قاسىم قاقباشنىڭ قىزىقارلىق قىلمىشلىرى سۆز ئويۇنى ( ق ھەرپى بىلەن باشلانغان)
مەخەت ئابدۇرېھىم
قاسىم قاقباشنىڭ قوتازنى قونداققا قوندۇردىغان ، قۇچقاچنى قوتانغا قاۋايدىغان ، قاسقاندا قوماچ قورۇيدىغان ، قارنى قالاپ قازان قاينىتالايدىغان ، قارۇغۇنى قاراڭغۇدا قاقشىتالايدىغان ، قىلترىقنى قىرىق قاتلاپ قالپاق قىللايدىغان ، قىلنى قاخشالغا قوزۇق قىلىپ قاقالايدىغان ،قۇرۇتنى قىمىرلاتماي قازناقتا قوندۇرالايدىغان ،قوتازنى قوشۇقتا قاينىتىپ قاچىغا قۇيماي قامچىدا قوساققا قوغلايدىغان ، قايماقنى قۇمدا قاينىتىپ قۇيماق قىللايدىغان ، قىسماقنى قۇدۇققا قاپقاق قىللايدىغان قالتىس قابىليىتى - قېرىنداشلىرىنى ، قۇلۇم قوشنىلارنى ، قورۇدىكىلەرنى قايىل قىلىپ قىززىقتۇرغاچقا قورۇنىڭ قازىسى قاسىم قاقباشنىڭ قاڭشىردىكى قالپاققا قاراپ قاسىم قاقباشنى قورۇنىڭ قارىسى قىلىشغا قوشۇلغان . قاسىم قاقباشنىڭ قاشقىسى - قاسىم قارىم قىلىنغان .
قاسىم قارىمنىڭ قىرائەتلىرى قۇلۇم-قوشنىلارنى قايىل قىللامىغاچقا قارىملار قاتارىدىن قوغلانلاندى قىلىندى.
قىرائەت قەسىردە قىلچىمۇ قىممەت قالدۇرالمىغان قاسىم قارىم قاڭشىردىكى قارىملىق قالپىقىنى قازناقتىكى قېقىلمىغان قوزۇققا قىستۇرۇپ قويۇپ قۇيرىقىنى قولتىقىغا قىستۇرۇپ قۇرۇق قول قايتىپ قورۇدىكى قىمارۋازلار قاينىمىغا قوشۇلدى.قىمارۋازلار قوبۇل قىلدى.
قاسىم قىمارۋاز قىمار قەسىردە قەرىز قانىلىغا قاپسىلىپ قالغاچقا، قېرىنداشلىرى قايتا - قايتا قارار قىلىپ قاسىم قىمارۋازنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇپ قىمارۋازلارنىڭ قىلتىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قېرىداشلىرنىڭ قاتارىغا قوشۇپ،قورۇدىكى قوشنىلارنى قايىل قىلدى.
قاسىم قىمارۋاز قەرىز قايتۇرۇپ قولىدا قىلچىلىك قىممەت قالمىغاچغا قەلەندەرلەر قاتارىغا قوشۇلدى.
قاسىم قەلەندەر قەلەندەرلىكنى قەلەندەر قامۇسىدىكى قائىدىلەردەك قىلالمىغاچقا ، قورۇدىكىلەرگە قول
قوشتۇرۇپ قېرى قەلەندەردەك قارسىمۇ قاراپمۇ قويماي قايتىشقان، قەلەندەرلەر قاتارىدا قاتتىق قىسىلغان
قاسىم قەلەندەر قاتتىق قاخشاپ قەلەندەرلىكتىن قايتىپ قاسساپلىق قىلىشنى قارار قىلدى. قاسىم قەلەندەرنىڭ قاسساپلىق قىلىش قىبىلنامىسى قورۇدىكىلەرنى قايىل قىلغاچقا، قېرىنداشلىرىنىڭ قوي-قوتازلىرىنى قەرىز قىلىپ قاسساپلىق قىلدى.
قاسىم قاسساپ قوتازنى قوي، قوڭغازنى قۇچقاچ قىلىپ قوشنىلارغا قىلتاق قۇرغاچقا، قوشنىللىرى،قولداشلىرى قېچىۋېلىپ قاسساپلىقنى قاملاشتۇرالمىدى.قىلمىغان قىلىقلىرى قالمىدى،قانداق قىلىقنى قىلسا قاملاشمىدى.قارايلى ! قارىملىق قىلدى،قاملاشتىما؟ قىمارۋازلىق قىلدى قاملاشمىدى.قەلەندەرلىك قىلدى،قولىغا قىلدەك قىممەت قوشۇلمىدى.قاسساپلىق قىلدى قولداشلىرى قاچتى.
قاسىم قاسساپ قەدىمقى قەسىرگە قايتىپ قەدەم قالدۇقلىرىغا قارسا قىلىدىغان قىلىقلاردىن قانچىلغانلىرى قەپ قالغان.قايسىنى قىلاي؟، قانچىنى قىلمەن؟، قىلىدىغان قىلقىم قالتىس !، قىلغانلىرىمنىڭ قىممىتىگە قايىلمەن،قالتىسلىقى : قانۇنسىزلىق. قىلغانلىرىممۇ قانۇنسىزلىق،قىلىدىغانلىرىممۇ قانۇنسىزلىق.
قىلىدىغان قىلىقلىرىم قاملاشسا قىلتاق قۇرۇش، قاملاشمىسا قاتىللىق قىلىش. قالتىس ! قالتىس !قاراملىق قىلمىساڭ قاملاشمايدۇ.
قاسىم قىلتاق قاسساپلىق قىلغاندا قوي-قوتازلارنىڭ قارنىنى قوچۇپ، قان قۇستۇرغان قىڭراقنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ قورۇغا قارىدى. قورۇغا قايتىۋاتقانلارنىڭ قولتۇقىدىكى قىممەتلىك قاپقۇچلار قاسىم قىلتاقنى قاپلاندەك قاراملاشتۇرۋەتتى، قولىدىكى قانخور قىڭراقنى قاتىلنىڭ قىلچىدەك قاڭقىتىپ قوياتتى.قورۇ قاراڭغۇلاشسۇن !
قاتىللىق قىلمەن، قاتىللىق!.
قاسىم قىلتاقنىڭ قىلماقچى بولغان قىلىقىلىرىنى قوياشمۇ قوللىغاندەك قەلئەسىگە قايتىپ،قورۇنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى.قالتىس!، قالتىس!،قاتىللىق قىلمەن.
قاسىم قىلتاقنىڭ قاتىللىق قىلمىشى قاملىشىدىغاندەك، قارسا قورۇنىڭ قۇرلۇشىنى قىلىدىغان قاۋۇل قادىر قورۇدىن قايتتى. قاچالمايسەن! قەيەرگە قاچىسەن ؟،قاسىم قىلتاق قاۋۇل قادىرنى قۇچاقلاپ قولىنى قايرىدى.قاۋۇل قادىرمۇ قارشىلىق قىلدى.قاسىم قىلتاق قولىدىكى قىڭراقتا قاۋۇل قادىرنىڭ قارنىنى قوچۇپ قان قۇستۇرۇپ قولتۇقىدىكى قاپنى قايتۇرۇپ قېچىۋاتقاندا قورۇنىڭ قاراۋۇللىرى قورشىۋالدى.قاۋۇل قادىر قازا قىلدى.
قاسىم قاتىل قاراۋۇللارنىڭ قولىدىن قاچالمىدى.قاراۋۇللار قاسىم قاتىلنىڭ قولىغا قارسا قولىدىكىسى قاتىللىق قۇرالى قىڭراق،قىلمىشى قانۇنسىزلىق.
قاۋۇل قادىرنىڭ قولتۇقىدىكى قاپقا قاچىلانغان قالدۇقلار قالتىس قىززىق، قىززىقلىقى قارسىڭىز قۇرلۇش قىلىشتا قۇم باستىدىن قۇم قاچىلاشقا قالدۇرۇلغان قۇرۇق قاپكەن، قۇرۇق قاپ!
قېرنىداشلار! قانۇن ، قاسىم قاتىلغا قانداق قارار قىلار! ؟..............
|