- تىزىملاتقان
- 2013-3-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10800
- نادىر
- 13
- يازما
- 472
ئۆسۈش
100%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-6 12:11
ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان گاز سۈيى ئىچكەن ياكى تەركىبىدە تېخىمۇ كۆپ گاز سۈيى بار ئىچىملىكنى ئىچكەنلەرنىڭ %11 ىنىڭ سۈيدۈكىدە ئاقسىلنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، بىراق قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكنى ئىچمىگەن ۋە ھەر كۈنى قەنت تەركىبى بار ئىچىملىكنى تەخمىنەن بىر ئىستاكان ئىچكەنلەرنىڭ سۈيدۈكىدىكى ئاقسىلنى تەكشۈرگەندە، مۇسبىيلىكنىڭ %8.4 ۋە %9 بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.
==================
گۈزەل خانىم،
تېمىڭىزنىڭ نېمىشقا خانىم-قىزلارغىلا چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى تازا چۈشىنەلمىدىم. سىز پايدىلانغان ئەسلى مەنبەنى قوشۇپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئادەتتە ئۆزىڭىز كاللىڭىزدا ئويلاپ ياكى ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەپ چىقارمىغان ئىلمىي بايقاش نەتىجىلىرىنى يوللىغاندا چوقۇم ئەسلى مەنبەنى ئەسكەرتىش ئەقەللىي بىر ئىشتۇر. بولسا ئەسلىدىكى تەتقىقات ماقالىسى ياكى خەۋەر مەنبەسىنى قوشۇپ قويسىڭىز.
يۇقىرىدىكى نەقىل ئېلىنغان جۈملىگە قارىساق، بۇ يەردە گازلىق ئىچىملىك ئىچكەنلەر بىلەن ئىچمىگەنلەر ئارىسىدىكى پەرق ئىنتايىن كىچىككەن ھەم سۈيدۈكتە بىر خىل ئاقسىل مىقدارىنىڭ بايقالغانلىقىغا قاراپلا بۆرەك ئىقتىدارىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تەتقىقاتتا ئەر، ئايال دەپ ئايرىلمىغانلىقى ئۈچۈن سىزنىڭ ماۋزۇدا ئاياللارنىڭ بۆرەك ساغلاملىقنى ئالاھىدە تەكىتلىشىڭىز كىشىنى خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ، شۇڭا بۇ قىلغىنىڭىز ئىلمىي ئىستىلغا خىلاپ.
ئەمەليەتتە گازلىق سۇ ئىچىملىكلىرىنىڭ ئەڭ زىيانلىق تەرىپى كىشىلەردە مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ۋە شۇ ئارقىلىق سېمىزلىكنىڭ يانداشما كېسەللىرىدىن بولغان يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىقلار كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى گازلىق ئىچىملىكلەردە كۆپ مىقداردا قەنىت مىقدارى بار. گازلىق سۇنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنى بىۋاستە ئاجىزلاشتۇرىدىغان تەسىرى ئەزەلدىن ئىسپاتلانمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئېنىق بولمىغان مەسلىلەرنى سىزنىڭ كەسكىن ھالدا ھۆكۈم جۈملە سۈپىتىدە ئىشلىتىشىڭىز توغرا ئەمەس.
http://www.webmd.com/diet/featur ... ealth-risks-debated
ئەلۋەتتە، گازلىق ئىچىملىكلەر زىيانلىق، ئەمما گازلىق ئىچىملىكلەرنىڭ ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاشلا زېيانلىق ئىكەنلىكىنى ۋە سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىقلارنىڭ يۈز بېرىش نېسبىتىنى ئاشۇرىۋىتىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز ۋە مۇشۇ سەۋەبتىن ئىمكانقەدەر گازلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكنى تەشەببۇس قىلساق توغرا بولىدۇ. |
|