مەندە گۇناھ يوق
(ئابابەكرى ئىمىر)
ھازىر كوچىغا چىقىپ بازار ئايلىنىپ باقساق نۇرغۇن ھايانكەشلەر ھەرخىل ۋاستىلەر ئارقىلىق كۆك يۈزلۈك يالغان ئوغرى نۇسخا پلاستىنكىلارنى سېتىۋاتىدۇ ، بەزىلەر تەپ تارتماستىن يوۇكۇ ،56قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى ۋىدېئو بېكەتلىرىدىن چۈشۈرۈۋالغان سۈرەتلىك ۋىدېئولاردا ناھايىتى روشەن ھالدا 56،يۇكۇ دەپ خەتلەر تۇرسىمۇ پلاستىنكىنىڭ ئەرزانلىقى ،«يېڭىدىن توردىن چۈشۈرۈلگەنلىكى»گە قىزىقىپ كېتىپ سېتىۋېلىۋاتىدۇ،بۇمۇ مۇھىم بىرسەۋەب، بۇ گەرچە كونا تېما بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،پروزا سەنئىتى نۇقتىسىدىن بۇ ئەسەرنى يازدىم ،كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى،ئەمدى شۇ ئوغرى پلاستىنكىلارنى دەپ سەنئەتكارلىرىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سامسۇڭ DVD ئويغۇچ ئاپپاراتىنىڭ ئىچى شۇنداق قاپقاراڭغۇ ئىدىكى،ئۆزۈمنى گۆرگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ كۈچلۈك پىرقىرىشىدىن مەنمۇ تەڭ پىرقىراشقا باشلىدىم،چەمبىرەك شەكىللىك كۆرۈنمەس ماگنىت ئاراشلىرىمغا تۇيۇقسىز،ئاپپاراتنىڭ كۈچلۈك ئويدۇرغۇنۇرلىرى سىڭىپ كەلدى،بۇنۇرلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۈرەت ،ئاۋازلار مېنىڭ كۆزۈمنى چەكچەيتىپ قۇلاقلىرىمنى غىژىلداتتى. بىردەمدىن كېيىن پىرقىراش سۈرئىتىم ئاستىلاپ،ئاخىرىدا توختاپ قالدىم.بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بىربۇيرۇق بىلەن كومپيۇتېر ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچىسىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ ماڭايورۇقلۇق بېرىلدى.... ئاھ،سىرتقى دۇنيا نېمىدىگەن كۆركەم،ئاۋۇ نېمىدۇر،ئۈستىدە بىر يايلاقنىڭ كۆك ئاسماننىڭ رەڭگى بارئىكەن،ھە ئەمدى بىلدىم ئۇ ئىنسانلار ياسىغان ئېكران بولۇشى مۇمكىن،تۇيۇقسىز ئىككى تەرەپكە قويۇلغان كانايغا قارىدىم،،،‹‹دۆڭ››قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئېكرانداقىزىل ئېكس Xپەيدا بولدى،ئۇنىڭدا يېزىلغىنى بولسا‹‹دىسكا سىغىمى يېتەرلىك ئەمەس،117سى غەلىبىلىك بولدى،3ى مەغلۇپ بولدى››دېگەن خەتلەر ئىدى. __ھەي ئاداش NERO دا ئويساڭ بوممامدۇ،قاراپ باقە ما دەيگە،قاراپ ئۇخمامسە ئۇنى ئا كۆپكۆك تۇغان يەگە ئويۇلۇپ بوپتۇ،يەنە بى پاتمان بوش يەگە 3 تال سۈرەتلىك ناخشا پاتىدۇ،DVD غا ساساڭ 120دەپ چىقسىلا بولدى.. __ئۈستىگىغۇ ئەلى كىرورەن بىلەن ئابلاجاننىڭ بارلىق ناخشىلىرى دەپ يازدۇق،لىكىن ئابلاجاننىڭ ھەممە ناخشىسىنى قوشۇپ 30غا يېقىن بولدى ،ھېلىقى ئۇزۇن چاچنىڭكىدىنمۇ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئويدۇم،ئاران ئەللىك تال بولدى ئاداش ،ئۇنى ئىككى ھۆججەت قىلىپ ئويدۇم،باشقا ناخشىنى ئاخىرىغا تىزىپ شۇ ئاران 117بولدى،ئۈچىنى نەدىن تاپارمەن دەيمەن؟ ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدىم،ئەمما چۈشىنەلمىدىم،(چۈنكى مەن يارىلىشىمدىنلا خەت تونۇيدىغان،ئەمما چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ يارىتىلغانمەن) مېنىڭ ئىنسان تىلىنى چۈشىنشىشكە قۇربىم يەتمەيدۇ،ھەم قۇربىم يەتسىمۇ ئۇلارنى چۈشەنگۈم يوق،چۈنكى ئەخلاقى كىرلىشىپ كەتكەن ئىنسان بولۇپ ياشىغىنىمدىن جانسىز دىسكا بولۇپ تۆرەلگىنىمگە خۇشالمەن... ئۇئىككىيلەن مېنى كلونلاشقا باشلىدى،ئەتراپىمدا ماڭا شەكلى،يۈزى ئوخشاش بولغان نەچچەمىڭ دىسكىلار كلونلاندى،ئۇلار مېنى