قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1825|ئىنكاس: 25

پوچتا ماركىسىنىڭ بايلىقى ۋە ئەھمىيتىنى بىلەمسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

8

دوست

7007

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8381
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 131
تۆھپە : 2094
توردىكى ۋاقتى: 627
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 17:31:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلارغا تەۋسىيە دادىلارغا ھەم

قۇربان مامۇت ئۇيغار

ئىلاۋە ؛ تاساددىبى پۇرسەتتە « شىنجاڭ ئاياللىرى  » ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق 8-سانى قولۇمغا چىقىپ قالدى ، بۇ ماقالىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم ، گاڭگىردىم . مىنىڭ « پوچتا ماركىسى » دېگەن كونۋېرتقا چاپلاشتىن باشقىغا ئىشلىمەيدىغان ئەرزىمەس قەغەز دەپ ئويلايدىغان ساددا خىيالىم بىلەن بۇ ماقالىدىكى مەزمۇنلارنى سېلىشتۇرغاندا مېنى باشقا پىلانىتتىن كەلگەن كىشى ئىكەن دېسىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدىغاندەك بىلىندى . باشقىلارمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ باغداشقا كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم

                          ( يوللىغۇچى ؛ ئاقتۈرك)

          كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ پوچتا ماركىسى( بىر مايمۇننىڭ رەسىمى بار كونا ، كىچىك پارچە قەغەزكەن ) 1980-يىلى تارقىتىلغان مايمۇن يىللىق مۆچەل پوچتا ماركىسى بولۇپ،ئەينى يىللىرى بۇ پوچتا ماركىسىنىڭ باھاسى سەككىز پۇڭ ئىدى، لىكىن ھازىر 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. دېمەك، بۇ بىر دانە پوچتا ماركىسىنىڭ قىممىتى 30 يىلدا ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 100 مىڭ ھەسسە ، يىلىغا ئوتتىرا ھىساب بىلەن 3333 ھەسسە ئاشقان . مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ، ئەگەر سىز ئەينى يىللىرى سەككىز يۈەن خەجلەپ بۇ پوچتا ماركىسىدىن 100 دانە ياكى 80 يۈەن خەجلەپ 1000 دانە ئېلىپ ساقلاپ قويغان بولسىڭىز ، بۈگۈنكى كۈندە 800 مىڭ يۈەنلىك بىر بايۋەچچىگە ياكى 8 مىليون يۈەنلىك بىر مىليونىرغا ئايلانغان بولاتتىڭىز . ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ئېلىپ قويغان بولسىڭىزچۇ ؟ ئۇنىڭ ھىسابىنى ئۆزىڭىز قىلىپ كۆرۈڭ .
       ئەلۋەتتە ، بىزگە ئۇچراپ تۇرىدىغان ياكى پوچتىخانىلاردا سېتىلىۋاتقان پوچتا ماركىللىرىنىڭ ھەر قاندىقى يىلىغا مىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋەرمەيدۇ . يەنى مەلۇم بىر پوچتا ماركىسىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشى شۇ پوچتا ماركىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل ئامىللارغا باغلىق بولغانلىقتىن ئوخشاش بولمىغان پوچتا ماركىللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىپ بېرىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . لىكىن بىر نوقتا مۇقەررەركى ، پوچتا ماركىسى دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئاپراتلىرى تەرپىدىن مونوپول قىلىنىدىغان ، تەكرار ئىشلەپ چىقىرىشقا ياكى خالىغانچە تارقىتىشقا بولمايدىغان ئالاھىدە تاۋار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ قىممىتى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشۈگە ئەگىشىپ ( يۇقىرى بولسۇن ياكى تۆۋەن بولسۇن ) ھامان ئېشىپ بارىدۇ ، ۋاقىت قانچە ئۇزارغانسىرى ئۇنىڭ قىممىتى شۇنچە ئاشىدۇ . يەنە كىلىپ بۇنداق ئېشىش ئادەتتىكى سودا-تىجارەت ، ئالتۇن-كۈمۈش ياكى پاي چېكى ، فوند ۋە ياكى بانكا پۇل ئامانىتىدەك پىرسەنت بويىچە ئەمەس ، بەلكى ھەسسىلىك سان بويىچە ئەمەلگە ئاشىدۇ . شۇ ۋەجىدىن پوچتا ماركىسى توپلاش بۈگۈنكى دۇنيادا مۇھىم مەبلەغ سېلىش ۋاستىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .
     بىز پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي رولىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز .
ب د ت مائارىپ ، ئىلىم-پەن ، مەدەنىيەت مەھكىمىسى پوچتا ماركىسى توپلاشنى «  تەربىۋى قىممەتكە ئىگە مەنىۋى پائالىيەت  » دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى . ئۇنىڭ تەربىۋى قىممىتى پوچتا ماركىسى ئز ئىچىگە ئالغان مول مەزمۇندىن كىلىپ پوچتا ماركىسى توپلاش ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ . شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، ھەر قانداق ياكى ھەر بىر دانە پوچتا ماركىسىنىڭ مەزمۇنىغا مۇئەييەن تەشۋىقات-تەربىيە مەقسىتى سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ . دېمەك ، ماركا توپلىغۇچىلارنىڭ پوچتا ماركىسىنى يىغىش ، رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە .ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىش جەريانى ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىقات-تەربىيە قوبۇل قىلىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ۋە مەشھۇر پوچتا ماركىسى توپلاش مۇتەخەسسىسى فىرانكىلىن روزۋېلت ؛ « مېنىڭ سىلەرنى پوچتا ماركىسى توپلاشقا دەۋەت قىلىشىم – پوچتا ماركىسىنىڭ ئادەمگە ئىستىتىك زوق بەخىش ئېتىشىدىن باشقا ، تارىخ ، جۇغراپىيە ۋە ئېقىم مەسىللىرى جەھەتتىكى نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈندۇر . ئىشىنىمەنكى ، پوچتا ماركىسى توپلاش كىشىلەرنى  ياخشى گىرازدانغا ئايلاندۇرالايدۇ » دېگەندى .
     نۆۋەتتە ، پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ تەشۋىقات-تەربىيە رولى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياش ئۆسمۈرلەر تەربىيسىدىكى ئۆزگىچە ئەھمىيتى ئومۇمىيۈزلۈك ئېتبارغا ئېلىنماقتا . شۇڭا ياش ئۆسمۈرلەرنى كىچىكىدىن باشلاپ پوچتا ماركىسى توپلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش-يىتەكلەش يۈزىسىدىن ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ، ياپونىيە ، كورىيە ، سىنگاپور قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ، جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئۆلكىللىرىدىكى ئوتتىرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پوچتا ماركىسى توپلاش دەرسى تەسىس قىلىنغان ، بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەردىمۇ پوچتا ماركىسى توپلاش تاللاپ ئۆگۈنۈلىدىغان دەرىسلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . دېمەك ، پوچتا ماركىسى توپلاش مەدەنىيتى بىر قەدەر ئومۇملاشقان جايلاردا ، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم خەنزۇ مەكتەپلەردە پوچتا ماركىسى توپلاش ئاللىقاچان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ“ئىككىنچى”پائالىيتىگە ئايلىنىپ بولدى . ئەمما بىزنىڭ مەكتەپلەردە بۇ تېخى بىر بوشلۇق ھالىتىدە تۇرماقتا .
   پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر تەربىيسىدىكى رولىنى تەكىتلىگىنىمىزدە ، ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيسىدىكى رولىنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. پوچتا ماركىسى توپلاش باللاردا پۇلنى قالايمىقان خەجلىمەيدىغان ، ئويۇنغا بىرىلمەيدىغان ، ئۆگۈنۈشكە كۆڭۈل بۆلۈدىغان ، ئەتراپىدىكى شەئىيلەرگە قىزقىش بىلەن قارايدىغان ، ئىشنى ئىنچىكە ، تەرتىپلىك قىلىدىغان ، ئىزچىللىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ، نىشانغا يەمۈگىچە نىيتىدىن يانمايدىغان ياخشى ئادەت ۋە قەتئىي ئىرادە يېتىلدۈردۇ . پوچتا ماركىسىدىكى نەپىس كۆرۈنۈشلەر ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان ھېسابسىز بىلىملەر باللارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىپ ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى ئۇرغۇتۇپ ، ئۇلارنى بىپايان تەسەۋۇر ، تەپەككۇر دۇنياسىغا باشلايدۇ . مۇشۇ نوختىدىن ئېيتقاندا ، باللاردا پوچتا ماركىسى توپلاشقا قارىتا ھەۋەس-ئىشتىياق ئويغانغاندىن كىيىن ھەممە ئائىللەردە بولۇپ تۇرىدىغان باللارنى تەقدىرلەش ، ئىلھاملاندۇرۇش ئادەتلىرىمىزنى پوچتا ماركىسى سوۋغا قىلىش شەكلى بىلەن ئىپادىلىسەك ، ئۇنىڭ تەسىرى ياكى ئۈنۈمى ھەر قانداق شەكىلدىكى تەقدىرلەش ، ئىلھاملاندۇرۇشلاردىن ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن . بۇ چارە بولۇپمۇ ئائىلە تەربىيسىدە ئۈنۈملۈك چارە تاپالماي ياكى باللىرىنى يامان ئادەتلەردىن نېرى قىلالماي بېشى قېتىپ يۈرگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ . شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، ھەۋەس-ئىشتىياق دېگەننى زورلاش، مەجبۇرلاش ئارقىلىق شەكىللەندۈرگىلى بولمايدۇ . ئىشنى ئاۋال ئۆزىڭىزدىن باشلاپ ، باللىرىڭىزغا تەدرىجى، ئىختىيارسىز ، ئۈن-تۈنسىز تەسىر كۆرسەتسىڭىز ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى تەڭداشسىز بولىدۇ .
        مەنمۇ ماركا توپلاش ساھەسىگە قەدەم بېسىشتىن ئىلگىرى پوچتا ماركىسىنىڭ خەت-ئالاقە ئىشلىرىدىن باشقا جەھەتتىكى رولىنى خىيالىمغىمۇكەلتۈرۈپ باقمايدىغان ئادەملەرنىڭ بىرى ئىدىم . مەن پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ ھەر دەرجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە مۇكەممەل نىزامنامىسى بولغان يەر-شارى خاراكتىرلىك پائالىيەت ئىكەنلىكىنى ، ھەتتا دۇنيادا « پوچتا ماركىسى توپلاش » دەيدىغان بىر ئۇقۇمنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ تاساددىبى بىر پۇرسەتتە بۇ سەپكە قېتىلىپ قالدىم . ئۇ چاغلاردا  پوچتا ماركىسى توپلاشقا دائىر ساۋاتلاردىن ھېچنەرسە بىلمەيتىم ، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ تېگى-تەكتىنى ۋە قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەندىن كېيىن ؛« ئېنگىلىزلاردىن باشلانغان بۇ ئىشنى باشقىلارمۇ قىلىۋىتىپتۇ ، مەنمۇ چوقۇم قىلالايمەنغۇ » دەيدىغان بىر ئىشەنچ ۋە ئەقىدە بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشتىم . شۇنىڭ بىلەن مۇئەييەن ئۇقۇم-چۈشەنچىلەر ئاساس قىلىنغان ، بەلگىلىك قائىدە-ئۆلچەملەرگە چۈشۈرۈلگەن، شۇنداقلا يېڭى جوڭگۇ پوچتا ماركىللىرىنىڭ ھەممىسىنى تولۇق توپلاش ئاساسى نىشان قىلىنغان ماركا توپلاش پائالىيتىم رەسمى روياپقا چىقتى ۋە بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىم ئىزچىل داۋاملاشتى .
     « ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن » دېگەندەك، ئەجىرگە لايىق مۇۋاپىققىيەت ، نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۈردۈم . كۆپ قېتىم ھەر دەرجىلىك ماركا توپلاش كۆرگەزمە-مۇسابىقىللىرگە قاتنىشىپ ، ئاپتونۇم رايون بويىچە بىرىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتقا ، مەمىلكەت بويىچە مىس مېدال ۋە كۈمۈش مېدال مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشتىم . ماركا توپلاش بىلىملىرى بويىچە چوڭ قۇرۇقلۇق-شىياڭگاڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئىككىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈردۈم ھەمدە شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بىردىن-بىر شىنجاڭلىق بولۇپ قالدىم . ۋىلايەت دەرجىلىك كۆرگەزمە-مۇسابىقىلەردە بولسا بىرىنجى دەرجىلىك مۇكاپاتنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتىمەن . ھەتتا بۇ مۇسابىقىلەرگە ئائىلە بويىچە قاتنىشىپ ، مۇسابىقىدە تەسىس قىلىنغان ئالدىنقى ئۈچ دەرجىلىك مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىنى ئالغان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ توپلىغان ماركىللىرىمنىڭ قىممىتى ئۈزۈممۇ سېزىپ-سەزمىگەن ھالدا ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى . ئاشقاندىمۇ ئون ھەسسلەپ، يۈز ھەسسىلەپ ، ھەتتا مىڭ ھەسسىلەپ ئاشتى . دېمەك ، مەن ماركا توپلاش جەھەتتە يامان ئەمەس نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، بۇ ئىشنى ئاخىر بىر باشقا ئېلىپ چىققان ئىدىم
         مەن گەرچە شىنجاڭنىڭ ماركا توپلاش ساھەسىدە ئانچە-مۇنچە نام چىقرىپ ، ھەر ۋاقىت مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ماركا توپلىغۇچىلار ئارسىدا يۈرسەممۇ ، لېكىن ئۆزۈمنى ھەمىشە يەككە-يىگانە ھالەتتە سىزەتتىم ، شۇ بىر قاتار مۇۋاپىقيەت-نەتىجىلەر ئالدىدا ئزۈمنى ھېچ ئىش قىلمىغاندەك ، ماڭا نىسىپ بولغان شۇ ئامەتلەر ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ ھېچنەرسىسى يوقتەك ، گويا ئۆزۈمنى كىملەرگىدۇر « قەرىزدار » دەك ھىس قىلاتتىم . چۈنكى دۇنيا بويىچە نەچچە يۈز مىليون ، مەمىلكەت بويىچە نەچچە ئون مىليون ،ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا نەچچە يۈز مىڭ كىشلىك قوشۇنغا ئىگە ماركا توپلاش ساھەسىدە بىزنىڭ ئادەملىرىمىز يوق ھېساپتا بولۇپ ، بارماق بىلەن ساناشقىمۇ يەتمەيتى . دۇنيادا داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر يېرىم ئەسىردىن ئاشقان ، ئومۇملىشىش دائىرسى ئەڭ كەڭ مۇشۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ بارلىقىنى ، يەنە كىلىپ بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئەتراپىدىمۇ خېلى ئومۇملۇشۇپ قالغانلىقىنى نۇرغۇن كىشىللىرىمىز بىلمەيتى .ماركا توپلاشنىڭ باشقا جەھەتتىكى پايدىلىق تەرەپلىرىنى دېمىگەندىمۇ ، ئۇنىڭ مۇھىم مەبلەغ سېلىش ۋاستىللىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى نۇرغۇن ئادەملىرىمىزنىڭ چۈشەنمەسلىكى ياكى چۈشۈنۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولالماسلىقى كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى . ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ماركا توپلاش بازارلىرىدا بىر سائەتكىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە نەچچە مىليون يۈەنلىك سودىنىڭ ئۇياق-بۇياق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ، دىيارىمىزنىڭ بۇلۇڭ كوچىللىرىدا ھەر خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ، كۆپ پايدا ئالالمىسىمۇ ھىچبولمىغاندا دۇكان-يايمىللىرىنىڭ ئىجارە ھەققىنى بولسىمۇ تېپىۋىلىش ئىستىكىدە ئەتتىگەندىن- كەچكىچە خېرىدار كۈتۈپ ئولتۇردىغان ئادەملىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋالاتتى . بازارنىڭ قىستاڭ كوچىللىرىدا تاغاردا يۈدۈپ ، ھارۋىدا توشۇپ ئىنتايىن ئەرزان باھادا تۆكمە قىلىپ مال سېتىۋاتقان ؛« پايپاقنىڭ جۈپى بىر يۈەن  » دەپ توۋلاۋاتقان ئادەملىرىمىزنى كۆرگىنىمدە ، ئۇلارنى كىچىككىنە قول سومكىسىغا قاچلانغان پوچتا ماركىللىرىنى كۆتۈرگىنىچە شەھەرمۇ شەھەر ئايلىنىپ سودا قىلىۋاتقان ۋە بىر ئايلىنىشىدا نەچچە ئون مىڭ يۈەنلەپ ، يۈز مىڭ يۈەنلەپ پۇل تېپىپ كىلىۋاتقانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ « ئاشۇ ئادەملىرىمىزمۇ ماركا توپلاشنى بىلگەن بولسىچۇ » دەپ ئويلاپ قالاتتىم . بەزى تىجارەتچى-سودىگەرلىرىمىزنىڭ مەبلەغ سېلىش يوللىرى ياكى سودا پۇرسىتىنى ياخشى تاللىيالماسلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مىليون يۈەنلەپ زىيان تارتقانلىقىنى ، ھەتتا .ئەسلى-ۋەسلىدىن ئايرىلىپ قاقسەنەم بولۇپ قالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ؛« ئۇلار شۇ پۇللىرىنى پوچتا ماركىسىغا مەبلەغ قىلىپ سالغان بولسىچۇ » دەپ ئويلاپ ئىچىم سېرلىپ كىتەتتى . بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىنىڭ قىسقىلىقى ، ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك-پارىللىرىنى ئالى مەكتەبلەردە ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ، ئۆزۈمنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئالى مەكتەپلىرىدە ۋە ھەتتا چەت ئەللەردە ئوقۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلالىغانلىقىمغا سېلىشتۇرۇپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى ھەمدە؛« شۇ ئاتا-ئانىلارمۇ باللىرى كىچىك چاغلىرىدىن باشلاپلا شۇ باللىرىغا ئاتاپ ماركا توپلاپ ماڭغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇش راسخوتىدىن غەم قىلمىغان بولاتتى  » دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزەتتىم. دېمەك مەنىدە يېڭىدىن ئويغانغىنى مانا مۇشۇنداق « قەرىزدار »لىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىستىكى ئىدى .
         شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە 2007-يىلىنىڭ باشلىرىدا ، شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسى ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلىدا پوچتا ماركىسى توپلاش مەبلەغ سېلىش يوللىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە ئۇنىڭغا خېلى يۇقرى باھا بىرىلىپ ، بانكا پۇل ئامانىتى ، پاي-چېكى ، ئۆي-جاي سودىسى ، قاشتېشى سودىسى ، ئالتۇن-كۈمۈش ، تاشقى پىرۋوت ، قەرەلىك مال سودىسى دېگەندەك بىر قاتار مەبلەغ سېلىش يوللىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا قويۇلدى . چۈشەنگەنلەر ياكى چۈشۈنۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ، بۇ قىممەتلىك ئۇچۇر ھەم تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىدى . چۈنكى تىلۋىزىيە ئىستانسى شۇ تاپتا كىشىلەرگە ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە يېڭىچە بىر خىل مەبلەغ سېلىش شەكلىنى ، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن نەچچە ئون ھەسسىلەپ ، نەچچە يۈز ھەسسىلەپ ، ھەتتا مىڭ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىپ كىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل پۇل تېپىش يولىنى كۆرسۈتۈپ بىرۋاتاتتى . ئۇنىڭغا قانچىلىك ئادەم دىققەت قىلدى ، ئۇنى قانچىلىك ئادەم چۈشەندى ياكى قانچىلىك ئادەم شۇنىڭدىن كېيىن ماركا توپلاش ساھەسىگە قەدەم قويدى ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم . ئەمما مەن ئۇنى چۈشەنگەن ۋە تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ كەتكەنىدىم .بىراق ئۇ قېتىمقى  پىروگىراممىدا پوچتا ماركىسىنىڭ قىممەت ئاشۇرۇش خۇسۇسىيتىلا تەكىتلەنگەن بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە پوچتا ماركىسى توپلاشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە پوچتا ماركىسى توپلاش ياكى ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش –مۇئەييەن شەرت ۋە ھازىرلىقلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ، بەلگىلىك كەسپى بىلىمگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئۆزگىچە بىر خىل قىممەت ئاشۇرۇش پائالىيىتى بولۇپ ، قىلىمەن دەپلا قىلغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى . دېمەك ، ئۇنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىنى ۋە كونكىرت يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە توغرا كېلەتتى . شۇڭا ، تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بۇ ئاقلانە ھەركىتىنى قوللاش ، جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭ « قەرىزدار »لىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن مېنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرنى قىلغۇم كەلدى –دە ، قولۇمغا قەلەم ئالدىم . شۇنداق قىلىپ ، 30يىللىق تەجىربىنىڭ يەكۈنى ، ئۈچ يىللىق ئەجىرنىڭ مىۋىسى - « پوچتا ماركىسى ۋە پوچتا ماركىسى توپلاش » ناملىق بىر كىتابنى يېزىپ چىقتىم . پوچتا ماركىسى ۋە پوچتا ماركىسى توپلاشقا دائىر بىلىملەر ئەتراپلىق ،             سېستىمىلىق ۋە ئاممىباب سۆزلەنگەن بۇ كىتاب ئوقۇرمەنلەر ، ھاجەتمەنلەر بىلەن پات ئارىدا يۈز كۆرۈشكۈسى .
        يېقىندا شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسى ئىقتىساد-تۇرمۇش قانىلىدا پوچتا ماركىسىنىڭ قىممەت ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى ۋە ماركا توپلاشنىڭ ئەھمىيتى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇلدى . تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشىغا يەنە بىر رەت باركاللا ئېيتىش يۈزىسىدىن ، مۇشۇ پۇرسەتتە مېنىڭمۇ ئادەملىرىمىزگە ، جۈملىدىن ئانىلارغا ھەم دادىلارغا شۇلارنى تەۋسىيە قىلغۇم كەلدى ؛ خالىساڭلار سىلەرمۇ ماركا توپلاشقا قاتنىشىڭلار ، شارائىتىڭلار يار بەرسە ئۇنىڭغا مەبلەغ سېلىڭلار ، ھېچبولمىغاندا باللىرىڭلارنىڭ كەلگۈسىنى نەزەرگە ئېلىپ بولسىمۇ بۇ سەپكە قاتنىشىڭلار ياكى باللىرىڭلار باللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بۇ سەپكە قاتناشسۇن . ماركا توپلاشقا رەسمى كىرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەقىقى ھېس قىلىسلەر . ئۇنىڭدىن بەھىرلىنىش-مەنپەئەتلىنىشنى بىلگەندىلا ، ئۆگنىش ياكى ئىشتىن سىرىتقى ۋاقتىڭلار مەنىلىك ئۆتىدۇ ، تۇرمۇشۇڭلارغا يېڭى مەزمۇنلار قېتىلىدۇ ، ئۆزۈڭلارنىڭ ياكى پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ كەلگۈسى-ئوقۇش ، ئۆي سېتىۋىلىش ، ئىگلىك تىكلەش دېگەندەك ئىشلىرى ماددى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ .ئەگەر ماركا توپلاشنى خالىمىساڭلار ، ھېچ بولمىغاندا دۇنيادا مۇشۇنداق بىر خاسىيەتلىك ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قېلىڭلار ھەمدە ئەتراپىڭلاردىكىلەرگە تەشۋىق قىلىپ قويۇڭلار ، ئۇلارمۇ بىلىپ قالسۇن . ئۇنىڭ خاسىيتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئادەملىرىمىز بەھىرلەنسۇن ، مەنپەئەتلەنسۇن .




ئاپتور ؛ ئۈرۈمچى شەھرى بۇلاقبېشى كوچىسى قۇياش نۇرى سارىيى 5-ئىشىك 1103-نومۇر

uyghuray

1

تېما

2

دوست

1455

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21391
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 77
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 18:42:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئالىدىكىنا ئۇنى  .......؟

0

تېما

2

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25283
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 19:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس ھىچ بولمىغاندا بۇنداق نەرسىنى كىمنىڭ ئالىدىغانلىقى ۋە نىمىگە ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىلىپ باققان بولساق .

0

تېما

1

دوست

1078

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6230
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 243
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 22:49:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان ئىشكەن جۇمۇ... ھازىردىن باشلاپ يىغىپ قويسا بالام مەكتەپ يېشىغا توشقىچە خېلى بوپ قالىدىغان چىراي...لېكىنزە تېخى بويتاق يۈرىمىزدە
uyghuray

0

تېما

0

دوست

881

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23843
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 272
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 22:50:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئۆيدە چوڭلا ساقلاپ قويغان پوچتا ماركىسىدىن بىرە يۈزدەك بار ئىدى ،ئۇنىڭ قىممىتىنى قانداق بىلگىلى بولا ؟

1

تېما

1

دوست

2329

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 728
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-6 23:06:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا، مەن تاسادىپى ساقلاپ قالغان 1992-يىلىنىڭ 52تال پوچتا ماركىسىمۇ خېلى پۇلغا يارامدۇ نېمە؟ تېخى قايسى كۈنى ماتىرىياللىرىمنى رەتلەۋاتسام بىر كىتابنىڭ ئارىسىدىن چىقىۋىدى، تاس قالغان تاشلىۋەتكىلى. خان سارىيىنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگىنىكەن. قىممىتى 80تىيىن، دانىسىنى 100سومدىن ساتاتتىم. كىم ئالىدىغاندۇ؟

0

تېما

0

دوست

2830

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8849
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 417
تۆھپە : 612
توردىكى ۋاقتى: 236
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 11:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخ بېلىتى، ئاشلىق بېلىتى، پوچتا ماركىسى دىگەندەكلەرنى سېتىۋالىدىغانلار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار . ساقلاپ قويغانلار خېلى كۆپ ئوخشايدۇ.
بولسا توردا سېتىۋېلىش ئورۇنلىرىنىمۇ تۇنۇشتۇرغان بولساڭلار .

3

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.29%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 751
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6306
توردىكى ۋاقتى: 1043
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-7 12:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئەپ قويسام بۇلامدۇ نىمە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )