ئا ق ش بۇ سەۋەپتىن بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتمىدى. روسسىيىمۇ بۇ ۋەزىيەتنى كۆرۈپ، ئالدىدىكى خېيىم – خەتەرنى سەزدى ۋە تەدبىر ئېلىشقا باشلىدى.
          روسسىيە پارچىلانمىغانلىقى ئۈچۈن روسسىيىنىڭ جۇغراپىيۋى سىياسىي مەسلىسى، بىر مۇددەتتىن كېيىن يەنە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە روسسىيە ھازىر كۈچ يىغىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ. 1- دۇنيا ئۇرۇشى ناپالىئون ئۇرۇشىنىڭ داۋامى بولىغىنىدەك، يېڭى توقۇنۇشلارمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ داۋامى بولالايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن، كونا بىر مەسىلە تەكرارلىنىدۇ. روسسىيە بىر پۈتۈن مىللىي دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، چىگرالىرى قەيەرگىچە بولىدۇ ۋە روسسىيىنىڭ خوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سۇئال دۇنيا تارىخىدا بۇنىڭدىنمۇ كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ ۋە 2020 – يىلىغىچە جاۋابىنىڭ بېرىلەلىشى ناتايىن.
روسسىيە دېنامىكلىرى


        روسسىيىنىڭ پوزىتسىيىسىنى ۋە نىيىتىنى چۈشەنمەكچى بولساق، روسسىيىنىڭ ئاساسى ئاجىزلىقى بولغان چىگرالىرى، بولۇپمۇ غەربىي شىمالدىكىچىگرالىرى بىلەن باشلىساق بولىدۇ. ئۇكرائىنانىڭ روسسىيىنىڭ باشقۇرىشى ئاستىدا ،  بىلروسسىيە ۋە مولداۋىيىنىڭ روسسىيىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەزگىللەردىمۇ شىمالىي چىگرىسى تەبىئىي ئەمەس ئىدى. ئوتتۇرا قىسمى ۋە جەنۇبىي چىگرىلىرى شىمالدا سېلوۋاكىيە – پولشا چىگرىسىغىچە كارپات تاغلىرى بىلەن تۇتشىدۇ ۋە ئۇنىڭ شەرقىدە ئۆتكىلى بولمايدىغان پرىپەت سازلىقى بار. لېكىن، شىمال ۋە جەنۇبىدا ( كارپاتلارنىڭ شەرقىدە ) روسسىيىنى ياكى خوشنىلىرىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم توساقلار يوق.
           شىمالىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكلىرىدە روسسىيە چىگرىلىرى ھۇجۇمغا ئوچۇق بولۇپ، بۇ رايوندا تەبىئىي توساقلار يوق دېيەرلىك. روسسىيە چىگرالىرىنى 1945 – يىلدىكىدەك گىرمانىيەنىڭ ئىچكى قىسمىغىچە كېڭەيتسىمۇ، بۇ چىگرالارنى  مۇداپىئە قىلىش قىيىن. روسسىيىنىڭ بىردىنبىر ئارتۇقچىلىقى زېمىنىنىڭ ئىچكىر بولىشى بولۇپ، روسسىيە چىگرالىرىنى غەربكە قاراپ قانچىلىك سۈرسە ، ئىستىلاچىلار موسكىۋادىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيە شىمالىي ياۋروپادا غەربكە قاراپ ئېچىلماقچى بولسا، ياۋروپادا شەرققە قاراپ كېڭەيمەكچى بولىدۇ.   
        لېكىن روسسىيىنىڭ باشقا چىگرىلىرىدا ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، بۇ سەۋەپتىن 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرالىرىغا قاراپ چىقىش كېرەك. جەنۇبتا تەبىئىي بىر بىخەتەرلىك چەمبىرى بار. كاپكازلاردەك قارا دېڭىزمۇ روسسىيەنى تۈركىيە ۋە ئىراندىن ئايرىپ تۇرىدۇ. ئىران ھازار دېڭىزى ۋە جەنۇبى تۈركمەنىستاندا قاراقۇم چۆلى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ چىگرا ئافغانىستان چىگرىسىغا تۇتىشىدۇ ۋە ھىمالايادا ئاخىرلىشىدۇ. روسلار ئىران – ئافغان رايونىغا كۆڭۈل بۆلىنىدۇ ۋە بۇرۇنقىدەك بۇ رايونغا قاراپ كېڭەيىشكە ئۇرنىشى مۇمكىن. لېكىن، ئۇلار(روسلار ) بۇ چىگرالاردىن ئىستىلاغا ئۇچرىمايدۇ. جوڭگو چىگرىسى ئۇزۇن ۋە ئاجىز بولۇپ، بۇ پەقەت خەرىتە ئۈستىدە قالىدۇ. سېبىرىيىنى ئىشغال قىلىش ئەقىلىي بىر چارە ئەمەس. چۈنكى،  بۇ رايون چىكى يوق، بوش ۋە ياشاش قىيىن بولغان  يەر.  جوڭگونىڭ غەربىي چىگرىسى ئاجىز ، لېكىن بۇنىڭ بىر پايدىسى يوق. بۇ سەۋەبتىن روسسىيە زېمىنى شىمالىي ياۋروپادىن باشقا تەرەپلەردە بىخەتەر. ئەمما، بۇ رايوندا يەنى شىمالىي ياۋروپادا روسسىيىگە قارشى سەپتە تۇرىدىغان كۈچلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرى بار.   
           روسسىيىدە كوممۇنىزم يېقىلغاندىن كېيىن، روسسىيە ناھايىتى ئاجىزلاشتى.  چوڭ ۋە كۆركەملىك سان پېتېرسبورگ شەھىرى 1989 – يىلى ناتو كۈچىنىڭ تەھدىتىدىن تەخمىنەن مىڭ مىل يىراقلىقتا ئىدى، ئەمما ھازىر بۇ مۇساپە يۈز مىلدىنمۇ ئاز. 1989 – يىلى موسكۋا روس ھەربىي كۈچىنىڭ تەخمىنەن 1200 مىل ئىچىدە بولۇپ، ھازىر ئاران 200 مىل ئىچىدە( ئالدىنقى سەپتىن 200 مىل يىراقلىقتا ). جەنۇبىي ئۇكرائىنانىڭ مۇستەق*للىقى بىلەن روسسىيىنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەسىر كۈچىمۇ ئاجىزلىدى ۋە بۇ كۈچ كافكازىيىنىڭ شىمالىغا مەركەزلىشىشكە مەجبۇر بولدى. ئا ق ش نىڭ ئافغانىستانغا كىرىشى بىلەن روسسىيە ھىمالايادىكى تەسىر كۈچىنىمۇ يوقاتتى. روسسىيە ھازىر ناھايىتى ئاجىز بىر ۋەزىيەتتە.
        روسسىيىنىڭ زېمىنى كەڭ، لېكىن قاتناش مەسىلىسى ھەل قىلىنمىغان بولۇپ ترانسپورت ئىشلىرى قولايسىز بولغاچقا بۇ ستىراتېگىيلىك بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. روس زېمىنغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم باشلانسا، روس ئارمىيسىنى ئۇرۇش رايونىغا يۆتكەشتە روسسىيە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. ئەسكەرلەرنىڭ باشقا سەپلەرگە يېتىپ بېرىشى قىيىن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، روسسىيە ھەر ئالدىنقى سەپتە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا مەجبۇر. ئارمىينىڭ بۇ ۋەزىيىتى روسسىيىگە ئېغىر بىر ئىقتىسادىي يۈك بولۇپ مىنىدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدىمۇ كۆرۈلگەن مەسلىلەر بۇ.  
       بۈگۈنكى كۈنىمىزدە روسلارنىڭ بىردىنبىر مەسىلىسى چىگرالىرىنى مۇداپىئە قىلىشلا ئەمەس، ئەلۋەتتە. روسلار ئېغىر دەرىجىدە نوپۇس بوھرانغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. ھازىر روسسىيە نوپۇسى 145 مىليون بولۇپ، 2050 – يىللىرى بۇ رەقەم 90 – 125 مىليون ئارىسىدا بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن نوپۇسى ئازىيىدۇ ۋە ستىراتېگىيلىك ئىھتىياجى ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئارمىيىگە ئىگە بولۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا روس نوپۇسى ئازىيىۋاتىدۇ ۋە ھازىرقى جۇغراپىيىسىدە مەسلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە ئالدىنئالا تەدبىر ئېلىش زۆرۈر بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن يىگىرمە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، بەك كېچكىشى مۇمكىن. بۇنى روس رەھبەرلىرىمۇ بىلىدۇ. روسسىيىنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىشكە ھېچ كېرەك يوق. لېكىن، ئوتتۇرا رايون، بولۇپمۇ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىلىرىنىڭ ساقلاپ قېلىنىشى كېرەك.
        روسلار جۇغراپىيۋى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە نوپۇس مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىقا مەجبۇر. روسلار بىر ئەسىردىن بۇيان ياۋروپاغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن سانائەتلىشىش يولى بىلەن مەملىكىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلدى، لېكىن مۇۋەپپەقەيەت قازىنالمىدى. روسسىيە 2000 – يىللاردا ستىراتېگىيسىنى ئۆزگەرتتى. روسلار ئۆتمۈشتە سىناپ باققان سانائەتلىشىش چۈشەنچىسىدىن ۋازكېچىپ، تەبىئىي بايلىقلار بولۇپمۇ ئېنىرگىيە، مېنىراللار، يېزا ئىگىلىك مەسھۇلاتلىرى، ياغاچ ۋە قىممەتلىك مىتاللارنى ئىكسپورت قىلىشقا يۈزلەندى.
       شۇنداق قىلىپ روسلار تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر دۇنياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان خام ئەشيا ئىكسپورت يولى بىلەن ئۆزلىرىگە ئۆزگىچە بىر يول تاللىدى. ئېنىرگىيە ۋە تىجارى تاۋارلاردا پەيدا بولغان باھانىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى نەتىجىسىدە روسسىيە ئىقتىسادىي خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى ۋە روسسىيىنىڭ يېڭىدىن سانائەتلىشىش پۇرسىتى شەكىللىنىشكە باشلىدى. تەبىئىي بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىھتىياجلىق بولغان ئىنسان كۈچى سانائەتتىكىدىن ئاز بولغاچقا، روسسىيىگە نوپۇس ئازىيىشىنىڭ زىيىنى ئانچە بىلىنىپ كەتمىدى.  
         ياۋروپانىڭ ئېنىرگىيە ئىھتىياجى كۆپ بولغاچقا، روسسىيە خەلقئارا سىستىمېدا ئۆزىنى قوللىغۇچىلارغا ئىگە بولدى. ئېنىرگىيىنىڭ يەتكۈزۈلىشى ئۈچۈن تۇربا يوللىرىنى ياساپ ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئىھتىياجىنى تەمىنلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەسلىلىرىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى ۋە ياۋروپانى ئۆزىگە بېقىندۇردى. ئېنىرگىيگە مۇھتاج بولغان دۇنياغا روسسىيە ئىكسپورت قىلغان ئېنىرگىيە دەرمان بولدى. روسسىيە بۇ سايىدە خوشنا ئەللەرگە ئۆز خاھىشلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى نوپۇزىدىكى  ئەللەر روس تەبىئىي گېزىغا ئىھتىياجلىق ئىدى.  روسسىيىنىڭ قولىدا باشقا بايلىقلارمۇ بولغانلىقى ئۈچۈن روسلار ياۋروپاغا خېلىلا بېسىم قىلالايتتى. لېكىن، بېقىندىلىق ئىككى تەرىپى ئۆتكۈر خەنجەرگە ئوخشايدۇ. ئارمىيسى ئاجىز بىر روسسىيە خوشنىلىرىغا كۆپ بېسىم قىلالمايدۇ. چۈنكى، خوشنىلىرى بىرلىشىپ ئۇنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشى مۇمكىن. شۇڭا روسسىيە ئارمىيسىنى قايتىدىن كۈچلەندۈرۈشكە مەجبۇر. روسسىيە مول تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنى ياۋروپاغا سېتىش بىلەن بىرگە، بۇ بايلىقلارنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇشقا ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان خەلقئارا مۇھىتنى ئۆزىگە پايدىلىق ھالدا شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشىدۇ.
         روسسىيە كەلگۈسى ئون يىلدا بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا باي بولىدۇ. روسسىيە  زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچلۈك بولىشى كېرەك. شۇڭا تاپقان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى قوراللىق كۈچلىرىنى كۈچەيتىش ۋە ئارا رايونلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. روسسىيە ھازىر شىمالىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە ئارا رايون شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خوشنىلىرىنى بۆلۈپ نوپۇزى ئاستىغا ئېلىش ۋە ياۋروپادا يېڭى بىر رايون خاراكتېرلىق كۈچ تەڭپۇڭى قۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. روسسىيە ئارا رايون بولمىغان ۋە مۇداپىئەسى قىيىن بولغان چىگرىنى خالاپ كەتمەيدۇ. خوشنىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىغا قارشى ئىتتىپاقلىشىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيە كەلگۈسىدە ھۇجۇم قىلىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن مۇداپىئەدە تۇرىدۇ.
          روسسىيە ئۈچ باسقۇچلۇق بىر ھەرىكەت پىلانى تۈزىشى مۇمكىن. روسلار ئالدى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدەك نوپۇز دائىرىسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئاستىغا ئېلىش؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئارا رايون سىستىمېسىنى يېڭىدىن بەرپا قىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چىگرىسى سىرتىدا، ئىككىنجى بىر ئارا دۆلەتلەر بەلبېغى شەكىللەندۈرۈشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن.  لېكىن، بۇنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتقاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك قاتتىق بىر قارشى ئىتتىپاق شەكىللەندۈرمەسلىككە تىرىشىدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا، باشتىن تارتىپ روسسىيىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنىڭ شەكىللىنىشنى توسۇشقا تىرىشىدۇ.
          بۇ يەردە بىر ئاز توختاپ ئارقىمىزغا قاراپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىگىرمىنچى ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پارچىلانماي تۇرالىغانلىقىنى تەتقىق قىلالايمىز. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پۈتۈن ھالدا تۇرىشىنىڭ سەۋەبى، پەقەت ئۆزىنىڭ كۈچىلا بولۇپ قالماي، يەنە سابىق روس ئىمپېرىيىسىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر سىستىمېسىنىڭ ياردىمى ئىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ياۋرو – ئاسيانىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرگە، ئوخشاش بىر جۇغراپىيدە مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. روسسىيىنىڭ قاتناش تورى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، قاتناش ۋە ترانسپورت مەسلىسىدە، سۇ يوللىرىدىن پايدىلاندى. لېكىن، بۇ قاتناش تورى تاش يول تورىدەك قولايلىق ئەمەس بولۇپ، ئىشلىتىش خېلىلا تەس ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئاشلىق ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى توشۇشتا قىيىنچىلىق كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.
        سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غەربتە تىنچ ئوكيانغا، جوڭگونىڭ شىمالىغا، ھىمالايانىڭ غەربىي شىمالىغا، ھازار دېڭىزىغا ۋە كافكازلارغىچە سوزۇلغان كەڭ ياۋرو – ئاسيا جۇغراپىيسىدە مەۋجۇد بولۇپ تۇردى. قارا دېڭىز ۋە كاراپات تاغلىرى بىلەن چىگرالىناتتى. شىمالدا پەقەت قۇتۇپ رايونى بار ئىدى. بۇ پايانسىز جۇغراپىيىدە ئىقتىسادىي ئاجىز جۇمھۇرىيەتلەر بار ئىدى.
          سوۋېت ئىتتىپاقىنى جۇغراپىيلىك ئورنى جەھەتتىن دۇنيادىن ئايرىلغان بېكىنمە ھالدىكى ئىقتىسادىي ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە گەۋدىسى دەپ قارىساق، ئۇنى بىر پۈتۈن ھالدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بۇ گەۋدىنى تەشكىل قىلغان ئەللەر مەجبۇرىي ھالدا بىرلەشتى. دۇنياۋى رىقابەت سەۋەبىدىن، ئىقتىسادىي جەھەتتىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى نورمال ھالدا داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر – بىرىنى تولۇقلاش، قوللاشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ تەبىئىي بىر قۇتۇبلاشما بولۇپ، بۇ قۇتۇب روسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئىدى، ئەلۋەتتە. كارپاتلارنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ( روسسىيە 2. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئىشغال قىلىپ مۇستەملىكە قىلغان )  ئەللەر بۇ تەبىئىي قۇتۇبلاشمىنىڭ سىرتىدا ئىدى. روس ھەربىي كۈچى بولمىغان بولسا، ئۇلار روسسىيەگە ئەمەس، ياۋروپاغا يۈزلىنەتتى.
       سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان ئەللەر ئەسلىدە يۈزلىنىدىغان باشقا يەرلىرى بولمىغان دۆلەتلەر ئىدى. رايوندىكى كونا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتىدۇ ۋە ھازىر ئېنىرگىيە ئىكسپورت قىلغان روسسىيە بۇ
        ئەللەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ بېقىندى ھالغا كەلتۈردى. ياۋروپاغا يۈزلەنگەن ئۇكرائىنا يەنىلا روسسىيە بىلەن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرشقا مەجبۇر بولۇپ، روسسىيىنىڭ ئېنىرگىيسىگە ئىھتىياجلىق ۋە روس ئارمىيسىنىڭ بېسىمىنى ھىس قىلماقتا.
روسسىيە نوپۇزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ دېنامىكلىرىدىن پايدىلىنىۋاتىدۇ. بۇرۇنقىدەك موسكۋا مەركەزلىك بىر سىياسىي قۇرۇلما بەرپا قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، لېكىن بۇ يەنىلا مۇمكىن بولىدۇ. روسسىيىنىڭ رايوندىكى تەسىرىنى ئالدىمىزدىكى بەش – ئون يىل ئىچىدە ئاشۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز. بۇ رايوننى كافكازلار، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە بالتېقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا رايونى دەپ ئۈچكە ئايرىشقا بولىدۇ.

كافكازلار

        كافكازلار روسسىيە ۋە تۈركىيە ئارىسىدىكى چىگرا رايونى بولۇپ، تارىخ بويىچە ئىككى ئىمپېرىيە ئارىسىدا تالاش – تارتىشتا قالغانىدى. بۇ رايون سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلدىمۇ مەسلىلەر پەيدا قىلدى. كافكازلاردىن ئۆتكەن تۈركىيە – سوۋېت چىگرىسىنىڭ روسسىيە تەرىپىدە ھازىر مۇستەقىل ئەرمېنىيە، گرۇزىيە ۋە ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيەتلىرى بار. كافكازلارنىڭ يۇقىرىسىدا روسسىيىنىڭ ئىچىگە قاراپ مۇسۇلمان داغىستان؛ ئەڭ مۇھىمى كوممۇنىزم گۇمران بولغاندىن كېيىن روسلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى يۈز بەرگەن چېچەنىستان بار.
        روسسىيە ۋە تۈركىيە چىگرىلىرى كافكازلادىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، مۇداپىئە جەھەتتىن ئىككى دۆلەت ھېچقانداق بىر مەسىلىگە دۇچ كەلمەيدۇ. رايوندىكى يەر شارائىتى مۇداپىئەنى خېلىلا ئاسانلاشتۇرىدۇ. ناۋادا روسلار كافكازلاردىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ شىمالغا چىكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئەھۋالى يامانلىشىدۇ. ئۇكرائىنا ۋە قازاقىستان ئارىسىدا پەقەت بىر قانچە يۇز مىل مۇساپە بولغانلىقى ئۈچۈن، روسسىيە ستىراتېگىيلىك نوقتىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.
       روسلارنىڭ چېچەنىستان مەسلىسىدە سۈلھى قىلىشقا يېقىنلاشماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇ. چېچەنىستاننىڭ جەنۇبىي شىمالىي كافكازىيىدە. ئۇ يەر قولدىن كەتسە، روسسىيە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. روسلار ئەسلىدە پۇرسەت تاپسىلا چىگرالىرىنى تېخىمۇ جەنۇبقا، گرۇزىيىگە قاراپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەرمېنىيە روسسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى.  بۇنىڭغا گرۇزىيىمۇ قوشۇلسا، روسسىيە تېخىمۇ راھەت نەپەس ئالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن روسلار چېچەنىستاننى قول ئاستىدا تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. گرۇزىيىنىڭ ئېلىنىشىنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
      ئەزەربەيجاننى كونتىرول ئاستىغا ئېلىش روسلارغا ستىراتېگىيلىك بىر ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، لېكىن روسلار ئىران بىلەن ئارىسىدا ئەزەربەيجاننىڭ ئارا رايون بولىشىنى خالايدۇ. روسسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى ئورنىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئا ق ش بىلەن يېقىن ئىتتىپاقداش بولغان گرۇزىيە، 2008 – يىلى 8 – ئايدىكى ۋەقەدە بولغاندەك روسلار ئۈچۈن جەلىپ قىلارلىق بىر ئوبىيكتىپ.
        كىچىك دۆلەتلەر جايلاشقان تاغلىق رايونلاردا ھەر دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان مەسلىلەر بۇ رايوندىمۇ داۋام قىلماقتا. مەسىلەن: ئەرمېنىلەر تۈركىيىنى يىگىرمىنجى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەرمېىنلەرنى قەتلىئام قىلدى دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن روسسىيىدىن ياردەم كۈتمەكتە. ئەرمېنىيە – گرۇزىيە ئارىسىدا سۈركىلىش تۈگىگىنى يوق. ستالىن بىر گرۇز بولغان بولسىمۇ، گرۇزلار ئەرمېنىلەرنى ياقتۇرمىغاندەك، روسلارنىمۇ ياقتۇرمايدۇ. روسلارغا كۆرە، گرۇزىيە ھەم  ئا ق ش تەرەپتارى ھەم گرۇزىيە ئارقىلىق چېچەنىستانغا قورال – ياراق يۆتكىلىشىگە يول قويماقتا. ئەزەربەيجان ئەرمېنىلەرنى ياقتۇرمايدۇ، بۇ سەۋەپتىن ئىران ۋە تۈركىيگە يىقىن تۇرىدۇ.
         كافكازىيىدە ئەھۋال ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەۋجۇد مەسلىلەرنى ھەل قىلىش قىيىن. سوۋېت ئىتتىپاقى 1. دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئىتتىپاققا ئېلىشقا ئۇرۇنۇپ باقتى.  روسلار كۈنىمىزدە ۋە كەلگۈسىدە بۇ رايوندىكى مەسلىلەرنى كۆرمەسلىككە سېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر بۇنداق قىلسا، كافكازلاردىكى ئورنىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسلار، باشتا گرۇزىيىدىن تارتىپ پۈتۈن رايوندا تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن، گرۇزىيە ئا ق ش ئىتتىپاقدىشى بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ رايوندا بىر ئا ق ش – روس توقۇنۇشى چىقىشى مۇمكىن. چېچەن ئىسيانى داۋاملاشقان مۇددەتچە، روسلار جەنۇپقا كېڭىيىشكە، ئىسياننى باستۇرۇشقا ۋە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەشكە تىرىشىدۇ.
         لېكىن، ئا ق ش ۋە تۈركىيە ئىشنىڭ بۇ شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى خالىمايدۇ. ئا ق ش گرۇزىيە بىلەن بولغان ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ قالسا، بۇ رايوندىكى ئورنى ئاجىزلىشىدۇ. تۈركلەرگە كۆرە، بۇ ئەھۋالدا روسلار ئەرمېنىيىگە ياردەم قىلىدۇ ۋە روس ئارمىيسى تۈرك چىگرالىرىغا يىقىنلىشىدۇ. روسلار بۇ تىركىشىشكە توسالغۇ بولمايدۇ. كافكازىيە بىر توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئوتتۇرا ئاسيا

        ئوتتۇرا ئاسيا، ھازار دېڭىزى بىلەن جوڭگو چىگرىسى ئارىسىدىكى كەڭ زېمىن بولۇپ، بۇ رايون خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، بۇ زېمىندا مەسلىلەر باش كۆتەردى. ئېنىرگىيە مەنبەسى مول بولغان رايوننىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىمۇ ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. لېكىن، باشقا چوڭ كۈچ بۇ رايونغا كىرىپ ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن بازا قىلىپ ئىشلەتمىگىچە، روسلار بۇ رايونغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ. ناۋادا بۇنداق بىر ئىش بولۇپ قالسا، بۇ رايون ئەھمىيىتى ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە. قازاقىستاننى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزگەن بىر كۈچ، روس يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە سۇ يولى بولغان ۋولگا دەرياسىغا يۈز مىل يىقىنلاشقان بولىدۇ.   
       1990 – يىللاردا غەرب ئېنىرگىيە شىركەتلىرى بۇ رايونغا قاراپ ئېقىشقا باشلىدى، لېكىن روسسىيە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى. چۈنكى، روسسىيە بۇ شىركەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيتتى، لېكىن ھەربىي كۈچ بىلەن بۇ رايوننى قول ئاستىغا ئالالمايتتى. ئوتتۇرا ئاسيا، روسلار ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن بىر بىتەرەپ رايون ئىدى. لېكىن،2001- يىلىدىكى 11 – سېنتەبىردە بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيلىك سىياسىي ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش بولدى ۋە يېڭىدىن شەكىللەندى. 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئا ق ش ئافغانىستانغا كىردى ۋە بۇ مەسىلىدە روسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى.
       روسلاردىن تەلەپ قىلىنغان نەرسە، ئافغانىستاندا تالىبانغا قارشى شىمالىي ئىتتىپاقنىڭ تەشكىل قىلىنىشىدا ياردەمدە بولۇش ئىدى. روسلار شىمالىي ئىتتىپاققا ياردەم قىلدى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا ئاسيادىكى بەزى دۆلەتلەردە ئامېرىكا ھەربىي بازا قۇرۇشتا روسلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى. بۇ دۆلەتلەر كۆرۈنۈشتە مۇستەقىل ئىدى. لېكىن ئا ق ش شىمالىي ئىتتىپاقتىن ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە روسلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە تەۋەككۈل قىلالمىدى. ئوتتۇرا ئاسيا ئەللىرىمۇ روسسىيىنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىدى، ئەلۋەتتە. ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى بۇ دۆلەتلەرگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى زېمىنلىرى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.     
       روسلار رايوندا ئا ق ش ھەربىي كۈچىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى قوبۇل قىلغاندا، بۇنى ئۆتكۈنچى بىر جەريان دەپ قارىدى ۋە كېلىشىمگە قول قويدى. لېكىن، ئافغانىستان ئۇرۇشى داۋاملاشتى، ئا ق ش ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە رايوندىكى جۇمھۇرىيەتلەرگە تەسىر كۆرسېتىشكە باشلىدى. روسلار بىر مەزگىلدىن كېيىن، ناھايىتى ئوبدان بىر ئارا رايوننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ كۈچىنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكىنى كۆردى ۋە بۇ كۈچ روسسىيىگە ئۇكرائىنادا، كافكازىيدە ۋە بالتېق رايونىدا بېسىم قىلىشقا باشلىغانىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئېنىرگىيە باھاسى ئۆرلىگەن بولۇپ،  روسسىيىنىڭ  يېڭى ئىقتىسادىي ستىراتېگىيسىمۇ بۇنىڭغا تايانغانلىقى ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسيا ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ ئەھمىيىتى ئاشقانىدى.
        روسسىيە ئا ق ش ئارمىيسىنىڭ ۋولگا دەرياسىنىڭ يۈز مىل يىقىنىغا كېلىشىنى خالىمايتتى. بۇ سەۋەپتىن رايوندا ئا ق ش كۈچىنى ئازايتىش ئۈچۈن سىياسەتتىن پايدىلىنىشقا ۋە ئوتتۇرا ئاسيانى روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا ئېلىشقا تىرىشتى. دۇنيانىڭ يەنە بىر ئۇچىغا جايلاشقان ئا ق ش، ئافغانىستان، ئىران ۋە پاكىستان قاتارلىق رايونلاردا قىيىن ئەھۋالدا قالدى. روسلار قايتىدىن كۈچلىنىشكە باشلىدى. ئا ق ش دېڭىز ئارمىيسىنىڭ بۇ يەرلەرگە يېتىپ كېلىشى ئىمكانسىز ئىدى.
          ئا ق ش ئوتتۇرا ئاسيادا روس بېسىمىنىڭ ئاستىدا قالمايدۇ. بۇ رايوندا جوڭگومۇ سۈركىلىش پەيدا قىلالايدۇ، لېكىن بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى تۆۋەن. بۇ رايون جوڭگونىڭ ئىقتىسادىي نوپۇزى ئاستىغا كىرىدۇ، لېكىن نەتىجە ئىتىبارى بىلەن روسسىيىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ. روسلار جوڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسياغا كىرىشىگە رازى بولىدۇ، لېكىن ئون توققۇزىنجى ئەسىردە قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلغان سىياسەت داۋام قىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ماڭا كۆرە، ئوتتۇرا ئاسيا 2010 – يىللاردا غەربتە، ياۋروپادا مەسلىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشتىن خېلىلا بۇرۇن روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىدۇ.

ياۋروپا رايونى

        بۇ يەردە ياۋروپا دەپ تىلغا ئېلىنۋاتقان رايون، ئەلۋەتتە روسسىيىنىڭ غەربىگە جايلاشقان رايون بولۇپ، روسسىيىنىڭ بۇ رايوندىكى غەربىي چىگرىسى ئىستونىيە، لېتونىيە ۋە لېتۋانىيە بىلەن ئىككى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولغان بىلروسسىيە ۋە ئۇكرائىنا بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ۋە روس ئىمپېرىيىسىگە تەۋە ئىدى. بۇ ئەللەرنىڭ ئۇ تەرىپىدە يەنە سابىق سوۋېت مۇستەملىكىسى بولغان پولشا، سلوۋاكىيە، ۋېنگىرىيە، رۇمىنىيە ۋە بۇلغارىستان بار. روسلار ئۆزىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىلروس ۋە ئۇكرائىنانى بېسىم ئاستىدا تۇتۇشقا مەجبۇر. بالتېق ئەللىرىمۇ مۇھىم ، ئەمما ئۇلاردەك مۇھىم ئەمەس. روسلاركارپاتلاردا ۋە شىمالىي ياۋروپادا كۈچلۈك بولغان مۇددەتتە، شەرقىي ياۋروپا ھېچقانداق بىر مەسىلە ئەمەس. لېكىن، بۇ رايونلار ھەردائىم قالايمىقانچىلىققا سەھنە بولىشى مۇمكىن.   
         روسلار ئۈچۈن بىلروس ۋە ئۇكرائىنا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ دۆلەتلەر دۈشمەننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتسە، مەسىلەن: ناتوغا ئەزا بولسا روسسىيە چوڭ تەھدىد ئاستىدا قالىدۇ. موسكۋا روسسىيە – بىلروس چىگرىسىغا تەخمىنەن ئىككى يۈز مىل يىراقلىقتا. ئۇكرائىنانىڭ بۇرۇنقى ئىسمى ستالىن گراد بولغان ۋولگوگرادقا بولغان يىراقلىقىمۇ ئىككى يۈز مىل ئەتراپىدا. روسسىيە ناپالىئون ۋە گېتلىرگە قارشى مۇداپىئە ئۇرۇشتا زېمىنىنىڭ ئىچكىرلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. بىلروس ۋە ئۇكرائىنا بولمىسا، زېمىننىڭ ئىچكىرلىكىنىڭمۇ قالمايدۇ. لېكىن، ناتونىڭ روسسىيىگە قارشى تەھدىد پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلاش ئەخمەقلىق بولىدۇ. لېكىن، روسلار بۇ مەسلىلەرنى يىگىرمە يىللىق دەۋرلەر سۈپتىدە ئويلىشىدۇ ۋە ئەخمەقلىق دېيىلگەن ئىشلارنىڭ قانچىلىك سۈرئەتتە مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ.   
       روسلار ئا ق ش ۋە ناتونىڭ شەرقىي ياۋروپا ۋە بالتېق ئەللىرىنى ئەزا قىلىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. ئا ق ش ئۇكرائىنانى ناتو ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، روسلار ئا ق ش ۋە ئۇكرائىنا توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى دەرھال ئۆزگەرتتى. ئۇكرائىنانىڭ ناتو ئەزاسى بولىشى، روسسىيىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. 2004 – يىلىدىكى رەڭلىك ئىنقىلابتا، ناتونىڭ ئۇكرائىنانى ئەزالىققا ئالىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان روسسىيە، ئا ق ش نىڭ روسسىيىنى دۇنيادىن ئايرىپ يوق قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئا ق ش نىڭ بۇ مەسىلىدە نېمە ئويلايدىغانلىقى ۋە ناتو ئەزاسى ئۇكرائىنانىڭ روسسىيە ئۈچۈن تەھدىد تەشكىل قىلىپ قىلمايدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنسا بولىدۇ، ئەلۋەتتە.
      روسلار بۇ ئىشتا ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سالمىدى، لېكىن ئۇكرائىنادا پائالىيىتى كۈچلۈك بولغان جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنى ئىشقا سېلىپ، روسسىيە تەرەپتارى شەرقىي ئۇكرائىنا بىلەن ياۋروپا تەرەپتارى غەربىي ئۇكرائىنانى بىر بىرىدىن ئايرىپ، رەڭلىك ئىنقىلابنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتى. روسلار بۇنى ناھايىتى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلدى، ئۇكرائىنانىڭ سىياسىتى قالايمىقانلاشتى.  روسلارنىڭ كىۋنى نوپۇزى ئاستىغا ئېلىپ تۇتۇپ تۇرىشىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
       بىلروسنى بىر تەرەپ قىلىش ناھايىتى قولاي. چۈنكى، سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاز تەرەققىي قىلغان دۆلەت بىلروس بولۇپ، مەركىزىي ھاكىم مۇتلەق بىر تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا سادىق قالغان بولۇپ، بىر مەزگىللەردە روسسىيە بىلەن بىرلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. بۇنداق بىر بىرلىشىشتە، شۈبھىسىزكى روسلارنىڭ شەرتلىرى كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارىدا سۈركىلىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بىلروسنىڭ ناتوغا ئەزا بولىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
       بىلروس بىلەن ئۇكرائىنا ئالدىمىزدىكى بەش يىل ئىچىدە روسسىيىنىڭ نوپۇزى ئاستىغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ رىئاللىققا ئايلانسا، روسسىيە ياۋروپا بىلەن بولغان چىگرىسىنى ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىسىدىكى ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ. جەنۇبتا چىگرىسى كافكازىيدە قالسىمۇ، ئۇكرائىنا ساقلىنىپ قالىدۇ؛ شىمالىي ياۋروپا چىگرىسى پولشا ۋە بالتېق ئەللىرىگە تۇتىشىدۇ. بۇ ئەھۋالدا شىمالدا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قايسىسى ۋە ئېنىق چىگرىسى قەيەر بولىدىغانلىقى مۇنازىرىگە ئوچۇق تېما. ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن نازۇك رايون بالتېق ئەللىرى بولىدۇ.
        روسسىيىنى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىلغان ئەنئەنىۋى رايون، شىمالىي كارپاتلار بىلەن بالتېق دېڭىزى ئارىسىدىكى ئۈچ يۈز مىل كەڭلىكتىكى جاي بولۇپ، تۈز ۋە ئاسان ئۆتكىلى بولىدىغان بۇ رايوندا توسالغۇ سۈپتىدە  بىر قانچە دەريا بار. ياۋروپادىن كېلىدىغان ئىستىلا كۈچلىرى موسكۋا ياكى غەربىي شىمالدىكى ست. پېتېرسبۇرگقا بۇ تۈزلەڭلىكتىن شەرققە قاراپ ئوڭايلا ئىلگىرلىيەلەيدۇ. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتو دۆلەتلىرى چىگرىسى بىلەن ست. پېتېرسبۇرگ ئارىسىدىكى مۇساپە مىڭ مىلدىن ئارتۇق ئىدى. ھازىر بۇ مۇساپە تەخمىنەن يەتمىش مىل ئەتراپىدا. روسسىيىنىڭ بالتېق ئەللىرى ھەققىدىكى ئەنسىزلىكىنىڭ سەۋەبى بۇ.  روسسىيە ھازىر بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
      بالتېق ئەللىرى بىر چاغلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ھەممىسى مۇستەقىل بولدى، كېيىن ناتوغا ئەزا بولدى. باشتا كۆرگىنىمىزدەك ياۋروپا ئەللىرى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنالمىدى، چۈنكى ئۆزىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى بىلەن ئاۋارە ئىدى. روسلار ۋەزىيەتتىن ئەندىشە قىلاتتى ۋە بىخەتەرلىكىنى خەتەرگە ئۇچرىتالمايتتى. روسلار 1932 – يىللاردا ئاران ئۆرە تۇرىدىغان گىرمانىيىنىڭ 1941 – يىلى موسكۋاغا قىستاپ كەلگەنلىكىنى كۆردى. پولشا ۋە بالتېق ئەللىرىنىڭ ناتوغا ئەزا بولىشى بىلەن ناتو چىگرىسى روسسىيە مەركىزىگە بەكمۇ يىقىنلاشتى. كېيىنكى ئىككى ئەسىردە ئۈچ قېتىم ئىستىلاغا ئۇچرىغان بىر ئەل بولغان روسسىيە، ناتونىڭ ئۆزى ئۈچۈن بىر خەۋپ بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا ئېھتىياتچان بولىدۇ.   
        روسلارنىڭ چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يات ئەللەرنىڭ ئىستىلا ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان يول ۋە رايون، ئوڭايلا ئۆتكىلى بولىدىغان تۈزلەڭلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە بۇ زېمىنلار روسسىيىگە دۈشمەن كۆزى بىلەن قارايدىغان ئەللەرنىڭ قولىدا. بالتېق ئەللىرى روس ئىشغالىنى تېخى ئۇنۇتۇپ قالمىدى. پولشالىقلارمۇ روسلارنى ياقتۇرمايدۇ، ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشغالىنى ئۇنۇتۇپ قالغىنى يوق. بۇ ئەللەر ھازىر ناتو ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالدىنىقى سەپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا گىرمانىيە بار بولۇپ، روسلارمۇ ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ. روسلار بەلكىم ئارتۇقچە ئويلاپ كېتىدىغاندۇ، لېكىن بۇ روسلارنى ساراڭ ياكى دۈشمەنسىز دېگەنلىك ئەمەس.   
        بۇ رايوندا توقۇنۇشلار بولىشى مۇمكىن. روسلار بىتەرەپ بىر بالتېق رايونىغا رازى. ئەمما ناتو ئەزاسى ۋە ئا ق ش گە يىقىن بىر بالتېق رايونى مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن دېيىشىدۇ. ئامېرىكىلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادىن چېكىندى، كافكازلاردا ئېھتىياتچان، لېكىن بالتېق رايونىدىن چېكىنمەيدۇ. ئۈچ ناتو ئەزاسىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تالاش – تارتىش شەرقىي ياۋروپادا ئەندىشىگە سەۋەب بولىدۇ. شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ پوزىتيىسى ئىنىق بولمايدۇ ۋە روسسىيە تەسىرىنىڭ غەربكە قاراپ كېڭىيىش ئىھتىمالى ئاشىدۇ. روسسىيىنىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرى مۇھىم، لېكىن ئا ق ش خالىغان ۋاقىتتا ئۇ يەرگە چوڭ كۈچ ئەۋەتەلىگىدەك كۈچتە.
        روسسىيە بەلكى بىلروس بىلەن بىر مۇداپىئە كېلىشىمى تۈزىشى مۇمكىن. ئىككى دۆلەت ئۇزۇن يىللاردىن بىر بىرىگە سادىق بولدى ۋە بۇنى ئاسانلا ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. بۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالسا، روس ئارمىيسى پولشا چىگرىسىغا يىقىنلاپ كېلىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋاقىتتا چوڭ مەسلىلەر ۋە بىر توقۇنۇش چىقىشى مۇمكىن.
       پولشالىقلار ھەم روسلاردىن ھەم نىمىسلاردىن قورقىدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تەبىئىي مۇداپىئە سېپى يوق بولۇپ، ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قورقىسى بىلەن ياشايدۇ. روسسىيە بىلەن ئارىسىدا كارپاتلار بولغان ۋە ئۇكرائىنا بىلەن چىگرىداش بولغان باشقا شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئەكسىچە، پولشا خېيىم- خەتەرگە ئوچۇق شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان. روسسىيە ئەگەر بالتېق ئەللىرىگە يىقىنلىشىدىغان بولسا، پولشا ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ، ئەلۋەتتە. پولشا نوپۇسى قىرىق مىليون ئەتراپىدا بولۇپ، كىچىك دۆلەت ئەمەس. ئا ق ش نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكىنىگە قارىغاندا ئادەتتىكى بىر دۆلەت ئەمەس.
پولشاغا بېرىلگەن ياردەم بالتېق رايونىنىڭ قالغان قىسمىغا يېيىلىشى مۇمكىن. روسلار ئۇكرائىنا ۋە بىلروس ياردىمى بىلەن پولشا چىگرىسىغا ۋە جەنۇبتا قارا دېڭىزغا كېلىشى مۇمكىن. بالتېق ئەللىرىنى ئوتتۇرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن ۋە بۇلار 2010 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۈز بېرىشى مۇمكىن.
روسلار بالتېق ئەللىرىدە كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن ئۈچ خىل تەدبىر قوللىنىشى مۇمكىن. ئەڭ باشتا مەخپىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئا ق ش نىڭ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگىنىگە ئوخشاش، روسلارمۇ بۇ ئەللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا روسلارنى ياقىلايدىغان خادىملارنى ئىشلىتىدۇ. بالتېق ئەللىرى بۇ ئىشلارنى توسقان تەقدىردە، روسلار ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىسىشقا باشلايدۇ، بولۇپمۇ تەبىئىي گازنى ئېقىشىنى توختىتىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى چارە بۇ ئەللەرنىڭ چىگرالىرىغا ئەسكەر يىغىپ ئۇلارغا قارىتىلغان  بېسىمنى ئاشۇرۇش بولىدۇ. پولشالىقلار ۋە بالتېق ئەللىرى روسلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئېلىپ بارىدىغان ھەرىكەتلىرىنى، مۇئامىلە ئۆزگەرتىشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. بۇنداق ۋاقىتتا روھى بېسىممۇ ئاشىدۇ.   
         كېيىنكى زامانلاردا روس ئارمىيسىنىڭ ئاجىزلىقى توغرىسىدا جىق گەپ بولدى، ئەسەرلەر يېزىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئېيتىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە راست ئىدى. ئەمما، ھازىر ئالدىمىزدا يېڭى رىئاللىقلار بار. ئارمىينىڭ بۇ ئاجىز ھالى 2000 – يىلىدا ئۆزگۈرۈشكە باشلىدى ۋە 2015 – يىلىدا ئاجىز ھالىتى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلىدۇ. شەرقىي شىمالىي ياۋروپادا يۈز بېرىدىغان توقۇنۇش ھازىرلا باشلىمايدۇ، لېكىن ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر كۆرەش بولىدۇ. بۇ جەرياندا روس ئارمىيسىمۇ كۈچلىنىدىغانغا پۇرسەت تاپىدۇ. روسسىيە 1990 – يىللاردا ئىلغار ھەربىي تېخنىكا ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى ۋە 2010 – يىلىدا رايوننىڭ ئەڭ كۈچلۇك ئارمىيسىگە ئىگە بولىشى مۇمكىن. 2015 – 2020 – يىللىرىدا بۇ رايوندا كۈچ ئىشلەتمەكچى بولغان ھەر ئارمىيگە، ھەتتا ئامېرىكا ئارمىيسىگە خىرىس قىلغۇدەك ھالغا كېلىشى مۇمكىن.
       بۇ ئەھۋالدا روسسىيىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى قوغداشقا قادىر بولالمايدىغان ئەللەر ۋە ئا ق ش نىڭ كۈچىدىن ياردەم تاما قىلىدىغانلار ناتو كۈچلىرى بولىدۇ. ئالدىدا بايان قىلىنغاندەك، ئا ق ش نىڭ ياۋرو – ئاسيا سىياسىتى، رايوندا ھاكىمىيەت تىكلىمەكچى بولغان كۈچلەرنى توساشنى ئاساس قىلىدۇ. جوڭگو ياكى ياۋروپا ئەللىرى پارچىلىنىپ ئاجىزلىسا، ئا ق ش ئومۇمىيۈزلۈك بىر ئۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. روسلارنىڭ يەرشارىۋى چۈشىنىشىنى توساش ئۈچۈن، پولشا ۋە بالتېق ئەللىرى ئارقىلىق روسلارنىڭ دىققىتىنى بۇ رايونلارغا بۇراشقا تىرىشىدۇ.
        ئا ق ش بۇ ئەللەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇسۇلى – تېخنىكا بېرىشنى ئىشقا سالىدۇ. 2020 – يىلىغىچە بولغان بۇ مەزگىلدە بۇ چارە كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ. يېڭى ئۇرۇش تېخنىكىلىرى تېخىمۇ كىچىك ۋە كۈچلۈك ئارمىيە بولۇشنى زۆرۈر قىلىدۇ. كىچىك دۆلەتلەر ئىلغار تېخنىكا بىلەن كۈچلۈك قوراللىق كۈچكە ئىگە بولالايدۇ. ئا ق ش بۇ شەكىلدە پولشا ۋە بالتېق دۆلەتلىرىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى روسلارنى توسالىغۇدەك ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر روسلارنى توسماقچى بولسا، ئەڭ توغرا يول بۇ بولىدۇ. كافكازىيىدە گروزىيىمۇ روسلارغا قارشى بىر دۆلەت بولۇپ، ئا ق ش بۇ رايونغا ئارلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما، ياۋروپا بۇ مەسىلىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.  
          ئا ق ش كۈچى روسلارنىڭ بىۋاستە ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىتتىپاقداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىدۇ. روسلار ئا ق ش غا ياۋروپانىڭ سىرتىدا، دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا بېسىم قىلىشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، چىگراداش سلوۋاكىيە ۋە بۇلغارىستانغا ئوخشاش ئەللەرنى بىسەرەمجان قىلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ئەھۋالدا توقۇنۇش روسسىيە بىلەن باشقا ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدىكى چىگرالارغا تۇتىشىشى مۇمكىن.
        روسلارنىڭ ئاساسىي ستىراتېگىيىسى – ناتونى پارچىلاش ۋە شەرقىي ياۋروپانى ئايرىش بولىدۇ. بۇ ستىراتېگىيىدىكى ھالقىلىق دۆلەتلەر گىرمانىيە ۋە فرانسىيە بولۇپ، بۇلار روسسىيە بىلەن ئارىسىدا مەسىلە پەيدا بولىشىنى خالىمايدۇ، بولۇپمۇ گىرمانىيە روسلارنىڭ تەبىئىي گېزىغا مۇھتاج. نىمىسلار بۇ بېقىندىلىقنى ئازايتىشنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە بۇ مەسىلىدە  كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىدۇ. لېكىن، تەبىئىي گازغا بولغان بېقىندىلىقى داۋاملىشىدۇ. روسلار بۇ ئەھۋالدا، ئا ق ش نىڭ ئۆزىگە قارشى گىرمانىيدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. لېكىن، گىرمانىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، پولشا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارا دۆلەت. بالتېق ئەللىرىمۇ بۇ تالاش – تارتىشقا ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئا ق ش ئۇلارغا پەقەت روسسىيىگە قارشى باش كۆتەرگەن ۋاقىتلىرىدا كۆڭۈل بۆلىدۇ. روسسىيە بىتەرەپ تۇرۇش ۋە ئارمىيلىرىنى كۈچلەندۈرمەسلىك شەرتى بىلەن، بۇ دۆلەتلەرگە كەڭ دائىرىلىك فېدىراتسىيە ھالىدىكى بىر بالتېق ئاپتونۇمىيسى ۋە پولشاغا بىخەتەرلىك ھەققىدە كاپالەت بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ۋاستىسى بولغان ئۇرۇش نىمىسلار ۋە فرانسىزلارنى قىزىقتۇرمايدۇ.  
        بۇ تالاش – تارتىش مۇمكىن، لېكىن مېنىڭچە كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئا ق ش شەرقىي ياۋروپادا روسلارغا قارشى يەنە مەسىلە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. ناتونىڭ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن نىمىسلار ئۆزلىرى خالىمىغان ھالدا بۇ مەسىلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پولشا، بالتېق ۋە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى ئۈچۈن ناتونىڭ ياردىمىنى توسىشى مۇمكىن، گىرمانىيە چوڭ بىر دۆلەت. روسلارمۇ ناتو ياردىمىنىڭ توختىشى بىلەن پولشا ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئارقىغا چىكىنىشىنى كۈتىدۇ.
          ناۋادا ۋەزىيەت بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇپ، پولشا يەنە روسسىيە بىلەن گىرمانىيە ئوتتۇرىسىدا قىسىلىپ قالسا، ئا ق ش غا بولغان بېقىندىلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئا ق ش روسلارنى توساش ۋە ياۋروپانى پارچىلاپ ئاجىزلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ قالسا، شەرقىي ياۋروپاغا بېرىدىغان ياردىمىنى كۈچەيتىدۇ. 2015 – يىلىدا سابىق سوۋېت مۇستەملىكىلىرى ۋە بالتېق ئەللىرىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى بىر قۇتۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. غەربىي ياۋروغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، يوقۇتۇپ قويىدىغان نەرسىلىرى تېخىمۇ كۆپ بولىدىغان ۋە ئا ق ش قوللىغان بۇنداق بىر قۇتۇب چوڭ دېنامىزمغا ئىگە بولىدۇ.
       روسلار دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرىدا ئا ق ش غا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ، ياۋروپا رايونىدا ئا ق ش غا توسالغۇ بولۇشقا تىرىشىدۇ. مەسىلەن، ئىسرائىل – پەلەستىن ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقاندا، روسلار ئەرەبلەرگە بولغان ھەربىي ياردىمنى كۈچەيتىدۇ. روسلار نورمالدا ئا ق ش غا قارشى كۈچلەرگە بولغان ياردىمنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 2015 – يىلدا بىر زىددىيەت پەيدا بولىشى ۋە 2020 – يىلدا چوڭىيىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىشنى خالىمايدۇ ۋە ئارىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چارە ئىزدىشىدۇ.
ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مەسىلە 2020 – يىلىدا بىر دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، لېكىن سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىدەك كەڭ دائىرىدە بولمايدۇ.  
       روسلار بۇ مەزگىلگىچە ياۋرو – ئاسياغا ھۇجۇم قىلغۇدەك دەرىجىدە كۈچلىنەلمەيدۇ ۋە دۇنياغا بىر خەۋپ تەشكىل قىلالمايدۇ. لېكىن، بۇ بىر رايون خاراكتېرلىق مەسىلىگە ئايلىنىشى ۋە ئا ق ش نىمۇ ئارلىشىشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا روس چىگرالىرىدا سۈركىلىشلەر بولىدۇ، ئەمما ئا ق ش سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىدەك روسسىيە ئەتراپىدا بىر چەمبەر شەكىللەندۈرمەيدۇ ياكى بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ.
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئېنىرگىيە ئىھتىياجىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى روسسىيىدىن قامداۋاتقان ياۋروپا قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، ئەلۋەتتە.  ئا ق ش ستىراتېگىيسىمۇ ھىدروكاربون ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە مەزكەزلىشىدۇ ۋە باشقا ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. روسسىيە يېڭى سانائەت يارىتىشنى تاشلاپ، مەۋجۇت سانائەت بىلەن قانائەتلىنىشكە تىرىشىدۇ ۋە نېفىت، تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ سەۋەپتىن روسسىيىنىڭ كەلگۈسىدە يېڭى تېخنىكا يارىتىش ئىھتىمالى ناھايىتى تۆۋەن.
          ئەمما، روسلار ھەممىدىن بەكرەك قوللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئۆتكەن ئىككى ئەسىردىكىدەك ھەربىي تېخنىكا تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. مەۋجۇت قورل – ياراق سانائىتىنى چوڭايتىپ، ھەربىي ئىشلار ساھەسىگە كىرمەيدىغان، لېكىن ئەھمىيەتلىك تېخنىكا ساھەسىدە ئا ق ش ۋە باشقا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئارقىسىدا قالماسلىققا تىرىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئېنىرگىيە ئىكسپورتىدىن قىلغان كىرىمىنىڭ كۆپ قىسمىنى بۇ مەقسەتتە سەرپ قىلىدۇ. يەنى تېخنىكا يارىتىشقا سەرپ قىلماي، ھەربىي راسخوتنى كۆپەيتىدۇ.
روسسىيە تەخمىنەن 2010 – يىلىغىچە كۈچ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ، لېكىن باشقىلار تەرىپىدىن بەك كۆزگە ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭغا پارچىلانغان، ئىقتىسادى بىر ئىزىدا تۇرۇپ قالغان ۋە ھەربىي كۈچى ئاجىز بىر دۆلەت سۈپىتىدە قارايدۇ. 2010 – يىللاردا  چىگرالاردا مەسلىلەر ئېغىرلاشسا، خوشنا ئەللەر ئەنسىزلىك ھىس قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما چوڭ دۆلەتلەر يەنىلا روسسىيىنى كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدۇ.
ئا ق ش ئادەتتە باشتا دۈشمەنلىرىنى ئانچە كۆزگە ئېلىپ كەتمەيدۇ، كېيىن ھەددىدىن زىيادە دىققەت بىلەن كۆزىتىشكە باشلايدۇ. 2010 – يىللاردا روسسىيىگە قايتىدىن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىشى مۇمكىن. ئا ق ش  نىڭ پوزىتسىيىسىدە ئۆزگۈرۈش بولىشى مۇمكىن.  ئەمما  نورمالدا قەتىئىي ۋە مەنتىقىلىق بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەندىشىسى داۋالىشىدۇ، ئەمما ئۇرۇشقا كىرمەي باشقا يوللار بىلەن روسسىيىنى توساش ئۈچۈن پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىدۇ.
         بۇ نوقتىدا چاك لېنىيىسىنىڭ ئورنى مۇھىم، ئەلۋەتتە. روسسىيىنىڭ ئىنكاسلىرى كىچىك كىرىزسلار شەكلىدە بولسا، روسلار ئوتتۇرا ئاسيا بىلەن كافكازىيىنى ۋە مولدىۋېيىنىمۇ نوپۇزى ئاستىغا ئالالايدۇ. لېكىن، بالتېق ئەللىرىنى ياكى كارپاتلارنىڭ غەربىنى نوپۇزى ئاستىغا كىرگۈزەلمەيدۇ. ئەگەر روسسىيە بالتېق ئەللىرىنىمۇ نوپۇزى ئاستىغا ئالسا، سېرىبىيە، بۇلغارىستان ۋە گرىتسىيە قاتارلىق بالقان ئەللىرىدىن ئىتتىپاقداش تاپىدۇ ياكى سلوۋاكىيىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ياۋروپا ئەللىرىنى ئۆزىگە تارتالىسا، ئا ق ش بىلەن ئارىسىدىكى رىقابەت چوڭىيىشى ۋە قورقۇنچ ھالغا كېلىشى مۇمكىن.  
ئەمما بۇ ئۇ دەرىجىدە ئەندىشە پەيدا قىلغۇچى مەسىلە قاتارىدا كۆرۈلمەسلىكى لازىم. مۇتەخەسىسلەرگە كۆرە ناۋادا بىر توقۇنۇش بولۇپ قالسا،  روس ئارمىيسى كۈچلۈك ئا ق ش ئارمىيسىغا قارشى ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە قىسقا مۇددەتتە ئاجىزلايدۇ. ياۋروپانىڭ قالغان قىسمى قانداق بولىشىدىن قەتىئىنەزەر، پولشا، چېخ جۇمھۇرىيىتى، ۋېنگىرىيە ۋە رۇمىنىيە روسلارغا قارشى تىركىشىدۇ ۋە ئا ق ش بىلەن ھەر جەھەتتىن ھەمكارلىشىدۇ. بۇ قېتىم چىگرا لېنىيىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بولغاندەك گىرمانىيىدە بولمايدۇ، بەلكى كارپات تاغلىرىدا بولىدۇ. پولشانىڭ شىمالىي تۈزلەڭلىكلىرى ئاساسىي توقۇنۇش مەيدانى بولىدۇ، لېكىن روس ئارمىيسى ئۇ جايلارغىچە كېلەلمەيدۇ.   
        بۇ توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى يەنە ئوخشاشلا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقىنىڭ تەسىرى ئا ق ش ئۈچۈن يېنىك بولىدۇ. ئاخىرىقى سۈركىلىش ئوتتۇرا ياۋروپادا يۈز بەردى، كەلگۈسىدىكىسى تېخىمۇ شەرقتە باشلىنىدۇ. ئاخىرىقى سۈركىلىشتە جوڭگو ھېچ بولمىغاندا، باشتا روسسىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم سۈركىلىشنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. روسسىيە ئۆتكەن قېتىم كافكازىيىنى كونتىرول قىلغانىدى؛ لېكىن بۇ قېتىم ئەھۋال باشقىچە بولۇپ، رايوندا شىمالغا قاراپ بىر ئا ق ش ۋە تۈركىيە بېسىمى بولىدۇ. ئۆتكەن قېتىم روسسىيە نوپۇسى كۆپ ئىدى، لېكىن ھازىر نوپۇسى ئازايدى ۋە بۇ ئازىيىش داۋاملىشىدۇ. بولۇپمۇ، جەنۇبتىكى ئىچكى بېسىم سەۋەبىدىن روسسىيە دىققەت ئىتىبارىنى غەربتىن تارتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ئۇرۇشنى خىيالىغا كەلتۈرەلمىگىدەك ھالغا كېلىپ قالىدۇ. روسسىيە 1917 – يىلىدا ۋە 1991 – يىلىدا قايتىدىن پارچىلاندى. روسسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 2020 – يىلىدىن قىسقا بىر مۇددەت ئىچىدە يەنە بىر قېتىم گۇمران بولىشى مۇمكىن.   


كەلگۈسى 100 يىل ۋە 21 – ئەسىر تەسەۋۋۇرلىرى
جورجى فېرىمان
تەرجىمە – باتۇر قاراخانلې

ئالتۇن

31

تېما

2

دوست

4859

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   95.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8830
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 453
تۆھپە : 1230
توردىكى ۋاقتى: 394
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:18:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي نېمىشقا كۇنمىڭ ۋەقەسى توغۇرلۇق. خەۋەرلەر يولانمايدۇ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

574

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   14.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12952
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 25
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:19:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس چوشقىلىرى بۇرنىغا بىر يىسە بۇلاتتى

0

تېما

0

دوست

267

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26525
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 20
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى بىر تېمىدا بىرنەچچىسى قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنى پەش قىلىپ كېتىۋېدى , ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرققە بازا قۇرغۇچىلىك ئۇلاردىن سورىماي روسسىيەدىن سوراپتىغۇ ؟ مانا ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇستەقىلچىلەرنىڭ ھالى ...

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:41:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەر شارى بارلىق ئىنسانىيەت ئورتاق پائالىيەت قىلىدىغان،ئورتاق گۈلىنىدىغان خاسىيەتلىك تۇپراق،ئۇنى قانداقتۇر بىرەر زومىگەرنىڭ ئېگەلىۋىلىشىغا  ھېچكىم يول قويمايدۇ...!

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:42:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنمىڭنىڭ نوپوسى قانچە...؟

0

تېما

6

دوست

2909

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21988
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 900
توردىكى ۋاقتى: 212
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 17:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WART يوللىغان ۋاقتى  2014-3-4 17:41
يەر شارى بارلىق ئىنسانىيەت ئورتاق پائالىيەت قىلىدىغا ...

لېكىن شۇنداق ئىكەنلىكىنى پۇتىنغا ئوخشاش جاھانگېرلار چۈشەنمەيدۇ ۋە دەپسەندە قىلىدۇ. گېتلىر تىرىلگەن بولسا چۈشەندۈرۈپ قۇياتتى بۇ ئىپلاس روسلارغا

0

تېما

0

دوست

789

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6405
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 235
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 18:19:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يەنە دۇنياغا تەھىت ئېلىپ سېلىۋاتىدۇ.دۇنيا بۇ زومىگەر گە تاقابىل تۇرۇشتا ،جوڭگودىن ئۆگىنىشى كېرەك.ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار پولشاغا،ۋېنگىرىيەگە ،چېخىسلوۋاكىيەلەرگە تاجاۋۇز قىلغاندا دۇنيا ئىزچىل ئۇلارغا ماداراچىلىق قىلىدى،بۇ ئىپلاسلار ئۆزىنى قالتىس ھېساپلاپ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ ئاخىرى  بۇرنىغا يىدى.ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا جوڭگوغىمۇ تاجاۋۇز قىلماقچى بولغان ،ماۋزېدوڭ،دىڭ شاۋپىڭ قاتارلىقلار ئۇلارغا قىلچە يول قويماي مئۇلار بىلەن تېغمۇ تېغ تىركەشتى،ئۇلارنىڭ ئىقتىساىدىدىن چاتاق چىققاندا ،جوڭگوغا مۇناسەۋەتنى ياخشىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.جوڭگومۇ ئۇلارغا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ ئۈچ شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈش؛ۋېتنامنىڭ كامبوژادىن قوشۇن -ۋوېتچېكىندۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش،موڭغۇلىيە ۋە جوڭگو_ سوۋېت چېگرىسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈش. ئۇلار مۇشۇ شەرتنى 1989-يىلغا ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇردى.گورباچېۋ جوڭگوغا زىيارەت قىلىپ ،مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇردى.لىكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ ،ئاخىرى پارچىلاندى.ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى تەھدىت پۈتۈنلەي يوقىدى.ھازىر بولسا،2002-يىل پۈتۈن چېچەنىيەنى قانغا بويىدى، 2008-يىل گرۇزىيەگە تاجاۋۇز قىلدى،ئەمدى ئۇكرائېناغا ،ئەگەر  خەلقىئارا جەمىئىيەت 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكىدەك ،داراددى،چېمبېرلىن گېتلېرغا يول قويغاندەك ،ئۇلارغا يۇمشاق باشلىق بىلىن يول قويسا ،دۇنيا ئاخىرى مۇشۇلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولىدۇ،ئەپسۇس ،ھزاىرماۋزېدوڭ،دىڭ شاۋپىڭ يوق،ئوبامادەك لىڭ -تاسما،بەچچە زەڭگىلەر بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )