داڭلىق شەخىسلەرنىڭ قىزىقارلىق پاراڭلىرى
كامرانبەگ يوللانمىسى
ياخشى نىيەتلىك يالغان گەپ
ئامرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كات زۇڭتۇڭ رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان چاغدا ،قۇسرۇق تېپىشقا ئۇستا بىر ئايال مۇخبىر كاتنىڭ تەرسا مىجەزلىك ئانىسىنى زىيارەت قىلىپ بېرىپتۇ ،
ئايال مۇخبىر : -ئوغلىڭىز ،مۇبادا يالغان گەپ قىلىدىغان بولسام ،ئەل جامائەت ماڭا ئاۋاز بەرمىسۇن ،دېدى،سىز كات ئەزەلدىن يالغان سۆزلەپ باقمىغان دېيەلەمسىز ؟-دەپ سوراپتۇ. كاتنىڭ ئانىسى : -ئوغلۇم يالغان گەپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن ،بىراق ئۇنىڭ قىلغانلىرى ياخشى نىيەتلىك يالغان گەپ ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.- ياخشى نىيەتلىك يالغان گەپ دېگەن نېمە ؟ -بىر قانچە مىنۇت ئالدىدا ،بوسۇغامدىن ئاتلاپ كىرگىنىڭىزدە ،سىز ئىنتايىن گۈزەل ئىكەنسىز ،سىز بىلەن كۆرۈشكەندە ناھايىتى خۇرسەنمەن دىگىنىم ئېسىڭىزدىمۇ؟ بالىلار پويىز بىلىتى
ئامرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى مارىك تىۋىن پايىتەخىتتىكى بىر ئالى مەكتەپكە بېرىپ دەرىس ئۆتۈش ئۈچۈن پويىزغا ئولتۇرۇپتۇ،ئۇ ئىنتايىن ئالدىراپتۇ ،بىراق پويىز ناھايىتى ئاستا مېڭىپتۇ.
شۇ ئەسنادا بىلەت تەكشۈرگۈچى كېلىپ مارىك تېۋىندىن : -بېلىتىڭىز بارمۇ؟-دەپ سوراپتۇ،مارىك تېۋىن ئۇنىڭغا بالىلار پويىز بىلىتىدىن بىرنى بېرىپتۇ.بىلەت تەكشۈرگۈچى ئۇنىڭغا بىر قۇر زەن سېلىپ چىققاندىن كېيىن :تازا قىززىق ئىشتە ،مەن سىزنىڭ يىلىھەم بالا ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىيالمىدىمغۇ ! –دەپتۇ. -مەن ھازىر بالا ئەمەسمەن ،بىراق پويىز بىلىتى ئالغان ۋاقىتتا تېخى بالا ئىدىم ،بىلىشىڭلار كېرەككى پويىزىڭلار بەكمۇ ئاستا ماڭىدىكەن ،-دەپ خاۋاپ بېرىپتۇ. بىرلا سوئالغا جاۋاپ بېرىش
لىنكولىن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ،بىر كۈنى مۇئەللىم ئۇنىڭدىن :-بىرلا قىيىن سوئالغا جاۋاپ بېرەمسەن ياكى ئاسان سوئالدىن ئىككىسىگە جاۋاپ بېرەمسەن ؟-دەپ سوراپتۇ.
-بىرلا قىيىن سوئالغا جاۋاپ بېرەي –دەپتۇ لېنكولىن ئىشەنىچ بىلەن –ئەمسە جاۋاپ بەرگىن ،تۇخۇم نەدىن كېلىدۇ ؟
-مېكيان تۇغىدۇ. -ئۇنداقتا مىكيان نەدىن كېلىدۇ؟ -مۇئەللىم بۇ ئىككىنچى سوئال بولۇپ قالدى. ئوموملاشقان مۇزىكا
بىر كۈنى گىرىتسىن تەكلىپكە بىنائەن بىر ئائىلىگە زىيارەتكە قاتنىشىپتۇ.زىياپەتتە يانفۇندا قويۇلغان قالايمىقان مۇزىكىلار گىرىتسىننى تولىمۇ بىزار قىلىۋىتىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇلۇقىنى ئىتىۋاپتۇ .
ساىپخان ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ : ئەپەندىم ،بۇ مۇزىكىلارنى نىمىدەپ ياخشى كۆرمەيسىز ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوموملاشقان مۇزىكىلارغۇ،-دەپتۇ. -مۇبادا ئوموملاشقانلارنىڭ ھەممىسى ياخشى نەرسىلەر بولسا ئۇ ھالدا يۇقۇملۇق زۇكاممۇ قارشى ئېلىنىشى كېرەكمۇ ؟-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
قۇلاق كەستى ھارامزەدىگە بېرىلگەن تەزىيە سۆزى
مەلۇم بىر كىچىك شەھەردە ،بىراۋ ئۆلۈپ كەتسە ،ئۇنىڭغا سۆزلەيدىغان تەزىيە سۆزى چىقمىسا ،ئۇنى دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلمايدىغان بىر ئادەت بار ئىكەن ،تەزىيە سۆزى سۆزلىگەندە ،ئۆلگۈچىنىڭ ياخشى سۆزىنى بىر قەدەر ئاشۇرۇپراق دىيىشكە توغرا كېلىدىكەن .
بىر كۈنى بىر قۇلاق كەستى ھارامزادە ئۆلۈپ كېتىپتۇ.ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشقا ئادەم چىقمىغاچقا ،ئۇنىڭ جەسىتى كۆمۈلمەي ئىككى سوتكا تۇرۇپ قاپتۇ.ئۈچۈنچى كۈنى بولغاندا بىر ھارۋىكەش ئۇنىڭغا تەزىيە سۆزى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ .ھارۋىكەش تۇپراق بېشىدا تۇرۇپ: -خانىملار ،ئەپەندىلەر !ئۆلگۈچىنىڭ يانچۇقى ،ئالدامچى،ھاراقكەش بىر نېمەى ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ،ئەمما ،ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ،راستىنلا تەقۋادار جاناپ دىيىشكە بولىدۇ!-دەپتۇ .
سەمىمىي نەسىھەتنىڭ باھاسى
بىر نەچچەيلەن قەھۋەخانا شىرەسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ قەھۋە ئىشكەش :دۇنيادا نېمە ئەڭ قىممەتلىك ،نېمە ئەڭ قىممەتسىز؟دېگەن مەسىلىنى تالاش- تارتىش قىلىشىپتۇ .
ياش بىرەيلەن يېنىدا ئولتۇرغان بوۋايغا : -ئەپەندىم ،سىز تېخى پىكىر قىلمىدىڭىزغۇ ! دۇنيادا نېمە ئەڭ قىممەتلىك ؟-دەپتۇ -سەمىمىي نەسىھەت –دەپتۇ بوۋاي. -ئۇنداقتا نېمە ئەڭ قىممەتسىز ؟ -سەمىمىي نەسىھەت .ئولتۇرغانلا قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كېتىپتۇ . -سىلەر ئۇنداق ئەمەس دەپ قارامسىلەر ؟‹نەسىھەت› باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنسا بىباھا گۆھەرنىڭ ئۆزىدۇر .مۇبادا باشقىلار تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنمىسا ،بىر تىيىنگە ئەرزىمەستۇر ،دەپتۇ بوۋاي .
مەنبە:ئەدەبىي تەرجىمىلەر |