- تىزىملاتقان
- 2012-8-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1748
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
74.8%
|
- ھەگىز ئۇنداق دېمەڭ ، - دەپ گېپىمنى بۆلدى دوختۇر ، - مانا شۇ خالتىدىكى دۇنيا دۇنيا ۋەجىدىن بۇ ئاغىنىمىز مەندىن رەنجىپ ، دوختۇرخانىدىكى ۋاقتىمىزدىمۇ تۈزۈك چىراي ئاچماي يۈرگەن . مەن ئۇنىڭ ئۆگزىگە ئاتقان نېمىسىنى ھويلامغا چۈشۈپ كەتسە يەپ كېتىدىغان ئادەممىتىم ! مېنىڭمۇ قورسىقىم كۆپتى زىيان دېگەن كىمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرمايدۇ ؟ بوپتۇلا ، دەپ يەنە چاندۇرماي يۈردۈم ... ئەمدى قاراڭ ، مونۇ خەتلىرىدە ئۇ كۆمۈپ قويغان ئالتۇنلىرى توغۇرسىدا يەنە بىر نېمىلەرنى يېزىپتۇ . سىز ئىشەنمەمسىز ؟ مەن ئىشىنىمەن ، بۇ ئادەمنىڭ ئاتا – بوۋىلىرى ناھايتى باي ئۆتكەن . ئۇنىڭ ئاكىسى ئۆمرى ھاراق ئىچىپ ، قىمار ئويناپ ، بۆۋەكچىلىكتىلا ئۆتكەن ئاغىنىتى ، دادىسىدىن قالۈان چوڭ قورۇ – جايلارنى سېتىپ يەپ بولۇپ ، ئاخىرىدا ئەزىمجانغا مانا مونۇ ئالىقانچىلىك تارچۇق قېپقالغان . ئاڭلىسام ، ئەزىمجاننىڭ بالىلىرى بۇ قورونىمۇ سېتىپ ، پۇلىنى بۆلۈشمەكچى بولۇۋېتىپتۇ ، ئوبدان باھا قويۇپ سېتىۋالاي ، دەۋاتىمەن . ئۇ بىچارىنىڭ ئۈچ بالىسىمۇ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ خاتىرجەم بولسۇن ، مەنمۇ بىر تەلىيىمنى سىناپ باقاي ... ئالتۇن !چوقۇم ئاشۇ ئەسكى قورونىڭ بىر يېرىدە كۆمۈكلۈك ئالتۇن بار ! ...
شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا دوختۇرنىڭ كۆزلىرىدە چاقنىغان غەلىتە ئۇچقۇننى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم . بۇ – كىشىنى خەۋپكە ، تەۋەككلچىلىككە ، تەلۋىلىككە ئىتتىرىدىغان ئوتنىڭ نەق ئۆزى ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ، ئاز ئۆتمەي ئەزىمجان رەھمەتلىكنىڭ قوروسىنى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى مەھەللىنى بىر ئالدى . تەرەپ- تەرەپتىن جاي ئالىمەن ، دېگەنلەر كېلىپ كۆرۈشكە باشلىدى . دوختۇر دۇكىنىنىمۇ ئاچماي ، ھەر كۈنى شۇ قورونىڭ ئالدىدا «باشقىلارغا سېتىلىپ كەتمىگىيدى »دەپ ئەنسىرەپ پەرۋانە بولۇپ يۈرۈتتى . ئىككى ئېغىزلىقلا ئۆيى بار ھازىرقى باھادا جىق ئالسا ئون مىڭ سومغا ئارانلا يارايدىغان كاتەكتەك كىچىك بۇ قورونىڭ باھاسى قىرىق مىڭ تەڭگىگە چىقتى . ئەزىمجاننىڭ ئوغلى :كىمنىڭ ئالغۇسى بولسا ئەللىك مىڭنى ساق سانىسۇن ، باج – ماج بىر نېمىلىرنى تۆلەپ قولۇمغا قىرىق سەككىز مىڭ تەڭگە نەق تەگسۇن ، دەپ چىڭ تۇرۇۋاتاتتى .
ھەي ئىنسانچىلىق !... ئۆيلىرى مايماق بولۇپ كەتكەن ھېلىقى ئەسكى قورۇنىڭ مۇنچە پۇللۇق بولۇپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ كۆمۈكلۈك ئالتۇنلارنىڭ بارلىقىغا مەنمۇ ئىشىنىپ قالدىم . دوختۇر ئاشۇ ئالتۇنلارنى تېپىۋالسا بىر ئۆزى بېيىپ كېتەرمۇ ؟ دەپ تارلىقىم كەلگەندەك بولدى . لىكىن ، مېنىڭدە ئەللىك مىڭ تەڭگە نېمە ئىش قىلسۇن . ھېچبولمىغاندا ، دوختۇرنىڭ يېتىشتۈرەلمىگەن يېرىگە ئازراق پۇل قېتىپ ، شېرىك بولماقچى بولۇپ ، دوختۇرنى چېكىپ باقتىم .
- شېرىپجان ، مەنمۇ ئاز- تولا بىر نېمىنىڭ ئورنىنى قىلاي ، شۇ قورونى ئىككىمىزلا ئالىمىزمۇ – يە ...
- بولدى ، بولدى ، - دەپ ئاغزىمنىمۇ ئاچقۇزمىدى دوختۇر ، - ھىلىقى خەتتىكى گەپلەرنى باشقىلارغا ئېيتىپ قويغۇچى بولماڭ - ھە ! ... يالىڭاچ قالساممۇ بىر ئامال قىلىپ ئەللىك مىڭنى ئۆزۈم سانايمەن . ئالتۇننى تاپقاندا سىزنى ئايرىم رازى قىلىمەن .
دوىتۇر يىڭى سالغان ئۆيلىرىنى بىر پارچە يېرى بىلەن قوشۇپ ساتتى . دۇكىنىنى دورا – دەرمانلىرى بىلەنلا يەنە بىرىگە ئۆتكۈزدى . ھېلىقى تارچۇقنى بىر نېمىلەر قىلىپ ئاخىرى ئەللىك مىڭغا سېتىۋالدى . ئالىقانچىلىك يەرنىڭ شۇنچە بازارلىق بولۇپ كەتكىنىنى چۈشەنمىگەن باشقا ئاغىنىلەر ھەيران بولۇشاتتى . دوختۇرنىڭ مېنى شېرىك قىلىۋالمىغىنىغا قورساق كۆپۈكچىلىكىمدە ئەزىمجاننىڭ ھېلىقى خەتلىرىدىكى ئالتۇن توغۇرلۇق گەپلىرىنى قارتا ئويناۋاتقان ئاغىنىلەرگە يەتكۈزۈپ قويدۇم . ئۇلار :«ھە ، ئەسلىدە مۇنداق گەپكەن – دە ! »دېيىشىپ ، قولىدىكى قارتىلىرىنى تاشلىماي سىقىمدىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى . شۇ كۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قارتا ئويۇنىمىزنىڭمۇ قىزىقى قالمىدى . دوختۇر ئۇ يەردىن قانچىلىك ئالتۇن كولىۋالدىكىن ، دەپ تىڭ - تىڭلاپ ئولتۇرۇپ ، بىزمۇ ئالتۇننىڭلا پارىڭىنى قىلىشىدىغان بولۇپ قالدۇق .
- بىرەر كاللەك بىر نېمە چىقىپ قالسىلا دوختۇرنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈپ ، يەنە ئېشىپ قالىدۇ .
- ھېچنىمە دەپ بولمايدۇ ، مانا بازار ئىچىدىكى سادىق ھاجىمنىڭ جايلىرىنى بۇزغاندا بىرى كەتمەننى سېلىپ شۇنداقلا تارتىپتىكەن بىرمۇنچە تىللا چېچىلىپلا چىقىپتۇ ئەمەسمۇ ، ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىر – ئىككى تالدىن تېرىۋالغىنى قاپتۇ ، ئاڭغىچە ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى خەۋەر تېپىپ كولاپ ئەكېتىپتۇ . تازىمۇ يوغان بىر كۈپنىڭ ئىچىدىكىسى ھەممىسىلا ئالتۇنىكەن ، دەيدۇ .
- ئۇنى دەيسىلەرغۇ ، ئەنە ئاۋۇ باغ مەھەللىسىدىكى ھاشىم «گاداي »ئاتا- بوۋىسىدىن تارتىپ ئەسكى – تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ سېتىپلا ئۆتكەن نېمىتى . بىر قېتىم ئۇنىڭ قولىغا بىر ماكچىيىپ كەتكەن كونا چىلاپچا چۈشۈپ قاپتۇ . مۇنداق قىرىپ كۆرسە ئاجايىپ پارقىراپ تۇرغۇدەك ، ئازراق يېرىنى سۇندۇرۇپ ئاپىرىپ زەرگەرلەرگە كۆرسەتسە ساپلا ئالتۇنىكەن دەڭلار . مانا شۇنى كېسىپ سېتىپلا بېيىپ كەتتى . ھازىر ھاشىم «گاداي»دېسە ئۆزىمۇ كۈلىدۇ .ھاشىم باي بولۇپ تونۇلۇپ كەتتى ...
- قاسىم گۆرىكارنىڭ ئىشىنى ئاڭلىمىغانمۇ سىلەر ، ئۇمۇ بىر غەلىتە ۋەقە ... كونا تۇپراقلىقنىڭ ئورنىغا بىنا سالماقچى بولۇپ ، جەسەتلەرنى يۆتكەۋاتقاندا بولغان ئىش . بىر قتىمدا قاسىمئاخۇن بىر ئىچ گۆرگە كىرىپ قارىسا ، قۇرۇپ ئۇستىخانلىرىلا قالغان بىر جەسەتنىڭ قولتۇقىدا بىر نېمە مەھكەم قىسىقلىق تۇرغۇدەك . ھېلىقىنى ئېلىپ ، يورۇققا ئاچىقىپ قارىسا ، يوغان بىر كاللەك ئالتۇنكەن . خوشاللىقتا قاسىم گۆركارنىڭ تىلى گەپكە كەلمەي ، مانا شۇنىڭدىن بېرى كېكەچ بولۇپ قالدىغۇ ...
ئاخىرىدا :مونۇ ئەزىمجان قوشنىمىزنىڭ كۆمگىنى زادى قانچىلىك ئالتۇن بولغىيدى ؟ كومزەككە سېلىپ كۆمگەندىمۇ ، ماتاغا ئوراپمۇ ؟... ئۆينىڭ قەيىرىگە كۆمگەندۇر ؟ دېگەن مۇلاھىزىلەرگە چۈشۈپ كېتەتتۇق .
دوختۇر ئەزىمجاننىڭ كوچا تەرەپتىكى ئىشىكىنى تاختايلار بىلەن مەھكەم مىخلىۋىتىپ ،، ئۆزىنىڭ قوروسى تەرەپتىن كىرىپ – چىقىدىغان كىچىك بىر ئىشىك ئېچىۋالدى . ئارىمىزدىكى «زادى دوختۇر ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە قىلىۋاتقاندۇر ؟»دەپ تاقەتسىزلەنگەنلەرنىڭ بەزىلىرى كوچا تەرەپتىكى دەرۋازىنىڭ يوچۇقىدىن ئانچە – مۇنچە ماراپمۇ قويۇشاتتى .
دوختۇر ئاۋۋال ئۆزى گۇمان قىلغان يەرلەرنى تەۋەككۇل قىلىپ كولاپ باقتى ، ئاندىن ئۆيلەرنى ئېچىپ ، ئۇنىڭ ياغاچ – تاش ، بورا – چەڭزىلىرىنى ئۆزىنىڭ قوروسىغا ئاچىقىپ رەتلەپ تىزدى . بۇ ئىشلار سەرەمجانلاشقاندىن كىيىن ، ئۆينىڭ تاملىرىنى بىر – بىرلەپ ئۆرۈگىلى تۇردى . ھەممە ئىشنى ئۇ ھېچكىمنى ئارىلاشتۇرماي يالغۇز قىلاتتى . ھەر كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئەزىمجاننىڭ ھويلىسى تەرەپتىن كونا ئۆيلەرنىڭ پۇرقىراپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقان چاڭ- توزانلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى . كۆۋرۈك بېشىدىكىلەر چاقچاق قىلىپ : «دوختۇر ئۆينىڭ توپىسىنى تاسقاپ سورۇۋاتامدۇ ، نېمە » دېيىشەتتى . ئاخىرىغا بېرىپ مەھەللىدە قاتتىقىراق بىر ۋاراڭ – چۇرۇڭ كۆتۈرۈلسىمۇ : « نېمە بولغاندۇ ؟ ... دوختۇر ھېلىقى ئالتۇننى تېپىۋالدىمۇ ،
نېمە ؟ » دەپ باشلىرىمىزنى سوزۇپ ئەزىمجاننىڭ ھويلىسى تەرەپكە قارايدىغان بولۇپ قالدۇق .
دوختۇر ھويلىنى تولۇق بىر ياز بەلگىچە چوڭقۇرلۇقتا ئېتىز چاشقىنىدەك كولاپ ، توپىسىنى گۈرجەكنىڭ ئارقىسى بىلەن ئۇرۇپ ئۇششاقلاپ ، سەۋىرچانلىق بىلەن بىر تەرەپكە ئۆرۈپ چىقتى . شۇ كۈنلەردە ئۇ تالا – تۈزلەرگىمۇ چىقمايىتتى ، چىقىقىپ قالسىمۇ ، ئىشى ئالدىراش گۆركاردەك ئۈستىبېشى توپا ، ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ھالدا غىل – پال كۆرۈنۈپلا غايىپ بولاتتى . دوختۇرنى تونۇيدىغانلار ، ئانچە – مۇنچە كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزدەپ كېلىدىغانلار ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھەيران بولاتتى . بىز ئۇنىڭ نېمە ھەلەكچىكىكتە يۈرگىنىنى ئىچىمىزدە بىلىپ ئۈنچىقمايتتۇق ... دوختۇر ھەتتا ئەزىمجاننىڭ چوڭقۇر خالا جايىنىڭ گەندىسىنىمۇ تارتىپ كۆردى . ئالتۇن تۇرماق ، بىرەر سۇنۇق يارماقمۇ چىقمىدى .
كۈزگە يېقىن ، دوختۇر بىر نەچچە ئادەمنى باشلاپ كېلىپ ھېلىقى ھەر تەرەپكە دۆۋلىۋەتكەن توپىلاردا كېسەك تۆكتۈرۈشكە باشلىدى . ھەر كۈنى ئۇ كېسەكچىلەر بىلەن تەڭ ئىشقا چۈشۈپ ، ئۇلارنىڭ بېشىدا تىك تۇراتتى . ئىشلەمچىلەرنىڭ كەتمىنى بىرەر تاشقا تېگىپ «تاق »قىلىپ قالدىغانلا بولسا ئۇ يۈرىكىنى تۇتۇپ شۇ ياققا ئۆزىنى ئاتاتتى . شۇنداق قىلىپ كېسەكلەر قۇيۇلۇپ بولغىچە دوختۇرمۇ روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كەتتى ...
بىچارە دوختۇرغا ئىچىمىز ئاغرىپ قالدى . يازىچە تارىتقان جاپا بىلەن ئۇنىڭ چىرايى قارىداپ ، ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى . تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتكەن كېسەكلەرنى پىرقىراپ ، نېمىلەرنىدۇر پىچىرلايتتى . ئىككى كۆزى مېيى تۈگەپ كېتىۋاتقان چىراغدەك خىرە پىلىلداپلا قالغان ئىدى . گەپ قىلسا گەپتىن ئازغىشىپ ، «كىمنىڭ كېسەك قۇيىدىغان قېلىپى بار ؟ » دەيمەن دەپ ، «كىمنىڭ قېلىپ قۇيىدىغان كېسىكى بار »دەيىتتى .
بەزىدە بىزنى « كۆۋرۈك بېشىدا قارتا ئوينايدىغان ئاغىنىلەر »دەيمەن دەپ ، « قارتىنىڭ بېشىدا كۆۋرۈك ئوينايدىغان ئاغىنىلەر » دەپ سالاتتى . بىر قېتىم قېشىمىزغا كېلىپ :
_نېمىشقا ھەممە ئادەمنىڭ مورىسىدىن ھور چىقىدۇ ، بىزنىڭ قازاندىن تۈتۈنمۇ چىقمايدۇ ؟ - دېۋىدى ئۇنىڭ گېپىنى دەرھال ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدۇق .
بىر كۈنى ، دوختۇر ھېلىقى قۈيدۇرۇپ قويغان كېسەكلىرىنى ساتماقچى بولۇپ بازاردىن بىر ئادەمنى باشلاپ چىقىپتۇ . بىر چاغدا ئىككىسىنىڭ ۋارقىرىشىپ كەتكەن ئاۋازى ئاڭلاندى . نېمە گەپتۇ ؟ دەپ بارساق ، دوختۇر ھەممە كېسەكنى ئەللىك مىڭ سومغا ساتىمەن، دەۋېتىپتۇ . ھېلىقى ئادەم : بۇ نېمەڭنى ئەللىك مىڭغا كىم ئالىدۇ ! ؟ دەپ تالاشقىلى تۇرۇپتۇ . خېرىدار :
- ماۋۇ ئادەم ساراڭمۇ ، ئوڭمۇ ؟ ھەممە كېسىكىم ئون تۆمەن دەيدۇ ، ھازىر خام كېسەكنىڭ مىڭى ئوتتۇز بەش تەڭگىدىن بولىۋاتىدۇ . بوپتۇ ، قىرىق تەڭگىمۇ دەيلى . قىرىق تەڭگىدىن بولغاندا ئون تۆمەن كېسەك جىق كەلسە ئاران تۆت مىڭ تەڭگە بولمامدۇ ! ... – دەپ قاينايتى . دوختۇرمۇ بوش كەلمەي : - بىلەمسەن ، ماۋۇ ھەر بىر ئالتۇننىڭ ئىچىدە كېسەك بار ، تېىى مېنى ساراڭ دەيسەنغۇ ! – دەپ سەكلەۋاتاتتى . بىز « ھاي ، ھاي ! » دېگۈچە ئۇ خېرىدارنى ، - ھېلى بىكار كۆزۈڭنى ئاناڭغا كۆرسىتىپ ، بىر پۇتۇڭنى ئىككى ئۆتۈككە تىقىۋېتىمەن ! – دەپ تىللىۋەتتى .
بىر نېمە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللەپ تۇرغان ھېلىقى ئادەم بۇ گەپنى ئاڭلاپ توختاپ قالدى . ھەر قاچان ئۇ « ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۆتۈككە تىقىمەن ، دېگەن گەپنىغۇ ئاڭلىغان . بىر پۇتنى ئىككى ئۆتۈككە تىقىدىغان بۇ قانداق ئىشتۇر ؟ پۇتنى كېسىپ پارچىلايدىغان ئوخشىمامدۇ ؟...»دەپ ئويلاپ قالدىغۇ دەيمەن ، ئالدى – ئارقىسىغا قارىماي كەتتى .
قىش كېلىشى بىلەن دوختۇرنىڭ جىددىيلىكى سەل پەسىيىپ قالدى . ئۇ ئۆزى دوختۇر بولغاچقا ياخشى دورىلارنى ياساپ يەپ ، شەربەت ئىچىپ كۈچلۈك مەجۈنلەرنى كاپ ئېتىپ بەردىمۇ ، ئىش قىلىپ ، ئۇنىڭ گەپتىن ئازغىشىپ كېتىدىغان كېسىلى خېلى ئوڭشىلىپ قالدى . ئەمدى ئۇ ھېچ كىمگە گەپ قىلماي يەرگە قاراپ خىيال بىلەنلا يۈرەتتى .
... داۋامى بار ...
|
|