ئەلى مۇئەلىم ۋە روھىي كېسەللىك
«مۈشۈكۈم، مۈشۈكۈم تاغدىن چۈشكەن مۈشۈكۈم »كىشىلەر روھى كېسەل دىگەن بۇڭ ئاتالغۇنى ئاڭلىغاندا ،تەبئىيلا پاسسىپ ،ھەتتا يىرگىنىشلىك پوزىتسىيە تۇتىدۇ،روھى كېسەللەنى خەتەرلىك دەپ ئويلايدۇ .ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەڭ فورماتسىيەسىدە يۈز بېرىۋاتقان‹ساراڭلىق › دېڭىز تاشقىنى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ سىرىتتىكى مەلۇم ئوبيېكتىپ ياكى ئادەمگە قارىتىلغان بولماستىن ،بەلكى مېڭە فونكىسسىيىسىنىڭ ئېنىقلىما بېرىش تەس بولغان نورمال ۋە بىنورماللىقتىن ئېبارەت مۇسىبەت ۋە مەنفىي زەرەتلەرنىڭ ئۆز ئارا زەرەتلىشىدىن كېلىپ چىققان مۇددىئاسىز ئۇچقۇن خالاس ،ئۇلار ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقى ،كۆيۈنىشى ،چۈشىنىشى ھېچ بولمىغاندا ۋاز كەچمەسلىكىگە مۇھداج،تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا غەرىپ مەدەنىيەتىدە كىشىلەرنىڭ روھى پارچىلىنىش كېسىلى (schizophrenia )ئوخشاش كېسەللىكلەردىن ساقىيىش نىسبىتى (33%)بولسا دۆلىتىمىزگە ئوخشاش ئىناقلىقنى تەرغىپ قىلىدىغان شۇنداقلا ئائىلە كۆز قارىشىغا ئىگە ،ئۆز ئارا تايىنىپ ياشاش مىخانىزمغا ئىگە شەرىق كۇلتۇرىدە ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ ساقىيىش نىسبىتى (42% )گە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن .بۇنداق بولۇشى بىزدە ئارىمىزدا كېسەل بولۇپ قالسا ،ئۇنىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغان ئالاھىدە خىسلەت بار .(ئەلۋەتتە بۇ سەۋەپلەرنىڭ بىرى)بىراق مېنىڭ مۇلاھىزە قىلماقچى بولغىنىم ھەرگىزمۇ بۇخىل كېلىنىكىلىق ئىنىق بولغان روھى كېسەللىك ئەمەس .يەنە بىر خىل روھى كېسەللىك مەۋجۇت ،بۇ خىل روھى كېسەل فىرويىدنىڭ «چاشقان ئادەم»(rftmgn ( ئانالىزىغا تۈپتۈن ئوخشىمايدۇ ،بۇلار پۈتۈنلەي نورمال كۆرۈنىدۇ.نورمال ھەرىكەت قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ئالاقىلىرىدا قوللىنىدىغان خاراكتىر گىرومىلىرى لوگىكا دۇنياسىغا قىلچە زىدىيەتلىك كۆرۈنمەيدۇ ،ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەقلى گىمناستىكىسىغا سەرىپ قىلدىغان ۋاقتى نۇرغۇن كىشىلەردىن كۆپ بولىدۇ .بىراق ئۇلارنىڭ خاراكتىر قامۇسلىرىنى ۋارىقىنى ۋاراقلىسىڭىز مەلۇم بىر بەتنىڭ كاملىقىنى بايقايسىز .ئۇ بولسىمۇ ھىسىيات ۋارىقى .ئۇلار ئۈچۈن «سىزنى ياخشى كۆرىمەن »دېگەن گەپ بىلەن «بىر پىيالە چاي ئىچىمەن »دېگەن گەپ ئوتتۇرىدا ،ياكى «راك كېسىلى »بىلەن «شاكىلات»ئوتتۇرىدا ھېچقانداق پەرىق يوق . نېرۋىلۇگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا :FMRI EEG ياكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى كۈزەتسەك ،ھېسيات سەزگۈچ ۋە ئىنكاس مەركىزى بادامسىمان تەنچەamygdale پۈتۈنلەي ئۆچۈك ھالەتتە تۇرىدۇ .ئەكسىزە مېڭىنىڭ سوغۇق ئىنكاس CEO (قوماندان )سى يەنى ئالدىنقى چوڭ مېڭە پوسىتلاق قەۋىتى ھەرىكەتچان تۇرىدۇ .بۇ خىل كىشىلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىش تەس ئەكسىچە ئۇلار دائىم باشقىلارنى ئالدىن پەرەز قىلالايدۇ .گۇناھلارنىڭ تۇيغۇسى ،نۇمۇسۋە ئەندىشە قاتارلىق ئادەم ھەرىكىتىنى ئاستىلىتىۋىتىدىغان ياكى تېزلىتىۋىتىدىغان ھېسىيات ئامىللىرىغا ئۇلار ئىمۇنىت ھالەتتە تۇرىدۇ .ئۇلارنىڭ ئەخلاق كومپاسلىرى ماگىنىت ھالەتتىن چەتنەپ كەتكەن ،ھىسداشلىق تۇيغۇلىرى ناركوزلانغان بولىدۇ ،ئۇلارنىڭ قايسى ۋاقتى نورمال قايسى ۋاقتى بىنورمال بۇنى ئايرىماق ئىنتايىن تەس .خۇددى 1801-يىلى فىرانسىيەلىك ئىچى كېسەللىكلەر فىلىپ فىنىل ئۆزىنىڭ ساراڭسىز ساراڭلىق (manie sana delire) ناملىق كىتابىدا ئېيىتقىنىدەك «نورماللىق ۋە بىنورماللىق ئىككىسى بىر بىرىگە ئىنتايىن يىراق ۋە ئەڭ يېقىن ،بۇ خۇددى چەمبەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولسا دەل چەمبەر ئۈستىدىكى ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭيىراق ئارلىق ». قىزىقارلىقى ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ خاراكتېر قامۇسىدىكى ھېلىقى كەم ۋاراق ئۇلارنى جەلىپكار كۆسىتىدۇ.ئۇلارنىڭ چىقارغان قارارلىرىنىڭ كۆپىنچىسى پۈتۈنلەي ماتىماتىكىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ (يەنى 1‹5). ھەتتا كىلىكلىي پوترىتلىرىدا بۇ خىل ئىجتىمائىي خامىليونلار تالانت ئىگىسى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن .باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى ئۇلار ناخشا ئاڭلىغاندا قۇلىقىغا مۇزىكا كىرمەيدۇ ،پەقەتلا ناخشىنىڭ تېكىستى كىرىدۇ(ھا!ھا!ھا!ھى!ھى!ھى!كەچۈرۈڭلار) ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبى « pitbull»ئىتىنىڭ تۇرمۇش ئۇسلۇبىغا ئوخشايدۇ .سىرىتتىكى كىشىلەرگە ئىنتايىن مۇلايىم ،گەپلىرى قايىل قىلارلىق ،كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدۇ .بىراق ئۆزىنىڭ ھەمراھىغا يەنى ئايالىغا،بالىلىرىغا شەپقەتسىز مۇئامىلە قىلىدۇ،خورلايدۇ.ئۇلارنىڭ ئۆيى خۇددى تىجارەت كىنىشكىسى يوق روھى كېسەللەرنىڭ دوختۇرخانىسىغا ئوخشايدۇ.مەن بۇخىل كىشىلەرنى «روھىي كېسەل ئىشلەپچىقارغۇچى روھى كېسەللەر »دەپ ئاتىدىم.بىراق......
ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر ئەلى مۇئەللىمنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن باغداش تورىغا يوللاندى ، رۇخسەتسىز باشقا مۇنبەر ۋە سالونلارغا كۆچۈرمەڭ .
|