قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4472|ئىنكاس: 13

كامرانبەگ :ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر گېنېرال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

0

دوست

812

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25382
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 248
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 18:41:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر گېنېرال

زېڭ كۈن

                                                             كامرانبەگ يوللانمىسى
   
-يولداشلا، جاپا چەكتىڭلار!
    -خەلىق ئۈچۈن !
    ...جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ ،سۆزنىڭ ئاخىرى داۋاملاشمايدۇ،نېمىدەپ تۈمەنلىگەن ئەسكەرلەرگە قوماندانلىق قىلىپ كېلىۋاتقان گېنېرالنىڭ نېمىدەپ ھېچ ئىش كۆرمىگەن نەچچە ئون جەڭچىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ؟ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ،گېنىرالنىڭ كۆززىدىن يالتىراق نۇر چاقناۋۋاتقاندەك قىلاتتى ،ئۇ بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك گەپ قىلالمايۋاتاتتى .
    بۇنداق پەيىتتە كىممۇ ھاياجانلانماي تۇرالىسۇن؟
    ئۆڭى قارىداپ ،چېھرىنى داغ ئىزلىرى قاپلاپ كەتكەن جەڭچىلەر مەشىق مەيدانىدا گويا گىگانىت ئادەمدەك تۈپتۈز سەپ بولۇپ تۇرىشاتتى .ئۇلار ھالاكەت گىردابى دەپ نام ئالغان شېنشىيەنۋەن قاراۋۇلخانىسىدىن يېڭىلا ئاملىشىپ كەلگەنىدى .بەزىلەر:شېنشىيەنۋەنگە چىقالىغان كىشى قەھرىمان ئاتىلىدۇ دېيىشىدۇ.چىرايىدىن بالىلىقى چىقىپ تۇرغان بۇ ياش ئوفىتسىر-جەڭچىلەر قارا قۇررۇم تېغىدىكى دېڭىز يۈزىدىن بەشمىڭ مېتىر يۇقىرى بولغان قارلىق تاقىر چوققىلارنى يىل بويى ساقلايدۇ،كىلاروت يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن تويغۇچە ئوزۇقلىنالمايدۇ،قىش ياز پاختىلىق كىيىم كىيىپ يۈرىدۇ ،ئۇنداقتا بۇ ئەسكەرلەرنى نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟
     ئاشۇ مېنۇتلاردا ئۇزاقتىن بېرى ناچار مۇھىت ئىچىدە جەبرى –جاپا تارىتقان بۇ ئوفىتسىر جەڭچىلەر بار كۈچى بىلەن ئۆزىدىكى ھارغىنلىقنى يوشۇرۇپ ،روھلۇق تىتىك يۈرۈشكە تىرىشاتتى ،ئۇلار ئۆزىدىكى ھارغىنلىقنى يوشۇرۇشقا قانچە تىرىشقانسېرى ،ئۇلارغا قاراپ ئادەمنىڭ كۆڭلى شۇنچە ئىزىلەتتى .
گېنىرالنىڭ ئېغىزىغا يەنىلا گەپكە كەلمەيۋاتاتتى ،ئۇخۇددى بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك ،جەڭچىلەرگە تىكىلىپ تۇراتتى .
     ئۇ شۇ تاپتا نېمىنى ئويلاۋاتقاندۇ ؟ئۇ ئېھتىمال بۇ نېمىدېگەن ئوبدان جەڭچىلەر ،بۇ ياش جەڭچىلەر ئۆز دىمەتلىكلىرى قىياس قىلالمايدىغان جەبرى-جاپالارغا چىداپ، نى-نى ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقتى .ئۇ كۈنلەدە جاپا تارتىۋاتقانلار جاپاغا غىڭ قىلمايدۇ ، ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدۇ.راھەت ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلار بولسا ھەممە يەرلەردە زارلاپلا يۈرىدۇ .ئۆزىنى بىلىمدە كامالەتكە يەتتىم دەپ قارايدىغانلانى بۇ يەرگە ئەكىلىپ ،ئۆزىنى تەغدىم قىلىش روھىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇلارغا ئوبدان كۆرسىتىپ قويۇش كېرەك .كىملەر دەۋرىمىزنىڭ قەھرىمانلىرى ؟قەھرىمان دېگەن مەن دەپ ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ دېگەنلەرنى ئويلاۋاتسا كېرەك .
     ئۇ ئېھتىمال مەن قاراقۇرۇم تېغىغا ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم چىققان .قارا قۇرۇم تېغى ھاياتلىقتىكى تىلسىمات رايون  ،ئالدىمدىكى ياش ئەزمەتلەر بۇ تىلسىمات رايوندا تۇرۇپ چىگرانى قوغدايدۇ .،مەن مۇشۇنداق جەڭچىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن ،بۇلاردىن تەربىيە ئالىمەن ،ئىلھام ئالىمەن دېگەنلەنى ئويلاۋاتقاندۇ.
     ياق ،ئېھتىمال گېنىرال ھېچنىمىنى ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن ،ئەمما ئۇنىڭ تىلى تېخىچە گەپكە كەلمەيۋاتاتتى .
بۇخىل جىمجىتلىق شۇتەرەقىدە بىرمىنۇتتىن كۆپىرەك ھۆكۈم سۈرىدۇ .
     ئاخىرى گېنېرال سۆزىنى داۋام قىلىدۇ ؛
     بۇگۇن بىز بۇيەرگە ھەرقايسىڭلانى يوللاش ئۈچۈنلا كەلدۇق .يولداشلار سىلەر پارتىيە ئۈچۈن ،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتتىڭلار
مەن شىنجاڭ ھەربىي رايون ئورگىنىدىكى بارلىق يولداشلار نامىدىن  سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن !
     ئالقىش ياڭرايدۇ ھاياجانغا تولغان ئالقىش ساداسىي ياڭرايدۇ .
     ئەرلەرنىڭ كۆزىدىن ئاسانلىقچە ياش چىقمايدۇ دېگەن گەپ بىكارغا ئېيتىلمىغان .ئەمما جاسارەتلىك گېنىراللار بۈگۈن نەېمە بولدى ؟بۇھېسىياتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان گېنىرال زادى كىم ؟
     ئولاتايوۋ  دېگەن بۇ ئىسىم ئاڭلاشقا روسلارنىڭ ئىسمىغا ئوخشاپراق كېتىدۇ ،ئەمما بۇ كىشى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر .ئۇنىڭ ئاتا بوۋىلىرى ئۇزاقتىن بۇيان قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بىر زامانلاردا تازا گۈللەنگەن ئىدىقۇت شەھىرىدە تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن .ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ،جىمىي ئۇرۇق تۇققانلىرى ۋە دوسىت-بۇرادەرلىرى تابۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېلىھەم تۇرپاننىڭ يېزىسىدا ياشاپ كەلمەكتە .
     ئۇنىڭ تاغا بوۋىلىرى يىل بويى يەرگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىىدىغان دېھقانلار ئىدى .ئاتىسى ئابۇلاتا ياشىغان دەۋېرلەردە گۆھەر جاي ئاتىلىدىغان
يېزىسى ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈش بەدىلىگە ھال كۈنىنى ياخشىلاش پۇرسىتى بېرىدۇ ،ئاتىسى پاختا زاۋۇتىدا ئىشلەيدۇ ،مەلۇم بىر كۈنى ،كۈتۈلمىگەندە پاختاچىقىرىش ماشىنىسىنىڭ چىشى ئابۇلاتانىڭ بىلىكىنى تىلىۋىتىدۇ ،ئابۇلاتا ئاغرىق ئازابىدا تۈزۈكرەك ئارام ئالالمايدۇ ،ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ تاماقمۇ يىيەلمەيدۇ .شۇ يۇرۇتتىكى يەتتە سەككىز ئائىلىلىك خەنزۇ قېرىنداش ئابۇلاتانىڭ ئائىلىدىكىلىرى بىلەن قويوق باردى كەلدى مۇناسىۋەتتە ئىدى .بۇ خەنزۇ قېرىنداشلار ئۇنىڭ بىلىكنىڭ يارلانغىنىنى ئۇقۇپ ،كەينى –كەينىدىن كېلىپ ھال ئەھۋال سورايدۇ ھەم غەمخورلۇق قىلىدۇ .تىبابەتچىلىكتىن خەۋىرى بارلار باشقىلارغا ئۇقتۇرماي ئەپيون گۈلى ۋە جۇڭيى دورىسى تېپىپ كېلىپ ،ئۇنىڭ بىلىكىگە سۈرۈپ قويىدۇ ،بۇ چارە ئۇنىڭغا كۆپ شىپالىق بېرىدۇ –ئاغرىق شىپپىدە توختايدۇ.ۋاپاغا ۋاپا قايترۇرۇش ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ .
    ھالبۇكى ئابۇلاتا بۇ خىل ئېسىل ئەخلاقنى يىتىلدۈرگەن بولغاچقا ،خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ  بۇ ئىشىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ .1931-يىلى ،تۇرپان دېھقانلىرى ئەينى ۋاقىتتا مۇستەبىتلىككە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ ،ئەپسۇسلىنارلىقى توغرا باشلامچى بولىغانلىقتىن ،بۇ قوزغىلاڭ ياخشى يامانلىقنى ئارلاشتۇرۋېلىشتىن  خالى بولالمايدۇ.بىر مەھەل قوزغىلاڭچى دېھقانلار خەنزۇلارنى تۇتۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتەك تەتۈر ئېقىم پەيدا بولىدۇ .
    دەل مۇشۇنداق پەيىتتە ،ئابۇلاتا ئادالەت يولىنى تۇتۇپ ،يۇرۇتتىكى خەنزۇ قېرىنداشلانى ئۆيىگە يوشۇرۇپ قويىدۇ ۋە ئۆزى قوغداپ دېخۇا شەھىرىگە ئاپىرىپ قويىدۇ .
    ئۇ ھەربىر دەقىقە خەۋىپكە دۇچار بولۇپ تۇرسىمۇ ،ئەمما خەۋىپكە پىسەنىت قىلمايدۇ.
    ھەرمىللەت خەلقىدە شەكىللەنگەن خۇشاللىقتىمۇ ،قايغۇدىمۇ بىللە بولۇشتەك جان جىگەر دوسىتلۇق جۇشقۇنلۇق ھاياتنىڭ مۇھىم ئامىلى سۈپىتىدە ،بالىلىق دەۋىرىدە تۇرۇۋاتقان ئولاتايوۋنىڭ جىسمىدىن ئورۇن ئالىدۇ . بۇ جەھەتتە تۆھپە يارىتىش ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلىدۇ.
    مۇشۇ ئەسىرنىڭ 40-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ،ئەمدىلا يىگىرمە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئولاتايوۋ ئۆز يۇرتىدىكى جامائەتنىڭ قارىسىنى ئالغان ئۇقۇمۇشلۇق ياشلاردىن بولۇپ يىتىشىدۇ .ئۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.ئەمما ئۇنىڭغا بۇنداق ھۆرمەت پەقەت يۇرىتداشلادىنلام كېلەتتى .ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن بولغان ئولاتايوۋ ئوخشاشلا ئەينى ۋاقىتتىكى زۇلمەتلىك دەۋىرنىڭ ئازاپ ئوقۇبەتلىرىگە دۇچار بولىدۇ،ئۇنىڭ بۇنداق زۇلمەتلىك دەۋىر بىلەن ئېلىشقۇسى كېلىدۇ –يۇ،ئەمما بۇ خىل كۈچكە قادىر بولالمايدۇ؛ئۇنىڭ بۇنداق زۇلمەتلىك جەمىيەت ئۈستىدىن چۇقان كۆتۈرگۈسى كېلىدۇ-يۇ ،ئەمما ئۈنى يەتمەيدۇ،«كەڭ كائىنات –ئاسمان قەھرى ،چەكسىز زىمىن يەرنىڭ تەھتى ،قالماپتۇ ئۇ ھېچ بارمىغان ،تاپالماپتۇ خۇدا ھەققى »دېگەندەك ئىش بولىدۇ.
     دەۋىر ئۇنىڭغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ .
     1947-يىلى ،پۈتۈن مەملىكەتتە ئازادلىقنىڭ ھەيۋەتلىك زەمبىرەك ساداسى ياڭرايدۇ ،تۇرپان دېھقانلىرى بۇنىڭ ئىلھامى بىلەن يەنە بىر قېتىم قوزغىلااڭ كۆتۈرىدۇ ،بۇچاغدا بىرخىل پارلاق نۇر ۋە ھەيۋەتلىك كۈچ يولداش ئولاتايوۋنىڭ جىسمىدا ئەكىس ئېتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالدى كەينىگە قارىماستىن ئىنقىلاپ دولقۇنى ئىچىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ .
شۇ كۈنىدىن باشلاپ تاھازىرغىچە ئۇ ھەربىي تۇرمۇشى ئارىسىدا ياشاپ كېلىۋاتاتتى .
     1951-يىلى ئۇ تۈەننىڭ سىياسىي كومىتسارلىقىغا تەيىنلىنىپ ،ئارمىيىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر سىياسىي  كومىتسارلاردىن بولۇپ قالىدۇ .ئەمىلا 29ياشقا كىرگەن يىلىدىلا ،شىنجاڭ ھەربىي رايون تەشۋىقات بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆسىتۈرلىدۇ ،ئۇنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىدۇ ،ئەمما ئۇنى ھەرگىز ئاساندىن چۈشكەن تەلەي دىيىشكە بولمايدۇ.
     ئۇ بۇ قېتىم شېنشىيەنۋەننى ساقلاۋاتقان ئەزىمەتلەرنى يوقلاش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ قەشقەر يەكەنلەردە توختىغان مەزگىللەردە ،كوچىلاردا ئامما بىلەن ئۇچراشقان چاغلاردا ،يىغىنلاردا ھەر مىللەت كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ۋە تاماق ئۈستىدە ۋە قورولارنى ئارلاپ يۈرگەندە ،ھەر مىللەت ئاكا-ئۇكا ،ئاچا سىڭىللار ئۇنىڭغا غايەت زور ئىززەت -ھۆرمىتى بىلدۈرىدۇۋە قىزغىنلىقىنى بىلدۈرىدۇ،بۇخىل مەنزىرىدىن تەسىرلەنگەن بۇ پىشقەدەم گېنىرال بىر نەچچە رەت ئۆزىنى تۇتۇۋالامماي يىغلىۋىتىشكە تاسلام قالىدۇ.
ھەرمىللەت خەلقى ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمىگەنىدى .
كىشىلەرنىڭ كاللىسى تولىمۇ زىللىشىپ كەتكەن ،كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولغان چاغلار بولغان .ئۇ كۈنلەردە،شىنجاڭدىكى خەنزۇ كادىرلار ۋە خەنزۇ ئاممىسى گويا ئەتە ئۆگۈن قاتتىق يەر تەۋرەيدىغاندەك ،كەينى كەينىدىن ئائىلە ،بالا چاقىلىرىنى ئېلىپ شەرىققە كۆچۈشكە باشلايدۇ. ئازسانلىق مىللەت ۋە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بولسا بۇ خىل ھالەتتىن قاتتىق قايغۇرىدۇ ،ئۇلارنىڭ تۈرىكى ئوت بولۇپ كۆيىدۇ ،ئۆز قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ يېتىمسىراپ قالغانلىقىنى بىلگەن بۇ خەلىقنىڭ كۆڭلى بۆلەكچىلام يېرىم بولىدۇ .ئۇلار زىممىسىگە قاتتىق تاش ئارتىپ قويۇلغاندەك ،بۇرۇختۇمچىلىق ئىچىگە چۆكۈپ كېتىدۇ .كىشىلەر كۆز ئالدىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى ناھايىتى سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزىتىدۇ،ئەمما كۆڭلىدىكىنى بىر-بىرىگە ئېيتالمايدۇ،مىللەتلەر ئارىسىدىكى بەزىبىر يوچۇقلارنىڭ بارلىقىنى ھېچكىم ئېتراپ قىلىشنى خالىمايدۇ.بىراق بىر كىچىككىنە قاتناش ۋەقەسى ئېغىر مىللى ئىختىلاپنىڭ كېلىشىگە سەۋەپچى بولىدۇ .
شۇ كۈنلەردە ئولاتايوۋ بۇ مەسىلىلىلەر ئۈستىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ.ئۇ پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ ،ئۇزاقتىن بېرى ئارمىيەدە سىيەسىي ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەپ كەلگەن بولغاچقا ،مەسىلىنىڭ ئىدىيىۋى ماھىيىتىنى ئىجتىمائى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىزدەشتەكبىرخىل تەپەككۈر ئۇسۇلىنى ئۆزلەشتۈرۋاغانىدى .بۇ مەسىلىدە ئۇ :قايسى بىر مىللەت باشقا مىللەتنى ئارىسىغا پاتۇرمىسا ،ئۇنداق مىللەتتىن ئۈمۈت كۈتكىلى بولمايدۇ .شىنجاڭ قەدىمدىن بۇيان كۆپ مىللەت ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن رايون ئۇزاق ۋاقىتلىق تەرەققىيات جەريانىدا ،ھەر قايسى مىللەتلەر بىر -بىرىگە تايىنىش ،ئۆز ئارا ئۈگىنىش ،ئۆز ئارار ياردەم بېرىش ،بىر بىرىنى ئەينەك قىلىش ،بىر بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز مىللىتىنىڭ يىتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشتەك قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان ،دېگەندەك مۇشۇ بىر پىكىر يولنى چىڭ ئىگىلەيدۇ .
داۋامى ئىنكاس ئارقىلىق يوللىنىدۇ.
مەنبە:ئەدەبىي تەرجىمىلەر

0

تېما

6

دوست

1450

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 556
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 20:36:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر گىنىرال دىسە ھاياجانلىنىپ ئوقۇپ چىقتىم . ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كىلىدىكەن ،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

4035

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   67.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1218
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-5 22:13:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى بۇ ئۇچ گىنرال  ؟ ئۇچ گىنىرال دىسە زاھىر سادانۇف ،مۇھەممەت ئىمنۇف،يەنە بىرسى كىمۇ دەپتىمەن  ئۇچلىسنى تەيەر قىلىۋىلىپ بىر  بىرلا يازماي

1

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21759
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 698
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 12:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dolanogli يوللىغان ۋاقتى  2014-3-5 22:13

سوپاخۇن ساۋۇروف.

0

تېما

0

دوست

510

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25312
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 14
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 12:48:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يېقىندا مەلۇم بىر يازغۇچىمىزنىڭ  ‹‹ئۇيغۇرلاردا 100 گىنىرال›› دېگەن كىتاۋى نەشىردىن چىقىش ئالدىداكەن.

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 15:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ  خۇش  بوپتىمەن  ئۇيغۇر  گىنرال  دىسە   ....

44

تېما

2

دوست

7753

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   55.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1999
توردىكى ۋاقتى: 496
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 17:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەەەە، مەنمۇ تەپپپپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.

2

تېما

69

دوست

6671

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   33.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2004
توردىكى ۋاقتى: 437
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 20:21:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىشىنى ئازراقلا ئوقۇپ ئوقۇغۇم كەلمىدى بۇ تىمىنى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )