- تىزىملاتقان
- 2012-2-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1648
- نادىر
- 1
- يازما
- 83
ئۆسۈش
64.8%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا allahumma تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-9 20:34
kulpat يوللىغان ۋاقتى 2014-3-9 17:04
سىز قانداقچە ئۇنداق ھىس قىلىپ قالغانسىز ئازراق گەپ س ...
سۇئالىڭىزغا بىر نەچچە جۈملە بىلەن جاۋاب بېرىپ بولغىلى بولمايدۇ. روھىۇ كېسەللىكلەر ھەققىدە يازغان ماقالىلىرىمنى ئېلان قىلسام تېخى بولمايدىكەن. چۈنكى باشقىلار ماقالىگە قاراپلا ئۆزىدىكى كېسەلنى بايقىۋېلىپ، ئارقىدىنلا مېنى ھاقارەتلىد، ئەرز قىلىمەن دەپ قوقاق سالىدىكىن. مەن ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە بىر ماقالە ئېلان قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي بىر تور ئالىمى ئەرز قىلىمەن دەپ ئۆچۈرگۈگەن.
ماقالىلىرىمنى كۆرسىڭىز ئاندىن بىلەتتىڭىز. ماقالەمنى كۆرمىسىڭىز، مېنىڭ بۇ ئىلىمدىن قانچىلىك سەۋىيەم بارلىقىنى بىلمەيسىز، ئاندىن نىمە دېسەم بىكار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەستايىدىل نېرۋىلوگىيە ئىلمى ھەققىدىكى ماقالىنى ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. سىزنىڭ ئاۋۇ كىشىنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلىقىڭىز. سىزنىڭ جان باقتىلىق ھەققىدىكى ھىلە مىكىرگە قايىل بولغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. نېرۋىلوگىيە ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ ئادەتتىكى ئاممىنى قايىل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ خۇددى دۆڭ كۆۋرۈكتە ئالىي ماتېماتىكا ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ كىشىلەرنى قايىل قىلىمەن دېگەندەك بىر گەپ. نېرۋىلوگولىيە مەسىلىرى كەسىپ ئەھلىلىرى ياكى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن كىشىلەر ئارا مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلە.
بىر نەچچە قېتىم )90 - يىللاردا( تەكلىپ بىلەن لىكسىيە سۆزلىگەنىدىم. بۈگۈن زالغا توشمىغان بالىلاردىن ئەتىسى بىرسىمۇ كەلمىگەن ئاڭلىغىلى. شۇڭا دەپ قوياي، سىز پىسخولوگىيەنىڭ كەسىپ ئەھلى بولمىسىڭىز. ئاۋۇ ئالىمنىڭ گېپىگە قايىل بولۇپ كەتكىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئۇنىڭمۇ سىزنىڭمۇ پىسخولوگىيەنى بىلمەيدىغانلىقىڭلارنىڭ ئالامىتى.
ھەممە ئىش كەسىپلىشىش يۈزلىنىشىدە كېتىۋاتىدۇ. جان باقتىلىق ھەققىدىكى ئەخلەت كىتابلار ئالدىنقى ئەسەرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا جەمئىيىتى كىرزىسقا پېتىپ قالغان، كىشىلەرنىڭ كىرزىس تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىپ قاتتىق بازار تاپقان. ھالبۇكى، كىرزىس ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى بايقىغان. ئاشۇ دەۋردىكى ئەسەرلەررنىڭ نەشر ھوقۇقى ۋاقتى ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، جۇڭگۇدا قەلەم ھەققى تەلەپ قىلىنمىغاچقا، تۈركۈملەپ نەشر قىلىنىپ، تۆكمە قىلىندى. ئۆز مىللىتىگە سادىق ۋە ھۇشيار خەنسۇ زىيالىلىرى دەرھال بۇ كىتابلارنىڭ ئەخلەت ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئۇختۇردى. 2007، 20008- يىللارغا بارغاندا، بۇنداق كىتابلار كلولاپ سېتىلىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەمدى بازار تېپىۋاتىدۇ. ئۇلارغا بىر نەرسە دەيدىغان مەسئۇلىيەتچان زىيالىلار بولمىغاچقا، باشقىلار تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتكەن جان باقتىلىق ئىلمى بىلەن ئاشۇنداق يالغان پىسخولوگلار كىشىلەرنى ئالداپ جان بېقىۋاتىدۇ. |
|