قانۇن ئۈگۈنۈش ئادۇكاتنىڭلا ئىشى ئەمەس
بازار ئىگىلىكى ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا پۇل ئىگىلىكى، پۇل تېپىش ئىگىلىكى، بارلىق ئىقتىسادى پائالىيەت پۇلنى، پۇل تېپىشنى مەركەز قىلغان بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىشنى مىسال ئالساق، نېمىدىن پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، نېمىدىن ھەمىدىن بەك پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ دەسلەپتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، قانداق قىلىپ پۇل تاپقىلى بولسا شۇ ئۇسۇلدا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتتە ساختا، سۈپەتسىز مەخسۇلاتلار كۆپىيىپ كەتتى. تىجارەتنى ئېلىپ ئېيتساق، نېمىدىن پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ سېتىلىدۇ، نېمىدىن بەكرەك پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ دەسلەپتە سېتىلىدۇ، قانداق ساتقاندا پۇل تاپقىلى بولسا، شۇ ئۇسۇلدا سېتىش ئەۋج ئالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن جەمئىيەتتە ئالدامچىلىق ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ بازار ئىگىلىكىنىڭ خاتا يولغا ماڭغانلىقى، بازارلاشتۇرۇشنىڭ خاتا بولغانلىقى ئەمەس، بازار ئىگىلىكىنىڭ سەلبىي خىسلىتى ۋە ماھىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۆز ماھىيىتى بويىچە مېڭىشقا يول قويغاندا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنداقتا، بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇشۇنداق ماھىيەت بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلىشىگە يول قويۇش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە بولمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا بازار ئىگىلىكى نابۇت بولىدۇ. بۇ چاغدا چوقۇم ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا چىقىپ بازارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى، قانۇن ئوتتۇرىغا چىقىپ بازارنى قېلىپلاشتۇرۇشى، ئەخلاق ئوتتۇرىغا چىقىپ بازاردىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى چەكلىشى كېرەك. بۇ ئۈچى ئۆزئارا ماسلىشىپ بىرلەشكەندىلا، بازار ئىگىلىكىنىڭ خاتا يولغا مېڭىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت، قانۇن ۋە ئەخلاقنىڭ بازارلىشىپ كېتىشى، بازارلاشقان ھۆكۈمەت، بازارلاشقان قانۇن ۋە بازارلاشقان ئەخلاققا ئايلىنىپ، پۇل تېپىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشتىن ساقلىنىش، ھەر بىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشىغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۈچىنىڭ بازار ئىگىلىكىگە ئەگىشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىشى ھاجەتسىز، يەنى بازار ئىگىلىكى بىلەن تەڭلا پۇل تېپىشنى مەركەر قىلماسلىقى، ئەكىسچە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ بازارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش، بازارنى قېلىپلاشتۇرۇش، بازارنى چەكلەشتە پىلانلىق ئىگىلىك مەزگىلىدىكىدىنمۇ بەكرەك ئۈنۈم يارتىشى كېرەك. يۇقىرىقى ئۈچى ئىچىدە ھۆكۈمەت ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ھۆكۈمەت دېگەنلىك ھوقۇق دېگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە، قانۇنمۇ ئەڭ مۇھىم، ھۆكۈمەتنىڭ بازارنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ ـ باشقۇرالماسلىقى، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۆلىنىشى، غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. مەسىلە دەل مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قىسمەن ھۆكۈمەت ۋە ئەمەلدارلار، قىسمەن ھوقۇقدارلار بازارلىشىپ كەتتى. مەنپەئەت ئۈچۈن مەنبەئەت يەتكۈزگۈچىگە باش پاناھ بولدى، ساختا، سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا كىرىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشىغا يېشىل چىراغ چىقىرىپ بەردى. بۇ خىل ئەھۋاللارنى كۆپ ئاڭلىدۇق ھەم كۆپ كۆردۇق. ئادىلسىزلىق نەدىن چىقىدۇ ؟ دەل بەزى كىشىلەرنىڭ قانۇن بىلمەسلىكى بىلەن ئۆز ھوقوق -مەنپەتىنى قوغدىيالمىغانلىقى ، كادىرلارنىڭ تولۇق بىلمەي پارىخورلۇققا مېڭىپ قېلىشى ، شۇنىڭ بىلەن ھەرخىل ناھەقچىلىكلەرنىڭ يامرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن كىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانۇن ئۈگۈنۈش ،ئادۇكاتنىڭلا ئىشى ئەمەس پۇقرا ۋە كادىرلارنىڭ ئۈگۈنۈشى ئىنتايىن زۆرۈر .شۇندىلا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ پاكلىقى ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ . |