قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1309|ئىنكاس: 9

ئالما ئاتىسى جوبىسنىڭ ۋەسىيتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-4 21:15:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئالما ئاتىسى جوبىسنىڭ ۋەسىيتى


           بەلكىم سىز نەچچە يۈز دوللار خەجلەپ "ئالما " ماركىلىق يانفۇنغا ئېرشەلىشىڭىز مومكىن . ھالبۇكى ، ساناپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بايلىقى بار جوبىسنى پۇل ئەزرائىلنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمىدى . تالانىت ئىگىسى جوبىس تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا كەتتى ، بىراق ئۇ كىتىشتىن ئىلگىرى  بىزگە مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇردى ؛
   1 . ھەرگىزمۇ ئىغىر بىسىم ئاستىدا خىزمەت قىلماڭ ، بولمىسا ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بىرسىز ، بۇنداق ئاقىۋەتنى ئەخمەقلىق دەپ بىلىڭ !
   2 . يادىڭىزدا بولسۇن سىزدە بارى پەقەت  تەن ، ئەگەر ساغلاملىق بولمىسا ، ھاياتتىكى ھەر قانداق بىر خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولالمايسىز ، دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ چوڭ زىيان   بولماس .
   3 . دوختۇر ھاياتىڭىزنى قۇتقازغۇچى  بولالمايدۇ ، پەقەت ئۆزىڭىزنى ئۆزىڭىز قۇتقۇزالايسىز ، ياخشى كۈتۈنۈش ۋە ئۆزىنى ئاسراش ھەر قانداق جىددى قۇتقۇزۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ !
   4 . ئادەم بەدەل تۆلىگەنلىكى ئىشتىن پايدا ئالالىشى ناتايىن ، پەقەت مەنپەئەت ئۈستىدىلا باش قاتۇرماي ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ بەدەل تۆلىگەندىلا ، ھامان بىر كۈنى ئەڭ بۈيۈك ئىناۋەت ۋە بايلىققا ئىرشىسىز .
   5 . سىزگە مۇھەببەت بەرگەنلەرگە ھەرگىز سەل قارىماڭ ، تاكى ھەممە نەرسىڭىز تۈگەپ قاقشالغا ئايلانغان چاغدا ، ھاياتنى چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق ، قولىڭىزنىڭ بارىدا سىزگە مۇھەببەت بەرگەنلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .
    شۇنداق ئىشنى قانۇنىيتىگە بىقىپ قىلىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ھوزۇرىدىن بەھىرلىنىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ  ، ھاياتتىكى ھەر بىر كۈندىن ھەر قاچان ھوزۇرلىنىش سىزنىڭ  ھىچكىم تارتىۋالالمايدىغان ھوقوقىڭىز .
   ئەمدى تۆۋەندە جوبىسنىڭ ۋەسىيتىنى كۈچلەندۇردىغان ئۆزىمىزنىڭ ھىكمەتلىك ھىكايىلىردىن ئوقۇپ باقىلى ؛  
     بىر توپ مايمۇن دىھقاننىڭ قوناقلىرنى ئوغۇرلاپ يىيىشكە ئادەتلىنىۋالغان ئىكەن ، دىھقان مايمۇن تۇتىدىغان بىر ئەپچىل ئۇسۇلنى تىپىپ چىقىپتۇ  يەنى شەكلى قاپاققا ئوخشايدىغان بىر بوتۇلكىنى دەرەخقە چىڭ باغلاپ ئىچىگە قوناق سىلىپ قويۇپتۇ ، قاراڭغۇ چۇشكەندە بىر مايمۇن دەرەخنىڭ تۈۋىگە كىلىپ قوناقنى ئىلىش ئۈچۈن قولىنى بوتۇلكىنىڭ ئىچىگە تىقىپتۇ  ئەمما قوناقنى سىقىمداپ ئالغانىدىن كىيىن قولىنى بوتۇلكىدىن تارتىپ چىقىرالماپتۇ ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاران قولغا كەلگەن قوناقنى تاشلاپ كىتىشكە چىدىماپتۇ ، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى دىھقان ئۇنى قولىنى بوتۇلكىغا تىقىپ تۇرغان ھالەتتە تۇتىۋاپتۇ .
      سز چوقۇم ئادەم دىگەن مايمۇندىن كۆپ ئەقىللىق بولىدۇ ، بىز ھەرگىزمۇ ئۇ مايمۇندەك ئەخماقلىق قىلمايمىز دىيشىڭىز مومكىن ، ناۋادا ئاشۇ قوناقلار بايلىققا ، ساھىبجامال قىزغا ، ھوقۇققا ئالماشسا ، مەن ئويلايمەنكى قىلتاققا چۈشىدىغىنى مايمۇن ئەمەس ئادەملەر بولىدۇ . ئۇنداقتا مايمۇننى ئاشۇنداق ئەخمەقلىق قىلىشقا مەجبۇرلىغان زادى نىمە ؟
    چىكىدىن ئاشقان ئاچكۆزلۈك ، ئاچكۆزلۈك ھەددىدىن ئاشسا ئاددىيلىق مۇرەككەپلىككە ، يىنىك ئېغىرغا ، خۇشاللىق كۆپۈككە ئايلىندۇ .
بىر پادىچى بالا تاغدىن بىلىپ-بىلمەيلا غەزىنىگە ئۇچراپ قاپتۇ ، ئۇ ئۆمرىدە بۇنچىلا كۆپ ئالتۇن-كۈمۈشنى كۆرۈپ باقماپتىكەن ، شۇنداقتىمۇ ئۇ بىر پارچىلا ئالتۇننى ئىلىپ قايتىپ كەپتۇ . ئاشۇ بىر پارچە ئالتۇن ئۇنى بەختىيار تۇرمۇشقا ئىگە قىپتۇ . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىر باي ھىلىقى تاغ ئۆڭكۈرىنى ئىزدەپ تىپىپتۇ ، ھەمدە بارىلىق يانچۇقىنى ئالتۇن - كۈمۈشكە تولدۇرغاندىن كىيىنمۇ يەنى رازى بولماي پۈتكۈل تاغنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ يۆتكەپ كەتمەكچى  بوپتۇ  . بۇ چاغدا تاغ مۇئەككىلى زۇۋانغا كىلىپ " ئاچكۆزلۈك قىلما بولمىسا قاراڭغۇ چۇشكەن ھامان ئۆڭكۈر دەرۋازىسىنى تاقىۋەتسەم ، سەن ئالتۇن-كۈمۈشلەرگە ئىرىشىش تۈگۈل جېنىڭنىمۇ ساقلاپ قالالمايسەن " دەپتۇ .
     لىكىن ئۇنىڭ بۇ گىپى باينىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ . ئۇ ھە دەپ ئالتۇنلارنى يۆتكەۋاتقان چېغىدا گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆڭكۈر دەرۋازىسى تاقىلىپ قاپتۇ . باي ئىككىنجىلەپ ئۇنىڭ ئىچىدىن قايتىپ چىقالماپتۇ .
    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆمۈرى شۇنداق ئۆتىدۇ ، ئۇلار بىردەم ئۇنىڭغا بىردەم بۇنىڭغا ئېسىلىدۇ . كۈن بويى تىنىم تاپماي شاختىن - شاخقا قونۇپ يۈرىيدۇ ، لىكىن ئاخىرغا بارغاندا ھىچنىمىگە ئېرشەلمەيدۇ . چۈنكى ئۇنداقلار بەك ئاچكۆز بولىدۇ . ناۋادا بىر ئادەمنىڭ ئىنتىلىشى ئۇنىڭ ھاياتىنى پارلاقلىققا ئىگە قىلماي ، ئەكسىچە تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرۋەتسە ، بۇنداق ھاياتنىڭ يەنە نىمە ئەھمىيتى بولسۇن . ئۆز ھاياتىغا كويۈنۈش ، ھەممىدىن موھىم . سىز نام-ئابروي ، پايدا - مەنپەئەتتىن يىراق تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز ھىچقىسى يوق ، كۆڭلىڭىز ئازادە بولسىلا بولدى ، چۈنكى  ھەممىدىن موھىمى  سىزنىڭ خۇشال - خورام ياشىشىڭىز . بۇ ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ موھىم .
       جوبىسنىڭ ۋەسىيتىنىڭ 4-ماددىسى بىلەن تۆۋەندىكى ھېكمەتلىك ھېكايىنىڭ ئورتاقلىقى شۇكى ئەگەر جوبىس دەسلەپتىلا ، ھېلىقى  بايدەك چوڭ مەنپەئەتنىلا  كۆزلەپ ئۆز كەسپىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان ، ۋە مەلۇم ئىجادىيتىنىڭ مەغلۇبىيتىنى ئىتىراپ قىلىماي  ھىلىقى مايمۇنغا ئوخشاش دەرھال ۋاز كەچمەي جاھىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىشقا يۈزلەنمەي يۈرىۋەرگەن بولسا ھازىرقىدەك بۈيۈك ئىناۋەت ۋە بايلىققا ئىرىشەلمىگەن بولۇشى مومكىن ئىدى .   

پايدىلانغان ماتىرياللار :  ئۇندىدار  ۋە  «شلار ئۇچۇن 101 ھىكمەتتىن . »
      
uyghuray

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 21:10:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز كوپىنچىمىز ئوزىمىزنىڭ نىمە كەسىپكە قىزقىدىغىنىمىزنى ، ياكى قىلىۋاتقان كەسىپلىرمىزگە ئوزىمىزنىڭ قىزقىشى ياكى تالانتى بار-يوقلۇقى ئۇستىدە ، كەلگۇسىدە كەسپىمىزنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغان پايدا - مەنپەئەتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقى ئۇستىدە باش قاتۇرۇپ باقمايمىز ياكى نوقۇل يوقىرى ئىقتىسادى كىرىمىنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ بىر نەچچە يىل قىلىپ ئۇ كەسىپتە مەلۇم بىلىم ۋە تەجىربىگە ئىگە بولوپ بولغان تۇرۇقلۇق ئۇنىڭدىن يىرىم يولدا ۋاز كىچىپ باشقا بىر كەسىپ تاللايمىز . ئەجىبا يىڭى تاللىغان كەسپىمىزگىمۇ نەچچە يىل تەجىرىبە ۋە ئۇگۇنۇشلەرنىڭ كىتىدىغىنىنى ئۇستىدە ئويلانمايمىز .شۇنىڭ بىلەن ئالدىنقى ۋە كىيىنكى كەسىپ تاللاش ۋە ئىشلەش جەريانىدە مەلۇم بىر كورنەرلىك نەتىجىگە ئىرشەلمەي ئاز دىگەندىمۇ 10يىلدەك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋىتىمىز . شۇڭا بۇ بىر ئويلىنىشقا ۋە مۇنازىرە قىلشقا ئەھمىيەتلىك بىر مەسىلە تورداشلارنىڭ ئوزىنىڭ كەسىپ تاللاش ۋە كەلتۇرگەن مەلۇم مۇۋاپىقىيەتلىرى ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئورتاقلىشىپ بۇ مەسىلىگە بىر جاۋاب تاپساق دىگەن ئۇمۇددىمەن .

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 21:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 21:25
جوبىس سەكراتقا چۈشكىنىدە پەخىردىن قارلۇقنىڭ قولىنى سى ...

مىنىڭچە ئۇنىڭ مۇكەممەللىكنى قوغلاشقىنى ئاخىرى ئۇنى مۇشۇ مۇۋاپىقيەتلەرگە ئىرىشتۇرگەن بولۇشى مومكىن ، چۇنكى مۇكەممەللىكنى قوغلۇشۇش كوچلۇك ئىتتىرىش كۇچىگە ئىگە .

توغرا دۇنيادا نوقسانسىز مۇكەممەل نەرسە مەۋجۇد ئەمەس ، لىكىن ئۇنىڭغا ئىنتىلمەسلىك ئادەمنى ۋە جەمىيەتنى تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇردۇ .

2

تېما

15

دوست

5840

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1788
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 23:58:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ،ھەممىز پايدىلانساق ،پايدىلنالىساق ياخشى.
uyghuray

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 17:23:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zubayir007 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-6 23:58
بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما بوپتۇ ،ھەممىز پايدىلانساق ،پاي ...

رەھمەت سىزمۇ كەسىپ تاللاشتا نىمىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىڭىز ئۇستىدە پىكىر بىرىپ بىقىڭ .
پىكىرلىشىشى ئارقىلىق كەسىپ تاللاشتىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مومكىن .

2

تېما

15

دوست

5840

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25041
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1788
توردىكى ۋاقتى: 411
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 21:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزمۇ كەسىپ تاللاشتا نىمىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىڭىز ئۇستىدە پىكىر بىرىپ بىقىڭ .
پىكىرلىشىشى ئارقىلىق كەسىپ تاللاشتىكى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مومكىن .
سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگەرەھمەت،مەن35ياشقا كىردىم،ھازىرغىچەبىرلا كەسىپتەلىكىن شوپۇلۇقنىڭمۇ تۈرى كۆپ،باشتا يۈك ماشىنسى،كىيىنچە تاكسى ،ھازىر ئاپتۇبۇس ھەيدىدىم ھەر قىتىم ئۆزگەرتكەندە كىيىنكى كەسىپ ئۈچۈن سالاھىيەت ھازىرلاش ئۈچۈنمۇ بەلگلىك ۋاقىت كىتىدۇ،سالاھىيەت ھازىرلاپ شۇ كەسىپنىڭ ئىپى -جىپىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىكۋاقىت كىتىدۇ،بەزىدەئازتولا زىيان تارتىشقىمۇ توغرا كىلىدۇ،بۇ مۇقەررەر ئەھۋال،بۇ دىگىنىمشوپۇرلۇق كەسىپىنىڭ ئىچىدىكىتۈر ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كىتىدىغان بەدەل خالاس.
ئەمدى ئۆزى ئۈچۈن ناتونۇش بولغان بىر كەسىپنى قىىلىپتەرەققى قىلىش ئۈچۈن تىخىمۇ زور بەدەل ۋەتىخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇقەررەر ئەھۋال،شۇنىڭ ئۈچۈن كەسىپ ئۆزگەرتكەندە بۇ تەرەپلەرنى ئويلىشىمىز،ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق بولشى كىرەك،بۇنداق قىلمىسىڭىز مەغلۇپ بولسىز،شۇنداقلا ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ سىناپ بىقىشمۇ كىرەك،سىناپ بىقىشقىمۇ جۈرئەت كىرەك،تەۋەككۇلچىلىق روھى كىرەك،مۇئەييەن چىدامچانلىق مۇستەھكەم روھى ساپا كىرەك،بۇ شەرىتلەرنى ھازىرلىماي كەسىپ ئۆزگەرتسىڭىز شاختىن-شاخقا قونغان قۇشقاچتەك ئۈنۈم يوق ئىش قىلغان بولىسىز.
ھەممىدىن موھىمى مەلۇم كەسىپنى قىلىپ روناق تىپىش ئۈچۈن شۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۆزىڭىزدىكى روھ ئىنتايىن موھىم،روھ بەكمۇ موھىم يادرولۇق ئىچكى كۈچ،روھى قىزىقىش بولمىسا سىز ھەرقانچە ئەقىللىق بولسىڭىزمۇ كەسىپتە روناق تىپىشىڭىز ناتايىن،شۇڭا ئادەمدە ھەرقانداق ئىشنى ۋوجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن روھى ساپا ئىنتايىن موھىم،روھىڭىزغەلبىگەئىرشىشكەئىشەنىچكە تولغان بولسىلا،قانداق ئىشنى قىلىڭ غەلبە قىلالايسىز.

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 13:13:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
zubayir007 يوللىغان ۋاقتى  2014-3-7 21:58
سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگەرەھمەت،مەن35ياشقا كىردىم،ھا ...

رەھمەت سىزگە دىگەنلىرڭىز مىىنىڭ ئويلىغانلىرىم بىلەن ئوخشاش چىقتى ، سىز تاكى ھازىرغىچە بىرلا كەسىپنى تاللاپ ئۇنىڭ ئىسسىق -سۇغۇقلىرغا بەرداشلىق بىرىپ ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەي كەپسىز مانا بۇ ھەققى ئوزى قىزىقىدىغان كەسىپ ئۇستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۇرۇشكە تىرىشش ، سىز بۇنىڭدا تىمىدىكى جوبىسنىڭ 4-ۋەسىيتىكى بىشدىن ئوتكەن ھەقىقەتلىرنى سىزمۇ بىشىڭىزدىن ئوتكۇزۇپسىز .
مەيلى قانداق سالاھىيەتتىكى ۋە مەدىنىيەت سەۋيىسىدىكى ئادەم بولۇشىدىن قەتئى نەزەر  ئەڭ موھىم باسقۇچ چوقۇم   كەسىپ تاللاش ، بولۇپمۇ ئوزى ئەڭ قىزقىدىغان ۋە شۇنداقلا تالانتى بار كەسىپنى ئوزىنىڭ بىر ئومۇرلىك ئىزدىنىش ۋە مۇۋاپىقىيەت قازنىش نىشانى قىلىش كىرەككەن بولمىسا ھاياتىدا نەچچە قىتىم كەسىپ ئالماشتۇرۇپ شاختىن-شاخقا قونۇپ بىر ئومۇر بىرەر كەسىپتە كورنەرلىك نەتىجە يارتالماي ئوتۇپ كىتىدىكەن ، ھەتتا بۇنداق شاختىن-شاخقا قونۇش ئۇنىڭ ئىقتىسادى كىرمىگىمۇ تەسىر كورسۇتۇپ تۇرمىشىدا غۇربەتچىلىكتە ئوتۇپ قالىدىكەن ، مەن جەمىيتىمىزدە بۇنداق ئىشلارغا يولۇققانلارنى كوپ ئۇچىراتتىم ، شۇڭا مەن مۇشۇ تىما ئارقىلىق تورداشلارنىڭ كەسىپ تاللاشتا ئىكىلىنىپ قىلىۋاتقانلار بولسا چوقۇم ، چۇڭقۇر ئويلىنىپ ئوزىنىڭ زادى قانداق كەسىپكە ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە تالانتى بارلىقىنى جەزىم قىلىپ ئاندىن شۇ ساھادە ئومۇرلۇك ئىزدىنىش كىرەكلىكىنى بولمىسا ئومرىنىڭ كەسىپ تاللاش بىلەن ئوتۇپ كىتىدىغانلىقى ياكى كوپ يىللىق ئومرىنى ئىسراپ قىلىۋىتىپ ئىقتىسادىدا ياكى تەتقىقاتلىردا ھىچقانداق كورنەرلىك نەتىجىگە ئىرشەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرىتمەكچى بولدۇم .

0

تېما

37

دوست

2906

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24884
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: -5
تۆھپە : 844
توردىكى ۋاقتى: 130
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 13:17:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم بەدەل تۆلىگەنلىكى ئىشتىن پايدا ئالالىشى ناتايىن ، پەقەت مەنپەئەت ئۈستىدىلا باش قاتۇرماي ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ بەدەل تۆلىگەندىلا ، ھامان بىر كۈنى ئەڭ بۈيۈك ئىناۋەت ۋە بايلىققا ئىرشىسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )