- تىزىملاتقان
- 2012-6-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12630
- نادىر
- 57
- يازما
- 150
ئۆسۈش
6.58%
|
كەپتەرلەر(4)
نۇري تېيىپ
قەيسەر مىجىت يوللانمىسى
كۈنلەر مۇشۇنداق ھەر خىل مەزمۇنلاردا بەزىدە كۈلۈپ ، بەزىدە ئانچە - مۇنچە خىزمەتداشلار بىلەن ماي تارتىشىپ ، بەزىدە خوشال ، بەزىدە زېرىكىشلىك ئۆتمەكتە .ھەممە يېڭى ،ئاستا- ئاستا كونىراشقا قاراپ ماڭماقتا . بۇ ئىدارىگە كۆنۈپ قالىدىغاندەكمۇ ئەمەسمەن . خىزمىتىممۇ مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالمىدى . ھە دىسە ۋاقتى ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ، پاق - پاق ئەسەرلەرىنى تەرجىمە قىلىش ، قىزىل باشلىق ھۆججەتلەرنىڭ تەرجىمىلىرى ، . خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان ، دەبدەبىلىك پىلانلار ... ئىش قىلىپ قۇلاققا خوش ياقمايدىغان ، تۈكى يوق گەپلەر ... ھەر كۇنى ئىككى تەرىپىمدىكى كىشىلەرنىڭ يىرگىنىشلىك ، سۈنىئى چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈش ، بارغانچە ئېغىر تۇيۇلىدىغان بولدى. ئۇلارمۇ ماڭا خۇددى دۈشمىنىگە قارىغاندەك قارايدىغان بولۇپ كۆندى. بەلكىم ئۇلارمۇ ئۆزلىرى چۇشۇنىشىدىغان بىئارامچىلىقتا بولسا كىرەك .يەنە باشقا يېڭى مەزمۇنلار بارمىدۇ ؟ دىگەن يەرگىمۇ كىلىپ قالدىم . لىكىن ، تۈگەپتۇ . ئەمدىكى ھاياتىم ، مانا مۇشۇ مەزمۇنلارنىڭ تەكرارلىنىشى بىلەن ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ .
ھاياتتا يەنىلا شۇ شارائىت ، شۇ موھىت ، شۇ زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىدىن ، شۇ كىشىگە ، ئۆزىگە چۇشلۇق خوشاللىقلار تىپىلىپ تۇرىدىكەن. شۇڭا ئىنسانلار مەيلى باي بولسۇن ، كەمبەغەل بولسۇن ، نوچىسى بولسۇن پوچىسى بولسۇن ، تۇرمۇشنىڭ ، ھاياتلىقنىڭ ئەگرى - بۇگرى يوللىرىدا ، بىردە يىقىلىپ ، بىردە قوپۇپ ، بىردە خوشال ، بىردە خاپا ، ئالغا ئىلگىرلەشنىلا ئادەت قىلغان ئىكەن . مانا بۇ تەغدىر بولسا كىرەك .
ئىدارىمىزدە مەن كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى يەڭى يىل ئولتۇرۇشى ئۆتكۇزۇلدى . بۇ ئولتۇراشتا يەنە " چاتاق " تېرىپ قويدۇم ....
ئۇيغۇر بۆلۈمىدىكى بارلىق يولداشلار قاتناشقان ، بۇ ئولتۇراش ، ناھايىتى قىزىۋاتىدۇ . مەنمۇ ئۇنى دەپ ، بۇنى دەپ ، كۆپ ساندىكى يولداشلار بىلەن چىقىشىپمۇ قالغان ئىدىم . خىزمەت ۋاقتىدا ئانچە گەپ - سۆز قىلمايدىغان ، ئېغىر بېسىق ، خىزمەتداش ئاكىلىرىممۇ بۈگۈن باشقىچە... .
ئىدارىدىكى خىزمەتداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس لەقەملىرى بولۇپ ، سورۇندا مۇشۇ لەقەملەرلا ئىشلىتىلمەكتە. ئېشەك ، چوشقا ، مايمۇن ، ئۆچكە ، تاشپاقا ، توخو ، چاشقان ... قايسى ھايۋاننىڭ ، كىمگە خاسلىقىنى يىنىمدا ئولتۇرغان كەم سۆز ئاكىمىزدىن سوراپ، بىر دەمدىلا ئۇقۇۋالدىم .
"لەقەمنى خىزىر قويىدۇ " دەپ ،
ھاھاھاا...
ھىلىقى بىر ئىشخانىدىكى باشلىقنىڭ لەقىمى چوشقاكەن ئەمەسمۇ !!!
خوشاللىق شارابىدىن ئىككى قەدەھ " گۈپ ، گۈپ " كۆتۈرۈپمۇ قويدۇم .
ھېلىقى مانتا شەپكە يولداشنىڭ لەقىمى ئۆچكە ئىكەن . بۇ ئادەمنى ئاكا دەپ چاقىرىشتىن ، خېلى بۇرۇنلا ۋاز كەچكەنتىم . لەقىمىنى بىلىۋىلىپ ، ياخشى بولدى . ئۇ ئادەم تولىمۇ كۆتۈرەڭگۇ ، ھاراقنىڭ تەسىرىدىن ، ھېلىقى يىرگىنىشلىك ،مەن بىزار بولغان يۈزلىرى قىزىرىپ ، خىلىلا يەقىملىق تۈس ئاپتۇ . ئاپپاق يېڭىدىن سالغان ، يالغان چىشلىرىنى دامىلىتىۋاتقاندەك ، پات - پاتلا كالپۇكلىرىنى بولۇشىچە سوزۇپ كۇلۇمسىرەپلا ئولتۇرىدۇ . ئاندا - ساندا ھايۋاناتلار ئۇستىدە بولىۋاتقان چاقچاققا ، كەلسۇندۇ كەلمىسۇندۇ سۆز قېتىپمۇ تۇرىۋاتىدۇ .
_ يېڭى مىھمانغا مۇۋاپىق ھايۋانلارنىڭ ئىسمىدىن بىرنى قويمامدۇق !!!
ھا ھا ھا. .. ئۆزى يالغۇزلا كۈلۈپ ، تېلىقىپ قالدى . چوشقىمۇ بوش كەلمەي :
ھە ! بۇ بالا قالايمىقان ھاۋشۇپ خەقنى چىشلەيمەنلا دەيدىكەن . ئىت دەپ قويساق قانداق ؟
ھا ھاھا ... پاچاقلىرىغا ئۇرۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە ئالدىغا كەلگەن رومكىنى كۆتەرگەچ :
مۇبارەك بولسۇن ئۇكا !! يېڭى لەقىمىڭىز ئۈچۈن ، خوشەئەئە !!!
ئۇ " گۇپ " قىلىپ رومكىنى كۆتۇرۇۋىتىپ ، ئۇزۇن ، سەت تۇمشۇقلىرىنى ئالقىنى بىلەن بىر سىپاۋىتىپ :
ھە ! گەپ قىلمايسىلەرغۇ ؟! تازا كەلگەن يەرىغۇ بۇ ھا ھا ھا ...
سورۇندىكى مەن خېلىلا چىقىشىپ قالغان ئاكىلىرىم ، چوشقىنىڭ قەستەن ماڭا " ئىت " دىگەن لەقەمنى ، مەجبۇرى تېڭىۋاتقانلىقىنى سەزدى بولغاي ،
" ئۇكا خاپا بولما " دىگەندەك ماڭا قاراشتى . بەزى ئاكىلار ، قەستەن چاقچاق تېمىسىنى ، باشقا ياققا بۇراشقا تىرىشاتتى .
كۆڭلۈم خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى . بۈگۈن تۇنجى قېتىم ، مىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن ، مېنى قوللايدىغان ئاكىلارنىڭ ، ئەتىراپىمدىلا بارلىقىنى بىلدىم. ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ قەلبىدىكى يوشۇرۇن غورۇرىنى ، ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىۋاتقان ، يۈرەك سۆزلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .مەن يالغۇز ئەمەسكەنمەن . ئۇلار ئۈن- تۈنسىز ئولتارغان بىلەن ئۇلار يۇرەكلىرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە ماڭا ھىسداشلىق قىلىۋىتىپتۇ . رەھمەت ئاكىلار ... غورۇرۇڭلارغا بارىكاللا ... مېنىڭدەك بىر " سويما " ئۈچۈن يۇرۇكۇڭلاردىن ئورۇن بەرگەنلىكىڭلارغا رەخمەت ...
كەيپىياتىم كۆتۈرۈلدى . ئىككىگە قارشى ، يالغۇز ، چاقچاق سەھنىسىگە سەكرەپلا چىقتىم .
- ئۇزۇن يىل چوشقا بىلەن بىر قوتاندا يېتىپ، ھارام بوپ قالغان ئۆچكە .
- ۋەئەئەتتت!!
-چوشقىغا ھەۋەس قىپ ، كىملىكىنى ئۇنتىغان ئۆچكە .
- چوشقىنى دورايمەن دەپ ، ساقىلىنى قىرقىۋەتكەن ئۆچكە...ۋەئەئەتت!!
ماڭا ھىسداشلىق قىلىدىغان ئاكىلار ۋە ...ئەت دىسە ۋەئەئەت !!! دەپ تازا كۈلۈشتى . چاقچىغىم كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ، مەنمۇ ساقىدىن تارتىنمايلا سوراپ ، بىر ئىككىنى قېقىۋەتتىم .
ئىدارە باشلىقىمىز مۇشۇنداق سورۇنلارغا تولىمۇ ئامراق ، كىچىك پېئل ئادەم ئىدى . سورۇننىڭ تورىدە ئولتۇرۇپ ، ئۆزىگە ئاجايىپ ياراشقان ئالتۇن چىشلىرىنى كۆرسۈتۈپ ، تازا كۇلمەكتە. باشلىق بۇنچە كۈلگەن ئىكەن ،مېنىڭ ئىشىم بەش .
تېمىنى چوشقىغا يۆتكۈدۈم.
- قوي تەرىسىگە ئورۇنىمەن دەپ ، يېلىنىنى يوشۇرالمىغان چوشقا ...
- بۆرىنى تونىماي ، ئىتمىكىن دىگەن چوشقا ...
- تۇمشۇغىدىن خىجىل بوپ ، ماسكا تارتىۋالغان چوشقا ...
- قۇرۇق يەرنى ياراتماي ، پاتقاقتا ياتىدىغان چوشقا ...
ھاراق كۈچىنى كۆرسەتكەن بولسا كىرەك . مۇشۇنداق چاقچاقلارغا ھەممە بىردەك كۈلۈشتى . بۇ چوشقا بىلەن ئۆچكىگە، ئامراق ئادەمنىڭ يوقلۇغىغا كۆزۇم يەتتى . يىنىمدا ئولتۇرغان ، ئالدىغا كەلگەن رومكىنى پوش دىمەي ، توختاتماستىن كۆتۈرىۋاتقان ئاكىمىز ، كۈلۈپ " شا" بوپ كىتىپتۇ . ھاراقنىڭ تەسىرى بىلەن قىزارغان بۇ ئاكىمىز ، بېشىنى ئارقىسىدىكى تامغا تەككۇزۇپ ، ئېغىزلىرىنى يوغان ئىچىپ ، ھا ھا ھا توۋا توۋا ... مانا كەلدى دىگەن ... يارايسە ئۇكام ، يارايسە !!! دەپ ئوڭ مۈرەمگە ئۇرغاچ ، ماڭا مەدەت بىرىۋاتاتتى.
راست دىگەندەك سورۇندىكى گەپنىڭ ھەممىنى مەنلا سىتىۋالدىم . كەيىپچىلىكتە بەزىلەر ، تولۇق ئاڭلىيالماي قالغان چاقچاقلارنى يىنىدىكىدىن سوراشتىن بۇرۇن ، كۈلمەكتە ... مەنمۇ ئېغىزىمنىڭ تورمۇزىنى قويۇپلاۋەتتىم . قىززىق يېرى : ئاخىرى ، بەزى كەيپى توشۇپ قالغانلار :
- ئاۋۇ نىمىدۇ ؟ قاراپ باقە !!
دىسەممۇ كۈلىدىغان يەرگە كەپ قالدى .
سورۇن كەيپىياتى پەللىسىگە يىتەي يىتەي دەپ قالماقتا . چاقچاقلار يەنىلا ھايۋاناتلار دۇنياسىنى توختىماي چۆگۈلىمەكتە ...
ئۆچكە بىلەن چوشقا مانا مۇشۇ ۋاقىتتىلا ئۆزىنىڭ چاقچاقتا يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى سىلاپ سالغانلىقىغا تامامەن ئىشەندى . لىكىن ، لىللا گەپ قىلىش كىرەككى ، ئۇلارنىڭمۇ بىر نەچچە چاقچاقلىرى راۋرۇس كەلدى يۇ ،لىكىن سورۇننى ئۆزىگە قارىتالمىدى . ئوتتەك يالقۇنجاۋاتقان ھىسيات ، چاقماقتەك چىقىۋاتقان سۆزلەر ، ھىلىغۇ ئۇ ئىككىسىلاكەن ، ئۆزىگە ئوخشاشتىن يەنە ئىككىنى باشلاپ كەلسىمۇ ، ئۆز كۈچىنى ئوخشاشلا كۆرسۇتەلەيتتى ... ئۇلار شالاڭ تاياق خورازلاردەك ، ئاندا - ساندا ، چىشلەپ راۋرۇس تىپىپمۇ قويىۋاتىدۇ . ئۇلارمۇ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلماقتا ...
ئىدارە باشلىقى يەنىلا كۆپنى كۆرگەن ، تەجىربىلىك ، كۈلۈپلا ئولتۇرغىنى بىلەن ، كۆز قارچۇغىنىلا ئوينۇتۇپ ، سورۇننىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرىغىچە كۈزۈتۈپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى .
بولدى بەس ... دەپ سۆزىنى باشلىدى ئىدارە باشلىقى . يېڭىدىن كەلگەن ئۇكىلىرىمىز ، بۇ يىلقى يېڭى يىل ئولتۇرۇشىمىزنىڭ جانلىنىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشىۋاتىدۇ پىشقەدەملىرىمىزنىڭ كەيپىياتىمۇ ئالامەت . سورۇنىمىز ناھايىتى بەلەن داۋاملاشماقتا . قىنى ئەمسە ئازراق ساز - پاز ، ئۇسۇل - پۇسۇللارنىمۇ قىلمايمىزمۇ !! ھە قىنى ياشلار ... .تارتىنماي .... ھە ھە ...
كەيپىسى خىلىلا بىر يەرگە بېرىپ قالغان بىر ئاكىمىز ، بىر ھازا ئەيتىشىپ ،تولىمۇ تەسلىكتە بىر ئۇسۇل مۇزىكىسىنى ، ئۇن ئالغۇ لىنتىسىنى ئۇياققا بۇياققا ئۆتكۈزۈپ يۈرۈپ ، قاق بېلىدىنلا قويۇشقا باشلىدى . مېنىڭمۇ كەيپىم ئاتتەك ، پۇتلىرىم مۇزىكا رېتىمىغا ئاللىقاچان ماسلىشىپ بولدى . ئۆزەملا چۈشۈپ بىر پىرقىراپ ئوينىۋىتەيمۇ ؟!! توختا ، ئازراق تەخىر قىلاي ، بىرەرسى ئالدى بىلەن ئۇسۇلغا چۇشۇپ تارتسۇن دە . ئاندىن ئوينىساممۇ ئۈلگۈرىمەنغۇ... ياق ، ياق ... ھەيييي ماۋۇ مۇزىكىنىڭ پەيزى يىرى ئۆتۈپ كىتىپ بارىدۇ دەيمەن ....
ئۆزەمگە ھاي بىرەلمىدىم . چاۋاكلار چىلىندى . بەزى كەيپى توشۇپ قالغانلار ، ئىككى قولىنىڭ پاكىزە - پاسكىنىلىغىغا قارىماي ، ئاغزىغا سىلىپ ئىسقىرتىش بىلەن ئاۋارە ...
شوخ قەدەملەر بىلەن غۇلاچلىرىمنى ، مەغرۇر قىياپەتتە سورۇننى بىر پىقىراپ چىقتىم . ھەممە چاۋاكلىرىنى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا رېتىم بويىچە چىلىپ ، ماڭا ئىلھام بەرمەكتە . كەيپىيات تىخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . مەن بىلەن بىرگە ، تەڭ خىزمەتكە كىرگەن ئاغىنەممۇ ماڭا ئوخشاش ، ئۆزىنى باسالمىغان بولسا كىرەك . ئۇمۇ سەكرەپلا چۇشتى . ئەمدى ، راسا بىر پوزىلارنى چىقىراي دەپ ، تەمشەلگىنىمدە مۇزىكا تۇگەپ قالدى . ھەي ....! !!! يەنە ئازراق باشتىنراق قويغان بولسا ھە .
ئۇسۇلنىمىغۇ ئۇنچە ياخشى ئوينىيالمايتتىم ، لىكىن بۇنداق ئالقىش ، چاۋاكلار ئىچىدە ، ئادەمنىڭ توختىماي ئوينىغىسىمۇ كەپ كىتىدىكەن . ئالامەت پەيزى ئوينىۋەتتىممۇ قانداق ؟ دىگەننىمۇ ئويلاپ قالدىم .
ئۆچكە بىلەن چوشقىغا بۇ سورۇن كەيپىياتى يارىمىدى بولغاي ، ئىككىسى قوللىرىغا يىرىمى تۆكۈلۈپ ، رومكىنىڭ قوڭىدا قالغان ھاراقلىرىنى بىر - بىرى بىلەن نەچچە رەتلەر سوقاش سالدۇرۇپ ، يەنە ئۇنى قايتا ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ، يەنە.... شۇ ئىشلىرىنى تەكرارلاپ ، قانداقتۇ بىر ئاخىرى چىقماس مەزمۇنلارغا كىرىپ كىتىپتۇ . مەنمۇ ئۇلار بىلەن قېرىشىپلا قالغاچقا ، بىرىپ ئۇلارنىڭ ئۇدۇلىدىلا ئولتۇردۇم .
ئاغزى سەل كالۋالىشىپ قالغان ئۆچكە دۇدۇقلاپ :
كۆزلىرىڭگە قارىسا ، مۈشۈك ئېسىغا كىلىدىكىنا ئادەمنىڭ ... ۋەئەئەتت!!!
چوشقا تەڭكەش بولدى . سېرىق چاياننىڭ ئۆزىغۇ بۇ ... ۋەئەئەت!!!
ئۇلار ماڭا "ئىت" دىگەن لەقەمنى تېڭىشتىن يالتايغان. مۈشۈككە ئوخشۇتۇپ ، مىنى ۋەيران قىلىشنى مەسلىھەت قىلغاندەك قىلىدۇ .
كۈلكە ئاۋازى قايتا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى . چاقچاقنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭدىمۇ قىززىق بولارمىكى دىگەنلەر ، ئورۇندۇقلىرىنى داقىرتىپ ، بىز تەرەپكە سۈرۈلمەكتە . بەزى مۇناسىۋىتى يىقىنراقلار :
" ئاياقراق ئولتۇرە ۋۇي " دىيىشىپ ، قىسىلىشىپ ئولتۇرۇپ ، چاقچاقنى قۇلاقلىرىنى ، دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاشقا تىرىشماقتا . يولداشلارنىڭ بۇنداق قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ، مەنمۇ ئۆزۈمنى چاقچاقچىلاردەك ھىس قىلىپمۇ قالدىم . ھا ھا ھا .... قىززىق . ياق . مەن ئۆزۈمنى چاقچاقچى دەپ خوشال تۇتقۇنۇم يوق ، ئىككى كۈچلۈك رەقىبىمنى ، چاقچاقتا پاخشا قىلىۋەتكەنلىكىمدىن ھوزۇرلىنىۋاتىمەن . ..بۇ قىتىمقى ھايات - ماماتلىق " جەڭ" دە ئۇتۇق بايرىغى مەن تەرەپتە لەپىلدىدى .
ئۇلار تولىمۇ بېزەڭلىك بىلەن ، لاۋزا - تېتىقسىز گەپلەر بىلەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئوتتى .
كۆزلىرىنىڭ قارچۇغىنى تاپقىلى بولمايدىكەن ...ۋەئەئەت!!!
-ياق ! ئۈندەش بەلگىگە ئوخشاپ قاپتۇ . .. ۋەئەئەت !!!
ئۇلار ماڭا چاقچاق قىلمىدى ، مېنى ئۇدۇللا تىللاشقا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . ئۇتۇق ئاللا بۇرۇن مەن تەرەپتە بوپ بولغاچ ، ھەممە گىپىگە " ھە سىنىڭ راست" دەپ كۈلۈپلا بەردىم . باشقا خىزمەتداشلار قانداقتۇ بىرنىمىلەرنى چۇشەنگەندەك ، ئۇلارنىڭ " چاقچاق " لىرىغا مىيىغىدا كۇلۇپ ، باشلىرىنى بىلىنەر بىلىنمەس لىڭشىتىپ قوياتتى .
ئۆچكە خېنىم ، يىقىندا يىڭى كەلگەن يىگىتلەرنى كۆرۈپ ، قۇيرۇقىنى ياپالماس بوپ قاپتۇ . دەپ سالدىم .
قىقاس كۆتۈرۈلۈپ ، بەزىلەر ئەمدىلا ئوتلىغان چايلىرىنى پۈركۇۋەتتى .
ئۆچكىنىڭ قاتتىق ئاچچغى كەلدىكى ، كۆزلىرى يوغىناپ ، چىڭقىلىپ كەتتى بولغاي كۆزەينەكلىرىنى ئىلىپ ، تاقاپ ... قۇرۇپ ، ئاقىرىپ كەتكەن ،كالپۇكلىرىنى بىردەم - بىردەمگە يالاپ ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي كەتتى ...چۇنكى ، شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر ئەركەك ئۇچۇن ، "قۇيرۇقىنى كۆتۈرۈپ ، ياشلارغا ناز قىپتۇ " . دىيىلىش ، ئېغىر ھاقارەتمۇ ھىساپلىناتتى . مەنمۇ ئۇنىڭغا خېلىلا ئېغىر تەككۇزىۋەتكىنىمگە ئازراق پۇشايمانمۇ قىلدىم . چۈنكى ، بۆلۈمدىكى ئاياللارمۇ ئاڭلاپ ، " ۋاي توۋۋا.. !! دىيىشىپ ،بەزىلىرى ئېغىزىنى بىر قولى بىلەن توسۇپ كۈلۈشسە ، بەزىلىرى بىر - بىرىنىڭ مۈرىلىرىگە باشلىرىنى قويۇشۇپ ، ھا ھا ھائائائا دەپ ئاۋازىنىڭ بارىچە كۇلۇشمەكتە . بەزىلىرى چىكىسىدىكى قورۇقلارنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈپ قەلىشىدىن ئەنسىرەپ ، ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسۇپ تۇرۇپ كۇلۇشىۋاتاتتى...
يېڭى يىل ئولتۇرۇشى ، كۈلكە - چاقچاق ، ئۇسۇل - دىسكولار بىلەن تولىمۇ كۆڭۈللۇك ئاياغلىشىش ئالدىدا . . گىرادۇسى بەك ئۈستۈن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلەر بولسا :
- ھوي !! قانداق گەپكەن بۇ ؟!! ئوينايمىز تېخى .... ئويۇن ئەمدى باشلاندى تېخى .... نىمە دەيدۇ ماۋۇ ...
ھە !!! ھەي ... ساقى ، ساقى قىنى ؟
"- ئاناڭنى.... گۇيلار ، ھەممىڭ لاتا ....
دەپ ئۆزىنىڭ ئاللىقاچان مەس بوپ بولغانلىقىنى زادىلا ئېتىراپ قىلغۇسى يوق . ھەمدە ، بولدى قىلغۇسى تېخىمۇ يوق .... 88- يىلدىن 89- يىلغا ، گالدۇ - گۇلدۇڭ كىرىپ بولغانلىقىنىمۇ ئۇنتىغان . ھاراق دىگەن ، كەيپىيات كۆتۈرەڭگۇ ، چاقچاقلار راسا كەلگەندە ئىچسە ، سىڭىدىغان نەرسىكەن . قۇرۇغدالغان پوتولكىلار ، رەتسىز ، تاراڭ - تۇرۇڭ ئاۋازلارنى چىقىرىپ ، ئۈستەل تېگىلىرىدە بىرىنىڭ پۇتىغا تىگىپ ، ئۈستەلنىڭ بۇ تەرىپىگە كەلسە ، ئۆزىنى ئوڭشاش ئۇچۇن ، مىدىرلىغان مەسرەكىنىڭ پۇتىغا تەگىپ ، دۇگۇلەپ سورۇننىڭ ئوتتۇرلىرىغىمۇ چىقىپ قالغان . بەزى ئاكىلىرىمىز كەيپى توشۇپ ، بېشىنى تاماق ئۇستىلىگە قويۇپلا ئۇيقۇغا كەتكەن . يەڭلىرى قالدۇق قورمىلارنىڭ سۈيىگە چىلىشىپ قالغان ، بەزىلىرى بىر بۇلۇڭدا ، بېشىنى تامنىڭ بۇلۇڭىغا يۆلەپ، ئۇيقۇدا . ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنىڭ قارچۇغى ئاللا قاياقلارغا كىتىپ ، كونتۇرولدىن ھالقىغان . ئايال خىزمەتداشلار بولسا قايتىپ كىتەي دىسە ، پوكككىدە يەنە قىززىق چاقچاقلار بولۇپ قالارمىكى دەپ ، قايتماي دىسە مەسلەر بارغانچە كۆپىيىۋاتقان .
ۋىيەييي توۋا ... ئاۋۇ ئادەمنى قاراڭ ... ھەي ! ئۇ ئادەم ئانچە ئىچمەيتتىغۇ ؟! بۈگۈن نىمە بولغاندۇ ...ئۆتكەندە ئايالى " بىزنىڭ ئەر ھاراق تاشلىدى " دەپ ۋىتىلداۋاتاتتى ... تازا تاشلاپتۇ ئەنە ....
ئوئويي .... مۇشۇ ئەر خەقلەرنىڭ ئىچىشىدىن خويمۇ تويدۇم . يە ئۆزىنى سوراپ ئازراق ئىچىشمەيدۇ .. . چوپ- چوڭ بوپ قالغاندىمۇ ... نىمىسى پەيزىكى ئۇ ئاچچىق نەرسىنىڭ ...
دىيىشىپ غەيۋەتكىمۇ كىرىشىپ كەتكەن .
گالدۇ - گۇلدۇڭلار بولسا ، يولۋاسنىڭ ئۆزى . ئۇلار ھازىر ئەتىنى ئاللىقاچان ئۇنتىدى . ئۆزىنىڭ قانچىلىك ئىچىپ سالغانلىقىنىمۇ مۆلچەرلىيەلمەيدۇ . ئۇلار بۇگۇنلا ، پوتۇلكىلارنى ساناشنى خالىمايدۇ . ھەم ئېسىغىمۇ كەلمەيدۇ . ئەتە باشلىرى "زىڭ - زىڭ " قىلىپ ئاغرىغاندا ،" ھۆ ھۆھ " دەپ ئاچچىق ، قاڭسىق سېرىق سۇلارنى ياندىرغاندا ،
سوغاق سۇنى گۇپۇلدەپ ئىچىپ ، مايماق يىتىپ قىلىپ ، چاچلىرىنىڭ بەزى يەرلىرىنىڭ ، ئۆچكىنىڭ قۇيرۇقىدەك " دىڭڭىدە " تىك تۇرۇپ قالغان يەرلىرىنى ، نەم لۆڭگە بىلەن ئوڭشاشقا باشلىغاندا ، قاپاقتەك بوپ قالغان باشلىرىنى ئىككى قولىدا چاڭگاللاپ ، " ئاخشام قالايمىقان بىرەر ئىش قىپ قويمىغاندىمە ھە " دەپ تۇنۇگۇنكى " خوشەئەئە !!! " دىن كىيىنكى ئىشلارنى ئەسلىيەلمەي ، گاڭگىراپ ئولتۇرغاندا ...ئاندىن ، ئاخشامقى ، زادى قانچىمىز ؟ قانچە پوتۇلكا ئىچىۋەتتۇق ھۇي ؟!!!
دەپ پوتۇلكىلارنى ساناشقا ئۆتىدۇ . مەنمۇ ئەلۋەتتە شۇلارنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى ...
ئۆچكە بىلەن چوشقىنىڭ ، يېڭى يىلى كۆڭلىدىكىدەك باشلانمىدى . ئۇلار خوشاللىق ھارىقى ئەمەس ، بەلكى ئازاپ ئىچىدە زەھەر ئىچتى . ئۇلارنىڭ گالدا- گۇلدۇڭ يۇرۇشى ، خىلىلا ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى تۇرغانلا گەپ . ئۇلار بەلكىم سەھەردىلا زەردە بىلەن خوتۇنلىرىغا :
ئاچچىق - چۇچۇك سۇيقاش ئەت . دەپ ، پۇتۇن ئۆچىنى بىچارە خوتۇنلىرىدىن ئالغان بولسا كىرەك.
مانا مۇشۇ سورۇندىن كەيىن ، ئۆچكە ، تاكى مەن ئىدارىدىن ئايرىلغىچە ماڭا گەپمۇ قىلمىدى . مەن بۇنىڭدىن تا ھازىرغىچە راھەتلىنىمەن.
يېڭى يىلغا مانا مۇشۇنداق قاقاقلاپ كۈلۈپلا كىرىپ كەتتىم . ئىدارىدىكى خىزمەتداشلار ، مەن بىلەن بۇرۇنقىدىن خىلىلا قىزغىن كۆرۇشىدىغان بوپمۇ قالدى . ئىجدىمائى مۇناسىۋەتتە ، مەن رازى بولغىدەك ھەتتا چىن كۆڭلۇمدىن رەخمىتىمنى ئېيتقۇدەك ئىشلار بولىۋاتىدۇ . شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى ، بىر نەچچە ئاكىلىرىمىز ئۆيلىرىگە چاقىرىپ ، ئۆي تاماقلىرى بىلەن مىھمان قىلىۋاتىدۇ . " بىزمۇ چاقىرىپ قويمىساق سەت بولارمىكى " دىگەن ئۆرۈپ - ئادەت بېسىمى بىلەن ئالاھىدە مىھمانغا چاقىرىش پىلانى يوقلارمۇ ، چىشىنى چىشلەپ چاقىرىۋاتىدۇ . لىكىن ، شۇنداقلارنىڭ كىچىك ئولتۇراشلىرى قىزىپ كىتىپ بارماقتا . دۇشەنبىسى ئىشخانىدا ئاساسەن ، شەنبىدىكى ئولتۇراشنىڭ ئەھۋالى ، چاقچاقلار تەكرارلىنىپ ، خىزمەت ئاساسەن پاراڭ سىلىش بىلەن ئۆتمەكتە.
ئادەمنى بىزار قىلىدىغان سوغۇق شىمال شامىلى ھاردىمۇ قانداق ، پەسكويغىمۇ چۇشتى . قىشلىق ئۇيقىدىن كۆزىنى ئاچقان دەرەخلەر ، گۇللەر ئاستا - ئاستا بىخ چىقىرىپ ، كۈنمۇ خىلىلا ئىللىقلىشىپ قالدى . قىشلىق كىيىملىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ئاپامنىڭ :
" خىزمەتكە چىققاندا ، دوست - دۇشمەننىڭ ئالدىدا كىي بالام "دەپ ، تىكىپ بەرگەن ۋە بازاردىن ئىلىپ بەرگەن يازلىق كىيىملىرىنى ، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدىن تارتىپ ،ماڭا ھەمرا بولۇپ كىلىۋاتقان ساندۇغۇمدىن چىقىرىپ:
" ماۋۇ بولىدىكە ، ماۋۇنى قانداق كىيگىلى بولىدۇ بۇنى ؟ مودىدىن ئاللا بۇرۇن قالدىغۇ ؟! قارا ماۋۇ ئاپامنى ، ياشلارنىڭ كۆڭلىنى تازا چۇشەنمەيدۇ جۇما ! "
دەپ مىيىغىمدا كۇلۇپ ، رەتلەشلىرىمنى ھازىر ئەسلىسەممۇ ، يۇزۇم " ۋىللىدە " قىزىرىيدۇ . ھەم شۇ گەپلىرىم ئۇچۇن ، كىچىكسەممۇ ،
كەچۇر جىنىم ئاپا ، شۇ ۋاقىتلاردا ، ياشلىق قىلىپ ئانا مىھرى ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان ئەشۇ ئىللىق يۈرەكلىرىنى ، كۆڭۇللىرىنى ، ھىس قىلالماپتىكەنمەن . دەپ قايتا - قايتا دىگۇم كىلىدۇ . كەچۇرۇم سورۇغۇم كىلىدۇ . لىكىن ، مەن بەك بەكلا كىچىكتىم ... ئۇنى بىشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ ، ئاپامنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىيالمايمەن . ئامما مىھرىبان ئانامنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلغىنىمدا ، مەن بۇ گەپلىرىمنى، بىرەر قىتىممۇ دىيىشنى ئۇنتىمىدىم . ھەمدە ھاياتىمنىڭ ئاخىرغىچە ، شۇ گەپلىرىمنى تەكرارلاپ ئۆتۇش قەسىمىنى ، بۇنىڭدىن 15 يىل بۇرۇن ، ئانامدىن ئايرىلغان كۈنلىرىمدە ، قان- زار يىغلىغان ۋاقىتلىرىمدا ، كۆك ئاسمانغا قاراپ ، ئانام روھىغا قىلغان دۇئارىم بىلەن بىللە قوشۇپلا بىرىۋەتكەن ئىدىم ...
بىر كۇنى پوسولكا قەغىزىگە ، " مىللەتلەر تەرجىمانلار ئىدارىسىدىكى ئوغلۇمغا تەگسۇن " دىگەن تولىمۇ يوغان ، ئىغىر بىر خالتا تاپشۇرۇپ ئالدىم . خالتىنىڭ يىنىغا كەلسەم ، غۇلجىنىڭ چوڭ نىنى بىلەن ، قانداقتۇ بىر خىل ، مايلىق توقاچلارنىڭ مېزىلىك ھىدى، بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى . ئەتىراپىمدىكىلەردىن ئازراق خىجىل بولدۇميۇ ... لىكىن ، تىزراق ئىچىپ ، ئەتكەنچايغا بىسىپ ،ئەتكەنچاي بىلەن راسا ئىچىمەنكەندە دىگەنلەرنى چاقماق تىزلىكىدە ئويلاپ بولدۇم .
خالتىنى ئاچسام ، ماڭا تونۇش پۇجۇركىدا يىزىلغان ، سىغىنىشلىق سالام خەت ، نان ، توقاچ ، سارماي ، كىچىك ماركىسى يوق بىر پوتولكىغا ھەسەل ، ئازراق يايمىقاق ، ئۈرۈك قېقى ، قۇرۇت ، ئىرىمچىك دىگەندەك نەرسىلەر " ئاز بولسىمۇ بالام ، ئېغىز تەگ" دىگەن ئاپامنىڭ يىقىملىق ئاۋازى بىلەن ئالدىمغا تىزىلدى . ئالدى بىلەن خەتنى ئىچىپ ئوقۇدۇم . ئەينى ۋاقىتتىكى
" سالام خەت" لەر ئاساسەن بىر خىل ئۇسۇلدا ، بىر خىل قىلىپتىلا ، باش قىسمى ، ھەممە مەسلەھەتلىشىۋالغاندەك ئوخشاشلا سۆزلەر بىلەن يىزىلاتتى .
؟؟؟؟ شەھرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدىن ئەركىن نەپەس ئىلىپ كىتىپ بارغان ئوغلۇم . قانداق ئەھۋالىڭ ؟ خىزمەتلىرىڭ ياخشى كىتىپ بارامدۇ ؟ تۇرمۇشۇڭ ياخشى كىتىپ بارامدۇ؟ سالامەتلىكىڭ ياخشىدۇ ؟ ئۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغا ، تاماقلىرىغا خىلى كۆنۇپ قالدىڭمۇ بالام ؟ خىزمەتداشلىرىڭغا بىزدىن سېغىنىپ سالام دە بالام ....
بىزدىن ئەھۋال سورىساڭ ، خۇددى ئۆزەڭ كورگەندەك ، ساق - سالامەت . بىزدىن ئەنسىرىمە . ھەممىمىز ياخشى تۇردۇق ...
مەخسەتكە كەلسەك : ساڭا ئاتاپ ، كالا خۇرۇمىدىن تىكىلگەن ، بىر شىبلىت ئەۋەتتۇق . داداڭ تونۇشلىرىغا دەپ ، غۇلجا تېرە زاۋۇتىدا تىككۇزۇپ كەلدى . پۇتۇڭنىڭ ئاستىدىن سوغۇق ئۆتۇپ كەتمىسۇن دەپ ، خۇرۇم چەم قىلغۇزدۇق . ماگىزىننىڭ ھازىرقى ئاياقلىرىنىڭ ھەممىسى رىزىنكە ، چوشقا خۇرۇمى ، سوغ تارتىدۇ . ئوغۇل بالىغا بۇ بولمايدۇ ، كىيىن رىماتىزىم بولىسەن ... دىگەندەك يۇرەك سۆزلەر ، قاتار - قاتار تىزىلغان .
شىبلىتنى تەستەرەك كىيدىم . سەل پۇتۇمنى قىستىغاندەكمۇ قىلدى يۇ ، ھەر ھالدا پۇتۇمغا پاتتى . بىر مەزگىل كىيسەم ئۆزىنى قويۇپمۇ بىرەر ... دەپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ، جىمجىت ياتاقتا ، ئۇ يان ، بۇيانغا مېڭىپ كۆردۈم . " ئالە شەرىڭنى " ماڭغانچە ، شىبلىتتىن " غاچ غاچ غاچ " ئاۋاز چىقىشقا باشلاۋاتىدۇ ." ئوھ قانداق قىلغۇلۇق ... بۇ شىبلىتنى كىيىپ ، جىم- جىت خىزمەت بىناسىدا ئۇياقتىن ، بۇ ياققا ماڭسام ، نىمە ئىشلار بوپ كىتەر" چوشقا بىلەن ئۆچكە مازاق قىلىپ ، كۈلۈپمۇ كىتەر ... ھە !
شىبلىتنىڭ " غاچ غەچى " ماڭغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ . كارۋىتىمدا ئولتۇرۇپ ،پۇتۇمنى يەرگە ئاستا تەككۇزسەممۇ " غىچ " قىلىپ قويىدۇ . بۇ بولمايدۇ . بۇ " غاچ غاچ" نىڭ ئامالىنى قىلىش كىرەك . شىبلىتنى چىرايلىق قىلىپ ، سومكىغا سىلىپ ، شۇ يەرلىك موزدۇزنىڭ يەنىغا ئاپاردىم .
شىما شى ؟( نىمە ئىشىڭ بار)
تۇمشۇقلىرىنى قاپ - قارا قوللىرى بىلەن ، يىرىم - ياتا سۇرتۇپ ، دىدى موزدۇز ماڭا.
ئەييائائا !!! دىدىم مەن دۇدۇقلاپ ،
بۇ گۇينىڭ تىلىدا " غاچ غاچ" نى نىمە دەيدىغاندۇ ؟ئەمدى .
" ھەي ! غاچ غاچ دە بەنفا يوئۇمەئىيو " ھەي ! گۇي ... لا دەپ باقتىم . ( غاچ - غاچنى يوقۇتالامسە ). چۇشىنىدىغاندەك ئەمەس بۇ ...
ئۇنى دەپ باقتىم ، بۇنى دەپ باقتىم ، بۇ موزدۇزغا زادىلا چۇشەندۇرەلمەي ، ئاخىرى شىبلىتنى كىيىپ ، " غاچ " چىقىرىپ مىڭىپ ،چۈشەندۇردۇم .
ئەييا بۇشىڭ ... ( بولمايدۇ)
دەپ ئۇ تىخىچە ، موزدۇزلۇق ھاياتىدا بۇنداق " غاچ غاچ" نى كۆرۇپ باقمىغانلىقىنى ، قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى . شۇنداق قىلىپ بۇ " غاچ غاچ " شىبلىت ئۇزۇن ۋاقىت ساندۇغۇمدا تۇردى . كىيىن يەنىلا ھەمشەھەرلەردىن سوراپ ، ئۇ غۇلجىلىق موزدۇز ئۇستام ئاران سالغان " غاچ غاچ"نى يوقاتتىم .
ئويلۇدۇم . بالا يەنىلا بالا .
ھايات مانا مۇشۇنداق زەنجىر ھالقىسىدەك ، بىر - بىرىگە ئۇلانغانىكەن . " مەن قىلارمەن بالامغا ، بالام قىلار بالىسىغا " دىگەندەك ، بىچارە جاپاكەش ئاتا - ئانام ، مەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ ، مېنىڭ غېمىمدە ... ئاپامنىڭ " بالام بېشىڭغا قىلىن كىي ، بىز ئەۋەتىپ بەرگەن قۇلاقچىنى بېشىڭدىن ئايرىما ، سوغاق باشتىن ئۆتسە بەك يامان ، ھازىرقى باللار شەپكە كىيىشتىنمۇ خىجىل بولۇپ ، يالاڭپاشتاق يۇرۇيدۇ . بۇ تەرمۇسقا قايناق سۇنى لىقلاپ ئەلىپ ، ئاغىزىنى ياپمىغاندەكلا ئىش..." دىگەن گەپلىرى قۇلۇقۇمنىڭ تۇۋىدە...
ھەي ياشلىق .... ھەي بەڭۋاشلىق ... شۇ ۋاقىتلاردا چوڭلارغا يىنىش ئاساسەن يوق ، لىكىن ، بىر ئاماللارنى قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭكىنى توغرىغا چىقىرىشقا تىرىشاتتۇق . بەلكىم ، ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى كۆپ دوستلىرىمىزمۇ ، شۇنداق بولغان بولسا كىرەك ...
ئاتا - ئانىنىڭ بالا ئۈچۈن قىلغىنىنى ، بالا ھەرقانچە قىلىپمۇ قايتۇرالمايدۇ . شۇڭا ئاتا- ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ ، ھەممىدىن مىھرىبان ، ئاتا - ئانا مىھرىنىڭ ئورنىنى ، ھىچ قانداق نەرسە تولدۇرالمايدۇ ... ئۇنىڭدىكى ھارارەت بىلەن ھىچ قانداق ھارارەت بەسلىشەلمەيدۇ ھەمدە سېلىشتۇرۇشنى ئويلىغان ھامان ئۇتتۇرغىنىڭىز ئۇتتۇرغان ...
بۇ ھەقتە يەنە مۆرىتى كەلگەندە ، پۇرسەتنى ئۆتكۇزىۋەتمەي ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىللە سوزلىشىشكە ، ھەرقاچان تەييارمەن ....
باھار كىرىشى بىلەن ، بۇ قىلىدىغان ئىش يوق ئىدارە ، جانلىنىپ كەتتى. ھەممە ئادەم ئادەتتىكى مېڭىشلىرىدىن ، قەدەملىرىنى تىز - تىز ئەلىپ ، چىرايلىرىدا ئىچى - ئىچىگە پاتماي قالغان خوشاللىقلىرىنى يوشۇرالماي يۇرمەكتە.
خۇددى دۇنياۋى خاراكتىردىكى تەنتەربىيە يىغىنى، ئولىمپىكتىنمۇ ئۇزۇن ، داغدۇغۇلۇق تەنتەربىيە يىغىنى باشلىنىپ كەتتى. ھەر قايسى مىللەتلەر بولۇمى ، ئوز مىللىتىنىڭ غورۇرى ۋە ئابرۇيىنى ساقلاش ۋە يۇقۇرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن ، بەيگىگە چۇشۇش ئالدىدا . "دوستلۇق بىرىنچى ، مۇسابىقە ئىككىنچى " دىگەن ئاخمىقانە شوئار ئاستىدا ، ھەممە مۇشتۇملىرىنى چىڭ تۇرۇپ ، " بىز بار مەيەردە جۇما " دەپلا تۇرۇدۇ .
مانا پۇرسەت دىگەن . مانا ھە دىگەندىلا ، مىللىتىم ئۇچۇن ، ئۆزەم ۋايىغا يەتكۇزۇپ قىلالايدىغان ، بىرەر ئىش قىلالايدىغان بولدۇم . خىزمەتتە 10 يىل ئىشلىسەممۇ ، بىرەر نەتىجە چىقىرالىشىمدا ، پەقەتلا ئۇمىت يوق . ئارقىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولۇپ ، داۋاملىق مېڭىشىمدا گەپ يوق . ئامما تەنتەربىيەدە ، بۇ ئىدارىدە كىم مىنىڭ ئالدىمغا ئۆتەلەيدىكىن .
بايرامغا ياسانغان ، ھېيتلىق پۇل ئالغان بالىلاردەك خوشاللىقىم قىن - قىنىمغا پاتماي كەتتى . ئۆزەم ئەڭ ياخشى ئوينىيالايدىغان ۋالىبول تۇرى بويىچە ، ئۇزۇن يىللىق تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ، يولداشلارنى تەشكىللىدىم . باشقا تىلنى راۋان سوزلىيەلمىگىنىم بىلەن ، ۋالىبول ھەققىدە قۇچقاچ تىللىرىم چىقىپ كېتىدىغۇ ... ئوننەچچە يەشىمدىن باشلاپ ئويناپ كەلگەن ۋالىبول ، مەن ۋايىغا يەتكۇزۇپ ئوينىيالايدىغان توپ تۇرىغۇ ....
ئۇرە ...!!! چىقىرە !!! سالە گۇينى ... ئۇيغۇرچە سىلىق - سىپايە ، قاتتىق يۇمشاق گەپلەرنى چاقچاق ئارىلاش توۋلاپ ، ھەر قايسى بۆلۇملەرنى پوسكايتىۋەتتۇق . بۇ ۋاقىتقا كەلگۇچە ، چاۋشىيەن مىللىتى بولۇمى بىرىنچىلىكنى قولدا تۇتۇپ كەلگەن ئىكەن . ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىمۇ ، كونا چىمپىيۇن ، قولىمىزغا سۇ قۇيۇپمۇ بىرەلمىدى .
ھەر قانداق مىللەت ، " قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە " دىگەندەك ، يەنىلا ئۆز مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ، غورۇرى ئۇچۇن جەڭگە ئاتلانغاندا ، ئۆزارا تولىمۇ سۆيۇملۇك ، تولىمۇ ئىناق بولۇشۇپ كىتىدىكەن . بەزى بىر ماي تارتىشلار ، مىللەت مەنپەئەتى ئۇچۇن " ھۇررا " توۋلىغان چاغدا ، يەنىلا توختاپ ، " مىللىتىم ئۇچۇن " دىگەن روھ ئۈستۇن ئورۇنغا ئوتىدىكەن .
يارايسىز ئۇكام . يارايسىز ... ماندا ھۇنەرلەرمۇ بار دەڭ : دەپ كەم سوز بۆلۇم باشلىقى ، مۇرەمگە ئۇرغاچ خوشاللىقىنى ئىپادىلىمەكتە .
ئۇ ئادەم ۋىجىك ، تولىمۇ ئاز گەپ قىلىدىغان ، شۇ ۋىجىك بويىنى خەقتىن يوشۇرىۋاتقاندەك ، ئالدىغا خىلىلا ئەڭىشىپ ماڭىدىغان ، ھەر قانداق كەلگەن چاقچاققىمۇ " پىسسىڭڭىدە " ئارانلا كۈلۇپ قويىدىغان ، كۇلكىسى بەكلا قىممەت ،خىزمەتتە ئەستايىدىل بىر ئادەم ئىدى .
"مىنىڭ بۇ ئىدارىدە قىلالايدىغىنىم ، ئولتۇراش ئويناش بىلەن مۇشۇ توپ ئويناشتەكلا قىلىدۇ ...'"
دىدىم مەنمۇ چاقچاق ئارلاش ، خوشاللىقىمنى ئىپادىلەپ.
بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان " ئولىمپىك" تە ئۇيغۇر بولىمى ، ئىدارە تارىخىدا قولغا كەلتۇرۇپ باقمىغان ، كۆچمە بايراقنى ، تۇنجى قىتىم ئالغان بولدى. . ئىدارە باشلىقىمىزنىڭ خوشاللىق كۇلكىسىدىن ، ئارقا تەرىپىدىكى بىر نەچچە چىشىنىڭمۇ ،ئالتۇن چىش ئىكەنلىكىنى شۇ كۇنى بىلىپ قالدىم ...
مەن يۇقۇرىغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىپ ، شەھەردىكى پۇتۇن ، يۇرتىمىزدىن كەلگەنلەر ئۇچۇن " تەڭرى تاغ لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقە يىغىنى " ئۆتكۇزۇشكە كۇچ چىقىرىمەن . بىرىنچى بولغان ئۇيغۇر بۆلىمىگە ، ئىدارىدىن مەخسۇس خىراجەت ئاجىرتىپ ، مۇسابىقىغە تەييارلىق مەشىقى ئىلىپ بېرىلىشىنى بۇگۇنلا جاكالايمەن ...
دەپ يىغىننى ئاخىرلاشتۇردى .
ئەكەڭنى سۇگۇي ، سارتلار ئاپ كاتتە...
دىگەن گەپمۇ قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى ....
تەييارلىق پۇتتى . ئىدارىدىن ئاجىرتىلغان پۇلغا ، تولۇق بىر يۇرۇش ، تەنتەربىيە كىيىمى سىتىۋالدۇق . بۇ جەرياندىكى قىززىق تالاش - تارتىشلارنى ، ئاۋۇ رەڭ بولىدىكە ، ماۋۇ بولمىدى ، ۋاي نىمە قىلىشساڭ قىلىشمامسە ۋاي... دىگەندەك كىلىشەلمەسلىكلەرنى كەيىنچە بىر پۇرسەت بولغاندا تەكىتلەپ ئۆتەي ...
ۋەتىنىمىزدىن كەلگەن ، شۇ شەھەردىكى ئۆزىنى خەلىق ئالدىدا ئانچە كورسۇتۇشنى خالىمايدىغان ، كاتتاباشلارمۇ بۇ قىتىمقى " تەڭرى تاغ لوڭقىسى تالىشىش تەنتەربىيە يىغىنى" غا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى . تەنتەربىيە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تولىمۇ ئەركىن ، تەبىئى بولدى . ھەممە ئۇرغۇپ تۇرغان قىزغىن روھ بىلەن پاراتتىن ئوتۇپ، بۇ تۇنجى قەتىملىق تەڭرى تاغ لوڭقىسى تالىشىش تەنتەربىيە پائالىيىتى ، داغدۇغۇلۇق باشلاندى . ئىدارىمىز كاماندىسى بىرىنچى كۇنىلا داڭ چىقىرىۋەتتى .
- ھە ھە سالە ئۇكا ...
بەكمۇ ئىتتىك ماڭالمايدىغان ، لىكىن شۇ سەمىز بەدىنى بىلەن، توپ مەيدانىدا كۇرەش قىلىۋاتقان ، ئارلاپ - ئارلاپ يوغان قوساقلىرىنى ، ئوز ئىختىيارى ئەمەسلا سىلاپ - سىلاپ قويىدىغان ئاكىمىزنىڭ ئاۋازى ، مىللەتلەر ئىنىستۇتىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىنى بىر ئالغان ... ئۇ ئاكىمىز پۇتۇن ھىسياتى بىلەن ئوينىغاچ ، مەن توپكىغا چىققىنىمدا ، ماڭا مەدەت بەرگەندەك ، سىمىز پۇتلىرىنى كۆتۇرۇپ ، توپنىڭ يولۇنۇشىنى بويلاپ بويۇنلىرىنى سوزۇپ تۇرۇپ ۋاقىرىماقتا ...
يارايسە ئۇكا !! مانا مۇشۇنداق . ھە مانا يەنە بىرنى ، سالە كۆككوز ...ئۇ ئاكىمىز توختىماي ۋاقىرىماقتا :
سالە دەيمە ...!!! جېنىم ئۇكام ، ھە !
باشقىلار قاراپ تۇرىۋاتىدۇ ، دەيمە ...
ئۇچ مىتىرنىڭ ئىچىگە بىرنى سالە ئۇكا ...
ئۇ ئۆزىنى ئۇنتىغان ، ئۇنىڭ " باشقىلار قاراۋاتىدۇ " دىگىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئاممىۋى سورۇنلاردا ، ئانچە يۇرەكلىك دىيىلمەيدىغان گەپلەر ... لىكىن ، ھەممە كۆپنىڭ چىن كۆڭلىدىكى گەپلەر ئىدى . ئۇ مۇشۇ مۇسابىقە ئارقىلىق بولسىمۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئابرويىنى ، تەسىرىنى ھەتتا كۇچىنى باشقا مىللەتلەر ئالدىدا كۆرسەتمەكچى ...
ئاكىمىزنىڭ چىقارغان پاسلىرىدىن ، قوللىرىنىڭ بىر ئەپلىك ، قايماقتەك كىلىشى ۋە پاسلىرىنىڭ تولىمۇ مۇقۇم ئورۇنغا كۆتۇرلىشلىرىدىن ،ياش ۋاقتىدا خىلى كۆزگە كۆرۇنگەن پاسچى ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇراتتى . ھەركەتلىرى ئاستا ، سىمىزلىكى، ئويلىغان ۋە قىلماقچى بولغان ھەركەتلىرىگە ئانچە ماسلاشمىسىمۇ ،لىكىن كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۇرەتتى . قارشىلىقسىز ئىلگىرلەۋاتقان كاماندىمىزدىكىلەرنىڭ روھى كەيپىياتى ئالامەت .
بۇگۇن نەتىجىمىزنى تەبرىكلەپ بىرەرنى چاقامدۇق ئۇكا ؟
ئۇ ئۆزى سوئال سوراپ ، جاۋابىنى كۇتمەي ، ئۆزىلا جاۋاپ بىرىپ :
ياق ئۇكا ، بولمايدۇ . بۇگۇن چاقمايلى ، قايتىپ ئوبدان ئارام ئىلىپ ، ھەممىنى سىرىپ تۇگىتىپ ، ئاندىن ئىچسەكمۇ كېچىكمەيمىز . قانداق ؟ دىگىنىم توغرىدۇ ؟ئۇكا ..
شۇنداق قىلىپ ، مۇسابىقە ئەھۋاللىرى قۇلاقتىن - قۇلاققا كۆچۇپ ، ئاخىرى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۇنى ، ۋالىبول مەيدانىنىڭ توت ئەتىراپى ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن لىق تولدى . شۇنچە چوڭ مۇسابىقىلارنى باشتىن كەچۇرگەن ، ئالى مەكتەپلەر ئارا ئوتكۇزۇلگەن ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەردە ۋە شەھەر ، ئوبلاس- ۋىلايەتلەر ئارا ئۆتكۇزۇلگەن مۇسابىقىلاردىمۇ ، جاننى تىكىپ قويۇپ ، ئويناپ ، ئالقانلىرىمدىن بۇ قىتىمقىدىكىدەك تەر چىقمىغان . مەندىمۇ خىلىلا جىددىلىشىش ، ئەنسىرەش بار . ئىككى ئالقىنىمنى يەرگە تەككۇزدۇم . ئاللا مەدەت بەرگەي ...
قارشى گۇرۇپپىدىن ھەممىنى سىرىپ كەلگىنى ، يىزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتى . بۇلار خىلىلا كۈچلۈك . ماسلىشىشچانلىقى بىزدىن ياخشى .ھەممىسى 20 ياش ئەتىراپىدىكى ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ، پاسچىسى ، بىزنىڭ پاسچىغا يەتمىگىنى بىلەن ، ئىككى ھۇجۇمچىسىدا چوڭ چاتاق يوق .
بىزدە بىر ھۇجۇمچى كەم . پىلاننى ئۆزگەرتتۇق . پاسچى ئاكىمىزنىڭ تەجىربىسىنى قوبۇل قىلىپ ، مەن ئالدى مەيداندىن نورمال ھۇجۇم ، ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن ھۇجۇم ( ئۇچ مىتىر سىزىقنىڭ سەتكىغا قارشى تەرىپىدىن ، سىزىقنى دەسسىمەي ، سەكرەپ چىقىپ ئۇرۇش) تاكتىكىسىنى بېكىتتۇق . بۇ تاكتىكا ، ئەگەر مۇسابىقە ئۇچ مەيدان بىلەن ئۇ ياق بۇياق بولسا ، كۇچىنى كۆرسىتەلەيدىغان ، ئەگەر مۇسابىقە سوزۇلۇپ ، بەش مەيدانغا سوزۇلغاندا ، ھۇجۇمچى چارچاپ ، رولىنى ئانچە جارى قىلدۇرالماسلىقتەك ئەھتىمالى كوپرەك تاكتىكا . بۇگۇنكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، بۇ تاكتىكىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدىغان مەسلىھەت.
ھەممە جىددىلەشمەكتە. تاماشىبىنلارمۇ " قايسى ئۇتۇپ چىقار ؟" دىگەن سوئال - جاۋاپ ۋە تايىنى يەتكەنلىرى ئوزارا قول ئىلىشىپ ، قانداقتۇ بىر نىمىلەرنى تىكىپ ۋەدىلىشىۋاتقاندەك ..." بولدى ، ھىساپ تىكتىم ، قىنى كۆرىمىز ، بىر تەخسە لەغمەنكەنغۇ ..."دىيىشىپ ، مۇسابىقىنىڭ تىزراق باشلىنىشىنى كۇتمەكتە.
بەدەن قىزىتىش ئۇچۇن مەشىق توپى ئۇرۇش باشلاندى . بۇ مەشىق توپكىسىمۇ ، ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تاكتىكا بولۇپ ، مەشىق جەريانىدا ھە دىگەندە قاتتىق بىرەرنى ئۇرۇش ، قارشى تەرەپنىڭ كەيپىياتىغا ئازدۇر - كوپتۇر تەسىر كۆرسۇتەلەيتتى. روھى جەھەتتىن " بۇلار خىلىلا كۇچلۇكمۇ قانداق ؟ " دىگەن بىسىمنىمۇ بەرەلەيتتى.
سالە ئۇكا !....
سېمىز ئاكىمىزنىڭ ، بوم ئاۋازى بىلەن تەڭلا ، قايماقتەك پاستىن بىرسى كۆتۇرۇلدى .
ھەممە تىمتاس ، خۇددى مۇشۇ بىر توپ بىلەن مۇسابىقە نەتىجىسى ئىلان قىلىنىدىغاندەك ... پۇتۇن كۇچۇم بىلەن سەكرەپ چىقىپ ، سېتكا بىشىدا " ھە قەنى ، مەنى ئۇرمامسە " دەپ قاراپ تۇرغان توپقا ، كىچىك بېغىشىمنى ئۇنۇملۇك سىلكىپ ، راسا ئۇردۇم . توپ ھەم قاتتىق كۇچ بىلەن ھەم بېغىچنىڭ جايىدا سىلكىنىشى بىلەن تولىمۇ چىرايلىق ئۇرۇلدى . ھەم قارشى تەرەپ ئۇچ مىتىر سىزىقىنىڭ ، قىسقا يانتۇ سىزىقىغا چۇشتى .بۇ خىلىلا يۇقۇرى ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئەھۋال بولۇپ ، پاس چوقۇم سەتكىنىڭ قاق بەشىغا چىقىشى كىرەك . بەغىشنى خۇددى ئات ھارۋا قامچىسىغا ئوخشاش سىلكىگەندىلا ئاندىن ھۇجۇم نەتىجىسى ، توپنىڭ ئولۇش نىسپىتى 80- 90% گە يەتىپ بارالايدۇ . بۇ توپ ، بىز تەرەپنى قوللىغۇچىلارغا غايەت زور بىر ئۇمىتلەرنى ئاتا قىلىۋەتتى .
ھە. ... !!! يارايسە ئۇكا . ھە ئاخىرغىچە مانا مۇشۇنداق ...
ئاكىمىز خوشاللىقىدىن ، توختىماي ۋاقىرماقتا ...
مۇسابىقە باشلاندى . دەسلەپ بىزنىڭ ھۇجۇمىمىز ناھايىتى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلدى . قارشى تەرەپ تازا دىگەندەك رولىنى جارى قىلدۇرالماي ، بىراز ساراسىمدا ، سەل قالايمىقانلاشتى . ۋە ئوزارا تاپا - تەنە ،بىر - بىرىگە ۋاقىراشلار بىلەن ھودۇقۇشتا ...
ئىشلار بۇنداق جايىدا بولىۋەرمىدى . ئۇلارنىڭ ھۇجۇمچىسىمۇ ، پۇتۇن ئاچچىقىنى توپتىن ئالماقچى بولغاندەك ، غەزەپ بىلەن بىرنى ئۇردىكى ، مەيدان كەيپىياتى پۇتۇنلەي ئۆزگەردى . ئۇلار جانلىنىپ ، ھەر خىل ۋاقىراش ، ئىسقىرتىشلار بىلەن بىزگە تەھدىت سالماقتا ... نەق بۇ ۋاقىت ، مەنىڭ ئارقا مەيداندا ئۇزۇن پاس ئۇرۇۋاتقان ۋاقتىم . ئۇزۇن ھۇجۇمنىڭ كۇچى بولغىنى بىلەن يولۇنۇشى يايى شەكىلدە بولغاچ ، نومۇر ئىلىش نىسبىتى توۋەن . بىز ، ئۇلار 10 نەچچە نومۇر ئەلىپ بولۇشىغىچىمۇ ، ئايلىنىش قىلالمىدۇق . يەنە ئىككى ئايلىنىش بولسا ، مەن ئالدى مەيدانغا كىلىمەن ، لىكىن قارشى تەرەپنىڭ ئىچىلىپ كەتكەن ھۇجۇمچىسى ، بىزنى پاراكەندە قىلىۋەتتى . 14 تە 8 . ئايلىنىش قىلدۇق . " ئۇففف خۇدا " بۇ ۋاقىتتا ، بىز تەرەپتىن سەۋەنلىك بولمىسۇن . ئاكىمىزمۇ تەجىربىلىك پاسچى بولغان ، پاسلىرىنى سەتكىدىن سەل تارىپ ، يىراقراق چىقىرىپ بەرمەكتە. سەتكىدىن يىراقراق بولغان ھۇجۇم ، بىراز مۇقىم بولۇپ ، توساش بىراز قىيىن . كەينى - كەينىدىن ئوخشاش شەكىلدىكى ھۇجۇم ئۇنۇملۇك بولۇپ ، بىزنىڭ كەيپىياتىمىزنى يۇقۇرى كۆتەردى . تەلەي ئوڭدىن كەلدى بولغاي نومۇرىمىز ئۇلارغا يەتىشتى . 14 تە 14 . ۋالىبولدا راسا قىززىيدىغان پەيت . ....قايسى تەرەپ ئىككى نومۇر ئاشۇرسا ، بۇ مەيدان ئۇتۇقى شۇنىڭغا مەنسۇپ . توپ باشلاش بىزدە . بۇ پەيتتە قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ ، ئۆزىنى كورسۇتۇش زورۇر ئىش ئەمەس ، ئەپلەپ - سەپلەپ نومۇر ئىلىشلا ئاقىلانە ئىش . لىكىن ، ئۇلار يەنىلا ياشلىق قىلىپ ، قاتتىق ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار ھاياجان ۋە سەل جىددىچىلىكتە توپنى سەتكىنىڭ قوسىقىغا چاپلاپ ، بىزگە ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى . 15 تە 14 . ئاكىمىز ، " ھە ھە كىلە ئۇكا ، مانى مانى " دەپلا ماڭا چىقارماقچى بولغان پاسنى ، " شارت" قىلىپ قارشى مەيداننىڭ ، بوش ئورنىغا تاشلىدى . قارشى تەرەپ " چوقۇم ھۇجۇمچىغا چىقىرىدۇ " دەپ ئويلاپ ، مىنى توساشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى . 6- ئورۇندىكى ئادىمى مىنىڭ ھۇجۇمۇمنى توسۇغۇچىلارنىڭ ئارقىغا كىرىپ مۇداپىيىدە ، 4- ئورۇندىكى ئادەم ئارقىغا چىكىنگەن ، 1- ۋە 5- ئورۇندىكىسى ، يايى شەكىلدە ھۇجۇم كەپ قالسا، دىگەن پەرەز بىلەن ئوز ئورۇنلىرىنىڭ مۇداپىيىسى بىلەن . دىمەك ، مەيدان ئات تۇيۇقى شەكىلدە ، 6- ئورۇن بوشلا قالغان . ئاكىمىز بۇنى ئالدىن قىياس قىلغاچ ، تاشلاش ئۇنۇملۇك بولۇپ ، نومۇر بىز تەرەپكە قوشۇلدى . تەستە بىر تەرەپ بولغان 1- مەيدان قىقاس - چۇقانلار ئىچىدە ئاخىرلاشتى .
ئىككىلى تەرەپ بىر - بىرىگە يول بەرمەي ، بارلىق ماھارەتلىرىنى كۆرسۇتۇپ ئىلىشماقتا . تاماشىبىنلارمۇ ئوت - كاۋاپنىڭ ئىچىدە ، قارشى تەرەپ قوللۇغۇچىلىرىغا ھومۇيۇپ قاراپ ، گەپتىن سەللا كەتسە ، " نىمە دەيسە" دەپ چىقىدىغاندەكلا . مۇسابىقىنىڭ تۆتىنچى مەيدانى ئاياغلاشتى . 2 دە 2 . ھەل قىلغۇچى مانا بۇ 5- مەيدان . ئىككى تەرەپتىن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ، مەنمۇ ھالىمدىن كىتەي دىدىم. لىكىن ، ئەتىراپتىكى قوللىغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە بىرىۋاتقان مەدەتلىرى ، بولۇپمۇ سىمىز پاسچى ئاكىمىزنىڭ روھى ھالەت ، كەيپىياتلىرى ماڭا كۇچ - قۇۋەت بولماقتا . ئاكىمىزنىڭ ئىغىر بەدىنى بىلەن خۇددى يامغۇردا قالغان ئادەمدەك ئەقىپ تۇرغان تەرلىرى ماڭا ئوزۇق بولماقتا . 5 مىنۇت دەم ئىلىشتىن كىيىن ، مۇسابىقە باشلاندى . ئىككىلى تەرەپ تاكتىكا ئۆزگۇرۇشى ئىلىپ بارماي ، " قازاندا نىمە بولسا ، چۇمۇشكە شۇ چىقىدۇ " دەپ باشقا كەلگەننى كۆرمەكچى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ مۇسابىقە ، تولىمۇ جىددى ئىلىپ بىرىلدى . مەيدان كەيپىياتى چاۋاك ، ئىسقىرتىشلار بىلەن پەللىگە كۆتۇرۇلدى . مۇسابىقە نومۇرى بىر - بىرىنى تاپ بىسىپ قوغلۇشۇپ ، ئاخىرقى نەتىجە تولىمۇ تەسلىكتە بىزگە مەنسۇپ بولدى. پاسچى ئاكىمىز پۇتۇن ئاۋازى بىلەن ۋاقىرغىنىچە ، مەيدان ئوتتۇرسىدا تازا يوغان بىر پىقىرىۋىتىپ ، يۈگۈرۈپ كىلىپ ، مېنى قۇچاقلىدى ۋە لىككىدە قىلىپ مىنى ئىگىزگە كۆتەردى.
داۋامى بار
|
|