تونۇمايتتى،بەلكىم مېنى تونۇشنى خالىمايدىغاندۇ. ئەتىسى ئۇلار مېنى ۋەمېنىڭ باشقا دىسكا قېرىنداشلىرىمنى 4يەشىككە قاچىلاپ قەيەرگىدۇرئېلىپ مېڭىشتى،ماشىنا توختىغاندا ئۇلار ماشىنا ئارقا ساندۇقىدىن مېنى ئاستا ئاۋايلاپ ئېلىپ ،مەن ۋە باشقا كلونداشلاربىلەن بىرلىكتە يۈزۈمگە يۇمىلاق كېسىلگەن رەسىم چاپلاندى،بىرئاز بىئارام بولغان بولساممۇ،يۈزۈمنى تارتىشتۇرغان بۇنەرسىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە سىنچىلاپ قارىدىم،يۈزۈمگە چاپلانغان بۇ رەسىم ئۈستىدە بىرى ئۇزۇن قىرقىم چاچ ئەركىشى،يەنەبىرى قىسقا چاچ ئورۇق يىگىتنىڭ زامانىۋىي كىيىنگەن سۈرىتى بولۇپ ئوتتۇرىسىغا ئۇيغۇرچە‹‹ئەلى كرورەن ۋە ئابلاجاننىڭ ئەڭ يېڭى بارلىق ناخشىلىرى 120›› دەپ يېزىلغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە 120 بىلەن بارلىق دېگەن ئىككى خەت چوڭ پارتلاش شەكلىدە يېزىلغان بولۇپ،نېمە ئۈچۈن شۇنداق يېزىلغىنىنى بىلمىدىم. __ئاكا،قانداق ئەھۋالىڭىز،ئاممىسىڭىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭە،120تال ناخشا با،سىلەدەك ياش باللا ئاڭلايدىغان ناخشا،ئۈچىنى ئون كويغا بېرىمەن... __DVDغاسېپ باقە ئەمىسە بى كۈرۈپ باقاي__دېدى چېچىنى تىك ئاسمانغا قارىتىپ ياسىتىۋالغان يىگىت. __DVD بۇزۇلۇپ قېپتىكەن،ئەمما زە ئاكا قەتتى چىقىدىغان دەي ئاۋۇ، يىگىت بىرھازا يۈزۈمنى سىلاپ تاتىلاپ باقتى دە سويۇلۇپ چىقىۋاتقان تېرەمنى جايىغا تۈكۈرۈكىدە ھىمدەپ قويدى،بۇ ۋاقىتتا ئۇ بىردىنلا تېتىكلىشىپ تۇيۇقسىز:ھە ئەكىلە ئۇكام ئاسام ئالاي جابەنزە(ئوغرى نۇسخا)بوسىمۇ بوپتۇ...ئايالىم ئامراقتى بوممىسا..._دەپ قوشۇپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سومكىسىدا ئورۇنلىشىۋالدىم،بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە بىز ئولتۇرغان ئۈچ چاقلىق موتسىكلىت ئاددىي كوناپېشايۋانلىق بىر ئۆينىڭ ئالدىدا توختىدى... __ھەرقانداقDVD ئوقۇيدۇ دەپ كەتكەن ،ھەجەپ چىققىلى ئۇنىمايدا....__يىگىت يۈزۈمدىكى بولاقخالتىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن،مېنى ياندۇرۇشلاپDVDئاپپاراتىغا سېلىشقا باشلىدى،شۇ تاپتا ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەنىدى،مەشنىڭ ئىسسىقىدىنمۇ ياكى ئاچچىقىدىنمۇ قاتتىق تەرلىگەن يىگىت بىر قولى بىلەن ئىككى يېنىمدىن كۈچەپ باستى.... ئاھ،،،قوۋۇرغىلىرىم غىرىس غىرىس قىلىپ ئوشتۇلماقتا ،يۈزۈمدىكى بىرقەۋەت يالغان‹‹تېرەم››مۇ پۇرلىشىپ يىرتىلىشقاباشلىغانىدى...مەشتىكى ئوتنىڭ بىرلا گۈركىرەپ قىپقىزىل تىللىرىنى ماڭائۇزىتىشى بىلەن تەڭ مېنىڭ پەقەت روھىملا قېپقالدى،روھىم كىچىككىنە ئۆي ئىچىدە ئۇچۇشقا باشلىدى،ئۆي ئىچىدە يىگىت بىلەن ئۇنىڭ ياش ئايالى ئوتتۇرىسىدا دىئالوگلار باشلاندى... __مۇشۇسەنئەتكارلارمۇ تۈزۈك دەي ئىشلىسە بولمامدۇ،،،نەدىكى جا دەينى سېتىپ... __ئون كويغائۈچ دېسە جالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئاغاندىكىن خوپ بوپتۇ سىزگىمۇ... ___سېنى كۆرەمىكى دەپ ئاغان..خېمىرىڭنى يۇغۇرە ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان.... __..... ئۆزەمنىڭ ۋەسەنئەتكارلىرىمىزنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى،ئەشۇ پلاستىنكاھايانكەشلىرىنىڭ گۇناھىنى ئېيتماقچى بولدۇميۇ،ئەمما دېيەلمىدىم،چۈنكى مەن ئاللىقاچان مەش ئىچىدە كۆيۈپ روھقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدىم.
سىنا مىكروبىلوگى :@AbabakriImir
|